|
|
|
|
شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسىدىكى ئاساسلىق ئەزالار .
مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدىكى كۆرىنىش.
شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىملىق جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر ئايلانما مۇسابىقىلىرىدە تەشكىللەنگەنلىكىگە 3 ئايغىمۇ يەتمىگەنلىكىگە قارىماي رەقىبلىرىنى بىر-بىرىلەپ يېڭىپ 14 مەيدان مۇسابىقىدە 7 مەيدان ئۇتۇق، 4 مەيدان تەڭلىشىپ 3 مەيدان ئۇتتۇرۇپ 25 نۇمۇر، 5 ساپ توپ بىلەن شىمالىي رايوندا 4-ئورۇندا تۇرىۋاتماقتا.
شىمالىي رايوندا 1- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا خېبىي جوڭجى كوماندىسى، 13 مەيدان مۇسابىقىدە 9 مەيدان ئۇتۇپ، 4 مەيدان تەڭلىشىپ بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرمىغان. جۇغلانما نۇمۇرى 31 بولۇپ ھازىرچە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ كوماندىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈش مۇمكىنچىلىقى بىر قەدەر تۆۋەن.
كوماندا ئەزالىرىنىڭ كوللىكتىپ رەسىمى.
16-ئايلانما 95-مەيداندا شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسى بىلەن شەنشى جىياتەي كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ شەنشى كوماندىسىنىڭ شىمالىي رايوندىكى ئورۇن رەت تەرتىپى ھازىر 9- ئورۇندا. شەنشى كوماندىسى 13 مەيدان مۇسابىقە 5 مەيدان ئۇتۇپ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ، 5مەيدان ئۇتتۇرغان بولۇپ ئەمىلىي كۈچ جەھەتتە يامان ئەمەس. 3-ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان تۇتۇشقان بولۇپ ئاخىرىدا نەتىجە شىنجاڭ تاشئالما 0-0 شەنشى جىياتەي بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. لىكىن شىنجاڭ كوماندىسى بۇ ئايلانمىدا ئۇتۇپ ئىنتايىن مۇھىم بولغان قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇرغا ئىرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. لىكىن بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتقان چىڭخەي سىڭكى كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدىغىنى شىمالىي مۇسابىقە رايونىدىكى رەت تەرتىپى ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ مۇسابىقە رايونىدا ئەڭ ئاجىز كوماندا دەپ قارالغان يەنە كىلىپ 13 مەيدان مۇسابقىىدە بىر مۇ مەيدان ئۇتۇپ باقمىغان چىڭخەي كوماندىسى. دىمەك بۇ ئايلانما مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ دەرىجە ئاتلىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنىلا شۇ 4- ئورۇننى ساقلاپ قېلىشى ئەڭ مۇھىمدۇر.
17- ئايلانما 98-مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ رەقىبى تىيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى بولۇپ 4- ئايلانما مۇسابقىىدە بىر مەيدان تۇتۇشقان ھەم نەتىجە 0-0 تەڭلەشكەن. شىنجاڭ كوماندىسى قىممەتلىك بىر نوختا توپنى كىرگۈزەلمەي ئارماندا قالغان ئىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە بولۇپ 35 مىڭ تاماشىبىن مۇسابىقە كۆرگىلى كىرىشتىن ئىبارەت جوڭگو تارىخىدىكى ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 陕西老城根 كوماندسسىنىڭ 25مىڭ ئادەم مۇسابىقە كۆرۈشتەك رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەمدە مەركەزنىڭ دىققىتىنى تارتىپ شىنجاڭنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىغا ھەيران قالدۇرغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولغان. شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىمىز بۇ قېتىم تىيىەنجىن پاراۋۇز كوماندىسىنى ھەرگىزمۇ بوش قويمايدۇ. دىمەك بۇ قېتىم مۇسابىقىدىكى 3 نۇمۇرمۇ بىزنىڭ دىگەن گەپ. لىكىن بۇ ئايلانمىدا 3-ئورۇندا تۇرىۋاتقان چىڭخەي سىڭكى كوماندىسى شەنشى جىياتەي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولغاچقا بىزنىڭ يەنىلا دەرىجە ئۆرلىشىمىز تەسكە توختايدۇ. چىڭخەي كوماندىسى ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويسا ئاندىن بىز شىمالىي رايوندا دەرىجە ئۆرلىيەلىشمىز مۇمكىن.
ئىنتايىن قىزىقسىنىپ مۇسابىقە كۈرىۋاتقان شىنجاڭ تاشئا ...
ئەمدى 18-ئايلانما مۇسابىقىگە كىلەيلى! بۇ ئايلانمىدا شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى خېبىي ياشلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ بۇ مۇسابىقىدە تاساددىپىي ئەھۋاللار يۈز بەرمىسە شىنجاڭ كوماندىسى چوقۇم ئۇتىدۇ دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى خېبىي ياشلار كوماندىسىنى شىنجاڭ كوماندىسى 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن 5-ئايلانما 30- مەيدان مۇسابىقىدە يەڭگەن. دىمەك شىنجاڭ كوماندىسى بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىمۇ شىنجاڭدىكى پۇتبول ھەۋاسكارلىرىغا يىڭى سوۋغا ئېلىپ كىلىپ يەنە 3 نۇمۇرنى ساقلاپ قالىدۇ. لىكىن شىمالىي مۇسابىقە رايونىدا 3-ئورۇندا تۇرىۋاتقان چىڭخەي سىڭكى كوماندىسىنىڭ رەقىبى تىيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى بولۇپ 5-ئايلانما مۇسابىقىسىدە چىڭخەي سىڭكى كوماندىسى رەقىبىنى 1-0 نەتىجە بىلەن يەڭگەن. دىمەك بۇ ئايلانمىدىمۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ شىمالىي مۇسابىقە رايونىدا دەرىجە ئاتلىشى تەسكە چۈشىدۇ.
كوماندا ئەزالىرىنىڭ مەيدانغا كىرگەن كۆرىنىشلىرى.
19- ئايلانما 109-مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭ رەقىبى شىمالىي مۇسابىقە رايونىدا 7 ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئەمىلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى بولۇپ 6-ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى بۇ كوماندىنى 2گەقارشى 1 نەتىجە بىلەن يەڭگەن. شۇڭا بۇ ئايلانمىدا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 3 نۇمۇر ئېلىشى مۇمكىنچىلىكى يەنىلا يۇقىرى. ئەمدى 3-ئورۇندا تۇرىۋاتقان چىڭخەي سىڭكى كوماندىسىنىڭ ئەھۋالىغا قارىساق بۇ ئايلانمىدا خېبىي ياشلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ چىڭخەي سىڭكى كوماندىسىنىڭ يېڭىش ئېھتىماللىققى يەنىلا يۇقىرى. دىمەك شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا شۇ 4-لىك ئورۇننى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ...
شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىغا قىزىققۇچىلارنىڭ داۋاملىق تىمىمىزغا نەزىرىنى ئاغدۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز !
مەنبە: تور دۇنياسىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى مەن.
|
|
|
|
|
|