چۈشۈم ئەمەستۇ
ھېكايە
تۇيۇقسىز جاراڭلغان تېلفۇن ئاۋازى قالايمىقان چۈشۈمنى بۇزدى، قار باسقان تەرلىرمنى سۈرتۈشكە ئۈلگەردىم.
-ۋەي
-مايىرەمۇ؟
-ھەئە دادا، قانداق ئەۋالىڭىز؟ بۇنچە كەچتە نېمە بولدى؟
-قىزىم ،ئاپىڭز ئۇ.....
-ئاپامغا نېمە بولدى؟ تېز دەڭە ؟ زادى نېمە بولدى؟
پاڭڭىدە يىغلىغان ئاۋازدىن يۈرگۈم گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى...
-دەڭە دادا زادى نېمە بولدى؟
-ئاپاڭ ، ئاپاڭ ئۇ تۈگەپ كەتتى .....
-نېمە ؟ يالغان ئشەنمەيمەن ، ئاھ خۇدا ئاپا .....ئاپا ....نېمە بولدىڭىز ؟ مەنچۇ ؟ مەن قانداق قىلمەن؟ تېخى تۈنۈگۈنلا مەن ساق دەۋاتمامتىڭىز، بېشىم ئاغرىمىدى خېلى ياخشى دېگەنغۇ؟ ئەمدى نېمە بولدى جېنىم ئاپا ...ئاھ خۇدا ...
قانداق قىلارمەن ؟..
ھۆركىرەپ يىغلىغان ئاۋازىمدىن ياتاقتىكى بالىلارمۇ ئويغۇنۇپ كەتتى...
-نېمە بولدى مايىرە ؟ بىرەر ئىش بولدىما؟
ھەمىسى كارۋاتقا ئولاشتى.
-ئاھ خۇدا ...جېنىم قېرىنداشلىرىم ، بۇ ماڭا نېمە كۈن ،ئاپام ...ئۇ تۈگەپ كېتىپتۇ.....
-نېمە، نېمە دېدىڭ؟
ھۆركىرەپ يىغلىغان ئاۋازىم ،ئۆزۈمنى تاشلاپ دۇمىلاپ يىغلاشلىرىم ، پۈتۇن ياتاقتىكى، ئوقۇغۇچىلارنى ئويغىتىۋەتتى.
ھەمىسى ياتاققا يىغىلىپ ،-نېمە بوپتۇ ؟ بۇ قىزغا؟
-ئاپىسى تۈگەپ كېتىپتۇ ،ۋاي ،بىچارە ئەمدى قانداق قىلار؟
ساۋاقداشلىرىم مۇئەللىمگە تېلفۇن قىلىپ رۇخسەت سوردى. شۇ كېچىسىلا يولغا چىقتىم ، ساۋاقداشلىرىم مېنى بېكەتكە ئەكىلىپ قويدى. كۆزۈم قاراڭغۇلۇشۇپ ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. شۇ تاپتا ئاپامنىڭ قىياپىتى، ئورۇق بەدەنلىرى ئاشۇ باش ئاغرىقى دەردىدىن ئىچىگە كىرىپ كەتكەن زاڭاقلىرى، سۇلغۇن چىرايى، بېشى خۇددى ھازىرلا ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتكەندە ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۈگۈرۈپ كېتىشلىرى كۆز ئالدىمغا كەلمەكتە ...ئشكنىڭ ئالدىغا كەلدىم، دادامنىڭ ئۆزنى ئېتىشى ، ئۇكىلىرىمنىڭ چىرقىراشلىرى ، كۆزۈمگە كۆرۈندى ئۇلارغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ......
-ئاپام ، ئاپام قېنى ؟ ئاھ جېنىم ،ئاپا مەن يۈزىنى كۆرەي جېنىم ئاپا قېنى سىز؟ مەن كەلدىم ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن قىزىڭىز كەلدى ،گەپ قىلىڭ؟ ئۆتۈنۈپ قالاي ،ئەجەپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ چىقمىدىڭزغۇ؟ جېنىم ئاپا،
ئۇزۇن سوزۇلۇپ ياتقان ئاپامنى باغرىمغا باستىم، ئۇنىڭ يۈزلىرى ئاپئاق، گەزدەك كالپۇكىلىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن ئىدى.
ئۆزۈمنىڭ نېمە بولغىنىنى بىلمەيمەن .
-ئاپا ...ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن ، ئالاھەزەل بىرەر ئىككى سائەتتىن كېيىن ھوشۇمغا كەلدىم .
كونىلار 《ياخشى ئادەملەر ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە يەرلىكە قويىلىدۇ》دەپتىكەن رھمەتلىك ئاپامنى ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە يەرلىكە قويدۇق .ئاپام رھمەتلىكنىڭ باشئاغرىقىغا تەخمىنەن ئون يىلدىن ئاشتى. بەلكىم ئۆز دادامنىڭ ئەينى ۋاقىتا ئاپامنى تولا ئۇرۇپ زۇلۇم سالغانلىقى ،ئاشۇ ۋاقىتىكتى ئشلارنى ئويلىسىلا بېشى ئاغرىيدىغانىلىقىنى دېگەن ئىدى .مەن ئۆز دادامدىن نەپرەتلىنىمەن ئۇنىڭدن نۇمۇس قىلمەن ،ئۇ ماڭا دادلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىدى. تا ھازىرغچە بالام بار ئىدى دەپمۇ قويمىدى مەن ئۇنىڭ پۇشتى بولۇپ قالغىنىمدىن نۇمۇس قىلمەن . بىر يىتىم ئەمدى ئىككى يىتىم بولدۇم ، گەرچە ھازىرقى ئۈگەي دادام بولسىمۇ ، ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ، ئۇكۇلىرىم ئانا بىر دادا باشقا بولسىمۇ ۋاي ئاچام دەيدۇ .
تولا يىغلاپ ئاۋازىممۇ پۈتۈپ كۆزلىرىممۇ قىزىرىپ قاپاقلىرىم ئششىپ كەتكەنىدى ، مەھەللە يۇرتتىكىلەر
-قىزىم ئەمدى قانداق قىلىمىز ، تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ، بۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ، سەۋىر قىلىڭ قىزىم، ئەمدى ئويلىماي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇڭ دەۋاتاتتى...
مەن قانداقمۇ بىردىنبىر جېنىم ئاپامنى ئويلىماي تۇراي ، ئۇنى قانداقمۇ ئېسمدىن چىقىراي ...
ئاپا ، جېنىم ئاپا مەن سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن ، جېنىم ئاپا ، خەيىر ياتقان يېرىڭىز جەنەتە بولسۇن!....
باشقۇرغۇچىدىن: تېما يوللىغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 04:07 PM