مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1545|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر جەمىيتىدە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئورنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قاراڭغۇدىن زارل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8253
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:50:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆز بېشى

ئالدىقى كۈنلەردە بىر قىسىم كىشىلەر باغداش تور بېتىدە جەنۇپ ياز غۇچىلىرىنىڭ "شىمال سەپىرى "گە ۋە  ئاپتۇنۇم  رايۇنىمىز يازغۇچىلىرىنىڭ "شاڭخەي سەپىرى"گەئۆزىچە باھا بىرىپ ؛- يازغۇچىلار جەمىيىتىنى ، يازغۇچى  شائىرلارنى "جان  باقتىلار"،"پىس-پاسلار"،"تۇخايۈرەكلەر "،"لەنەت  سەندەكلەرگە!"...ھەتتا  بىرسى  نۇمۇسسىزلىق بىلەن ؛-قانخور ،ئىپلاس گېتلىرنىڭ سۈزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "شائىرلار  زاماننىڭ غالچىلرى!"...دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بىلجىرلىدى .(گەرچە  بۇ  تىمىلار ئۈچۈرۈلگەن  بولسىمۇ  يۇقارقى بىلجىرلاشلارنىڭ ئاددېرىسى ھەم رەسىم شەكلى  ساقلاقلىق )

مىنىڭچە سوغاققانلىق بىلەن ئېيتقاندا  ؛-ھەقىقى يازغۇچى شائىر  ئەمەسلەر، ياكى يازغۇچى شائېرنى چۈشەنمىگەنلەر ،يازغۇچى شائىرنىڭ  سەۋدا جاپاسىنى تاغدىنمۇ ئېغىر بەدىلىنى ئازراقچە  بولسىمۇ تارتمىغانلار ،ھېس قىلمىغانلار  ،ياكى باشقىچە قىلىپ  ئېيتقاندا ئالغا كېتىپ  بارغانلار شان  شەرەپ  قۇچىۋاتقانلارنى كۈرۈپ ... ئېچىشىپ كەتكەن   كۈرەلمەس،پەزىلەتسىز،روھى  كىسەل   كىشىلەر شائېر يازغۇچىنى تىللايدۇ .بىزدە "كېسەل ئىت ،قۇيرۇقىنى تالايدۇ" –دىگەن گەپ بار .بىز ئۇيغۇرلارھازىرقى ھەرجەھەتتىكى ئەھۋالىمىز نى ھەممىمىز بىلىپ  تۇرۇپتىمىز .يەنە  شۇنداق تۇرۇپ ۋەتەن مىللەتنىڭ غېمىنى  يەپ شائىر  يازغۇچىلىق كوچىسىدا ئۈن-تىنسىز  جاپا تارتىۋاتقانلارنى  ،ھەر جەھەتتىن ئېغىر  بەدەل تۆلەۋاتقانلارنى  قوللامدۇق ،ئۇلارغا ئىلھام مەدەت  بىرەمدۇق ياكى  تىللاپ  

رەسۋاسىنى چىقىرامدۇق ؟!زادى ئۇيغۇر  شائېر يازغۇچىلىرىنى تىللاۋاتقانلار     ،ئۇلارغا قالايمىقان  تىل سېلىۋاتقانلار  سىلەر كىمۇ ؟نىمە  ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەر؟شۇنداق  تىللاپ  چوڭ سۆزلىگىدەك  سىلەرنىڭ توھپەڭلار،سالاھىيتىڭلار  قانچىلىك ؟ئەلۋەتتە  شائىر يازغۇچىلار  ئارىسىدىمۇ  ھەقىقەتەن بەزى مەسىلىلەر ،ئىللەتلەر يوق دىگىلى  بولمايدۇ ...ئەگەر  شۇنداق  بولغاندا  ھەممە  شائېر يازغۇچىنى   بىر تاياقتا ھەيدەپ  تىللىماي  ئىلمى  تەلىۋىڭىزنى ،خەلىقنىڭ  ئۈمىدىنى چىرايلىق قويسىڭىز  بولمامدۇ ؟

شۇنى  سەمىمىلىك بىلەن  چۈشىنىش كېرەككى  ؛ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار  جەمىيىتى ،ۋە بۇ جەمىئيەتتىكى  سەركىلەر يېقىنقى  يىللاردىن  بۇيان كۆپ  تىرىشىپ ئايقىنىڭ چەمى يىرتىلغىچە  قاتىراپ ئالاقىدار مەمۇرلاردىن مەبلەغ،ياردەم ،قوللاش...لارنى قولغا  كەلتۈرۈپ يازغۇچى  شائېرلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى كۇرسىلىرىنى ، ئەنجۇمەن-يىغىلىشلىرىنى،تۇرمۇش ئۈگىنىش  ...پائالىيەتلىرىنى  ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ  ...بىر ئېغىز  گەپ –يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ  رۇلى  ۋە پائالىيىتى نەچچە  يىللاردىكىگەسېلىشتۇرغاندا  جانلىنىش ،مەزگلىدەتۇرىۋاتىدۇ . ئالدىنقى  نەچچە     يىللارنى  ئەسلەڭ .ئۇنداق ئەمەسمۇ يا ؟!شۇنداق ئىكەن  ئاپىرىن ئۇقامدۇق  ياكى...

شۇنى  سەگەكلىك بىلەن تۇنۇپ يىتىشىمىز لازىمكى نۆۋەتتە تۈرلۈك  سەۋەپلەر تۈپەيلى رايۇنىمىزداياش ،ئۆسمۈر  شائىريازغۇچىلارنىڭ  كەم بۇلىشى ،قىسقىسى ئىز  باسار –يېڭى قان يىتىشمەسلىك  مەسىلىسى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرماقتا .يەنە شۇنداق شارائىتتا  بۇ سەپكە يېڭى كىرىۋاتقانلارنى  ، ئاتالمىغان  ،ئەمما ئۈن تۈنسىز  ئۆز نىشانى ئۈچۈن  تەر تۈكىۋاتقانلار كەينىدىن غاجامدۇق ؟كىم دەيدۇ  ھازىرقى  ئاتالمىغانلارنىڭ  بىر كۈنلەر ياخشى  ئەمگەك مىۋىسى  يۇرۇقلۇققا چىقمايدۇ   -دەپ ؟!...بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ  تىرەن  پىكىرلەرنى  پەرھات مۇھەممەت دىگەن ئىنىمىز  تۈۋەندىكى  يازمىسى ئارقىلىق  يۇرتقاندەك قىلىدۇ  .شۇڭا تەۋسىيەمەقسىدىدە  يوللىدىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ  تەستىقلاپ قۇيۇشىڭلارنى  ئۈمىد  قىلىمەن .

ئۇيغۇر جەمىيتىدەيازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئورنى

ئاپتۇرى : پەرھات مۇھەممەتئىمىن

سەۋەبلەردىن شەكىللەنگەن نەتىجە- قىممەت بىلەن جەرياندىن ئىبارەت ، ئەقىلغا يانداشقان نەزىريىۋى ئىنىقلىمىنىڭ ،ماتىماتىكىلىق ئىپادىسنى تۇلۇق ئىسپاتلاشقا كەملىك قىلسىمۇ ، ئىجتىمائى رىئاللىقنىڭ فونكىسيىسى سۈپىتىدە ،ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل تامچىسى بۇلۇپ .قاغىجىرىغان تەپەككۇر مۇھىتىنىڭ ،كۈرۈنمەس يۇچۇنلىرىدىن-شەخىسنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كىرىپ ،  كىچىككىنەپىكىرىيەت ئېقىمىنىڭ ئېچىقىنى بويلاپ ،ھەرىكەت قىلسا ،مۇشۇ تامچە ،بەلكىم ،دولقۇنلاپ ئېقىپ ھەيرەت پەيدا قىلغان، ئۈنۈمسىز ،كاتتا ئاتالمىشتىكى دەريالار ئۇرۇنلىيالمىغان ۋەزىپىنى ئۇرۇنلىغان بۇلاتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، مەن يىقىندىلا  كۈرۈپ تاماملىغان ئامىرىكا 18 قىسىملىق تېلىۋىزىيەتېياتېرى (دىنوزاۋۇرلار ئىمپىريىسىدىن قېچىش ) فىلىمىدىكى ، مارىيەنىڭ <<بىر تامچە دېڭىزنى ئۆزگەرتىشكە يېتىدۇ >>دىگەن  بىرىنجى دەرىسلىك قانۇنىنى چۈشىنىشكە،ئازىراق ئىمكان پەيدا قىلاتتى.

مىنىڭ بىلىشىمچە ئادەملەرنى -شۇنچىلىك چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقىنى ئادەملەردىن ھالقىغان باشقا جانلىق تۈركۈمى بولماستىن ، يەنىلا شۇئادەملەر تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئېيتىمنى مەنتىقىنىڭ چەكلىمىسىدىن چەتنەپ تەھلىل قىلساق :بەلكىم ھايۋاناتلارمۇ ئۆزى  چۈشەنگەن يولىدا ئادەملەرنى ھىس قىلىشىدىغاندۇ. نىھايەتكى بۇنداق چەتنەش يۈز بەرگەندە ، ماھىيەتلىك تەپەككۇر قانۇنيىتىنىڭ شەكلىگە،ئۆلچىمىگە، قائىدىسىگە بىھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان بۇلىدۇ. ئۇشبۇ سەۋەبتىن پېقىر مۇنداق جىنايەتكە ھەسسىلەپ پېتىپ قېلىشنى تۇلىمۇ خالىمايدىغانلاردىن. ئەمما خالىمىدىم دەپلا،بۇ تەرەپنى تۇلۇق تەرك ئېتىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس.

ئىنسانىيەت ئەقلى كۆزى بىلەن  مۆجىزىۋى سۈپەتتىكى نۇرغۇنلىغان تىلسىملارغا شاھىد بولدى. تىلسىملار ئىچىدە نۇرغۇنلىغان سۇئاللار شەكىللىنىپ ، جاۋاب ئىزدىگەندە، تەسەۋۋۇر قىيىن بولغان ھەق ئۆلچەم،قايتىدىن تىكلەندىكى، ھەرگىزمۇ ئىنسان سۇبىكتىنىڭ نىشانىنى ،تىلسىم مەنبەسى قىلمىدى. شۇنداقكەن مەيلى نىمە دېمەيلى -بىز تەس ئېتىراپ قىلىدىغان بىردىنبىر ھەقىقەت- ئەمىليەت مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇپ ،29 يىللىق تارىخى جەرياننى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كىيىن ، 1978-يىلى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى 11-نۆۋۋەتلىك 3-ئۇمۇمى يېغىندىن ئىبارەت ، ئەڭ ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك كاتتا يىغىلىشتا ،يىڭىچە سىياسى نىشان بەلگىلەندى. بۇ نىشان  كەڭ زىمىن ، كۆپ مىللەت ،5000مىڭ يىللىق مەدەنىيەت شاھىتى بولىمىش جۇڭگۇنىڭ پاتقاققا پېتىپ قالغان ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت چوڭ ھارۋىسىنى  ھەرىكەت بىلەن تەمىن ئېتىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يەردە بەس مۇنازىرى قوزغىغان ، مەسىلە شۇ بولدىكى ، پەقەت ئىككى سۇئال ئەڭ گەۋدىلىك مۇلاھىزە كەيپىياتىنى ياراتتى.

يەنى - ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ نامىراتلىق سوتسىيالىزىممۇ؟

بۇنداق يىڭىچە تەپەككۇر ئىنقىلابى پەقەت مۇشۇقىتىمدىلا بولغان ئەمەس. ئۇ تارىختا نۇرغۇن قېتىم ئوخشاش بولمىغان قوۋىملاردا ،ھەرخىل تۈستە پەيدا بۇلۇپ ئۆز ئەكسىنى تاپقان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر تەپەككۇر ئىنقىلابى -مەخسۇسلاشقان، مۇنتىزىملاشقان ، قىسمەن قوۋىملارغا خاس ،قاراتمىلىق تار مەنىدىكى ئەقلى ھادىسەبولماستىن  ،بەلكى ، ئىنتايىن ئەركىن ھالەتتىكى،ئۈزىگە ئىگە بۇلۇشنى خالىغان ھەر قانداق بىر قوۋىمدا شەكىللەنسە بۇلىدىغان،جانلىق ھادىسىدىن ئىبارەت.

ھايات ۋە ھاياتچىلىق ، ئالەم ۋە ئادەم، ئادەم ۋە تەبىئەت،ھەرىكەت ۋە بەرىكەت، مىللەت ۋە مەدەنيەت، ئېتىقاد ۋە سىياسى ، ئاۋام ۋە ھۈكۈمەت ،پەن ۋە تۇرمۇش، ئىستىتىكا ۋە سەنئەت ، يازغۇچى ۋە ئۇقۇرمەن، جەمىئەت ۋە مەكتەپ،... ۋەھاكازا . بىر قاتار سۆزلەرنى تىزسام بەلكىم ،بۇنى كۆرگەنلەر تازا قايىل بولماسلىقى ئىنىق.  بۇ قانداق تىپ ؟ يەنى قوشما سۆزمۇ ياكى قارىمۇ-قارىشى ؟- قارايدىغان بولساق بەزى سۆزلەر قوشما ، بەزى سۆزلەرئويدۇرما . ئەمما قارىمۇ-قارشى مەنىلىك ئىختىرا يوق . لىكىن بىزنى شۇنچىلىك قىزىقتۇرۋاتقان ھەرخىل ئېيتىملاردا ،ئىنتايىن رۇشەن بىرخىل مەنە شەكىللەندى. يەنى شەخىىس ئۈزىنى سۈيۈشنى چۈشەندىيۇ، ئۈزىنى ھەقىقى سۈيۈپ باقمىدى. بەزىلەردە شەكىللەنگەن -مۇھەببەتتە ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان يەنە بىرخىل مۇدىھىشلىق -سىڭدۈرمىچىلىك بىخىلىنىپ چىقتى . يەنەبەزىلەر بىلىمگە خىيانەت قىلىشنىڭ ،ئەڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى ، قاراپ تۇرۇپ تاماششا قىلىپ ، بەھۇزۇر ياشارۋىرىدىغان ياشاش مۇھىتى كەشىپ قىلىپ ،مەۋھۇم بەخىتنى، ئويغاق تۇرۇپ چۈشەپ -ھاياجان مەھەللىسىىگە تۇپى بىلەن يول ئالدى. بۇلاردا قەدىرسىزقالغىنى شۇ بولدىكى -دەل ئۈزىنىڭ ئادىمى قەدىر قىممىتى بولغان ، ئەقىل تاجىسى بىلەن تەپەككۇر زۇننارى بولدى.

بۇنداق بىر پۈتۈن ھەممە ھادىسىگە مەندەك بىر ھىرىسمەننىڭ، چەكلىك سەۋىيىسى مۇئامىلە قىلىش - ئاغىزىنى ئازىراق تاتلىق قىلىش باراۋىرى بۇلۇپ، قۇرساق تويمايدۇ. ئەمما شۇنداق بۇلىدۇ دەپلا مەن ھەممىنى تۇيغۇزۇش مەسئۇلىيتىنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قۇيۇپ، بىزىرىپ ئولتۇرۋەرسەم ياكى قالايمىقان  سۆزلەرۋەرسەم ، ئورۇنىشلىرىمنىڭ نېمە ئەھمىيتى بولسۇن. مەن بەلكى شۇ دات باسقان ئاغىزىنى نەملەيدىغان ، ئاچقان قۇرسىقىنى تۇيغۇزۇش ئىمكانىيتىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدۇرىدىغان بىر ھىسىسى خىيال بۇلالىسام خېلى تەسكىن تاپقان بۇلىمەن.ئىلىملىك كىشىلەر ئادەتتە تىمىغا كىرگەندە ناھايتى تەبىئى،يىقىشلىق كىرەلەيدۇ. بىراق مەندەك ھىرىسمەنلەر بولسا بۇنىڭدىن مۇستەسنا ،ئىككىلىنىش، تەمتىرەش، سەۋىيەسىزلىكنىڭ بۇلىشى تەبىئى .  مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئۈزۈمگە تەسەللى بىرىپ، يۈرۈرۋەرسەم ئەڭ ئېچىنىشلىق خىيانەتكارلىق مىنىڭ بۇلىدىكەن، <تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر ، تاپمىغىنى بىر پىياز> دىگەن تەۋەرۈك بۇيىنچەئۇرىنىپ كۈرەي، بۇ ئۇرىنىشلىرىم  مۇنبەردىكى بىلىملىك ئەزىزلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە ئورنىنى تاپار ياكى توزغاقتەك تۇزار.

ئۇقۇمنىڭ شەكىللىنىشى

يېزىق تەسۋېرى بىلەن ئەقلى پىكىرىيەت بىردەكلەشكەندە، قەغەز، قەلەم يوق ئىدى. ئەڭ ئاۋۋال ئادەم ئېڭى ، ئەقلى شەكىللەنگەن بولسا ، ئۇنىڭدىن  خېلى زامانلاردىن كىيىن ئىپادىۋى تۈس شەكىللەنگەن. بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ ،تاش ،تارشا، تىرە، تاخىتىلارغا ،ھەرخىل ئىپادىلەردە خاتىرلەنگەندىن كىيىن ، بۇلارتوپلىشىپ كىيىنكى ئىختىرا قەغەز ،قەلەم دىگەن سىپتا كەشپىياتلارنى يارىتىشقا سەۋەب بولغان. دۇنيادا بىرىنجى بۇلۇپ تۇنجى ھەرىپنى تاش ياكى لايغا ئويغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى مەن بىلمەيمەن. مىنڭ نەزىرىمدە دەل شۇ كىشى دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى يازغۇچى بۇلۇپ، سۆز مەنىسىدىن يازغۇچى مەنىسىنى خاتىرلىگۈچى دىگەن ئۇقۇمغا يىقىنلاشتۇرغاندەك مەنە بىرىمىز. لىكىن بۇنداق چۈشىنىلسە سەل مۇۋاپىق بولمايدۇ. يازغۇچى تۇنجى قېتىممۇشۇ خاتىرلەش دىگەن ، مەنىدىن شەكىللىنىپ ھازىرقى زاماندىكى يازغۇچى، خەلق يازغۇچىسى، دۇنياۋى يازغۇچى، ئىستىداتلىق يازغۇچى ، ئەدىب، مۇتەپەككۇر ،تەتىقاتچى ، ئالىم دىگەن مەشھۇر ناملارنىڭ شەكىلىنىشىگە سەۋەب بولغان . ئەلۋەتتە بۇ چۈشەنچىنىڭ ھەقىقەتكەۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى سىزىپ تۇرۇپتىمەن. ھەقىقەت ئىزدەش مەسىلىسىنى مەن يەنىلامۇھاكىمىنىڭ سىرىتىدا قالدۇرماقچىمەن. تۇنجى ساۋادىم چىقىپ ( ئېلىپبە ) ھەرىپىنى ئۇقۇغان ۋاقتىمدا ،ھازىرقىدەك بىر نىمىلەرنى جىجىلاشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم .مەنلا ئەمەس ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۆزگە كۈرۈنگەن ھەممە مەشھۇر ،داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ كۈپىنچىسىمۇ شۇنداق ئويدا بۇلىشى تەبىئى . ئىنساننىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۈگنىدىغىنى مىنىڭچەيەنىلا يېزىش  ، ئۇقۇش ئەمەستۇر ، پەقەت يىيىش،سۆزلەش ۋە ھەرىكەتلىنىش  بۇ دۇنيادىكى ھەممەقوۋىم ۋە پۈتۈن ئىنساننىڭ تۇنجى ئۈگنىشى . يازغۇچىلىقمۇ بەلكىم تۇنجى ئۈگىنىش بولغان يېزىق ساۋادى بىلەنلا ئەمەس بەلكى بىلىش ساۋادىمۇ بىلەن باشلىنىدۇ . بىلىشكەئەھمىيەت بەرگەندە -بىلىۋىلىشنى ، بىلدۈرۋىلىشنى ئۈگىنىش مۇمكىن. ئۇيغۇر جەمىيىتىدەمەن شاھىت بولغان يىقىنى بىر قانچە ئون يىلدا دەل مۇشۇ خىل بىلىۋىلىشنى ئىزدەپ ،بىلدۈرىۋاتقان ، ئاققا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان قەلەم ساھىبلىرىمىز(يازغۇچىلار) نى كۆپلەپ ئۇچىراتتىم . مانا مەن بۇ ساۋادلىق بۇلۇشۇمدا كۆرگەن ئەڭ چوڭ پايدا. ئۈزۈم قىزىققان ، ياقتۇرىدىغان ھەم قىزىقمايدىغان ،ياقتۇرمايدىغان ، شەيئى ھادىسە ، ئېيتىم،ئۇقۇم، چۈشەنچە، قاراش، پىكىرىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلگۈم كىلىدىغان  كۆنگەن كونا كېسلىم  يەنە قوزغىلىپ ، يازغۇچىنىڭ نىمە مەنابىردىغىنىنى ، نىمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى، قانداق ئۇرۇندا ئىكەنلىكىنى ، ئۇيغۇرجەمىيتىنىڭ ئۈزۈم چۈشەنگەن دائىرىسىدىن كۈزىتىپ چىقماقچى.

يازغۇچىنىڭ مەنىسى نىمە ؟

يازغۇچىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مەن كۆپ كۈچىدىم ،لىكىن مەن ئىرىشكەن جاۋاب كۈچەشتە ئەمەس، بىلىش تەسەۋۇرىنىڭ مول بۇلىشىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . يازغۇچى ئاددى مەنىدە بىر ئىنسان، ئۇنىڭ پەرىقى شۇ يەردىكى ئۇ ئۈزىنىڭ ئىنسانى سۈپىتىنى ئاددى بولغان ئۇقۇم مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى تەپەككۇر قىممىتىدىكى ئىزدىنىشىدە ئىپادىلەيدىغان ئەمگەك ئەھلى بولغانلىقى بىلەن ئورنىنى تاپقان.

سۇئال شەكىلدە باشلىغان ئويلىنىشىمىزدا شۇنچىلىك غۇبارسىز بىر نىيەتنى قەلبىمىزگە پۈككىنىمىز بىلەن ئېرىىشىدىغىنىمىز ئويلىمىغان نەتىجەئىدى. يازغۇچى سۆزى ئۇمۇمى مەنىدىكى سۆز بۇلۇپ -ئۇنىڭ ئىچىدە ،ئالىم، ئۆلىما ، پەيلاسوپ،ئەدىب، شائېر ، تەتىقاتچى، تارىخشۇناس، ماتىماتىك، فىزىك، خېمىك، جەمىئەتشۇناس،ئىقتىسادشۇناس، مائارىپشۇناس، تەنقىدچى، ئوبىزورچى، مۇخبىر، قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تۈرلەر بۇلۇپ، بۇ قەلەم تەۋرەتكەن -قەلەم ساھىبىنىڭ ئەمىليىتى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئەقەللى ئۇقۇم مەسىلىسى ئىدى. بۇنى چۈشەنگۈچىلەر ئايرىيدىغان مەسىلە بولماستىن بەلكى ئىجادى ئەمگەكنىڭ خارەكتىرى بەلگىلەيدىغان قىممەتنىڭ مىۋىسى بەلگىلەيدىغان ئەقلى ھۇسۇل ئىكەنلىكى ئېنىق. ھەر قانداق مىللەتنىڭ ، قوۋىمنىڭ ، سىياسى گەۋدىنىڭ، ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان دۇنياۋى ئېقىمنىڭ ئېھىتىياجىدا چۇقۇم يۇقارقى شەرىتلەرنى قانائەتلەندۈرىدىغان خۇرۇچلار بار. بۇ خۇرۇچلارنى يەنىلا شۇ تىنىمىسىز ئەمگەككە يۈزلەنگەن،ئىستىمال مەنىمىزدىكى  (يازغۇچى ) ئەمىلى پاكىت بىلەن روياپقا چىقىرىدۇ. مىنى ھەيرەتتە قالدۇردىغىنى دەل خەلىقىمىزنىڭ مۇشۇ خىل ئاددى بولغان ئەقەللى ئۇقۇم مەسىلسىنىمۇ  توغرا ئاڭقىرالمايدىغان قىسمەن ئاڭقاۋلىقى بۇلۇپ،بۇنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە ، ئۈن-تىنسىز ئەقلى دارامەتنى يىغىش ئۈچۈن ھەقىقى تىرىشىۋاتقان مۇبارەك نامدىكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مىھنەتسىزلىكى بىلەن خەلقىمنىڭ بۇمىھنەتتىن ئېچىنىشلىق ھالەتتىكى يالتىيىشىدىن ئىبارەت ،تەتۈر نىسبىيلىكى قاچانغىچەداۋاملىشار دىگەن ؟، باشقىچە سۇئالدىكى تەپەككۇر ئازابىنىڭ قىينىشى باشقدىن ئۈرتىنەتتى.بىز يەنە كۈنۈپ كەتكەن مۇنداق بىر ئەقلى ھۆكۈمىمىز بۇلۇپ، كىتاب بىلىم بۇلىقى ، ئۇنداقتا كىتاب قانداق پەيدا بولغان؟ بۇلاق مەنبەسى كىم ؟ سۇئالارنى تالاي سۇراپ قاقشىغىنىم  ۋە ماختىغىنىم يەنىلا تەسىر ئۇقۇمىنى تاپالىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مەزكۇر تىمىدىكى يازغۇچىنىڭ مەنىسى نىمە ؟ دىگەن سۇئالىمغا ئاددىيلا جاۋاب بىرىىش بىلەن توختىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. يازغۇچى دىمەك-ئىنساننىڭ 1بىلىش ساۋاتسىزلىقىنى ،يېزىش ساۋادى بىلەن ئەقىل تەلىمىدە چىقىرىدىغان ئۇستاز دىمەكتۇر.ئۇنداقتا بۇ ئۇستازنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئورنىنى مىنىڭ كۈزىتىشىمدە چۈشىنىپ باقايلى .

ئۇيغۇر جەمىيتىدە يازغۇچىلارنىڭ ئورنى

ھەر قانداق ئىنسان ، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتتە -مۇئەييەن ئورۇنغا مۇناسىپ بۇلىدۇ، بۇ ئورۇننىڭ قىممىتىنى بىكىتىپ مۇئامىلە قىلىش ، شۇ جەمىئەتتىكى پۈتۈن خەلقنىڭ بىلىش سەۋىيەسى بىلەن تەقسىملىنىدۇ. بۇنى قانداقتۇر بىرەر يەككە شەخىس چىقىپلا ئۆزگەرتىپ يوق قىلىپ تازلىيالمايدۇ . ئەكسىنچە ئۆز ئالدىغا بار قىلالمايدۇ.ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان، سىياسى مۇناسىۋەت،ئىقتىسادى مۇناسىۋەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت ، كوللىكتىپ مۇناسىۋەت ،جۈملىدىن ئىجتىمائى مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت ،ياشاش مۇناسىۋىتىدىكى زەنجىر مەۋجۇد. مۇشۇ زەنجىردە ھەممە ئىنسان ئۆزىنىڭ ياشاشتىن ئىبارەت ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئورنىنى تېپىپ مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇرۇن شۇنداق بىرخىل ئۇرۇنكى بىر پۈتۈن توپتىكى ئۇمۇمى كەيپىيات ئۇرۇننىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن بۇ توپتا كوللىكتىپ ئىچىدىكى مۇدىھىشلىق، ياخشىلىق، ئىززەت ، خورلۇق ، مۇشەققەت، بەخىت ، قىممەت، قاتارلىق مۇھىم بۆلۈنمىلەرتەقسىملىنىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇر جەمىيتى بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزغا قانداق ئۇرۇننى بۆلۈپ بەردى؟

مەن ئۇيغۇر ئەقىل ئەمگەكچىلىرىدىن ،يىقىنقى دەۋىرىدىكى100يىل مابەينىدىكى - ئابدۇقادىر دامۇللا ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ،خوجا نەزەر ئابدۇسەمەتوف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،سەيپىدىن ئەزىزى،زۇنۇن قادىر،تىيىپجان ئېلىيىۋ، ھاجى ئىمىن تۇرسۇن،مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجى ،ئىسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى،رۇزى سايىت، ئابدۇقادېر جالالىدىن، ئىمىن ئەخمىدى، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس، زوردۇن سابىر، جالالىدىن بەھرام، پەرھات جىلان، ئازات سۇلتان، نۇرمۇھەممەتتوختى ،ئابدۇكېرىم راخمان، ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانى ،مۇھەممەت پۇلات،مەمتىمىن ھۇشۇر، ھاجى نۇر ھاجى ، خېۋىر تۈمۈر،مۇھەممەت باغراش، ئەختەم ئۈمەر،پەرھات ئېلياس، يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق، يالقۇن رۇزى،ئابدۇرېشىت جىلىل قارلۇق،ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئان، غەيرەت ئوسمان بىلىكيار،غۇجى مۇھەممەت، تاھېر ھامۇت، ئادىل تۇنىياز،يالقۇن رۇزى، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن، ئاتاقلىق ژورنالىسىتلىرىمىزدىن قۇربان مامۇت،رىسالەت مۇھەممەت، ئەبەيدۇللا ئېبىراھىم، تۇرغۇن يىلتىز، يىتىلىۋاتقان ياشلىرىمىزدىن، ئابدۇۋاھىت مەتنىياز ئەمىن،زۇلپىقار بارات ئۆز باش، ئابدۇرېھىم دۆلەت، ئابدۇقادىرئابدۇللا، نۇرمۇھەممەت ئۈمەر ئۇچقۇن ،ئايال يازغۇچىلىرىمىزدىن خالىدە ئىسرائىل، ئايتۈرىك ۋە شۇنىڭغا يانداشقان ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن ئالىم سۈپەت ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلىشى ئاز بولسىمۇ مەخسۇس پەن-تەتىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەركىن سېدىق، ئابباس بورھان ، مەدىنە ئابلىز،ھۇشۇر ئىسلام، قاتارلىق قەدىرلىك كىشىلىرىمىزنى تۇنۇيمەن. ئەمدى بۇلار نىمىشقا مەندەك بىر ئاددى ھىرىسمەن تىلىدا ئېيتىلىدۇيۇ ، لىكىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ئەزىز كىشىلەرگەئايرىپ بەرگەن مەنىۋى نۇپۇزى ئاتاقتا دەبدەبىدەك بولسىمۇ ، ئەمىلى بولغان بىر پۈتۈن ئاڭلىق ھالەتتىكى قەدىر قىممىتىنى قىلىدىغان ھەقىقى نۇپۇزىنى ئويلاشمايدۇ.

بۇنىڭ ئىپادىلىرى

1- بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن يۇقارقىدەك ھۆرمەت ساھىبلىرى پەقەت مۇشۇنى چۈشەنگەن بىر پۈتۈن جەمىئەتتىكى 20 پىرسەنىت زىيالىيلىرىمىز قەلبىدە مەۋجۇد بۇلۇپ، ئاددىيسى ساۋاتلىق قارىلىۋاتقان كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ناتۇنۇش ، ئاددىيسى بۇ قەلەم ساھىبلىرىمىزنى ، ھازىر يىتىلىۋاتقان ياشلىرىمىز چەتئەلدىن پەيدا بولغان ئاتالمىش باجالار گوروھى دەپ ئاتالغان گۇرۇپىدىكى  ئوڭ تەتۈر ناخشا ئىيتىدىغان جاھانگىرىنى تۇنۇغانچىلىك تۇنۇمايدۇ ، ئىرەن قىلمايدۇ، بىلمەيدۇ. مىنى تېخىمۇ ئويلىنىشقا سالىدىغىنى ھىندىستاننىڭ ناخشلىرىنى ساراڭدەك توۋلاپ بەرسە ھەدەپ بازارغا سېلىپ پۇل تىپىشقا كۆز تىكىۋاتقان مەدىنيەت بازىرىدىكى قوڭالتاق ئۈن-سىن سودىگەرلىرى يۇقارقىلارنىڭ نادىرئەسەرلىرىنى مۇۋاپىق تەشۋىق قىلىشنى ئويلاشمايدۇ.

2- بىزنىڭ جەمىيتىمىزدە خەت ساۋاتسىزلىقىدىن ، بىلىش ساۋاتسىزلىقى،ۋىجدان ساۋاتسىزلىقى، تەپەككۇر ساۋاتسىزلىقى ئىنتايىن ئېغىر . ھازىر مەكتەپلىرىمىز9 يىل مەجبۇرى ئۇقۇتۇپ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە خەت ساۋادىنى چىقارغىنى بىلەن تەپەككۇر ساۋادىنىڭ كۆپلىگەن ھەرىپلىرىنى پەقەت ئۆتمەيدۇ، نەتىجىدە بۇ ياشلىرىمىز قانداق جەمىئيەت ئادەملىرىنى شەكىللەندۈردى ؟ دىيىلسە كۈزى ئۇچۇق قارىغۇ پىكىرىيەتلىك ئەۋلاتلىرىمىزنى يىتىشتۈردى، دەل مۇشۇنداقلار ئىلىم ئەھلىنىڭ نۇپۇزىغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىپ، بىر پۈتۈن جەمئيەتنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلماسلىققا ئاساس بۇلۇپ بەردى.

3- كىتابقا تۇتۇلغان ناباب پۇزىتسىيە ، ئوتقا ياغ چاچقاندەك يامىراپ ، ماشىنا ،تېلىفۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەڭ قىزىقارلىق تىمىغا، جان جەھلى بىلەن كۈرەش قىلىدىغان نىشانغا ئايلاندى، بۇلۇپمۇ بىر ھەيدەيدىغان ماشىنىسى بولسابۇ دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئادەمگە ئايلىنىدىغان ساماۋى چۈش ئەزۋەيلەپ كەتكەن ، پەرزەنىتلىرىمىزدە، كاللا ئاچىدىغان ماشىنا كىتاب ۋە ئالىملار سۈزى ئەھمىيەتسىز سانىلىپ  ، سېسىق پەللەك بىلەن، بەدەن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان تۈمۈر ماشىنىنىڭ غىمى ئەڭ يىتۈك غايىگە ئايلاندى. بۇنداق غايە  يامىراپ ئەڭ ئاخىرىدا ئەقلى ئەمگەك كۇرىسىنى بىر تىيىنچىلىك قىممەتسىز ئۇرۇنغا ئىتتىرۋاتىدۇ. مەن شۇنداق كەسكىن ئېيتىپ قۇيايكى نادانلارنىڭ قەلبىدە ھامان ، ئەخلەت ،تەستەك، بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئېرىشدىغىنىمۇيەنىلا ئەخلەت ۋە تەستەك بۇلىدۇ.بۇنداق ئادەملەر قانداقمۇ ئەقىل ساھابىنىڭ نۇپۇزىنى كۈرەلىسۇن.

4- تۇرمۇش غىمى ، ھاياتلىق غېمى كاللىنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرۈپ ،ئىلىمغا يىقىنلىشىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تاينىدىغان قىلىپ يىتىشتۈرسە بۇلاتتى، تۇلىمۇ ئەپسۇس بىزنىڭ جەمىيتىمىز بۇ ئىشتا تەتۈر تاناسىبلىق خۇسۇسيەتنى ئىپادە قىلدى. بۇ خىل ماددىۋى جاپا بىزنىڭ ئەقىل مىڭىمىزنى قۇرىت يىگەندەك يەپ بىكار قىلىپ تاشلىدى. بۇيەردە بىز ئىلىم قەھەتچىلىكىگە يۈز تۇتتۇق. ئىلىم ئەھلى بىردەك قارشى ئېلىنمايدىغان، بىكار گەپ قىلىدىغان ئادەملەر بۇلۇپ تەشۋىق قىلىنىپ زاڭلىق ئىتىلىدىغان ناچارئىجـتىمائى ھادىسە ھەم مەۋجۇد.

5- ئىقتىساد مۇھىم . بىراق ئۇنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۈپەيتىسىز؟مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەسىلە ئۆزۈم سېتىۋالغان 100يۈئەن قىممىتىدىكى تۆت كىتابنى كۆرگەن خىزمەتدىشىمنىڭ مىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىشى بۇلۇپ، كىتابنىمۇ ئاتايىن پۇلغا سېتۋىلىپ كۈرەمدۇ ؟ مۇئاش ئاز تۇرسا ، تازا ئەخمىقانە ئىش قىلىپسىلەر. دەپ خىېخىراپ كۈلۈشى بۇلۇپ ، ھېچقاچان كەلمىگەن غەزىپىم قايناپ زەردە بىلەن قايتۇرغان ئاھانىتىم تا ھازىرغىچە كۆڭلۈمدىن چىقمايدۇ. توۋۋا بىر مائارىپ خىزمەتچىسى كىتابقامۇنداق مۇئامىلە تۇتسا بۇ ئادەملىرىمىز قانداق تۇنۇلىدۇ. ئۇ تەربىليىلىگەن ئۇقۇغۇچى قانداق يىتىلىدۇ. سىزنىڭچە ئالىملار يازغۇچىلار كىتاب يېىزىپ ئۈزى كۆرسە بۇلىدىكەندە،ئۇلار بىكارچىكەندە ،پەقەت سىزنىڭ بىر قانچە يۈئەن پۇلىڭىزلا راسىتكەندە. ئىسىت شۇچوڭ بىلگەن پۇلىڭىز. ئىلىم ئالدىدا نىمانچە بىچارە.

6-زىيالىيلار مۇنازىرىسى، ئىلمى دىئالۇگى ، ھەمكارلىشىشى ،ئىزدىنىشى، تەپەككۇر قىلىشى، پىكىرىيەت ئۆلچىمى سەكىراتقا چۈشتى. نەتىجە رەھىمسىز. ئادەم ئويلىمىغان نەتىجىنىڭ يۈز بىرىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا ھەرىكەتلەنمەكتە.مەن ھىسياتلىنىپ كەتمىدىم . ئەنسىرمەڭكى سىز ئۆلمىدىڭىز، سىزساق ئوينىيالايسىز،نان يىيەلەيسىز ،  ئەمما سىز ھاياتىڭىزدانىمىگە ئىرىشمەكچى؟ دەل مۇشۇ ھەقىقەت نۇرغۇن ئەقلى تەپەككۇرنى ئاچىدىغان  تەپەككۇر ھاياتلىقىنى نادانلارچە ، بىكار تەلەتلىكتىن قىرغىن قىلىشىغا ئۇچىرىشىنى بەلگىلەيدۇ. مەن سىزگە ئېيتىپ قۇيايكى- ئەقلى ئۆلگەن ئادەممۇ ناھايتى نۇرمال ياشاۋىرىدۇ ، ئەمىليەتتە ئەتىراپىڭىزغا نەزەر سالسىڭىز ئۇلارئەقلىنىڭ جىنازىسىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ ماڭغان ھازىدارلار بۇلۇپ، كۈلۈپ، ماشىنا مىنىپ،تەلۋىلەرچە سەكرەپ ئوينىغىنى ھەقىقى مەنىدىكى ئۈزى ئەمەس. مۇشۇنداق شارائىتمۇ بىزنىڭ ئەقلىنىڭ ھاياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، ئەقلى -پىكىرى تىرەن ھاياتى كۈچكە ئىگەئەقىل ساھابى، قەلەم ساھابىنى چەتكە قاقماقتا.

7- ئىلىمگە بۇيۇنتاۋلىق قىلىش جەمىيتىمىزدىكى يەنە بىر ئېغىر كىسەل بۇلۇپ، بىر تەلۋە رەھبەر ئۆمىرىدە بىر پارچە كىتاب ئۇقۇپ بىقىش تارىخى بولمىغان ھالەتتە ،ناھايتى كۈرەڭ ھالەتتە ئىلىم بابىدىن سۆزلەپ كىتىدۇ. توۋۋا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ بېرىلگەن ھۇقۇق ئەمدى ساپ ئەقىل سەھنىسىنىمۇ بۇلغاشقا يىتىدىغان شارائىت شەكىللىنىپتۇ.بۇنداق شارائىتتا كىتابخۇمار ھەقىقى ئىلىم سەركىلىرىمىز يەنە قانداقمۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىدەئورنىنى توغرا تاپسۇن.

خاتىمە

قىسقىسى - جەمىيتىمىزنىڭ ئىلىمگە ، ئىلىم ئەھلىگە ،(يازغۇچى، زىيالى ، بىلگىن) تۇتقان پۇزىتسىيىسى تۇلىمۇ سۇغۇق. بۇ رۇشەن يۇقىتىش مەسىلىسى،نادانلىق يۇلى. مەن سىزگە ئالەمچە سۆزلەرنى دەپ بىرەر ئېغىر ئاپەتتىن بىشارەت بەرمىدىم.پەقەت ھازىرقى ئەمىليەتتە شەكىللىنىدىغان ئىلىم كورلۇقىمىزنىڭ ، ھىس قىلغان بىرقانچە تەرەپلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، قەلەمدار ئەزىزلىرىمىزنىڭ جەمىيەتتىكى بىر قەدەرتۈۋەن ئورنىنى كۆرسەتتىم. بۇنداق دىيىشىم ئۇلارغا ئىچ ئاغىرىتقىنىم ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگەئۇلار قاتتىق خاپىلىق تارتىپ ئەسەر يېزىپ پۇل تېپىشنى كۆزلىگەنلەرمۇ ئەمەس. ھەممەئادەمنىڭ رىزىق زۇۋلىسىنى ياراتقۇچى ئۆزى بېرىدۇ، مېنىڭ كۆزدە تۇتقۇنۇم ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن ئۇنداق ياتسىراتمايلى. قابىليىتىدىن پايدىلىنىپ بىلىم ئەھلىگە ئىللىق بولغان مەنىۋى مۇھىت يارىتىشقا تىرىشايلى. بۇ ئارقىلىق ھازىرقى بىر قەدەر تۈۋەن تۇرمۇش ھالتىمىزنى ئۇمۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىشكە تىرىشالىساق، ئۇلارمۇ ئاز-تۇلا بىزدىن مەمنۇنلۇق ھىس قىلىدۇ، بىلىۋالايلىكى يازغۇچى ھەرگىزمۇ بىكار قۇرۇق گەپ قىلىدىغانلاردىن ئەمەس.پەقەت ئەقىل كۈزىنى ئورتاق ئېچىشقا جارچىلىق قىلىشنى ئويلايدىغانلاردىن، ئەلۋەتتەئەمىليىتى بۇنىڭ سىرىتىدا بولغانلىرىنى ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن قەلەم ساھىبلىرىمىزغا ھۆرمەت بىلەن سالام يوللاش بىرگە ، قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن، ۋە پۈتۈن ئويلىنىش تۇرىۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىلىم بابىغا دادىل يۈزلىنىپ، مۇۋەپىقىيەت تۇلپارىنى جەسۇرلاچە مىنىشىگە تىلەكداشمەن.

مەنبە :

http://www.baykax.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6517

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 05:26 PM  


قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51026
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9848 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 04:24:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ھاللاردا،تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتلىم مېنى ھەر قانداق رېئال مەسىللەر توغۇرسىدا ئۈندەيتى.ئىنسانىيەت ئاسمىندا جۇلا نۇر چېچىپ تۇرغان،قاراڭغۇ زۇلمەتتىكى يۇلتۇزلار مېنى پىكىر قىلىش،ئۆز تەپەككۇرۇمنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىلھام،مەدەتلەرگە ئاپىرىدە قىلاتتى.ئىنسان گۈزەللىكىنىڭ ئاپىرىدىگاھى بولغان قەلب گۈزەللىكى كىشىنىڭ بەخت قۇياشىدا پەرۋاز قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر-مېھنەت تەرنىڭ ئېقىشى بولدىغانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم.كۆكتۇغ ئەپەندىم،مەن بىلىپ تۇراۇۋاتىمەن،سىز چوقۇم يازغۇچىلار مۇنبىردىكى بىر ئەزا،سۆزۈمنى قەيەردىن باشلاشنىمۇ بىلمەيمەن.كونىلاردا ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ دېگەن ھېكەتلىك دۇردانە سۆز بار،ئەلۋەتتە،بۇ تېمىڭىز چىقىپ،مەن  ئارقا بەتتە تۇنجى بوپ ئۇچراتتىم ھەمدە ئىككىلەنمەستىن بۇ تېمىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق تەستىقلىدىم.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن،مەن سىزنىڭ بۇ تېمىنى ئۇچۇق-ئاشكارە ھالدا بۇ مۇنبەرگە ئەكەلگەنلىكىڭىزدىن ھەم يوللىغانلىقىڭىزدىن كۆپ خۇرسەنمەن.شۇڭا،مەنمۇ ئۆز خاتالىقىمنى،ئېقىمغا ئەگىشىپ پىكىر قىلىپ،يازغۇچى ئاكىلىرىمىزغا قىپ قويغان خاپىلىقلار ئالدىدا سىلەردىن قانچىلىك كەچۈرۈم سورىساممۇ ئەرزىيدۇ.بەخت دەرگاھىدا ئىنسان ھەربىر كىشىگە مۇلايىملىق بىلەن قاراشنى،تەبەسسۇم چىرايى بىلەن قارشى تەرەپتىكى كىشىلەرنى خوشال قىلىش،ئۆز قېرىنداش،مىللەتداش،تەقدىرداش بولغان كىشىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش،ئۇلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداش،بۇغداينىڭ سامىنى،مېغىزنىڭ شاكىلى بولغانغا ئوخشاش،يازغۇچى ئاكىلىرىمىزنىڭ ئىنسان ئەپۇ قىلىۋاتقۇدەك بولغان بەزى نۇقسان-ئىللەتلىرى مېنىڭ ئېقىمغا ئەگىشىپ پىكىر قىلىش سەۋەبلىك كۆپىنچىڭلىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتتى.
دەرۋەقە،مەن باغداشقا سىز يۇقۇردا تىلغا ئېلىۋاتقان تېمىغا ئىنكاس يازدىم ھەم سەركە بوپ،مۇنبەردىكى ئەزالارنى ئازغاشتۇرۇپ،ئاغزىمغا كەلگەننى سۆزلىدىم،چوڭ گەپلەرنى قىلدىم،ئۆزۈم قىلغان خاتالىقنى ئۆز بوينۇمغا ئالىمەن.يەنە مەن بىر ئۆيدىكى ئىچكى گەپلەرنى يەنە بىر ئۆيگە سۆرەپ چىقىپ،ئىنسان تەبىئىتىدە ئاز كۆرۈلىدىغان ناچار قىلمىشنى سادىر قىلدىم ھەم باغداشتىكى شۇ تېمىدا باشچى بولۇپ،قالايمىقان پىكىرلەرنى سۆزلەپ،جۆيلۈپ يۈردۈم،يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى نۇرغۇن ئاكا-ھەدىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتتىم،دۇنيادا ئازماس ئىنسان يوق،لېكىن،مەندەك ئازىدىغان ئىنسان كەم كۆرۈلىدۇ دەپ قارايمەن.
شۇ تېما ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن،مەن بۇرۇن شۇ مۇنبەردە يازغان ئىنكاسلىرىمغا ئۆكۈندۈم،پۇشايمەن قىلدىم،ئەپسۇس،بۇنى دېيىشكە پۇرسەت بولمىدى،ئىنسان دېگەن يۈزى قېلىن بولدىغان نېمىكەن،ئاشۇنداق قالايمىقان جۆيلۈشلەرنى،كەمسىتىش تۇيغۇسى ئالغان ئىنكاسلارنى يازغىنىمدىن كۆپ ئۆكۈندۈم،بەندىچىلىكتە،بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت كالىندارىغا تەۋە بولسىمۇ،لېكىن،كۆڭۈل ئاغرىقى ئاسان ئۇنتۇلمايدۇ.سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجىلمەن،ھازىر نېمە دېيىشنىمۇ،قانداق كەچۈرۈم سوراشقىمۇ ئامال قىلالمىدىم،بۇ مېنىڭ ھاياتلىق سەپىرىمدا ئۇچراۋاتقان بىر ئېغىر مۈشكۈلاتلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك.
يازغۇچى-شائىرلار مىللەتنىڭ مۇھىم ئادەملىرى،ئەسلى،بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ،قەدرىنى قىلساق بولاتتى،شەخسەن ئۆزۈم ئۇ تېمىلاردا قالايمىقان بىلجىرلىدىم،ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ يازغۇچى-شائىر ئاكىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم،مېنىڭ كۆرۈۋاتقان كۆزۈم،جاھاننامە ئەينىكىدىن چىقىۋاتقان بۇ تېمىدىكى سۆزلەر ئۈچۈن مەن شاھىد،ئۆز خاتالىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن.ئىنسان كۆپ ھاللاردا تەسەۋۇر،تۇرمۇش ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھېسىياتقا تايىنىپ پىكىر قىلىش خاھىشى،ئېقىمغا ئەگىشىپ قارغۇلارچە جۆيلۈش ئادەمنىڭ ئوبرازىنى يىرگىندىغان،قولىدىن ھەربالا كېلىدىغان قىلىپ قويىدۇ.مەن بۇ تېمىدىكى شۇنداق شەخس بوپ قالغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن.
يازغۇچى-شائىرلارنى بىز قەدىرلەشنى،ئۇلارنى سۆيۈشنى،ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ،ئىلھام ئېلىشنى بىلىشىمىز كېرەك ئىدى،ئەلۋەتتە،بۇنى كۆپ كىشى ئۇقىدۇ،لېكىن،جەمىيەت رىقابىتىدە مەندەك تەمتىرەپ قالغان،مەۋھۇم دۇنيادىكى قىسقا كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ،ئۆز خاھىشلىرىم بويىنچە توردا ۋالاقلاپ سۆزلىگىنىم ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ ھەم قارشى تەرەپىتىكى كىشىنى غەزەپلەندۈرۈش،ئاداۋەت بوپ قېلىش ئىشلىرىنى شەكىللەندۈرۈش مۇمكىن.
مەن كۆپ ۋاقىت بولدى،بۇ ئىشلار توغۇرسىدا ئويلىنىپ يۈرگىلى،ئۆزۈمنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي،بىرەر ئىشنىمۇ قىلىپ باقماي،مىللىتىم ئۈچۈن سەمەرىلىك ئىلمىي ئەمگەكتىن بىرنىمۇ قىپ باقماي،ئاشۇ جاپاكەش،تۇرمۇش،بالىنى تاشلاپ قويۇپ ،يىراققا سەپەرگە ئاتلانغان يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنى ئەڭ قەبىھ ئۇسۇلدا تىللاش ئارقىلىق ئىنكاس يازدىم.بۇ قېتىمقى خاتالىقنى تۈزىتىش،باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى خاپا قىلغان دىل يارىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت،مۇساپە كېتىش مۇمكىن ھەم يازغۇچى ئاكا-ھەدىلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئوبرازى بويىنچە قارىشى مۇمكىن بولماسلىقىمۇ مۇمكىن،لېكىن،ئىنسان ھامان تىرىشىپ باقمىسا بولمايدۇ،ئۆز خاتلىقىنى تۇنۇپ،قارغۇلارچە ئېقىمغا ئەگىشىپ ئۆتكۈزگە خاتالىقىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشى ھەم نۇرغۇن بەدەل تۆلىسىمۇ،تىرىشىپ بېقىش كېرەك.مەن ئۆز خاتالىقىمنى تۈزىتىش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىمەن.
كۆڭلۈمدە دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى،لېكىن،مەن ھەممىنى دەپ بولالمايمەن،چۈنكى،مەن قارشى ئېقىمدا پىكىر قىلغۇچى ،نارازىلىق ئىنكاس يېزىش ساھىبى بولغانلىقىم ئۈچۈن،يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قايتا،يېڭدىن يول تۇتمىسام بولمايدۇ.
مەن ئايرىم ،يۇشۇرۇن كەچۈرۈم سوراشنى راۋا تاپمىدىم،كۆكتۇغ ئەپەندىمنىڭ ئۇشبۇ تېمىسى مۇنبەرگە يوللانغاندىن كېيىن،1-قەۋەت ئىنكاسنى مونۇپۇل قىلىۋىلىپ،كۆڭلۈمدە دېيەلمەيۋاتقان،يۈزۈمنى قېلىن قىپ بولسىمۇ،يەنە پۇرسەت كەلدى دەپ بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
يول ئۇ ئۇزاق بىر دەۋرنىڭ ئەينىكى ئىكەنلىكىنى،ئۇ يولنى بۆسۈش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇشەقەتلىك جاپالارنىڭ بولدىغانلىقىنى ھەقىقىي تۇنۇپ يەتتىم،مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن،مىسرانىم مۇنبىرىدە تۇرۇپ،يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلاردىن،يازغۇچى-شائىر ئاكا-ھەدىلىرىمىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.
يازغۇچىلارنىڭ كۆڭلى ئاسمەندەك كەڭ،ئالەمدەك پايانى يوق،ئۇلار مېنىڭ ئاشۇ بەندىچىكتە قىپ يۈرگەن چوڭ گۇناھىمنى ئەپۇ قىلىۋاتقان بولسا،تولىمۇ خوش بولغان بولاتتىم.ئۆزلۈك ئەينىكى-مېنى مۇشۇ يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان قايتا تۇنۇتتى.ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسەت نۇرى چاقناپ تۇردىغان بىرخىل قۇدرەتلىك كۈچ مېنى بۇ چوڭ سورۇندا كەچۈرۈم سوراشقا ئۈندىدى.كۆكتۇغ ئەپەندى،ئەگەر قۇبۇل كۆرسىڭىز،مېنىڭ نۇقسان-ئىللىتىمدىكى بۇ ناچار خاھىش توغۇرلۇق قانچىلىك تىللىسىڭىز مەن رازى،مۇمكىن بولسا،بۇ ئىنكاسىمنى يازغۇچىلار مۇنبىردىكى ئاكا-ھەدىلىرىمىزگە يەتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتتار بولاتتىم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
بۇندىن كېيىنكى قىممەت قارىشىم ئۆزگەردى،مەن چوقۇم بۇرۇنقى ئۆزۈمدە بار رەزگى-ئىللەتنى تۈزىتىش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 09:08 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hokumran + 300 بالا كىچىك، ئىشتان پو.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 954
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11328
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1102 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 04:43:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتىمدە يېقىندا كۆپىيىپتۇ كۆپ كۆرەلمەس ،
ھەقنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سۆزلىيەلمەس كۆرەلمەس .
قىلسا بىراۋ ھەق گەپنى ئۇرا كولار كۆرەلمەس ،
ماختاپ قۇيۇپ ئالدىدا غەيۋەت قىلۇر كۆرەلمەس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 05:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتچىلىرىڭنىڭ مۇنچىۋىلا داۋراڭلىرىدىن ئۈمۈتسىزلەنمە، ساڭا ھەۋەس قىلغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قۇدرىتى ئۇلارنى ئالاقىزادە قىلۋەتكەن. ھەسەت سايىسىنى چۈشۈرۇپ تۇرغان نەرسە ھەۋەس- ھۆرمەتنىڭ شولىسى!
بىزنىڭ يازغۇچىلار قوشۇنىمىز سان ۋە سۇپەت جەھەتتە ئىلگىركىدىن خىلىلا ياخشىلاندى، سۇپەتلىك مول ھۇسۇللۇق يازغۇچىلارنى قوللىشىمىز كىرەك.
يازغۇچىلىق تونىغا ئورنىۋىلىپ خەلىقنى ئالداپ ئەخلەت ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ نام-ئاتاق قازىنىمەن دەيدىغانلارنى خەلىق ھەرگىز كەچىرمەيدۇ.

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75313
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2012-2-10
ئاخىرقى: 2012-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 05:04:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ دۇنياغاتونىلىشىنى ئۈمۈدقىلىمەن

خام_خىيالچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45697
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6562 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 05:52:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يازغۇچى-سەنئەتكارلار ئەل-ئاۋام ئارىسىدىكى  ئەڭ سەگەك تەپەككۇر، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ئەقىل-پەزىلەت ئىگىلىرى. ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ روشەن ئەينىكى، ئۆز خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىكى نىدالىرىنى ۋاقتىدا جانلىق ئىپادە قىلىپ، خەلقنى توغرا جامائەت پىكرى يۈلۈنۈشى بويىچە ئالغا يېتەكلەپ ماڭغۇچى پەخىرلىك ئەل ئوغلانلىرى. شۇڭا ئۇلار ھەققىدە تۈرلۈك پىتنە-پاسات تارىتىش-پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ ئىشى ئەمەس!
  مەن قەلەم ساھىبىلىرىغا شۇنداق تەسەللىي بېرىمەنكى، ئىت قاۋىمىسا، ئىشەك ھاڭرىمىسا، پاقا كۇكىرىمىسا بېشى ئاغرىغاندەك ئەنە شۇنداق ھەسەتخورلار ئەقىل-پاراسەت ئىگىلىرى بولغان قەلەمكەشلەر ھەققىدە ئاز-تولا  كاسىلدىۋالمىسا، بەلكىم ھەسەتتىن جان تالىشىشى مۇمكىن. قاۋىغان ئىتمۇ ھامان بىر كۈن كاكىراپ توختايدۇ. ئىت بىلەن تەڭ بولغان نەدە بار!؟ ئۇنداقلارغا پەقەت سۈكۈت بىلەن مەسخىرىلىك كۈلكىلا كېرەك.....

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9121
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7003 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 07:25:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى بايا مەن بايقاش مۇنبىرىگە يوللىغانتىم . مىسرانىمغا يۆتكەلگەندە ئەسلى ئاپتورى ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ .
ئەسلى يازما ئاپتورى - قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى پەرھات مۇھەممەتئىمىن .
http://www.baykax.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6517#lastpost
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باياۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 07:26 PM  


كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

قاراڭغۇدىن زارل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8253
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باياۋان يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 07:25 PM
بۇ تېمىنى بايا مەن بايقاش مۇنبىرىگە يوللىغانتىم . مىسر ...

ئىنىم  پەقەت سۆز  بېشىدىن باشقىسىنى سىزنىڭ  ئىسمىڭىز  بىلەن  يوللىدىم  قاراپ  بېقىڭ  ،يازمىڭىزغا  رەھمەت

قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

قاراڭغۇدىن زارل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8253
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 04:24 PM
كۆپ ھاللاردا،تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتلىم مېنى ھەر قان ...

ئىنىم  مارشال  ،ئەگەر ئەدىپلەردە   يىتەرسىزلىك...لەر  بار  دەپ   قارىغاندىمۇ   ئەسلىدىن  كىسەلنى  تىللاش  بىلەن  ساقايتقىلى  بولمايدىغۇ ؟...سەمىمىيىتىڭىزگە رەھمەت

قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:21:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش