مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17323|ئىنكاس: 117

قورقۇنۇچلۇق كۆلەڭگە(مەلىكە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3428
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27281
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8341 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 07:28:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  قورقۇنۇچلۇق كۆلەڭگە

ئاپتورى:مەلىكە


دىققەت: يۈرەك كىسىلى ۋە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئوقۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاپتۇردىن.


1.

ئاپپاق بىر كۆلەڭگە بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرماقتا ئىدى.
__سىزدىن ئۆتۈنەي، ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرسىڭىز!
__زادى نىمىنى قايتۇرۇپ بىرىمەن؟ ئىنىق دەڭە؟
__قايتۇرۇپ بىرىڭ، مىنىڭ سىزگە زىيانكەشلىك قىلغۇم يوق! سىز گۇناھسىز!
__مەن نىمىنى، قانداق قايتۇرۇىمەن؟ قايمۇقۇپ كەتتىم، ئىنىق دەڭە...
__ئاھ....ماڭا...ئۇنى...ئۇنى...__ ئاق كۆلەڭگە ئايتىللانىڭ يىنىدا پۇشۇلداپ ئۇخلاپ ياتقان قاسىمنى كۆرسەتتى.

ئايتىللا ئەجەپلەندى:
__ئۇ دىگەن مىنىڭ يۇلدۇشۇم تۇرسا؟ ئۇنى سىزگە نىمىشقا بەرگۈدەكمەن؟
__ئۇ مىنىڭ! ئۇ راسلا مىنىڭ!
__سىزدىن ئۆتۈنەي، ئەمدى مىنى ئاۋارە قىلمىسىڭىز،تىنىچ ئامان كۈن كەچۈرگۈم بار، سىز كېتىڭ!
ئايتىللا قەھىرلىك بىلەن ۋارقىرىدى.

__ياق!!!،__ئاق كۆلەڭگە يرىم يۈزىنى كۆرسەتتى...ئاھ...چىرىغان چىراي!!
__ئاااااااااااااااااااااا!!!!

___ئايتىللا! ئايتىللا ؟!

ئايتىللا كۆزىنى تەستە ئاران ئاچتى-ئاچتىيۇ، كۆزلىرى ئىلىشىپ قاسىمنى خىرە-شىرە ئاران ئىلغا قىلالىدى.

__سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟__قاسىم جىددىيلەشكىنىچە ئايتىللاغا سۇئال نەزىرىدە قارىدى.

__يەنە شۇ چۈش!!__ئايتىللا ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى.

قاسىم ئايتىللانى بەزلىدى:


__ئايتىللا، يىغلىمىڭە،كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ، ماقۇلمۇ؟ يىقىدىن بۇيان چارچاپ قاپسىز، خىزمەت،ئائىلە دەپ سىزگە بىسىممۇ ئاز ئەمەس، ئەتە ئىدارىڭىزدىن رۇخسەت سوراي،سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي-ھە؟

ئايتىللا ئۈندىمىدى، ئىسەدەپ-ئىسەدەپ ھىقىقلىغىنىچە تىنىچلاندى.

قاسىم ئايتىللانىڭ ئۇخلاپ قالغىنىنى ھىس قىلدى،-دە ئايتىللانىڭ بىشىنى قۇچىقىدىن ئاستا ياستۇققا ئىلىپ
ياتقۇزۇپ قويدى.

يىقىندىن بۇيان ئايتىللا ئاجايىپلا بولۇپ قالغان ئىدى، يىرىم كىچە بولغان ھامانلا چۈشىگە بىر ئاق كۆڭلەڭگە كىرەتتى،كەينىدىن ئوخشاشلا :<<قاسىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىڭ>> دەيتتى.

يىرىم چىرىگەن يۈزىنى كۆرگەن ھامانلا ئايتىللا چۈشۈدىن قورقۇپ، چىرقىراپ ئويغىناتتى.

شۇ سەۋەبدىن ئايتىللا ئۇخلاشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ كەتتى.
بىر ئاي بولا-بولمايلا ئايتىللا  جۈدەپ ئورۇقلاپ كەتتى، كۆز ئەتراپى خالتىلىشىپ نەچچە يىل كىسەل تارتقان ئادەمدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى.

__ئايالىڭىزدا باشقا مەسىلە يوقكەن، قارىغاندا زىيادە چارچاشتىن كىلىپ چىققان نىرۋا خارەكتىرلىك
جىددىيلىشىش كىسلى بولۇپ قالغان . ئايالىڭىز ئوبدان ئاران ئالسۇن،كۈتۈنۈشكە دىققەت قىلىسۇن.

دوختۇر بىر تەرەپتىن  دورا يازغاچ بىر تەرەپتىن كۆزلىرىنى بىر نۇقتىدىن ئۈزمەي ئوبدانلا ئورۇقلاپ قالغان،كۆزلىرى نۇرسىزلىنىپ ئىپادىسىز ئولتۇرغان ئايتىللاغا يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينىكىنىڭ ئاستىدىن مۇنداقلا قاراپ قويدى.
قاراپ قويدىيۇ كۆز چاناقلىرى ۋەھىمىسىراش ئىلكىدە يوغىناپ كەتتى-دە ، دەرھاللا كۆزىنى ئايتىللانىڭ كۆزىدىن قاچۇردى.

__باشقا تۇتۇدىغان پەرزلەر بارمىدۇ؟

قاسىم يەنىلا خاتىرجەم بولالماي سورىدى.

بايام ئىسكەتىنى بۇزماي خىلىلا سالماق ئولتۇرغان دوختۇرنىڭ پىشانىسىدىن نىمىشقىدۇر توختىماي تەر چىقاتتى،

چىرايىدىن جىددىيلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ قالغان ئىدى.

قاسىم جىددىيلەشتى:

__دوختۇر، گەپ قىلمايسىزغۇ؟ باشقىچە ئەھۋال بولسا ئىنىق ئىيتىڭ!!

__ياق،ياق،باشقا ئەھۋال يوق،باشقا ئەھۋال يوق،__دوختۇر قولاشمىغان ھالدا ئۆزرە سورىدى،__ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ،مانا بۇنى ئىلىپ دورا بۆلۈمىدىن تىگىشلىك دورىلارنى تاپشۇرۋىلىڭ.__دوختۇر قولىدىكى قەغەزنى قاسىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى-دە،ئۆزى باشقا بىر ئىشلارنى قىلغان بولۇپ تۇرۇۋالدى.

قاسىم دوختۇرنىڭ ئىپادىسىدىن ھەيران قالدى:<<توۋا، بۇ دوختۇر نىمانداق غەلىتە، بايا ھىچقانداق ئەمەس ئىدى،تۇيۇقسىز قىلىدىغان گەپلىرىنى تاپالماي قالدىيا، ئايتىللانىڭ كىسىلى ئىغىر بولسا مەندىن يۇشۇرۇۋاتقان بولمىسۇن يەنە، يا نىرۋا دوختۇرى بولغاچقا مىجەزى شۇنداق بولامدىغاندۇ-يە؟!>>.

قاسىم ئايتىللانى يىتىلەپ دورا ئىلىش ئۈچۈن ئىلىپ چىقىپ كەتتى، جىددىيلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن يالغاندىن
بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان ھىمىت دوختۇر قاسىم ۋە ئايتىللالار ئىشكتىن چىقىپ كەتكۈچە كۆزىنى ئۈزمىدى.

قاسىم ئوڭ قولىدا ئايتىللانى يىتىلىۋالغان بىلەن سول قولىنى نامەلۇم ئاق كۆلەڭگە يىتىلىۋالغان ئىدى. ئەسلىدە بايام ئايتىللاغا قارىغان ۋاقىتتا ئايتىللانىڭ كۆزىدىن بايامقى ئاق كۆلەڭگىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى. ھىمىت دوختۇر تىترەشكە باشلىدى،-دە تىلفۇننى قولىغا ئالدى.

2.

__قاسىم ، بىز كۆچۈپ كىتەيلى، مىنىڭ بۇ ئۆيدە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇم يوق!!!
ئايتىللا يىغلامسىرىغىنىچە سافادا تۈگۈلۈپ ئولتۇردى.

ئاشخانە ئۆيدىن ئەمدىلا پىشقان، ھورلىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان شورپىنى كۆتۈرۈپ قاسىم چىقىپ كەلدى-دە ئاستاغىنە ئايتىللانىڭ ئالدىدىكى شىرەگە قويدى.
كەينىدىن يىنىك تىنىپ قويدى.

__ئايتىللا، قورقماڭ، مەن يىنىڭىزدا تۇرسام نىمىدىن قورقىسىز؟
__سىز بىلمەيسىز قاسىم،مەن...

قاسىم ئايتىللانى گەپ قىلغۇزمىدى،ۋە كۈلۈمسىرىگىنىچە يىنىك قۇچاغلىدى، چاچلىرىنى سىلىدى:

__ئايتىللا،ئوشۇق ئىشلارنى خىيال قىلىۋەرمەڭ، بۇ دۇنيادا مەۋھۇم نەرسىلەر يوق، سىزنىڭ قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈشىڭىز پەقەت سىزنىڭ تىنىڭىزنىڭ ئاجىزلاپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ،بۇنىڭدىن باشقا ھىچنىمىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قورقۇتۇپ يۈرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟

__لىكن مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن تۇرسام؟! ماڭىمۇ ئىشەنمەمسىز؟__ئايتىللانىڭ لەۋلىرى ئۈمچەيدى.

__ياق ئايتىللا،سىزگە ئىشىنىمەن، كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ چۈش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.

كەينىدىن ئايتىللانىڭ تولا يىغلاپ ئىششىپ قالغان نۇرسىز كۆزلىرىگە مىھىر بىلەن قارىدى:


__كىلىڭە،ماۋۇ شورپىنى ئىچىۋىلىڭ،دوختۇرمۇ دىدىغۇ، چارچاپ قاپسىز، ئوبدان كۈتۈنسىڭىز ھىچ ئىش بولمايدۇ،دەپ...

ئايتىللانىڭ كاللىسىدا نامەلۇم ئاق كۆلەڭگە پىرقىراپلا يۈرۈيتتى، نىمىشقا كۈندە ئوخشاش چۈش؟ بۇ زادى نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ نىمىشقا مەندىن قاسىمنى سورايدۇ؟ ئۇ زادى قانداق نەرسە؟ راسلا كاللامدىكى ئۆزۈم ئويلىۋالغان نەرسىلەرمىدۇ؟ نىمىشقا...؟ زادى نىمىشقا؟؟؟


ئايتىللا ئىشتەيسىزلا ئالدىدىكى شورپىنى ئىچىشكە باشلىدى...


3.


دوختۇر قولىغا تىلفۇننى ئالدى-دە سەل تىڭىرقاپ قالدى، سائىتىگە قارىۋىدى،ئىشتىن چۈشىدىغانغا يەنە يىرىم سائەت قاپتۇ.
__گۈلنۇر.بۇياققا كىرىڭە!

سىستىرا قىز تىزلا كىردى.

دوختۇر قولىدىكى تۇرۇپكىنى ئاستا ئۆز جايىغا قويدى:
__مەن ھازىر ئىشتىن چۈشىمەن، باشقا بىمارلار بولسا ئەتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭ.

__ماقۇل.
سىسىتىرا قىز ئىتائەتمەنلىك بىلەن بىشىنى لىڭشىتتى.

ھىمىت دوختۇر دوختۇرخانىدىن ئۇدۇل چىقىپ تاكسىدىن بىرنى توسىدى-دە كونا ساۋاقدىشى،ھەم بىر مەزگىللىك كەسىپدىشى ئىسكەندەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

__كەل ئاغىنەم كەل،__ئىسكەندەر ھىمىت دوختۇرنى كۆرۈپ باشقىچىلا خۇش بولدى ۋە تۆرگە تەكلىپ قىلدى:


__ئالتىنجى ئاينىڭ پاقىسىدەكلا جىمىپ كەتتىڭغۇ ئاغىنەم! كىلە ئاغىنەم،كىلە!

__ئۆزۈڭچۇ ياخشى تۇرغانسەن ئىسكەندەر؟__ھىمىت دوختۇر سافاغا جايلشىۋالغاندىن كيىن ياندۇرۇپ سورىدى.

__قىنى ما چاينىڭ تەمىنى تىتىپ كۆرە،__ئىسكەندەر قىززىق قىنىق دەملەنگە چاينى بىردەمدىلا ھىمىتنىڭ ئالدىغا قويدى.


ئۆزىمۇ ھىمىتنىڭ يىنىدىن ئورۇن ئالدى:


__گىپىنى قىلما ئاغىنەم، خوتۇن بالىلار بىلەن دىڭىز بويىغا ساياھەتكە كەتكىلى بىر ئاي بولدى،كىلىدىغان ۋاقتىمۇ بوپ قالدى، لىكىنزە،مۇشۇ ئۆيدە ئايال كىشى بولمىسا پەقەتلا قاملاشمايدىغان ئىش ئىكەن ئەمەسمۇ؟

__بۇرۇن ئايال كىشى،دىسە ھەلا دەپ قوياتتىڭ،ياش بىر يەرگە بارغاندا ئەمدى يىتىپسەنمۇ نىمە قەدرىگە؟!

__ھا...ھا...ھا...

ئىككى قەدىناس دوستلارنىڭ كۆرۈشمىگىنىگە دىمىسىمۇ خىلى بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇلار خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى.
ئىسكەندەرمۇ بۇرۇن ھىمىت بىلەن بىرگە ئوقۇپ، تەڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئوخشاشلا بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن ئىدى.

ھەر ئككىلىسىنىڭ كەسپى ئوخشاشلا پىسخىكا ۋە نىرۋا كىسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىدى.

كىيىن نىمە بولدى، ئىسكەندەر تۇيۇقسىزلا خىزمەتنى تاشلاپ ئۆيدە ئۆز ئالدىغا تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئىسكەندەرنىڭ نەچچە يىللىق تىىشچانلىقى بىلەن روھ ئىلمىي ۋە پىسخىكا ئىلمىي بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن پىرافىسسورلاردىن بولۇپ قالدى. نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىلەر توپلاملىرى كىتابلىرى ئارقا-ئارقىدىن بىسىلىپ
بۇ ساھەدە زىلزىلە قوزغىغان ئىدى.

ھىمىت دوختۇرنىڭمۇ كۆرگەنلىرىنى ئۆزىمۇ قانداق چۈشۈنىشنى بىلمەي ئىسكەندەردىن يىتەرلىك جاۋاب چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،دەپ ئۇدۇل ئىزدەپ كىلىشىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى.

__بۈگۈن قاسىم ئىسىملىك بىر ئادەم ئايالىنى كۆرسەتكىلى ئالدىمغا ئىلىپ كىرىپتۇ،__ھىمىت دوختۇر ئالدىدىكى پىيالىگە قۇيۇلغان قىززىق چاينى بىر ئوتلاپ جايىغا قۇيۇپ قويدى-دە،گىپىنى داۋاملاشتۇردى:

__ئايال كۈندىلا بىرخىل چۈشنى چۈشەيدىكەن،يەنى بىر نامەلۇم ئاق كۆلەڭگە يۇلدىشى قاسىمنى سورايدىكەن،قايتۇرۇپ بىرىڭ،دەپ ،ئۇ ئايالمۇ ئوخشاشلا <ئۇ دىگەن مىنىڭ يۇلدۇشۇم، تۇرسا،سىزگە بەرمەيمەن،>دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدىكەن، كەينىدىنلا  كۆڭلەڭگە ئۆزنىڭ يىرىم چىرايىنى كۆرسىتىشىگە ئۇيقۇدىدىن چۆچۈپ،يىغلاپ ئويغۇندىكەن.

ئىسكەندەرنىڭ قۇشۇملىرى تۈرۈلۈپ بىرنىمىلەرنى تەھلىل قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى:

__ھە،كىيىنچۇ؟ مۇشۇنداق بولغىلى قانچە ئۇزۇن بوپتۇ؟

__قارىغاندا بىر ئايدىن ئاشقان ئوخشايدۇ، ئىزچىل بىرلا خىل چۈشنى كۆرىدىكەن، يامان بولغىلى شۇ چۈشنى كۆرۈشتىن قورقۇپ خاتىرجەممۇ ئۇخلىيالمايدىكەن.

__ھىم...،__ئىسكەندەر نىمىلەرنىدۇر  قىياس قىلىۋاتقاندەك كۆزلىرىنى بىر نۇقتىدىن ئۈزمەيتتى،__ئۇلار يەنە
قاچان كىلىدۇ؟

__ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئالدىمغا كىلىدۇ، يەنە قايتا تەكشۈرىدىغان بولدۇم.

__بۇ ياخشى بولماپتۇ، قارىغاندا يۇلدىشى قاسىمغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشتەك قىلىدۇ، لىكىن ئۇ نەرسە چۈش ئارقىلىقلا ئۇ ئايال بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن، ھەر نىمە بولسا كۆرۈنمەيدىكەن،ئەگەر ئۇنداق بولسا چاتاق بولاتتى.

ھىمىت دوختۇر تىت-تىت بولۇپ كەتتى:


__ئىسكەندەر،مەن..مەن...

ھىمىت دوختۇر گەپ قىلالمدى، چىرايدىن قورقۇش ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.

ئىسكەندەر ئۆتكۈر كۆزلىرىنى ھىمىتقا تىكتى:


__سەن كۆرۈپ قالمىغانسەن-ھە؟؟

ھىمىت دوختۇر شۇنداق دىگىنىچە بىشىنى يىنىك لىڭشىتتى:


__مەن ئۆزۈمچىلا ئۇ ئايالغا قارىۋىدىم، كۆزلىرىدىن ئۆزى تەسۋىرلەپ بەرگەن كۆلەڭگىنىڭ ئەكسىنى كۆرۈپ قالدىم.

__نىمە؟؟؟

ئىسكەندەرنىڭ ئاۋازىدىن ھىمىت دوختۇر ئەندىكىپ كەتتى:

__بوشراق توۋلا ئادەش،ئادەمنى قورقۇتۇپ، گىپىم تىخى تۈگىمىدى.

ئىسكەندەر جىددىيلەشتى، شۇندىمۇ گەپنىڭ ئايىغىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى:

__ھە،دىگىنە ئاغىنە،كىينچۇ؟

__كىيىن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي يەنە قايتا ئۇ ئايالنىڭ كۆزلىرىگە قارىۋىدىم، بىر جۈپ كۆز ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرىدۇ، بۇ ئىنىق ئۇ ئايالنىڭ كۆزى ئەمەس،چۈنكى ئۇ ئايال بىر تەرەپكە خىيالچان ھالدا قاراپ تۇراتتى، قورقۇپ كەتتىم، شۇنچە ياشقا كىرىپتىمەن،ھەرخىل كىسەلنى داۋالاپتىمەن، مۇنداق ئىشنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈپ، كەيندىن
ئۇلار دورا ئالغىلى چىقىپ كەتتى.

__كىيىنچۇ؟

__چىقىپ كىتىۋىتىپ قارىسام...__ھىمىت دوختۇر ئەمدى رەسمىي قورقۇشقا باشلىدى. تىنى سۇس جىغىلداۋاتتى...

ئىشىك قوڭغۇرىقى تۇيۇقسىز سايراشقا باشلىدى.

ئىسكەندەر ھىمىتتىن كۆزىنى ئىلىپ ،ئىشككە قاراپ ماڭدى.

ئىشىكنى ئىچىۋىدى،ھىچكىم كۆرۈنمىدى، ئىسكەندەردىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغان ھىمىت ئاق كۆلەڭگىدەك بىر نەرسىنىڭ ئىسكەندەرنىڭ يىنىدىن لىپپىدە قىلىپ ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قالدى...



__ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ خۇشنىلار ئىشىك قوڭغۇرىقىنى خاتا بىسىپ قويغان ئوخشايدۇ،__ئىسكەندەر ئىشىكنى گۈپپىدە قىلىپ يىپىۋەتتى-دە جايىغا كىلىپ ئولتۇردى.

ئولتۇردىيۇ ھىمىت دوختۇرنىڭ چىرايىنىڭ ئاقىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ھىمىت دوختۇر جاقىلداپ چىشلىرى بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.

ئىسكەندەر باشتا ھەيران قالغاندەك بولدىيۇ،بىردىنلا بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە ،تىزلا بىرىپ تارتمىدىن
كۈجىگە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى ئىلىپ چىقتى، كەيندىن ئىس يىقىۋىدى، ھىلىقى نەرسىدىن غەيرىيلا بىر پۇراق چىقتى،-دە ئۆينى بىر ئالدى.



__ھىمىت، ئاداش، ماڭا قارا؟ ساڭا ھىچ ئىش بولمىغاندۇ-ھە؟

ھىمىت شۇندىلا سەل ئۆزىگە كەلگەندەك بولدى،ۋەھىمە ئارىلاش ئىسكەندەرگە قاراپ قويدى:


__ئاداش، ئۇ نەرسىنى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟


__سەن تىخى ماڭا گىپىڭنىڭ ئاخىرىنى ئىيتىپ بەرمدىڭ، كىيىن قانداق بولدى؟

ھىمىت دوختۇر ئۆزىنى سەل بىسىۋالدى، بايا كۆرگەن نەرسىنىڭ ئايال تەسۋىرلەپ بەرگەن نەرسىنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلدى،ئاھ...ئەجىبا ئۇ نەرسە مىنى كۆزۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندىمۇ؟ گىپىنى قىلىدىغانلىقىمنى بىلگەنمىدۇ؟

__ئاداش،گەپ قىلە؟

نىمىلا دىگەن بىلەن يىنىدا مەخسۇس مۇشۇنداق ئىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئاغىنىسى ئولتۇرۇپتۇ، نىمىدىن قورققۇلۇق؟ شۇنداق دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بەردىيۇ،يەنە بىر يەرلىرىدىن قورقۇپ تۇراتتى. دەيمۇ؟ دىمەيمۇ؟ ياق! ھەممىنى دەۋىتىش كىرەك، بولمايدىكەن، ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنىنى بىلەلمەي ئۆلۈپ كەتمىسۇن. ھىمىت دوختۇر قەتئىي نىيەتكە كەلدى.

__ئاداش، كىيىن ئۇلار دورا ئالغىلى چقىپ كىتىۋاتقاندا شۇ ئايال تەسۋىرلەپ بەرگەن ئاق كۆلەڭگىنىڭ قاسىم دىگەن ئادەمنىڭ سول تەرىپىنى تۇتۇپ چىقىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.

__كەينىدىن بايام ئىشىك ئاچقاندا يەنە بىر نەرسىنى كۆردۈڭ،شۇنداقمۇ؟؟؟


ھىمىت قورققىنىدىن كۆزلىرىنى ئىچىپ قىتىپلا قالدى...

__ سەن...سەن  قانداق بىلىسەن؟؟؟

ئىسكەندەر گەپ قىلمدى، نىمىگىدۇر ئىچى تىتىلداپ توختىماي ئۆينىڭ ئىچىدىن ئۇياق-بۇياققا ماڭاتتى.

ھىمىت ھىچنىمىنى چۈشەنمەي ساراڭ بولايلا دەپ قالدى، تۇرۇپ ئىسكەندەرنىڭ ئۆزىدىنمۇ گۇمان قىلىپ قالدى.

__مەن ھازىر ساڭا ھىچنىمە دىمەيمەن، __ئىسكەندەر ھىمىتنىڭ يىنىدا ئولتۇردى،چىرايىدىن نە غەزەپلىنىشكە ئوخشىمايدىغان، نە خاپا بولغانغا ئوخشىمايدىغان غەلىتە مۈجمەل ئىپادىدە گەپ قىلدى__ ئىككى ھەپتىگىچە كۆرگەنلىرىڭنى مەندىن باشقا ھىچكىمگە دىمە، ئۇ ئايالنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەپتۇ، يامان بولغىنى سىنىڭ كۆزۈڭگە كۆرۈنۈپتۇ...

سوغۇق بىر تىترەك ھىمىتنىڭ بەدىنىدىن ئۆتكەندەك بولدى:


__ئاداش، ھازىرلا كىرگەن نەرسە؟؟؟

__سەن ھازىر ھىچنىمە سورىما،مىنىڭ دىگىنىمدەك قىل، بولمىسا ياخشى بولمايدۇ.

__ئاداش،مىنى تولا قورقۇتما، مەن ھازىر تىخى ئۇ نەرسىنى كۆرسۈم، سەن ئىشىك ئىچىۋاتقىنىڭدا يىنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتى...

__مەن بىلدىم ئاداش، ھىس قىلدىم، ئەڭ ياخشىسى مەن ساڭا چۈشەندۈرىدىغان پەيتىنى تاپمىسام سەن بەرىبىر چۈشەنمەيسەن، بىر ھەپتىدىن كىيىن  مىنى ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بار...

__مەنچۇ؟ مەن قانداق قىلىمەن؟

ھىمىتنىڭ ئەندىشە ئارلاش بۇ سۆزىدىن ئىسكەندەركۈلۈپ كەتتى:
__ھىچقىسى يوق ئاداش،كۆرگىنىڭنى ئۇنتۇپ قالساڭلا بولدى، قالغان گەپنى كۆرۈشكەندە دەپ بىرەي،لىكىن ئالدىرىما،مەندىن باشقا ھىچ كىشىگە تىنما، ئۇلار ئۆزى توغرىسىدىكى گەپلەرنى ياقتۇرمايدۇ.

ھىمىت ھىچنىمىنى چۈشەنمىدى:

__ئۇلار دىگىنىڭ كىملەر ئىسكەندەر؟

ھىمىت چوڭقۇر گۇمان بىلەن ئىسكەندەرگە قارىدى.


ئىسكەندەر تىزلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى:


__سەن ھازىر مەندىن سورىما، مەن كىيىن دەپ بىرەي، ئاۋال ئۆيۈڭگە قايتىپ ياخشى ئارام ئال، بىر ھەپتىدىن كىيىن سىنى ئىزدەپ بارىمەن، ئۇ ئايالنى قۇتۇلدۇرۋالمىساق بولمايدۇ، يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قالغۇدەك. بىر ھەپتىدىن كىيىن مىنى ئىشخانەڭدە ساقلا ئاداش.

ھىمىت دوختۇر ئىسكەندەرنىڭ بىرئىشنى ئۆزىدىن يۇشۇرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى،شۇندىمۇ سۇئالىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىغاننى ئاز دەپ بۇ يەردىمۇ ئاق كۆلەڭگىنى كۆرۈپ قالغىندىن تولىمۇ بىئارامسىزلاندى.

ئىسكەندەر گەپنى بىر قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكى ھىمىتقا ئايان بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ سۆزلىمەيلا ئۆيدىن ئايرىلدى.

ھىمىتنىڭ چىقىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىسكەندەر بىر ھازا بۇسۇغۇدا قاراپ تۇردى،قارىسى يىتكەندىن كىيىن
ئاندىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

شۇئان ئىسكەندەرنىڭ ئۆي ئىچىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ باشلاندى...



4.


قاسىمنىڭ بىر ھەپتە كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشى داۋامىدا ئايتىللانىڭ چىرايى بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى، گەرچە ھىلىقى چۈش بىركۈنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولسىمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇنچە قورقۇپ كەتمىدى. بارا-بارا ئۇنىڭ پەقەت بىر چۈش ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلدى.
كىشى ئۆزىگە ئىشەنسە ھىچنىمە بوزەك قىلالمايدۇ،دىگەن گەپ شۇ بولسا كىرەك.

قاسىممۇ خىلى خۇش بولۇپ قالدى، بۇرۇنقىدەك يىرىم كىچىدە يىغلىمايدىغان بولۇپ قالغىنىنى كۆرگەن قاسىممۇ
يىنىك نەپەس ئالدى.

__ئايتىللا ،مەن چۈشۈپ گۆش ئەكىرەي،سىز بىللە چۈشەمسىز-يە؟

ئايتىللامۇ ھازىر خىلىلا ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى.


__ياق بولدى، تىز بىرىپ تىز قايتىڭ. مەن ئۆيدە ساقلاپ تۇراي.

ئايتىللانىڭ روھىي-ھالىتىنىڭ ياخشىلىقىغا قاراپ قاسىممۇ ئارتۇق گەپ قىلمدى.
__مەيلى ئەمىسە، گۆشنى ئىلىپلا يانىمەن، باشقا نەرسىلەر كىرەكمۇ؟
__ياق بولدى، تىز قايتىپ كەلسىڭىز بولدى.

قاسىم چىقىپ كەتتى. ئايتىللا ئۆيدە يالغۇز قالدى. تىلۋۇزۇرنى ئىچىپ بىردەم ئۇ قانالنى،بىردەم بۇ قانالنى ئالماشتۇرۇپ كۆردى. ئارىدىن يىرىم سائەت ئۆتتى، چۈش ۋاقتى ئىككىلەر بولۇپ قالغان ئىدى، ئايتىللا ئۆزىگە بىر ئىستاكان چاي قۇيدى، كەينىدىن سافاغا بىرىپ جايلاشتىدە داۋاملىق تىلۋۇزۇر كۆرۈشكە باشلىدى...

تۇيۇقسىز ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى غىچ قىلىپ ئىچىلدى، ئايتىللا ياتاق ئۆي تەرەپكە شۇنداق قارىدىيۇ،يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى.
ئاپئاق كۆلەڭگە ئاستا لەپىلدەپ ئايتىللاغا يىقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى...



5.
ئىسكەندەر بىر ھەپتىدىن كىيىن ئەتىگەندە ھىمىتنىڭ ئىشخانىسىگە بىرىپ ساقلىدى، ھىمىت دوختۇر تىخى كەلمەيۋاتاتتى.
يىرىم سەئەتتىن كىيىن ھىمىت دوختۇرمۇ كەلدى، چىرايدىن كىچىچە تۈزۈك ئۇخلىمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

__كىچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىڭمۇ قانداق؟__ئىسكەندەر كۆيۈنۈپ سورىدى.

__گىپىنى قىلما ئاغىنە، قىنى ئاۋال ئولتۇرە، مەن ئاۋۇلارغا تىلفۇن قىلاي، ئۆيدە بولسا ھازىرلا ماڭايلى.


ئىسكەندەر ئۈندىمىدى. ھىمىت دوختۇرنىڭ چىرايىغا قاراپ ئاساسەن ئەھۋالىنى چۈشەنگەندەك بولدى.
ھىمىت خاتىرجەمسىزلىك بىلەن ئىسكەندەرنىڭ چىرايىغا مۇنداقلا قاراپ قويدى-دە، تىلفۇن دەپتىرىنى ئىچىپ قاسىمنىڭ نۇمۇرىنى بىسىشقا باشلىدى:

__مەن ھىمىت دوختۇر، قاسىم ، سىز قەيەردە؟

__.......................

__ھە، شۇنداقمۇ؟ سىز قانچىلىك ۋاقىتلاردا ئۆيگە كىرىسىز؟

__......................

__مەن يەنە بىر پىرافىسسور ئاغىنەم بىلەن ئايالىڭىزنى كۆرۈپ كەلمەكچى، ئادىرىسىچۇ؟

__...................
__،ھە بىلدىم، بولىدۇ، بىزمۇ يىرىم سائەتكە قالماي ئۆيىڭىزگە يىتىپ بارىمىز، سىز ئەڭ ياخشىسى تىزرەك ئۆيىڭىزگە قايتىڭ.


ھىمىت دوختۇر تىلفۇننى قۇيۇشىغا ئىسكەندەر تىزلا سورىدى:

__ئاۋۇ ئاداش خوتۇنىنى بىلەن ئۆيدە ئەمەسمىكەن؟

__ياق، ئۇ سىرتقا نەرسە-كىرەك سىتىۋالغىلى چىقىپ كىتىپتۇ، ھازىرلا قايتىمەن،دەيدۇ.

__ئاپلا،__ئىسكەندەر جىددىيلەشتى،__ماڭ،بىز تىزرەك ئۆيىگە بارايلى.

ھىمىت ئىسكەندەرنىڭ جىددىيلەشكەن تۇرقىغا قاراپ بىر نەرسە سوراشتىن يالتايدى،-دە تىزلىك بىلەن ئىشخانىدىن چىقتى.



6.


تۇيۇقسىز ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى غىچ قىلىپ ئىچىلدى، ئايتىللا ياتاق ئۆي تەرەپكە شۇنداق قارىدىيۇ،يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى.
ئاپئاق كۆلەڭگە ئاستا لەپىلدەپ ئايتىللاغا يىقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى...


ئايتىللا قولىدا تىزگىنەكنى تۇتقىنىچە قىتىپلا قالدى، ئاق كۆڭلەڭگە بارا-بارا يىقىنلىشىپ ئايتىللانىڭ ئۇدۇلىغا
كىلىپ توختىدى.

__ماڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بىرىڭ!

ئايتىللانىڭ گەپ قىلغۇدەك ماغدۇرىمۇ قالمىغان ئىدى...پۇتلىرى لاغ-لاغ تىترەيتتى...ئۆزىنى چۈش كۆرىۋاتىمەن دەپ ئويلايتتى...

بارمىقىنى چىشلەپ بىقىۋىدى، قاتتىق ئاغرىقنى ھىس قىلدى، دىمەك بۇ قىتىم چۈشى ئەمەس رىئاللىق ئىدى.

__ماڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بىرىڭ!

ئايتىللا گەپ قىلاي دەيتتىيۇ گىلىغا بىرنىمە تۇرۇپ قالغاندەك ئاۋازىنى پەقەتلا چىقىرالمىدى.
ئاق كۆڭلەڭگە بىشىنى پەس قىلغان ھالدا غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا گىپىنى يەنە تەكرارلدى:

__ماڭا قاسىمنى قايتۇرۇپ بىرىڭ!

ئايتىللا ئۆزىنىڭ ساق قالىدىغىنىغا ئىشەنمىدى، ئۆلسەممۇ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆلەي ،دەپ ئويلىدى بولغاي ھىچ قاچان ئۆزىدە بولۇپ باقمىغان جۈرەت بىلەن قەددىنى رۇسلىدى:

__سەن زادى كىم؟

ئاق كۆڭلەڭگە ئۈندىمىدى، ئايتىللا ئاق كۆلەڭگىگە جۈرەت بىلەن تۇنجى قىتىم باشتىن-ئاياغ سىنجىلاپ قارىدى.

ئۇچىسىدىكى ئاپئاق ئۇزۇن كۆڭلەككە بىرقانچە تىمىم قان تامچىلانغان ئىدى، پۇتى يەردىن بىر غىرىچ ئىگىزلىكتىكى بوشلۇقتا لەپىلدەپ تۇراتتى...قاپقارا چاچلىرى يۈزىنى تورىۋالغان بولۇپ يىرىم ئىچىلىپ قالغان يۈزىدىن گوياكى بەئەينى چىرىغان جەسەتنىڭ ئۆزى ئىدى....

__مەن پەقەت ئۆزۈمگە تەۋە نەرسىنى ئالىمەن خالاس. ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىڭ.

__بولىدۇ،مەن قايتۇرۇپ بىرەي، قانداق ئۇسۇلدا ،نىمىنى قايتۇرۇپ بىرىمەن؟

__قاسىمنى،ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بىرىڭ، ناھايتتى ئاددى، سىز ئۇنىڭ روھىنى ماڭا قايتۇرسىڭىزلا بولدى.

__قانداق قايتۇرىمەن؟

__ئۇنى ئۆلتۈرۈڭ، بوغقۇچ،دورا،پىچاق...ھەممىسى بولىدۇ، ماڭا پەقەت ئۇنىڭ روھىلا كىرەك، جىسمىنىڭ لازىمى يوق...

__ئۇ قانداقسىگە سىزگە تەۋە بولىدۇ؟ قاسىمنى نىمىشقا ماڭىلا تەۋە دەيسىز؟

ئايتىللا ئۆزىنىڭ شۇنداق تەمكىن بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى، ئىچىدە قاسىمنى دەرھال يىتىپ كەلسىكەن، دەپلا تۇراتتى.

ئاق كۆلەڭگە تۇيۇقسىز ئايتىللاغا يىقىنلاشتى، ئايتىللانىڭ يۈرىكى قىپىدىن چىقىپ كەتتى...
__ئاااااااااااااااااااا!!!

ئايتىللا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالدى، مۇشۇ تاپتا ئاق كۆلەڭگە ئايتىللاغا چاپلىشىپ دىگۈدەك تۇراتتى...
ئاھ...نىمىدىگەن دەششەت...


__قاسىم!!!!! مىنى قۇتقۇزۋىلىڭ...___ئايتىللا ئىچىنىشلىق چىرقىرىدى.

__قاسىمنىڭ روھى ئۆلسىلا ماڭا تەۋە، ھازىر سىلەر بۇ دۇنيادا بىللە بولغۇنىڭلار بىلەن ئۇنىڭ روھى ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن ماڭا تەۋە بولىدۇ، چۈشەندىڭىزمۇ؟ ماڭا تەۋە بولىدۇ...مەن قاچانغىچە ساقلايمەن؟؟؟ مەن ئۇنىڭغا تىزرەك ئىرىشىشىم كىرەك...تىزرەك ئىرىشىم كىرەك...

ئايتىللا بۇ قاباھەتنىڭ بىر چۈش بولۇشىنى تىلىدى...

ئايتىللا قاسىمنىڭ قايتىپ كىلىشىنى چىن كۆڭلىدىن تىلىدى، ۋاقىتنىڭ ئاستا ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن زارلاندى...
ئاق كۆلەڭگە گوياكى ئايتىللانىڭ بىر قىسمىدەك ئۇنىڭغا چىڭ چاپلىشىپ تۇراتتى...

تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى...

ئاق كۆلەڭگە يوقىدى...

ئايتىللا قورققىنىدىن چوڭ-چوڭ نەپەس ئىلىۋاتاتتى...ئىشىكنىڭ چىكىلىشى گويا ئۇنىڭغا يىڭى ھاياتلىق ئىلىپ كەلگەن پەرىشتىدەك بىلىنىپ كەتتى،-دە ماغدۇرسىزلانغان پۇتلىرىنى سۆرىگىنىچە ئۆمىلەپ دىگۈدەك ئىشككە قاراپ ماڭدى...

ئاق كۆلەڭگە تۇيۇقسىز ئىشىك تۈۋىدە پەيدا بولدى...ئاق كۆڭلەڭگە چىرايىنى تامامەن ئىچىۋەتكەن ئىدى، كۆزلىرى ساڭگىلاپ قالغان، بۇرۇنلىرىنىڭ گۆشلىرى ئاللىبۇرۇن چىرىپ يوقاپ ئورنىغا ئىككى تال تۆشۈكلا قالغان...
ماڭىز سۆڭەكلىرى يىمىدە چىرىغان ئەتلىرى بار يىرىمى تامامەن سۆڭەككە ئايلانغان ھالدا تۇراتتى...

ئىشىك چىكىلىۋاتاتتى...
ئايتىللا يەردە تىزلانغىنىچە ئاق كۆڭلەڭگىگە ئۈمۈدسىزلەنگىنىچە قاراپ تۇراتتى...


__قاسىم!!!! مىنى قۇتقۇزۋىلىڭ....قاسىم!!!!__ئۈمۈدسىزلىك بىلەن ئىچىنىشلىق ۋارقىرىدى!

ئەپسۇس قاسىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتى.

ئايتىللا يىغلىدى...ئىشىكنىڭ يىنىغا بىرىشتىن قورقتى...ئاق كۆلەڭگە ئاستا ئايتىللاغا يىقىنلاپ كەلدى، ئايتىللا قورققىندىن ئارقىغا داجىدى...

ئاق كۆلەڭگە لەيلەپ كىلىپلا ئايتىللانىڭ گىلىدىن بوغدى...ئايتىللانىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى...
بارا-بارا قاراڭغۇلۇق گويا ئاپئاق نۇرغا ئايلاندى-دە...ھىچنىمىنى تۇيمىدى....



7.


قاسىم ئىشىكنى ئاچالماي خىلىلا قىينالدى، ئايتىللانى شۇنچە چاقىردى، ئىشىكنى مۇشلىدى، چەكتى،تەپتى...
ئۆي ئىچى گوياكى گۆرۈستاندەك تىنىچ ھەم جىمجىت ئىدى. قاسىم چىقىدىغاندا  ئاچقۇچنى ئىلىۋالمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى...ئەمدىلا خوجۇلۇق ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭاي دىيىشىگە پەستىكى كارىدوردىن ئىككى ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ ھاسىراپ-ھۆمىدەپ چىققىنىنى ھىس قىلدى....

بۇلار ھىمىت دوختۇر بىلەن ئىسكەندەر پىرافىسسور ئىدى...


ئۇنىڭغىچە قاسىم ئاچالمىغان ئىشىك ئىسكەندەرنىڭ ئىشىك تۈۋىگە كىلىشى بىلەنلا ئۆزلىكىدىن ئىچىلىپ كەتتى...

ئۈچى تىزلا ئۆيگە كىردى، ئايتىللا پەستە سۇنايلىنىپ ياتاتتى...
__ئايتىللا!!!

قاسىم ئۇچقاندەك بىرىپ ئايتىللانىڭ يۆلىدى،


__گەپ قىلىڭە ئايتىللا، مىنى قورقۇتماڭ...قاسىم تاراملاپ يىغلاشقا باشلىدى.


ئايتىللا گويا جىنى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئۈن-تىنسىز جىمجىت ياتاتتى.

ھىمىت دوختۇر تۇيۇقسىز ئۆينىڭ بۇلىڭىدىكى ئاق كۆلەڭگىنى ئىنىق كۆردى...

__ئىسكەندەر...!!! ئاۋۇ يەرگە قارا...

ئىسكەندەر پەرۋاسىز مۇنداقلا ھىمىت كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ قويدى.

__ھە، كۆردۈم!

ھىمىت دوختۇر ئىسكەندەرنىڭ ئىپادىسىدىن ھەيران قالدى...ئۆزى بولسا بىر ھەپتىدىن بۇيان كۆزىگە كۆرۈنۈپ ئارام بەرمىگەن بۇ مەخلۇققا بىر كۆزى بىلەن خاتىرجەمسىزلەنگەن ھالدا قاراپ قوياتتى...

قاسىم ئايتىللانى ھوشىغا كەلتۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى...

__قاسىم، بۇ دورىنى ئايتىللاغا ئىچۈرۈڭ، __ئىسكەندەر شۇنداق دىگىنىچە قارا سومكىسىدىن ئۈچ تال ئاق رەڭلىك كومىلاچ دورىنى قاسىمغا بەردى.

قاسىم ئىككىلىنىپراق دورىنى ئالدى-دە ئىسكەندەرگە سۇئال مەنىسىدە قارىدى:


__بۇ؟

تىز بولۇڭ،ۋاقىتنى كەينىگە سۆرىمەڭ،__دىدى ئىسكەندەر كەسكىنلىك بىلەن .

قاسىم ئالمان-تالمان يۈگۈرەپ سۇ ئىلىپ چىقتى-دە ئۈچ تال كومىلاچنى ئايتىللاغا ئىچۈردى.

ھىمىت دوختۇر بولسا غەزەپلەنگەن كۆرلىرىنى ئىسكەندەرگە مىختەك تىككىنىچە تۇراتتى...چۈنكى بارلىق ئىشلارنىڭ

ئىسكەندەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.

ئىسكەندەر ئايتىللانىڭ بۇرنىنى يىنىك ئۇۋىلىۋىدى، ئايتىللا چوڭقۇر <<ئۇف.............>> دىگىنىچە ئىسىگە كەلدى.


قاسىم خۇش بولۇپ كەتتى:

__ئايتىللا، ئىسىڭىزگە كەلدىڭىزمۇ ؟ بىئارام بولمايۋاتقانسىز-ھە؟ خۇداغا شۈكرى...شۈكرى....
قاسىم خۇشلىقىدا ئايتىللانىڭ يۈزلىرىگە يۈزلىرىنى سۈركەپ كەتتى...

ئىسكەندەر ئۇلارغا قاراپ بىر ھازا تۇرغاندىن كىيىن ئاق كۆلەڭگە تۇرغان بۇلۇڭغا قاراپ ماڭدى...

ھىمىت دوختۇر بولسا نىمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي بۇ ئىشلارغا شاھىد بولۇپ ئىسكەندەردىن كۆزىنى
ئۈزمەي قاراپ تۇردى.

ئىسكەندەر ئاق كۆلەڭگىنىڭ يىنىغا باردى، ئاق كۆلەڭگە بولسا بىردىنلا يۇۋاشلىشىپ قالغاندەك بىشىنى تۆۋەن ئىگىپ تۇردى.

__مەن ساڭا نەچچە قىتىم دىدىم، بۇ دۇنيا پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىلغان، سەن نىمىشقا ۋەدەڭدە تۇرمايسەن؟ مەن سىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئاز كۈچ چىقاردىممۇ؟ نىمىشقا گىپىمنى ئاڭلىمايسەن؟ ئۇلارغا نىمىشقا زىيان يەتكۈزىسەن قارا يۈز؟!

ئاق كۆلەڭگە بىشىنى ئىگىپ جىممىدە بولدى:
__مەن..مەن...پەقەت قاسىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم...شۇڭا...

__بولدى بەس! __ئىسكەندەرنىڭ ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى، ھىمىت دوختۇر كۆزلىرىگە ئىشىنىشكە ئامالسىز قالدى، چۈنكى بىر كۆلەڭگە زاتى نامەلۇم بىر مەخلۇق بىلەن ئىسكەندەر ئۆز ئارا پاراڭلىشىۋاتاتتى. چۈش كۆرىۋاتقاندىمەنمۇ ؟دەپمۇ باقتى، لىكىن كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈش ئۇنى باشقىلا بىر دۇنياغا ئەكىلىپ قويغان ئىدى.

ھىمىت دوختۇر داۋاملىق ئۇلارنىڭ پاراڭىغا دىققەت قىلدى، ئارلىقتا قاسىم ھۇشىغا كەلگەن ئايتىللانى يۆلىگىنىچە ھۇجرا ئۆيىگە قاراپ ماڭماقتا ئىدى.

ئىسكەندەر ئاق كۆلەڭگىگە قاراپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى:

__مەن دىمىسەممۇ ساڭا ئايان، سەن پەقەت بىر روھ...بۇ دىگەن ئادەم، روھانىي ئالەمدىكى سەن بىلەن بۇ ئالەمدىكى ئادەم زاتى قانداقمۇ سەن بىلەن بىللە بولالىسۇن؟ بۇ مۈمكىنمۇ؟ سەن بۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭغۇ؟

ئاق كۆلەڭگە بارا-باران كىچىكلەپ كىتىۋاتاتتى:

__مەن ئۇنىڭغا راسلا ئاشىق، ئۇ ئۆلسە ئۇنىڭ روھىي بىلەن بىللە بولالايمەن ئەمەسمۇ؟

__ئاغزىڭنى يۇم! بۇ مۇمكىن ئەمەس، سەن قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن، كىيىن روھىڭغا ئىچىم ئاغرىپ
سىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىم، ئىزچىل ئۆيۈمدە سەن. سىنى يامان كۆرمەيمەن، لىكىن ئادەم زاتىغا يامانلىق قىلساڭ مىنى كەچۈر،سىنى داۋاملىق يىنىمدا ئىلىپ قالالمايمەن.

__ياق، مىنى كەتكۈزۋەتمەڭ، بولامدۇ؟ مەن ئەمدى بۇنداق قىلمايمەن، چوقۇم ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى قىلىمەن،
پۈتۈن دىققىتىمنى بۇنىڭدىن كىيىن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزغىلا بىغىشلاي!

ئىسكەندەر ئوشۇق گەپ قىلمىدى...

ئاق كۆلەڭگە بارا-بارا كىچىكلەپ كەتتى...

__پىرافىسسور،مىنى قۇتۇلدۇرۋىلىڭ، مەن ئەمدى ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلمايمەن...


ئاق كۆلەڭگە بارا-بارا كىچىكلەپ ئالقانچىلىكلا كىلىپ قالدى...ئىسكەندەرنىڭ ئىچى ئاغرىدىمۇ يىنىدىن
ئالاھىدە ياسالغان بىر سىرلىق كىچىك بۇتۇلكىنى چىقاردى:

__دەرھال بۇنىڭغا كىر!

__رەھمەت پىرافىسسور!!

ئاق كۆلەڭگە بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە كىردى، ئىسكەندەر تىزلىك بىلەن قاپقىقىنى ياپتى-دە، بوتۇلكىغا قارىۋىتىپ يانچۇقىغا سالدى...

ھىمىت دوختۇر بولسا ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەن ھالدا ئىسكەندەرگە قاراپلا تۇراتتى...

ئىسكەندەر ھىمىت دوختۇرنىڭ يىنىغا كەلدى، ۋە مۆرىسىنى يىنىك قىقىپ قويدى:

__بىلىمەن، ھەيران قىلىۋاتىسەنغۇ دەيمەن، كەل ئولتۇر، ساڭا سۆزلەپ بىرەي!

ئىسكەندەر ھاڭۋاققىنىچە تىخى ئۆرە تۇرغان ھىمىت دوختۇرنىڭ قولىدىن يىنىك تارتقىنىچە سافاغا ئولتۇرغۇزدى، ھىمىت دوختۇر بولسا گاڭگىرىغىنىچە ئىسكەندەردىن جاۋاب ساقلىماقتا ئىدى:

__ئۆزۈڭ بىلىسەن، خىزمەتنى تاشلاپ ئۆز ئالدىمغا تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقىلى خىلى يىللار بولدى،  تەتقىقات دىگەن ئاجايىپ نەرسە ئىكەن، كولىغانسىرى تىگىگە يىتىپ بولغىلى بولمايدىغان، يەتمىگەنسىرى قىزىقىپ داۋاملىق كولاۋىرىدىغان سىرلىق غەزىنىگە ئوخشايدىكەن، ھە دىگەندە كاللامدا روھ ئۇقۇمى مەۋجۈت بولدى،
روھ زادى قانداق نەرسە، كىشى ئۆلگەندىن كىيىن قانداق بولىدۇ؟ ...مەنە مۇشۇ تىمىدا تەتىقىق ئىلىپ باردىم، كىيىنچە بۇ ئىشلارنىڭ بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. روھ پەقەت كىشىنىڭ
تەندىن ئايرىلغاندىكى بىر قىسىمى ئىكەن...نۇرغۇن تاللاشلار يەنىلا روھلارنىڭ ئىلكىدە بولىدىكەن...


__ھىمىت گويا روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئاغزىنى ئاچقىنىچە ئىسكەندەرگە قاراپ ئولتۇراتتى، ئىسكەندەر سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

__بولدى-بولدى، مەن كۆپ گەپ قىلماي، قانچە دىسەممۇ سەن ھازىر ھەرگىزمۇ چۈشىنەلمەيسەن، ئاق كۆلەڭگىنىڭ ئىشىغا كەلسەك، ئاق كۆلەڭگىنى مەن ساقلاپ قالغان، ئۇ بىر ئايال كۆلەڭگە،25 يىشىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىسمى زۇلمىرە. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تەغدىرىگە پەقەتلا باش ئەگكۈسى يوق، شۇڭا ئۇنىڭ روھىنى يىڭىلاش ئىلىپ بىرىپ يىنىمدا ئىزچىل ساقلىدىم، ئۇ ماڭا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى، تەتقىقاتىمدىمۇ بۇرۇنقىدىن زور بۆسۈش ھاسىل قىلدىم، كىيىن ئاستا-ئاستا تالانتلىق روھلارنى ئۆيۈمگە يىغدىم، ئايالىم بالىلىرىمنى ئامال بار سىرتلارغا ساياھەتكە يولغا سالىمەن، << نىمىقا ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز سۆزلەيسىز >> دەپ مەندىن گۇمان قىلىپ قالىدىكەن. چۈنكى ئۇلار بۇلارنى كۆرەلمەيدۇ،مەنمۇ چاندۇرمايمەن.

كىيىن زۇلمىرە ئۆزىگە ئوخشاش تەغدىرداشلىرىنى ماڭا تۇنۇشتۇردى، ئۇلارنىڭ تالانتلىقلىرىنى ئىلىپ قالدىم، باشقىلىرىنى ئۆز يولىغا سالدىم، ئۆز يولى دىگەننى ساڭا چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيمەن...

مانا ھازىرمۇ ئۇلار ماڭا ياردەملىشىۋاتىدۇ، قانچىلىك ۋاقىت تۇرىدۇ، ئۇنى مەنمۇ ئىنىق بىلمەيمەن...
مەنمۇ يىقىندا زۇلمىرەنىڭ پات-پات يوقاپ كىتىدىغانلىقىنىمۇ ھىس قىلدىم، شۇڭا سەل گۇماندا بولغان، قارىسام ساڭا كۆرۈنۈپتۇ، روھلارنىڭ ئىنسانغا كۆرۈنىشى ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس، گەرچە زىيان يەتكۈزەلمىسىمۇ ئىنسانلارغا كۆرىندىىغان چىرايى بەكلا بەدبەشىرە بولغانلىقى ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە نىرۋىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
لىكىن مەن ئۇلارنى ئەسلى چىرايى بويىچە كۆرەلەيمەن...
بولغان ئىشلار مانا مۇشۇ، زۇلمىرەنىڭمۇ ئەمدى قايتا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن...



ھىمىت دوختۇر ئەمدى سەل ئەسلىگە كەلدى، ئىسكەندەرنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى يىنىك ھىس قىلدى،
شۇ روھلارغا ئىچىمۇ ئاغرىپ قالدى...لىكىن نىمە دىيىشىنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتاتتى. بۇ ئىشلانرىڭ راسلىقىغىمۇ گۇمان بىلەن قارايتتى.

__ئەمدى ئاغىنەم، مۇنۇ كومىلاچنى ئىچىۋەتسەڭ.__ئىسكەندەر سەمىمىيلىك بىلەن ھىمىتقا قارىدى.

ئىسكەندەر ھىمىت دوختۇرغا قارا رەڭلىك كومىلاچنى سۇندى.

ھىمىت بىر كومىلاچقا بىر ئىسكەندەرگە قارىدى.


__بۇ نىمە؟

__ئىچىۋەتكىن، ساڭا تەۋە بولمىغان،پايدىسى يوق كۆرۈنۈشلەرنى، مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى ئۇنتۇشىڭغا پايدىسى بار...

ھىمىت دوختۇر ئىككىلىنىپ قالدى،شۇندىمۇ ئىسكەندەرنىڭ گەپلىرىنىڭ مەلۇم ئاساسىي بارلىقىنى ھىس قىلدى بولغاي، بايا قاسىم ئايتىللاغا تولۇق ئىچۈرۈپ بولالمىغان سۇ بىلەن ئىسكەندەرنىڭ قولىدىكى قارا كومىلاچنى يۇتۇۋەتتى...



8.
ئايتىللا يىرىم سائەتتىن كىيىن ئۆيدىن چىقتى، قاسىممۇ قارا رەڭلىك كومىلاچنى يىگەن ئىدى. ھىساپتا قاسىم ،ئايتىللا،ۋە ھىمىت دوختۇرنىڭ كاللىسىدىكى ئاق كۆلەڭگىگە ئائىت مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار كومىلاچ دورىلارنىڭ تەسىرىدە ھەممىسى خاتىرىسىدىن يوقالغان ئىدى.


__مانا بۇ دورىنى كۈنىگە ئۈچ ۋاق يەپ بىرىڭ__ھىمىت دوختۇر ئادەتتىكىدەك ئايتىللاغا دورا سۇندى،__بۇ مىڭىنى كۈچلەندۇرۇپ، بەدەندىكى ناچار تەسىرلەرنى يوقىتىدۇ.

__ھازىر بىشىم سەل ئاغرىغاننى ھىسابقا ئالمىغاندا باشقا ئەھۋالىممۇ ياخشى،__ئايتىللا تولۇق ئەسلىگە كەلگەن ئىدى، ئۇ لار ئاق كۆلەڭگىگە مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئۇچۇرلارنى ئۇنۇتقان  ئىدى__ مۇشۇ قاسىمنىزە، نەچچە كۈن بولدى، ئىشقا بارىمەن،دىسەم، ئۇنىماي ئۆيدە ئارام ئالغۇزۇپ، ھە راس، مەن ئەتىدىن باشلاپ نورمال ئىشقا بارسەم بولامدۇ؟ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى ئۆيدە يىتىۋىرىپ.

__مەنمۇ شۇ سىزنى چارچاپ قالدى،دىمىگەن بولسام ئىشلىسىڭىز ھەرگىز توسىمايتتىم جۇمۇ...__قاسىم يالغاندىن قاپىقىنى تۈرۈپ قويدى...


ئىككى ياشنىڭ ئامراقلىقىنى كۆرگەن ھىمىت دوختۇر بۇلارغا ئاتىلارچە مەستلىكى كىلىپ كەتتى:

__ھا..ھا...ھازىرقى زاماننىڭ ياشلىرى-زە،__ھىمىت دوختۇر كۆز ئەينىكىنى سەل كۆتۈرۈپ قويدى، ۋە قاسىمغا
قاراپ:


__بايا تىلفۇن ئۇرۇپ ئايالىمنىڭ كىسىلى ئىغىرلاپ قالدى،دىمىگەن بولسىڭىز ھەرگىز كەلمەيتتىم، مانا بىر ئوبدان ساقىيىپ كىتىپتۇغۇ دەيمەن. ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چىقسا بولىدۇ.

قاسىم سەل قىزارغىنىچە بىشىنى تاتىلاپ قويدى:

__شۇ سىزنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ داۋالىشىڭىز ئاستىدا بىر ھەپتىگە قالماي ئايتىللا ئەسلىگە كىلىپ بولدى، تاماققا چاقىرىۋالايلى دەپ، تىلفۇن ئۇرساق سىزنى كەلمەي قالمىسۇن ،دىدۇق، بۇمۇ ياخشى كۆڭلىمىز...

كەينىدىن ئايتىللا ئوخشىغان بىر لىگەن پولۇنى ئۈستەلگە قويدى،  ھەرخىل تاتلىق تۈرۈم،مىۋە-چىۋە دىگەندەك نازۇ-نىئمەتلەرنى ئۈستەلگە تەل قىلدى، ۋە كىرىسلودا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان قاسىم بىلەن ھىمىت دوختۇرنى چاقىردى:

__تاماق پىشتى، تاماق يەۋىلىڭلار....


ئىسكەندەر كارىدوردا تۇرۇپ بۇلارنىڭ پارىڭىنىڭ ھەممىنى ئاڭلىدى، كەينىدىن يىنىك تىندى!
خۇداغا شۈكرى، ھەرنىمە بولسا ھەممە ئىشلار ئەسلىگە كەلدى،دىدى-دە، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.



تۈگىدى.
ئىكران ئالدىدا :سوفىيە (مەلىكە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-11 05:58 PM  


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
akbarjan0997 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
ulugh + 184 تەپەككۇرى كۈچلۈك
yultuzi + 55 ۋاي ساراڭ...
kurshat + 39 تىرىك ئۆلتەردىغۇ~
loveuighur + 150 دەلىللەر يېتەرلىك
qartekin + 100
WiJD@N + 118 ماختاشقا تېگىشلىك
Dakyanos + 218 ياخشى يىزىپسىز
musilina + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
سەھرا ئوغلى + 301 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1565   باھا خاتىرىسى

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3484
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3948
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10832 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 07:55:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ  بېشىنى ئازراق ئۇقۇپ تۈگىتىۋىتەي دېسەم ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپسىز....شۇڭا ئىپتاردىن كىيىن رارۇس ئولتۇرۇپ ئۇقۇي.شۇچاغدا تۇلۇق ئىنكاس يازىمەن.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 08:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ،تولۇق ئوقۇدۇم،داۋاملىق مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49749
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3044
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2013-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 08:18:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇكامنى يىنىمغا ئەكىرۋىلىپ بىر ئوقۇي ئەمدا بۇ تىمىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 08:18:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقۇلمىمۇيا راس ئىشمۇ مەلىكە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18939
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6597
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 1415 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 08:24:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈم يالغۇز ئۇقۇپ بەكلام قورقۇپ كەتتىم

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3691
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 08:30:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى قورقۇنۇشلۇقتەك تۇرىدۇ ، ھىلى سەل كەچ بولغاندا ئوقۇي ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32533
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6037
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 08:31:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز  قورققىنىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاپىرىن سىزگەئۈزۈمنى  نەخ مەيداندا باردەك ھىس قىلدىم

ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 08:44:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئاشخانا ئۆيدىن ئوتنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، مەلىكە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئاشخانا ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىدە ئىشىكنى ئاچتى....... ۋايجاننننننننننننننن مەلىكىنىڭ كۆزىگە بىر جۈپ قاپقارا تەن كۆرۈندى ھەم ئۇ تەرەپكە كېلىۋاتاتتى، مەلىكە قاچتى، قارا تەن ئۇنى داۋاملىق قوغلىدى، قوغلاپ قوغلاپ ئاخىرى مەلىكىنى بالكونغا قىستاپ ئەپ چىقتى، قارا تەن قىستاپ كەلگەنسېرى مەلىكە بالكوننىڭ يېرىم تېمىغا چاپلىشىپلا قالغان ئىدى، توختا...... قارا تەندىن چىقىۋاتقان قورقۇنۇچلۇق ئاۋاز مەلىكىنى بالكوندىن پەسكە سەكرەشكە مەجبۇر قىلدى...... ئاھ....................
------------------------------------------------------------
مەلىكە، مەلىكە،مەلىكىنىڭ كۆيۈمچان يولدىشى ئۇنى ئاستا يۆلەپ بىر ئىستاكان سۇ بەرگەچ ئۇنىڭ قارا تەرىنى سۈرتۈپ قويدى.................

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 954
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11328
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1102 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 09:02:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،
لىكىنزە مۇشۇ ئادەم دىگەن ياخشى تاماق
بولسا قورسىقى تويسىمۇ كۆزى تويمىغاندەك .
بىر خىل ھىسياتتا بوپ قالدىم .
ئاخىرىنى مۇمكىن بولسا يەنە بىر–ئىككى ئابزاس
ئۇزۇنراق يېزىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى
چىقاتتىكەن .(شەخسى كۆز قارىشىم جۇمۇ!)
ئاخىرىنى زۇلمىرەنى يولغا سېلىۋىتىپ تۈگەتكەن
بولسىچۇ دەپ ئويلاپ قالدىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barquk8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 09:05 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش