مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 917|ئىنكاس: 31

ياش دوستلارغا تۇزلۇقئۇتاق ئوغلانىدىن خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5613
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 10:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


دوستلارغا تۇزلۇقئۇتاق ئوغلانىدىن خەت








مەن 1988-يلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، قارقاش ناھىيىسىگە يۈز كىلو مىتىر كىلىدىغان،  قارقاش دەرياسى بىلەن تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئىچكىرسىگە جايلاشقان، 5 كەنىت ، 200 ئائىلە، 1000غا يەتمەيدىغان نۇپۇسى بار يول، سۇ راۋان بولمىغان تۇزلۇقئۇتاق يېزىسىدىكى بىر ئاددى دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم. مەن سەككىز يېشىمدا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردىم. گەرچە بۇ يېزىنىڭ ئاھالىسى ئاز بولسىمۇ ئەمما مەكتەپ ئىككى ئىدى. بىرى چالىقۇدۇق باشلانغۇچ مەكتەپ، يەنە بىرى بوستان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئىككىگە ئايرىلاتتى. چالىقۇدۇق مەكتەپتە پەقەتلا بىر كەنىتنىڭ باللىرى ئۇقۇيدىغان  بۇلۇپ، سانى 40 قا يەتمەيتتى، شۇڭلاشقا ساننى ئاۋۇتۇش ئۈچۈن بىزنىڭ كەنىتتىكى ئوندەك ئائىلىنىڭ باللىرى شۇ مەكتەپكە چىقاتتى. ئۇقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقا پەقەتلا ئۈچ سىنىپ، ئۈچ ئۇقۇتقۇچى بار بۇلۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلاتتى. مىنىڭ سەككىز يېشىمدا ئۇقۇشقا كىرگىنىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئىدى. مەكتىپىمىزنىڭ كۇنىلىقىدىن ئەتراپىغا بىرنەچچە يەرگە دىيەك قۇيۇلغان بۇلۇپ، ھەرۋاقىت ئۆرۈلۈپ كىتىش ئېھتىمالى بارئىدى. ئامالسىز 3-يىللىقنىڭ ئاخىرقى مەۋسۇمىنى سايە قوغلاپ گاھ توغراق تۈۋىدە، گاھ ئۈرۈك تۈۋىدە  پاشا-كۇمۇتلارغا تالىنىپ يۈرۈپ پۈتتۈردۇق. 4-يىللىققا چىقىپ بولغىچە يىڭى مەكتىپىمىز سېلىنىپ، يىڭىدىن بىر-ئىككى ئۇقۇتقۇچى بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا كۆپلىگەن پەنلەر ئۈتۈلمەيتتى. ئارلىق يىراق، يول راۋان بولمىغاچقا يىڭىدىن كىرگەن ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ خىزمىتىنى يۆتكەپ چىكىتەتتى. ھەرقېتىم كىرگەن يىڭى ئۇقۇتقۇچى كىتاپنىڭ بېشىدىن باشلاپ قايتا ئۈتۈپ تاكى تۇلۇقسىزغا چىققۇچە خەزۇتىلىنىڭ پىنيىننىلا ئۈگەندۇق. شۇنداق قىلىپ 2001-يىلى بىر سىنىپتىكى بەش ئۇغۇل، ئالتە قىز، جەمى ئون بىر ئۇقۇغۇچى باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىمىز بىلەن خوشلىشىپ، بوستان تۇلۇقسىز مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىردۇق. بىز ئۇقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپكە قارىغاندا بۇ مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇشى ھەرھالدا ياخشى بولغاچقا بىز دەرىسلەردە ئاخرىدا قالدۇق. تىرىشىپ-تىرمىشىپ مەن خەزۇتىلىدىن باشقا پەنلەردە خېلى ئىلگىرلىدىم. تۇلۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىغا چىقىپ بولغىچە ئۇن بىر ئۇقۇغۇچىدىن پەقەت مەنلا قالدىم، قالغانلار بولسا ئۇقۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى. مەن بۇ جەرياندا ئاكامنىڭ يىتەكلىشىدە كىتاپ ئۇقۇشقا قىزىقىپ قالدىم، ھەتتا چۈشلۇك دەم ئېلىشتا مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى بىدىلىكتە قوڭغۇراق چېلىنغىنىنىمۇ تۇيماستىن كىتاپ ئۇقۇپ ئىمتاھانغا قاتنىشالماي سىنىپ مەسئۇلىمىزدىن ئىزامۇ ئاڭلىغان ئىدىم. گەرچە ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ بولغۇچە باشقا پەنلەردە سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان  بولساممۇ، ئەمما خەنزۇتىلىدا ئەڭ ئاخىرىدا ئىدىم، ھەتتا ئىسمىمنىمۇ يازالمايتتىم.  تۇلۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىغا چىققان يىلى ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى بىزدىن بىر-بىرلەپ كەلگۈسىدىكى ئارزۇيىمىزنى سورىغاندا مەن« ئۇقۇتقۇچى بولغۇم بار» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم، ئەسلى مىنىڭ ئارزۇيۇممۇ، مۇشۇنداق چەت-يىراق يېزىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغاچ، يېزىقچىلىق قىلىش ئىدى.  لىكىن بەزى-بىر سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇقۇيالمىدىم، ئەمما ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمىدىم. ئامالسىز دادام؛ بىرە كەسىپ ئۈگۈنىۋال!   دەپ ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى رىمىنۇت قىلىشنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن شاگىرتلىققا بەردى. مەن ئىككى يىل جەريانىدا بۇنىمۇ تۇلۇق ئۈگۈنۈپ بولدۇم، كىيىن بولسا قېچىپ ئىچكىرگە كىرىپ بىرنەچچە ئاي تۇرۇپ يېنىپ چىقىپ، تېلىفۇن رىمىنۇت قىلىشنى ئۈگەندىم، لىكىن يەنە ئىچكىرگە كىرىپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتىم باشلاندى. بۇ جەرياندا خەنزۇتىلىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ماڭا كەلگەن بېسىم ناھايتتى چوڭ بولدى. ئامالسىز  خەنزۇتىلىنى ئۈگۈنۈشكە مەجبۇر بولدۇم  شۇنىڭ بىلەن بىرگە تورخانىغا ئۈگۈنۈپ قالدىم، ئەمما مەن باشقىلاردەك «كۈڭۈل خۇشى» دىمەيتتىم، ئامال بار خەنزۇتىلىنى ئۈگۈنۈشكە. پىنيىننى بىلگەچكە ئۈزۈم بىلگەن سۆزلەرنى ئۇرۇپ چىقىرىپ  تۇنىۋېلىشقا تىرىشاتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۈچ يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىمنى باشتىن كەچۈرۈپ بولغىچە خەنزۇتىلىنى ئۇقۇش، سۆزلىشىش، ئۇرۇش، كومپىيوتىر ئىشلىتىش....لەردە ئۈزۈمگە خېلى ئاساس سالدىم. گەرچە مەن پۇل تاپالمىغان بولساممۇ ئۈزۈمدىن ئاغرىنمايتتىم.

2010-يىلىغا كەلگەندە كۆڭلۈمدىكى قىز بىلەن توي قىلدىم. بۇنىڭ بىلەن ماڭا چۈشكەن بېسىم ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇرۇندىن تارتىپ جىسمانى ئەمگەك قىلمىغاچقا دېھقانچىلىق قىلىش ئېغىر كەلدى. تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بىلەن  بىرە ئىش قىلىش نىيىتىگە كىلىپ، ئايالىمنى يىتىلەپ شەھەرگە كىردىم، شەھەردە پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك ئۇيان-بۇيان قاتراپ مىڭ مۈشكۈلدە شىركەت نامىدىكى بىر ئۇرۇندىن ئىش تاپتىم. تۇنجى ئايدىكى خىزمەتنىڭ جاپاسى خېلى ئېغىر بىلىنگەن ئىدى. ئەگەر بۇرۇنقى ۋاقىت بولغان بولسا پىشىمنى قېقىپلا چىقىپ كەتكەن بۇلاتتىم، بىراق ھازىر ئۇنداق قىلسام بولمايتتى. چۈكى ھازىرقىدەك مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان ، ئۇچۇر-رىقابەت دەۋىردە بىر كۈن تىرىشىپ ئىشلىمىسەم، بىركۈن ئاچ قېلىشىمىز تورغانلا گەپ ئىدى. ئىلگىرى بىركىشىلىك ئىشلىگەن بولسام، ئەمدى ئىككى كىشىلىك ئىشلىشىم كىرەك ئىدى، ئاز كۈندىن كىيىن ئۈچ كىشلىك ئىشلىشىمگە توغرا كىلەتتى. ئۈمۈتسىرلەنگەن ۋاقتىمدا ئىللىق ئائىلە، ئۈزۈم ياخشى كۈرۈدىغان ئايالىم، تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالام، بۇرۇندىن تارتىپ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن ئارزۇيۇم ماڭا روھى ئۇزۇق بۇلاتتى. شۇنداق جاپالىق ئىشلەپ بىريىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۇرۇننىڭ ئىشەنچىلىك، غوللۇق تېخنىك خادىمىغا ئايلاندىم. بەزى-بىر پىلانلارنى تۈزۈپ،باش لىدىردىن تارتىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگىچە خېلى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدىم. خىزمەت جەريانىدا مال كىرگۈزۈپ، مال چىقىرىش، ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، كومپىيوتىردا قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغاچ ئۆز ئارزۇيۇمنىمۇ تاشلاپ قويمىدىم. بىر ياقتىن ئىشلىسەم بىرياقتىن ئۈگەندىم، مەيلى قانداق ۋاقىتتا، قەيەردە بۇلاي بۇرۇندىن تارتىپ ئىنتىلىپ كەلگەن ئارزۇيۇم مىنى گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارغا ئۇراپ كەلدى. گەرچە بۇجەرياندا خېلى ھېرىپ-چارچىغان بولساممۇ، شۇنچە يىللىق ئارزۇيۇمنىڭ مىۋىسى بولغان تۇنجى ئەسىرىم بىلەن ئىللىق ئائىلەمنىڭ مەھسۇلى بولغان ئۇماق قىزىمنىڭ توشقاندەك ئۇيان-بۇيان تاقلاپ يۈرۈشىنى كۆرگەن چېغىمدا ئۆز-ئۈزۈمدىن پەخىرلىنىش تويغۇسى قەلبىمدە بىخ ئۇرۇدۇ. گەرچە ئۈيۈم ئىجارە، تۇرمۇشۇم غورىگۈل، ماددى خۇشاللىق كەم بولسىمۇ، ئەمما مەنىۋى خۇشاللىق مەندە يىتەرلىك.

مانا بۇ  ئالى مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، جەمىيەت دەشقىلىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقان، ھېلى-ھەممۇ خەزۇتىلىدا ئىسمىنىمۇ يازالمايدىغان مەندەك بىر ياشنىڭ سەرگۈزەشتىسى.

مىنىڭ بۇلارنى دىيىشىم ھەرگىزمۇ ئۈزۈمنى ماختاش ئۈچۈن  ئەمەس، بەلكى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش.

دوستۇم، ئەگەر سىز  ئۇقۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان بولسىڭىز ئالدى بىلەن قىزىقىشىڭىزغا قاراپ كەسىپ تاللاڭ. يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىنى ئىنىق بەلگىلەپ ئىكىلەنمەي ئۇقۇڭ. ھازىر ئۇقۇغاننىڭ پايدىسى يوق، خىزمەت يوق دەپ ۋاز كەچمەڭ، ۋە ياكى ئۈنۋان ئۈچۈن ئەمەس  بىلىم ئۈچۈن ئۇقۇڭ. ئەگەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز فۇتۇگىراف بۇلۇش بولسا شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىم ئېلىڭ، ھەرگىزمۇ ئۈنۋان ئۈچۈن ئۈزۈڭىزنى دوكتورلۇققا مەجبۇرلىماڭ. بۇ خۇددى ياغاچنى ھەرقانچە پىششىقلاپ ئىشلىسىمۇ تۈمۈرنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولمايدىغاندەكلا بىر ئىش. ئۇنداق بولمايدىكەن سىزنىڭ ھەرقانچە ئۈنۋانىڭىز بولسىمۇ ئىختىدارىڭىزنى نامايەن قىلالمايلا قالماستىن  بەلكى جەمىيەتكە يۈك بۇپ قالىسىز.

ئەگەر ئۇقۇۋاتقان بولسىڭىز تىرىشىپ ئۇقۇڭ، ھازىرغىچە قانچىلىك بىلىم ئالغان بولسىڭىز شۇنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، ۋاقتىڭىزنى نوقول ھالدا ئۇقۇشقىلا قارىتىۋالماڭ. بۇ ھەرگىزمۇ بىلىمىڭىز چەكلىك بولسۇن دىگەنلىكىم ئەمەس، ئەمما ۋاقتىڭىز چەكلىك.  ئەگەر سىز بىلىم ئېلىش ئۈچۈن باشلانغۇچنى بەش يىل، تۇلۇقسىزنى ئۈچ يىل، تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئۈچ يىل، ئالى مەكتەپنى ئۈچ يىل، چەتكە چىقىپ يەنە بىر نەچچە يىل ئۇقۇغان بولسىڭىز، ئويلاپ بېقىڭ، بۇۋاقىتتا سىز نەچچە ياشقا كىرگەن بۇلىسىز! كىيىن يەنە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇقۇغان ۋاختىڭىزنى قوشقاندىچۇ! دىمەك سىز بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇز ياشقا يېقىنلاشقان بۇلىسىز. ھاياتىڭىزنىڭ، قىران، نىمىش قىلسىڭىز قىلالايدىغان ۋاقتىڭىزنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمى ئۇقۇش بىلەن ئۈتۈپ كەتكەن بۇلۇپ، سىزنىڭ ئالغان بىلىمىڭىزنى نامايەن قىلىشقا، نەتىجە قازىنىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە، ئائىلە قۇرۇپ كەلگۈسى ھاياتىڭىزغا ئۇل سېلىشقا  بىرقىسمىلا قالغان بۇلىدۇ.

ئەگەر سىز ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ بولغان بولسىڭىز، ھەرگىز خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ نىمىش قىلالايدىغانلىقىڭىزنى، قايسى جەھەتتە تالانتىڭىز بارلىقىنى بايقاڭ، ئوي-پىكىر قاتلىمىڭىزنى ئاختۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى تۇرمۇشىڭىزدا نامايەن قىلىشقا تىرىشىڭ. قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ، ئەمما قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ۋەزىپەم دەپ قاراڭ.  بارلىق زىھنىڭىز بىلەن نەتىجە قازانغاندىكى ھالىتىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، شۇۋاقىتتىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىكى تۇنجى تەسىراتنىڭ نەقەدەر يېقىملىق، نەقەدەر كۈچلۈك بۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن، بۇ ھاياتلىق تۇلىمۇ مۇرەككەپ جەريان، دۇنيادا ئىقتىدارسىز ھاياتلىق يوق، ئەمما ئىقتىدارىنى ھىس قىلالمايدىغان ھاياتلىق مەۋجۇت. دىققەت بىلەن كۆزەتسىڭز باسقان قەدەملىرىڭىز، كېچىدە يېتىپ قىلغان خىيالىڭىز، باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىڭىز.... سىزنىڭ قايسى جەھەتتە يۇشۇرۇن ئىقتىدارىڭىز بارلىقىنى، قايسى جەھەتتە تەبىئىي ئىقتىدارىڭىز بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. ئۆزىڭىزگە ئۈمۈتۋارلىق ۋە قىزغىنلىق مۇجەسسەملەڭ. ئىكولىگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىڭىزنى ساقلاڭ. ئەگەر بىر ئىشنى قىلماقچى بولسىڭىز ھەرگىز « ئەتە » دىمەڭ، ئىككىلەنمەي دەرھال ھەركەتلىنىڭ،  بۈگۈننى ئەڭ ئاخىرقى كۈن دەپ بىلىپ ئەتىدىكى خۇشاللىقنى خىيال قىلىڭ. كەلگۈسىدىكى بەخىتلىك تۇرمۇشىڭىزنى، ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇيىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. شۇندىلا تەسەۋۇرىڭىزدىكى كىشىلىك ھايات تۇرمۇشىڭىزدا نامايەن بۇلىدۇ، خۇددى تۇيۇقسىزلا ئۈزىڭىزنى كۈلكىگە مەجبۇرلىسىڭىز گەرچە ئازراق ھىجايغان بىلەن ئېچىلىپ كۈلەلمەيسىز، ئەمما كۆڭلىڭىزدە يۇمۇرىستىك بىرئىشنى ئويلىسىڭىزچۇ! چۇقۇم تېلىقىپ كۈلەلەيسىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 03:47 AM  


مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13360
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7482 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:30:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىلار ،خەت نوسخىسىنى تەڭشەپ قويمىساڭلار پەقەتلا ئوقوغىلى بولمىدى .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82832
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت جۇمۇ

تۇگىمەيدىغان ئىش يوق قونمايدىغان قۇش يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:33:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما مەنبەسىنى ئەسكەتىپ قويسىڭىز ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز ئۆزەم يازدىم دەپ بولسىمۇ

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 31744
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7482 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 03:30 AM
تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىلار ،خەت نوسخىسىنى تەڭشەپ قويم ...

مېنىڭكىدە نورمال چىقتى،قانداق بولۇپ قالغاندۇ؟تور قويغۇچىتىكى مەسىلە ئوخشايدۇ،باشقا تور قويغۇچتا ئېچىپ باقسىڭىز.مەن كودلارنى تازلاپ باقاي...

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
-مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3099
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن .ھازىرقىدەك نىمە ئىش قىلشنى بىلەلمەي يۈرگەنلەرگە ئىلھەم بولغىدەك.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83552
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:55:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 01:53 PM  


ھەر تىنىقمدا بىر سۇئال ؟!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9531
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9007
تۆھپە نۇمۇرى: 518
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن...............

سۈرەتكە تولۇپتۇ كۈنلەر ئالبومى،
ئاختۇرساڭ بەرى بار ياخشى ياماننىڭ.
ئاقىدۇ   بەزىدە   شارقىراپ  دەريا،
گاھ سۇلار يولىدۇ ئاستى ساماننىڭ ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79111
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 12:04:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم ،ياخشى تىما يوللاپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13360
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7482 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 12:10:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ياشنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ ،بىر پەيلاسپانىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغاندىنمۇ بەكرەك تەسىراتقا ئىگە بولدۇم  .توغرا دەيسىز ، بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئۈچۈن كېرەك بولىۋاتقىنى تىرىشىپ بىلىم ئىلىپ ،تىل ئۆگىنىپ ،تېخنىكا ئەگەللەش . تېخنىكا ئىگەلىسىڭىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە جان باقالايسىز . بىز ئەزەلدىن ھۈنەرگە ھېرىسمەن خەلىق ،ئەمدىكى نىشان بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى چۆكمە بولۇپ قالغان «ھۈنەر » سۆزىنى «تېخنىكا » سۆزىگە ئالماشتۇرايلى . ھۈنەر بىلەن تېخنىكا ئەسلى بىر گەپ ،تېخنىكىنىڭ ئەسلى ھۈلى ھۈنەر ،ھۈنەرنىڭ زامانىۋىلىشىشى  تېخنىكىدۇر .مۇشۇنداق تىرىشچان ياشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .   

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش