مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2596|ئىنكاس: 18

توقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ نان يېقىش تېخنىكىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14084
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2021 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 01:49:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   توقسۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى
توقسۇ ناھىيەسى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي قىسىمى، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي، تارىم ئويمانلىغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە ئۆگەن دەرياسى ئارقىلىق كۇچا ناھىيەسى بىلەن جەنۇپتا شايار ناھىيەىسى بىلەن غەربتە ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھيەسى بىلەن شىمالدا باي ناھىيەسى بىلەن چېگىرىلىنىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8223 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 160مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك، سالا، رۇس، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار. تۇقسۇ ناھيەىسى — مىنگونىڭ 11-يىلى(1922)كۇچا ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى 12 كەنتلىك بىر يۇرت ئىدى. مىنگونىڭ 19-يىلى(1930) تۇقسۇ دېگەن نام بىلەن رەسمىي ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇپ توقسۇ ناھىيەسى دەپ ئاتالغان. مىنگونىڭ 30-يىلى(1941) توقسۇ ناھىيەسىنى «شىنخې» ناھىيەسى دەپ ئاتىغان.
دېمەك، ئۇيغۇر قول ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ سەركىسى بولغان نان يېقىش تېخنىكىسى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا(بازار)، كەنتلىرىگىچە كېڭەيگەن، چوڭ ناننىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن، تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، شىرمەن نان ۋە چوڭ نان گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.
تارقىلىش دائىرسى
ئۇيغۇر ناۋايچىلىقى (نان يېقىش تېخنىكىسى) — توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى ۋە ھەرقايسى يېزا(بازار)، كەنىتلەرگىچە كېڭەيگەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خەلقى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ھەممىسىدە بار. بىراق توقسۇ ناھىيەسى چوڭ نېنىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، شەكلى، ھەجىمى، تەمى ئۆزگىچە ؛ شۇڭا توقسۇ چوڭ نانلىرىنىڭ ئىستېمال جەھەتتىكى ئورنى پۈتۈن شىنجاڭدا ئالاھىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە.
ناننىڭ تارىخى كىلىش مەنبەسى
توقسۇ ناھىيەسى - ئەسلى قەدىمكى كۈسەننىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بۇ زېمىندا نەچچە يۈز يىل ياشاپ كەلگەن. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك بىلەن شوغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر قول ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ سەركىسى بولغان ناۋايلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائى چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللانغان قەبىلە، ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىن باشلاپ دانلىق زىرائەتلەرنى ئېزىپ ئۇن قىلىپ، ئۇنى تۇز، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ ۋە بەلگىلىك شەكىلدە كەلتۈرۈپ، كۈلىگە كۆمۈپ ئەڭ دەسلەپكى ئۇن تامىقى بولغان «كۆمەش»نى پىشۇرۇپ يېيىشكە باشلىغان. شۇ تەرىقىسىدە ئەجداتتىن ئەۋلاتقا، ئەسىردىن ئەسىرگە داۋملاشتۇرۇلۇپ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. مانا بۇ نەچچە ئون ئەسىر جەريانىنى بېسىپ ئۆتۈش ئارقىلىق بۈگۈنكى دەۋىردىكى شەكلى كۆپ خىل، تەمى ئۆزگىچە ئاجايىپ نانلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنيىتىنى ياراتقان.
نان — ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا بارلىققا كېلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ قالماي، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەت، سودا، ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىمۇ بېيىتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا ئوغۇل چوڭ بولغاندا، ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ لايىقىنىڭ ئۆيىگە قىز سوراپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئوخشىتىپ ياققان چوڭ نان تەييارلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لايىقىدا نەرسىلەرنى ئېلىپ داستىخان راسلايدۇ ؛ ھېيىت-ئايەم، نەزىر-چىراغ، ... ئىشلىرىدىمۇ ئالدى بىلەن مېھماننىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ ئۈستىگە چوڭ نان تىزىلىدۇ، ئاندىن باشقا نەرسە تىزىلىدۇ، ئۇزۇن-قىسقا سەپەر ۋە ئېتىز ئەمگىگىدىمۇ نان ھەرگىز كەم بولمايدۇ...
ئۇيغۇر ناۋايلىق تېخنىكىسىنىڭ ئومۇمى تارىخىي توغرىسىدا يازما تارىخىي ماتېرىيال بولمىسىمۇ، كىلاسىسك ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلار ھەم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن قارىغاندا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ياشىىغان دەۋىرىدن باشلانغان. يەنە باشقا ماتېرىيالارغا ئاساسلانغاندا يۇرتىمىزدا «خەن» دەۋرىدىن باشلاپ نان يېقىش تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك ئۇيغۇر خەلقى خېلى ئۇزۇن تارىخىي دەۋىردىن باشلاپلا بۇغداي، قوناق، ئۇنلىرىدىن نان يېقىشنى، گۆشنىڭ مېيى ۋە ئۆسۈملۈك يېغىنى ئارىلاشتۇرپ خىلمۇ-خىل مەززىلىك، قۇۋۋەتلىك نانلارنى ئۆز تۇرمۇشىدا ئىستېمال قىلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى بېيىتقان، شۇنىڭدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرقىدەك شەكلى كۆپ، تەمى ئۆزگىچە ئۇيغۇر نانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
«چوڭ نان»نىڭ يېقىلىشى
چوڭ نان(ئادەتتە يۈزى ئېچىلغان چوڭ نان) ئېغىرلىقى بىر كىلوگىرام كېلىدۇ، يۇمىلاق (چەمبەر ياكى تولغان ئايغا ئوخشاش) بولۇپ دېيامىتىرى 60 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى بىر سانتىمېتىر بولىدۇ، ناننىڭ خېمىرى تەييارلانغاندىن كېيىن، خېمىر مۇۋاپىق مىقداردا تاۋلاپ تەييارلاپ، يۈزىنى ئېچىپ تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇ خىل نانغا ئاساسلىق ياخشى ئاق ئۇن، سۇ، تۇز، پىياز، سىيادان، كۈنجۈت، تۇخۇم، ئېچىتقۇ قاتارلىقلار ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ. نان بىرخىل پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئاسان، ئېلىپ يۇرۇشكە قولايلىق، بىۋاستە ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ھېيىت-ئايەم ۋە باشقا دوست-بۇرادەرلەر، ئەل-ئاغىنە، قولۇم-قوشنا.... قاتارلىق يىغىلىشلىرىدا داستىخاننىڭ ئۈستىدە كەم بولسا بولمايدىغان، ھەر قانداق مۇھىت شارائىتتا قوساق تويغۇزۇشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ ئىشتەي ۋە مىجەزىنىمۇ تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان ئالاھىدە ئىستېمال بۇيۇمى.
چوڭ نان ساپ ئاق ئۇن، سۇ، تۇز، پىياز قاتارلىق ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى نان يېقىپ (يەنى تونۇرنى قىزىتىپ، تونۇر تاۋلانغاندىن كېيىن تونۇرغا يېقىپ) پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىدىغان يېمەكلىك بولغاچقا تازىلىق سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا، نان يېقىشتا تۆۋەندىكى ئىش تەرتىۋىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاش كېرەك:
(1) ئالدى بىلەن سۈپەتلىك ئاق ئۇن (بۇغداي ئۇنى) نى چوڭ داس ياكى پەشخۇن ۋە ياكى تەڭنىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تۇز بىلەن سۇنى مۇۋاپىق تەڭشەپ يۇغۇرۇپ ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇرىمىز، ئاندىن يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ئېچىتقۇ (خېمىر تۇرۇچ) نى سۇدا تەڭشەپ خېمىرغا تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرىمىز، خېمىر تولۇق يۇغۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن خېمىرنىڭ ئۈستىنى داستخان بىلەن يېپىپ 30 گىرادۇس ئەتراپىدىكى مۇھىتتا مەلۇم ۋاقىت تۇرغۇزىمىز، شۇنىڭدىن كېيىن خېمىر تەييار بولىدۇ.
(2) چوڭ ناننى يېقىشتا ئۆلچەملىك تۇنۇر بولۇشى، يەنى بۇ خىل ناننى ياقىدىغان تونۇر ئەڭ چوڭ بولۇپ، يەردىن ئېگىزلىگى 125سانتىمىتىر، قورساق قىسىمىنىڭ دېئامىتىرى 120سانتىمېتىر، ئاغزىنىڭ دېئامىتىرى 60 سانتىمېتىر بولىدۇ ۋە بۇ تونۇرنى ئۆلچەملىك قىزىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن ياخشى قۇرۇغان دەرەخ ئوتۇنىنى تونۇرغا قالايمىز. تونۇر قىزىغاندا تۇنۇرنىڭ ھەممە يۈزىگە تۇز سۈيىنى تەكشى چېچىپ تونۇرنى تاۋلايمىز.
(3) مۇۋاپىق مىقداردا باش پىيازنى توغراپ يۇمشاق چانايمىز، ئاندىن سۇقۇپ پاكىز تازلانغان كۈنجۈت، سىيادان قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئېلىپ پىيازغا ئارلاشتۇرىمىز.
(4) تەييارلانغان خېمىرنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زۇۋۇلا قىلىپ ئەمبەلنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قول بىلەن بېسىپ تەكشى چوڭايتىپ يۇمىلاق يالپاق شەكىلگە كەلتۈرىمىز. ئاندىن پىياز، سىيادان، كۈنجۈتنى سۈركەپ تونۇرغا ياقىمىز، بىر نان يېقىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىرىنى ياقىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن پىشقان ناننى ئۇدۇللۇق قۇمۇرىمىز.
بۇ نانلار يەرلىك بازاردا ياكى يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدىغان بۇيۇمى بولۇپلا قالماي يەنە ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىشىلەرنىڭمۇ ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇققانلار سوۋغات ئورنىدا ئېلىپ بارىدىغان يەرلىك مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى.
شىرمەن ناننىڭ يېقىلىشى
شىرمەن ناننىڭ ئېغىرلىغى بىر كىلوگىرام كېلىدۇ. يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، چوڭ ناندىن كىچىكېرەك، قېلىنلىقى بىر ئاز قېلىنراق بولۇپ، دېئامىتىرى 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ناننىڭ خېمىرى تەييارلانغاندىن كېيىن خېمىرنى مۇۋاپىق مىقداردا تاۋلاپ تەييارلاپ، يۈزىنى بىرئاز ئېچىپ، ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا گىرۋەك چىقىرىپ ئىشلەپ تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ.
بۇ خىل نانغا ئاساسلىق ياخشى ئاق ئۇن، سۇ، تۇز، ھەسەل، شىكەر، ياغ (سۇ ماي)، تۇخۇم، ئېچىتقۇ قاتارلىقلار ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىندۇ. بۇ خىل نانمۇ پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئاسان، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق، ساقلاشقا ناھايىتى قولاي بولۇپ ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بۇزۇلمايدۇ، بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ساقلانغان شىرمەن ناننى قايناق چايغا سالسا ناھايىتى تېز يۇمشايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ھېيىت-ئايەم ۋە باشقا دوست-بۇرادەرلەر، ئەل-ئاغىينە، قۇلۇم-قوشنا... يىغىلىشلىرىدا داستىخاننىڭ ئۈستىدە كەم بولسا بولمايدىغان، تەمىمۇ چوڭ ناندىن ئېسىل بولۇپ، ھەر قانداق مۇھىت، شارائىتتا قورساق تويغۇزۇشقا بولىدىغان يىمەكلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ ئىشتەي ۋە مىجەزىنىمۇ تەڭشەش، قۇۋۋەت بېغىشلاش رولىنى ئوينايدىغان ئالاھىدە ئىستېمال بۇيۇمى.
شىرمەن نان ساپ ئاق ئۇن، سۇ، تۇز، ھەسەل، شىكەر، تۇخۇم، ياغ (سۇماي) قاتارلىق ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى نان يېقىپ (يەنى تونۇرنى قىزىتىپ، تونۇر تاۋلانغاندىن كىيىن، تۇنۇرغا يېقىپ) پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ئىشلەپچىقىرىدىغان يىمەكلىك ئىستىمال بۇيۇمى بولغاچقا تازلىق سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا، نان يېقىشتا تۆۋەندىكى ئىش تەرتىۋىنى ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلاش كېرەك:
(1) ئالدى بىلەن سۈپەتلىك ئاق ئۇن(بۇغداي ئۇنى)نى چوڭ داس (ياكى پەشخۇن ۋە ياكى تەڭنە) مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تۇز بىلەن سۇنى مۇۋاپىق تەڭشەپ پۇژپۇلاپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقتاردا تۇخۇم چېقىپ، ياغ، ھەسەل، ياكى شېكەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، ئاندىن يەنە مۇۋاپىق مىقتاردا ئېچىتقۇ (خېمىر تۇرۇچ) نى سۇدا تەڭشەپ خېمىرغا تۇلۇق ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇرىمىز، خېمىر تۇلۇق يۇغۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، خېمىرنى چوڭ ناننىڭ خېمىرنى بۇلدۇرغانغا ئوخشاش بولدۇرمايمىز، پەقەت خېمىرنى ئۇبدان يۇغۇرۇپ تاۋلىساق بۇلىدۇ.
(2) شىرمەن ناننى يېقىشتا ئادەتتە تۇنۇرنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى چوڭ نان ياقىدىغان تونۇردىن كىچىكرەك بولسا بۇلىدۇ، تۇنۇرنى ئۆلچەملىك قىزىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن ياخشى قۇرۇغان دەرەخ ئۇتۇنىدىن 20كىلوگىرام(كۈمۈر30كىلو گىرام) تەييارلاپ، تۇنۇرنىڭ ئىچىگە بەلگۈلۈك مىقدار بۇيىچە سېلىپ ئوت قالاپ قىزىتىمىز (قالىغان ئۇتۇن تۇلۇق كۈيۈپ بۇلىشى شەرت)، ئاندىن مۇۋاپىق مىقتاردا تۇنۇرنىڭ ئىچكى يۈزىگە تەكشى تۇز سۇيى چېچىپ تۇنۇرنى تاۋلايمىز، تۇنۇرنى تاۋلاشتا چوڭ نان ياقىدىغان تۇنۇرنىڭ ھاۋىزىسىدىن پەسراق ھاۋىزىسى تەڭشىلىدۇ.
(3) شىرمەن نان چالا پىتىرەك يېقىلىدىغان بۇلغاچقا بۇلدۇرۇش ھاجەتسىز، تاۋلانغان خېمىرنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا قىلىپ، پەشخۇن ياكى ئەمبەلنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قول بىلەن ببېسىپ تەكشى چوڭايتىپ يۇمۇلاق (تۇلغان ئاي شەكلىگە كەلتۈرۈمىز)يالپاق شەكىلگە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، چۆرىسىگە مەخسۇس گىرۋەك چىقىرىلدۇ، ئۈستىگە مەخسۇس ياسالغان چەككۈچ بىلەن گۈل چىكىلىدۇ. يۇقارقى تەييارلىق ئىشلار تۇلۇق پۈتكەندىن كىيىن ناۋاي ئۇستام گېزىنىگە (گېزىنە مەخسۇس تەييارلانغان تۇلغان ئاي شەكىللىك دىئامىتىرى 40 سانتىمىتىرئەتىراپىدا بولغان نان يېقىشتا ئىشلىتىدىغان سايمان) ئېلىپ تۇنۇرغا ياقىدۇ، بىرنى يېقىپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرنى ياقىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پىشقان ناننى ئۇدۇللۇق ئىلمەك بىلەن ئىلىپ تۇنۇردىن سۇيۇپ ئالىدۇ؛ مۇشۇنداق مەشخۇلات تەرتىپى بۇيىچە ئويغۇر چوڭ نانلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ نانلار كىشىلەرنىڭ ياخشى كۈرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان بۇيۇمى بۇلۇپلا قالماي يەنە، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئىمكان بولسا مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ئاپىرىپ ئىستىمال قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇققانلارغا سوۋغات ئورنىدا ئېلىپ بارىدىغان يەرلىك مەھسۇلات بۇلۇپ قالدى.
توقاچ(توقاش) ناننىڭ يېقىلىشى
توقاچنىڭ ئېغىرلىغى ئادەتتە100دىن 200گىرامغىچە، يۇمۇلاق (چەمبەر ياكى تولغان ئايغا ئوخشاش)بۇلۇپ، چوڭ ناندىن كىچىگېرەك، بىر ئاز قېلىنراق بۇلۇپ، دىئامىتىرى 15سانتىمىتىردىن 25سانتىمىتىرغىچە بۇلىدۇ، توغاچنىڭ خېمىرى تەييارلانغاندىن كىيىن، خېمىرنى مۇۋاپىق مىقداردا تاۋلاپ تەييارلاپ، يۈزى بىرئاز ئېچىلىپ، كىچىك گىرۋەك چىقىرىپ ئىشلەپ تۇنۇرغا يېقىپ پۇشۇرۇلدۇ. توقاچقا ئاساسلىق ياخشى ئاق ئۇن، سۇ، تۇز، قايماق، سۈت، شېكەر، ياغ(سۇماي)، تۇخۇم، كۈنجۈت، ئېچىتقۇ قاتارلىقلار ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىندۇ. توقاچنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئاسان، ئېلىپ يۇرۇشكە قولايلىق، بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، بىرئاز قۇرۇپكەتكەن بولسا توغاچنى قايناق چايغا سالسا ناھايىتى تېز يۇمشايدۇ، ئويغۇرلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش(ناشتىلىقىدا توي-توكۈن، نەزىر-چىراغ، ھېيىت-ئايەم قاتارلىق يىغىلىشلاردا داستورخانىڭ ئۈستىدە كەم بولسا بولمايدىغان، باشقا نانلاردىن تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، ھەر قانداق مۇھىت شارا ئىتتا قوساق تويغۇزۇشقا بۇلىدىغان ئىسىل يىمەكلىك بۇلۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ ئىشتىيىنى ئېچىپ، مىجەزىنى تەڭشەيدۇ.
توقاچ ساپ ئاق ئون، سۇ، تۇز، قايماق، شېكەر، تۇخۇم، سۇمېيى، كۈنجۈت قاتارلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى نان يېقىپ(يەنى تۇنۇرنى قىزىتىپ، تۇنۇر تاۋلانغاندىن كىيىن، تۇنۇرغا يېقىپ) پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ئىشلەپچىقىرىدىغان يىمەكلىك ئىستىمال بۇيۇمى بولغاچقا، تازلىق سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا نان يېقىشتا تۆۋەندىكى ئىش تەرتىۋىنى ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلاش كېرەك:
(1) ئالدى بىلەن سۈپەتلىك ئاق ئۇن(بۇغداي ئۇنى)نى چوڭ داس (ياكى پەشخۇن ۋە ياكى تەڭنە) مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تۇز بىلەن سۇنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم چېقىپ، ياغ، قايماق، شېكەرنى ئارلاشتۇرۇپ پۇژپۇلايمىز، ئاندىن يەنە مۇۋاپىق مىقتاردا ئېچىتقۇ (خېمىر تۇرۇچ) نى سۇدا تەڭشەپ خېمىرغا تۇلۇق ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇرىمىز، خېمىر تۇلۇق يۇغۇرلۇپ بولغاندىن كىيىن، خېمىرنى چالا بولدۇرۇپ ئۇبدان يۇغۇرۇپ تاۋلىساق بۇلىدۇ.
(2) توقاچنى يېقىشتا ئادەتتە تۇنۇرنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى چوڭ نان ياقىدىغان تونۇردىن ۋە شىرمەن نان ياقىدىغان تۇنۇردىنمۇ كىچىكرەك بولسا بۇلىدۇ، تۇنۇرنى ئۆلچەملىك قىزىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن ياخشى قۇرۇغان دەرەخ ئۇتۇنىدىن15كىلوگىرامدىن 20كىلوگىرام(كۈمۈر30كىلو گىرام) تەييارلاپ، تۇنۇرنىڭ ئىچىگە بەلگۈلۈك مىقدار بۇيىچە سېلىپ ئوت قالاپ قىزىتىمىز (قالىغان ئۇتۇن تۇلۇق كۈيۈپ بۇلۇشى شەرت)، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا تۇنۇرنىڭ ئىچكى يۈزىگە تەكشى تۇز سۇيى چېچىپ تۇنۇرنى تاۋلايمىز، تۇنۇرنى تاۋلاشتا چوڭ نان ياقىدىغان تۇنۇرنىڭ ھاۋىزىسىدىن پەسراق ھاۋىزىسى تەڭشىلىدۇ.
(3) توقاچ چالا پىتىرەك يېقىلىدىغان بۇلغاچقا بولدۇرۇش ھاجەتسىز، تاۋلانغان خېمىرنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا قىلىپ، پەشخۇن ياكى ئەمبەلنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قول بىلەن بېسىپ تەكشى چوڭايتىپ يۇمۇلاق (تۇلغان ئاي شەكلىگە كەلتۈرۈمىز)يالپاق شەكىلگە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، چۆرىسىگە كىچىگىرەك گىرۋەك چىقىرىلىدۇ، ئۈستىگە مەخسۇس ياسالغان چەككۈچ بىلەن گۈل چىكىلىدۇ، ئۇششاق چاناپ تەييارلانغان باش پىياز بىلەن كۇنجۈت ئارلاشمىسى تەكشى سېپىلىدۇ..يۇقارقى تەييارلىق ئىشلار تۇلۇق پۈتكەندىن كىيىن ناۋاي ئۇستام گېزىنىگە (گېزىنە مەخسۇس تەييارلانغان تۇلغان ئاي شەكىللىك دىئامىتىرى 20سانتىمىتىر ئەتىراپىدابولغان نان يېقىشتا ئىشلىتىدىغان سايمان) ئېلىپ تۇنۇرغا ياقىدۇ، بىرنى يېقىپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرنى ياقىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پىشقان ناننى ئۇدۇللۇق ئىلمەك بىلەن ئىلىپ تۇنۇردىن سۇيۇپ ئالىدۇ؛ مۇشۇنداق مەشخۇلات تەرتىپى بۇيىچە ئويغۇر توقاچلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ نانلار كىشىلەرنىڭ ياخشى كۈرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان بۇيۇمى بۇلۇپلا قالماي يەنە، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئىمكان بولسا مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ئاپىرىپ ئىستىمال قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇققانلارغا سوۋغات ئورنىدا ئېلىپ بارىدىغان يەرلىك مەھسۇلات بۇلۇپ قالدى.
قاتلىما ناننىڭ يېقىلىشى
قاتلىما نان ئېغىرلىغى 200گىرام ئەتىراپىدا، يۇمۇلاق (چەمبەر ياكى تولغان ئايغا ئوخشاش)بۇلۇپ، دىئامىتىرى 20سانتىمىتىر، قېلىنلىغى 1.5 سانتىمىتىر بۇلىدۇ، ناننىڭ خېمىرى تەييارلانغاندىن كىيىن، خېمىرنى مۇۋاپىق مىقداردا تاۋلاپ قېتىغا مۇۋاپىق مىقتاردا گوش، قوي مېيى، پىياز قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپ ئارلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، تۇنۇرغا يېقىپ پۇشۇرۇلىدۇ. بۇ خىل نانغا ياخشى ئاق ئۇن، تۇز، پىياز، گوش-ماي، ئېچىتقۇ قاتارلىقلار ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ. قاتلىما نان بىرخىل پىششىقلاپ ئىشلەش تەس، ئېلىپ يۇرۇشكە قولايلىق، بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئويغۇرلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش ۋە دالا تامىقى قىلىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.، ھەر قانداق مۇھىت شارا ئىتتا قوساق تويغۇزۇشقا بۇلىدىغان قولايلىق يىمەكلىك بۇلۇپلا قالماي يەنە ئادەمنىڭ ئىشتەي ۋە مىجەزىنىمۇ تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان ئالاھىدە ئىستىمال بۇيۇمى.
كونكىرىتنى شەكلى
قاتلىما نان ساپ ئاق ئون، گوش، قوي مېيى، تۇز، پىياز، قاتارلىق ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ، ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى نان يېقىپ(يەنى تۇنۇرنى قىزىتىپ، تۇنۇر تاۋلانغاندىن كىيىن، تۇنۇرغا يېقىپ) پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ئىشلەپچىقىرىدىغان يىمەكلىك ئىستىمال مەھسۇلاتى بولغاچقا تازلىق سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا نان يېقىشتا تۆۋەندىكى ئىش تەرتىۋىنى ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلاش كېرەك:
(1) ئالدى بىلەن سۈپەتلىك ئاق ئۇن(بۇغداي ئۇنى)نى چوڭ داس (ياكى پەشخۇن ۋە ياكى تەڭنە)گە مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ، تۇز بىلەن سۇنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئاندىن مۇۋاپىق مىقتاردا تۇخۇم چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ پۇژپۇلايمىز، ئاندىن يەنە مۇۋاپىق مىقتاردا ئېچىتقۇ (خېمىر تۇرۇچ) نى سۇدا تەڭشەپ خېمىرغا تۇلۇق ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇرىمىز، خېمىر تۇلۇق يۇغۇرلۇپ بولغاندىن كىيىن خېمىرنى بوش تاۋلايمىز (چوڭ ناننىڭ خېمىرى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ، پەقەت بولدۇرمايمىز)، قاتلىمىنى ئادەتتە چالا پىتى ھالەتتە ياقىمىز.
(2) قاتلىما ناننى يېقىشتا ئۆلچەملىك تۇنۇر بۇلۇشى، يەنى بۇ خىل ناننى ياقىدىغان تۇنۇر توغاچ ياقىدىغان تۇنۇر بىلەن ئوخشاش بولسا بۇلىدۇ، ۋە تۇنۇرنى ئۆلچەملىك قىزىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن ياخشى قۇرۇغان دەرەخ ئۇتۇنىدىن 20كىلوگىرام(كۈمۈر25كىلو گىرام) تەييارلاپ، تۇنۇرنىڭ ئىچىگە بەلگۈلۈك مىقتار بۇيىچە سېلىپ ئوت قالاپ قىزىتىمىز (قالىغان ئۇتۇن تۇلۇق كۈيۈپ بۇلۇىشى شەرت)، ئاندىن مۇۋاپىق مىقتاردا تۇنۇرنىڭ ئىچكى يۈزىگە تەكشى تۇز سۇيى چېچىپ تۇنۇرنى تاۋلايمىز.
(3) مۇۋاپىق مىقتاردا باش پىيازنى ئاقلاپ، يۇيۇپ تازلاپ بولغاندىن كىيىن توغراپ(يۇمشاق) چانايمىز، ئاندىن قوي گۈشىنى قوينىڭ قۇرۇق مېيى ياكى ئىچ مېيىدىن مۇۋاپىق مىقتاردا توغراپ، پىيازغا ئارلاشتۇرۇپ قىيما قىلىمىز.
(4) تاۋلانغان خېمىرنى پەشخۇن ياكى ئەمبەلنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قول بىلەن بېسىپ ياكى كىچىك نوغۇچ بىلەن مۇۋاپىق تەكشى يايىمىز، ئاندىن ئالدىن تەييارلىغان قىيمىنى خېمىرنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ، خېمىر بىلەن بىرگە تۈرۈمىز، تۈرۈپ بۇلۇپ مۇۋاپىق مىقتاردا زوۋۇلا ئۈزۈپ، ئۈزگەن بىر تەرەپنى قول بىلەن بېسىپ چوڭايتىپ يۇمۇلاق (تۇلغان ئاي شەكلىگە كەلتۈرۈمىز)يالپاق قىلىمىز. يۇقارقى تەييارلىق ئىشلار تۇلۇق پۈتكەندىن كىيىن ناۋاي ئۇستام گېزىنىگە (گېزىنە مەخسۇس تەييارلانغان تۇلغان ئاي شەكىللىك دىئامىتىرى 20سانتىمىتىر ئەتىراپىدابولغان نان يېقىشتا ئىشلىتىدىغان سايمان) ئېلىپ تۇنۇرغا ياقىدۇ، بىرنى يېقىپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرنى ياقىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پىشقان ناننى ئۇدۇللۇق ئىلمەك بىلەن ئىلىپ تۇنۇردىن سۇيۇپ ئالىدۇ؛ مۇشۇنداق مەشخۇلات تەرتىپى بۇيىچە ئويغۇر چوڭ نانلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.. بۇ نانلارنى كىشىلەر ياخشى كۈرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان بۇلۇپ، يېراققا يۆتكەشكە ۋە ساقلاشقا ئەپسىز ئەمما دالا سەپىرىگە چىققاندا تولۇمۇ قولايلىق تاماق ھىساپلىنىدۇ.
ۋارىسلىق قىلغۇچىلار نەسەپنامىسى
بىرىنچى ئەۋلات ۋارىسلىق قىلغۇچى - ئىبراھىم قارى، 1870-يىللاردا تۇقسۇ ناھىيە بازار ئىچىدە كەسپى ناۋاي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 1910-يىللىرى ئۈلۈپ كەتكەن؛ ئۇ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قلپ، بىر ئۆمۈر ناۋايلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ئۆز ئوغلى تۇمۇر ئىبراھىم قاتارلىق 10دىن ئارتۇق شاگىرتلارنى تەربىيەلەپ ۋارىس قالدۇرغان.
ئىككىنچى ئەۋلات ۋارىسلىق قىلغۇچى - تۇمۇر ئىبراھىم، 1903-يىلى تۇقسۇ ناھىيە بازار ئىچىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ بىر ئۆمۈر ناۋايلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ئۆز ئوغلى ياسىن تۈمۈر، ئىمىن تۈمۈر ۋە نەۋرىسى مەھەممەت ئىمىن قاتارلىق 30دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلەپ، ۋارىس قالدۇرغان بۇلۇپ، 1988-يىلى ئۈلۈپ كەتكەن.
ئۈچىنچى ئەۋلات ۋارىسلىق قىلغۇچى - ياسىن تۈمۈر، 1952-تۇقسۇ بازار ئىچى رەستە كوچا تۈمۈر ئىبراھىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ھازىر ئىچئېرىق يېزا ئۇزۇن كوچا كەنىت 1-گورۇپ 126-قورودا ئولتۇرۇشلۇق، بۇ يىل 56ياش؛ ئۇ كىچىگىدىنلا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ بۇ كەسىپنى ئۆگۈنگەن ۋە بىر ئۆمۈر مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلمەكتە. مەھەممەتجان ئىمىن، 40 ياش 1968-يىلى توقسۇ بازار ئىچى رەستە كوچا ئمىن تۇمۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ھازىر تۇقسۇ بازار چوڭ كوچا شىمالىي شەھەر ئولتۇراق رايۇندا مەخسۇس كولەملەشكەن دۇكان ئېچىپ ناۋايلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا. ھازىر بۇ دۇكاندا 10غا يېقىن شاگىرت ۋە ئۇستاملار ئىشلەيدۇ.
ناننىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىگى
(1) ماتىرىيال جەھەتىتكى ئالاھىدىلىگى: تۇقسۇ ناھىيە سدە ئويغۇر نانلىرىنى يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ماتىريالىغا بىر قەدەر ئالاھىدە تەلەپ قۇيۇلدىغان بۇلۇپ، ئاق ئۇن ۋە باشقا قۇشۇمچە ماتىريالارغا بىر قەدەر ئالاھىدە تەلەپ قۇيۇلمىسىمۇ، سۇپەت جەھەتتە بۇلغانمىغان، سۈپەتلىك ئۇن بولسا، قۇشۇمچە ماتىرياللارمۇ سۈپەت ئولچىمىگە يىتىدىغان ماتىريال بولسا بۇلىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئاندىن بۇ بىرقانچە خىل ناننىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.
(2) مەدەنيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگى: مىللى يىمەكلىك(تائام) بۇلۇش سۇپىتى بىلەن، ئويغۇر تىلى سېستىمىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يىمەكلىك ئىستىمالى جەھەتتە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان بۇلۇشتەك خاسلىقىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئالاھىدە مىللىي خاسلىق ۋە قۇيۇق مىللىي تۇرمۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ، ئىستىمال جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە.
(3) ھۈنەر-سەنئەت ئالاھىدىلىگى: ئويغۇر نانلىرىنى يېقىش رايۇنىمىزدىكى ئويغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى كەسىپدارلارنىڭ قۇلىدا بىر قەدەر كەڭ دائىردە ساقلىنىپ قالغان بولسىىمۇ، تۇقسۇ ناھيەىسىنىڭ چوڭ نان، شىرمەن نان قاتارلىق نانلىرىنىڭ ئالاھىدە يۇقۇرى تېخنىكا ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنە بولمىسىمۇ ئەنئەنىۋى نان يېقىش ئۇسۇلى ۋە ئادەتتىكى يەرلىك ئۈسكۈنلەردىن پايدىلىنىپ ئىش قۇشۇش ئارقىلىقلا ئىشلەپ چىقارغىلى بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ، بۇرۇندىن خەلق ئىچىدە كەڭ ئۇمۇملاشقان بۇلسىمۇ، ھازىرقى زامانىۋى دەۋىر، ھەم يۇقۇرى ۋاقىت سۈرىتى تۈپەيلىدىن تېخنىكانىڭ ئومۇملۇقى يوقالغان؛ ئەمما بۇ قۇيۇق مىللىي ھۈنەر-سەنئەت ئالاھىدىلىگىگە ئىگە.
(4) مەھسۇلات ئالاھىدىلىگى: بۇ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت خاراكتىرىگە ئىگە بۇلۇپ، ۋارىسچانلىققا ئىگە، ھەم قەدىمىلىكنى ساقلاپ، سۈپەت جەھەتتىن ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن ھازىرقى زامانىنىڭ تەلىۋىگە لايىقلاشتۇرۇلغان، مىللىي تائام مەدەنيەت ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ، ئويغۇر مىللىتىنىڭلارلا ئەمەس، بەلكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىستىمال قىلىشىغا بۇلىدىغان ئالاھىدىلىگى بىلەن ئىنسانلار يىمەك-ئىچمەك مەدەىنيىتىدە بىر بوشلۇقنى تۇلدۇرۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ناننىڭ ئاساسى قىممىتى
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ تىپىك مەھسۇلاتى بولغان «تۇقسۇ ناھىيە چوڭ نان، قاتارلىق بىر يۈرۈش نانلار» - ناھىيىمىزنىڭ ئالاھىدە بىر خىل يەرلىك مەھسۇلاتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئويغۇر قول ھۈنەر سەنئىتىدە مۇھىم ئۇرۇن تۇتۇپلا قالماي، قىممەتلىك مۇنەۋۋەر خەلىق مەدەىنيىتىنىڭ بىرى بۇلۇپ، تەكشۈرۈپ قېزىش ئارقىلىق ئېنىقلانغان ئالاھىدە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە ھۈنەر-سەنئەت كەسپىدۇر.
(1) سەنئەتلىك قىممىتى: نان يېقىش (نان پۇشۇرۇش) ئۇسلوبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، گۈزەللىكى، مىللىي خاسلىقى بىلەن ھازىرقى زامان ئىستىمالىنىڭ گىرەلىشىشىى، بۇيۇم تۈرىنىڭ ئۆزگىچە تەم ۋە قۇۋۋەت بىرىش، قولايلىق بۇلۇشتىن ئىبارەت بۇيۇم شەكلىنىڭ رەڭگا-رەڭ، خىلمۇ-خىللىقى، تۇرمۇشقا يېقىنلىقى بىلەن، مەدەنيەت تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئالاھىدە ماددىي ۋە مەنىۋى قىممەتكە ئىگە بۇلۇپلا قالماي، ئىشلەپچىقىرىش (يېقىش) ئۇسلوبى، شەكلى، تېخنىكا تەرتىۋىنىڭ ئۆزگۈچىلىگى، ماتىريال-خام ئەشيا جەھەتتە پۇتۇنلەي خەلق ئىچىدە بۇلۇش ئالاھىدىلىگى، ئىشلەپچىقرىش ۋاستىللىرىنى بىۋاستە تەبىئەتتىن ئېلىپ ئاددىي تېخنىكىلىق قول ئەمگىكى بىلەن ياشاش ئۇسۇلى جەھەتتە ئالاھىدە تېۈىنىكا قىممەتكە ئىگە..
(2) ئىستىمال قىممىتى: ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشدا ئەڭ كوپ، ئەتىۋارلىق ئىستىمال بۇيۇمى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ۋاقىت زىچلىغىنى كېمەيتىش، ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇش، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشتا ناھايىتى قولايلىق يىمەكلىك بۇيۇم بۇلۇش ئالاھىدىلىگى بىلەن ئىنسانلار جەمىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يۇقۇرى ماددىي ۋە ئىستىمال قىممىتىكە ئىگە.
(3) مەدەنيەت قىممىتى: نان بىر خىل يىمەكلىك بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتلەرنىڭ ئىستىمالىغا ماس كېلىدىغان ئالاھىدىلىگى ۋە ئادەمنىڭ ئىشتىيىنى ئېچىپ، ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ئالاھىدىلىگى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە ماددىي ۋە مەنىۋىي قىممەتكە ئىگە

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 02:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقسۇلۇقلارنىڭمۇ نان يىقىشى ئۆزگىچىكەن،بىراق بۇ كىچىككىنە ناھىيدىمۇ شۇنچە كۆپ مىللەت باما،مەن قارىسام ئۇيغۇرلارلا بادەك

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

بىلىم-كۈچ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51391
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3526
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2011-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 02:33:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


نان-ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، كەڭ تارقالغان، تۈرى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار ھەر بىر نانغا ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ، نان ئۇيغۇرلار ئەقىل -پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. چۈنكى ناۋايچىلىق كوللېكتىپ ئەمگەكنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى قەدىمىيلىكىنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمال ئېڭى، مۇھىت ئېڭى، ئىپتىدائىي چۈشەنچە ئېڭى قاتارلىق كۆپ خىل ئاڭ چۈشەنچىسى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇلار ئۆزئارا زىچ گىرەلىشىپ، مۇكەممەل مەدەنىيەت سېستىمىسى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ناھايىتى تەرتىپلىك، ئۇلارنى ئىلگىرى -كېيىن قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. نانغا سېلىنغان قوشۇمچە خۇرۇچلارنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ناننىىڭ شەكلى، خېمىر تەييارلاش ئۇسۇلى، تونۇرغا يېقىش، پىشۇرۇش، ئىستېمال قىلىش جەريانلىرى يەنىلا تەبىئىيلىكنى ساقلاپ قالغان. خەلقىمىز نان مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى يوقاتمىغان مەدەنىيەتتۇر.

ئۇيغۇرلار ناننىڭ خۇرۇچلىرىغا غەيرىي خۇرۇچلارنىڭ ئارىلىشىپ كېلىشىنى قەتئىي خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ناننى ئۇلۇغلاش، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى، سالامەتلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئېڭى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر نانلىرىنى ساپ، پاكىز، تەبىئىي ئوزۇقلۇق دېيىشكە بولىدۇ. مەدەنىيەت چۈشەنچىسىدە ئادەمنىڭ ئېڭى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاڭ يۇقىرى بولمىسا ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنىڭ ھازىرقى بازار رىقابىتىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، بازاردا  پۇت تىرەپ تۇرغىلى، باشقا رايون، باشقا ئورۇنغا كېڭەيتىكىلى، ناننىڭ ساپ، پاكىز تەبىئىيلىكى، مىللىي خاسلىقىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغىلى، ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىنى نانغا جەلپ قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئېڭىنى سېستىمىلاشقان، قېلىپلاشقان ئاڭ چۈشەنچىسى دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر كىيىم -كېچەك، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، ئەدەبىيات- سەنئەت، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز خىلمۇ-خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. لېكىن ناننىڭ تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، تەسىرگە ئۇچرىمىدى، ھەتتا گۈل نەقىشلىرى چىكىلىپ سۈپىتى ياخشىلاندى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ناننىڭ يۈزىگە خىلمۇ -خىل گۈل نەقشىلىرى -چىكىلىپ سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىندى، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى -ئۇلۇغلاش ئېڭىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەللەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ نان ئىستېمال قىلىش ئادىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. قەدىمكى خارابە ۋە قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان نانغا دائىر تېپىلمىلار بۇ   پىكىرنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. قەدىمكى دەۋرلەردە ئىنسانلار ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە گۆشنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان، ئەمما گۆشنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ يېيىشكە، ئېلىپ يۈرۈشكە ئىمكان بولمىغانلىقتىن تۇرمۇشتا قىينالغان. ئۇلار ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى يولۇققان بۇ خىل قىيىنچىلىقنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغان. يەنى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۆزلىرى تېرىغان زىرائەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ماس ھالدا پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. نەتىجىدە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ  يېيىشكە، ئېلىپ يۈرۈشكە، خالىغان چاغدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ناننى ئىجاد قىلغان. دېمەك، ناننىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭى ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ناننى گۆش، سۈت، قايماق، ماي قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامدىغان. بىزنىڭ ھازىرقى يۇقىرى ئىستېمالىمىز ئەنە شۇ  ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرگەنلىكنىڭ تارىخىي نەتىجىسىدۇر.

تارىختىن بېرى نان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئۇلار يەنە قوي، ئۆچكە، كالا، قوتاز ، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇرلار ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ ئالدىغان ئەڭ ئالدى بىلەن نان ۋە چاي  قويىدۇ. تويى  بولغان قىز- يىگىتكە تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزىدۇ. ئۆزئارا تۇغقان يوقلاشلاردا ناننى داستىخانغا يۆگەپ ئاپىرىدۇ. قەدىمدە ئۇيغۇرلار ناننى «ئۇلۇغ  گۇۋاھچى» دەپ قاراپ قەسەم قىلىشقان. سودا-سېتىقتا «نان تەگسۇن» دېيىش ئارقىلىق، سېتىلغان مالنىڭ قارشى تەرەپكە پايدا يەتكۈزۈشىنى تىلىگەن. سەپەرگە چىققۇچىلارغا نان يوللۇق تۇتۇلغان.

نان ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا تارىختىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم غىزا بولۇپلا قالماي، يەنە ئىزچىل تۈردە تىجارەت ۋاستىسىمۇ بولغان. يېقىنقى زامانلاردا مەخسۇس كەسپلەشكەن ناۋايلار، نان سودىگەرلىرى بارلىققا كەلدى. ھازىر مەملىكەت ئىچى سىرتىدا ئۇيغۇر نانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.  

نانغا ئارىلاشتۇرۇلغان خۇرۇچلار ھەر خىل بولۇپ، بۇ ھال ناننىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇيغۇر  نانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ. تونۇرغا يېقىلغان نان تەمىنىڭ تاتلىقلىقى، قۇۋۋەتلىكلىكى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇپ  ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر نانلىرى خاسىيەتلىك يېمەكلىك. ئۇ مەيلى كېسەل، مەيلى ساق بولسۇن، ھەرقانداق كىشىگە ماس كېلىدۇ، زىيان قىلمايدۇ. ئۇنى ئۆمۈر بويى يىسىمۇ زېرىكمەيدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە، ناننىڭ ئادەم ئورگانىزىمىغا پايدىلىق تەرەپلىرى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. ناۋايچىلىق كەسپى توغرىسىدا، ئوزۇقشۇناسلار، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، تارىخشۇناسلار، ئارخېئولوگلار ناننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى، مەدەنىيەت قىممىتى، تارىخىي مەنبەسى، يىل دەۋرى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ خىزمەتلەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى مۇھىم نامايەندە بولغان ناننىڭ خەلقىئارادىكى قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغۇسى.

http://www.radioxj.com/show.aspx?id=15667&cid=6


‹‹ئىلىم-پەن ››ئۈندىدار سۇپىسىغا مەرھەمەت!
قوشۇۋېلېش ئىسمى:   ilimpan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76386
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3508
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 02:49:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانام ياققان ئاشۇ ناننى .ئاشۇ ناننى سىغىندىم   ..   ،...    ئاللا نىسپ قىلسا  بارغاندا بىر يەپ باقمىسام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 851
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6699
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 03:32:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82601
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 04:58:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ يىگۈم كەلدى ئاۋۇ نانلارنى ،،،، ئىپتارغىچە ساقلاي ئەمدى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6393
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5668 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 05:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇچارنىڭ نېنىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپتىكەنمەن .

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83599
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 06:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇچا نىڭ نانلىرىغا ئوخشايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83623
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3045
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2012-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 07:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم  دېدى  شۇ  ‹‹كۇچانىڭ نېنىغا ئوخشايدىكەن›› دىگەن گەپنى ....تەرەللە قىمماڭلا  ئەدەمنى..
. IMAG0112.jpg
مانە كۇچانىڭ نېنى  دىگەن مۇنداق بولدۇ.(. قارىم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuqalih تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 07:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 08:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
KURAX.JAN يوللىغان ۋاقتى  2012-8-8 05:51 PM
كۇچارنىڭ نېنىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپتىكەنمەن .

كۇچانىڭ نانلىرى بەك يوغان ، ئەمما بەكلا نېپىز ، ئۇمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۈنەر تەلەپ قىلىدۇ .
قارىغاندا ئۇنداق ناننى ياقىدىغان گەزنىمۇ بەك چوڭ بولسا كىرەك .

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش