ھجىران ئازابى
(ئپىك نەسىر)
نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم ،بىئارام بولۇپلا تۇرمەن . زادى نېمىشقا ؟بۇ جاھاندىن بەكلا زېرىكىپ كەتتم، مەن بۇ جاھاندىن نەپىرەتلىنىمەن ئەجىبا ئازابلارنىڭ ھەمىسى ماڭا كېلىۋاتامدىغاندۇ؟ كىچىكىنە يۈرىگىمنى خۇددى ئوپىراتىسىيەخانغا ئەكىرىپ كەتكەن بىمارنىڭ يۈرگىنى تىلغاندەك تىلماقتا…..
پارە –پارە بولۇپ كەتكەن يۈرگۈم بىلەن بۇ جاھاندا قانداقمۇ ياشارمەن؟ بۇ تۇرمۇشنىڭ ماڭا قىلغان چاقچىقىمۇ ياكى سىنىقىمۇ؟ زادى قانداق چۈشىنەي ؟ ئەجبا مېنىڭ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىم ،ئىلگىرى لەيلى-مەجنۇندەك چىن ئاشىقۇمنىڭ ،مېنى تاشلاپ كېتىشىمۇ ؟ ياكى ئۆز ئاتا –ئانامنىڭ مەندەك سەبىي قۇشنى تاشلاپ كېتىشمۇ؟ ئاتا – ئانا مھرىگە تەلمۈرۈپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە دادامنىڭ
-سەندەك بالام يوق ،يېنىمدىكى بالىلىرمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ،ماڭ ئاپاڭنىڭ يېنغا بېرىپ تۇر !
دەپ يۈزۈمگە تۈكۈرۈپ ئۆيدىن چىقىرۋەتكەن ،ئانامناڭ باشقا ئائىلە قۇرۇپ ،كۈلۈپ يۈرگەن ھەتتا ئۆز ئاپام بولغان كىشى مېنى يەكلەپ -داداڭنىڭ يېنغا بېرىپ تۇرساڭمۇ بولىدۇ ، دېگەنلىرى ،مەندەك بىچارە قۇشنىڭ ۋىچىلداپ نالە قىلۋاتقان شۇ كۈنلەردە ،كىملەردۇر بىراۋنىڭ مەندەك بىر ئۆچۈپ قالاي دەپ قالغان مەشئەلنى يورۇتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتىم … دېگەندەك خۇدايىم مېنىڭ بۇ تەلىپىمگە يەتكۈزگەن بولسا كېرەك ،ھېلىمۇ ياخشى تاغام مېنى بېقىۋالدى .
بەزى ئشلارنى قىلغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلنىمەن پۇشايمان قىلمەن … ئالىي مەكتەپتە
ئۆتكۈزىلگەن تەنەركەت مۇسابىقىسگە نېمىشىقىمۇ قاتناشقان بولغىيتىم ،نېمىشقىمۇ يۈگىرىپلا سۇ ئچكەن بولىغىيتىم قاتناشمىغان بولسام بەلكىم ئۆپكەمگە سۇمۇ چۈشمىگەن بولاتتى ... ھەتتا ئۆز دادامۇ مېنىڭ بالنىستا ياتقىنىمنى ئۇقۇپمۇ
-مەن جېنىمنى ئاران بېقىۋاتسام ،مەن قانداق قىلمەن .ئاپىسى داۋالاتسۇن دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ خۇددى تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېكىۋاتقاندەك يۈرگىم ساقىپ كەتتى. مەن ئۆزدادامدىن نەپىرەتلىنىمەن …
ھەي ! قانداق قىلاي بەلكىم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدۇر …لېكىن چىن ئاشىقۇمنىڭ مېنى تاشلاپ كېتىشى ،ئەجبا بۇنىمۇ تەقدىردىن كۆرەمدىم ؟ ئاتا- ئانا مھرىگە قانمىغان قاغجىراپ كەتكەن يۈرگىمنى كۆتۈرەلمىگەن كۈنلىرىمدە بىر بۇلبۇل كېلىپ مېنى ئۆز يېنغا تارتقان ئىدى .خۇددىى قىپقىزىل خۇش پۇراق گۈلنى چىشلەپ چەكسىز ئاسماندىكى بۇلۇت ئۈستىدە لەيلەپ ھاياتنىڭ خۇشالىقىلىرنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى… بۇلبۇلۇمنىڭ گۈلۈم دەپ جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىشى باغۇ چىمەنلىك بوستانلىقلارنى ئويناپ ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىملەرنى ئەسلىگىنىمدە تولمۇ ئەپسۇسلۇنىمەن ۋە ئۆكۈنىمەن … بەلكىم بۇنى سەندىمۇ كۆرۈشكە بولمايدىغاندۇ ، بەلكىم بۇ، ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشىدۇر ، ئۇ مەندىن سېنى تارتىۋالدى .
مەن بالنىستا ياتقان بىر كۈنى دوستۇم بىلەن بىللە ئىدىم ، سەن مېنى يوقلاپ كەلدىڭ ،ئەڭ يېقىن دوستۇمنى ساڭا تونۇشتۇردۇم شۇندىن باشلاپ ئككىڭلاردا بولۋاتقان يېڭىلىقلارنى سەزمەپتىمەن بىلمەپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ سېنىڭ ،مەندىن ئاستا – ئاستا يىراقىلىشىشىڭ، سوغوق مۇئامىلە قىلىشىڭنىڭ سەۋەبىنى بىلمەپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ئايىرىلىپ كېتەيلى دېگىنىڭنى ئاڭلاپ بەرداشلىق بېرەلمىدىم ..
ھاۋا ، گۈلدۈرلىدى ، دەشەتلىك چاقماق چېقىپ شارقىراپ يامغۇر يېغشقا باشلىدى،….
ئۆزۈمنىڭ ئاغرىق ئككەنىلىكىنمۇ سەزمەي بالنىستىن چىقىتىم ۋارقىردىم ، يىغلىدىم ..
-ئاھ ،خۇدا ماڭا بۇ ،نېمە كەلگۈلۈك ئەمدى مەن قانداق قىلاي ۋاي ئسىت … سوغوقتىن چىشلىرىمنىڭ گىچىلداپ ،كالپىكىلىرىم كۆكۈرۈپ كەتكەنئدى .چاچلىرىمدىن ئېقىۋاتقان يامغۇر تامچىسى بوينۇمنى سىلاپ چۈشمەكتە ..شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ ئىلتىجا قىلدىم يالۋۇردۇم ..
يامغۇر مەنمۇ سەن بىلەن بىللە ئاقاي ،مەن يامغۇرغا ئايىلىنىپ كېتەي ،ۋاز كەچكەن مېنى كەتكەن بۇلبۇلۇمنى ،چىن ئاشقۇمنى يامغۇر بولۇپ سۆيەي … كەينى –كەينىدىن كەلگەن ئازاپلارنى كۆتۈرەلمىدىم ،رھىى بېسىمدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن تېنىمنى ، كېسەل تېغمۇ بېسىۋالدى … ئارقا –ئارقىدىن ئۆپكەمگە چۈشكەن سۇ ئۇزۇن ھەم يۇغان يىڭنىلەرنىڭ ، بەدىنىمگە كىرشى ، مېنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرماقتا ئىدى…
ھەر بىر يۆتەلگەن ۋاقتىمدا تەڭگىدەك قان تۈكۈرۈپ ، ئاپئاق قول ياغلىقىمنى قانغا بويىۋتتەتتىم ..
كېسىلىم كۈندىن –كۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتتى .كېسەل سەۋەبىدىن كىرىپ كەتكەن كۆزلىرم ، ساماندەك سارغايغان چىرايىم ،تاياقتەك بولۇپ كەتكەن بەدىنىم ، خۇددى ھازىرلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندەك ،بۇرۇنقى ھالىتىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى ….
گەرچە ،تاغام ياخشى تاماقلارنى بېرىپ ،تەسەللىي بەرگەن بولسۇمۇ ماددىي جەھەتىكى ، بېسمدىن يەنىلا روھى جەھەتىكى پىغانلىق ئازاپلار مېنى يىقىتتى ، مەن بەرداشلىق بېرەلمىدىم ،تاغام غەمكىن چىرايىمنى ھەر قېتىم كۆرگەندە ، كۆزگە ياش ئالاتتى … ئەپسۇسلىناتتى …
بىر كۈنى، كاردورنى بويلاپ كېتىپ باراتتىم ،دوختۇرنىڭ تاغامغا دېگەن مۇنۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم …
-قىزىڭىزنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتسام خېلى ئېغىر دېسەمۇ
بولىدۇ ،ھازىر ئۇ.. ئۇ …ئۆپكە تېبىرىكليوزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى …
ئاھ ،خۇدا ، لەۋلىرىم تىتىرمەكتە ،كۆزۈمدە ياش ئەمەس ئەمەس يۈركىمدە قان ئاقتىى،نېمە بولغىنمىنى بىلمىدىم ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن ، ئاردىن بىر ئىككى ھەپتە ئۆتتى …
شۇنداق ھالسىزلىنىپ كەتتىم ، ئچىمگە ئوت كەتتى ، بەك قىيلىنىپ كەتتىم پۇت قولىرىمنى تېپىشلىدىم … قانداقتۇر دادام ئاپامنىڭ قىزىم دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ سەل ئارام تاپتى، تاغام بۇ ئەھۋالارنى ئۇلارغا دېگەن بولسا كېرەك ، گەرچە ئۇلار ماڭا ئاتا – ئانىلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىسىمۇ مەن يەنىلا ئۇلارنى كۆرۈشكە ئنتىلدىم . يەنىلا يۈرگۈم ئېغىر خۇددى بىرەر نەرسەم كەمدەك ،ئاھ ، خۇدا ، ئۇنى بىر كۆرۋالسام ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى ، كۆزلىرىم يۇمىلاي دەپلا قالدى ، نەپىسىم بارغانسىرى قىيلىنىپ كەتتى…
-گۈلىزىبا ، قېنىم گۈلزىبا مېنى كەچۈر !
ئاھ ، بۇ نېمە ئاۋاز راستىنلا ئۇ ئىكەن ، مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم …
-مەنمۇ سېنى بەك ئۇزاق …ئۇزاق …ساقلاپ كەتتىم … كەينى كەيندىن كەلگەن ھۆتەل مېنى نەپەس ئالدۇرغىلى قويمىدى ، ئۇ قان ئاققان لەۋلىرىمنى سۆيدى …
-كەچۈر جېنىم !مەن خاتالىشىپتىمەن ….
-مەن سېنى كەچۈردۈم ،چۈنكى مەن سېنى ياخشى كۆرمەن ئەمەسمۇ؟! مەن ئۇ دۇنيامۇ سېنى ئەسلەپ تۇرمەن …
-ئاھ ، خۇدا ، ياق گۈلزىبا سەن كەتمە … كەتمە …
دېگەن بىر ئېغز گېپىنى ئاڭلىدىميۇ ، ئەتىگەنلىك تاڭ شەپەقنىڭ نۇرنى كۆرەلمەي ئازاپقا تولغان دۇنيادىن خوشلاشتىم…..
دەرتلرىم ئچىمگە سىغماي، تۆكۈلدى يېشىم ،
پۇت قولۇمدا ماغدۇر يوق، ئايلاندى بېشىم.
رەھمسىز رېئللق، ئايرىدى بىزنى ،
سەندىمۇ گۇنا يوق ،ئەي !سۆيگۈنۈم .
تۆكۈلدى بۈگۈن، ياش ئەمەس قان ،
يۈرگىمنىڭ ،چوڭقۇر قاتلاملىردىن
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلدى كۆزلىرمدىن ياش
خەيىر سۆيگۈنۈم مەڭگۈلۈك ،مەڭگۈلۈك خەيىر.
ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ ،سېنى ،
تەقدىردىن ئاغرىنمەن ھامان بىر كۈنى ،
چۈنكى تەقدىر ،ئايرىدى بىزنى
خەيىر سۆيگۈنۈم ،مەڭگۈلۈم خەيىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 02:48 PM