رۇسسىيە تۇنجى قېتىم تىنىچ ئوكياننى قورشاش مانىۋىرىغا قاتناشتى
ئۇمۇمەن كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ھەربى مانىۋىرى ئادەتتىكىچە ئېيىتقاندا ھىچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان،پەقەتلا تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېڭىز قاراقچىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئوخشاش غەيرى ئەنئەنىۋى قوراللىق ھەرىكەتتۇر.
رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 6-يانۋار جاكارلىشىچە،بۇ يىل 6-ئايدىن 8-ئايغىچە تۇنجى قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ ھاۋاي شىتاتى دېڭىز ساھەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان " تىنىچ ئوكياننى قورشاش 2012 " ھەربى مانىۋىرىغا قاننىشىدىكەن.رۇسسىيە ئارمىيىسى" تىز سۈرئەت" دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخۇت، سۆرىگۈچى كېمە ۋە ماي پاراخۇتىدىن ھەر قايسىسىدىن بىردىن چىقىرىدىكەن. رۇسسىيەدىن باشقا يەنە ئامىركا، ئاۋىستىرالىيە، ياپونىيە، كانادا، كورىيە، ھىندىستان قاتارلىق 12 دۆلەتمۇ بۇ قېتىملىق مانىۋىرغا قاتنېشىدىكەن. پۈتكۈل مانىۋىرغا 6 سۇ ئاستى پاراخۇت،39 پاراخۇت، كۆپ بولغاندا 200 ئايرۇپىلان ۋە 1200 غا يېقىن ئەسكەر چىقىرىلىدىكەن.
بىرلەشمە ھەربى مانېۋىر خەلقئارادا بىرلەشمە جەڭدىن قالسىلا ھەربى ئىشلار ئالاقىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك شەكىل بولۇپ ، " تىنىچ ئوكياننى قورشاش" يۈرۈشلۈك مانىۋىرى1971-يىلىدىن باشلاپ ئامىركا باشچىلىقىدا ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ،ئاساسى تىغ ئۇچىنى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تىنىچ ئوكيان فىلوتىغا قاراتقان. بىرلەشمە ھەربى مانىۋىرغا قاتناشقان ياپونىيە،كورىيە،ئاۋىستىرالىيە، كانادا قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەر سوغاق موناسىۋەتلەر ئورۇشى مەزگىلىدە ئامىركىنىڭ يېقىن ئىتتپاقداشلىرىدىن بولۇپ جۇڭگۇغا قارشى تۇرۇش ھەربى ئىشلار ئەنئەنىسى چوڭقۇر. ئەمدىلىكتە " تىنىچ ئوكياننى قورشاش " 2012 يىللىق مانىۋىرىغا يېڭىدن ھىندىستان قېتىلغان بولۇپ نەق جۇڭگۇ بىلەن ئۆچ –ئاداۋىتى بار بۇلۇپ ،ھازىر مۇھىم بولغان دۆلەت زىمىنى ماجراسىدىكى جەنۇبى ئاسىيا ۋە ھىندى ئوكياندىكى كىچىك مۇشتۇمزوردۇر. سوۋىت رۇسسىيىسى تىنىچ ئوكيان فىلوتى ئۆزگىرىپ دۈشمەن بىلەن دوسىتلاشقاندىن كىيىن تىنىچ ئوكياننى قورشاش ئىشى ھەربى ئىشلاردا كۈچلۈك دۆلەت جۇڭگۇنى بىر تەرەپتە يىتىم قالدۇرۇپ بېيجىڭنى چۈچىتەلىگەنمىدۇ؟
ئۇمۇمەن كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ھەربى مانىۋىرى ئادەتتىكىچە ئېيىتقاندا ھىچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان،پەقەتلا تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېڭىز قاراقچىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئوخشاش غەيرى ئەنئەنىۋى قوراللىق ھەرىكەتتۇر. ئەمما، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز،ھاۋا،قۇرۇقلۇقدا يۇشۇرۇنچە سىترىئولۇق جەڭدىكى سەر خىل قۇراللارنى جارى قىدۇرۋاتقىنىنى، نەچچە تال زىيانداشنى تۇتۇش ئەمەسلىكىنى ساراڭمۇ بىلەلەيدۇ."تىمىچ ئوكياننى قورشاش2012" ھەربى مانىۋىرى قىياس قىلىنغان دۈشمەن " ئازاتلىق ئارمىيە"نى قىرىشنى زىممىسىگە ئالغان.
رۇسسىيەنىڭ غەرپكە كۆز قىقسقىنىدىن تارتىپ ئۆزىنى غەرپنىڭ قوينىغا ئاتقان بۈگۈنگە قەدەر، رۇسسىيە ئارمىيىسى مەلۇم ۋاقىتنىڭ ئالدىدا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىپ " تىنىچ ئوكياننى قورشاش " يۈرۈشلۈك مانىۋىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، رۇسسىيە تىنىچ ئوكيان فىلوتىنىڭ بايرىقى ئېسىلغان ئوكيان چارلاش پاراخۇتى 2010-يىلى 6- ئايدا سان –فىرانسىسكونى زىيارەت قىلدى،بۇ رۇسسىيەنىڭ 147 يىلدىن بۇيان رۇسسىيە ھەربى پاراخۇتىنىڭ تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ،كەينىدىنلا ئامىركا-رۇسسىيە دېڭىز ئارميەلىرى تىرورلىققا قارشى بىرلەشمە مانىۋىر قىلدى.شۇ سەۋەپتىن جۇڭگۇ-ئامىركا توقۇنۇشۇپ قالسا رۇسسىيە ياردەم بېرىش قۇرۇق خىيال بولۇپ قالدى.
مەنبە :
http://www.sodiger.net/tur/d/2012/0112/376.html