مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1313|ئىنكاس: 15

تۇمارىس روھى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 01:27:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                  تۇمارىسنىڭ ئىران شاھى كەيخۇسرەۋگە ئىيتقان مەردانە سۆزلىرى

ئەي ھىيلىگەر، ماختانچاق پادىشا، بۇ يامان نىيتىڭدىن قايت. چۈنكى، بۇ قىلۋاتقان ئىشلىرىڭدىن ئۆزۇڭگە پايدا ياكى زەرەر يېتىشىنى بىلمەيسەن.تىنچ ۋە ئاسايىشلىق بىلەن ئۆز يۇرتۇڭغا ھۆكۇمرانلىق قىل،بىزنىڭ يۇرتىمىزنى ئۆزىمىزگە قويۇپ بەرگىن،ئەمما بىز بىلىمىزكى،سەن تىنىچلىقنى خالىمايسەن، شۇسەۋەپلىك سەن بۇ مەسلىھەتىمگە كىرمىسەڭ،ماسساگىتلار بىلەن توقۇنىشنى خالىساڭ ،كۆۋرۇك ياسايمەن، دەپ ئاۋارە بولما. بىزگە ئېيتساڭ بىز ساڭا دەخلى قىلماي دەريادىن ئۈچ كۈنلۈك يول يىراقلىققا كۆچۈپ كېتىمىز، بىمالال دەريادىن ئۆتسەڭ ئاندىن يۈزمۇ يۈز ئېلىشىمىز. ئەگەر سەن بىز بىلەن ئۆزۈڭ تۇرغان قىرغاقتا ئۇرۇشماقچى بولساڭ، ئۇنىمۇ ئېيت، بۇنىڭغىمۇ بىز رازى بولايلى، بىراق ھەرگىز نامەردلىك قىلما.
=           =                 =                               =                                =
ئەي قانخۇر كەيخۇسرەۋ، قىلغان ئىشىڭ بىلەن ماختانمايلا قوي، سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى يۈزمۇيۈز جەڭدە يەڭگىنىڭ يوق. سەن ئۇنى مەككارلىق بىلەن مەي ئىچۈرۈپ قولغا چۈشۈردۈڭ، ئۈزۈمدىن ياسالغان بۇ يارىماس ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كىيىن، سىلەرگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ مېڭىسى ئايلىنىپ، ئاغزىدىن سادى كىرىپ بادى چىقىدۇ. ئەمدى مېنىڭ مەسلىھەتىمگە كىر، ئوغلۇمنى ماڭا قايتۇرۇپ، زىيان-زەخمەتسىز كەلگەن يېرىڭگە قايتىپ كەت. ماسساگىت قوشۇنىنىڭ بىر قىسمىنى قولۇڭغا چۈشۈرگىنىڭ بىلەن ماختانمايلا قوي، ئەگەر سۆزۇمگە كىرمىسەڭ، ماسساگىتلار تەڭرىسى قۇياش نامى بىلەن قەسەمياد قىلىمەنكى ، مەن سەندەك ئاچكۆز قانخورنىڭ بېشىنى قان بىلەن سۇغىرمەن.
=                             =                                      =                     =
ئەي نامەرد كەيخۇسرەۋ، سەن مېنى، يەنى سېنى جەڭدە ھالال يېڭىپ چىققان بىر ئايالنى مەككارلىق بىلەن يۈرەك باغرى- ئوغلىدىن جۇدا قىلىپ، پەرزەنت دېغىدا كۆيدۈردۈڭ. سەن ئۆمۈر بويى قانغا تويمىدىڭ. مەن ماسساگىتلار تەڭرىسى ئالدىدا ئىچكەن قەسىمىمگە ئەمەل قىلىپ، سېنىڭ قانخور بېشىڭنى قان بىلەن سۇغاردىم. بىراۋنىڭ يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ، ئۆكتەملىك قىلغانلارنىڭ جازاسى شۇ.

مەنبە: ‹‹مەدەنىيەت كارۋانلىرى››شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى.2004-يىلى نەشىرى

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 01:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمارىس دىگەن ئىسىم ئىراندىن تارقىلىپتىكەندە

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

بىلىم-كۈچ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51391
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3526
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2011-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 02:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمارىس ئىرانلىق ئەمەس!
ئەكسىچە ئىران(پارس) شاھى -خىسراۋنى باش ئەگدۈرگەن باتۇر ئۇيغۇر قىزى!
بۇلارنى كۆرۈپ قويۇڭلار:
http://www.kitap.cn/docs/xiaoshouzhixing/2011/1204/258.html

http://anatuprak.com/adabiyat/nasir/2012-05-27/929.html

‹‹ئىلىم-پەن ››ئۈندىدار سۇپىسىغا مەرھەمەت!
قوشۇۋېلېش ئىسمى:   ilimpan

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10062
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 02:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمارىستىكى ئەرلەرگە خاس ھەتتا ئەرلەردىنمۇ بېسىپ چۈشىدىغان  جاسارەت ،باتۇرلۇق ،ئالغا ئىلگىرلەش روھى ھەرقانداق كىشىنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ.
كەيخىسرەۋ تۇمارىسنىڭ قوشۇنلىرىنى قولغا چۈشۈرمەك بولۇپ تۇمارىسقا توي قىلىش تەلىپىنى قويغاندا تۇمارىس بۇنىڭ بىر ھىلە ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان.كەيخىسرەۋ ھەرقانداق تەھتىد سالغاندىمۇ تۇمارىس قىلچە تەۋرەپ قويمىغان ،كەيخىسرەۋ تۇمارىسنى ئوغلىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىپ  ھىلە بىلەن تۇمارىس قوشۇنىنىڭ يېرىمىنى قولغا چۈشۈرگەندە بولسا تۇمارىس قەتئىيلىك بىلەن قىلغان قەسىمىگە ئەمەل قىلىپ كەيخىسرەۋ قوشۇنىنى يۈزمۇ يۈز مەغلۇپ قىلىپ لەشكەرلىرىگە كەيخىسرەۋنىڭ كاللىسىنى تېپىپ كىلىشنى بۇيرىغان شۇنداقلا كەيخسرەۋ ئالدىدا قىلغان ۋەدىسى بويىچە ،كەيخىسرەۋنىڭ كاللىسىنى قان بىلەن سۇغارغان...
بۇ تەپسىلاتلاردىن تۇمارىسنىڭ  تارىختا ئۆتكەن ئادىل پادىشاھ ئىكەنلىكىنى تەرىپلەپ تۈگەتكۈسىز مەدىھىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز.

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 02:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qog يوللىغان ۋاقتى  2012-8-8 01:55 PM
تۇمارىس دىگەن ئىسىم ئىراندىن تارقىلىپتىكەندە

ئۇنداق ئەمەس،  بۇ رىۋايەتلەر ئىران شاھىنىڭ ماسساگىتلار (كاسپى دىڭىزىنىڭ كۇن چىقىش تەرپى) زىمنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىكى ۋەقەلىك . تۇمارىسنىڭ ئىرىنىڭ ئۆلۇپ كەتكەنلىگىنى ئاڭلىغان ئىران شاھى تۇمارىسنى خوتۇن قىلىپ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىرشىشنى مەخسەت قىلغان. ۋە تۇمارىس بۇ تەلەپكە قوشۇلمىغاچقا ئۇرۇش باشلانغان.
بۇ تارىخ گىرىك تارىخچىسى ھىدورىتنىڭ ‹‹تارىخ››كىتاۋىدا  تونۇشتۇرۇلغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 03:16 PM  


خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 02:26:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇغداي يوللىغان ۋاقتى  2012-8-8 02:21 PM
مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس،  بۇ رىۋايەتلەر ئىران شاھىنىڭ ما ...

ئوۋ كەچۈرۈڭ،ئەمدى بىلىۋالدىم

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6594
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 02:55:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمارىسلار قىنى ؟ھازىرمۇ شۇنداق روھ بولغان بولسا ،
سادىر پالۋانلار قىنى ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 02:55 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 04:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمارىس رۇھى ئۆلمەس روھ. بەلكى مەڭگۈلۈك .
ھازىرمۇ جاي-جايلاردا قىزلىرىغا تۇمارىس دەپ ئىسىم قۇيىدىغان نۇرغۇن كىشىلرىمىز بار. ئۇندىن سىرت«تۇمارىس تىز تاماقخانىسى»«تۇمارىس خانىم-قىزلار كىيىم-كېچەك دۇككۇنى» دېگەندەك ۋىۋىسكىلارمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ بەزىلەرگەقارىماققا ئۇلۇق تۇمارىس نامىنى قالايمىقان قوللۇنۇپ دۇكانغا ئىسىم قىلىۋالغاندەك كۈرۈنىشىمۇ مۇكىن، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىرخىل ئەسلەش، خاتىرلەش، ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈش، كىشىلەرنىڭ تۇمارىسنى سۈيۈش، ئەسلەش ئېڭىنى داۋاملىق ئىسىدە تۇتۇدىغان قىلىش.
تۇمارىس دېگەن جاراڭلىق ئىسىم بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 04:31:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىران ئىلگىرىمۇ تاجاۋۇزچى دۆلەت ئىكەندە.
بىر كۈنلەردە شۇ تۇمارىسلار پەيدا بولۇپ تاجاۋۇزچىلارنىڭ بىشىنى قان بىلەن سۇغارغاي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 04:32 PM  


ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 04:56:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ھىكايىسىنى بۇرۇن ئوقۇپ بۇ ئايالغا بەك قايىل بولغانتىم. بۇ شۇ ھىكايىنىڭ بىر نەچچە يېرىدىكى سۆزلىگەن سۆزلىرى ئىكەن.

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش