« مۇقام ئەجداتلىرى»ئوپىراسى توغرىسىدا
( بۇ ئوپىرانى شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگى 1999-يىلى ئورۇنلىغان،) سىنارىست-تۇرسۇن يۇنۇس.رىژىسۇر-نىجات ئەكبەر،ۋاڭ چىڭۋىن ئاساسلىق روللاردا: ئاماننىساحان-گۇزەلنۇر قۇربان. ئابدۇرىشىتحان-مەمەت تۇراپ. قەدىرحان-ئەحمەت ئابلىمىت. ئەكرەم-ئادىل مىجىت. مەحمۇت-ھوشۇر سەلەي. حوجا پەحىردىن-مەمىتىمىن نورۇز حوجا ئابدۇرىھىم-تۇرعۇن ئىمىر. ئالتۇن بۉۋى-گۇلجامال مەتنىياز قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ئوپىرادا 16-ئەسىردىكى ئۇيعۇر ئايال مۇزىكانت ۋە شائىرە ئاماننىساخاننىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بۇ باش ئايال قەھرىمان ئۇيعۇرلار ئارىسىدىكى 12 مۇقامنى رەتلەش جەھەتتە قاتتىق ھىرىپ- چارچىعانلىقتىن 34 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ، بىراق ئۇ كەڭ حەلق ئاممىسىغا مول سەنئەت بايلىقلىرىنى قالدۇرۇپ كىتىدۇ ھەمدە ئۇيعۇر مىللىي مۇزىكىسىنىڭ « مۇزىكا پىشىۋاسى» دىگەن نامغا ئىرىشىدۇ.ئوپىرادا ئاماننىساخاننىڭ ئاقكۆڭۈل ئىشچانلىقى ۋە مۇزىكا ئىجات قىلىش جەھەتتىكى زور تۆھپىسىمۇ ئەكىس ئەتتۇرىلىدۇ. بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسىمۇ بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئاماننىساخاننىڭ ئابدىرشىتخاننىڭ خانىشىعا ئايلانغان ۋەقەنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ، 16-ئەسىردىكى سەئىدىيەخانلىقىنىڭ روناق تاپقان دەۋرىنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ. بۇ ئوپىرادا 12مۇقام ئاھاڭلىرى بويىچە ناحشىلار ئورۇنلانعان بولۇپ، ئەينى دەۋىرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىگىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ. يازعۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىلى 2012-يىلى 9-ئاۋعۇست يىزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 06:01 PM
|