|
|
|
|
ئوباما ئامىركىدەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبىرى بولسىمۇ لىكىن ئۇ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە خۇددى ئاددى ئامىركىلىقلاردەك نورمال ياشايدۇ.... شۇنداقلا ئائىلىنىڭ ئىلقلىقنى ئائىلسىدىكىلەرگە ھەققى ھىس قىلدۇرالايدۇ ھەمدە بۇ ئىلىقلىقتىن ئائىلدىكىلەر بىلەن تەڭ ھوزۇرلۇشنى بىلىدىغان ئادەم.... لىكىن بۇ رەسىمگە قاراپ شۇنى ئويلاپ قالدىم ،بىزنىڭ بىر قىسىم كادىرلىرىمىز خىزمەت ئالدىراشلىقنى بانا قىلىپ (دىمىسىمۇ بىزنىڭ دىيارىمىزدا ھالقىما تەرەقىيات ،مۇقۇملۇق، ئىتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق دىگەندەك ئىشلار بىلەن كادىرلىرىمىزنىڭ خىزمىتى بەكلا ئالدىراش.... )ئائىلىسىدىكلەر بىلەن ئايدا بىرەر قىتىم بولسىمۇ مۇشۇنداق بىر ۋاخ تاماق يىيىشىپ ،بىر قىتىم باغ سەيلىسى قىلىشقا ،بىرەر قىتىم بالاچاقىلىرى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىرلىكتە تېلۋىزور كۆرۇشكە ۋە تاكى بىرەر سائەت بولسىمۇ تاللا بازىرغا چىقىپ ئايلىنىپ كىلىپ بالا چاقىلىرىنىڭ ئىللىق ئائىلە مىھىرىگە قىنىۋىلىشىغا پۇرسەت بەرمەيدۇ ، گەرچە ئۇلاردا بۇنچىلىك ۋاقىت چىقىرىشقا شارائىت يار بەرسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ كالىسىدا مەن بەك ئالدىراش دىگەن بىر ئۇقۇم ئورناپ كەتكەن شۇڭا ئۇلار بۇنداق ئائىلە مىھىرىدىن پەقەت ھوزۇرلىنىشنى بىلمەي بىخۇتلا يۇرۇشىدۇ....
سىز ئاشۇ ئوبامادىنمۇ بەك ئالدىراش ....شۇڭا سىز ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىزنى ۋە بالا چاقىلىرىڭىزنى ئۇنۇتقان ھالدا خىزمەت قاينىمىغا چۆكۇپ كەتىڭىز ....چۇنكى سىز باش ئايىغى تۇگمەس خىزمەت بىلەن مەنگۇ ئالدىراش ....
مەنبەhttp://tieba.baidu.com/f?kz=598445736&fr=image_tieba
|
|
|
|
|
|