بىزگە قانداق ئوغوللار كېرەك
(ماقالە)
ھازىر جەمىيتىمىزنىڭ تەرەقى قىلىشغا ئەگىشىپ،كىشلەر ئارىسىدىكى ئجتىمايى مۇناسىۋەتتمۇ ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەرنى بايقايمىز. بولۇپمۇ ،قىز ئوغوللار ئوتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت كىشىنىڭ ئالاھىدە دىقىتىنى جەلىپ قىلىدۇ .
توغىرا ،بىز ئۇيغۇر مىللىتى ،پاكىزلىقنى ،پاكلىقنى ،ئېسىللىقنى ،ۋجدان غورۇر بىلەن ياشاشنى تەلەپ قىلدۇ ۋە بۇرۇنقى ئەجداتلىرمىز ،بۇ مەسىللەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بىلىپ مۇشۇنداق ئېسىل خسلەتلەرنى ،ئۆزىمىزگە مىراس قالدۇرغان .
بىراق ھازىر جەمىيتىمىزگە قارساق ، ئۇيغۇر قىز ئايالارغا تۈۋرۈك ۋە باشلامچى بولدغان غورورلۇق ۋىجدانلىق ئەرلەرگە خاس ئېسىل ئەخلاقنى يېتىلدۈرگەن ئوغوللارنىڭ كەمدىن كەم تېپىلىشى.
كونىلاردا 《ئوغول تۇغۇلسا جاھانىڭ تۈۋرىكى تىتىرەيدۇ ،قىزلار تۇغۇلسا چەينەك چۆگۈن تىتىرەيدۇ》دېگەن ئىكەن.ئەجبا ئوغوللار شۇ ئۇلۇغ شەرەپكە لايىق ئۆزنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىدىمۇ؟ مەسۇلىيەت ۋە بۇرۇچنى ئادا قىلالىدىمۇ؟ بۇ ،ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئويلاندۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلە.
ئوغوللار دائىم ،قىزلارنى ئەخلاقلىق ،شەرمى ھاياللىق ئۇيغۇرلاغا خاس كېيم –كېچەكلەرنى كىيسە چەت ئەلدىن ئېقىپ كىرگەن تار نۈزەي ئشتان بەدىنى كۆرۈنۈپ تۇردغان كىيىملەرنى
كىيىملەرنى كىيمىسە ، بىزممۇ ئۇلارغا قارمايتۇق دەيدۇ، راس بۇ قاراشمۇ توغرا ،بىراق پۈتۈنلەي توغرا دەپ كېتىش ناتايىن ،بەزى ئوغوللار يەنە قانداقتۇر ئاشۇنداق كىيىنگەن قىزلارنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ،ئېغزىدا دەيدۇ ،يۇ ،لېكىن ئەمەلىيەتتە قىلالمايدۇ ،تېخى ،ۋاي ئوماق بولۇپ كېتىپسىز بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز دەپ ئۇلارنى ماختايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن قىزلارنىڭ دۇنيا قارىشىدا ھە ،ئەسلىدەمۇشۇنداق كىيىنىپ يۈرسەم چىرايلىق بولدغان ئوخشايمەن دېگەن قاراش تەبىئى شەكىلىنىدۇ .ئەجبا بىرەر ئوغول بالىنىڭ تۈزۈۈك كىيىنىپ يۈرۈڭ بۇنداق كىيىنسىڭىز بولمايدۇ دېگەن گەپلەر ئاز ئۇچىرايدۇ،ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ،كۆڭۈل خۇشى قىلىش ئۈچۈن قىزلارنى ئالدايدۇ قىزلار گۈزەل ھەم نازاكەتىلىكى بىلەن ئوغولارنى جەلىپ قىلىدۇ ،ئوغوللار ئۆزىنىڭ تەدبىرلىك يوللىرى ئارقىلىق قىزلارنى قولغا كەلتۈردۇ،دە ،ئەقىلسىز قىزلار ئالدىنىپ قالىدۇ .
كونىلار توخرا ئيتقان ئىكەن 《ئايالارنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا》دەپ ،قارغاندا توغردەكمۇ قىلىدۇ.
تورغا چىقىپ پاراڭلىشىش جەريانىدىمۇ ،ئالدامچىلىق ،يالغانچىلىققا،تولغان مەۋھۇم دۇنياغا بېرىلىپ ئەمىلىي رېئال دۇنياغا ،رىقابەتكە تولغان ،تىرشىپ بىلىم ئىگەلىمىسە پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولمايدغان ،جەمىيەتنى چۈشەنمەي يەنىلا شۇ ئالدامچىلىق ئچىدكى مەۋھۇم دۇنيادا ياشايدۇ ئۆزىنىڭ مۇھەبىتى تۇرسىمۇ پەقەت ئىش پۇشقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزنىڭ ئاچا –سىڭىلىرغا ئوخشاش ئۆز مىللىتىدكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئالدايدۇ،مۇشۇممۇ مېنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىم ،بىر ئۇيغۇر قىزى دېگەنى ئويلىمايدۇ ،نەدىكى بىمەنە – مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،تېلغۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ تونۇشۇپ قالايلى دەيدۇ ،قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق يالغانچىلىق ،ياشلار ئارسىدا كۆپىرەكى توردا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ . بىرەرسىنىڭ ئەسەر ئوقۇغۇنىنى،ئاڭلىغىنىنى ،تەھلىل يۈرگىزگىنىنى كۆرمەيمىز،دۇنيادىكى ئشلاردىن بىغەۋەر يۈرىيدۇ ،ئۇيغۇرلاردىكى ئېسىل پەزىلەتنى ،غۇرۇرنى، ۋىجدانى قانداقتۇر باشقىلار ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلار ئۆزى يوقۇتىۋاتىدۇ.
ھەتتا ،ياشقا چوڭىيىپ قالغان ئەرلەرمۇ،ئقتسادى قىيىنچىلىقى بار ، پۇلغا تەشنا بولۋاتقان قىز ئايالارغمۇ ،پۇلنى دەستەك قىلىپ ئۇلارنى ئالدايدۇ ھەر قانچە پۇلى تېشىپ كەتكىدەك بولسىمۇ ياردەم قولىنى سۇنمايدۇ ،قېنى ئۇلاردىكى ئنساپ ،دىيانەت ،مھرىبانلىق ،ئاق كۆڭۈلىك ،ۋىجدان غۇرور ؟
مانا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالى ،ئۆز مىللىتىنى خاراپ قىلىش ،قوغدىماقتا يوق تېخى ھالاك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەمىسىنى ئەلۋەتتە ئوغولاردىن كۆرۈشكە بولمايدۇ قىزلارنىڭمۇ مەسۇلىيتى بار .
قىزلارمۇ ،ئۇيغۇر قىز ئاياللارغا خاس ،ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتنى ،ئوغوللارمۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرگە خاس ،ئېسىلىقنى غورورنى ۋىجدانى ئۆزگە مەڭگۈ ھەمرا قىلسا ،شۇندىلا ئۇيغۇر جەمىيتى ،ئۇيغۇر مىللىتى ،بۈركۈىتتەك چەكسىز ئاسماندا پەرۋاز قىلىدۇ.ماڭغان يوللىردىن گۈللەر ئۈنىدۇ قىنى ئۇيغۇر مىللتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئالغا !!!