تاتلىق گەپلەردىن
ئاچچىق گەپلەرگىچە
فىليەتۇنلار (1)
ئۇقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپ ئىنتايىن جاپالىق ھەم شەرەپلىك بولغاچقا ئەسلى «قائىيدە» بۇيىچە بولغاندا بالدەك تاتلىق گەپلەر چىقىشى كېرە ك ئىدى.ئەمما بەزىدە مۇشۇنداق ئالىيجاناپ كەسىپ بىلەن شۇغۇنلانغۇچىلارمۇ ئاچچىق گەپلەرنى قىلىشقا بەجبور بۇلىدىكەن.
-ئەتە ئىدارىدىن مەكتەپ مۇدىرىنى سىناپ تەشۇرگىلى كەلگۈدەك –دىدى بىرەيلەن مەخسوس بىزنىڭ ئىشخانىغا كىرىپ:
-ئىشخانىڭىزدىكى ئۇقۇتقۇچىلارغا دەپ قۇيۇڭ پىكىر بەرگەندە قاراپراق گەپ قىلسۇن «سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ،ئۇسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ» ئەمەسمۇ؟ئۇ شۇنداق دەپلا مەنىلىك قاراپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .
ئارقىدىنلا ئىشخانىمىزدىكى بىرەيلەن دىدى:
-بۇ بەرىبىر شەكىل،قارىشى پىكىر قىلساق شۇ تەكشۇرگۈچىلەر مەكتەپ مۇدىرىغا تىلفۇن قىلىپ مەتىۋىڭىزدىكى «پالانچى» سىزنى چاقتى جۇمۇ –دەيدىكەن.
ئويلۇنۇپ قالدىم........
--------------------------------------------------------------------
بەزى ۋاقىتلاردا ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە گۇرۇڭ –مۇرۇڭ پاراڭلارنى سىلىشىپ قالىمىز.راستىنى ئېيتقاندا مەكتەپ تۈزۈلمىلىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بەزىلەرگە تۈزۈم ،بەزىلەرگە يۈزۈ م »بۇلۇپ قالغانلىقىنى دىيىشىپ قالىمىز.نەس باسقىنى شۇكى ئارىمىزدىكى ئەسرا بۇلۇشقان بىرەيلەن مەكتەپ مۇدىرىغا «تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك كۆرسىتىپ »دەپ قۇيامدۇ قانداق شۇ كۈنىلا «قالپاق»كەيگۈزۈش يىغىنى ئىچىلىدۇ.
ئويلۇنۇپ قالدىم :
رەھبەر بولغان كىشى ھەقىيقەننى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىسە ...ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكسە...مەكتەپ باشقۇرۇشتا «پايلاقچى» نە ھاجەت !
مەكتەپ مۇدىرى بولماق ھەقىيقەتەن تەس .ئەما ئۇستۇرىلىدىغان كادىر بولماق تىخىمۇ تەسمىكىن دەيمەن .نىمىشقا دىمەمسىز؟ مەكتەپ مۇدىرى بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆگۈنۈشكە كەتتىمۇ «ئۆستىرىلىدىغان كادىر» لار مەكتەپتىكى ياخشى ئىشلارنى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى بەس-بەستە دۇكلات قىلىشىدۇ.خىزمەتتە
ئانچە –مۇنچە كۆرۈلگەن كەمچىلىلەرنى كۆپتۇرۇپ يىراقتىكى مۇدىرغا ئۇستى –ئۇستىلەپ تىلغۇن دۇكلاتى قىلىپ بىر پۇتۇن كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا يۇقىرىغا خۇشامەت قىلىپ ،تۈۋەندىكىلەرنى باسىدۇ.
مەنبە:ئۆز يازمام