سەلەپ - سالىھلارمۇ ئەدەب - ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتىنى، دەرىجىسىنى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنىياخشى چۈشەنگەچكە بالىلىرىنى ئەدەبلىك چوڭ قىلىشقان ۋە بارلىق ئىسلام ئۈممىتىگە بۇنىتەۋسىيە قىلىشقان. تۆۋەندىكىسى بولسا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭئات - ئانىلارغا قىلغان خىتاب بولۇپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بالاڭنى ئەدەبلىك قىلىپ ئۆستۈرگىن، ھەقىقەتەن سەن بالاڭنى قانچىلىك ئەدەبلىك ئۆستۈرگەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭغا نېمىنى ئۆگەتكەنلىكىڭگەمەسئۇلدۇرسەن، ئۇمۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىش ۋە ساڭا بوي سۇنۇشقا مەسئۇلدۇر.
بالىلارنىئەدەبلىك چوڭ قىلىشنىڭ بۇنچىلىك مۇھىملىقىنىڭ سەۋەبى بولسا ئەدەبنىڭ ئۆتكۈر ئەقىلنىبەرپا قىلىدىغانلىقى، ئۆتكۈر ئەقىلنىڭ ياخشى ئادەتنى بەرپا قىلىدىغانلىقى، ياخشى ئادەتتىنياخشى تەبىئەتنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى، ياخشى تەبىئەت ئىگىسىدىن ياخشى ئەمەلنىڭبارلىققا كېلىدىغانلىقى، ياخشى ئەمەل پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى بارلىققاكەلتۈرۈدىغانلىقى، پەرۋاردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولسا ئەبەدىيلىك بەختكە مۇيەسسەرقىلىدىغانلىقى، ناچار ئەخلاقتىن بۇزۇق ئەقىلنىڭ ، بۇزۇق ئەقىلدىن بولسا يامان ئادەتنىڭ، يامان ئادەتتىن يامان تەبىئەتنىڭ، يامان تەبىئەتتىن يامان ئەمەلنىڭ، يامان ئەمەلدىن اللە نىڭ غەزىبى ۋە لەنىتىگە ئۇچراشنىڭ ۋە بۇنىڭدىن ئەبەدىي مىراس بولىدىغان خارلىققاقالىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر:
تىرمىزىجابىر ئىبنى سەمرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنىرىۋايەت قىلىدۇ: "بىر ئادەمنىڭ بالىسىنى ئەدەبلىگىنى بىرئۆلچەك سەدىقە بەرگىنىدىنياخشىدۇر."
ئىمامتىرمىزى سەئىد ئىبنى ئاس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئات - ئانىنىڭ بەرگەن ھەرقانداق كاتتا نەرسىسى ئۇلارنى ئەدەبلىك قىلىپ تەربىيلىگەندەككاتتا ئەمەستۇر." دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلى ئەلمەدەنى (اللە ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) : بالىلارغا ئەدەبنى مىراس قالدۇرۇش ئۇلارغا مال - دۇنيا مىراسقالدۇرۇشتىن ياخشىدۇر. ئەدەب ئۇنىڭغا مالـ دۇنيا، بايلىق، قېرىنداشلىرىغا مېھرىـ مۇھەببەتھاسىل قىلدۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا دۇنيالىق بىلەن ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىنى جەملەپ بېرىدۇ، دەيتتى.
روۋەيىمئىبنى ئەھمەد ئەلباغدادى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئوغلۇم! ئەمەلىڭنى تۇزدەك، ئەدەبىڭنى ئۇندەك قىلغىن، يەنى ئەدەبلىكلىكىڭ ئۇندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولسۇن! ھەتتائەدەبىڭنىڭ كۆپلىكى تۇزغا نىسپەتەن ئۇننىڭ كۆپلىكىدەك كۆپ بولسۇن! كۆپ ئەدەب بىلەنئاز ئەمەل قىلىش، ئاز ئەدەب بىلەن كۆپ ئەمەل قىلغاندىن ياخشىدۇر. (بۇ مەزموننى ئىمامئەلقۇرافى "ئەلفۇرۇق" دېگەن كىتابىنىڭ ئۈچىنچى جىلىد 96ـ بېتىدە بايان قىلغان.)
ئىبراھىمئىبنى ھەبىب ئىبنى شېھىت مۇنداق دېگەن: ئاتام ماڭا: فۇقەھالار ۋە ئالىملارنىڭ يېنىغاكەلگىن، ئۇلاردىن ئۆگەنگىن، ئۇلارنىڭ ئەدەبـ ئەخلاقى ۋە ھىدايىتىدىن قوبۇل قىلغىن، دېگەنئىدى.
بىربالىنىڭ ھەدىس ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئەدەب ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بولسا بالىنىڭپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەدەبسىزمۇئامىلىلەردە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.
سەلەپ - سالىھلاردىن بەزىسى ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى ئوغلۇم! سېنىڭ ئەدەب ھەققىدىكىبىلىمدىن بىر باب ئۆگەنگىنىڭ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىلىم بابىدىن يەتمىش باب ئۆگەنگەنلىكىڭدىنياخشىدۇر.
ئەبۇزەكەرىيا ئەلئەنبەرى: ئەدەبى بىلەن بولمىغان ئىلىم گويا ئوتۇنى بولمىغان ئوتقا، ئىلىمىيبولمىغان ئەدەب گويا جىسمىسىز جانغا ئوخشاشتۇر، دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلارغا خاس ئەخلاقلىرىنىڭ تۈرلىرى.
(1) ئات - ئانىغا ئەدەبلىكبولۇش.
ئىمامنەۋەۋىي بايانىدا: بالىنىڭ، تالىپنىڭ، ئوقۇغۇچىـ شاگىرتلارنىڭ ئاتـ ئانىسىنى، مۇئەللىم - ئۇستازىنى ئىسمى بىلەن چاقىرىشتىن توسۇش، دېگەن مەزموندا مەخسۇس بىر باب ئايرىغان.
ئىبنىسۈننىنىڭ كىتابىدا ئەبى ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەتقىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنى ئۇنىڭ بالىسى بىلەن كۆرۈپ ئۇ بالىدىن: "بۇ كىم؟" دەپ سورىدى. بۇ بالا: ئاتام، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا: "ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭما ۋە ئۇنىڭ تىللىشىغا سەۋەبچى بولما، دېگەن. مانا بۇ ئىمامنەۋاۋىينىڭ ھەدىسكە تەتبىقلىغان شەرھىسى بولۇپ ئۇ: ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئولتۇرما ۋە ئۇنىئىسمى بىلەن چاقىرما دېگەن.
ئەبىغەسسان ئەددابىدىن رىۋايەت قىلغان قىسسىدە ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن كۈننىڭ تازا قىززىغانچۈش ۋاقتىدا ئاتام بىلەن چىققان ئىدىم، يولدا بىزگە ئەبۇ ھۇرەيرە يولۇقۇپ: بۇ كىم؟ دېدى. مەن: ئاتام، دېدىم. ئۇ: ئاتاڭنىڭ ئالدىدا ماڭما، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ياكى يان تەرىپىدەماڭ! ئىككىڭلارنىڭ ئارىلىقىغا ئادەم كىرگۈزمىگىن، ئاتاڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىن ماڭمىغىن، ئۇنى چۈچىتىپ قويۇسەن، سۆڭەك يېمىگىن، بەلكىم ئاتاڭ ئۇنىڭغا قاراپ يېگىسى كېلىپ قىلىشىمۇمكىن، دېدى.
تاجىدىنسەپكىي مۇنداق دېگەن: مەن ئۆينىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتىم، بىر ئىت قاۋاپ كەلدى، مەن ئۇنىڭغا: جىم بول، ئىتنىڭ بالىسى ئىت، دېۋىدىم ئاتام ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ماڭا ئاچچىقلىدى. مەن: ئۇ ئىتنىڭ بالىسى ئىت ئەمەسمۇ؟ دېدىم. ئاتام: كەمسىتمەسلىك مەنىسىدا شۇنداق دېسەڭ جائىزبولىدۇ، دېدى. مەن: بۇ پايدىلىق (سۆز)، دېدىم.
تەبەرەنىيەنە ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئاتا - ئانا بالىسىغا ئۇنىڭدىن سۆيۈنگەنلىك نەزىرىدە قارىسا، بالىغا بىر قۇل ئازاد قىلىش ۋاجىپبولىدۇ." دېگەندە ساھابىلار: ئى اللە نىڭ پەيغەمبىرى! ئەگەر ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈنشۇنداق قارىسىچۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاللاھۇ ئەكبەر!" دەپ جاۋاببەردى، دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
ئاخىرىداتەقۋادار ئالىملاردىن بىرىنىڭ بالىنىڭ ئەدەب - ئەخلاقنى كەسىپ قىلىشى ئۈچۈن يولغا قويۇدىغانئاتا - ئانىغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلىلار قىلىش لازىملىقىدىن ئىبارەت روشەن يولىنى بايانقىلىمىز.
ئىمامبۇخارى "ئەدەبۇلمۇفرەد" دېگەن كىتابىدا ۋەلىد ئىبنى نەمىردىن ئۇ ئاتىسىدىنئاڭلىغان: كونىلار ”تەقۋالىق اللە دىن ئەدەب ئاتىلاردىن“ دەيتتى دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىدەكبايانىنى كەلتۈرگەن.
بىز يوقىرىدا بالىنىڭ ناھايىتىمۇ ئەدەب - ئەخلاقلىق بولۇشى ئۈچۈنئات - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەقۋادار ئالىملارغا يېقىن بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئىلىم ئېلىشتىنبۇرۇن ئەدەبـ ئەخلاق ئۆگىنىشىگە تەۋسىيە قىلغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئالىملار بىلەن بىللەبولغاندا ئۇلارنىڭ ئەدەبلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق.
مەنبە: پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدىكى توپلام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 04:17 PM