مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2795|ئىنكاس: 37

ئىسلامدىكى مەشھۇر شەخىسلەر(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 02:32:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇرى : خالىد مۇھەممەد خالىد

ئەبۇزەر غىفارى

thumb.jpg

قارشىلىق داھىيسى، بايلىق دۈشمىنى


ئۇ مەككىگە خۇشاللىقتىن مەستخۇش بولغان، كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇلارنى پۈككەن ھالدا كەلدى.

توغرا، گەرچە سەپەرنىڭ جاپاسى ۋە چۆل-باياۋاننىڭ قىيىنچىلىقى ئۇنى ھاردۇرۇپ ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەتمەكچى بولغان غايە بۇ ھاردۇقلارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۇنىڭ روھىغا بىر خىل خۇشاللىق ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.

ئۇ مەككىگە خۇددى كەبىدىكى چوڭ ئىلاھلارنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەمدەك ۋە ياكى يولدىن ئېزىپ قالغان يولۇچىدەك ۋە ياكى ئۇزۇن سەپەر قىلىپ چارچىغاندىن كېيىن بۇ شەھەرگە چۈشۈپ ئارام ئېلىپ ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەمدەك كىيىملىرىنى توپا باسقان، چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان قىياپەتتە كىرىپ كەلدى.

ئەگەر مەككە خەلقى ئۇنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ ئۇنىڭ تەلىماتىغا قۇلاق سېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئاڭلايدىغان بولسا ئۇنى چوقۇم ئۇرۇپ قىيما-چىيما قىلىۋەتكەن بولاتتى.

لېكىن ئۇلار ئۇ، كۆرۈش ئۈچۈن پايانسىز چۆللەرنى كېزىپ كەلگەن ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ ئۇنىڭ تەلىماتىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە قانائەتلىنىپ خاتىرجەم بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى قىيما-چىيما قىلىۋەتسىمۇ مەيلى بۇنىڭدىن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك!

ئۇ يىراق جايلاردىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋىرىنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى. قانداق بىر خەلقنىڭ ئۇ توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئاڭلىسا ئېھتىيات بىلەن قۇلاق سالاتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ، ئۇ يەر بۇ يەردىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى يىغىپ ئاخىرى ئۇ ھەققىدىكى كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولدى ۋە ئۇنىڭ تۇرىۋاتقان يېرىنى بىلدى.

بىر كۈنى ئەتتىگەندە ئەبۇزەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇرغان يەرگە باردى ۋە ئۇنىڭ  يالغۇز ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى-دە، «ئەتتىگەنلىرى خەيرىلىك بولسۇن، ئى ئەرەب بۇرادەر...» دەپ سالام قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سىلىگىمۇ سالام، ئى ئەرەب بۇرادەر» دەپ سالامنى ئىلىك ئالدى.

ئەبۇزەر: «كىشىلەرگە دەپ بېرىۋاتقانلىرىدىن ماڭىمۇ دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن بولسىلا» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىدىغان شېئىر ئەمەس، بەلكى قۇرئان كەرىمدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

ئەبۇزەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، «ئۇنداق بولسا شۇنى ماڭا ئوقۇپ بەرسىلە» دەپ تەلەپ قىلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەردى. ئەبۇزەر بولسا پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇلاق سېلىۋاتاتتى... ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئەبۇزەر: «مەن بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ بەرھەقنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەدنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئى ئەرەب بۇرادەر، سىز قايسى قەبىلىدىن...؟» دەپ سورىدى. ئەبۇزەر ئۇنىڭغا «غىفار» قەبىلىسىدىن دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈمسىرىدى ۋە چىرايىنى ھەيرانلىق قاپلىدى.

ئەبۇزەرمۇ كۈلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئالدىدا تۇرغان، مۇسۇلمان بولغان بۇ ئادەمنىڭ «غفار» قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى سەزدى.

چۈنكى بۇ قەبىلە بۇلاڭچىلىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ خەلقى قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىش بىلەن داڭلىق ئىدى، ئۇلار ھەردائىم تۈن قاراڭغۇسىدا ناشايان ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، كېچىدە بۇ قەبىلىدىكى بىرەر ئادەمگە ئۇچراپ قالغان كىشىگە بەكمۇ ئۇۋال بولاتتى...!

مانا بۈگۈن، ئىسلام تېخى يېڭى، يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرىۋاتقان بىر مەزگىلدە مۇشۇنداق بىر قەبىلىدىن بىرى مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن كېلىۋاتامدۇ...؟!

ئەبۇزەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ چاغدا مۇشۇنداق يامان بىر قەبىلىدىن چىققان بىر ئادەمنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىدىن تەئەججۈپلىنىپ ئاسمانغا قاراپ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگەن.

توغرا، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ.

مانا ئەبۇزەر ئاللاھ ھىدايەت بېرىشنى خالىغان، ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ ئەلۋەتتە ھەقىقەتنى كۆرىدۇ ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ جاھىلىيەتتە بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان، كاتتا، ياراتقۇچى ئىلاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەردىن ئىكەن، ئۇ بۇتلارنى ۋە ئۇلارغا چوقۇنغۇچىلارنى دۆت چاغلايدىغان، قەھرى قىلغۇچى يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن.

ئەبۇزەر دەرھال مۇسۇلمان بولدى... ئۇ مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ بەشىنچىسى ياكى ئالتىنچىسى ئىدى.

ئۇنداقتا ئۇ دەسلەپكى كۈنلەردە بەلكى دەسلەپكى سائەتلەردە مۇسۇلمان بوپتۇ. يەنى بالدۇر مۇسۇلمان بوپتۇ...

ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان كەلتۈرگەن بەش ئادەمگە ئىسلام تەربىيىسى ئېلىپ باردى.

ھازىر ئەبۇزەرنىڭ ئالدىدا ئىمانىنى ئىچىگە يوشۇرۇپ، مەخپىي ھالدا مەككىدىن ئايرىلىپ خەلقىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىشتىن باشقا ئامال يوق...

لېكىن ئەبۇزەر جۇشقۇن، جاسارەتلىك، چۇس مىجەز-خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، قەيەردە ناھەقچىلىق بولسا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلغان ئىدى.

مانا ھازىر ئۇ ناھەقچىلىكنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ: بىر جانسىز تاش ئالدىدا كىشىلەر باش ئۇرۇپ بوي ئېگىپ خوش-خوش دەپ نىدا قىلىۋاتىدۇ...!!

شۇ كۈنلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا يوشۇرۇن دەۋەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىق، لېكىن بۇ ئۇلۇغ قىساسكار قايتىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىرەر سادا ياڭرىتىشى لازىم.

ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مېنى نېمە ئىشقا بۇيرۇيلا؟ » دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خەلقىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپ مېنىڭ بۇيرۇقۇم يېتىپ بارغۇچە ساقلاپ تۇرىسىز» دېدى.

بۇ چاغدا ئەبۇزەر: «روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەسچىتكە بېرىپ ئىسلامنى ئېلان قىلمىغۇچە، سىلەرگە شۇنداق دېمىگەنمىدىم دەپ توۋلىمىغۇچە قايتىپ كەتمەيمەن» دېدى...!!

مانا بۇ ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوزغالغان جۇشقۇن، جاھىل مىجەزدۇر! ئۆزى ئىشەنگەن بۇ پەيغەمبەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن ۋە ئۇنىڭ تىلىدىن ئۆزى ئاڭلىغان دەۋەتنىڭ خۇشخەۋەرلىرىدىن پۈتۈنلەي يېپيېڭى بىر دۇنيانى ھېس قىلغان مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇ جىمجىت ھالەتتە يۇرتىغا قايتۇرۇلماقچىما...؟ ئۇ بۇنىڭغا ھەرگىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ...!!

ئەنە شۇ چاغدا ئەبۇزەر «مەسجىدىل ھەرەم» گە كىرىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھى بەرھەقنىڭ يوق ئىكەنلىكى، مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەپ نىدا قىلدى.

بىلىشىمىزچە بۇ قۇرەيشنىڭ ھاكاۋۇرلىقىغا جەڭ ئېلان قىلغان، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى تەۋرەتكەن، مەككىدە ھېچقانداق قوغدىغۇچىسى، ئابرۇي ياكى ئەھلى-ئەۋلادى بولمىغان ناتونۇش بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان تۇنجى ئىسلام ئاۋازى ئىدى.

بۇ چاغدا ئۇ ئۆزى ئويلىغان پېشكەللىككە ئۇچرىدى: يەنى مۇشرىكلار ئۇنى قورشىۋېلىپ قاتتىق ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتتى؟

بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى- ئابباسنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن ئالدىراپ يېتىپ كەلدى، ئۇ ئەبۇزەرنى ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن پەقەت ئەستايىدىل تۈزۈلگەن ھىيلە ئارقىلىقلا قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىنى پەملىدى-دە مۇنداق دېدى: «ئى قۇرەيش جامائەسى، سىلەر تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان سودىگەرلەر، (غىفار) قەبىلىسىگە داۋاملىق بېرىپ تۇرىسىلەر، مانا بۇ ئادەم ئەنە شۇ قەبىلىدىن، ئەگەر ئۇ قەۋمىنى سىلەرگە قارشى كۈشكۈرتىدىغان بولسا، سىلەرنىڭ كارۋانلىرىڭلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ» بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلار نىيەتلىرىدىن يېنىپ ئۇنى قويىۋىتىشتى...

لېكىن، ئاللاھ يولىدا ئازار يېيىشنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان ئەبۇزەر ئىسلام ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشمىغۇچە مەككىدىن ئايرىلمايتتى...!!

ئىككىنچى كۈنى، بەلكى شۇ كۈنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ «ئۇساف» بىلەن «نائىلە» دىن ئىبارەت ئىككى بۇتنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە، ئۇلارنىڭ يۈزىگە بۇ ئىككى بۇتنى بەك سەت ئەيىبلىدى، بۇ چاغدا بۇ ئىككى ئايال ئۇنىڭغا قارشى ۋارقىرىدى. نەتىجىدە، بىر مۇنچە ئەرلەر چېكەتكىدەك يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى توختىماي ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتتى.

ھوشىغا كەلگەن چاغدا يەنە بىر قېتىم: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھى بەرھەقنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېدى.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يېڭى مۇسۇلمان بولغان شاگىرتنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى، ناھەقچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما تېخى ۋاقتى كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كېلىشىگە، ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىشكە بۇيرىدى.

ئەبۇزەر تۇغقانلىرى ۋە قەۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندىن كېيىن ئۇلارغا بىر پەيغەمبەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلىقىنى، ئېسىل ئەخلاقلارغا باشلايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋىدى، بىر-بىرلەپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلىدى.

بۇ چاغدا ئۇ «غىفار» قەبىلىسى بىلەنلا توختاپ قالماي «ئەسلەم» قەبىلىسىگىمۇ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلام چىراغلىرىنى ياندۇرۇشقا باشلىدى...!!

زامان چاقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەردە تۇردى.

بىر كۈنى پىيادىلەر ۋە ئاتلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپلەرنى تەشكىل قىلغان بىرمۇنچە خەلق قەدەملىرىدىن چاڭ-توزان كۆتۈرگەن ھالدا مەدىنىگە ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ توختاۋسىز ئوقۇۋاتقان تەكبىرلىرى بولمىغان بولسا كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى مۇشرىكلارنىڭ قوشۇنى ئىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتى.

بۇ ھېسابسىز قوشۇن بارغانسېرى يېقىنلىشىپ مەدىنىگە كىردى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى ۋە تۇرىۋاتقان يېرىگە قاراپ ماڭدى.

بۇ «غىفار» قەبىلىسى بىلەن «ئەسلەم» قەبىلىسىدىن ئىبارەت ئىككى قەبىلىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇن بولۇپ، ئەبۇزەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەرلەر، ئاياللار، قېرىلار، ياشلار ۋە بالىلار بويىچە مۇسۇلمان قىلىپ باشلاپ كەلگەن ئىدى...!!

مانا ئەمدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخىمۇ ھەيران قېلىشقا، تەئەججۈپلىنىشكە ھەقلىق ئىدى...

ئىلگىرى «غىفار» قەبىلىسىدىن كەلگەن بىر ئادەمنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ۋە بۇ ھەيرانلىقنى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن بولسا، مانا ھازىر ئەبۇزەر ئارقىلىق ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلامدا نەچچە يىللارنى ئۆتكۈزگەن «غىفار» قەبىلىسى ھەممىسى مۇسۇلمان بولغان ھالدا ئۇنىڭ يېنىغا مۇسۇلمان بولغان «ئەسلەم» قەبىلىسى بىلەن بىرلىكتە كېلىۋاتىدۇ...!!

زوراۋانلىق ئۇستازى، شەيتاننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئەمدىلىكتە ياخشىلىق ئۇستىلىرىغا، ھەقىقەت ئىتتىپاقداشلىرىغا ئايلىنىۋاتىدۇ...!!

توغرا، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئەمەسمۇ...؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېقىملىق چىرايلىرىغا خۇشاللىق، مېھرىبانلىق ۋە دوستلۇق ئىچىدە نەزەر تاشلىدى.

«غىفار» قەبىلىسىگە قاراپ: «ئاللاھ غىفار قەبىلىسىنى مەغپىرەت قىلسۇن» دېدى، ئاندىن كېيىن «ئەسلەم» قەبىلىسىگە قاراپ: «ئاللاھ ئەسلەم قەبىلىسىنى سالامەت قىلسۇن» دېدى.

ئەبۇزەرچۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ جىگەرلىك، تەرسا، غورۇرلۇق ئاجايىپ دەۋەتچىدىن ئالاھىدە تىنچلىق سورىمامدۇ...؟

ئەلۋەتتە سورايدۇ... كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان مۇكاپات چوقۇم چوڭ، سورىلىدىغان تىنچلىق چوقۇم مۇبارەك بولسۇن... كەلگۈسىدە ئۇنىڭ قەلبى ۋە تارىخى چوقۇم ئەڭ كاتتا ئىززەت-ئىكرام ۋە ئۇلۇغلۇققا پۈركىنىدۇ، زامانلار ئۆتۈپ، ئەۋلادلار يوقالسىمۇ كىشىلەر يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ توغرىسىدا ئېيتقان «بۇ دۇنيا دۇنيا بولغاندىن بۇيان ئەبۇزەردەك چىن ئىنسان تۆرەلگەن ئەمەس» دېگەن كەلىمىنى ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەي ياد ئېتىشىدۇ...!!

ئەبۇزەردىن چىنراق يەنە بىر ئىنسان تۆرەلگەن ئەمەس...؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ سۆزلىرى بىلەن بۇ ھەمراھنىڭ پۈتۈن ھاياتى ۋە پۈتۈن كەلگۈسىنى خۇلاسىلىگەن ئىدى.

دېمەك، جاسارەت ئىچىدىكى چىنلىق ئەبۇزەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ نېگىزى، ئىچى-تېشىنىڭ ماھىيىتى، ئەقىدىسى ۋە سۆزنىڭ ماھىيىتى بولۇپ، كەلگۈسىدە چوقۇم چىن ياشايدۇ، ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى ئالدىمايدۇ، ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى ئالدىشىغىمۇ يول قويمايدۇ.

ئۇنىڭ چىنلىقى ھەرگىزمۇ سۈكۈت ئىچىدىكى چىنلىق ئەمەس، چۈنكى ئەبۇزەر بۇنداق چىنلىقنى ھەرگىزمۇ ئېتىبارغا ئالمايدۇ...

ئۇنىڭ ئېتىقادىدىكى چىنلىق بولسا جاكارلاش، ئېلان قىلىش يەنى ھەقىقەتنى جاكارلاش، ناھەقچىلىققا قارشى تۇرۇش، راستنى قوللاپ، خاتانى سۈپۈرۈپ تاشلاش، ھەقىقەتكە دوستانە بولۇپ، ئۇنى دادىل ئىپادىلەش، ئۇنىڭ بىلەن ئۈن-تۈنسىز بىرگە مېڭىش دېمەكتۇر...

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۇنىڭ چىنلىقى ۋە تەرسالىقىنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق خاپىلىقلىرىنى بىلىپ ئۇنى داۋاملىق ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەۋرچانلىق يولىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئۇنىڭدىن: «ئى ئەبۇزەر، غەنىيمەت ۋە بايلىقنى ئەۋزەل بىلىدىغان پادىشاھلارغا دۇچ كېلىپ قالساڭ قانداق قىلىسەن»...؟ دەپ سورىدى.

ئۇ: «بۇ چاغدا سىلىنى ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قىلىچىم بىلەن چاپىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئۇسۇلنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ مەن بىلەن كۆرۈشكۈچە سەۋرى قىلىپ تۇرغىن» دېگەن ئىدى.

قاراڭ، نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن پادىشاھلار... مال-مۈلۈكلەر... دىن ئىبارەت بۇ سوئالنى سورايدۇ؟

چۈنكى بۇ ئەبۇزەر پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ ئېتىدىغان كەلگۈسىدە ۋە جەمئىيەتتە دۇچ كېلىدىغان قىيىن مەسىلە بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى تونۇپ يېتىپ ئۇنىڭغا «مەن بىلەن كۆرۈشكىچە سەۋرى قىلغىن» دېگەندىن ئىبارەت قىممەتلىك نەسىھەتنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن بۇ سوئالنى سورىغان.

ئەبۇزەر پېشۋاسى ۋە پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزىنى ئېسىدە چوقۇم چىڭ ساقلاپ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مال-مۈلۈكى بىلەن سەمرىۋاتقان پادىشاھلارغا تەھدىت سالغان قىلىچىنى ھەرگىز كۆتۈرمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ھەرگىز بىردەممۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ.

توغرا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۇلارغا قارشى قىلىچ كۆتۈرۈشتىن توسقان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقەت ئۈچۈن ئۆتكۈر تىل كۆتۈرۈشتىن توسمايدۇ ، ئۇ چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ، يەنى تىلى بىلەن ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ...

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرى، ئۇندىن كېيىن ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرلەرنىڭ دەۋرلىرى ھاياتلىق ئېزىتقۇلىرى ۋە بۇزۇقچىلىق ئامىللىرى ئۈستىدىن تولۇق غالىب كېلىش بىلەن ئۆتتى، بۇ كۈنلەردە ھەتتا كۆڭلىگە زور ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەنلەرمۇ ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىدىغان ھېچبىر يول تاپالمىدى.

ئۇ كۈنلەردە، ئەبۇزەر ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق سۆزلىرى بىلەن كۆيدۈرۈپ تاشلىغۇدەك خۇراپاتلىق ۋە ياكى ئازغۇنلۇقلارمۇ يوق ئىدى.

مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى- ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى ئۇزۇنغا سوزۇلدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋالىيلىرى، ئەمىرلىرى ۋە بايلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى تالانت بىلەن تەقۋادار، ئىقتىسادچىل، ئاددىي-ساددا ۋە ئادىل بولۇشقا بۇيرۇيتتى.

ئۇ تەيىنلىگەن ئىراقتىكى ياكى شامدىكى ياكى سەنئادىكى ۋە باشقا يىراق شەھەرلىرىنىڭ قايسى بىرىدىكى ۋالىيلارنىڭ بىرەرسى ئادەتتىكى كىشىلەر ستىۋالالمايدىغان بىرەر ھالۋىنى يەپ قويغان ھامان بۇ خەۋەر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆمەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ ئۇنىڭغا ئۆمەرنىڭ مەدىنىگە قايتىپ ھېساباتنى تاپشۇرۇش ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرى يېتىپ باراتتى.

ئەبۇزەر ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغىنىدىن، ئۇنىڭ دەۋرىدە ھوقۇقنى ئىگىلىۋېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك خاھىشلارنىڭ بولمىغىنىدىن تولىمۇ سۆيۈنەتتى، چۈنكى خەتتابنىڭ ئوغلىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ زات ئۆزىنىڭ ھوقۇقنى ھەققانىي باشقۇرۇشى، بايلىقنى ئادىل تەقسىملىشى بىلەن ئۇنىڭغا روھىي تىنچلىق ۋە رازىمەنلىك پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتاتتى.

شۇنداق بولغاچقا ئۇ ھەرقانداق بىر جايدا شەرىئەتكە خىلاپ قىلمىشلارنى كۆرگەندە سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغان ھالدا ۋاقتىنى پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن جىھاد قىلىشقا سەرپ قىلىۋاتاتتى.

لېكىن بىر كۈنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ھاكىملىرى ئىچىدە ئەڭ ئاجايىپ، ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ئادىل، ئەڭ تەقۋادار ھېسابلىنىدىغان بۇ زات كەينىدىن زور بوشلۇق قالدۇرغان ھالدا ئالەمدىن كەتتى، بۇنىڭ بىلەن يامان ئىشلار قېچىپ قۇتۇلغىلى، توسۇۋالغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپىيىشكە، شەھەرلەرنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھاياتلىق نازۇ-نېمەتلىرى ۋە باياشات تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.

ئەنە شۇ چاغدا ئەبۇزەر خەتەرنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدى...

شۈبھىسىزكى، شەخسىي ئابرۇيپەرەسلىك، ھاياتلىقتىكى بارلىق ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان كىشىلەرنى ئازدۇرماقچى بولۇۋاتاتتى، دۇنيانىڭ باقىسىز گۈزەللىكى ۋە ۋاقىتلىق كۈشكۈرتىشى بىلەن پۈتۈن نىشاننى دۇنيانى ياخشى ئىشلارنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئۆزگەرتىشكە قارىتىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ئازدۇرماقچى بولىۋاتاتتى. ئاللاھ ئىنسانغا ئىتائەت قىلىدىغان، خىزمەتچى قىلىپ بەرگەن مال-مۈلۈك ئەمدىلىكتە مۇستەبىت خوجايىنغا ئايلىنىپ قالاي دەۋاتاتتى. كىملەرنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قالاي دەۋاتاتتى...؟ ھەددى-ھېسابسىز مال-دۇنيا ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى قەدىمى ئاستىدا دۆۋىلىنىپ تۇرسىمۇ قەرزدارلىقتىن تۆمۈر كىيىمىنى گۆرۈگە قويۇپ قويغان پېتى ۋاپات بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قالاي دەۋاتاتتى! ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشدىن قورقۇپ ياخشى بەندىلەرنىڭ دىللىرى جىغىلداپ كېتىدىغان مەسئۇلىيەت ھېسابلىنىدىغان ھوقۇقدارلىق باشقۇرۇش، بايلىق توپلاش، باياشاتلىشىشنىڭ ھالاكەتلىك يولىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.

ئەبۇزەر ئەنە شۇلارنى سەزگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىپ ئولتۇرمايلا ئوڭ قولىنى قىلىچىغا سۇندى-دە، ھاۋادا بىر ئويناتقاندىن كېيىن نىشاندىن ئاداشمايدىغان ئاشۇ قىلىچ بىلەن جەمئىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇردى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ قىلغان ۋەسىيىتى تېزلا قەلبىدە ياڭرىدى-دە، قىلىچىنى غىلاپقا سېلىپ قويدى. قىلىچنى ھېچقانداق مۇسۇلماننىڭ يۈزىگە قاراتماسلىقى كېرەك.

«وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَن يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلاَّ خَطَئًا وَمَن قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَئًا»

«مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس» (سۈرە نىسا: 92) ئۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسى ئۆلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى قارشى تۇرۇش، قىلىچ بىلەن ئۆزگەرتكىلى ۋە ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن چىن ئىخلاس بىلەن ئېيتىلغان راستچىل، ئادىل، غەيۇر سۆز بولىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر توپ ساھابىلار ئالدىدا: بۇ دۇنيا دۇنيا بولغاندىن بۇيان ئەبۇزەردەك چىن ئىنسان تۆرەلگەن ئەمەس دېگەن ئىدىغۇ؟ شۇنچىلىك چىن سۆزلۈك، قايىل قىلدۇرارلىق بىر ئادەمنىڭ قىلىچقا قول سۇنۇشىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ چوقۇمكى ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئۆتكۈرلۈكتە يەر يۈزى توشقۇدەك كۈرمىڭ قىلىچلەردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ!

ئۇنداقتا ئۇ ئەنە شۇ چىنلىقى بىلەن پادىشاھلار، بايلارنىڭ ئالدىغا، دۇنياغا بېرىلىشلىرى بىلەن زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن، ھوقۇقدارلىق ئۈچۈن ئەمەس، پەيغەمبەرلىك ئۈچۈن، ئازاب ئۈچۈن ئەمەس، رەھىمدىللىك ئۈچۈن، ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئۈچۈن ئەمەس، كىچىك پېئىللىق ئۈچۈن، ئالاھىدە بولۇۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، باراۋەرلىك ئۈچۈن، ئاچكۆزلۈك ئۈچۈن ئەمەس، قانائەت ئۈچۈن، ھۇزۇر ھالاۋەت ئۈچۈن ئەمەس، ئاددىي-ساددىلىق ئۈچۈن، ھاياتلىق بىلەن ئالدىنىش ئۈچۈن ئەمەس ئۇنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قىلىنغان بۇ دىنغا خەتەر پەيدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىغا بارسۇن.

ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاللاھ ئۆزى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغانغا قەدەر ھەقىقەتنى تەشۋىق قىلسۇن، ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر.

ئەبۇزەر بايلىق ۋە ھوقۇق قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن قورغانمۇ قورغان ھۇجۇم قىلدى ۋە بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئەتراپىغا كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ئەمگەكچىلەر، جاپاكەشلەر توپلانغان بىر بايراققا ئايلاندى. ھەتتا ئۇنىڭ نامى ئۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يىراق جايلاردىكى خەلق ئارىسىغىمۇ يېتىپ باردى، بىرەر جايغا بارا-بارمايلا، ياكى بىرەر قەۋمگە نامى يېتەر-يەتمەيلا ھوقۇق ۋە بايلىق ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت سالىدىغان قىيىن سوئاللارنى قوزغايتتى.

ناۋادا بۇ ئۇلۇغ قىساسكار ئۆزى ۋە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئۈچۈن مەخسۇس بايراق تىكلىمەكچى بولغان بولسا، ئۇنىڭ بايرىقى ئۈستىگە كەشتىلەنگەن شوئار ئوتقاشتەك يالقۇنجاپ تۇرغان داغمالدىن ئىبارەت بولغان بولاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان شوئارى:

«يَوْمَ يُحْمَى عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَى بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ» «ئالتۇن-كۈمۈش توپلىغۇچىلارغا قىيامەت كۈنى پېشانىلىرى ۋە يانپاشلىرى داغلىنىدىغان ئوت داغماللىرى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن»( سۈرە تەۋبە: 35) دېگەن سۆزلەردىن ئىبارەت ئىدى. تاققا چىقسىمۇ، تۈزلەڭلىككىمۇ چۈشسىمۇ، شەھەرگە كىرسىمۇ ياكى بىرەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارسىمۇ بۇ سۆزلەرنى ئىغىزدىن چۈشۈرمەيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھامان ئۇنى «ئالتۇن- كۆمۈش توپلىغۇچىلارغا ئوت داغمال بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن» دېگەن سۆزلەر بىلەن قارشى ئالاتتى.

بۇ بىر جۈملە ئىبارە بايلىقنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىپ قېلىشى، مونوپول قىلىنىۋېلىشى، ھوقۇقدارلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ، بايلىق توپلاشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قېلىشى، دۇنياغا بېرىلىشتىن ئىبارەت بۇ مايىللىقنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىك مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن بارلىق گۈزەللىك، ئۆزگىچىلىك، جان كۆيدۈرۈش، ئىخلاسمەنلىكلەرنى يۈتۈپ كېتەي دەپ قالغانلىقىدەك ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن خاھىشلارنى يوقىتىش ۋەزىپىسى ئۈچۈن ھاياتىنى ئاتىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئىشنى شامدىكى ھوقۇقى ۋە ھەيۋىسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان «مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان» نىڭ قورغانىدىن باشلىدى.چۈنكى ئۇ ئىسلام ئەللىرىدىن زېمىنى ئەڭ مۇنبەت، بايلىق مەنبىئى ئەڭ مول بولغان بىر ئەلگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. مەرتىۋە ، ئابرۇيى بولغان كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىللاشتۇرۇش ھەم ئۇزۇندىن بۇيان زېھنىنى سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان كەلگۈسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ھەددى-ھېسابسىز مال-دۇنيانى سەرپ ئېتەتتى.

قالغان دەۋەتچىلەرنى ئازدۇرغۇدەك دەرىجىدە كۆپ مال-دۇنيا ۋە ئايۋان-سارايلارنى كۆرۈپ ئەبۇزەر خەتەرنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن سەزدى-دە، بۇ قارشىلىق پېشۋاسى كونىراپ كەتكىنىدىن پاقالچىقىغا چىقىپ قالغان تونىنىڭ پېشىنى قاققان پېتى شامغا قاراپ قۇيۇندەك يۈرۈپ كەتتى...

ئادەتتىكى خەلق ئۇنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى سەزگەن ھامان قىزغىن قارشى ئېلىشتى ۋە نەگە بارسا ئۇنى ئورىۋېلىشتى...

ئەبۇزەر ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ خەلقنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكىنى ھالبۇكى يىراق بولمىغان جايلاردا ھەشەمەتلىك ئايۋان-ساراي، داچىلارنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، ئەتراپىدا قورشاپ تۇرغانلارغا: «ئۆيدە جان باققۇدەك ئوزۇق-تۈلۈكى بولمىغانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلىچىنى كۆتۈرۈپ قارشى چىقمايدىغانلىقىغا ھەيرانمەن» دېدى...؟!

ئەمما ئۇ دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنقىلابنىڭ ئورنىغا ئېغىر-بېسىقلىقنى، قىلىچنىڭ ئورنىغا شىجائەتلىك سۆزنى قويۇش توغرىسىدىكى نەسىھىتىنى ئېسىگە ئالدى-دە، قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تاشلاپ نەسىھەت ئارقىلىق قانائەتلەندۈرۈشكە يۈزلىنىپ ئۇلارغا ھەممە ئادەمنىڭ خۇددى تاغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر ئىكەنلىكىنى، ھەممەيلەننىڭ رىزقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ھوقوقى بارلىقىنى، تەقۋادارلىقتىن باشقا سەۋەب بىلەن ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدىن ئۈستۈن تۇرالمايدىغانلىقىنى، قەۋمنىڭ ئەمىرى ۋە خوجايىننىڭ خەلق ئاچ قالغاندا ئەڭ ئاۋال ئاچ قېلىشقا، تويغاندا ئەڭ كېيىن تويۇشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

ئۇ ئۇرغۇلۇق سۆزلىرى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن پۈتۈن ئىسلام ئەللىرىدە جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ سەزگۈرلۈكى، چىدامچانلىقى ۋە كۈچلۈكلۈكى بىلەن پادىشاھلار ۋە بايلارغا زەربە بەرمەكچى ۋە ھۆكۈمران سىنىپلار، بايلىق بېسىۋالغۇچى سىنىپلار ئوتتۇرىسىدا توساق بولماقچى بولدى.

ئازغىنا كۈنلەردىلا شام خۇددى ئىتائەت قىلىنغۇچى پادىشاھنى تاپقان ھەسەل-ھەرىسى كاۋىكىغا ئوخشاپ قالدى، ناۋادا ئەبۇزەر شۇنداقلا بۇيرۇق بېرىدىغان بولسا پۈتۈن ئەل ئوت بولۇپ ياناتتى... لېكىن ئۇ خۇددى بىز يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، دىققىتىنى ھۆرمەتكە لايىق جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشقا قاراتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەرقايسى سورۇنلار، مەسجىدلەر ۋە كوچا-كويلاردا يادلىنىدىغان بولدى.

ئۇ بىر توپ خالايىق ئالدىدا مۇئاۋىيە بىلەن مۇنازىرلەشكەن كۈنى چېكىگە يەتكەن ئىمتىيازلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خەتەر پەيدا قىلدى، بۇ مۇنازىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر كۆرمىگەنلەرگە يەتكۈزۈپ خەۋەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەتراپقا تارالدى...

خۇددى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئۇستازى تەرىپلىگىنىدەك، دۇنيادىكى ئەڭ راستچىل، چىن سۆزلۈك ئەبۇزەر قورقماستىن، سۇلھى-سالا قىلماستىن مۇئاۋىيەنى ھاكىم بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى بايلىقلىرى، مەككىدە تۇرغان ئۆي- بىساتلىرى، ھازىر شامدا بار بولغان ئايۋان-سارايلىرى توغرىسىدا سوراق قىلىشقا باشلىدى.

ئاندىن كېيىن سوئال-سوراقنى ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇرغان ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شامغا بېرىپ مۇئاۋىيەگە ئوخشاش ئايۋان-ساراي ۋە داچا سالدۇرغانلارغا قارىتىپ ئۇلاردىنمۇ ھېساب ئالدى.

ئاندىن كېيىن ئۇلارغا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاراڭلاردا بار چاغدا ئۇنىڭغا قۇرئان نازىل قىلىنغان كىشىلەر سىلەرمۇ؟» دەپ ۋارقىرىدى.

يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىپ: «توغرا، سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ئايەت نازىل بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كۆپ ئۇرۇشلارغا قاتناشقان كىشىلەر دەل سىلەردۇرسىلەر» دېدى، ئارقىدىن سىلەر توغراڭلاردا:

« يَوْمَ يُحْمَى عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَى بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ هَذَا مَا كَنَزْتُمْ لأَنفُسِكُمْ فَذُوقُواْ مَا كُنتُمْ تَكْنِزُونَ »

«ئالتۇن-كۈمۈش يىغىپ ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا ‹دوزاختا بولىدىغان، قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن، ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئالتۇن-كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ، ئۇلارغا: ‹بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار) يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار› سۈرە تەۋبە: 35 دېيىلىدۇ» دېگەن ئايەتلەر نازىل بولغان ئەمەسمۇ؟ دەپ قايتۇرۇپ سورىدى.

بۇ چاغدا مۇئاۋىيە سۆزنى مەقسەتلىك ھالدا بۇرمىلاپ: «بۇ ئايەت ئەھلى كىتابلار توغرىسىدا نازىل بولغان» دەيدۇ.

بۇنى ئاڭلاپ ئەبۇزەر ياق... بەلكى بۇ ئايەت بىز ئۈچۈن ھەم ئۇلار ئۈچۈن نازىل بولغان دېدى.

ئەنە شۇ يوسۇندا ئەبۇزەر مۇئاۋىيە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرىۋاتقانلارغا قوللىرىدىكى بارلىق مال-مۈلۈك، ئايۋان-ساراي ۋە مۇقىم مۈلۈكلەرنى دەرھال تاپشۇرۇپ بېرىش، ھېچكىم ئۆزى ئۈچۈن بىر كۈنگە يەتكۈدەك مال-مۈلۈكتىن ئارتۇق يىغماسلىققا تەكرار تەۋسىيە قىلىدۇ. نەسىھەت قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ۋە ئەبۇزەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىردەمدىلا سورۇنمۇ-سورۇن ئەتراپقا تارقىلىپ كېتىدۇ، ئەبۇزەرنىڭ «ئالتۇن-كۈمۈش يىغقۇچىلارغا قىيامەت كۈنىدە ئوت داغمال بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» دېگەن شوئارى ھەربىر ئائىلە ۋە بارلىق كوچا-كويلارغا تارقىلىپ كېتىدۇ.

مۇئاۋىيە خەتەرنى سېزىدۇ، ئۇلۇغ قىساسكارنىڭ سۆزلىرى ئۇنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. ئەمما ئۇ ئەبۇزەرنى ئوبدان بىلىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭغا يامانلىق قىلمىدى ۋە دەرھال خەلىپە- ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئەبۇزەر شام خەلقىنى بۇزۇپ بولدى» دەپ خەت يازدى.

ئوسمان ئەبۇزەرنى مەدىنىگە چاقىرتتى. ئەبۇزەر كونىراپ كەتكەنلىكتىن پاقالچىقىغا چىقىپ قالغان تونىنى يېپىنغان پېتى شامدىن ئايرىلىپ مەدىنىگە كەلدى، بۇ كۈنىسى دەمەشق مىسلىسىز ۋىدالىشىش سورۇننى باشتىن ئۆتكۈزدى.

«دۇنيايىڭلارنىڭ ماڭا ھېچ كېرىكى يوق» ...!!

ئەبۇزەر مەدىنىگە كېلىپ خەلىپە ئوسمان بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئەنە شۇنداق دېدى، ئوسمان بۇ دوستى بىلەن سۆھبەتلىشىش ھەم ئۇنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسى سۆز-چۆچەك قىلىپ تارقىتىپ يۈرگەن پىكىرلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھەم قاتتىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى-دە، ئۇنى مەدىنىدە ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ قالماقچى بولدى.

ئوسمان بۇ قارارىنى ئۇنىڭغا سىيلىق-سىپايىلىق بىلەن ئېيتتى ۋە: «مەن بىلەن بىرگە تۇرسىلا، سېغىن تۆگە ھازىرلاپ بېرەي، شۇنى باقسىلا» دېدى، ئەبۇزەر ئۇنىڭغا: «سىلەرنىڭ دۇنيايىڭلارنىڭ ماڭا ھېچ كېرىكى يوق» ... ! دەپ جاۋاب بەردى.

توغرا، ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ دۇنياسى لازىم ئەمەس... چۈنكى ئۇ روھى بايلىق ئىزدەۋاتقان، ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بېرىش ئۈچۈن ياشاۋاتقان ھېلىقى روھانىيلاردىن ئەمەسمۇ...؟!

ئۇ خەلىپە- ئوسماندىن «رەبزە» گە بېرىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈندى، ئوسمان ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى...

ئۇ خەلقنى دەۋەت قىلىش جەريانىدا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنچلىك بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە قىلغان قىلىچ كۆتۈرمەسلىك ھەققىدىكى نەسىھىتىنى قەلىبنىڭ چوڭقۇر قىسمىدا چىڭ ساقلىدى... گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن غەيبنى يەنى ئەبۇزەرنىڭ غايىبانە دۇنياسى ۋە كەلگۈسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئاندىن ئۇنىڭغا بۇ قىممەتلىك نەسىھەتنى ھەدىيە قىلغاندەك تۇراتتى.

شۇ ۋەجىدىن ئەبۇزەر پىتنە-پاسات ئوتلىرىنى ياندۇرۇشقا ھېرىسمەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بەزى سۆزلىرى ۋە دەۋىتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھىيلىگەرلىكى ۋە ئىپلاس ھېرىسمەنلىكىنى قاندۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرگەن چېغىدا ئالاقزادە بولۇپ كەتمىدى.

بىر كۈنى ئۇ «رەمزە» دە تۇرىۋاتقاندا، كۇفىدىن بىر توپ ئادەم كېلىپ ئۇنىڭدىن خەلىپىگە قارشى ئىنقىلاب بايرىقى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشتى. بۇ چاغدا ئۇ كەسكىن سۆزلىرى بىلەن ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئوسمان مېنى ئەڭ ئۇزۇن ياغاچقا مىخلاپ دارغا ئاسقان تەقدىردىمۇ، ياكى قاقاس تاغلارغا پالىۋەتكەن تەقدىردىمۇ مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمەن، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىمەن، بەرداشلىق بېرىمەن، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ بۇنى ئۆزۈمگە ياخشى دەپ ھېسابلايمەن، ئەگەر مېنى ئۇپۇقنىڭ بۇ چېگرىسىدىن ئۇ چېگرىسىغىچە پىيادە مېڭىشقا بۇيرىغان تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمەن، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىمەن، بەرداشلىق بېرىمەن، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ بۇنى ئۆزۈمگە ياخشى دەپ ھېسابلايمەن، ئەگەر مېنى يۇرتۇمغا قايتۇرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمەن، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىمەن، بەرداشلىق بېرىمەن، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىمەن ئۆزۈمگە ياخشى دەپ ھېسابلايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

مانا بۇ كۆڭلىگە دۇنيانىڭ غەرەزلىرىنى پۈكمىگەن ئادەم، شۇنداق بولغاچقا، ئاللاھ ئۇنىڭغا قەلب نۇرى ئاتا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ خەتىرىنى ۋاقتىدا سېزىپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئالدى، شۇنداقلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تەمەخورلۇقنىڭ كۈشكۈرتۈشلىرىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتقان ھالدا قىلىچىنى ئەمەس، بەلكى ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ چىن تىلى بىلەن ھەقىقەتنى ئۇپۇقتا ياڭراتتى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلاپ قالدى...!!

ئەبۇزەر پۈتۈن ھاياتىنى سەمىمىي كۈرەشكە ئاتىدى، ئەمدى ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە سەرپ ئېتىدۇ، ھۆكۈمرانلىق بىلەن مال-دۇنيا كۈچلۈك ئازدۇرۇش، كۈشكۈرتۈش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئەبۇزەر پەيغەمبىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرىۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۆتۈرۈشى كېرەك بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئېزىپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمرانلىق بىلەن ئىقتىساد كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، بۇ ئىككى ساھەدە ئازغۇنلۇق پەيدا بولسا، چوقۇمكى كىشىلەر خەتەرلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولاتتى.

ئەبۇزەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەمەل تۇتماسلىقىنى ياكى مال-دۇنيا توپلىماسلىقىنى، بەلكى ئىلگىرىكىدەكلا ھىدايەت يول باشچىلىرى ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى.

ئۇ دۇنيا ۋە ئىقتىسادنىڭ يامانلىقىنى، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرلەرنىڭ قايتا تەكرارلانمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ساھابىلىرىنى مەنسەپنىڭ كۈشكۈرتىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتى: «ئۇ چوڭ ئامانەت بولۇپ، لايىقىدا باشقۇرغانلار ۋە ئۈستىدىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلاردىن باشقىلارغا قىيامەت كۈنىسىدە خورلۇق ۋە نادامەت ئېلىپ كېلىدۇ»

ئەبۇزەرنىڭ مەنسەپدارلىق ۋە ئىقتىسادقا قارىتا تۇتقان پەرھىزكارلىقى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئۇ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىنى پەقەت ئۇلار مەنسەپ تۇتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مال-دۇنياغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلاردىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغان بولدى.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنى كۆرۈپلا كۆرۈشكىنىگە خۇشال بولغىنىدىن قۇچىقىنى ئېچىپ ۋارقىرىغىنىچە ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە: «خۇش كېلىپسىز ئەبۇزەر، قېرىندىشىمنى قارشى ئالىمەن» دېدى، لېكىن ئەبۇزەر: «سىلى ۋالىي ۋە سۇلتان بولۇشتىن ئىلگىرى مېنىڭ قېرىندىشىم ئىدىلە، ئەمما ھازىر قېرىندىشىم ئەمەس» دېگىنىچە ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى!

يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇچراپ قېلىپ ئۇنى قارشى ئېلىپ قۇچاقلىماقچى بولدى، لېكىن ئەبۇزەر ئۇنى قولى بىلەن ئىتتىرىۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا: «مەندىن نېرى تۇرسىلا، سۇلتان بولدىلا ئەمەسمۇ؟ ئېگىز ئىمارەتلەرنى سالدۇردىلا ئەمەسمۇ؟! چارۋا-ماللىرى ۋە زىرائەتلىرى بار ئەمەسمۇ؟!...» دېدى.

بۇ چاغدا، ئەبۇ ھۇرەيرە ئېغىزلاردا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ سۆزلەردىن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا ۋە ئاقلاشقا باشلىدى.

قارىغاندا ئەبۇزەر ھوقۇقدارلىق ۋە بايلىق مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەندەك قىلاتتى...

شۇنداقتىمۇ، ئەبۇزەرنىڭ ئۆزى ۋە ئىمانىغا سادىق بولۇش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزىگە خاس مەيدانى بار: ئۇ بارلىق ئوي-خىياللىرى، خىزمەتلىرى ۋە كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئىككى ساھابىسى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر بەلگىلەپ بەرگەن بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەن.

گەرچە بەزى كىشىلەر ئەبۇزەرنىڭ قىلغىنىنى باشقىلار ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئەبۇزەر بۇنى ھاياتلىق ۋە ئىشلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يول، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان، كەينىدە ناماز ئوقۇغان، بىللە جىھاد قىلغان سۆزىنى ئاڭلاش، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش ھەققىدە بەيئەت قىلىشقان ئاشۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق دەپ ئويلايدۇ.

يەنە شۇنىڭدەك، ئەبۇزەر خۇددى بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئاڭ-سېزىمى بىلەن ھوقۇقدارلىق ۋە بايلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، شۇ ۋەجىدىن ھوقۇقدارلىق ساھەسىدىكى ھەققانىيلىك بىلەن بايلىق ساھەسىدىكى ئادالەتكە چاپلاشقان ھەرقانداق يېتەرسىزلىكنى تەخىرسىزلىك بىلەن يوقىتىشقا ۋە قارشى تۇرۇشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ خەتەر ھېسابلىناتتى.

ئەبۇزەر كۈچىنىڭ يېتىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئىككى ساھابىسىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ كەلدى. ئىخلاسمەن سادىق بولدى.ھوقۇقدارلىققا ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش سەنئىتىدە ئۇستاز ھېسابلىناتتى.

ئۇنىڭغا ئىراققا ئەمر بولۇش تەكلىپى بېرىلگەندە: «ئەمىر بولمايمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر دۇنيارىڭلار بىلەن مېنى مەڭگۈ تەۋرىتەلمەيسىلەر.» دەپ جاۋاب بەرگەن.

بىر ھەمراھى بىر كۈنىسى ئۇنىڭ ئۈستىدە كونا يەكتەكنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: «سىلىنىڭ بۇندىن باشقىمۇ كىيىملىرى  بار ئەمەسمۇ؟! نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن سىلىنىڭ يېڭى ئىككى كىيىملىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن ئىدىمغۇ؟!» دەپ سورىۋىدى  ئەبۇزەر ئۇنىڭغا : «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى، مەن ئۇنى مەندىنمۇ موھتاجراق يەنە بىرسىگە بېرىۋەتتىم» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ چاغدا ئۇ كىشى ئۇنىڭغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلى ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە موھتاج ئىدىلە» دېۋىدى ئەبۇزەر: «ئاللاھ گۇناھىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن، سىز دۇنيانى بەك چوڭ بىلىدىكەنسىز، مانا ئۈستۈمدە مۇنۇ رىدايىم تۇرمامدۇ...؟ جۈمە نامىزىغا كىيىپ بارىدىغان يەنە بىر رىدايىم بار تېخى، ھاسام بار، مىنىدىغان بىر مادا ئىشىكىم بار، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نېمەت نەدە بولسۇن؟!» دېدى.

بىر كۈنى ئۇ بىرىگە سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «دوستۇم ماڭا يەتتە تۈرلۈك نەسىھەت قىلغان ئىدى، مىسكىنلەرنى دوست تۇتۇش، ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئۆزۈمدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمدىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراشقا، كىشىدىن نەرسە تىلىمەسلىككە، تۇغقانلارغا سىلى رەھىم قىلىشقا، ئاچچىق بولسىمۇ ھەقنى سۆزلەشكە، ئاللاھ ئۈچۈن ئەيىبلەشتىن قورقماسلىققا، ‹كۈچ- قۇدرەت بەرگۈچى پەقەت ئاللاھ › دېگەن تەسبىھنى كۆپ دېيىشكە بۇيرۇغان ئىدى.»

ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا مانا مۇشۇ ۋەسىيەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى. پۈتۈن ھاياتىنى ئۇنىڭ بىلەن خاراكتېرلەندۈردى . نەتىجىدە پۈتۈن خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

ئىمام ئەلى مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە ئاللاھ ئۈچۈن كىشىنىڭ تاپا- تەنىسىدىن قورقمايدىغان پەقەت ئەبۇزەرلا قالدى»!!

ئەبۇزەر پۈتۈن ھاياتىنى ئىستىبداتلىق، چىرىكلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇشقا بېغىشلىدى. خاتالىقنى ۋاقتىدا يوقىتىپ توغرىسىنى يولغا قويدى. نەسىھەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۈستىگە ئالدى. كىشىلەر ئۇنى پەتىۋا بېرىشتىن توسقاندا غەزەپلەنگىنىدىن ۋارقىرىغان ھالدا: «روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر قىلىچنى بوينۇمغا تىرەپ تۇرساڭلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىرەر كەلىمىنى ئىجرا قىلىش پۇرسىتى بولسىلا مەن ئۇنى ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئىجرا قىلىمەن!!» دېگەن ئىدى.

مۇسۇلمانلار شۇ چاغدا ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغان بولسىچۇ كاشكى...!

ئۇ چاغدا بارغانسېرى ۋەھشىيلىشىپ دۆلەت ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنى ئەڭ چوڭ خەتەرگە دۇچار قىلغان گۇمراھلىقلار ئەلۋەتتە بۆشۈگىدىلا تۈگىگەن بولاتتى.

مانا ھازىر ئەبۇزەر ئوسمان بىلەن مۇنازىرلەشكەندىن كېيىن تۇرۇشنى تاللىغان ئورۇن-- «رەبزە» دە ئۆلۈم سەكراتىنى تارتماقتا. كېلىڭلار دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ ئۇلۇغ زات بىلەن ۋىدالىشىۋالايلى. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى كۆرۈۋالايلى.

ئۇنىڭ يېنىدا كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇرغان ئورۇق، بوغداي ئۆڭ بۇ خانىم ئۇنىڭ ئايالى بولىدۇ. ئۇ ئايالىدىن: «ئۆلۈم ھەق تۇرسا يەنە نېمە ئۈچۈن يىغلايسىز» دەپ سوراۋاتىدۇ.

ئايالى ئۇنىڭغا يىغلىغان ھالدا: «سىلى دۇنيادىن كېتەي دەۋاتىدىلا مەندە سىلىنى كېپەنلىگۈدەك رەخت يوق!!» دەپ جاۋاب بېرىۋاتىدۇ.

ئۇ بولسا يېڭى شەپەق نۇرىغا ئوخشاش كۈلۈمسىرەپ: «خاتىرجەم بۇلۇڭ ، يىغلىماڭ، چۈنكى مەن بىر كۈنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بىر توپ ساھابىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ: «ئاراڭلاردىن بىر ئەر چۆلدە ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ مېيىت نامىزىغا بىر جامائە مۆمىنلەر ھازىرلىق قىلىدۇ» دېگەن ئىدى. شۇ سورۇندا مەن بىلەن بىرگە بولغانلارنىڭ ھەممىسى كەنتتە، جامائە ئىچىدە ئالەمدىن كەتتى. پەقەت مەنلا قېلىپ قالدىم. مانا مەن چۆلدە ئالەمدىن كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. يولنى كۈزۈتۈڭ، بىزنىڭ يېنىمىزغا بىر جامائە مۆمىنلەر يېتىپ كېلىدۇ . ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن يالغان ئېيتمىدىم. ئىنكارمۇ قىلىنمىدىم...»

شۇ سۆزلەردىن كېيىن ئۇنىڭ روھى ئاللاھ تەرەپكە سەپەر قىلدى...

ئۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن...

مانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد» نىڭ باشچىلىقىدا بىر جامائە مۆمىنلەردىن تۈزۈلگەن كارۋان قۇملۇقتا يول بېسىپ كەلمەكتە.

ئىبنى مەسئۇد يېتىپ كېلەر-كەلمەيلا بىر مېيىتنىڭ جەسىتىدەك كۆرۈنىدىغان، سوزۇلۇپ ياتقان بىر ھالەتنى، يېنىدا خانىمى بىلەن خىزمەتكارىنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ ...

ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن قوشۇن دەرھال ئۇلاقلىرىنىڭ چۇلۋۇرىنى شۇ تەرەپكە كۈچەپ تارتىدۇ،ئبنى مەسئۇد جەسەتكە قارا-قارىمايلا كۆزى ھەمراھى ۋە ئاللاھ يولىدىكى قېرىندىشى ئەبۇزەرنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ قالىدۇ.

بۇ چاغدا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقىدۇ-دە، ئۇنىڭ پاك تېنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ‹يالغۇز ماڭىسەن، يالغۇز ۋاپات بولىسەن، يەنە يالغۇز تىرىلدۈرلىسەن› دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان ئىكەن» دەيدۇ.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئولتۇرۇپ ھەمراھلىرىغا ئۇنىڭغا ھازا قىلغان «يېگانە ماڭىسەن، يېگانە ۋاپات بولىسەن، يېگانە تىرىلدۈرلىسەن» دېگەن بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە باشلايدۇ؛ «بۇ ھىجرىيە 9- يىلى تەبۈك غازىتىدا بولغان ئىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامغا ھىيلە-مىكىر ۋە سۈيقەست پىلانلاشقا باشلىغان رۇملىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىدى. جىھاد قىلىشقا چاقىرىلغان بۇ كۈنلەر تولىمۇ جاپالىق بولۇپ، ھاۋا پىژغىرىم ئىسسىق، يول يىراق، دۈشمەن قورقۇنچلۇق ئىدى، بەزى مۇسۇلمانلار تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۇرۇشقا چىقىشتىن داجىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار ماڭغانسېرى ھېرىپ ھالىدىن كېتىشتى. بەزىلەر ئارقىدا قالسا ساھابىلار: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، پالانى ئارقىدا قالدى› دەيتتى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹كارىڭلار بولمىسۇن، ئۇنىڭدىن بىزگە ياخشىلىق كەلسە ئاللاھ ئۇنى سىلەرگە ئۇلاشتۇرىدۇ، ناۋادا ئۇنداق بولمىسا ئاللاھ سىلەرنى ئۇنىڭدىن ئارام تاپقۇزىدۇ» !! دەپ جاۋاب بېرەتتى.

بىر قېتىم قەۋم ئەتراپقا قاراپ ئەبۇزەرنى تاپالمىدى... ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئەبۇزەر ئارقىدا قاپتۇ، ئۇلىقى ھېرىپ قالغان ئوخشايدۇ»... دېيىشتى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە يۇقىرىقىدەك جاۋاب بەردى.

ئەبۇزەرنىڭ ئۇلىقى ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە ئىسسىقنىڭ دەردىدىن ھالسىزلىنىپ ماڭالمىغان ئىدى... گەرچە ئۇ پۈتۈن چارە-ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى مېڭىشقا قىستىغان بولسىمۇ، بىچارە جانىۋار زادىلا ماڭالمايۋاتاتتى...

ئەبۇزەر مۇسۇلمانلاردىن كۆپ ئۇزاپ كېتىپ ئېزىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۇلاقنىڭ ئۈستىدىن چۈشتى-دە، يۈك-تاقلىرىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارغا تېزراق يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تونۇردەك يالقۇنجاپ تۇرغان قۇملۇق ئوتتۇرىسىدا سوكۇلدىغان ھالدا پىيادە مېڭىشقا باشلىدى.

ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئەمدى يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ تۇرۇشىغا، ئۇلارنىڭ بىرى يىراقتىن ئاسمان پەلەك ئۆرلىگەن قويۇق چاڭ-توزان ئارىسىدا كۈچەپ مېڭىپ كېلىۋاتقان بىر ئەرنىڭ قارىسىنى كۆردى... ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، يولدا بىر ئەر يالغۇز مېڭىپ كېلىۋاتىدۇ...» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەبۇزەر بولمىسۇن يەنە...» دېدى.

ساھابىلار ئۇ يېقىنلاپ كېلىپ كىملىكىنى تونۇپ بولغۇچە غۇلغۇلا قىلىشىپ ئولتۇرۇشتى.

بۇ ئۇلۇغ مۇساپىر ئوتتەك قىزىپ كەتكەن قۇمنىڭ ئارىسىدىن پۇتلىرىنى تەسلىكتە تارتىپ چىقارغان ھالدا ئۇلارغا ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى، ئۆشنىسىگە ئېغىر يۈك ئارتىۋالغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مۇبارەك كارۋانغا يېتىشىۋالغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ جىھاد قىلغۇچى قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال ئىدى... ئۇ كارۋاننىڭ دەسلىپىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەبۇزەر ئىكەن» دەپ توۋلىدى.

ئەبۇزەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەپكە ماڭدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرگەن ھامان چىرايىغا مېھرىبانلىق ۋە غەمگۈزارلىق تەبەسسۇمى يۈگۈردى ۋە «ئاللاھ ئەبۇزەرگە رەھىم قىلسۇنكى، ئۇ يېگانە ماڭىدۇ، يېگانە ۋاپات بولىدۇ، يېگانە تىرىلدۈرۈلىدۇ.» دېدى.

بۈگۈنكى 20 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى ئەبۇزەر پۈتۈن ھاياتىنى بۈيۈكلۈك دۇنياسىدا يېگانە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ.

دېمەك، ئۇ پەرھىزكارلىق، قەھرىمانلىق، تىز پۈكمەسلىك تارىخىدا يەككە-يېگانە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ...

شۇنداقلا ئاللاھ دەرگاھىدىمۇ يېگانە تىرىلدۈرىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىكى سان-ساناقسىز ئارتۇقچىلىقلار ھېچكىمگە ئۇنىڭغا تەڭداش بولۇشقا ئورۇن بەرمەيدۇ...!!

مەنبە:ساھابىلار ھاياتىدىنتاللانما


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 02:36 PM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 100 ئەجرىڭىزگە رەخمەت
eslam-waresi + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
سابا + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
سۇمەييا + 59 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
BAHADER1 + 30 ماختاشقا تېگىشلىك
XERHAN + 33 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 821   باھا خاتىرىسى

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 02:46:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |







سالمان فارس



ھەقىقەت ئىزدىگۈچى!

*                       *                   *

قەھرىمان بۇ قېتىم پارس شەھەرلىرىدىن كېلىدۇ...

كېيىن پارس شەھەرلىرىدىن نۇرغۇن مۆمىنلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئىمان، ئىلىم-مەرىپەت، دىن-دىيانەت ۋە دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن نادىر كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ...

ئىسلام ئاللاھنىڭ شەھەرلىرىدىن قانداق بىر شەھەرگە كىرسە تەڭداشسىز مۆجىزىلىكى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بىلەن شەھەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى قوزغىتىپ، خەلقى ئىچىدىكى تالانت ئىگىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، ھەرقايسى شەھەر ۋە يۇرتلاردىكى پەيلاسوپلار، دوختۇرلار، ئالىملار، ئاستورنوملار، كەشپىياتچىلار ۋە ماتېماتىكلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشى بىلەن ئىسلامنىڭ تۇنجى دەۋرلىرىنى ئەقىل-پاراسەت، ئىرادە، غايە، قەلب ساھەلىرىدىكى ۋەتەنلىرى ئوخشىمايدىغان ئەمما دىنى ئوخشاش بولغان تالانت ئىگىلىرى بىلەن تولدۇرۇش، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئاجايىپلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ...!!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىننىڭ مۇشۇنداق كاتتا كېڭىيىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى... ياق، ئۆزى خەۋەر تاپقان ئەمەس، بەلكى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، بۈيۈك پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ۋەدە بەرگەن ئىدى...

يەنى بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامان قىسقارتىلىپ ماكان تارايتىلىپ ئىسلام بايرىقىنىڭ يەر يۈزىدىكى بارلىق شەھەر ۋە ئۇنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ قەسىرلىرىدە لەپىلدەۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى...

سەلمانۇل فارىسىي بۇ مۆجىزىگە ھازىرلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بولغان ئىشلار بىلەن زىچ ئالاقىسى بار.

بۇ مۆجىزە ھىجرىيىنىڭ 5- يىلى يەھۇدىي كاتتىۋاشلىرىدىن بىر توپ ئادەم مەككىگە بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارنى يوقىتىپ بۇ يېڭى دىننىڭ شان-شەۋكىتىنى قومۇرۇپ تاشلايدىغان كەسكىن ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن بارلىق مۇشرىكلار ۋە قوشۇنلارنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ ئۇرۇشتا ئۆزئارا زىچ ماسلىشىشقا ئەھدە قىلىشىپ ئاتلانغان چاغدا خەندەك كولىغان كۈنىسى يۈز بەرگەن.

قۇرەيش قوشۇنى بىلەن مەدىنىدىكى «غەتەفان» قوشۇنى سىرىتتىن ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا «بەنى قۇرەيز» جەمەتى ئىچىدىن يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى گويا ئىككى تۈگمەن تېشى ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھالغا كەلتۈرۈپ ئېزىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىپ خەلقى ئالەمگە ئىبرەت قىلىشتەك ھىيلە-نەيرەڭلىك ئۇرۇش پىلانى تۈزۈلگەن ئىدى...!!

بىر كۈنى تاسادىپىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار تولۇق قوراللانغان نەچچە مىڭلىغان قوشۇننىڭ مەدىنىدىن ئۆزلىرىگە قاراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدى.

مۇسۇلمانلار بۇ تاسادىبىيلىقتىن خېلى بەك چۆچۈدى.

قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالى تەسۋىرلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

«إِذْ جَاؤُوكُم مِّن فَوْقِكُمْ وَمِنْ أَسْفَلَ مِنكُمْ وَإِذْ زَاغَتْ الْأَبْصَارُ وَبَلَغَتِ الْقُلُوبُ الْحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِاللَّهِ الظُّنُونَا»

«ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار» سۈرە ئەھزاب: 10

ئەبۇ سۇفيان بىلەن ئۇيەينە ئىبنى ھېسىن باشچىلىقىدىكى 24 مىڭ ئەسكەر، كىشىلەرنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ دىنى، ساھابىلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈش، قورشاپ چاڭگىلىغا تەلتۆكۈس كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەدىنىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى...

بۇ قوشۇن قۇرەيشكىلا ۋەكىللىك قىلمايتتى، بەلكى ئۇنىڭدا باشقا قەبىلىلەرمۇ ۋە ئىسلامنى خەتەرلىك دەپ قارىغان نۇرغۇن مەنپەئەتلىرىمۇ بار ئىدى.

بۇ ھۇجۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ شەخسلەر بويىچە، گۇرۇھلار بويىچە، قەبىلىلەر بويىچە ۋە مەنپەئەتلەر بويىچە قوزغىغان ھۇجۇملىرى ئىچىدىكى ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ ئاخىرقى تېرىشىش بولۇپ ھېسابلىناتتى...

مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى ھېس قىلىشتى... پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى بۇ ئىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەملىدى... ئۇلار ئەلۋەتتە مۇداپىئە قىلىش ۋە جەڭ قىلىشقا بىرلىككە كېلىشتى... لېكىن قانداق مۇداپىئەلىنىش لازىم؟

دەل شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن ياخشى كۆرۈدىغان ۋە بەك ھۆرمەتلەيدىغان، بويى ئېگىز، چاچلىرى قويۇق بىر ئەر ئالدىغا چىقتى.

يەنى «سەلمانۇل فارىسىي» ئالدىغا چىقىپ بىر ئېگىزلىك ئۈستىدە تۇرۇپ پۈتۈن مەدىنە شەھرىگە نەزەر تاشلاپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن دەرۋەقە ئۆزى ئىلگىرى بىلىدىغاندەك، ئۇنىڭ تاغلار ۋە چۆرىسىدىكى تاشلار بىلەن قورشالغانلىقىنى، لېكىن بىر يەردە كەڭ كەتكەن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ھاڭنىڭ بارلىقىنى، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇ يەردىن قورشاۋغا ئوڭايلا بۆسۈپ كىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدى.

سەلمان ئىلگىرى ئۆز دۆلىتىدە كۆپلىگەن ئۇرۇش تېخنىكلىرى ۋە ھۇجۇم تاكتىكىلىرىدىن خەۋەردار بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى ھېلىقى ئوچۇق رايوننىڭ ھەممىسىگە چۆرىدەپ ئاكوپ كولاشتەك ئەرەبلەر ئۇرۇشلىرىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يېڭى تاكتىكىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بەردى.

ناۋادا ئۇلار قۇرەيش ئىلگىرى كۆرۈپمۇ باقمىغان، بىر كېچىسى ئاللاھ كۈچلۈك بوران چىقىرىپ چېدىرلىرىنى يۇلۇپ تاشلاپ قوشۇنلىرىنى تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتكەنگە قەدەر، قوشۇنلىرى مەدىنىگە بۆسۈپ كىرىشتىن ئاجىز كېلىپ بىر ئاي چېدىرلىرىدا قاپسىلىپ قېلىشقا سەۋەب بولغان ئاشۇ ئاكوپنى كولىمىغان بولسا مۇسۇلمانلارنى نېمە ئاقىۋەت كۈتىۋاتقانلىقىنى پەقەت بىرلا ئاللاھ بىلەتتى ...

ئاخىرى ئەبۇ سۇفيان قوشۇنلىرىغا، كەلگەن يەرلەرگە ئۈمىدسىزلەرچە، مەغلۇبلارچە چېكىنىپ كېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى...!!

ئاكوپ كولاشتا سەلمانمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق كولاۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ جوتۇ ئېلىپ كېلىپ ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلىگەن ئىدى. سەلمان ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەۋاتقان ئورۇندا ئۇلارنىڭ جوتۇلىرى غايەت زور قۇرام تاشقا ئۇرۇلدى...

سەلمان ئىنتايىن بەستلىك، كۈچلۈك بولۇپ بازغاندەك بىلەكلىرى بىلەن ھەرقانداق تاشنىمۇ بىر ئۇرۇپلا ئوت چاقنىتىپ پارچىلىۋىتەلەيتتى... ئەمما بۇ قېتىم بۇ تاش ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قالدى... ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى ياردەمگە چاقىرىۋىدى ئۇلارمۇ ئاجىز كېلىپ قېلىشتى...!!

شۇنىڭ بىلەن سەلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بۇ قاتتىق قۇرام تاشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئاكوپنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىزنى سوراش ئۈچۈن باردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەرنى ئاڭلاپ تاشنى ۋە تاشنىڭ ئورنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن سەلمان بىلەن بىللە كەلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشنى كۆرگەندىن كېيىن جوتۇ (مىتىن)نى كەلتۈرۈپ ساھابىلىرىنى تاشنىڭ ئۇچقۇنلىرىدىن يىراقراق تۇرۇشقا بۇيرىدى ۋە «بىسمىللاھ» دەپ جوتونى مۇبارەك قوللىرى بىلەن چىڭ تۇتقان ھالدا ئاسمانغا كۆتۈرۈپ تاشقا قاتتىق ئۇرىۋىدى، تاش يېرىلىپ يېرىق ئارىسىدىن كۈچلۈك نۇر چىقىپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى.

سەلماننىڭ ئېيتىشىچە ئۇ نۇرنىڭ مەدىنىنىڭ ئەتراپلىرىنى يورىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەكبىر ئېيتقان ھالدا: «ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ، پارس ئېلىنىڭ ئاچقۇچلىرى بېرىلدى، مەن تاشنىڭ نۇرىدا ھىيرەنىڭ سارايلىرىنى، كىسرانىڭ شەھەرلىرىنى كۆردۈم، ئۈممىتىم چوقۇم ئۇلارنى ئازاد قىلىدۇ» دېدى...

ئۈچىنچى قېتىم ئۇرغاندا تاش يەنە يېرىلىپ تولۇق تەسلىم بولدى، ۋە كۈچلۈك نۇر چىقاردى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ «پەقەت ئاللاھلا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگۈچىدۇر» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ھازىر ئۆزىنىڭ سۇرىيە ، سەنئا ۋە ئۇلاردىن باشقا زېمىن يۈزىدىكى كۈنلەردە بىر كۈنى ئاللاھنىڭ بايرىقى ئۈستىدە لەپىلدەيدىغان شەھەرلىرىنى كۆرگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. بۇنى ئاڭلاپ مۇسۇلمانلار چوڭقۇر ئىمانلىرى بىلەن: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى شۇنداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىزگە ۋەدە قىلغان... ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتىدۇ» دەپ چۇقان سېلىشتى...!!

سەلمان ئاكوپ كولاش مەسلىھىتىنىڭ ئىگىسى ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم سورىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن بىر قىسىم غايىبانە سىرلار ۋە كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سىرلار پارتلاپ چىققان ھېلىقى تاشنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ نۇرنى كۆرگەن، خۇشخەۋەرنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئىدى... ھەتتا بۇ خۇشخەۋەرنى بېشىدىن ئەمىلى ئۆتكۈزدى ۋە پارس، رىم شەھەرلىرىنى كۆردى.

سەنئا، سۇرىيە ، مىسىر، ئىراقلارنىڭ شەھەرلىرىنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئېگىز ئەزانخانىلاردىن  ياڭرىغان ئۇلۇغ ئەزان ساداسىنىڭ ھىدايەت ۋە ياخشىلىقنىڭ نۇرلىرىنى تارىتىپ، مۇبارەك ساداسى بىلەن يەر-زېمىننى تەۋرىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى...!!

مانا ئۇ «مەدائىن» دىكى ھويلىسى ئالدىدىكى بۈك-باراقسان دەرەخنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ سۆھبەتداشلىرىغا ئۆزىنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق تەۋەككۈلچىلىك قىلغانلىقى، ئۇ قەۋمى- پارس خەلقىنىڭ دىنىنى قانداق تاشلاپ خرىستىئان دىنىغا، ئاندىن ئىسلام دىنىغا قانداق كىرگەنلىكى، ھاكاۋۇر دادىسىنىڭ ھېسابسىز بايلىقىدىن قانداق ۋاز كېچىپ ئەقلىنى ۋە روھىيىتىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئىزدەپ ئۆزىنى يوقسۇللۇق قوينىغا قانداق ئاتقانلىقى، ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدا قۇل بازارلىرىدا قانداق سېتىۋىتىلگەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقى، ئۇنىڭغا قانداق ئىمان كەلتۈرگەنلىكى... توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ، كېلىڭلار، ئۇنىڭ مۇبارەك سورۇنىغا بىزمۇ يېقىنلىشىپ ئۇ بايان قىلىپ بېرىۋاتقان ھەيران قالدۇرارلىق خەۋەرگە بىزمۇ قۇلاق سالايلى...

«مەن ئىسپاھاننىڭ ‹جى› كەنتىدىن ئىدىم. دادام دېھقان بولۇپ، ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى... ئوتپەرەسلىك دىنىغا كۆپ ئىجتىھات قىلغان ئىدىم، ھەتتا مەن بىز داۋاملىق يېقىپ قويۇپ ئۆچۈرمەيدىغان ئوتنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتتىم.

دادامنىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرى بار بولۇپ، بىر كۈنى مېنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى، مەن ئېتىزلىقتا كېتىۋېتىپ يولدا خرىستىئانلارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدىم-دە، ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىردىم، مەن ئۇلارنىڭ ئوقۇۋاتقان نامىزىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم-دە، ئىچىمدە: ئۇلارنىڭ بۇ دىنى بىزنىڭ دىنىمىزدىن كۆپ ياخشى ئىكەن دېدىم، مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا تاكى كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر شۇ يەردە بولۇپ قالدىم، دادامنىڭ دېھقانچىلىق يېرىگىمۇ بارمىدىم، ئاخىرى دادام ئارقامدىن ئادەم ئەۋەتىپتۇ...

ئۇلارنىڭ دىنى ۋە نامىزى مېنى قىزىقتۇرغاندىن كېيىن مەن ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ قەيەردە بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا سورىۋىدىم ئۇلار: شامدا بارلىققا كەلگەن دەپ جاۋاب بېرىشتى. مەن ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن دادامغا ئۆزۈمنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكىمنى، ئۇلارنىڭ نامىزىغا قىزىقىپ قالغانلىقىمنى، ئۇلارنىڭ دىنىنى بىزنىڭ دىنىمىزدىن ياخشى دەپ قارايدىغانلىقىمنى، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم، دادام بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەنلىكىدىن پۇتلىرىمغا ئىشكەل سېلىپ ئۆيگە سولاپ قويدى...

مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ خرىستىئانلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرگەنلىكىم ھەققىدە بىر پارچە مەكتۇپ ئەۋەتتىم ۋە خېتىمدا ئۇلاردىن ئەگەر شامدىن كارۋان كېلىپ قالسا ئۇلار قايتىپ كېتىشتىن بۇرۇن ماڭا خەۋەر قىلىشنى ۋە مېنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە شامغا ئېلىپ كېتىشنى ئۆتۈندۈم، ئۇلار دەرۋەقە شۇنداق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن پۇتۇمدىكى ئىشكەلنى بۇزۇپ قېچىپ چىقىپ ئۇلار بىلەن شامغا كەتتىم...

مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئۆلىماسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىسام، ئىبادەتخانىنىڭ ئىگىسى يەنى بىر روھانىي ئىكەنلىكى دېيىلدى، مەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئەھۋالىمنى تونۇشتۇردۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇپ قالدىم، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتىم، ناماز ئوقۇيتتىم، دىنىي تەلىم ئالاتتىم...

بۇ ئادەم دىنى جەھەتتىن ناچار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سەدىقىلىرىنى باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى... كېيىن بۇ ئادەم ئالەمدىن كەتتى...

بۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسىنى سايلاشتى. بۇ ئادەم ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، دىنى جەھەتتە ئەڭ ياخشى ئىدى، ئاخىرەتكە كۆپ ئىشتىياق باغلىغان ئىدى، دۇنيادا بەكمۇ تەقۋادارلىق بىلەن ياشايتتى، ئىبادەتتە بەكمۇ ئىجتىھات قىلاتتى، «مەن ھېچ كىشىنى ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمىگەن ئىكەنمەن... ئۇنىڭغا قازا ۋە قەدەر يەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: سىلىگە ئاللاھنىڭ ئىشى يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، ماڭا قانداق ۋەسىيەت قالدۇرىلا؟ مېنى كىمگە تاپشۇرىلا؟ دېدىم، ئۇ ماڭا: ئى ئوغلۇم، ‹مۇسەل› دىكى بىر ئادەمدىن باشقا ماڭا ئوخشاش دىيانىتى بار ھېچكىمنى بىلمەيمەن... دېدى.

بۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن مەن ‹مۇسەل› دىكى ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا باردىم ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بەردىم ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا ئاللاھ خالىغان مەزگىلگىچە بىللە ھايات كەچۈردۈم، ئۇنىڭغا ۋاپات يېقىنلاپ كەلگەندە مېنى باشقا بىرسىگە تاپشۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىۋىدىم، ‹نەسسيىبن› دىكى بىر ئابىتقا تونۇشتۇرۇپ قويدى...

مەن ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندىن كېيىن ئاللاھ خالىغان بىر مەزگىلگىچە ئۇنىڭ بىلەن تۇردۇم، ئۇنىڭغىمۇ ۋاپات يېقىنلاپ كەلگەن چاغدا مېنى باشقا بىرەرسىگە تاپشۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىۋىدىم، رىم شەھەرلىرىدىن بولغان ‹ئەمۇرىيە› شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشۈمنى ئېيتتى. مەن يەنە ئۇنىڭ يېنىغا سەپەر قىلىپ بېرىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ كىشى بىلەنمۇ بىر مەزگىل تۇردۇم... بۇ جەرياندا تۇرمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن بىر قانچە كالا بىلەن بىر قانچە پاقلان سېتىۋېلىپ باقتىم. ئۇنىڭغىمۇ ۋاپات يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن: مېنى ئەمدى كىمگە تاپشۇرىلا؟ دەپ سورىسام ئۇ ماڭا: ئى ئوغلۇم، مەن ماڭا ئوخشاش دىيانىتى بار يەنە بىر ئادەمنى تونۇمايمەن، لېكىن پات ئارىدا بىر پەيغەمبەر ئىبراھىمنىڭ ھەق دىنى بىلەن ئەۋەتىلىدۇ، ئۇ ئىككى تاشلىق يەر ئوتتۇرىسىدىكى خورمىلىق زېمىنغا ھىجرەت قىلىپ بارىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئىخلاس قىلالىساڭ شۇنداق قىلغىن، ئۇنىڭ ھەممىگە داڭقى كەتكەن ئالامەتلىرى بار بولۇپ، سەدىقىنى يېمەيدۇ، ھەدىيە قوبۇل قىلىدۇ.

ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيغەمبەرلىك مۆھۈرى بولۇپ كۆرسەڭ تونۇيسەن دېدى.

بىر كۈنى مەن بىر توپ كارۋان بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇلاردىن قايسى شەھەردىن كەلگەنلىكلىرىنى سوراپ ئەرەب ئارىلىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم-دە ئۇلارغا: سىلەرگە مۇنۇ كالىلىرىمنى، قويلىرىمنى بېرەي، مېنى ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە يۇرتۇڭلارغا ئېلىپ كېتەمسىلەر؟ دېسەم ئۇلار: بولىدۇ دەپ قوشۇلۇشتى...

ئۇلار مېنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ ‹ۋادىل قۇرا› دېگەن يەرگە بارغاندىن كېيىن مېنى بوزەك ئېتىشتى ۋە يەھۇدىيلاردىن بولغان بىر ئادەمگە سېتىۋېتىشتى... مەن بۇ يەردە كۆپ خورمىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ماڭا تەرىپلەپ بېرىلگەن، كەلگۈسى پەيغەمبەر ھىجرەت قىلىدىغان يۇرت مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، لېكىن ئۇ ئەمەسكەن.

مەن مېنى سېتىۋالغان بۇ ئادەمنىڭ يېنىدا قېلىپ قالدىم، بىر كۈنى ‹بەنى قۇرەيزە› قەبىلىسىدىكى يەھۇدىيلاردىن بولغان بىر ئادەم كېلىپ مېنى سېتىۋالدى ۋە مەدىنىگە ئېلىپ باردى!! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ شەھەرنى كۆرگەن ھامان ماڭا تەرىپلەپ بېرىلگەن شەھەرنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىگە جەزم قىلدىم... ۋە ئۇنىڭ«بەنى قۇرەيز» قەبىلىسىگە تەۋە خورمىزارلىقىدا ئىشلىگەن ھالەتتە ئاللاھ پەيغەمبىرىنى ئەۋەتىپ مەدىنىگە كېلىپ «ئەمر ئىبنى ئەۋ» نىڭ تەۋەلىكىگە چۈشكەنگە قەدەر ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم.

مەن بىر كۈنى خورمىنىڭ ئۈستىدە، خوجايىنىم خورمىنىڭ ئاستىدا ئولتۇراتتى. تاغىسىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان بىر يەھۇدىي تۇيۇقسىز كەلدى،-دە، خوجايىنغا قاراپ: ئاللاھ ‹بەنى قىيلە› جەمەتىنى ھالاك قىلىۋەتسۇنكى، ئۇلار «قۇبادىكى مەككىدىن كەلگەن، پەيغەمبەر دەپ قارىلىدىغان بىر ئادەمگە قارشى تۇرماقچى بولۇشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ ئادەمنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان بەدىنمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى،-دە خورمىنىمۇ تەۋرىتىپ خوجايىنىمنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشەي دەپ قالدىم!! خورما دەرىخىنىڭ ئۈستىدىن ئالدىراپ چۈشتۈم-دە، نېمە دەۋاتىسىز؟ نېمە ئىش بوپتۇ؟؟ دەپ قايتىلاپ سورىدىم، بۇ چاغدا خوجايىن قولىنى كۆتۈرۈپ مېنى بىر كاچات ئۇردى-دە: سېنىڭ نېمە چاتىقىڭ؟ ئىشىڭنى قىل! دېدى.

مەن ئىشىمنى قىلدىم... كەچ بولغاندا يېنىمدىكى خورمىلارنى يىغىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قۇباغا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم، قارىسام ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر مۇنچە ساھابىلار بار ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا: سىلەر بۇ يەرگە مۇساپىر، سىلەرگە ھەرقاچان بىر نەرسىلەر كېرەك، مەندە سەدىقىگە ئاتاپ قويغان ئازراق يېمەكلىك بار ئىدى، مەن سىلەرنىڭ تۇرالغۇڭلارنى بىلگەندىن كېيىن سىلەرگە بەرسەم ئەڭ ھەقلىق بولىدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنى سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىدىم دېگىنىمچە ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا: «بىسمىللا دەپ يەڭلار» دېدى، ئۆزى بولسا تېتىمىدى ۋە قول ئۇزاتمىدى، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بىرى مۇشۇ ئىكەن، يەنى ئۇ سەدىقىنى يېمەيدىكەن...!! دېدىم.

ئاندىن كېيىن مەن قايتىپ كېتىپ ئەتىسى سەھەردە تاماق ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: مەن سىلىنىڭ سەدىقىنى يېمەيدىغانلىقلىرىنى كۆردۈم... مەندە ئازراق بىر نەرسە بار ئىدى، مەن ئۇنى سىلىگە ھەدىيە قىلاي دەپ ئېلىپ كەلگەن ئىدىم، دېدىم ۋە ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويدۇم، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا: بىسمىللا دەپ يەڭلار، دېدى ۋە ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە يېدى، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئىككىنچىسى مۇشۇ ئىكەن، يەنى ئۇ ھەدىيەنى يەيدىكەن...!! دېدىم.

مەن قايتىپ كېتىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم، بۇ چاغدا ئۇ «بەقى» دا جىنازىگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقان ئىكەن. ئەتراپىدا ساھابىلىرى بار ئىكەن، ئۈستىدە ئىككى دانە يېپىنچا بار بولۇپ، بىرنى ئۆشنىسىگە ئارتىۋالغان، يەنە بىرىنى ئىشتان قىلىپ ئورىۋالغان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا سالام قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇچىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قاراشقا تىرىشتىم، ئۇ بۇنى بىلىپ ئۆشنىسىدىكى يېپىنچىنى چۈشۈرىۋىتىۋىدى، مەن ئۇنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددى ھەمراھىم تەسۋىرلەپ بەرگەندەك پەيغەمبەرلىك مۆھۈرىنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم...

شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۇنى بۇسە قىلغىنىمچە يىغلاپ كەتتىم... ئارقىدىن ئۇ مېنى چاقىردى. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا خۇددى ھازىر سىلەرگە سۆزلەپ بەرگەندەك سۆزلەپ بەردىم ۋە مۇسۇلمان بولدۇم، لېكىن قۇللۇق مېنىڭ بەدرى غازىتى بىلەن ئۇھۇد غازىتىغا قاتنىشىشىمغا توسالغۇ بولدى... بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ‹خوجايىنىڭغا سېنى ئازاد قىلىش ھەققىدە خەت يازغىن› دېدى ۋە ساھابىلارنى ماڭا ياردەم قىلىشقا بۇيرىدى. مەن خەت يازدىم. نەتىجىدە، ئاللاھ مېنى ئازاد قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ ئازاد ياشىدىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە خەندەك غازىتى ۋە باشقا بارلىق ئىشلارغا قاتناشتىم»...

سەلمان مانا شۇنداق جاراڭلىق، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئاللاھقا يەتكۈزىدىغان، ھاياتلىقتىكى رولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدا ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇلۇغ، ئېسىل، پاك تەۋەككۈلچىلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى...

نېمە دېگەن كاتتا ئىنسان بۇ...؟ ئۇنىڭ ئالغا ئېنتىلىشچان روھى قولغا كەلتۈرگەن، ئىرادىسى قىيىنچىلىقلارغا بۆسۈپ كىرىپ بويسۇندۇرغان، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارغا ئايلاندۇرغان نېمە دېگەن ئالىي ئۈستۈنلۈك بۇ ...؟

ئۇنىڭ ئۆز دادىسى ۋە تۈگىمەس بايلىق، باياشات تۇرمۇشلاردىن ۋاز كېچىپ جاپالىق نامەلۇم ھاياتقا قەدەم قويۇپ ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا كۆچمەن بولۇشىغا، سەزگۈر دىلى بىلەن ھاياتلىقنى، كىشىلەرنى ۋە تۇرمۇش يوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جاپا چېكىپ شەھەرمۇ شەھەر سەرگەردان بولۇشىغا، شۇنداق بولسىمۇ يەنە بەل قويۇۋەتمەي ھەقىقەتنى غالىبلارچە ئىزدىشى ۋە ھەتتاكى قۇل بولۇپ سېتىلغانغا قەدەر ھىدايەت ئۈچۈن ئاشۇنداق قۇربانلارنى بېرىشكە، ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئەڭ تولۇق ساۋاب بېرىشىگە، ھەقىقەت بىلەن جەملەپ پەيغەمبىرى بىلەن مۇلاقات قىلىشىغا، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ بايراقلىرىنىڭ ھەممە جايدا لەپىلدەۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمان بەندىلىرىنىڭ ھەممە جاينى ھىدايەت، ئاۋاتلىق ۋە ئادالەت بىلەن تولدۇرغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈدەك ئۇزاق ئۆمۈر ئاتا قىلىشغا سەۋەب بولغان نېمە دېگەن چوڭ ھەقىقەتچىلىك بۇ، نېمە دېگەن ئۇلۇغ روھ بۇ...؟!!

بىزنىڭ ئويلىشىمىزچە مۇشۇنداق ھىممەتلىك، مۇشۇنداق ئىخلاسمەن بىر ئادەمنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقى قانچىلىكتۇ...؟

كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئۇنىڭدا تەقۋادار، ياخشى بەندىلەرگە خاس تەقۋادارلىق، سەزگۈرلۈك، ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ئەڭ ئوخشايدىغان پەرھىزكارلىق بار.

ئۇ ئەبۇ دەردا بىلەن مەلۇم ۋاقىت بىر ھويلىدا تۇرغان ئىدى... ئەبۇ دەردا بولسا كېچە قوپۇپ ناماز ئوقۇپ ئىبادەت قىلسا كۈندۈزى روزا تۇتاتتى... سەلمان ئۇنىڭ ئىبادەتتە بۇنداق تېنەپ كېتىۋاتقانلىقىنى توغرا تاپالمىدى- دە بىر كۈنى ئۇنىڭ نەفلى روزا تۇتۇش ئىرادىسىنى بوشاتماقچى بولدى... بۇ چاغدا ئەبۇدەردا ئۇنىڭغا كايىپ: «سىلى مېنى پەرۋەردىگارىم ئۈچۈن روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇشۇمدىن توسىماقچى بولۇۋاتاملا»...؟ دېۋىدى. سەلمان: «كۆزلىرىنىڭمۇ سىلىدە ھەققى بار، ئائىلىلىرىنىڭمۇ سىلىدە ھەققى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن روزى تۇتسىلا، ئېغىزلىرى ئوچۇقمۇ يۈرسىلە، نامازمۇ ئوقۇسىلا، ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلىسىلا» دەپ جاۋاب بەردى... بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن: «سەلمان ئىلىمدە كامالەتكە يەتكۈزۈلۈپتۇ» دېگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇددى ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە دىنى-دىيانىتىنى ماختىغاندەك، زېرەكلىكى ۋە بىلىملىكىگىمۇ يۇقىرى باھا بېرەتتى...

ئاكوپ كولىغان كۈنىسى ئەنسارلار: «سەلمان بىزنىڭ» دېسە مۇھاجىرلار: «سەلمان بىزنىڭ» دەپ ئۇنى تالىشىپ قالغان ئىدى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: «سەلمان ھەممىمىزنىڭ»...!! دېگەن ئىدى.

ئۇ بۇ شەرەپكە ھەقىقەتەن لايىق...

ئەلى ئەبى تالىپ (ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلسۇن!) ئۇنى «لوقمان ھەكىم» دەپ ئاتايتتى. سەلمان ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۇ توغرىسىدا سورالغاندا «ئۇ ئارىمىزدىن چىققان ئۇلۇغ ئىنسان، ئاراڭلاردا بۇ (لوقمان ھەكىم) دەك يەنە كىم بار...؟ ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئىلمى ئاتا قىلىنغان، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇغان بولۇپ قۇرىماس دېڭىز ئىدى» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىمى ساھابىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەيتتى.

ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە، ئۇ مەدىنىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەندە، ئۆمەر ھېچكىمگە قىلمىغان ھەشەمەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ئىكرام قىلغان ئىدى ۋە ھەمراھلىرىنى يىغىپ: «كېلىڭلار،سەلماننى كۈتىۋالغىلى ئالدىغا چىقايلى» دېگىنىچە مەدىنىنىڭ سىرتىغا ئۇنى كۈتۈۋالغىلى چىققان ئىدى!!

سەلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەندىن باشلاپ ئىمان ئېيتقان، جىھاد قىلغان، ئىبادەت قىلغان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىرگە ياشىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىلىرى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان قاتارلىقلار بىلەنمۇ تاكى ئۇلار ۋاپات بولغۇچە بىرگە ياشىدى.

ئۇ ياشاپ ئۆتكەن شۇ يىللارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىسلام بايراقلىرى ئۇپۇقنى تولدۇرۇپ ئولجا ۋە يەر باجلىرىدىن كەلگەن بايلىق ۋە مال-مۈلۈكلەر مەدىنىگە ئېلىپ كېلىنىپ ئىزچىل، قەرەللىك تۈردە مۇسۇلمانلارغا سوۋغا قىلىپ تارقىتىلىپ بېرىلەتتى، جەمئىيەتتە ئىسلامنىڭ تەسىرى كېڭىيىشكە ئەگىشىپ تۈرلۈك خىزمەت ۋە ئەمەللەرمۇ كۆپەيگەن ئىدى...

ئۇنداقتا ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان بۇنداق بايلىق دېڭىزى ئىچىدە سەلمان قانداق قىلدى...؟ ئۇ قەيەردە...؟

كۆزۈڭلارنى ئوبدان ئېچىپ قاراڭلار... بۇ سۈرلۈك بوۋاينىڭ ئاۋۇ يەردە سايىدا ئولتۇرۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن، بېرىلىپ خورما يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈپ، ئۇنىڭدىن زەمبىل... قاتارلىق سايمانلارنى توقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ...؟ ئوبدان قاراڭلار، ئەنە شۇ سەلمان...!! ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ زىيادە قىسقىلىقىدىن تىزىغا چىقىپ كەتكەنلىكىگە ئوبدان قاراڭلار، گەرچە ئۇنىڭ قېرىلىق سۈرى بولسىمۇ، يەنە نېمە دېگەن يېقىملىق، نېمە دېگەن ئېسىل...!

ئۇنىڭ كىرىمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ يىلىغا تۆت مىڭ دىرھەمدىن ئالتە مىڭ دىرھەمغىچە تاپاتتى، ئەمما ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى نامراتلارغا تارقىتىپ بېرەتتى، ئۆزى بولسا بىر دىرھەممۇ ئېلىپ قالمايتتى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: «بىر دىرھەمگە خورما يوپۇرمىقى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭدىن سايمان توقۇپ ئۈچ دىرھەمگىچە ساتىمەن، بىرىنچى دىرھەمگە يەنە خورما يوپۇرمىقى سېتىۋېلىپ ئىككىنچى دىرھەمنى ئائىلە، بالا-چاقىلىرىمغا خىراجەت قىلىپ بېرىمەن، ئۈچىنچى دىرھەمنى بولسا ئاجىزلارغا سەدىقە قىلىمەن... ئەگەر ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مېنى بۇنداق قىلىشتىن توسىسىمۇ ھەرگىز يانمايمەن»!

ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى...! ئى ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرى ۋە ماكانلىرىدا ئۇلارغا چەكسىز شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگۈچىلەر!! مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئىنساندىن باشقا سىلەرگە يەنە قانداقراق ئادەم كېرەك...؟؟

بەزىلىرىمىز ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئەبۇزەر ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بىر قىسىم ساھابىلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ۋە دۇنيا ھالاۋىتىگە بېرىلمىگەنلىكىنى ئاڭلىغان چېغىدا بۇ ئەرەبلەرنىڭ ئاددىي ياشاشنى ياخشى كۆرۈشىدىن بولغان، چۈنكى ئەرەب ئارىلىدىكى تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى شۇنداق ئىدى دەپ ئويلىشى مۇمكىن...

ئۇنداقتا، ئالدىمىزدىكى كەمبەغەللەردىن ئەمەس بەلكى زەردارلاردىن بولغان، باي، باياشاتلىق، مەدەنىيەتلىك پارس دۆلىتىدىن كەلگەن بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مال-مۈلۈك، بايلىق ۋە ھۇزۇر -ھالاۋەتنى رەت قىلىپ كۈنىگە ئۆزى ئىشلەپ تاپقان بىر دىرھەم بىلەن قانائەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ...؟!

ئۇ نېمە ئۈچۈن ھوقۇق تۇتۇشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «ئىككى ئادەمگە باشلىق بولماي توپا يەپ تۇرمۇش كەچۈرەلىسەڭ شۇنداق قىلغىن...» دەيدۇ...؟!

نېمە ئۈچۈن ئۇ جىھاد ئۈچۈن يولغا چىققان قوشۇنغا قوماندان بولۇش، ئۆزىدىن باشقا ياراملىق ئادەم تېپىلمىغان شارائىتتا باشلىق بولۇشقا مەجبۇرلانغان چېغىدا كۆز يېشى قىلغان، ئېھتىياتچان بولغان ھالدا ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا ھەرقانداق ھوقۇق-مەنسەپنى رەت قىلىدۇ...؟!

يەنە ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە مەجبۇرىي بېرىلگەن شۇ قوماندانلىق مەزگىلىدىكى ھالال بايلىقنى ئېلىشقا ئۇنىمايدۇ...؟!

ھىشام ئىبنى ھەسساننىڭ ھەسەندىن رىۋايەت قىلىشىچە «شۇ چاغدا سەلمانغا بېرىلمەكچى بولغان بايلىق بەش مىڭ ئىكەن، ئۈچ مىڭ ئادەم ئالدىدا توننىڭ يېرىمىنى ئۈستىگە كىيىپ يېرىمىنى ئاستىغا سېلىپ ئولتۇرۇپ خۇتبە ئوقۇپ ۋەز-تەبلىغ قىلىدىكەن. ئۆزىگە تەقسىم بولغان بايلىقنى رەت قىلىپ ئۆزى ئىشلەپ جان باقىدىكەن»

ئۇ بىر ھۇزۇر ھالاۋەت قوينىدا ئىغاڭلاپ، مەدەنىيەت بېغىدا يايراپ چوڭ بولغان بىر پارسلىق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا تەقۋادارلىق قىلىدۇ...؟! نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ...؟

ئۇنىڭ ئۇلۇغ روھى رەھىمدىل، بۈيۈك پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقات بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان چېغىدا ئۆلۈم كۆرپىسىدە ياتقان ھالدا بەرگەن جاۋابىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى.

سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئۇنى يوقلاپ يېنىغا كىرگەندە سەلمان كۆز يېشى قىلىپ يىغلىغان، بۇنى كۆرۈپ سەئىد: نېمىگە يىغلايلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلىدىن رازى بولغان ھالەتتە ۋاپات بولدىغۇ...؟ دېۋىدى، سەلمان جاۋاب بېرىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆلۈمدىن قورقۇپ ياكى دۇنيادىن ئايرىلالماي يىغلىغىنىم يوق، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە: «سىلەر دۇنيادىن بىر يولۇچىغا لايىق ئوزۇق-تۈلۈككە ئېرىشسەڭلار شۇ كۇپايە» دەپ ئەھدە قىلغان ئىدى، ئەمدى قارىسام ئەتراپىمدا يەنە بىر مۇنچە نەرسىلەر تۇرىدۇ دېدى!

سەئىد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا قارىسام بىر چۆگۈن بىلەن لىگەندىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا: ئىجرا قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە بىر ئىشنى ئەھدە قىلغىن دېۋىدىم مۇنداق دېدى: :«ئى سەئىد، بىرەر ئىشقا كىرىشكەن چېغىڭدا ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ھۆكۈم چىقارغان ۋاقتىڭدىمۇ ئاللاھنى ياد ئەتكىن، بىرەر نەرسىنى تەقسىملىگەن ۋاقتىڭدىمۇ ئاللاھنى ياد ئەتكىن» دېدى.

ئۇنداقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ساھابىلىرىغا دۇنيانىڭ ئۇلارنى ئالدىغا سېلىۋالماسلىق، دۇنيادىن پەقەت يولۇچىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىچىلىك مىقداردا ئېلىش توغرىسىدىكى قىلغان ئەھدىسى ئۇنىڭ قەلبىنى دۇنيانىڭ مال-دۇنيالىرى ۋە مەئىشەتلىرىدىن قول ئۈزدۈرگەنسېرى ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىدىيىسى ئۇنىڭ دىلىنى بايلىققا تولدۇرغان ئىكەن...

سەلمان بۇلارنى ئېسىدە چىڭ تۇتقان بولسىمۇ يەنە ئۆزىنىڭ روھىنىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرەپ كۆز يېشى قىلدى...

يېنىدا تاماق يەيدىغان بىر دانە لېگەن بىلەن سۇ ئىچىدىغان ۋە تاھارەت ئالىدىغان بىر دانە چۆگۈندىن باشقا ھېچنەرسە بولمىسىمۇ يەنە ئۆزىنى ھۇزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن دەپ ئويلاۋاتىدۇ...

مەن سىلەرگە ئۇ ئۆمەرگە ئەڭ ئوخشايدۇ دېمىگەنمىدىم...؟

«مەدائىن»غا ئەمىر بولغان شۇ مەزگىللەردىمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، خۇددى بىز يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئەمىرلىك مۇكاپاتىدىن بىر دىرھەممۇ ئېلىشقا ئۇنىماي داۋاملىق ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ جان باققان، كىيىدىغان كىيىمى پەقەت بىر ئاددىي يەكتەك بولۇپ، ئاددىي-ساددىلىقتا كونا كىيىمدىن قېلىشمايتتى...

بىر كۈنى يولدا كېتىۋاتقاندا، شام تەرەپتىن كەلگەن ئەنجۈر بىلەن خورما يۈدۈۋالغان بىر ئادەم ئۇچراپ قالدى، بۇ شاملىق ئادەم ھېرىپ كەتكەنلىكتىن يۈكنى كۆتۈرەلمەيۋاتاتتى، ئۇ ئالدىدا ئادەتتىكى كەمبەغەل كىشىلەردەك كۆرۈنىدىغان بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يۈكنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن ئەجىرىنى بېرىشنى ئويلىدى-دە، ئۇ ئادەمگە كەل دەپ ئىشارەت قىلىۋىدى كەلدى، بۇ چاغدا شاملىق ئۇنىڭغا بۇ يۈكنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگىن دېدى ۋە ئىككىيلەن بىرلىكتە مېڭىشتى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا بىر جامائە كىشىلەرگە ئۇچراپ قېلىشتى-دە ئۇلارغا سالام قىلىشتى، بۇ كىشىلەر ئۇلارغا سالام قايتۇردى ۋە «ئەمىرگىمۇ سالام» دېيىشكىنىچە كېتىپ قېلىشتى.

بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى شاملىق ھەيران قالدى ۋە ئۆز-ئۆزىگە: ئەمىرگىمۇ سالام...؟؟ قايسى ئەمىرنى دەۋاتىدۇ...؟!دېدى.

بەزىلەرنىڭ سەلمان تەرەپكە ئالدىراپ كېلىپ: ئى ئەمىر، ئەكەلسىلە، يۈكنى مەن كۆتۈرۈۋالاي دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

ئەنە شۇ چاغدا بۇ شاملىق، ئۇ كىشىنىڭ مەدائىن شەھىرىنىڭ ئەمىرى «سەلمان فارىسىي» ئىكەنلىكىنى پەملىدى،-دە، قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ قىلغانلىرىدىن كۆپ ئۆزرە ئېيتتى ۋە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يۈكنى تارتىپ ئېلىپ ئۆزى كۆتۈرمەكچى بولدى، لېكىن سەلمان بېشىنى چايقاپ رەت قىلىپ: «ياق، بارىدىغان يېرىڭىزگىچە ئۆزۈم كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بېرەي»...!! دېدى.

بىر كۈنى ھەمراھى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قارىسا خېمىر يۇغۇرىۋاتقان ئىكەن، بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: خىزمەتچى نەگە كەتتى...؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇنى بىر ئىشقا ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى تاپشۇرۇشنى خالىمىدۇق دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

بىز «ئۆي» دېگەن ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ قانداقراق ئۆي ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى.

سەلمان ھازىر بىز ئۆي دەپ ھېسابلاۋاتقان بۇ ئۆينى سالماقچى بولغاندا قۇرۇلۇشچىدىن: ئۆينى قانداقراق سېلىپ بېرىسىز؟ دەپ سورىغان، قۇرۇلۇشچى ناھايىتى زېرەك ئادەم بولۇپ سەلماننىڭ تەقۋادارلىقى ۋە پەرھىزكارلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا چاقچاق قىلىپ:«ئەنسىرىمىسىلە... ئىسسىقتا سايىدىغىلى، سوغۇقتىن ساقلانغىلى بولغۇدەك، ئۆرە تۇرسىلا باشلىرى تورۇسقا تاقىشىپ قالىدىغان، ياتسىلا پۇتلىرى تامغا تاقىشىپ قالىدىغان بىر ئۆي سېلىپ بەرسەم بولار...؟ دەپ جاۋاب بەرگەندە سەلمان ئۇنىڭغا: «بولىدۇ، شۇنداق سېلىپ بېرىڭ» دېگەن!!

بۇ ئۆيدە سەلمان ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئايالىغا ئىشەنچلىك بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئامانەت بەرگەن بىر نەرسىدىن باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىچىدە ئۇنى قىزىقتۇرغۇدەك ھېچنەرسە يوق ئىدى.

ئۆلۈم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قەبزى روھ بولغان كۈننىڭ ئەتتىگىنىدە ئايالىنى چاقىرىپ: «مەن سىزگە يوشۇرۇپ قويۇشقا بەرگەن نەرسىنى ئېلىپ كېلىڭ» دېدى.

ئايالى ئۇنى تېپىپ ئېلىپ كەلدى. ئەسلىدە ئۇ «جەلۋىللا» دېگەن يەرنى ئازاد قىلغان كۈنىسى ئېرىشكەن، خالتىغا قاچىلانغان ئىپار بولۇپ، ۋاپات بولغان كۈنىسى ئۆزىنى خۇشپۇراقلاشتۇرۇشقا ساقلاپ قويغان ئىكەن.

ئۇ بىر پىيالىنى ئەكەلدۈرۈپ سۇ قۇيۇپ ئىپارنى ئۇنىڭغا تاشلىدى ۋە قولى بىلەن بىر ئارىلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئايالىغا سۇنۇپ: «بۇنى ئەتراپىمغا سېپىپ قويۇڭ، چۈنكى ھازىر مېنىڭ يېنىمغا ئاللاھنىڭ خەلقىدىن تائام يېمەيدىغان، پەقەت خۇشپۇراق نەرسىنى ياخشى كۆرۈدىغان بىر تۈركۈم خەلق ھازىر بولۇۋاتىدۇ» دېدى، ئايالى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «ئەمدى ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ چىقىپ كېتىڭ» دېدى... ئايالى دېگىنىنى قىلدى...

بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ مۇبارەك روھنىڭ تېنىدىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ بۇ دۇنيادىن كەتكەنلىكىنى بايقىدى...!!

ئۇنىڭ روھى ئىشتىياق قاناتلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۇ يەردە مۇھەممەد پەيغەمبەر، ئۇنىڭ ئىككى ساھابىسى ئەبۇبەكرى، ئۆمەرلەر بىلەن يەنە شېھىتلەر ۋە ياخشى بەندىلەردىن تەركىب تاپقان ئۇلۇغ جامائە بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى.

ئەنە شۇ كۆرۈشۈشكە بولغان تەشنالىق سەلماننى ئۇزاقتىن بۇيان قىيناپ كېلىۋاتاتتى...

مانا بۈگۈن ئۇنىڭ بۇ تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 02:46 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 33 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |






مۇسئەب ئىبنى ئۈمەير



ئىسلام ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى!

*                   *                   *

بۇ ئادەم مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بىرى، گەپنى ئۇنىڭ بىلەن باشلىساق نېمە دېگەن ياخشى.

ئۇ قۇرەيش ياشلىرىنىڭ ئالدى، ئەڭ قاملاشقىنى، ئەڭ نوچىسى، ئەڭ ئېسىلى، تارىخچىلار ۋە رىۋايەتچىلەر ئۇنىڭ ياشلىقىنى تەسۋىرلەپ: «مەككە خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى» دېيىشىدۇ... باياشاتلىقتا تۇغۇلۇپ ھۇزۇر ھالاۋەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، باياشاتلىقنىڭ مەخمەللىرى ئىچىدە ئېغىناقلاپ چوڭ بولغان... مەككە ياشلىرى ئىچىدە «مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير» دەك ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا سازاۋەر بولغان يەنە بىر ياش بولمىسا كېرەك.

ئەنە شۇنداق ھۇزۇر -ھالاۋەت ئىچىدە پەپىلىنىپ چوڭ بولغان، مەككە ئالاقاناتلىرىنىڭ داستانىغا ئايلانغان، سورۇنلىرىنىڭ ئۈنچىسى ھېسابلىنىدىغان بىر يۇمران يىگىتنىڭ ئىمان ۋە پىداكارلىق ئالىمىدىكى بىر رىۋايەتكە ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ...؟؟

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، «مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير»نىڭ ياكى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى تونۇلغان نامى بىلەن ئېيتقاندا قۇتلۇق مۇسئەبنىڭ خەۋىرى نېمە دېگەن ئاجايىپ...!!

شۈبھىسىزكى، ئۇ ئىسلام بارلىققا كەلتۈرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەربىيىلىگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىرى...

لېكىن قانداق بىرى...؟ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ھاياتلىق قىسسىسى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئەۋلادى ئۈچۈن ئەلۋەتتە شەرەپ ھېسابلىنىدۇ...

بۇ يىگىت بىر كۈنى، مەككە خەلقى «ئىشەنچلىك» مۇھەممەد يەنى ئاللاھ ئۇنى خۇش بېشارەت بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، يېگانە ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغۇچى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرىسىدا ئاڭلاشقا باشلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدى.

مەككە خەلقىنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ئىشى يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ دىنىدىن باشقا دېيىشىدىغان گېپى يوق شۇ كۈنلەردە قۇرەيشنىڭ بۇ ئەركە يىگىتى بۇ خەۋەرگە ھەممە ئادەمدىن كۆپرەك قۇلاق سالاتتى.

چۈنكى، گەرچە ئۇنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بوي-بەستى كېلىشكەن، ئەقلى يېتىشكەن بولغاچقا ھەرقانداق سورۇن ئەھلى ئۇنى ئارىغا ئېلىشقا قىزىقاتتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن گۈزەللىك ئېلىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى...

ئۇ بۇ تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرلەر ئىچىدىن، مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلار قۇرەيشنىڭ ئەھمىيەتسىز سۆزلىرى ۋە ئازار بېرىشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، سەفا تېغىدىكى «ئەرقەم ئىبنى ئەبىل ئەرقەم»نىڭ ھويلىسىغا توپلىشىپ شۇ يەردە ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايدىكەن دېگەن بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدى-دە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن، بىر كۈنى كەچتە زور قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ توپقا قوشۇلدى...

مانا مۇشۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن مۇلاقات بولۇپ، ئۇلارغا قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىپ بېرەتتى، ئۇلار بىلەن بىللە بۈيۈك، ئۇلۇغ ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇيتتى.

مۇسئەب كىرىپ ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا، ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدىن سىرغىپ مۇبارەك لەۋلىرىدىن ئۈنچىدەك نۇرلۇق، تىزىلىپ چىقىپ قۇلاقلار ۋە دىللارغا سىڭىشىپ كىرە-كىرمەيلا ئۇنىڭ قەلبى شۇ ئاخشامدىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان قەلب بولۇپ قالدى...!!

ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن ئورنىدا ئولتۇرالماي قالغان ئىدى، خۇشاللىقىدىن ئۇچۇپ كېتەي دەپ قالغان ئىدى.

لېكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك ئوڭ قولىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئېچىپ بۇ يالقۇنجاپ تۇرغان كۆكرەكنى، تېپىرلاۋاتقان قەلبىنى سىيپىدى، بۇ چاغدا ئۇ دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدەك بىر خىل خاتىرجەملىكنى ھېس قىلدى... كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىمان ئېيتقان، مۇسۇلمان بولغان بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ يېشى ۋە ئۆمرىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھېكمەتكە، زاماننىڭ رەپتارىنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك قەتئىي ئىرادىگە ئىگە بولدى...!!

مۇسئەبنىڭ ئانىسى – مالىكنىڭ قىزى «خۇناس» ئالاھىدە جاسارەتلىك ئايال بولۇپ، كۆپ ئادەم ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى...

مۇسئەب مۇسۇلمان بولغان چېغىدا ئانىسىنىڭ دەبدەبىسىدىن باشقا ھېچكىمدىن ئېھتىيات قىلمايتتى ياكى قورقمايتتى.

گەرچە مەككە پۈتۈن يۇرتلىرى، پۈتۈن كاتتىۋاشلىرى، پۈتۈن سەھرالىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان تەقدىردىمۇ مۇسئەب بۇنى خېلى بىر چاغلارغىچە كۆزگە ئىلماي يۈرەلەيتتى.

ئەمما ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشى، بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان قورقۇنچىدۇر...!

ئۇ دەرھال ئويلاندى ۋە ئاللاھ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغانغا قەدەر مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئانىسىدىن يوشۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئۇ ئىمانى ۋە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئانىسىنىڭ غەزىپىدىن كۆڭلى ئارام تاپقان ھالەتتە داۋاملىق «ئەرقەم» نىڭ ئۆيىگە بارىدىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تەلىم-تەربىيە ئالىدىغان بولدى...

ئەپسۇسكى مەككىدە بولۇپمۇ مۇشۇ كۈنلەردە ھەربىر يولدا ھەتتا يۇمشاق قۇملار ئۈستىدىكى ھەربىر ئاياق ئىزىنىڭ كەينىدە قۇرەيشنىڭ كۆز-قۇلاقلىرى بار بولۇپ، بىرەر سىرنى يوشۇرۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى...

ئوسمان ئىبنى تەلھە ئۇنىڭ ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ مۇھەممەدنىڭ نامىزىغا ئوخشاش ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە، قۇيۇندەك تېز سۈرئەتتە مۇسئەبنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىن خەۋەر بەردى...

مۇسئەب ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە چۆرىسىگە توپلىشىپ تۇرغان مەككە كاتتىۋاشلىرى ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلارغا ھەقىقەتكە خاس چىن ئىشەنچ ۋە شىجائەت بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئارقىلىق قەلىبلىرىنى يۇيۇپ ھېكمەت، شەرەپ، ئادالەت ۋە تەقۋادارلىققا توشقۇزغان قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىپ بەردى.

بۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئانىسى قاتتىق بىر كاچات بىلەن ئۇنى توختىتىپ قويماقچى بولدى، لېكىن ئوقتەك كەلگەن قول ئۇنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ چىرايلىقلاشتۇرۇپ، ھەيۋىسىگە ھۆرمەتلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغلۇق، قانائەتلىنىشكە ئۈندەيدىغان سالماقلىق ئاتا قىلغان نۇرى ئالدىدا تېزلا بوشىشىپ كەتتى ۋە تېيىپ كەتتى...

ئەمما ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى ئانىلىق بېسىمى ئاستىدا ئۇرۇش ۋە ئازار بېرىشتىن نېسى قويسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇسئەب تەرك ئەتكەن ئىلاھلىرى ئۈچۈن باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر ئىدى...

شۇنداق قىلىپ ئانىسى ئۇنى ئۆينىڭ بىر ياقىسىدىكى تۈۋرۈككە باغلاپ سولاپ قويدى ۋە ئىشىكنى مەھكەم تاقىۋەتتى، تاكى بىر قىسىم مۆمىنلەر ھەبەشىلەر زېمىنىغا ھىجرەت قىلغانغا قەدەر سولاقتا تۇردى، ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئانىسى ۋە قاراۋۇللىرى دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە، بىر ئاماللارنى قىلىپ قۇتۇلۇپ چىقتى ۋە ئۇمۇ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلدى...

ئۇ، ھەبەشىستاندا مۇھاجىر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن بىللە يەنە مەككىگە قايتىپ بارىدۇ، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ساھابىلار بىلەن بىرلىكتە ھەبەشىستانغا ئىككىنچى قېتىم ھىجرەت قىلىدۇ.

مۇسئەب مەيلى ھەبەشىستاندا ياكى مەككىدە بولسۇن، ئۇنىڭ ئىمانى يولىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ئۇنىڭ ھەر جاي، ھەر زاماندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى، مانا ئۇ ھاياتىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ تاللانغان نەمۇنىسىنى ئۆزلىرىگە بەرگەن يېڭى تەرز بويىچە خاراكتېرلەندۈرۈپ بولدى، ئەمدى ئۇ ھاياتنىڭ بۈيۈك ياراتقۇچىسى، ئۇلۇغ ئىجاد قىلغۇچىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا يارايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولدى...

بىر كۈنى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپلا باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشىپ يەرگە قاراشتى، بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەتلىك ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى...

چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ياماق چۈشكەن، چىرىپ كەتكەن كۆينەك كىيىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئۇ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى كىيگەن باغنىڭ گۈللىرىدەك چىرايلىق، ئېسىل، ئالىي كىيىملىرى كۆز ئالدىغا كەلگەن ئىدى...

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈستى بېشىغا ھېكمەت نەزەرلىرىنى مەمنۇنلۇق، مېھرى-مۇھەببەت ئىچىدە بىر قۇر ئاغدۇرغاندىن كېيىن، مۇبارەك لەۋلىرىدە ئالىي تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.دە، مۇنداق دېدى: «مانا ھازىر مەن مۇسئەبنىڭ ئۈستى-بېشىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن، ئىلگىرى مەككىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ پەپىلىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئېرىشكەن يەنە بىر يىگىت يوق ئىدى. مانا ھازىر، ئۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈش يولىدا ھەممىدىن ۋاز كەچتى...!!»

ئانىسى ئۇنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىدىن يېنىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىلگىرى بەرگەن بارلىق نازۇ-نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى توختىتىپ قويدى... ۋە ئىلاھلىرىدىن ۋاز كېچىپ لەنەتكە گىرىپتار بولغان بىر ئىنساننىڭ، ھەتتا ئۇ ئۆز ئوغلى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ تامىقىدىن يېيىشكە يول قويمىدى...!!

ئۇ ھەبەشىستاندىن ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇ ئەگەر ئانىسى داۋاملىق شۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسا، ئۇنى سولاپ قويۇشقا ئانىسىغا ياردەملەشكەن ھەرقانداق ئادەمنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى...

ئانىسى ئۇنىڭ بىرەر ئىرادىگە كەلسە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ خوشلاشتى، ئۇمۇ ئانىسى بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ خوشلاشتى...

بۇ ۋىدالىشىش مىنۇتلىرىدا ئانا-بالا ھەرئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئېيتقانلىرىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولدى... ئانىسى ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ ئۇنىڭغا: نېمە ئىش قىلساڭ ئۆزەڭنىڭ ئىختىيارى، بۇندىن كېيىن مەن سېنىڭ ئاناڭ ئەمەس... دېگەندە ئۇ ئانىسىغا يېقىن كېلىپ، «ئى ئانا، مەن سىزگە نەسىھەت قىلىمەن، سىزگە بەكمۇ مېھرىبانمەن، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ (بەرھەق) يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىڭ» دېدى...

ئانىسى غەزەپلەنگەن، چېچىلغان ھالدا: «يورۇق يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، مەن سېنىڭ دىنىڭغا كىرمەيمەن، مېنىڭ ئېتىقادىمنى ھاقارەتلىشىڭگە، مېنى ھاماقەت، دۆت دەپ ئەيىبلىشىڭگە يول قويمايمەن...!!» دەپ جاۋاب بەردى.

شۇنداق قىلىپ، مۇسئەب يوقسۇللۇق ۋە جاپالىق تۇرمۇشنى ئەلا بىلىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان چەكسىز باياشاتلىقتىن ۋاز كەچتى... ئەمدى قاملاشقان بۇ ئەركە يىگىت ئەڭ ناچار كىيىملىرىنى كىيىپ، بىر كۈنى ئاچ، بىر كۈنى توق يۈرۈدىغان بولدى، لېكىن ئۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ بۈيۈكلۈكى بىلەن زىننەتلەنگەن، ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلانغان روھى ئۇنى پۈتۈن خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاجايىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر، سۈرلۈك بىر ئادەمگە ئايلاندۇردى...

شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ چاغدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە  مەدىنىگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ ئىمان ئېيتقان ۋە «ئەقەبە» دە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىشقان ئەنسارلارغا دىننى ئۆگىتىش، باشقىلىرىنى دىنغا كىرگۈزۈش، مەدىنىنى ئۇلۇغ ھىجرەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلاش ئىشىغا تاللىدى...

گەرچە شۇ چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدە ياش ۋە ئابرۇي جەھەتتىن ئۇنىڭدىن چوڭراق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن تۇغقان بولىدىغانلار بولسىمۇ، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنىلا «قۇتلۇق مۇسئەب»نى بۇ ئىشقا تاللىدى. ئۇمۇ بۇ زاتنىڭ ئۆزىگە شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە ھىجرەت يۇرتى، دەۋەت ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ، ئىسلام بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچىلەر، غازاتچىلارنىڭ مەركىزى ئورنى بولۇپ قالىدىغان مەدىنىدىكى ئىسلامنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى بېلەتتى ...

مۇسئەب ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلغان كۈچلۈك ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن ئامانەتنى ئۈستىگە ئالدى... ئۇ تەقۋادارلىقى، ئالىيجانابلىقى ۋە ئىخلاسمەنلىكى بىلەن مەدىنە خەلقىنىڭ دىللىرىنى تەسىرلەندۈردى-دە، ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كىرىشكە باشلىدى.

مەدىنە خەلقىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆزلىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن شۇ كۈن يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئەينى چاغدا مەدىنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن «ئەقەبە» بەيئىتىنى ئەھدە قىلىشقان ئاشۇ 12 نەپەر مۇسۇلماندىن باشقا ھېچبىر مۇسۇلمان يوق ئىدى، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ مەدىنە خەلقى ئارىسىدا تۇرغىنىغا بىر قانچە ئاي بولا-بولمايلا ئۇلار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشتى...!!

«ئەقەبە» بەيئىتىدىن كېيىنكى ھەج مەزگىلىدە، مەدىنە مۇسۇلمانلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى، بۇ ئۆمەك 70 نەپەر ئەر-ئايال مۆمىندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنى پېشۋاسى، پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىسى- مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير باشلاپ كەلگەن ئىدى.

مۇسئەب ئەقىل-پاراسىتى ۋە چىدامچانلىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تاللاشنى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى...

مۇسئەب ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوبدان چۈشىنەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەردائىم ئۇنىڭ كويىدا بولاتتى... ئۆزىنىڭ ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ كىشىلەرنى ھىدايەتكە، توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان دىنى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى... ئۆزىنىڭ خۇددى ئۆزى ئىمان كەلتۈرگەن پەيغەمبىرىگە ئوخشاشلا پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى بېلەتتى ...

ئۇ «ئەسئەد ئىبنى  زەرارە» نىڭ ياردىمىدە بىرلىكتە ھەربىر قەبىلىگىچە بېرىپ، ھەربىر ئۆي ۋە سورۇننى چالا قويماي ئارىلاپ كىشىلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزلىرىدىكى كىتابنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىشكە، ئۇلارغا ئاجايىپ مۇلايىملىق بىلەن «ئاللاھ پەقەت بىر يېگانە ئىلاھتۇر» دەپ خىتاب قىلىشقا باشلىدى...

ئۇ سەزگۈر ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئالىي روھى بولمىغان بولسا، ئۆزىنى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە بولغۇچىلارنى ھالاك قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان بەزى ئىشلارغا دۇچ كەلدى...

بىر كۈنى ئۇ كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىۋاتقاندا توساتتىن مەدىنىدىكى ئابدۇل ئەشھەل جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى «ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير» نەيزىسىنى غىلىپىدىن چىقارغان ھالدا، قەۋمىنى دىنىدىن چىقىرىش، ئۇلارنى ئىلاھلىرىنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇلارغا مۇندىن ئىلگىرى تونۇپ باقمىغان، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر يالغۇز ئىلاھ توغرىسىدا ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن كەلگەن بۇ كىشىگە غەزەپلىنىپ ئوت بولۇپ يانغان ھالدا ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كەلدى...!

ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرى ۋە خىياللىرچە ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئىلاھلىرىنىڭ تۇرىدىغان ئورۇنلىرى بار ئىمىش، لازىم بولغاندا ئىزدەپ بارار ئىمىش، ئىلتىجا قىلسا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلار ئىمىش...!

لېكىن ئۆزلىرىگە ۋەكىل بولۇپ كەلگەن بۇ ئەلچىنى ئۇلارنى دەۋەت قىلىشقا ئەۋەتكەن مۇھەممەدنىڭ ئىلاھى بولسا، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىشى بىلمەسمىش، ھېچكىممۇ ئۇنى كۆرەلمەسمىش...!!

مۇسئەب بىلەن بىللە ئولتۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلار «ئۇسەيد ئىبنى ھۈزەير» نىڭ غەزەپ ئوتلىرى يالقۇنجىغان ھالدا شىردەك ھۆركىرەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىشتى... لېكىن «قۇتلۇق مۇسئەب» كۈچ-قۇۋۋەت بەرگۈچى پەقەت ئاللاھ دېگەن تەسبىھنى ئوقۇغان ھالدا تەۋرەنمەي قەددىنى رۇس تۇتۇپ مۇستەھكەم تۇردى.

ئۇسەيد ئۇنىڭ ئالدىدا غەزەپكە تولغان ھالدا تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئەسئەد ئىبنى زەرارىگە خىتاب قىلىپ: «سىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزغا نېمىدەپ كەلدىڭلار؟ ئاجىزلىرىمىزنى ئەخمەق قىلغىلىما؟ ھاياتىڭلاردىن ۋاز كېچىشنى خالىمىساڭلار بۇ يەردىن دەرھال كېتىڭلار » دېدى...!!

«قۇتلۇق مۇسئەب» نىڭ روھىيىتى خۇددى دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە سۈرلۈكلىكىدەك، تاڭنۇرىنىڭ گۈزەللىكى ۋە سالمىقىدەك يورىدى-دە، تىلىغا سىلىق ئىبارىلەرنى يۈگۈرتۈپ: «ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ باقمامسەن...؟! خالىساڭ قوبۇل قىلارسەن، خالىمىساڭ رەت قىلارسەن...»دېدى.

يائاللا...! ئۇنىڭ ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان نەتىجىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدىغان نېمە دېگەن كارامەت باشلىنىش بۇ!؟

«ئۇسەيد» ئاقىل، سەزگۈر ئادەم ئىدى... مانا ئۇ مۇسئەبنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئىختىيارلىقىغا قويىۋاتقانلىقىنى... ئۆزىنى پەقەت ئاڭلاپ بېقىشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ، قايىل بولسا تېخى ياخشى، ناۋادا قايىل بولمىسا مۇسئەب كاۋاپنىمۇ، زىخنىمۇ كۆيدۈرمەي ئۇلارنىڭ يۇرتى ۋە جەمەتىنى تاشلاپ باشقا يۇرت ۋە باشقا جەمەتكە يۈزلىنىدۇ...

بۇ چاغدا «ئۇسەيد» جاۋاب بېرىپ: توغرا ئېيتتىڭ ... دېدى ۋە نەيزىسىنى يەرگە تاشلاپ قۇلاق سېلىپ ئولتۇردى...

مۇسئەب قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى... مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم )ئېلىپ كەلگەن دەۋەتنى شەرھلەپ بېرىش بىلەنلا «ئۇسەيد» نىڭ روھىيىتى نۇرلىنىشقا ۋە يورۇشقا، ئايەتلەردىن تەسىرلىنىپ بەدىئىيلىكىدىن زوقلىنىشقا باشلىدى...!!

مۇسئەبنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا «ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير» مۇسئەب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان كىشىلەرگە: «نېمە دېگەن گۈزەل، نېمە دېگەن ھەق سۆزلەر بۇ...!» بۇ دىنغا كىرمەكچى بولغان ئادەم نېمە قىلسا بولىدۇ...؟ دېدى.

بۇ چاغدا ئۇلار ئۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالغان تەھلىل كەلىمىسى بىلەن جاۋاب بەرگەندىن كېيىن مۇسئەب ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال كىيىم-كېچەكلىرى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى پاكىزلايدۇ، ئاندىن كېيىن بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بەرھەق يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ» دېدى...

بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۇسەيد خېلى ئۇزۇن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن چاچلىرىدىن سۇ تامچىلاپ تۇرغان ھالدا قايتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھى بەرھەق يوق ئىكەنلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە ئەتراپقا تارقالدى... «سەئىد ئىبنى مۇئاز» مۇ كېلىپ مۇسئەبنىڭ ۋەز-نەسىھىتىنى ئاڭلاپ قايىل بولدى ۋە مۇسۇلمان بولدى، ئارقىدىن «سەئىد ئىبنى ئۇببادە» مۇسۇلمان بولدى... شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىنئامى تولۇق بولۇشقا باشلىدى ۋە مەدىنە خەلقى بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ بىر-بىرىگە سوئال قويۇشتى: «ئۇسەيد ئىبنى ھۈزەير، سەئىد ئىبنى مۇئاز، سەئىد ئىبنى ئۇببادە قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرىمىز مۇسۇلمان بولۇشقان تۇرسا بىز نېمىشقا مۇسۇلمان بولمايمىز...؟ يۈرۈڭلار، مۇسئەبنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتايلى، بۇرادەرلىرىمىزنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققىنىنىڭ ھەممىسى ھەق ئىمىش...!!»

شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى تەڭداشسىز مۇۋەپپەقىيەتكە يەنى ئۆزى ئۇنىڭ ئەھلى بولغان، ئۆزىگە لايىق بولغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئىگە بولدى...

كۈنلەر ۋە يىللار ئۆتۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ باردى، بۇنى ئاڭلاپ قۇرەيشنىڭ ئاداۋەتلىرى تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ، ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىنى زالىملارچە سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇزۇقچىلىقنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ... ۋە «بەدىر» غازىتى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلار بۇ غازاتتا كۆپ تالاپەت تارتىپ قىساس ئېلىشقا ئاتلىنىدۇ. نەتىجىدە «ئۇھۇد» غازىتى يۈز بېرىدۇ. مۇسۇلمانلار يەنە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ بايراق كۆتۈرىدىغانغا بىرەرسىنى تاللاش ئۈچۈن مۆمىن چىرايلارغا زەن سالىدۇ ۋە «قۇتلۇق مۇسئەب»نى چاقىرىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ دەرھال سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بايراقنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ...

دەھشەتلىك ئۇرۇش بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىدۇ، ئۆلۈم-يېتىم كۆپ بولىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ مەغلۇب بولۇپ چېكىنىپ قايتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەرگەنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ تاغ ئۈستىدىكى ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىدۇ، بۇنى كۆرگەن قۇرەيشنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى تاغ چوققىسىدىن تۇيۇقسىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ قىلىچلىرىنى ساراڭلارچە ئىشقا سالىدۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ مەرگەنلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ تاغ ئۈستىنى ساقلىماسلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسىنى تېز سۈرئەتتە مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ...

ئۇلار مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ پاتىپاراق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرۈپ، كۈچ توپلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەركەزلىك ھۇجۇم قىلماقچى بولۇشىدۇ...

بۇچاغدا، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان خەتەرنى دەرھال سېزىپ قالىدۇ-دە، دۈشمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۇجۇم قىلىشىغا كاشىلا قىلىش ئۈچۈن بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يولۋاستەك ھۆركىرەپ تەكبىر ئوقۇغان ھالدا دۈشمەننىڭ ئالدىغا ئوقتەك ئېتىلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزى يالغۇز پۈتۈن بىر قوشۇنغا ھۇجۇم قىلىدۇ... توغرا، مۇسئەب خۇددى كۈرمىڭ ئەسكەردەك ئۆزى يالغۇز جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ...

بىر قولىدا ھۆرمەت بىلەن بايراق كۆتۈرسە، يەنە بىر قولىدا غەيرەت بىلەن قىلىچ ئۇرىدۇ... لېكىن دۈشمەنلەر ئۇنىڭ تەن توسىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بارغانسېرى كۆپلەپ ئېتىلىدۇ...

ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى بىزگە، ئۇلۇغ مۇسئەبنىڭ ھاياتىدىكى ئاخىرقى مىنۇتلارنىڭ قانداق بولغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بەرسۇن...!!

ئىبنى سەئىد مۇنداق دەيدۇ:

ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى شۇرەھبىيل ئەبدەرىيىنىڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ ئېيتىپ بېرىشىچە «ئۇھۇد» ئۇرۇشى بولغان كۈنى «مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير» بايراقنى كۆتۈرگەن ئىدى، مەيداندا داۋاملىق چىڭ تۇرغان ئىدى. تۇيۇقسىز «ئىبنى قەميىئە» ئاتلىق ھالەتتە ئېتىلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا قىلىچ ئۇرۇپ ئۈزۈۋەتتى. بۇ چاغدا مۇسئەب« وَمَا مُحَمَّدٌ إِلاَّ رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ الرُّسُلُ »  «مۇھەممەد پەقەت پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)» (سۈرە ئال ئىمران: 144) دېگەن پېتى، يەرگە ئېڭىشىپ بايراقنى سول قولى بىلەن ئالدى، ئۇ ئەبلەخ ئۇنىڭ سول قولىغىمۇ قىلىچ ئۇرۇپ ئۈزۈۋەتكەندە، يەنە «مۇھەممەد پەقەت پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)» دېگەن پېتى يەرگە ئېڭىشىپ بايراقنى ئىككى بىلىكى بىلەن قىسىپ ئېلىپ كۆكرىكىگە تىرەپ تۇتتى. ئۇنىڭغا ئۈچىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلغاندا نەيزە كۆكرىكىگە سانجىلىپ سۇنۇپ كەتتى. مۇسئەب يەرگە يىقىلدى، بايراقمۇ چۈشۈپ كەتتى...

مۇسئەب يەرگە يىقىلدى... بايراقمۇ چۈشۈپ كەتتى...!!

بۇ شېھىتلىك زىننىتى، شېھىتلەر يۇلتۇزى چەكسىز باتۇرلۇق بىلەن پىداكارلىق، ئىمان ئۇرۇشى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يىقىلدى... ئىمان ئاسمىنىدىكى بىر چولپان ئۆچتى...

ئۇ، مەن يىقىلسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتىللاردىن مۇداپىئەسىز ۋە ھىمايىسىز قالىدۇ... دەپ ئويلايتتى.

ئۇ ھەر قېتىم قىلىچ زەربىسى بىلەن بىلىكىدىن ئايرىلغاندا:« وَمَا مُحَمَّدٌ إِلاَّ رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ الرُّسُلُ » «مۇھەممەد پەقەت پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇنى زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكى ۋە زىيادە ئەيمىنىپ كەتكەنلىكىگە تەسەللى قىلاتتى.

كەسكىن ئۇرۇشتىن كېيىن توغرا يول تۇتقۇچى بۇ شېھىتنىڭ تېنى پاك قېنىغا مىلەنگەن، يۈزىنى يەرگە قارىتىپ يوشۇرۇپ گويا ئۇخلاۋاتقاندەك ھالەتتە بايقالدى...

ئۇ، گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يامانلىق يېتىشتىن ئىبارەت ئۆزى ئەڭ ئېھتىيات قىلىدىغان، ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن يۈزىنى يوشۇرۇۋالغاندەك قىلاتتى...!!

ياكى گويا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تولۇق خاتىرجەم قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنى ھىمايە قىلىش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى شېھىت بولۇپ ئالەمدىن كېتىپ قالغانلىقىدىن خىجىل بولغاندەك قىلاتتى...!!

ئى مۇسئەب... نامىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن پەخىر بولغان زات، ئاللاھ ساڭا ئۆزى بەخت ئاتا قىلغۇسى...!!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئۇرۇش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ شېھىتلەرگە ۋىدا ئېيتقىلى كەلدى...

ئۇلار مۇسئەبنىڭ مۇبارەك جەسىدىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ،ۋاپادارلىق بىلەن كۆپ كۆز يېشى قىلىشتى...

خەبباب ئىبنى ئەرەت مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلدۇق، ئەجىرىمىزنى ئاللاھ بېرىدۇ، چۈنكى ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيادا ئەجرىنىڭ مېۋىسىدىن ھېچنەرسە يېمەي ئۇ ئالەمگە كەتتى. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير بولسا ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر، ئۇ «ئۇھۇد» غازىتىدا قەتلى قىلىندى... ۋاپات بولغان ۋاقتىدا ئۈستىدە پەقەت بىر تال تونلا بار بولۇپ، كېپەنلەشكە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى... بېشىنى يۆگىسەك پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى يۆگىسەك بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، بۇنى كۆرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە «تون بىلەن باش تەرىپىنى يۆگەڭلار، پۇتىنى ئىزخىر قومۇشى بىلەن يۆگەپ قويۇڭلار» دېگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ تاغىسى ھەمزىنىڭ پۇت-قوللىرىنى كېسىپ پارچىلاپ ئۇنى ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلىشى بىلەن چوڭقۇر ئەلەم چەككەن، يۈرەك ئازابى تارتىپ چەكسىز كۆز يېشى قىلغاننىڭ ئۈستىگە، ئىخلاسمەن، سادىق، پاك دوستلىرى ۋە يارەنلىرىنىڭ جەسەتلىرى بىلەن ئۇرۇش مەيدانى توشۇپ ئازاب چەككەننىڭ ئۈستىگە، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسىنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىۋاتىدۇ...

توغرا... پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ جەسىتىگە مېھرىبانلىق، ۋاپادارلىق بىلەن قارىغىنىچە: «مِنَ الْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ صَدَقُوا مَا عَاهَدُوا اللَّهَ عَلَيْهِ »  «مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرىلىق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار» (سۈرە ئەھزاب: 23) دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.

ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ كېپەنلەنگەن تونىغا ئەلەم بىلەن نەزەر تاشلىدى-دە: «مەن سېنى مەككىدە كۆرگەن ۋاقتىمدا، مەككىدە سەندىن ئېسىلراق كىيىنگەن، چېچىنى سەندىن چىرايلىقراق ياساتقان يەنە بىر ئادەم يوق ئىدى، مانا بۈگۈن سەن پەقەت بىر تونغا ئورانغان ھالدا، چاچلىرىڭ پاخپايغان ھالدا ياتىسەن»...؟! دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەبنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى بارلىق سەپداشلىرىغا مېھرىبانلىق ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك بىر نەزەر سالغاندىن كېيىن نىدا قىلىپ: «شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرنىڭ شېھىت ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېدى...

ئاندىن كېيىن ئەتراپىدىكى ھايات قالغانلارغا ئالدىنى قىلىپ: «ئى خالايىق، ئۇلارنى زىيارەت قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلارغا سالام قىلىڭلار، روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، قىيامەت كۈنىگىچە كىم ئۇلارغا سالام قىلىدىكەن ئۇلار ئۇنىڭغا سالام قايتۇرىدۇ » دېدى...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئى مۇسئەب... ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئى شېھىتلەر جامائىسى... سىلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن...!


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 33 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2425
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24694
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4396 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:15:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Hislet يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 03:03 PM
مۇسئەب ئىبنى ئۈمەير

مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز قېرىندىشىم ، سىزگىمۇ ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن ! ساقالپ قويۇشقا تىگىشلىك تىمىكەن ، رەھمەت سىزگە !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا رەخمەت قىلسۇن ھارمىغايسىز  كۆپ ئەجىر قىپسېز   رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازبولسېمۇ سېزنى مۇكاپاتلاپ قوياي ئىفتارلىق ئالاسىز 30 مۇنبەر  ئاقچىسى ھەديە قىلدىم

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BAHADER1 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 03:24 PM
ئازبولسېمۇ سېزنى مۇكاپاتلاپ قوياي ئىفتارلىق ئالاسىز 30 ...

رەھمەت... بۇ ئارقىلىق بىر كۈن روزا تۇتقاننىڭ ئەجرىنى ئالدىڭىز

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7714
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6484 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:43:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىسىدىنلام ئىسىللىقى چىقىپ تۇرىدۇ ، ساقلىۋېلىپ ئالدىرىماي ئوقۇي ، ھىلى يوقاپ كەتمىسۇن يەنە.

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 03:46:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feroza يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 03:43 PM
تېمىسىدىنلام ئىسىللىقى چىقىپ تۇرىدۇ ، ساقلىۋېلىپ ئالد ...

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ..

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3642
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 04:02:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تىمىنى تورداشلار كۆرۈپ نىمە ئۈچۈن ئىنكاس يازمايدىغاندۇ

ھاجىتىڭ بولسا تىلە ئول كەرەملىك رەببىڭدىن،
قىلمىغىن بەندىدىن تەلمۈرۈپ ھاجەت تەلەپ،
بەندىدىن  تەلەپ قىلساڭ بولۇر سەندىن خاپا،
رەببىڭىدىن تەلەپ قىلساڭخوش بولۇر قىلماس غەزەپ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش