ئاتىنىڭ قىزىغا قىلغان سەككىز تۈرلۈك نەسىھەتى!
ئوسمانجان مۇھەممەد ئورخۇن.<<تەرجىمىسى>>
1-بىراۋ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا،كۆڭلىڭگە ئالما،چۈنكى ئاناڭ بىلەن ئىككىمىزدىن باشقا ئادەمنىڭ ساڭا ئۇنداق قىلىش مەجبۇرىيتى يوق.ياخشىلىق قىلغانلارغا رەھمەت ئېيىت،مىننەتدار بول،ئەمما ئىھتىيات قىل،چۈنكى بىراۋنىڭ ساڭا ياخشىلىق قىلىشىدا مەلۇم سەۋەپ بار،ھەمىسىنىڭلا سېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىشى ناتايىن،شۇڭا بۇنى ئايرىۋال،بىراۋنى ئالدىراپلا ھەقىقىي دوستۇممىكىن دەپ قالما.
2-ئۆمىر قىسقا بولىدۇ،بۈگۈن ۋاقىتىڭنى ئىسراپ قىلساڭ،ئەتە ئۇنىڭ سەندىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى سېزىسەن.شۇڭا،ھاياتىڭنى قانچە بالدۇر قەدىرلىسەڭ،ھاياتنىڭ پەيزىنى شۇنچە كۆپ سۈرەلەيسەن.ئۆمۇرنىڭ ئۇزاق بولىشىنى تىلىگەندىن كۆرە،ئۇنىڭدىن بالدۇرراق ھۇزۇرلىنىشنى بىلگەن ياخشى.
3-دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھابەت يوق،مۇھابەت ۋاقىتلىق بىر تۈيغۇ،بۇ تۈيغۇ ۋاقىتقا،كۈڭۈلگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ سەندىن ئايرىلسا سەۋىر قىل،كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشىگە،كۈڭۈلنىڭ تىنىچلىنىشىغا ئەگىشىپ،ئازابىڭ بارا-بارا يىنىكلەيدۇ.مۇھابەتنىڭ شىرىنلىكىگە غەرىق بۇلۇپ كەتمە،لايىقىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندا ئۈزىڭنى يۇقىتىپمۇ قويما،سىنىڭ بىردىن-بىر مۇھابىتىڭ ياراتقۇچى رەبىڭڭگە،ئاتا-ئاناڭغا،ۋەتىڭىڭگە،بولسۇن.
4-مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشى تۈزۈك تەربىيە كۆرمىگەن بولسىمۇ،ئامما بۇ،تىرشىپ ئۇقىمىسىمۇ مۇۋەپپەقيەت قازانغىلى بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس.ئۈگەنگەن بىلىم سەن ئۈچۈن قۇرال.ئادەم قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ،ئامما قۇسىقىدا ئۇمىچى بولمىسا بولمايدۇ.بۇنى ئىسىڭدە تۇت.
5-مەن سىنى ‹‹قېرىپ قالغاندا باقسىكەن››دىمەيمەن،شۇنداقلا سىنى قېرىپ قالغۇچە بېقىپمۇ كىتەلمەيمەن،سەن چوڭ بۇلۇپ،مۇستەققىل ياشىيالايدىغان بولغاندا،مىنىڭ بۇرۇچۇم ئادا بولغان بولىدۇ،ئۇنىڭدىن كىيىن،ئىشەك ھارۋىسىدا ماڭامسەن يا پىكاپتا ماڭامسەن،زاغرا يەمسەن يا كاۋاپ يەمسەن،بۇ ئۈزۈڭگە باغلىق.
6-لەۋزىڭدە تۇرساڭ بولىدۇ،بىراق باشقىلاردىن لەۋزىدە تۇرشنى كۈتۈپ كەتمە.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلساڭ بولىدۇ،بىراق‹‹باشقىلار ماڭا ياخشىلىق قىلسا بولاتتى›› دەپ تۇرۋالما،سەن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ،باشقىلارنىڭمۇ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى ناتايىن،ئەگەر بۇ نوختىنى چۈشەنمىسەڭ،ئۈزىڭگە بىھۇدە باشئاغىرىغى تېپىۋالىسەن.
7-مەن20يىلدىن بىرى لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كىلۋاتىمەن،ئەمما1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا تۈگۈل3-دەرىجىلىك مۇكاپاتمۇ چىقمىدى،دىمەك ئادەم ياخشى كۇن كۇرەي دىسسە،تىرىشىپ ئىشلىشى تىرشىپ ئۈگۈنىشى كىرەك.
8-مەن بۇ ئۆمىرىمدە سەن بلەن ھەرقانچە ئۇزاق بىللە ياشاي،ھامان سەندىن ئايرىلىمەن،شۇڭا جەم بولغان ۋاقىتلىرىمىزنى قەدىرلە،مەن ئۈلۈپ كەتسەم،مەيلى ياخشى كۈن كۆر يامان كۆن كۆر،مەيلى ۋەتىنىڭ ئۈچۈن ئىشلە،مەيلى دۈشمەن ئۈچۈن،ئىشلە ئۇ ئالەمدە سۇراق ئۈسىتىدە كۆرىشىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 01:17 AM