مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11277|ئىنكاس: 105

ئايرىمخانىدىكى ئەر _ خوتۇنلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25795
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3135 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 05:42:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  ئايرىمخانىدىكى ئەر - خوتۇنلار


                                                             (  ھېكايە )


      بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى بولغاچ پولات بالدۇراق ئىشتىن قايتىپ كەلدى ، ئۆيگە كىرىپ ئاشخانىدا تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان شەھىدەنى كۆرۈپ :
      _ يىڭىلىققۇ بۇ ، بۈگۈن بۇ ئۆيدە تاماق پىشىدىكەن _ ھە ، _ دىدى پولات شەھىدەگە قاراپ ،
      _ مەن بۇ ئۆيدە تاماق ئىتىپ باقمىغاندەك گەپ قىلىسىزغۇ _ دىدى شەھىدەمۇ پولاتقا جاۋابەن تۇمشۇقلىرىنى ئۇشلاپ تۇرۇپ ، _ باللامۇ مەكتەپتىن كىلىپ بولدى ، بىر دەم تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ، تاماق ھازىرلا تەييار بولىدۇ .
      پولات مىھمانخانا ئۆيدە باللىرى بىلەن  تېلىۋىزور كورۈپ ئولتۇردى ، ئۇزۇنغا قالماي تاماقمۇ پىشتى ، تاماق يەپ بولۇپ تۇرشىغا شەھىدەنىڭ تىلىفۇنى سايراپ قالدى ، شەھىدە تىلىفۇندا قىسقىلا سۆزلەشتى ، گىپىنىڭ ئورامىدىن بۇ تىلىفۇننى شەھىدەنىڭ ئاچىسى ئۇرغاندەك قىلاتتى ،
      _ ئاچام تىلىفۇن قىپتۇ ، يىراقتىن ئىككى دوستى كەپتىكەن ، شۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىپتۇ ، بىللە بىرىپ كىلەيلى دەيدۇ ، بىرىپ كىلەيمۇ ؟ _ سورىدى پولاتتىن .
      _ ئاچىڭىز چاقىرغاندىكىن بېرىپ كىلىڭ ، شەھىدە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆيگە ئۈستىدىكى خوشنىسى ھەم خىزمەتدىشى قاسىم كىرىپ كەلدى ، پولات ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغانتى ، ئۇ ئولتۇرماي ئۇدۇللا دىدى :
      _ بۈگۈن ئالى مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىم ئۈچ  دوستىنى ئىلىپ كەپتىكەن  ، بايام تىلىفۇن قىپتۇ ، شۇلانى بىر كۈتۈپ قوياي دىگەنتىم ، شۇ يەرگە بىللە بېرىپ كىلەيلى ، يۈرە ،
     _ مەن بارماي ، شەھىدە ئاچىسى بىلەن بىر يەرگە كەتكەن ، بالىلا ر يالغۇز قالىدىكەن ، بالىلارغا ھەمرا بولايمىكى .
     دەل بۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ پولاتنىڭ سىڭلىسى ئۆيگە كىرىپ كەلدى ، ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن باللانى ئۆز ئۆيىگە ئىلىپ چىقىپ كەتتى ، پولات شۇنداق قىلىپ قاسىم بىلەن بىللە ئۇنىڭ مىھمانلىرىغا ھەمدەم بولغىلى بىللە چىقتى ، ئۇلا پەسكە چۈشۈپ قاسىمنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ ، مۇشۇ ناھىيە ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى بىر مىللىچە رىستۇرانغا كىردى -دە ئازادە ئايرىمخانىدىن بىرىگە كىرىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن ، قاسىم ساۋاقدىشىغا تىلىفۇن قىلىپ ئۆزلىرى ئولتۇرغان رىستۇراننىڭ ئورنىنى ھەم تىزرەك كىلىشىنى دەپ تىلىفۇننى قويدى ، مىھمانلارمۇ ھايالشىمايلا كىلىپ بولدى ، ئۇلار ئىككى ئەر ئىككى ئايال ئىدى ، ئۇلار كۆرشۈپ قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ، ئورۇن ئىلىپ ئولتۇرۇشتى ، قاسىم كۈتكۈچىنى چاقىرىپ بىر نەچچە قورۇمىلارنى بۇيرۇتتى ئاندىن قاسىمنىڭ ساۋاقدىشى بۇ مىھمانلارنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ، ئاندىن يىنىدىكى ياش ئايالغا :
     _ دوستىڭىزغا تىلىفۇن قىلدىڭىزمۇ ؟ _ دەپ سوراپ قالدى ،
    _ بايام قىلغان ، يەنە بىر قىلاي _ دىدى ئايال سومكىسىدىن تىلىفۇننى ئىلىۋىتىپ ،
   _ دەڭا ، تىزرەك كەلسۇن ، دوسلىرىدىن بىرەسىنى بىللە ئىلىۋالسۇن . بۇ ئايال تىلىفۇننى ئىلىپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى ھەم ھايالشىمايلا قايتىپ كىردى ،
     _ يولدا كىلىۋىتىپتۇ ،
      مىھمانلار بىلەن ساھىپخان بىر دەم  ئۇيان - بۇياننىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇردى ، قورۇمىلارنىڭ ئالدى چىققىلى تۇردى ، شۇ چاغدا ئايرىمخانىنىڭ ئىشىگى يەڭگىل چىكىلىپ ئىككى ئايال كىرىپ كەلدى ، بۇ  ئىككى ئايالنى كۆرۈپ پولاتنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ ، بۇغداي ئۆڭ چىرايى تېخىمۇ قارداپ كەتتى ، ئىشىكتىن كىرگىنى باشقا ئادەم بولماستىن شەھىدە بىلەن شەھىدەنىڭ ئاچىسى ئىدى ،تىخى ئۇلار پەدازخانىغا بىرىپ ، چاچلىرىنى ئازراق ياسىتىپ ، سۇس گىرىم قىلدۇرۇپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى ،  قاسىممۇ بىر پولاتقا بىر شەھىدەگە قاراپلا قالدى ، لىكىن شەھىدە ئىشىكتىن كىرگەندە ئولتۇرغانلارغا سەپ سالمايلا كىرىپ ئولتۇرۇپ بولۇپ مىھمانلار بىلەن سالاملىشىۋىتىپ پولاتنى كۆردى -دە چۆچۈپ كەتتى ، شەھىدەنىڭ ئاچىسىمۇ بەكلا ئوڭايسىزلاندى ، پولات قاسىمغا سىرتقا چىقىپ كىرەي دەپلا  ئورنىدىن تۇردى - دە چىقىپ كەتتى ، شەھىدەمۇ ئاچىسىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ قويۇپلا ئۇمۇ تىزلا ماڭدى ، بۇ ئىككى ئايالدىن بىرسى شەھىدەنىڭ ئاچىسىنىڭ ساۋاقدىشى ئىكەن ئۇلار قىزغىن ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كىيىن چىقىپ كەتكەن ئىككەيلەننى كەلتۇرۇپ :
    _ پاھ ! بۇ ئىككەيلەن بەك چاققانغۇ ؟ ئىشىكتىن كىرە- كىرمەيلا  كۆز قىسىشىۋالدىمۇ نىمە تىزلا بىللە چىقىپ كەتتىغۇ ؟ _ بۇ گەپكە مىھمانلار كۈلۈپ كىتىشتى ، قاسىم بىلەن شەھىدەنىڭ ئاچىسى ئارتۇق بىرنەسە دىمەيلا ، ئۇلارغا ئەگىشىپ سۇسلا كۈلۈپ قويۇپ ئولتۇرۇشتى .
     پولات شۇ چىققانچە يولدىن تاكسى توسۇدى ، شەھىدەمۇ ئۇلۇشىپلا تىز چىققان بولغاچ ، پولات توسقان تاكسىغا ئۈلگۈردى ، ئىككىسى ئۆيگە  بىللە كىرىشتى ،
      _ ئاچاڭنىڭ دوسلىرى شۇما ؟ _ پولات ئاچچىقتا تىترەپ ، كۆزلىرى ھىلىلا چىقىپ كىتىدىغاندەك چەكچەيگەن ،بۇرۇن توشۈكلىرى كىڭىيىپ ، ئاجايىپ بىر تۈسكە كىرىپ قالغان ئىدى ، شەھىدە نىمىمۇ دىيەلىسۇن ، چۈشەنچە بىرەي دىسە ، چۈشەنچە بەرگۈدەكمۇ ئىش بولمىسا ، مۇشۇنداقمۇ  ئۇدۇل كىلىپ قالغان بارمۇ
       _ ھە ئە ! شۇ ، ماڭا نىمە بۇنداق قارايسىز ؟ سىزمۇ بىرىپسىزغۇ ئاينا _، مۇشۇ گەپ بىلەن شەھىدەنىڭ يۈزىگە تەككەن بىر تەستەك ئۇنى سافادىلا ئولتۇغۇزۇپ قويدى ، شەھىدەنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتتى ، پولات ھىچنىمىگە قارمايلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ، ئۇ تىخىچە تىترەپ كىتىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ كاللىسى قۇپ- قۇرۇق  ، ئۇ شۇ ماڭغانچە مىڭىپ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغانلىغىنى بىلدى ، ئۇ ئۇدۇل ئىشىانىسىغا كىرىپ ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى << توۋا ، ماۋۇ شەھىدەنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى قارا ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى دوسلۇرۇم بىلەن تاماق يەيمەن ، خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىر يەگە بارمەن ، ساۋاقداشلار يىغىلاتتۇق ................. مۇشۇنداق باھانىلار بىلەن مەندىن سورىسا ، ئىشىنىپ ھە دەپ يۈرۈپتىمەن ، ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ ، مۇشۇنداق سورۇنلارنىڭ قانچىلىرىگە باغاندۇ ؟ تىخى ماڭا گەپ ياندۇرۋاتىدۇ دىسە >>، پولات ئويلىغانسىرى ئىچى ئاچچىق بولۇپ ، بىشى چىڭقىلىپ كەتتى ، ئۇ ئاستا تۇرۇپ بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ ئاچچىق - ئاچچىق شوراپ خىيالغا پاتتى ، قانچە ئويلاپمۇ شەھىدەنىڭ بۈگۈنكى بۇ ئىشى كاللىسىدىن پەقەت ئۆتمىدى ، مۇشۇ يىقىنقى بىر - ئىككى يىلدىن بىرى شەھىدەنىڭ باردى - كەلدىسى بەك كۆپۈيۈپ قالغان ئىدى ، بىردەم ساۋاقداشلىرىمنىڭ قاتار چىيى دەۋاتقان ، بىردەم خىزمەتداشلىرىمنىڭ قاتار چىيى دەۋاتقان ، بىردەم دوسلۇرۇمنىڭ يىغىلىشى دەۋاتقان ............... پولات ئويلىغانسىرى يۈرۈكىنى بىر نەسە مۇجۇپ كەتتى ، ئۇ مۇشۇنداق گادىرماش خىياللار بىلەن قاچانلادا ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ بىلمىدى  
       ئۇ ئەتتىگىنى ئىشخانىسىدىن بىشى بەكمۇ ئىغىر ، كۆزلىرى قىزارغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى ، ئۇ ئىشخانىنى بىرەر قۇر يىغىشتۇرۋەتكەندىن كىيىن ئۈستەل ئالدىغا كىلىپ ئولتۇردى ، ئاڭغىچە خىزمەتداشلىرى بىر - ئىككىدىن كىلىشكە باشلىدى ، قاسىم كىلىپلا بىرىنچى بولۇپ پولاتنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى ، قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن :
       _ يۈرە ناشتا قىلىپ كىرەيلى ، مەنمۇ ناشتىسىز كەلدىم _ دىدى  ،
       _ كۆڭلۈم بىر نەسە تاتمايدۇ ، بولدى مەن چىقماي ،_ قاسىممۇ ئارتۇق بىر نەسە دىيەلمىدى ،

       شەھىدە ئەشۇ بىر تەستەك بىلەن خىلى ئۇزۇن يىغلاپ ئولتۇردى ، ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ بىر يامان چۈش بولۇپ قىلىشىنى ، چۈشتىن ئويغانسىلا ھەممە ئىشنىڭ ئوڭشۇلۇپ كىتىشىنى تىلىدى ، بىراق ھەرقانچە قىلسىمۇ بۇ بىر رىيالىق ، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر رىياللىق ئىدى ،
      مۇشۇ ئىش بولۇپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇلار ئاجىرشىدىغان بولدى ، بۇ ئىككىلەيلەنگە ئۇرۇق تۇققانلارمۇ ، دوسلىرىمۇ كۆپ نەسىھەت قىلدى ، بولۇپمۇ پولاتنىڭ سىڭلىسى ئايشەم بۇ ئىشقا بەك كۈچىدى ، ئايشەم بىلەن شەھىدە تولۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقداشلار ، ھەم يىقىن دوسلاردىن ئىدى ، ئاكىسى بىلەن شەھىدەنىمۇ ئايشەم ئۇچراشتۇرغان ،
      _ ئاكا ، بولدى قىلە ، بۇندىن كىيىن شەھىدەمۇ دىققەت قىلسۇن ، بىر چىرايلىق ئىككى بالاڭ تۇرسا ، ئۇنداق يەڭگىللىك قىلما ، بولامدۇ ئاكا ،
       _   بولدى ، ماڭا نەسىھەت قىلما  ،  شەھىدەگە بەك ئىشىنەتتىم ، مەن بۇ ئىشلانى پەقەت كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم ، تىخى قىلغۇلۇقنىڭ قىلىپ بولۇپ ماڭا گەپ ياندۇرۋاتىدۇ دىسە ، ئاجىرشىپ كىتەيلى ، بىر  مەزگىل مۇشۇنداق ئۆتۈپ باقايلى ، كىيىنچە بىر گەپ بولا .
        _ شەھىدە ! تولا جاھىللىق قىلما ، بۇ ئىشتا ئۆزەڭدىن ئۆتكەن يىرى بولغاندىكىن ، ئاكامدىن ئەپۇ سورىغىن ، باللىرىڭنى ئۆزەڭلا بىقىپ قىلىڭلا ،
       _ ئۆزەمدىن ئۆتكەن يىرى بولغاچقىلا ئاجىرشىشقا قوشۇلدۇم ، پولات نىمە دىسەم رايىمغا باراتتى ، پەقەت كۆڭلۈمنى چىگىپ باقمىغان ، مەن ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيمەن ، مۇشۇ ئىش بىلەن ئۇ ماڭا بۇندىن كىيىن ئىشەنچىسىز قارايدۇ ، بۇنداق ئىشەنچىسىز تۇرمۇشتىن سوغۇق شامال ھۇۋلايدۇ ، ئوتتۇرمىزدىكى ھۆرمەتمۇ  يوقايدۇ ، ئەمدى بىزنىڭ نىكاھىمىز بىر توپا تاققا ئوخشاپ قالدى ، بۇ توپىنى كۈچلۈكرەك شامال چىقسا ئۇچۇرتۇپ كىتىدۇ ،
        ئايشەم بەكمۇ ئىلاجىسىز قالدى .
       بۇگۈن ئۇلار ئاجىرشىش رەسمىيەتلىرىنى تۈگەتتى ، ئوغلىنى پولات ئالدى ، قىزىنى شەھىدە ئالدى ، پولات بىلەن شەھىدە بىر - بىرىگە سوغۇق قاراپ ئايرىلدى ، بىراق ماۋۇ ئىككى كىچىك نائىرسىدىلەر بىر - بىرىگە قىيمىغان ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ ئارىلدى ، بۇ ئايرىمخانا بىر ئوبدان ئائىلىنى ئايرىدى ، بولۇپمۇ قانداش ئىككى نارەسىدىسىدىن ئايرىدى.


    مەنبە : قەلىمىم  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 06:08 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
natik + 127 بارى مۇشكەن قۇبۇل قىل.
yawaat0998 + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 276   باھا خاتىرىسى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3064
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15468
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1322 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئادەم   بىر   قېتىم   ئاشنا  ئويناش  پاتقىقىغا   پېتىپ  قالسا  ،  ھامان ئىككىنچى
قېتىممۇ  شۇ  پاتقاققا   چۈشىدۇ  .    ئاجرىشىپ   كېتىپ  ياخشى  بوپتۇ  . بالا  دېگەن
يېتىم  بولسىمۇ   چوڭ   بولىدۇ  .   ئەمما   ، ئاندا  خوتۇن  بىلەن   تۇتقان  ئۆيدە  
بەرىكەت  ،  ھايا  ،  سۆيگۈ   بولمايدۇ  .  بۇنداق  ئائىلدىن   بويتاقچىلىق ئەۋزەل...
نېمدىگەن  يىرگىنىچلىك  ،  قەبىھ   ئىشلار   ؟  

مۇشۇ   مۇنبەردىكى  قىزلارغا   يازىدىغان   باشقا   مەزمۇن  چىقمامدىغاندۇ  ؟
ئەمدى  خوتۇن  ئالاي  دېگەندە  بۇنداق  پاجىئەلىك  تېمىنى  يوللاپ  ، ئادەمنى
ۋەھىمە  ،  ئەندىشىگە   سېلىپ  ...  ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 06:18 PM  


نامرات   تۇرۇپمۇ  خۇشال يۈرەلەيدىغان ئادەم ؛  بىرى ئاقىل  ،  بىرى  بولسا    بىغەم ، لەقۋا .

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەتلىك تېما ئىكەن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12411
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:14:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ئىككىسى شەيتاننىڭ يول كۆرسىتىشىگە بويسۇنۇپتۇ.

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5163
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2329 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7490
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:17:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز خېلى يىتىلىپ قاپتۇ. ھىكايىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.  
ھىكايىغا يەنە ئازراق دىئالوگ قېتىپ، «مېھمان»لارنىڭ خاراكتېرىنى، ئۇ سورۇننىڭ قانداق مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز، ھىكايە يەنىمۇ ياخشى، جانلىق  چىقاتتىكەن.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3671
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:17:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .  ھازرقى جەميتمزدە مانا مۇشۇنداق ئايرمخانلارنىڭ قوربانى بوپ كىتۋاتقان سەبىلەر نۇرغۇن .  

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5974
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار كۆپ جۇمۇ ؟ گەرچە توقۇلما ھېكايە بولسمۇ ..مۇشۇ سۇرۇن دىسە بالسىنى تاشلاپ قويۇپ سۇرۇنغا ئالدىرايدىغان ئاياللارغا ھەيرانىمەن ...ھەي ...بالسىنى بىقىپ ،تامقىنى ئېتىپ ئۆيدە ئولتۇرسچۇ دەيمەن ......ئاياللارنىڭ بۇنداق بولۇشدا يولدىشىنڭمۇ ھەسسسى باردۇ

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3671
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:20:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 06:12 PM
ئادەم   بىر   قېتىم   ئاشنا  ئويناش  پاتقىقىغا   پېتىپ  قا ...

داۋۇت ھاشىم ئۆيلەپ قويمدىما سىزنى

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6392
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 06:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭلار خاتا ئىتمىغان  قاتار  چاي  خاتا چاي  دەپ

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش