مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3051|ئىنكاس: 14

پاتىگۇل خانىم، رامىزاندىكى ساخاۋىتىڭىز سىزگە نۇسرەت بەرسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54565
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3935
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1161 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 07:58:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىيەنىڭ بەختى

*****************************************************************************************
- سىزنىڭ قانچە دوستىڭىز بار؟
-- مېنىڭ بىرتاللا دوستۇم بار،
-- ئۇ كىمۇ؟
-- خوشنىمىز گۇلمىرە، پەقەت شۇلا مېنىڭ دوستۇم.
-- تەنەپپۇس ۋاقتىدا قانداق قىلىسىز؟
-- سىنىپتا ئولتۇرۇپ گۇلمىرە بىلەن ئوينايمەن، سىرتقا چىقسام باشقا بالىلار مېنىڭ بىلەن ئويناشنى خالىمايدۇ، مېنىمۇ ئويىنىغا قاتمايدۇ.
-- ئەگەر گۇلمىرە سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟
-- سىنىپتا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرىمەن، تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن.
*********************************************************************************************

كىچك ئالىيەنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئىچى پۇشماي تۇرمايدۇ. سول تەرەپ چېكىسىدىن يارما ئايرىلغان بۇ چاچلار ئۇتتۇر قايرىلىپ ئۆڭ تەرەپ كۆزىنى ئېتىپ تۇرىدىغان ھالەتتە ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇن، قارا، تال تال چاچلارنىڭ ئالىيەنىڭ ئۆڭ تەرەپتىكى يۇزىنى تولۇق ئېتىۋالغان بولۇپ، چوڭقۇر، چوڭ - چوڭ بوتا كۆزلەر بۇ پەردىنىڭ ئارقىسىدا ئاجايىپ قىسمەتلەرنىڭ يوشۇرۇلغانلىقىدىن بىلدۇرەتتى.
    2012- يىلى 6- ئاۋغۇسىت، سەھەر، تاساددىپى بىر قېتىملىق توغرا كېلىپ قىلىش سەۋەبىدىن مەن تۇنجى قېتىم كىچىك ئالىيە بىلەن ئۇچراشتىم ۋە بۇ قىزنىڭ بۇ خىل چاچ پوسونىغا تولىمۇ تەئەججۇپلەندىم. لېكىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ قىز ھەققىدە ئاز - تولا ئىشلاردىن خەۋەردار بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئالىيەنىڭ چوڭ ئاپىسىدىن ئىنچىكىلەپ سورىدىميۇ، لېكىن ئىچ ئاغرىقىدىن تاكى 160 كىلومىتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ بولغۇچە نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.
-- ئالىيە قىزىمنىڭ بالىسى، بالىسى ئالتە ئايلىق بولغاندا، قىينىئاپىسىنىڭ پاختىزارلىقىدا پاختا تېرىپ بېرىش ئۈچۈن بېرىپ، بۇ بالىنى (ئالىيە) نى كىچىك بىر قىزنىڭ قاراپ تۇرىشىغا قويۇپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئوچاقتىكى چوغنىڭ ئۇستىگە دۇم چۇشۇپ كېتىپ مۇشۇنداق كۆيۇپ قالغان ئىدى- دەپ تونۇشتۇردى ئالىيەنىڭ چوڭ ئاپىسى.
-- ئالىيە كۆيۇپ قالغاندىن كېيىن، بالىنىڭ دادىسى ئۆز بالىسىدىن نومۇس قىلىپ، يۇتىغا (يۇرتىغا) كېتىۋالدى، بۇنىڭغا قارىمايدۇ، ئاپىسى بولسا پۇل تېپىپ قىزىمنى داۋالىتىمەن دەپ سىرتلاردا ئىشلەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا مەن قاراۋاتىمەن، بۇ بالا ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىمۇ ئاندا - ساندا كۆرىدۇ. -- دىدى ئالىيەنىڭ چوڭ ئانىسى
    ئالىيەنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇزىنى ئېتىپ قويۇپ، سول تەرەپتىكى يۇزىگە قارايدىغان بولساق ئۇ تولىمۇ چىرايلىق قىزى. خۇددى چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەندەك، ئىنچىكە سىزىپ قويغاندەك قاش، چوڭقۇر، قاپقارا بوتا كۆزلەر، ئىلىپ تارتقاندەك قاڭشارلىق بۇرۇن، سوزۇنچاق كەلگەن يۇز. تىپىك گۈزەللەرنىڭ ئالاھىدىلىگى. لېكىن، ئۇنىڭ ئوڭ يۇزى دەل ئەكسىنچە، چوڭقۇر، ئەتسىز كۆيۇك يۇز، ئوڭ باش تەرىپىدىن ياغاق، تۈكسىز باش تېرىسىنى كىشىنىڭ قورقىسىنى كەلتۇرەتتى.
    بىچارە ئالىيەنىڭ بەخىتسىز سەرگۈزەشتىسىنى ئويلاپ 170 كىلومىترلىق مۇساپىدە گەپ قىلالمىدىم. ماشىنىدىن چۇشۇپ، ئازادلىق ئارمىيە 273- دوختۇرخانىسى (كورلا شەھرىدە) نىڭ كۆيۇك كېسەللىكلەر، ھوسۇن تۇزەش بۆلىمىگە كىرگەندىن كېيىن سورىدىم.
   - سىزنىڭ قانچە دوستىڭىز بار؟
-- يوق، مېنىڭ ئاران بىرتاللا دوستۇم بار،
-- ئۇ كىمۇ؟ ئارانلا دىيەلىدىم مەن.
-- خوشنىمىز گۇلمىرە، پەقەت شۇلا مېنىڭ دوستۇم.
-- تەنەپپۇس ۋاقتىدا قانداق قىلىسىز؟
-- سىنىپتا ئولتۇرۇپ گۇلمىرە بىلەن ئوينايمەن، سىرتقا چىقسام باشقا بالىلار مېنىڭ بىلەن ئويناشنى خالىمايدۇ، مېنىمۇ ئويىنىغا قاتمايدۇ.
-- ئەگەر گۇلمىرە سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟
-- سىنىپتا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرىمەن، تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن.
«ئاران بىرتاللا دوستۇم بار» دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆپكەم ئۆرۇلۇپ، بولدۇقلاپ كېلىۋاتقان كۆز يېشىمنى ئاران ئاران تۇتۇپ قالالىدىم. بىچارە ئالىيەنىڭ بۇ كەچۇرمىشىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن يەنە باشقا سۇئال سوراشقا پېتىنالماي يان تەرەپكە قاراپ، كۆز ياشلىرىمنى زورىغا سىڭدۇرۋەتتىم.
    9 ياشقا كىرگەن ئالىيە بۇ يىل 2- يىللىقتا ئوقۇيدىكەن، ئۈگۇنىشتە ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، خېتىمۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن. بۇ يىل 5- ئايدا كورلا شەھرىدىكى مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى بۈگۈر ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، بۈگۈردىكى مىھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە بۈگۈر ناھىيىسىدە ئىللىقلىق يەتكۇزۇش، ياردەم بېرىش پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا تاساددىپى بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈگىنىشىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىشقى ۋە بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر كورلا شەھرىدىن كەلگەن مىھرىبان ئانىلارنىڭ چەكسىز ھېسىداشلىقىنى قوزغىغان. كورلا شەھرىلىك تىجارەتچى پاتىگۇل خانىم شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا مەيلى قانچىلىك پۇل كەتسىدۇ بۇ ئەقىللىق، سەبى قىزنى داۋالاپ ساقايتىش قارارىغا كېلىدۇ. ھەمدە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، كورلا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئېيتىپ، ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىنى ئالاقىلىشپ بېرىشىنى ئېيتىدۇ. ئازادلىق ئارمىيە 273- دوختۇرخانىسىنىڭ كۆيۇك كېسەللىكلىرى، ھوسۇن تۇزەش بۆلىمى بايىنغولىن ئوبلاستىلا ئەمەس بەلكى جەنۇبى شىنجاڭ تەۋەسىدە كۆزگە كۆرۇنگەن بۆلۇم. شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ماسلاشتۇرىشى بىلەن، ئالىيە 2012- يىلى 8- ئاۋغۇسىت، 273- دوختۇرخانىسى كۆيۇك كېسەللىكلەر بۆلىمىگە قوبۇل قىلىنىپ، 1- باسقۇچلۇق داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
1- باسقۇچلۇق داۋالاشتا  كۆيگەن ئورۇنغا تىز سۇرئەتتە گوش ئۆستۇرۇش ئۆكۇلى ئۇرۇلۇپ، گوش ۋە تېرە ئۆستۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوزۇقلىنىشىنى كۈچەيتىپ، بەدەن كۈچلەندۇرۇلىدۇ. ئارقىدىن 2- قېتىملىق ئوپىراتسىيە قىلىنىپ، شەكىل تۇزۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالىيەنىڭ ھوسنى ئەسلىگە كېلىدۇ.
    بۇنى ئاڭلىغان ئالىيە تولىمۇ خوشال بولدى. لېكىن كىچىك قىز ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى قانداق ئىپادىلەپ بېرىشنى بىلەلمەي قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئالىيە ئۆزىنى پاتىگۇل «ئاپىسى» نىڭ قوينىغا ئېتىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەبى، قىزغىن، ھىچقانداق سۇنئىلىك ئارلاشمىغان چىن ھىسىياتىنى ئىپادىلىدى.
     گەرچە پاتىگۇل خانىم «ئوڭ قولىدا بەرگەن سەدىقەڭنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن» دىگەننى كۆپ قېتىم تەكرارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ياخشىلار ياشىسۇن دىگەننى مىزان قىلغان مەن، بۇ ئىشلارنى يازماي دەپ ئۈچ كۈنگىچە جىم ئولتۇرغان بولساممۇ، لېكىن قەتئى چىداپ بولالمىدىم.
      ئۇلۇغ رامىزاندا قىلچىمۇ شەخسىيەتسىز، خالىسانە ئىش قىلغان پاتىگۇل، ئۇلۇغ ئاللاھ سىز قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىڭىزغا مىڭ مەرتە ياخشىلىق قوشۇپ، ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت، تۇرمۇشىڭىزدا ئامەت، تېنىڭىزگە سالامەتلىك، پەرزەنىتلىرىڭىزگە دىيانەت ئاتا قىلغاي. خالىس يولدا سەرىپ قىلغان ھەر پۇڭ پۇلىڭىز 10، 100، 1000 بولۇپ قايتقاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82756
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3704
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-7-11
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىلار ياشىسۇن

سۇمرۇغنىڭ قۇيرۇقى بولغۇچە،خورازنىڭ تاجىسى بول!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:46:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  پاتىگۇل خانىمدەك ساخاۋەتچىلەرنىڭ  ئىككىلا دۇنيالىقىنى بەرگەي!
مال- دۇنيا تىپىش قىيىن، ئۇنى جايىدا ئىشلىتىش تىپىشتىنمۇ قىيىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 08:49 PM  


خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:57:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرئىتىنى كۆرگەن بولساق ئەلۋەتتە بۇ ئوماق ئۈچۈن خوش بولدۇم ..ساخاۋەتچى پەرشتە سۈپەت بۇ خانىمدىن سۈيۈندۈم ..ئاللا ئىشلرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن ...

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 09:04:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا تىنىنى ئامان ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ھەربىر باسقان قەدىمىدە گۇللەر ئۇنسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 09:29:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنىڭدەك ساخاۋەتچى خانىملىرمىزنىڭ  كۇندىن كۇنگە كۇپيىشىنى ئۇمۇت قىلمەن.شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىشلىرنىڭ كۇندىن كۇنگە روناق تىپشىغا تىلەكداشمەن.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7158
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 10:01:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا مىھىر مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.......

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:25:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    پاتىگۇل خانىمنىڭ بۇندىن كىينكى ئىشلىرىغا تىخىمۇ بەركەت تىلەيمەن ، ھەم ئوماق ئالىيەنىڭ سالامەتلىگىنىڭ تىزرەك ئەسلىگە كىلىشىنى تىلەيمەن ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
AHMATJAN0995 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 02:19:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىشى ئاخىر ئۆلۈپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22
يازما سانى: 1127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15549
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 3128 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 12:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دائىم بىر ھەرپ چۈشۈپ قالىدۇ ھە....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش