پادىشاھ نوشېرۋانى ئادىلنىڭ ئۆز ۋەزىر بۇزرۇكمېھىرگە بەرگەن سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى
سۇئال: ئۆمۈرنى قانداق ئۆتكۈزۈش كىرەك؟
جاۋاپ: ئۆمۈرنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكىزىش كىرەك.
سۇئال: ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى ئىش قايسى؟
جاۋاپ: ئىلىم ئۈگۈنۈش.
سۇئال: ئىلىم قانداق نەتىجە بىرىدۇ؟
جاۋاپ: كىچىك بولساڭ ئۇلۇغ (چوڭ) بۇلىسەن، كەمبىغەل بولساڭ باي بۇلىسەن.
سۇئال: توغرا يول نىمە بىلەن بىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: ئىلىم نۇرى بىلەن.
سۇئال: خۇدانىڭ رازلىقنى نىمە بىلەن تاپقىلى بۇلىدۇ؟
جاۋاپ: ئاتا - ئانىنى خۇشال قىلىش بىلەن.
سۇئال: كىم بىلەن مەسلىھەت قىلىش كىرەك؟
جاۋاپ: دانا بىلەن.
سۇئال: ياخشى ئادەمنى قانداق تۇنۇش كىرەك؟
جاۋاپ: ئۈچ ئالامەت بىلەن: ئىلىم خۇمارلىقى، سېخىلىقى ۋە ئۇچۇق چىرايلىقى بىلەن.
سۇئال: ساخۋەتنىڭ چىكى قانداقتۇر؟
جاۋاپ: بار نەرسىنى بىرىش.
سۇئال: ئەڭ ياخشى ئىش قايسى؟
جاۋاپ: ھېكىملەر ۋە ئالىملارنىڭ ،ەجلىسىدە ئولتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن مەنپىئەت ئېلىشتۇر.
سۇئال: ئەڭ يامان ئىش نىمە؟
جاۋاپ: تىلەمچىلىك.
سۇئال: ئارىف (ئالىم، بىلىملىك-ت) دەپ قانداق ئادەمنى ئېيتىمىز؟
جاۋاپ: ئۈزىنى باشقىلاردىن كەمتەر ۋە تۈۋەن دەپ بىلىدىغان ئادەمنى.
سۇئال: بۇ خىسلەت قانداق ھاسىل بۇلىدۇ؟
جاۋاپ: ئالىملار ۋە پۇخىرالار سۆھپىتىدىن.
سۇئال: مەرىپەتكە ئىرىشىش سەۋەبلىرى نىمە؟
جاۋاپ: سەبىرە ۋە شۈكۈر.
سۇئال: دۇنيادا قانداق تۇرۇش كىرەك؟
جاۋاپ: مۇساپىر(يۇلۇچى)غا ئوخشاش، مۇساپىر بىر سارايغا چۈشىدۇ، بىر كىچە قۇنۇپ تاڭ ئېتىشى بىلەن كىتىدۇ.
سۇئال: مەنزىلگە قانداق يىتىش كىرەك؟
جاۋاپ: يەڭگىل يۈك بىلەن.
سۇئال: ئادەمنىڭ ياخشى يامانلىقى قانداق بىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: قېرىغاندا ياش ۋاختىدىكى چوڭچىلىقنى بايان قىلىش ۋە كەمبىغەلچىلىكتە باي ۋاختىدىكى ئىشرىتىنى سۆزلەش بىلەن.
سۇئال: دوسنى قانداق چاغدا بىلگىلى بۇلىدۇ؟
جاۋاپ: ھاجىتىڭ چۈشكەندە دوسنىڭ دوست ياكى ئەمەسلىكنى بىلىش مۇمكىن.
سۇئال: قابىلىيەتسىز پەرزەنىت نىمگە ئوخشايدۇ؟
جاۋاپ: ئۇشۇق ئۆسكەن بارماققا، كەسسەڭ ئاغرىيدۇ، كەسمىسەڭ ئەيىپ ھېساپلىنىدۇ.
سۇئال: مۇھەببەت قانداق كۈچۈيدۇ؟
جاۋاپ: ئەيىپنى يۇشۇرۇش بىلەن.
سۇئال: گۇناھنىڭ داۋاسى نىمە؟
جاۋاپ: توۋا قىلىش.
سۇئال: دۆلەت ئىگىسىگە قانداق ئىش قىلىش ياخشى؟
جاۋاپ: مېھمان دوسلۇق.
سۇئال: قانداق ئادەم نەگىلا بارسا باشقىلار تەرىپدىن قىزغىن كۈتىۋېلىنىدۇ؟
جاۋاپ: ئەدەب - ئەخلاقلىق كىشى.
سۇئال: قانداق ئادەمنىڭ يۈز ئەيىپى بولسىمۇ ئەيىپكە بۇيرۇلمايدۇ؟
جاۋاپ: سېخى ئادەم.
سۇئال: ئۇيقۇ ياخشىمۇ ئۇيقۇسىزلىقمۇ؟
جاۋاپ: ھۇشيارغا ئۇيقۇسىزلىق، غاپىلغا ئۇيقۇ.
سۇئال: تېۋىپ ئىلاج قىلپ داۋالىيالمايدىغان كىسەل قايسى؟
جاۋاپ: ئەخمەقلىق ۋە ئەبلەخلىق.
سۇئال: ياشاشتىن ياخشىراق، ئۈلۈمدىن يامانراق نەرسە نىمە؟
جاۋاپ: ھاياتتىن ياخشى نەرسە- ياخشى نام، ئۈلۈمدىن يامانراق نەرسە - بەتنام.
سۇئال: ھەقىقى دوست قانداق بۇلىدۇ؟
جاۋاپ: ئادەملار ئالدىدا ئەيىپڭنى ياپدىغان ۋە ياخشى تەرەپلىرىڭنى ئېيتىدىغان كىشى.
سۇئال: ئادەم قايسى ئىش بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ؟
جاۋاپ: توغرۇلۇق ۋە ئۇچۇق چىرايلىق بىلەن.
سۇئال: سادىق دوس قانداق بۇلىدۇ؟
جاۋاپ: ياخشىلىق تەرەپتىن ساڭا ياردەم بەرگەن، يامانلىق تەرەپتىن سىنى قايتۇرغان كىشى.
سۇئال: كۆڭلىنى ئېلىش دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش، كۆڭلىنى تىندۇرۇش.
سۇئال: دوست قابىلىيەتسىز كىشىگە ئايلانسا ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش كىرەك؟
جاۋاپ: قېشىغا ئاز بېرىش ۋە ھالنى سۇرماسلىق بىلەن.
سۇئال: ئەقىللىق ئادەم قانداق بۇلىدۇ؟
جاۋاپ: كۆپنى بىلىدۇ، ئاز سۆزلەيدۇ.
سۇئال: ئادەم قانداق قىلسا تىۋىپقا مۇھتاج بولمايدۇ؟
جاۋاپ: ئاز يەپ، ئاز ئۇخلىسا
سۇئال: ئادەملارنىڭ مىنى ياخشى كۈرۈشى ئۈچۈن نىمە قىلىشىم كىرەك؟
جاۋاپ: مۇئامىلدە پەقەت راس گەپ قىل، يالغان سۆزلىمە، بىرىگە مۇخالىپ كىلىدىغان ئىش قىلما، قول ۋە تىلىڭ بىلەن باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمە.
سۇئال: جاھاندا ئەڭ بەخىتلىك ئادەم كىم؟
جاۋاپ: ئۈزنى ساخاۋەت ۋە توغرۇلۇق بىلەن بىزىگەن ئادەم.
سۇئال: ياخشى دوسنىڭ بەلگۈسى قانداق؟
جاۋاپ: خاتالىقىڭنى كۆرگەندە پاندى - نەسىھەتنى ئايىمادىغان ئادەم.
سۇئال: قانداق ئادەمدىن بىرەر نەرسە سۇرىسا بۇلىدۇ؟
جاۋاپ: سۇرساڭ بىرەلەيدىغان ۋە سەن سۇراشقا پېتىنالايدىغان كىشىدىن.
سۇئال: يىغىلىشىمىز ئۈستىگە سىرىتتىن بىر ئادەم كىرىپ قالسا قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟
جاۋاپ: ئۈچ ئىشنى قىلىش لازىم. بىرىنچى، كىرىپ كەلسە ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىش: ئىككىنچى، ئۇكىشى ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە قاراش: ئۈچىنچى:ئۇكىشى بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە سۆزلىسە، سۈزىگە جاۋاپ بىرىش.
سۇئال: ئادەملەردىن قانداقراقى بەخىتلىكىرەك؟
جاۋاپ: دۇنيادىكى قارمۇ قارشىلىقلاردىن خاپىلىق تارتمىغان ئادەم.
سۇئال: قاندىق شېرىنلىكنىڭ ئاخىرى ئاچچىق؟
جاۋاپ: ياشلىقنىڭ.
سۇئال: قانداق پەسلىك(تۈۋەنلىك) ھەممە يۈكسەكلەردىن يۈكسەكىرەك؟
جاۋاپ: كەمتەرلىك.
مەنبە:
http://bbs.alsihat.com