مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2444|ئىنكاس: 22

ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان ئامىللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 06:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان ئامىللار




ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! تۆۋەندە سىلەرگە قانداق قىلغاندا ئائىلىدە بەختلىك بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمەن. ئوقۇپ بەھرىمەن بولغايسىلەر.

ئىسلام دىنىدا ئائىلە بىناسى ئۈچ چوڭ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئاساسلار ئائىلىنى بەختلىك، ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم قىلىدىغان مەنىۋىي ئامىللاردۇر. بۇلار جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سانسىز رەھمەتنىڭ نەتىجىلىرىدۇر.

بۇ ئاساسلار تېپىلمايدىغان ئائىلىلەردە ھوزۇرمۇ، خاتىرجەملىكمۇ بولمايدۇ. ھالبۇكى ئائىلە بىناسىنىڭ بۇ ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلۇشى ۋە بۇ ئاساسلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىسلامنىڭ ئەمرىدۇر.

ئىسلامدا ئائىلە بىناسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۈچ چوڭ ئاساس مۇنۇلار:

1- مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت. يەنى ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ ئۆتتۇرىسىدا بىر ـ بىرىگە قارىتا مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت بولۇش.

2- ئادالەت. يەنى ئەر ـ خوتۇنلار بىر ـ بىرىگە قارىتا ئادىل ۋە ھەققانىيەتچى بولۇش.

3- ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش. يەنى ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ ئەمەلىي شەكىلدە داۋام قىلىشى.

قۇرئان كەرىمدە بۇ ئاساسلار مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.»[1]

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بىر ئىھسانى بولغان ۋە ئەر ـ خوتۇنلار ئارىسىدا نىكاھ رىشتىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بۇ مېھىر ـ مۇھەببەت مەۋجۇد بولغان مۇددەتچە ئائىلە ھوزۇرلۇق ۋە بەختلىك بولىدۇ؛ تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا قارشى مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ، داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەر ـ خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ھاسىل بولغان بۇ مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت تۇيغۇلىرى ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغا دەرىجىدە نازۇك ۋە ئىنچىكىدۇر. چۈنكى بۇ تۇيغۇلار ئائىلە ئەزالىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ لۇتفى، مەرھەمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر.»[2]

كىيىم (پەردە) ئىنساننى يۆگەپ، مۇھاپىزەت قىلغاندەك، ئەر ـ خوتۇنلارمۇ بىر ـ بىرلىرىنى ماددىي ـ مەنىۋىي زىيانلاردىن قوغدايدۇ ۋە كەمچىلىكلەردىن ساقلايدۇ. ئۇرۇق ـ تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىمۇ ئەر ـ خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە مەرھەمەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا سىلە ـ رەھىم قىلىشنى (يەنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىق رىشتىسىنى داۋامللاشتۇرۇشنى) بۇيرۇيدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: "سىلەردىن كىمكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ۋە رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى خالىسا، سىلە ـ رەھىم قىلسۇن."[3]

ئىسلامدا ئائىلە ئۇقۇمى ناھايىتى كەڭ ۋە ئومۇمىيدۇر. بۇ جەھەتتە ئاتا ـ ئانا، بالا ـ چاقا، چوڭ ئانا، چوڭ دادا، ئەر ـ ئايال قېرىنداشلار، تاغا ئاكا ـ تاغا ئاچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھەممىسى ئائىلە ئۇقىمىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. سىلە ـ رەھىم سۆزى بۇلارنىڭ يىغىنچاقلانغان ئىپادىسىدۇر. بۇلار دەرىجىسىگە كۆرە مىراسخورمۇ بولىدۇ.

ئائىلە تايىنىدىغا ئىككىنچى ئاساس ئادالەتتۇر.

ئادالەت – ئەر بىلەن خوتۇننىڭ بىر ـ بىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدە يەنە بىر ئالاھىدە ھەققى بار.

ئەگەر ئەر كىشى خوتۇنى ھەققىدە ئادىل بولالمايدىغانلىقىنى قەتئىي بولسا، بۇ ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئۆيلىنىشى جائىز بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىكى كىشىنىڭ ئۆيلىنىشىنىڭ جائىز بولماسلىقى ھەقسىزلىق قىلىشتىن، گۇناھ ئىشلەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇ ئايالىغا سالىدىغان زۇلۇم نەتىجىسىدە چوقۇم جازاغا ئۇچرايدۇ. تەقۋادار كىشى بۇنداق ئاقىۋەتتىن قاچىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھېچقانداق زۇلۇمنى جازاسىز قويمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن دىندار كىشى ئادالەتلىك بولۇشقا مەجبۇردۇر. ئادالەت بولسا ئائىلە ھەقلىرىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. تەبىئىيكى بۇ ئەھۋال ۋىجدان بىلەن بولىدىغان بىر مەسىلە. شەرىئەت قانۇنى جەھەتتىن مۇنداق بىر ئەھۋال يوقتۇر. لېكىن دىندار بىر كىشى شۇنى قەتئىي بىلىدۇكى: «ئاسماندا ۋە يەردە ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.»[4]

ئائىلە تايىنىدىغان ئۈچۈنچى ئاساس ئائىلە ئىچىدىكى ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىقتۇر. ئەر ـ خوتۇنلار نىكاھلىنىش بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.

ئائىلىدە ئەر ـ خوتۇنلار ئىنسان تەبىئىتى تەقەززا قىلىدىغان ئاساسلارغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە بىر ـ بىرىگە ياردەمچى بولۇشقا بۇيرۇلغاندۇر. كۈچلۈك بولغانلار ئاجىز ۋە زەئىپ بولغانلارغا ياردەم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

ئەر كىشى ئائىلىسىنى تەمىنلەش ئۈچۈن سىرتتا ئىشلەيدۇ؛ ئائىلىسىنى ھەر تۈرلۈك خەتەرلەردىن قوغدايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلىدىغىنىڭلاردۇر» دەيدۇ.[5]

ئىسلامدا ئەر كىشى ئائىلىنىڭ رەئىسى، ئۇ ئائىلىنىڭ ئىنتىزامىنى ساقلاش ۋە ئائىلىنى بەختلىك قىلىشقا بۇيرۇلغاندۇر. ئايال بولسا ئىچكىرىدە ئۆينىڭ خوجايىنى، ئەرنىڭ ئەڭ سادىق ۋە سەمىمىي ياردەمچىسىدۇر. ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى خالىغىنى بويىچە رەتكە سالىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى ئىدارە قىلىدۇ، بالىلىرىنى قوغداپ، تەربىيىلەيدۇ. بۇلار ئايال كىشىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى بەختلىك قىلىدىغان ئىشلاردۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئەر ئائىلىسىدە بىر پادىچىدۇر ۋە قولى ئاستىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر. ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدە بىر پادىچىدۇر ۋە قولى ئاستىدىكىلەردىن ۋە بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىدىن مەسئۇلدۇر.»[6]

ئەسلىدە ئۆينىڭ پۈتكۈل ئىھتىياجىنى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا كۆرە قامداش ئەرنىڭ ۋەزىپىسى. ئەر كىشى نامرات، ئايالى باي بولغان تەقدىردىمۇ، خوتۇننىڭ چىقىمى يەنە ئەرنىڭ ئۈستىگە ۋاجىب. خوتۇننىڭ مېلى ئۆزىگە ئائىت، ئۇنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ.

ئىسلام ئايالنىڭ كىشىلىكىنى ھۆرمەتلىك قىلغان ۋە ئۇنىڭ ھەق ـ ھوقۇقىنى ھەر جەھەتتىن مۇھاپىزەت قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام ئەر ـ خوتۇننى چىن كۆڭلىدىن، مۇھەببەت، مەرھەمەت ۋە ئادالەت بىلەن ياشاشقا بۇيرۇيدۇ؛ كۈچى يېتىشىچە بىر ـ بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ياردەملىشىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ بىر ـ بىرىگە قارىتا ئادىل ۋە ئىشەنچ ئىچىدە بولۇشى ئائىلە تۈزۈمىنىڭ روھى ۋە تۈۋرىكى؛ مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت بولسا كۆڭۈلنىڭ ھوزۇرى ۋە ئائىلە بەختىنىڭ ئاساسىدۇر. ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىسلامدا ئائىلە بىناسىنىڭ ئاساسى بولغان بۇ ئۈچ ئامىلغا ھۆرمەت قىلىش بىر ۋەزىپە ۋە ئەينى ۋاقتىدا بىر ئىبادەت. بۇلارغا رىئايە قىلىش ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بىر ـ بىرىگە بولغان پاك ئەقىدە ۋە مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرىدۇ. بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىپ چىقىشىغا ئەڭ تەسىرلىك سەۋەب بولىدۇ. ئىجتىمائىي تەرەپتىن بۇنداق بىر ئائىلە جەمئىيەتنىڭ كۆز نۇرى بولۇپ، ئۈلگىلىك ئائىلىلەردىن بولۇش خۇشاللىقىغا ئېرىشىدۇ.

بۇنداق ئائىلىدە ئەر توغرا يول كۆرسىتىدىغان، ئىشەنچلىك رەھبەر، ئەڭ ياخشى نەسىھەت قىلىدىغان مۇئەللىم، ئائىلىنى ماددى ـ مەنىۋى خەتەرلەردىن سەمىمىيەت بىلەن قوغدايدىغان بىر ھامىيدۇر. ئايال بولسا ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆينىڭ ئىشلىرىنى ياخشى ئىدارە قىلىدىغان، تەدبىرلىك، ئۆلچەملىك، ئىسراپتىن قاچىدىغان، ئۆينىڭ پاكىزلىقىنى، ئىنتىزامىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئېلىپ بارىدىغان، ياخشى ۋە ماقۇل ئىشلاردا ئېرىنىڭ ياردەمچىسى ۋە مەسلىھەتچىسىدۇر. ئېرى خاتا كەتكەندە مېھرى شەپقەت ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇشنى بىلىدىغان، ئېرىگە ئىتائەت قىلىدىغان، نەسىھەتلىرىنى ئاڭلايدىغان، ۋەزىپىلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئادا قىلىدىغان، ئۆي ئىچىدە ھوزۇر ۋە سائادەتنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆيىنى ئېرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن بىر جەننەت ھالىتىگە كەلتۈرىدىغان، سالىھە كىشىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۇنيا بىر ماتادۇر، ئۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى ماتا (يەنى نېمەت) سالىھە خوتۇندۇر» دېگەن.[7]

[1] سۈرە رۇم: 21- ئايەت.

[2] سۈرە بەقەرە: 187- ئايەت.

[3] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[4] سۈرە ئىبراھىم: 38- ئايەت.

[5] جامىئۇسسەغىر شەرھى فەيزۇلقەدىر، 3- توم، 467- بەت، 3991- ھەدىس.

[6] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[7] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.




مەنبە    :       سەپەرقۇل ئىسلام تورى  

http://www.saparkul.com/?p=279



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82634
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 06:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ناھايىتى ياخشى تىمى يوللاپسىز . بىر ئائىلىدە ئەر ئايال ئائىلىدىكى بارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق مەسئوليەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ماھالىسا بەخىتلىك بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ . مەسىلەن تۈۋەندىكى ئائىلە ھەققىدە دىگەن يازمىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى
Aila Hakkida.jpg


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   360安全卫士 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 07:04 PM  


ھەقىقەت چۈمىلىنىڭ قولىدا بولسا پىلمۇ سالامغا كىلىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8524
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 497 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 07:07:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت .كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالدۇق

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29308
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6062
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 07:53:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بىر ئائىلدە كۈيۈنۈش مىھىر-مۇھەببەت ئىنتايىن موھىم . رەھمەت قولىڭىزغا دەت كەلسۇن چاخچاق ھە

ئادەم قەلبىنى چۇشەنمەك تەستە!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4889
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 08:34:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەختلىك ئائىلەڭ بالدۇر ئېرىشكەن جەننىتىڭدۇر. بارلىق بەخت ئائىلىدىن باشلىنىدۇ .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83393
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 08:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاتا- ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36
يازما سانى: 1227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11580
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 2742 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 10:52:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت نەدىدۇر.

سەنسىز يۈرگۈنۈمدىن سىنى كۆرگەن چۈشلىرىم ياخشىكەن .

بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10717
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8398
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2012-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 01:33:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ناھايىتى ياخشى تىمى يوللاپسىز ،مەن كوپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، كەلگۇسىدە ئائىلە قۇرعاندا،چۇقۇم  بۇلار ئەزقاتىدۇماڭا ، كوپ رەھمەت

بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ قېرىندىشىم ،سەۋىر قىلىڭ،              سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 01:55:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر .

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 08:18:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى تەلىم - تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. كىشىلەر قائىدە - يوسۇنلۇق كىشىنى تەربىيە كۆرگەن، ئۇقۇمۇشلۇق دەپ تەرىپلىسە، قائىدە - يوسۇننى بىلمەيدىغان كىشىنى تەربىيە كۆرمىگەن، قارا قورساق، دەپ داتلايدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا ئېسىل قائىدە - يوسۇنغا ئەمەل قىلىش ئىشلارنىڭ خەيرلىك بولۇشىدىكى بىر شەرت، دەپ قارالغاچقا، ھەربىر ئىشنىڭ قائىدە - يوسۇندىن چەتنەپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، قىز بولسا قىزلارغا، ئوغۇل بولسا ئوغۇللارغا خاس قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنتىگە قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگەتمىسە ئاۋام تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدۇ، قائىدە - يوسۇن بىلمەيدىغان پەرزەنتلەرمۇ جامائەت ئارىسىدا قارشى ئېلىنمايدۇ. قائىدە - يوسۇن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئەل - يۇرتقا نىسبەتەن ھۆرمەت، مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغۇتىدۇ. قائىدە - يوسۇندىن چەتنىگەن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبى ئەل - يۇرتتىن يىراقلاپ كېتىدۇ. ئەگەر قائىدە - يوسۇنلار بۇزۇلسا، جەمئىيەت تەرتىپىمۇ بۇزۇلىدۇ، ئۇ چاغدا گۈزەللىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش