باشلىقمەن
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
( بەزى « باشلىق »لىرىمغا تېز سىزما )
پىچاق تۇرۇپ قولۇمدا كەسمەيدىغان باشلىقمەن،
مۈگدپ يۈرۈپ- مۈدۈرۈپ ئەسنەيدىغان باشلىقمەن.
نېمە دېسە غوجىكام يىرماي ئەسلا سۆزىنى،
ئەزەلدىنلا قۇرساقنى ئەسمەيدىغان باشلىقمەن.
قاۋان قاترار ئىچىمدە كۈندەك كۈلۈپ تۇرساممۇ،
ئەل-ئاۋامنىڭ بەختىنى قەستلەيدىغان باشلىقمەن.
ئۇخلىساممۇ چۈشۈمدە يامىشىمەن شوتىغا،
ماڭسام-تۇرسام چوڭامنى ئەسلەيدىغان باشلىقمەن.
«خەلق ئۈچۈن...»بولسىمۇ شۇنچە ياڭراق شۇئارىم،
ھېچكىم ئۈچۈن رىيازەت چەكمەيدىغان باشلىقمەن.
ئەكەل دېسە بۆكىنى كەستىم شۇئان بېشىنى،
ئابرويۇمنى بىلمسەڭ رەتلەيدىغان باشلىقمەن.
تاغدا يولۋاس بولمىسا،شاھدۇر مايمۇن شۆھرەتلىك،
تېگىپ قويساڭ چىشىمغا خەپ!!! ...لەيدىغان باشلىقمەن.
تەكلىپ قىلدىم تۆت كۈنلۈك، سىلجىساڭلا سىزىقتىن،
باشقىلارنى ئورنۇڭغا سەپلەيدىغان باشلىقمەن.
ئېيتىپ ھەممە دەردىڭنى، ئىزھار قىلىپ قەلبىڭنى،
كەلمىسەڭلا قۇرۇق قول، تەپمەيدىغان باشلىقمەن.
يەڭگەم دېمەي ئامالىڭ بارمۇ ئاكاڭ ئالغاننى،
تىزلانمىساڭ كىم بولما يەكلەيدىغان باشلىقمەن.
ئىش ھەققىڭمۇ قولۇمدا، ئاغرىپ ياتساڭ رۇخسەت يوق،
كۈندە ئون ۋاخ سان ئېلىپ خەتلەيدىغان باشلىقمەن.
بۇيرىغاننى قىلىشىڭ زۆرۈر ھېچبىر شەرت قويماي،
بويۇنتاۋلىق قىلغاننى ئەپلەيدىغان باشلىقمەن.
خوش-خوش بىلەن يۈكۈنۈپ ياشاپ كەلدىم شادىمان،
چڭگىلىكتەك يامىشىپ كۆكلەيدىغان باشلىقمەن.
بىلىمىنى بەش قىلغان، قوي-كالىنى بەش قىلغان،
دانىشمەنگە ئوقۇمنى بەتلەيدىغان باشلىقمەن.
ۋەتەن-ئەل دەپ سۆزلەيمەن، نەپسىمنىلا كۆزلەيمەن,
پايدا يەتكەن جايدىن ھېچ كەتمەيدىغان باشلىقمەن.
خىزمەت نورمام ئاشتى دەپ زارلاشلىرىڭ بەرىبىر،
ۋەزىپىنى ئاشۇنداق يۈكلەيدىغان باشلىقمەن.
يەۋېلىپلا مۈشۈكتەك يۇمۇۋېلىپ كۆزۈمنى،
قىلماي ئەسلا يۈزۈڭنى سەتلەيدىغان باشلىقمەن.
پەش قىلمىغىن ۋالاقلاپ نوپۇزىنى كىملەرنىڭ،
پەيتى كەلسە قانۇندىن چەتنەيدىغان باشلىقمەن.
ئەمەل ئۈچۈن تىپىرلاپ تالاي بەدەل تۆلىدىم،
نېمىشقىكىن-تاڭ يەنە ئۆسمەيدىغان باشلىقمەن.
گويا يىپسىز لەگلەكمەن تىزگىنى يوق قوللاردا،
ئۇچۇپ ھەر يان سۇندۇكتەك پەسلەيدىغان باشلىقمەن.
2012-يىل ئاۋغۇست، قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 01:01 PM