مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 335|ئىنكاس: 5

ئاشىق لىرىكىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات ھىيلىگە تولغان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69176
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4050
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

<بېلىققا سۇ بولمىسا بولمىغىنىدەك ماڭىمۇ سەن بولمىساڭ بولمايدۇ.

ساڭا بولغان مۇھەببتىمنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلمەن.>




سىنى ئۇنتۇشنى ، كۆڭلۇمدىن ھەم مۇشۇ كىچىكىنە يۇرەكىمدىن ئۇنتۇشنى ئويلۇدۇم بىراق ئۇنداق قىلالمىدىم، كۆڭۇل ئۆزىمىزنىڭ بولسىمۇ بىراق يەنىلا كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىردىكەنمىز، مەنمۇ ئاشۇ كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرگەن بىر سەۋدامەن. سىنى شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ بىراق سۆيگۇڭدىن ، ئاشۇ بىغۇبار پاك كۆڭلۇڭدىن ئورۇن ئېلىش ماڭا تەس بولدى، ساڭا بولغان ئوتلۇق مۇھەببتىم ماڭا ئەلەم سالدى. تۇنلىرى ياتاق دېرىزىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاشۇ تولۇن ئايغا قاراپ خىيال سۇرمەن ، ھەر خىيال قىلغىنىمدا سەن بار. ئازاپ ئىچىدە ئايغا قارايمەن ، ئايدىن سىنىڭ سىمايىڭنى كۆرگەندەك سېغىنىشتا ئۆرتىنۋاتقان يۇرۇكۇم ئازىراق بولسىمۇ ئەمىن تاپاتتى. كۇنلىرى بولسا سىنى يىراقتىن كۆرۇپ يۇرۇكۇم رېتىمسىز سوقۇپ كېتەتتى، سىنىڭ يېنىڭغا بېرىپ ۋىسال ئۇچۇن گەپ ئېچىش مەن ئۇچۇن بەكلا تەس ئىدى، كۇنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ساڭا بولغان مۇھەببتىم ئېشىپ باراتتى. سىنى سېغىناتتم، ئازاپلار زەربىسىدىن يۇرۇكۇم پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ ئاغرىپ مىنى ئازاپلايتى، بەزى ئادەم يوق جايلارغا چىقىپ قاتتى توۋلىغىم كېلەتتى. ئەجابا سىنى ياخشى كۆرگۇنۇم گۇناھمۇ؟ مەن ئېرىشمەكچى بولغان، كۇندە سېغىنغان ھەم قەدىرلەيدىغان مۇھەببەت ماڭا ئازابىنىلا كۆرسۇتۇپ خۇشالىقىنى بەرمەسمۇ؟ ياكى بولمىسا مەن سۆيلۇشكە ھەم قەدىرلەشكە ئەرزىمەيدىغان ۋەياكى مۇھەببەت مەندىن يىراق بىر ئاشىق سەۋدامۇ؟ كاللامدا نۇرغۇن خىيال ، ئويلىغانسىرى قاتتىق بىئارام بولاتتىم ، يۇرۇكۇم ئازاپتىن ئۆرتىنەتتى. مىنىڭ مۇشۇنداق يۇرگىنىمنى ئەجابا سەن بىلەرسەنمۇ؟ بەزىدە سىنى بىلسىكەن ھالىمغا يەتسىكەن دەپمۇ ئۇمۇت قىلپ قالاتتىم، بەزىدە ئادەم ئاشۇنداق تەمەخۇر بوپ قالدىكەن.


ۋىسالىڭ ئازابىدىن نامە توقۇدۇم،

ۋىسالغا يېتىش ئۇچۇن ئۆزۇم ئوقۇدۇم،

ۋىسالىڭ قىينىدى ئەجەپ مىنى يار ،

ۋىسال كۇلۇپ باقمىدى ماڭا .


ۋىسالغا يېتىش ئۇچۇن تارتىم كۆپ ئازاپ،

قاپلىدى كۆڭلۇمنى قارا تۇمان تاراپ،

نە سەۋەپ ئازاپقا قالىمەن دىلدار،

ۋىسال كۇلۇپ باقمىدى ماڭا .

ۋىسالنىڭ ئازابىغا قانداق قىلىشنى ھېچ بىلەلمىدىم نەچچە رەت ساڭا كۆڭلۇمدىكى گەپنى ساڭا ئېيتىش ئۈچۈن يېنىڭغا باردىم ، باشقا گەپ بولدى بىراق ساڭا دەيدىغان نەچچە ۋاقىتىن بېرى مىنى سىنىڭ ئەتراپىڭدا پەرۋانىدەك ئەگىتىپ يۈرگەن ئاشۇ ئازاپلىق مۇھەببەت توغرىسدا ساڭا بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلالمىدىم، ئۆزۈمگە شۇنداق ئاچىقىم كېلەتتى، جۈرەتسىزلىكىمدىن ئاچىقلىناتتىم. لىكىن بىرسىگە كۆڭلۈم بار دەپلا ئېيتقىلى بولمايدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى بار ، تېخى مىنىڭ ساڭا ئېيتىدىغان ۋاختىم كەلمىگەندۇ بەلكىم. ساڭا ئېيتاي دېدىم يۇ بىراق يەنە توختاپ قالدىم، ناۋادا ئېيتسام قانداق بولار؟ ئېيتمىسامچۇ؟ ئۇنىڭغا ئېيتسام سۆيگۇمنى رەت قىلۋەتسە يەنە ئازاپقا قالمامدىم؟ ئۇنىڭ مۇھەببتى بوپ قالسىچۇ؟ تۇرۇپلا بۇ سۇئاللار مىنى ئويغا سالاتتى ، كاللامدا نۇرغۇن خىياللار ئويلىغانسىرى قايمۇقۇپلا قالاتتىم، كۆڭلۇم بۇ سۇئاللارنى مەندىن توختىماي سورايتتى، مەن بۇ سۇئاللارغا قانداق جاۋاپ بېرىشكە ئامالسىز ئىدىم ، راستىنى دېگەندە جاۋاپ بېرىشتىن قورقاتتىم ، جاۋاپ بېرىشتىنلا ئەمەس سەندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن تېخىمۇ قورقاتتىم ، دۇنيادا ئۆز سۆيگۇسىدىن ئايرىلغاندىكى ئازاپتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك! سىنىڭ مۇھەببتىڭگە ئېرشىش ئۇچۇن نىمىلەرنى قىلمىدىم ، نە ئازاپلىق كۈنلەرنى ئۆتكۇزدۇم ناۋادا سەندىن ئايرىلسام مەن يەنە چىداشلىق بېرەلەرمەنمۇ؟ مۇھەببەتنىڭ ئازابىدا ئۆرتۈنۈپ زىدە بولغان يۇرەكنى يەنە زىدە قىلىشقا كۆڭلۇڭ چىدامدۇ؟ يەنە شۇنداق تۇرسىمۇ مۇھەببتىمنى قوبۇل قىلالماسسەنمۇ؟ ساڭا تىكىلگەن بىر جۇپ ئوتلۇق ھەم غەمكىن كۆزلىرىمدىن سىنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقىمنى ھېس قىلالمىدىڭمۇ؟ ئېيىت ئەزىزىم مىنى ياخشى كۆرەرسەنمۇ؟ مىنى سۆيگەندەك سەنمۇ مىنى شۇنداق سۆيەرسەنمۇ؟ ئىككمىز قول تۇتۇشۇپ ۋىسالنىڭ خۇشاللقىغا بىللە جۇر بولساق ، ھەر كىشى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئاشۇ مۇھەببەتتىن ئىككىمىزمۇ تەڭ بەھىر ئالساق ئەجەبا ئۇنداق بولۇشنى خالىمامسە؟ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ھەم ئەڭ قەدىرلەيدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولۇشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك. بەزىدە ئۆزۇمنى بەزلەپ خىيال سۈرمەن ، سەن بىلەن مەن شۇنچىلك خۇشال ھەم شۇنچىلىك بەخىتلىك يۇرەتتۇق، قول تۇتۇشۇپ مۇھەببەت مىلودىيىسىدە بىللە جۇر بولاتتۇق، ئاشۇنداق خىيال سۈرۈپ ساڭا بولغان سېغىنىشىمنى ئازىراق بولسىمۇ تەسكىن تاپقۇزاتتىم ، كۆڭلۇمنى قاپلاپ تۇرغان چىگىش خىياللاردىن خالى يېنىك نەپەس ئالالايتىم ، بىراق خىيالىرىمدىكى ئاشۇ ئىشلار مۇمكىن بولارمۇ؟ مەن ھېچ بىلەلمىدىم . مۇمكىن بولسىچۇ كاشكى ئالەمگە پادىشاھ بولغاندەك بېشىم كۆككە يەتكەن بولاتتى.



كۆڭلۇمنى قاپلىدى چىگىش خىياللار،

نە سەۋەپ سۆيگۇ دەپ چېكىمەن ئازاپ،

قىينىدى سۆيگۇڭنىڭ ئوتلىرى مىنى،

كەلسەڭچۇ نىگارىم قۇچاقلاي سىنى .


سۆيگۇڭنىڭ ئازابى چىرمىدى مىنى ،

بۇ يۇرۇكۇم ئۈنسىز چاقىرار سىنى،

جانانىم سۆيگۇمنى چۈشۈنەرسەنمۇ،

مەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۈرەرسەنمۇ.


خىيال سۈرمەن ھەر ۋاقىت سۈكۈت ئىچىدە،

ئەگىپ يۈرسەن خىيالىمدا پەقەت بىرلا سەن،

نە سەۋەپ قالدىم مۇشۇ ئازاپقا،

سۆيگۈنۈم بولدىمۇ ياكى بىر گۇناھ.

كىشىلەر ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان مۇھەببەت ئەجەبا مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ نىمىشقا مەن ئازابىنىلا تارتىپ خۇشالىقىنى ھېس قىلالمايمەن؟ خۇشاللىق مىنڭ مۇھەببەت بابىمدا يوقمىدۇ؟ مەن شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ كۆڭلۇمدە ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋاتقان سوئاللارغا يەنىلا سوئاللار قوشۇلۇپ كېلىۋاتاتتى.يەنە سۆزلىسەم يەنە شۇ ئادەمنى ئازاپلايدىغان چېكى يوق ئەشۇ مۇھەببەت! سۆزلىسەم سۆزلۇگۇم كېلىدۇ شۇنداق سۆزلەۋېرىپ ئازاپلارنى ئۇنتۇپ كەتكۈم كېلىدۇ بىراق ئۇنتۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، دەردىمنى باشقىلارغا تۆككۈم كېلىدۇ بىراق كىمگە دەي؟ ئادەم ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ بىلىدىغان ئادەملەرمۇ بەزى يەلەردە ئىشەنچسىز تۇرسا، بۇ گەپلەرنى پەقەت ساڭىلا ئېيتسام دەيمەن چۇنكى سەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاشقا ئەڭ لايىق . كۆڭلۇمدىكى ھەممە دەردىمنى سەڭا ئېيتسام بەلكىم مىنى چۇشىنەر بولغىيتىڭ. بىراق سەن دەردىمنى ئاڭلارسەنمۇ؟ بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قېشىڭدىن كېتىپ قالمەن ، كۆڭلۇمدە بىر ئەنسىزلىك مىنى مۇشۇنداق جۇرئەتسىز قىلىپ قويغان ئىدى، بۇ ئەنسىزلىكنى قاچانلاردىن يۇقتۇرۋالغىنىمنى بىلمەيمەن مۇشۇ ئەنسىزلىك مىنى دائىم يالغۇز قوياتتى، بۇنداق دېسەم مىنى باشقىچە ئويلاپ قالمىغىن بۇنىڭ ھەممسى سىنى ياخشى كۆرگۈنۈمدە، بەلكىم گەپلىرىمنى ساڭا ئېيتىۋالسام كۆڭلۇمدىكى بۇ چىگىش خىياللرىممۇ كۆپۇكتەكلا يوقاپ كېتەر بولغىتى بەلكىم، مەن ئاشۇنداق بولۇشنى بەكمۇ ئۇمۇت قىلاتتىم ، سىنىڭ مۇھەببتىڭگە ئېرششى ئۇچۇن نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچىرغان بولساممۇ سەندىن يەنىلا ۋاز كېچەلمىدىم يۈرۈكۈم لەختە قان ، سەن بۇنى بىلەرسەنمۇ؟ ئەجابا مەن ۋاز كېچىشنى تاللايمۇ؟ ياق ئەگەر مەن ۋاز كەچسەم مۇھەببەت ئۇچۇن ئېرىشكىنىم ئازاپ بولمامدۇ؟ ۋاز كېچىشنى خىيال قىلغان بولسام بۇنچە ئازاپ تارتىش نىمە كەپتۇ! سەن مىنى چۇشىنەرسەنمۇ؟ ماڭا كۆڭلۇڭدىن ئورۇن بېرەلەرسەنمۇ؟ سىنىڭ مەندىن باشقا ئاشىقىڭنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلاتتىم، مىنىڭ ھەرگىزمۇ شەخسىيەتچى بولۇپ قالغۇم يوق مىنى قاچانمۇ چۇشىنەرسەن لىكىن مۇھەببەت ئادەمىنى ھەر كويلارغا سالىدىكەن بۇ ھەرگىزمۇ سىنى سەۋەبىڭ ئەمەس بۇ مىنىڭ سۆيلۇشكە ئېرشەلمىگەنلىكىمدە سىنى مەڭگۇ سۆيمەن ھەم سىنى مۇڭ باسقان قەلبىم ئىچىدە مەڭگۇ ساقلايمەن ، ياد ئېتىمەن چۇنكى سەن ھاياتىمدىكى قەدىرلەپ سۆيگەن بىردىن بىر قىزسەن .


ئىشەنگىن ئەزىزىم سۆيمەن سىنى،

ئىشەنگىن يۈرەكتىن چىن دىلىڭدىن ھەم،

پاك سۆيگۇم سەن ئۈچۈن ۋولقاندۇر كەبى،

ئىشەنگىن سۆيگۇنۇم كۇتىمەن سىنى.


<خاتىمە>


سىنىڭ سۆيگۇڭسىز ھايات ماڭا مەنىسىزدۇر مەن شۇنچە كۇتتۇم ، مىنىڭ كۈتۈشلۈرۈم ماڭا ئازابنىلا بەردى ، سىنىڭچە مەن يەنە قانداق ياشاي! سىنى قەتئىيلا يوقۇتۇپ قويغۇم يوق بىراق مەندە ئامال قانچە؟ بۇ ئازاپلار مەن بىلەنلا كەتسۇن ئەگەر مەن مۇشۇنداق يۇرىۋېردىغان بولسام بەلكىم مىنىڭ كۈتۈشلۈرۈم ھەم مۇھەببتىم سىنى بىزار قىلىپ قويشىمۇ مۇمكىن ۋە ياكى رەت قىلنىشىمۇ مۇمكىن ۋەياكى بولمىسا......................................

ئاخىرىنى مىنىڭ پەقەتلا ئويلىغۇم يوق يەنە ئازاپ تارسام بەلكىم يىقىلىپ چۈشۈشۈممۇ مۇمكىن ھېلىمۇ بىر قېتىم يىقىلدىم بۇ يىقىلىشىم بىلەن بەلكىم ئورنۇمدىن تۇرالماسلىقىممۇ مۇمكىن چۇنكى بۇ مۇھەببەت ھەققى ،چىن سۆيگۇ ئامان بول جېنىم بۇ ئۆمرۇمدە سۆيگۇڭگە ئېرشەلمىگەن بولساممۇ ناۋادا قايتا تۆرلۇپ قالسام يەنىلا سىنى سۆيمەن

ئېھ مۇھەببەت ئامان بول ، ئامان بول مىنىڭ پەرىشتەم سىنى مەڭگۇ سۆيمەن ! بۇ سۆيۇشلۈرۈم سىنىڭ ئېسىڭدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن بىراق مىنڭ ئۆتمۇشۇمدە ھەم ھاياتىىلقىمدا ، چىن مۇھەببەتتە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. يۇلتۇزلارغا ئوخشاش .........................................................................





مەنبە: ئۆز ئىجادىيتىم






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   agizogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 08:32 PM  


تىنىچلىق بىلەن  قولغا كەلتۇرەلمىگەن نەرسىنى مۇشىت بىلەن قولغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5755
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44204
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2383 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:01:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشىقنىڭ چىن ھېسياتى يېنىك،يېقىشلىق تىللار ئارقىلىق ياخشى  ئىپادە قىلىنىپتۇ..

قەلەملىرىڭىز توختاپ قالمىغاي...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6951
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 423 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:21:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاببەت مەڭگۈلۈك تېما .  ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. ... ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكە بولغاي...

ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8031
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:29:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيىتىڭىزنىڭ ئايىغى ئۇزلۇپ قالمىغاي تەشەككۇر.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25831
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3130 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:43:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك لىرىكا ئىكەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 07:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن قەلبىھىزدىن ئۇرغۇپ چىققان چىن مۇھابەت ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن بەكلا ياخشى يىزىلغان لىرىكا ئىكەنرەخمەت ھارمىغايسىز.

ئادىل ئابابەكرى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش