مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 84|ئىنكاس: 0

ئانا تىلىمىزنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قوغدايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83631
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2012-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:43:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1125429kxhzrk67dhfzu1c.jpg
112544shjo65t5rwla6v61.jpg
112543e2wljqhvv1pg5g52.jpg

يېقىندىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى بانكىلار خېرىدارلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ، بانكىلارنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈ (自动取款机) لەرگە ئۇيغۇرچە يېزىق سېستىمىسىنى كىرگۈزۇپ، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەردى. گەرچە مەن خەنزۇ تىلىدىكى مەشغۇلات قىلىشقا پىششىق بولساممۇ، لىكىن ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت سېستىمىسى چىققاندىن كىيىن، بۇنىڭدىن بەك سۆيۈندۇم. ھەر قېتىم پۇل ئالغىلى كەلسەم گەرچە ئالىدىغىنىم ئۆزۈم ھالال ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم بولسىمۇ، بىر خىل ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن. شۇڭىلاشقا، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى مۇلازىمەت تىلىدا مەشغۇلات قىلىپ كەلدىم. مېنىڭچە بۇنداق مۇلازىمەتنىڭ يولغا قۇيۇلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ. بىرى،بۇ بانكىنىڭ مىللىي رايۇنلارنىڭ تىل- يېزىقىنى ھۆرمەت قىلغانلىقتىن؛ بىرى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرگە تېخىمۇ قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن؛  ئەمما، مەن نۇرغۇن قېتىم پۇل ئېلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر خېرىدارلارنىڭ خەنزۇچە مۇلازىمەت تىلىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. بىر قىسىم كىشىلەردىن نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت تىلىنى ئىشلەتمەيسىلەر دەپ سورىدىم؟ بەزىلىرى “ خەنزۇچە مۇلازىمەت تىلىغا كۆنۈپ قاپتىمىز“ دەپ جاۋاپ بەردى. بەزىلىرى “ قايسى تىلنى ئىشلەتكۈمىز كەلسە شۇنى ئىشلىتىمىز، سىز بۇنىڭغا باش قاتۇرۇپ كەتمەڭ“ دەپ جاۋاپ بەردى. بەزىلىرى ھېچنېمە دېمەستىن بىر خىل سوغۇقلا كۈلۈپ قويدى. شۇنداق بۇ قارىماققا شۇنداق ئاددى ئىش. قايسى خىل مۇلازىمەت تىلىدا مەشغۇلات قىلىشمۇ ھەر كىمنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى. لىكىن، مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر قانچە نوقتىنى ئويلىنىپ قالدىم. بىرىنچىدىن، ھەرقايسى بانكىلار مېنىڭچە بىزگە قولايلىق يارىتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەتىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ خىل مۇلازىمەت تىلىنى يولغا قويدى. ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈلەردىكى ئۇيغۇر تىلىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان قىلىش ئۈچۈن بانكا خېلى كۆپ مەبلەغ ، ۋاقىت، ئادەم كۈچى ئاجىراتتى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2-قانىلىدىكى ”كۆڭۈلدىكى سۆز“ پىرگراممىسىدا ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلەن قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىنژىنىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىلغان خىزمەتلىرىنى دەپ ئۆتتى. دېمەك، ناۋادا بىز ئۇلار مىڭ بىر جاپادا قىلغان مۇلازىمەت تىلىنى ئىشلەتمىسەك، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىگىنى ھۆرمەتلىمىگەن، قەدىرلىمىگەن بولىمىز. بانكىنىڭ بۇ ئىشقا خەجلىگەن پۇلىمۇ بىكارغا كىتىدۇ. بىز بۇ مۇلازىمەت تىلىنى داۋاملىق ئىشلەتمەيۋەرسەك، بەلكىم ئۇلار بۇ مۇلازىمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىشىمۇ مومكىن. ئىككىنچىدىن، بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بەلگىلەيدىغان بىر تەرەپتۇر. دۇنيادا ئىشلىتىلمەيدىغان، قىممىتىنى يوقاتقان نەرسىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن شاللىۋىتىلدىغانلىقى بىزگە ئايان.  بۇ يەردىكى تىل پوزىتسىيىسى ھەرگىز بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن ئوخشاش ئاددى نەرسە ئەمەس. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنى قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش، ئىپتىخارلىنىش ھېسىياتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن قىممەت جەھەتتە جېنىمىز ۋە تېنىمىز بىر ئورۇندا تۇرىدىغان، مىللىي مەۋجۈتلىقىمىز ۋە مىللى كىملىكىمىزنىڭ زۆرۈرى ئاساسلىرىدىن بىرى. يېقىندىن بۇيان تىلىمىزنى قوغداش ھەققىدىكى شۇئارلار ناھايىتى كۆپ. لىكىن ئاغزىمىدا شۇئار بولغان بىلەن ئەمىلىيىتىمىزدە تىلىمىزنى ئەبجەش سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز. كوچىلاردا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باللىرى بىلەن خەنزۇچە سۆزلىشىپ مېڭىشنى ئابرۇي ھېساپلاۋاتىدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر ماقالىسىدە بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ياپۇنلۇقلار بار بىر جايدا ياپۇن تىلىنى بۇزۇپراق سۆزلىگەندە، بىر ياپۇنيىلىكنىڭ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قاتتىق ئاچچىقلانغان ھالدا ئېتىراز بىلدۈرگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمدى ئۆزىمىزنى ئويلاپ باقايلى، قانچىلىكىمىز بىرى تىلىمىزنى بۇزۇپ سۆزلىگەن، ھەتتا ئېلان، ۋېۋېسكىلاردا خاتا يازغان چاغدا دادىللىق بىلەن ئېتىراز بىلدۈرەلىدۇق. قانچىلىك ئۇيغۇر ئۇقۇتقۇچى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇقۇغۇچىلار خاتا ئىملا بىلەن يازغاندا ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزۈتۈپ باقتى. مەن ئالدىنقى مەۋسۈمدە بىر ئامىرىكىلىق قىزچاققا ئۈيغۇر تىلى ئۆتكەن ئىدىم. ئۇ گەرچە ئۇيغۇر يېزىقىنى تېز يازالمىسىمۇ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. ھەتتا بەزى چىشى كۆپ ھەرىپلەر (مەسىلەن: س ، ش) نىڭ چىشىنى بىردىن-بىر ساناپ ئەستايىدىللىق بىلەن يازدى. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ نېمىشقا مۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ تەمكىنلىك بىلەن “ بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ھۆرمەت قىلغانلىق، شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلغان بىلەن باراۋەر“ دەپ جاۋاپ بەردى. قاراڭ، باشقىلارنىڭ تىل پوزىتسىيىسىگە. بىز دائىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئادەتتىكى ئىش قاتارىدا كۆرۈپ ئونىڭ بىلەن ئانچە ھېساپلىشىپ كەتمەيدىكەنمىز. دۇنيادىكى تالاي مۇرەككەپ ئىشلار نۇرغۇن ئاددى ئىشلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. مەن يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشمۇ قارىماققا شۇنداق ئاددى. مەسىلەن ئالايلى: بىز بانكىدا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت تىلىنى ئىشلەتمىدۇق، رېستۇران-ئاشخانىلىرىمىزنىڭ قورۇما تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچە يازماي،خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچىلا يېزىۋەردۇق. مەكتەپلىرىمىزدە ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا سەل قارىدۇق. ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ ئورنىغا باشقا تىلدىكى پىروگراممىلارنى كۆردۇق، بالىمىزغا باشقا تىلنى ياخشى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن دائىم باشقا تىلدا پاراڭلاشتۇق، يىغىنلىرىمىزدا خەنزۇچە سۆزلەش مودىغا ئايلاندى……… قاراڭ، ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كىچىك، بەزىلىرى چوڭ ئىشلار بۇلار يىغىلىپ بىر گەۋدىگە ئايلانغاندا تېخىمۇ چوڭ ئىشقا ئايلىنىدۇ. ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ئاساستا خۇددى  ئابدۇقېيۇم دېگەن ئارتىسىمىز بىر ئىتوتىدا “ بۇ پەشتاما سىزگە ياراشتى، ئۇنداق، مۇنداق دەپ يۈرۈپ مېنىڭ ئۇچامغا چىقىپ قالدى دېسە!“ دېگەندەك ئەھۋال يۈز بېرىشى مومكىن. تىل تەرەقىياتىدا، ئىشلىتىلمىگەن تىللارنىڭ بارا-بارا باشقا تىللارغا ئورۇن بېرىدىغانلىقى ئاللىقاچان تارىختا ئىسپاتلىنىپ بولغان ئىش. شۇڭا مەيلى تىلىمىزغا چېتىلىدىغان قانداقلا ئىشتا بولسۇن سەل قارايدىغان ئىشلارنى ئاز قىلىپ، تىلىمىزنى ئىناۋىتىنى، قىممىتىنى، ھۆرمىتىنى قىلايلى. تىلىمىز ئىشلىنىدىغان جايدا ئۇنى چوقۇم ئىشلىتەيلى، دۆلەت بەرگەن ھوقۇققىمىزنى ئىشلىتەيلى. مەن ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئاشخانىلاردا بۇيرۇغان تاماقنى ئۇيغۇرچە بېسىپ چىقىرىپ بېرىدىغان ماشىنىلارنى كۆرۈپ بەك خۇش بولغان ئىدىم،. لىكىن بۇ مەھسۇلاتلار تازا بەك كېڭىيىپ كېتەلمىدى. ئۇيغۇرلاردا نېمە كەسىپ شۇغۇللىنىدىغانلار جىق. ئاشخانا، يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جىق. شۇنداق تۇرۇپ بۇ مەھسۇلاتلار نېمىشكە بەك ئومۇملىشىپ كېتەلمىدى؟ گەپ بىزنىڭ ئۆز تىلىمىزدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا ئىشەنمەسلىكىمىزدە. ئەلۋەتتە نۇرغۇن نەرسىلەر دەسلەپتە چىققاندا ئۇنداق، مۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمايدۇ. بىز ئۆز تىلىزدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەرەققى قىلىش يولىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى كەچۈرەلمىسەك، ئۇلارغا پۇسەت بەرمىسەك ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ. بۇنى ھەممەيلەن ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ. دېمەك، تىل-مىللەتنىڭ بەلگىسى. بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۈت بولىمىز دەيدىكەنمىز، تىلىمىزغا توغرا پوزىتسىيەدە بولىشىمىز كېرەك.

مەنبەسى: يازغۇچىلار مۇنبىرى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش