مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4602|ئىنكاس: 76

ناۋاي تىللىغان ئۇ مۇئەللىمە...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىڭنە  قىلغاننى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15521
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2264 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:40:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر  ھەقىقى بولغان  ۋەقە.
    مىلادى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچقۇرۇن ئىپتار ۋاقىتلىرى ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم  بىر ئۇنۋېرستىت ئالدىدىكى ناۋايخانىدا  نان ئېلىش ئۈچۈن تەرەددۇت قىلىپ تۇرىۋاتقان ئىدىم...شۇ ئارىدا ، ئىككى  قىز  يىتىپ كەلدى، بىرى قاراشتىنلا قازاق قىزى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى، يەنە  بىرى ئادەتتىكىچە  بىر  ئۇيغۇر  قىزى بۇلۇپ، بۇلار بۇ ئۇنۋېرستىتىقا تەتللىك تەربىيلىنىشكە  كەلگەن ياش مۇئەللىمىلەر  ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىم بار ئىدى...لىكىن بۇلار  بىلەن پاراڭلىشىپ  باقمىغان...
     -كاۋباۋزا  بارمۇ ؟؟
  ئىشقىلىپ  مەنمۇ ئىختىيارسىز ئۇ  ئاۋاز چىققان تەرەپكە بېشىمنى بۇراپ  سالدىم...
ناۋاي  23ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئىنىچكە بۇرۇتلۇق بىر  بالا  ئىدى:
-ھە؟؟؟
  يەنە  شۇ  گەپ تەكرارلاندى...
-كاۋباۋزا  بارمۇ ؟
ھېلىقى ياش ئۇيغۇر مۇئەللىمە ناۋايدىن شۇنداق سۇئال سوراۋاتاتتى.ناۋاي بالا تەرىنى بۇزماي  تۇرۇپلا:
- خېنىم، دادىلىرى   داغۇر، ئانىلىرى  شىۋە ئوخشىمامدا؟؟؟  نىمانداق خېچىر سۈپەت گەپ قىلىلا....دەۋەتتى.
  دەماللىققا  مەڭدەپ  قالغان ئۇ مۇئەللىمە ، بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن:
- ئىشىڭنى  قىلە  ۋاي....
شۇئان ناۋاينىڭ ئاغزى پىلىموتتەك ئېچىلىپ  كەتتى:
-ھىي ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان مايماق!!!ئاناڭ سىنى كوبازا بىلەن ئېغىزلاندۇرغانمىدى؟؟مەن ئاۋۇنى ھالاللاپ تەر  تۈكۈپ سامسا   دەپ  ياققان ئۇختۇڭما!......(بىر  مۇنچىلىغان  گەپ ئىدى....يادىمدا  قالغىنى شۇنچىلىك....)
     مۇئەللىمە ناۋايغا  قاراپ سەت  بىر  ئالايغىنىچە  ئارتۇق گەپ قىلماي كىتىپ  قالدى. قازاق قىز  بولسا يېنىدىن 10 يۇەن پۇلنى چىقىرىپ :
-تۆرتنى بىرىڭ....دىۋىدى، ناۋاي :
- ساتمايمەن!
   قازاق  قىز  "ھە!........"  دەپ  ھەيران  بولغىنىچە  كىتىپ  قالدى....
    ئەتىسى ، ئۇ  قىزنى ئۇنۋىرستىت ئىچىدە  ئۇچراتتىم، ئادەتتە پاراڭلاشمايدىغان ئۇ  قىز  بىلەن بۈگۈن پاراڭلاشتىم. پاراڭلىشىشتىن مەلۇم بولدىكى ، ئۇ  قىز  ھەقىقەتەن ئۇيغۇرتىلىنى تولىمۇ قىينىلىپ  سۆزلەۋاتاتتى ھەم ھۇدۇقىۋاتقىنى بىلىنىپ تۇراتتى.مەن ئالدىنقى كۈنىدىكى ناۋاينىڭ ئىشىنى ئۇدۇللا  ئۇنىڭدىن سورىدىم. مۇئەللىمە  سەل ھەيران قالغاندەك بولدى  ھەمدە كۆزلىرى نەمدىلىشكە  باشلىدى:
    مەن ھازىر ئۆزەم  يالغۇز ئاشخانىلارغىمۇ  كىرىشكە  جۈرئەت  قىلالمايمەن...بەزى گەپلەرنى دىيەلمەي قالسام ئۇلارنىڭ  ھەممىسى ئۆرىلىپ   ماڭا  قارىشىدىكەن..بەزىلىرى تۈنۈگۈنكىدەك  تىللاپلا  كىتىشىدۇ...مەن بۇ ئىشقا ئاز ئۇچرىمىدىم...مەن قانداق قىلىمەن..يۇرتۇمدا ئۇيغۇرلار  تولىمۇ ئاز( شىمالىي شىنجاڭدىكى  بىر شەھەر)  ئاتا-ئاناممۇ، ھەدە -سىڭىللىرىمۇ خەنزۇ تىلىدا  ئۇقۇغاچقا، ئاساسەن خەنزۇ  تىلىدا  ئالاقە  قىلىپ كىلىۋاتىمىز...مېنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىدا  راۋان سۆزلىگۇم  بار....ئەمما مۇھىت شۇنداق  قىلىپ  قويدى. ئۆزەم  بىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدا  سۆزلىسەممۇ  خاتا سۆزلەپ قۇيىدىغاندەك خۇدۈكسىرەپ كىتىمەن....( بەزى گەپلەرنى ئۇ يەنىلا ئارلاشتۇرۇپ سۆزلگەن بۇلۇپ، قولايلىق  بولسۇن ئۈچۈن تەھرىرلەندى..)
    كەچقۇرۇن ئۆيگە  قايتىپ  ماڭغاچ  ، يەنە  ھېلىقى ناۋايخانىنىڭ ئالدىدىن  ئۆتتۇم، ناۋاي  بالا  رادىئودا  چىقىۋاتقان مۇقام ئاھاڭىغا  جۆر  بۇلۇپ  غىڭشىغاچ تۇنۇرغا نان ياقماقتا ئىدى....................



مەنبە  ئۆزەم. ھەقىقى  ۋەقە.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4252
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 04:36:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنۇگۇن بولغان ئىشكەنغۇ ، بۇ قىزنىڭ بۇنداقلىقىنى ئاتا-ئانسىدىن كۆرۇش كىرەكمۇ ياكى شۇ قىزنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياكى..............

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3684
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 04:38:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنچىلىك خىجىل بولغان ئادەم ناۋاي يىگىت بىلەن تەڭ تۇرمىسا بولاتتى ، سامسا دېمەي كاۋباۋزا دېگەندىكىن ئوبدان بوپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8716
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1472 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 04:46:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان تىللاپتۇ. بىرئۇيغۇر تۇرۇپ، ھەرقانچە بولسىمۇ «سامسا» دېگەننىمۇ دىيەلمەمدا؟ ھازىر بەزى قىزلار بىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىدا سۆزلىمەيدۇ، خۇددى خەنزۇتىلىدا سۆزلىيەلىگەن كاتتا ئىشتەك ھېس قىلىشىدۇ. (ھازىرقى جەمىيەتتە خەنزۇتىلىدا پىششىق سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلار ساماندەك، شۇڭا ئۇنى بەك چوڭ كاتتا ئىشتەك بىلىپ كىتىش نادانلىق).
مۇنداقلارنى ھەريەردە بولسا ئەدىپىنى بىرىپ تۇرغۇلۇق، بولمىسا « ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ» دېگەندەك، باشىقلىرىمۇ بىر-بىرىنى دورايدۇ.
ئۇغۇل بالا ئىكەنسەن، ناۋاي.

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13009
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5020 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 04:52:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  توغرا ! بۇنداقلار خۇددى شۇنداق ئۇر - ئۇرغا قالغان چاشقاننىڭ كۈنىنى كۈرۈشى كىرەك ! بۇ پىكىر  ھەرقانداق سالا قۇبۇل قىلمايدۇ !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73415
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4771
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 05:01:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىرىغا خەنزۇچە گەپ قىلىپ ، «خەنزۇچە گەپ قىلە!» دەپ ۋارقىراپ قورقۇتۇپ مەجبۇرلايدىغان ئاتا - ئانىلار كۆرۈپ قويسا بوپتىكەن بۇ تېمىنى .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5974
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 05:02:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتايلىق ئوخشىمامدۇ ؟ ئالتايدا ئاساسەن ئۇيغۇرلار يا قازاق مەكتەپتە ياكى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن ..چۈنكى ئۇ يەردە ئۇيغۇرلا ئاز ..ئۇيغۇر مەكتىپى يوق چېغى ....مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بولدىغان ئۇيغۇر ئالتايلىق ..ئەمما قازاقلارغا ئوخشايدۇ ..گېپى پۈتۈنلەي خەنزۇچە ..ئائلسدە ئاساسان قازاق تىلى ياكى خەنزۇ تىلدا ئالاقلشدىكەن ..مەكتەپكە كېلىپ ئىشقلىپ ئاران ئۈگەنگەن ئۇيغۇر تىلىنى ...كىتابىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدۇ .....

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئاللا قىزلىرىمى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66872
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 05:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
'ئىشىڭنى قىلە ۋاي' دېيەلىگەن ئادەم 'سامسا بامۇ؟' دېيەلمەپتۇ ھە...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tumurkala + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دوسىت ئىزدىسەڭ ئاللاھ يېتەر ، يول ئىزدىسەڭ ئىسلام يېتەر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1796
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11842
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2558 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 05:12:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(سامسا مېييوۇ سىزگە بۇمەي) ئۆزى ياشاپ چوڭ بولغان جايدا ئۇيغۇرلار ئاز بولسا تىلى كەلمىگەن چېغىۋا ، ماڭا دىسە ئۈگۈتۈپ قويمامتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81619
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3159
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 05:27:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بۇنۇڭغا نىمە دىگۇلۇك ئەپسۇس بەكمۇ ئەپسۇس ئىچىم ئاچچىق بۇپ قالدا ئەتتىگەندە بۇ تىمىنى كۇرۇپ ئويغۇر ماكاندا تۇرۇپ ئويغۇرلا بەك ئاز ئىدى دەيدۇ يا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش