ئوقوغۇچىنىڭ مەكتەپ تاللىشى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ رىيازىتى
پارتىيە، ھۈكۈمەت مائارىپ ئادىللىقىنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم مەكتەپلەر ئۆزىدىكى كىچىككىنە ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى سالام –سائەتلىرىنى تەلەپ قىلىپ، ئوقۇرى ئىگىزلىك قىلىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقتا.شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سىغدۇرۇش سالمىقى چەكلىك. بۇنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇسىنى، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدىنى، بەزىبىر شارائىتنى دەپ پەرزەنتلىرىنى شارائىتى بىر قەدەر ياخشى، ئۆزىگە قۇلايلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى توغرا تاپىدۇ. لېكىن، بۇ خىل ھالەت بىر قىسىم مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى جازالاشتىكى قۇرالىغا ئايلىنىپ قالغان. مەن بۇنىڭغا مىسال ئۈچۈن پەيزاۋات ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىشنى ئەينەن سۆزلەپ بىرەي.
2012-يىل 4-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ ناھىيەنىڭ 8-يېزىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى پەرزەنتىنى ناھىيە ئىچىدىكى ئۆيىگە يېقىن بولغان 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقوتۇش ئۈچۈن ئېلىپ كىرىپ، بۇ مەكتەپنىڭ 3-يىللىق 4-سىنىپ مودىرىنى ئىزدىگەن. بۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مودىرى مۇئاۋىن مەكتەپ مودىرىنى ئىزدەپ ئەھۋالنى ئېيىتقان. مۇئاۋىن مەكتەپ مودىرى بولسا مەكتەپ مودىرى بىلەن كۈرۈشۈشنى تەۋسىيە قىلغان. مەكتەپ مودىرى بىلەن كۈرۈشكەندە « ھازىر ئامال يوق،كىيىن بىر گەپ بولسۇن »دەپ چىقىرىۋەتكەن. سىنىپ مودىرىمۇ ئۆزرىخالىق ئېيتىپ دادا بىلەن بالىنى يولغا سېلىپ قويغان. بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن بۇ مەكتەپتىكى باشقا بىر ئوقۇتقۇچى ھېلىقى ئوقۇغۇچىنى 3-يىللىق 4-سىنىپقا يەنە ئېلىپ كىرگەن. سىنىپ مودىرى مەكتەپ قوشۇلمايدۇ دېگەندە ئۇ ئوقۇتقۇچى « مەكتەپ مودىرى بىلەن ئۆزەم كۆرىشىمەن » دېگەن. ئەپسۇس، بۇ ئەھۋالنى مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلگەندىن كىيىن ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قايتۇرىۋەتكەن. 2012يىل 5-ئاينىڭ2-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار چۇڭ يىغىنىدا سىنىپ مودىرىغا جازا ئېلان قىلغان. يەنى ئالتە ئايلىق30 پىرسەنت ئىش ئۈنۈم مۇئاشىنى تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغان.7-ئاي 20-چىسلا ئەتراپىدا راستىنلا
2220يۈەن ئىش ئۈنۈم مۇئاشىنى تۇتۇپ قالغان.پارتا ئورۇندۇق بېرىپ تۇرغان ئوقۇتقۇچىنىمۇ جازالىغان.سىنىپقا ئەكىرىپ قويغان ئوقۇتقۇچىغا قانداقلا بولمىسۇن جازا بەرمىگەن. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى،3 -يىللىق4-سىنىپنىڭ شور پىشەنە مودىرىنىڭ بۇ مەۋسۇمدىكى نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە 120دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە 4-ئورۇندا تۇرىدىكەن. باشقا ئوقۇتقۇچىلار« بەك جازالىغۇسى كېلىپ كەتسە، مۇنەۋۋەر باھالىماسلىق جازاسى بەرسىلا بولدىغۇ» دېگەن پىكرىگىمۇ مەكتەپ مودىرى قوشۇلمىغان ۋە يۇقارقىدەك جازالىغان. بۇ جازا مەسئۇلىيەتچان، بېغشلاش روھيىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارغا زەربە بولغان. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىگەننىڭ نەتىجىسى مۇشۇممۇ؟... تولىمۇ ئەپسۇس...........
ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى ھېلىقى ئوقۇغۇچى 8-يىزىدىن 1-باشلانغۇچقا بېرىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم دەپ مەكتەپ ۋە سىنىپ مۇدىرىنى خەۋەرلەندۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا، ئەسلىدىكى مەكتەپكە قايىتمىغان، ئىككى ئايدىن كۆپ ۋاقىت ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئوقوشسىز قالغان.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى»دا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋەلىك بويىچە ئوقۇش پىرىنسىپى ئاللىقاچان بىكار قىلىنغان بولۇپ، دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ياش- ئۆسمۇرلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان قايسى بىر مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلسا ئوقۇشى چەكلەنمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان . مەن بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ، بۇنداق بىيۇگراتلىق مائارىپىزدىن قاچانمۇ تۈگەر؟.....ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتى قاچانمۇ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولار؟....دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇلقۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 01:57 PM