ئەقىللىق قىز مۇنداق بولىدۇ
جېنىم قېرىندىشىم، ئەقللىق قىزلاردىن بولۇشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرگە قۇلاق سېلىڭ.
1. شېرىن -شېكەر سۆزلەر بىلەن تولغان ئۇچۇرنى قۇبۇل قىلغان ۋاقتىڭىزدا كۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇماڭ-يۇ، لېكىن دەرھال ئۆچۈرۋېتىڭ.
2. پۇلنى قانداق تېجەشكە قارىغاندا قانداق قىلىپ ھالال پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىڭ.
3. غەزەبلەنگەندە ئاۋۋال بىردىن ئوتتۇزقىچە ساناپ ئاندىن گەپ قىلىڭ.
4. ئامراق نەرسىڭىزنى كۆرگەندە باشقىلارنىڭ سوۋغا قىلىشىنى تەمە قىلماي، ئۆزىڭىز پۇل يىغىپ سېتىۋېلىڭ.
5. مېۋە سۈيىنى ئازراق ئىچىپ، مېۋە-چېۋىنى كۆپرەك يەڭ؛ ئۇششاق-چۈششەك نەرسىنى ئازراق يەپ سۇنى كۆپرەك ئىچىڭ؛ ئاز ئولتۇرۇپ كۆپ ئۆرە تۇرۇڭ؛ ئاز ئويلاپ كۆپ كۆرۈڭ؛ ئاز سۆزلەپ ئىشنى كۆپ قىلىڭ؛
6. ھېچقانداق بىر ئەر ھاياتىڭىزدا سىزنى دادىڭىزدەك سۆيمەيدۇ، بۇنى ئېسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ.
7. ئىشلاردا يىۋەتكەن نەرسىنى ھەرگىز قۇسۇپ چىقارماسلىق پېرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇڭ، مۇھەببەتتە تېخىمۇ شۇنداق.
8. يالغۇزلۇق ھېس قىلغان چېغىڭىزدا غەمكىن ناخشىلارنى ئاڭلىماڭ، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، توردىن تەسەللىي تاپىدىغان ئىشنى ئەسلا قىلماڭ. تەنھەركەت بىلەن شوغۇللىنىڭ ياكى بولمىسا دوستلىرىڭىزنى ئىزدەپ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىڭ.
9. بەزى ئىشلارنى ئوبدان بىلىسىڭىزمۇ بىلمەسكە سالغىنىڭىز تۈزۈك.
10. كۈننىڭ كۆيدۈرىشىدىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە ئانچە-مۇنچە ئاپتاپقا قاقلىنىشنىمۇ ئۇنتۇماڭ. قۇياش نۇرىنىڭ ئادەم كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنىڭ بارلىقى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلانغان.
11. ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن نەرسڭىزنى چوقۇم سېتىۋېلىڭ، قەرز ئېلىپ ئەمەس ئۆزىڭىزنىڭ پۇلى بىلەن؛ ھەقىقىي سۆيگەن ئادىمىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇڭ، ھىيلە-مىكىر بىلەن ئەمەس بەلكى ئىللىق مىھرىڭىز بىلەن.
12. بانكا كارتىڭىزنىڭ مەخپىي نومۇرىغا ھەرگىز ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ توغۇلغان كۈنىنى ئىشلەتمەڭ.
13. ئېزىپ-تېزىپ كونا مۇھەببىتىڭىزگە دەرد تۆكۈدىغان ئەخمەق ئىشنى قىلىپ سالماڭ.
14. ئاياغنى ئىشىكتىن چىققاندىن كېىيىنكى پىيادە ماڭىدىغان مۇساپىگە قاراپ تاللاڭ.
15. قىز بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن كىتابتىن ھەرگىزمۇ ئايرىلماڭ، ياخشى كىتابتىن تېخىمۇ شۇنداق.
16. ئەرزان باھالىق كىيىم كەيگەننىڭ ھېچ بىر يامىنى يوق. پەقەت ئۆزىڭىزگە ياراشسا، خاراكتېرىڭىزگە ماس كەلسىلا بولدى.
17. كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ، ھېچ بولمىغاندا بىر نەچچە جۈمىلىلىك بولسىمۇ مەيلى.
18. ئوخشىمىغان پىكىرنى ئىنكار قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ، ئەمما ھەرگىز ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭ.
19. ئىچكى گۈزەللىك ھامان بىرىنچى ئورۇندا، لېكىن يەنە تاشقى قىياپەتنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلۋەتمەڭ.
20. بىر ئىشقا قارار چىقىرالمىغان چاغدا باشقىلاردىن ئەمەس ۋاقىتتىن ياردەم سوراڭ. يەنە ئامال بولمىسا تەۋەككۇل قىلىپ بىر يولنى تاللاڭ. ھېچنىمە قىلماي پۇشايمان قىلغاندىن خاتا بولسىمۇ قىلغان ئەۋزەل.
تەرجىمە قىلغۇچى: مىژگان