تەشنالىق
(نەسىر)
چەكسزلىكە تولغان پايانسىز يېشىللق ،مەيىن شامالنىڭ بۇغداي باشاقلىرنى يەلپۈتۈپ شىرلداپ چىقان ئاۋازى چاچلىرىمنى ئەركىلتەتتى ....قۇلاق تۈۋۈمدە ئالا نېملەرنى پىچىرلايتى ....
جاھاندا پەقەت ئۆزۈم باردەك قۇلاق مىڭەمنى يەيدىغان شاۋقۇن سۈرەنلەرمۇ ،شېرىن ھەم تاتلىق خىيالىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا توسالغۇ بولمايتتى.... پاھ ،نېمە دېگەن گۈزەل ھەم ساپ ھە! خۇددى تىروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانغا ئوخشاش سۆرۈن ھەم ھوزۇرلۇق ... بۇ يەردكى چۈمىلە ،قۇرۇت،ھەتتا كومۇتىلارمۇ ،ئىچ قانداق زەربىگە ئۇچۇرمايدۇ ئۆزنىڭ خايىشى ۋە ئەركىنلىكى بويىچە ياشايدۇ ،ئۇلار كەڭ تەبىئەتنىڭ ئۆزگە ئاتا قىلغان ھاياتلىق مەنبەلىردىن پەخىرلىندۇ ۋە ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرشىدۇ.
ئەتىراپتىكى سېرىق مامكاپلار ماڭا تەبەسۇم ئەيلەپ كۈلۈپ قارماقتا...سانسىزلىغان بۇغداي باشاقلىرى ماڭا باشلىرنى ئىگىپ سالام بەرمەكتە ...ئەتراپتىكى ئېگىز ھەم بەھەيۋەت تېرەكلەر ماڭا جەسۇرانە قىياپەتە تىكىلمەكتە...
چەكسىزلىكە تولغان يېشىللىق ئورمانىڭ ئچكىرسىگە كىرمەكتىمەن ...جىگدىلەرنىڭ سىڭايان تۇرۇشلىرى ئالا قانداقتۇر بىر نەرسىلەرگە ئوخشايتى ،نوتا بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلۋاتقان ئورمان كۆچەتلىرى سەبى ھەم گۈدەك بالىلارغا ئوخشىسا ،ئېگىلىپ تۇرغان ئورمان كۆچەتلىرى ،يەنە قانداقتۇر ھاسا تاينىپ ماگغان بوۋاي مومايلارغا ئوخشايتتى....
پاھ ، بىپايان كەڭ ئاسماندا ،قۇشلار قاتار ئۇچماقتا ...سەپ بولۇپ تىزىلىپ ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىراتتى، جۈپ-جۈپ بولۇپ ئۆزگە تەئەللۇق ساپ جىمجىت ماكانى ئىزدەش ئۈچۈن مۇھەبەتلىك كۆڭۈلەرنى ئىزھار قىلىپ سايراپ كېتىشمەكتە...پەقەت بىر جۈپ قۇشلا قالدى ،بۇ،يەر ئۇلارنىڭ ماكانى بولسا كېرەك ،ئۇلار نېمە دېگەن بەخىتلىك ھە! ئەنە بىر جۈپ قۇش ،بىر جۈپ قانتىنى ،ئەركىن قېقىپ مۇھەبەتكە تەشنا يۈرگىنى پەرۋاز قىلدۇرماقتا ...
چەكسىزلىكە تولغان پايانسىز يېشىللىق ،سۈرلۈك جىمجىت ئورماندا پەقەت ئۆزۈملا بار، يەنە قانداقتۇر ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ئاۋاز چىقىرشى ،مېنى ۋەھمگە سالماقتا ...مەن ،قورقىۋاتمەن راستىىنلا قورقىۋاتىمەن ... مۇشۇ قورقۇنۇچلۇق پەيىتە ئاشىقۇمنىڭ ۋەھمە ئسكەنجسگە تولغان، مۇھەبەتكە تەشنا يۈرگىمنى ئېلىپ بىر جۈپ قۇشقا ئوخشاش بىپايان كەڭ ئاسماندا ،مۇھەبەتنىڭ شەربەتلىرنى لەۋلىرمگە تامدۇرۇپ ،بىرگە پەرۋاز قىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ....
كەل جېنىم ،سېنىڭ كېلىشىڭنى تولىمۇ ئارزۇ قىلمەن ،چۈنكى ،ھەقىقى چىن مۇھەببەت سۆيگەنلەرگە مەنسۇپ ،ھاياتقا ،مۇھەبەتكە تەشنا يۈرەك مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ!!!