مۇنبەردىكى بوكىس تۈرىدىكى مۇسابىقىلەرنى ياختۇرۇپ كۈرىدىغان بالىلارنىڭ كۈرۈپ بېقىسى ئۈچۈن ھازېرقى دەۋىر بوكىس تۈرىدىكى مۇسابىقىلەر ئىچىدە تەرەققىياتى ئەڭ تىز مەستانىلىرى ئەڭ كۈپ بۇلىۋاتقان Ufc ئۈنۋېرسال ئېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ پەيدا بۇلۇشى مۇساپىسى . ھازېرقى ئورنى شۇنداقلا مۇسابىقە قائىدىسى قاتارلىقلاردىن قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ مەزكۇر مۇسابىقىگە قىززىقىدىغان ۋە مەزكۇر مۇسابىقە توغرىسىدا ئازراق تەجىربىسى بار بالىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش مەخسىتىدە بۇتىمىنى يوللىدىم . ياختۇردىغان بالىلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشىنى سۇرايمەن .
Ufc مۇسابىقىسى تۇلۇق ئاتىلىشى { Ultimate.Fighting.Championship } ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى { دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈنۋېرسال ئېلىشىش } مۇسابىقىسى دەپ ئاتىلىدۇ ، مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ پەيدا بۇلۇش جەريانى ئازراق قىزىقارلىق بۇلۇپ 1991 - يىلى بىر قىسىم مۇشلۇشۇش مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ خىيالىدىكى قانداق قىلغاندا مۇشلىشىش مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ يۇقرى پەللىگە چىقارغىلى بۇلىدۇ، يەنە بىر ياپۇنىيە قۇرۇق قول ئېلىشىش ماھىرى . يەنە بىر گۇمپا ماھىرىنى ئۇرۇپ يىقىتالامدۇ ؟ بىر چېلىشىش ماھىرى بىر بوكىس ماھىرىنى يىڭەلەمدۇ ؟ دىگەندەك قاراشلارنىڭ جاپاۋابىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئويلىمىغان دەرىجىدىكى ياخىشى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنەبىر قېتىم ئۈتكۈزۈپ بېقىشنى قارار قىلغان ۋە ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ، شۇنداق قىلىپ 1993 - يىلىغا كەلگەندە ئويلىمىغان يەردىن بۇلار بىر تۈرلۈك يىڭىچە ئېلىشىش تەنھەركىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ، مۇسابىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ يەنە بەزى مەسىلىلەر كۈرۈلگەن . يەنى دەسلەپكى ئېلىپ بېرىلغان ئەركىن ئېلىشىش مۇسابىقىللىرىدە پەقەتلا قائىدە يوق بۇلۇپ مۇسابىقە سەككىز بۇلۇڭلۇق تۈمۈر قەپەس ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان يەنى قەپەس ئىچىگە پەقەتلا ئىككى ماھىر كىرىپ بىرسى ساق يېنىپ چىقىدىغان بۇ جەرياندا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى قانداق ئۇرسا بۇلىۋىرىدىغان ھالەتتە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان ، شۇ سەۋەپلىك بۇ مۇسابىقە شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئېلىشىش مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالغان . مۇسابىقە جەريانىدا ماھىرلارنىڭ ئۈلۈپ كىتىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بولغان ، شۇسەۋەپلىك مەزكۇر مۇسابىقە كۆپ قىسىم ئاممىنىڭ ۋە بەزى يۇقرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان . شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر مۇسابىقە قىسقا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش چەكلەنگەن . بىراق 2000 - يىلى 11 - ئايدا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن مۇسابىقە ئكـۆۈزۈش كومتىتىگە يىڭىدىن تۈزۈلگەن قائىدىگە بويسۇنۇش شەرتى ئاستىدا ۋاقىتلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بىرىلگەن شۇنىڭ بىلەن 2001 - يىلى تۇنجى قېتىملىق قائىدە كىرگۈزۈلگەن Ufc دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈنۋېرسال ئېلىشىش مۇسابىقىسىنى يىڭى تېكساس شىتاتىدا ئۈتكۈزگەن ۋە مەزكۇرمۇسابىقىنى ئامېرىكىنىڭ 44 شىتاتىدا ئۆتكۈزۈشكە يول قويغان ،
مۇسابىقە ئۈتكۈزۈلۈپ تا ھازىرغا كەلگۈچە مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بۇلۇپ كۈرۈلۈش نىسپىتى ھازېرقى بوكىس مۇسابىقىسى شۇنداقلا NBA مۇسابىقىسىدىن ئېشىپ كەتكەن . UFC مەستانىلىرنىڭ قارىشىچە بوكىس مۇسابىقىسى پەقەتلا بىر خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقە بىراق UFC مۇسابىقىسى بولسا ئەركىن مۇسابىقە بۇلۇپ مۇسابىقە جەريانىدا ئويلىمىغان مۆجىزىلەر يۈز بىرىپ كىشىنى تۇلىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ دەپ مەزكۇر مۇسابىقىنى تەرىپلەشكەن . ...
مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار ئەڭ ئېغىر جاپالىق مەشىقنى قۇبۇل قىلىدىغان بۇلۇپ. ئۇلار بوكىس . چېلىش . تايلانىت گۇمپىسى . ياپۇن قۇرۇق قول ئېلىشىشى گۇمپىسى . قاتارلىق ھەرخىل گۇمپىلاردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇنتىزىم مەشىق قىلنىدۇ ، ئاخىرىدا يوقارقى گۇمپىلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىز كۈرۈىۋاتقاندەك ئەڭ ئىسىل ئۈنۋېرسال ماھارەت گۇمپىسى ئارقىلىق مۇسابىقە مەيدانىدا جەڭ قىلىدۇ ... شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر دەرىجىىك UFC ماھېرلىرىنى باشقا ئېلىشىش تۈرىدىكى ھەرقانداق بىر ماھىردىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قۇيۇشقا بۇلىدۇ . چۈنكى ئۇلار ھەرقايسى جەھەتتە قاتتىق مەشىقنى قۇبۇل قىلغانلاردۇر . ئەلۋەتتە مۇسابىقە بىر ئاز خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ماھىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىدىغان بۇلۇپ . مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ماھىرلار پۈتۈن بەدەن تەكشۈرتۈشنى قۇبۇل قىلىدۇ . مۇسابىقە جەريانىدا مۇسابىقە نازارەتچىسىنىڭ رۇلى ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ . .... ماھېرلار مۇسابىقىدىن چۈشكەندىن كىيىنمۇ بىر قېتىملىق پۈتۈن پەدەن تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىدۇ ... ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا قايسى ماھىر تاياق زەربىسىدىن يىقىلىپ كەتسە مەيلى ئېغىر بولسۇن ياكى يىنىك بولسۇن ئۇ ماھىر چۇقۇم 3 ئاي دەم ئېلىشنى قۇبۇل قىلىدۇ .....
تۈۋەندە UFC ئۈنۋېرسال ئېلىشىش ساھەسىدىكى بىرازىلىيەلىك قالتىس ئېلىشىش ماھىرى junior dos نىڭ مۇسابىقىللىرى جەريانىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە قىلغان ko ھۇجۇم كۈرنۈشلىرىنى كۈرۈپ باقايلى :
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر تىمىنىڭ 1 - بۈلۈكى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى .ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ .
i ll be back
كېچە بەك چارچاپ كەتكەچكە ئىملادا ۋە بەزى چۈشەنجىلەردە ئازراق خاتالىق بۇلۇشى مۇمكىن . شۇڭا توغرا چۈشۈنۈپ تۈزۈتۈپ ئۇقۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ...
مەنبە : مەن ۋە يۇكۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 07:54 AM