مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2651|ئىنكاس: 35

ئوقوغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا قويغان تەكلىپى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 10:37:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                  ئوقوغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا قويغان تەكلىپى

         1. ئەگەر سىزنىڭ دەرسىڭىز جانلىق، ئىخچام بولسا،مەن ئۈگدەپ قالمايمەن.
           2. دەرسخانىغا خۇشخۇي كىرسىڭز.
            3. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بىزگە دوستانە مۇئامىلىدە بولسىڭىز.
             4. بىزگە دەرس ۋاختىدىلا ئەمەس، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ ئۆلگە بولسىڭىز.
             5. سىزنىڭ بىر تەبەسسۇمىڭىز ماڭا بىر ئۆلۈش ئىشەنچ بېغىشلايدۇ.
              6. ماڭا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ، مەن كارامەت ياخشى.
             7.بىزنى پىششق تىل بىلەن تەربىلەڭ.
             8. داۋاملىق يامغۇر يېغىپ نەمخۇش كۈن بولسا، گۈل ياخشى ئېچىلمايدۇ.
              9. ماڭا تەكلىپنى كۆپرەك،بۇيرۇقنى ئازراق بەرگەن بولسىڭز.
             10.بىز سىزنى سۆيىمىز ھەم ئازراق قورقىمىز،بىزدە سۆيۈشنى قالدۇرۇپ قويۇپ، قورقۇشنى ھەيدىۋىتىڭ.
              11. ھەربىر ئوقۇغۇچىنى سۆيسىڭىز، ھەممە ئوغۇچىنىڭ سۆيۈشىگە ئىرىشەلەيسىز.
                12.ئوقۇغۇچىلاردىن ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ياخشى قىلسىڭىز.
                13. ئىناۋەت قورقۇشتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ.
                  14.ئوقوغۇچى تەربىلەشتە غۇنچىنى توزۇتۇشنىڭ، شامنى كۈل قىلىۋىتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
                 15.سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراشنى ئۈگۈنىۋىلىڭ.
                      مەنبە،كۈندىلىك خاتىرەمدىن.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12285
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2688 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:06:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.كەچۈرۈڭ مەن بۇنىڭدىن كېيىن چۇقۇم شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن .
2.شۇنداق قىلسام بولاتتى بىراق ئەتتىگەندە مەكتەپ مۇدىردىن ئورۇنسىز قوپال گەپ ئاڭلىدىم ، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەستى.
3.بۇنىڭدىن كېيىن چۇقۇم شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن بىراق سىلەرنىڭ مېنى ھۆرمەتلىمەسلىگىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن .
4.بولىدۇ مەن ھەربىر ئىش-پائالىيەت ، ھەر بىر گەپ-سۆزۈمدە سىلەرگە ئۈلگە بولۇمەن .
5.ئۇزۇن يىللىق خىزمەت بېسىمى مەندىكى تەبەسسۇملارنى يوق قىلىۋەتتى ، مەن بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئۈچۈن بولسىمۇ تەبەسسۇم قىلىشقا تىرىشىمەن .
6.ۋاي شۇنداقمۇ مەن ئەجەپ ھىس قىلماپتىمەن ، دىققەت قىلاي.
7.كەچۈرۈڭلار ئەسلىدىنلا ئاساسىم ئاجىز ئىدى مەن مەن................
8.ئىشىنىڭ ھاۋا چۇقۇم ئېچىلىدۇ.
9.بولىدۇ مەن كەيپىياتىمنى تەڭشەي .
10.بولىدۇ مەن ئورۇنداي.
11.ئوقۇغۇچىنى سۈيۈش ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ خىسلىتى سىلەر خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىلەر .
12.بولىدۇ مەن دىققەت قىلاي .
13.ئەلۋەتتە.
14.ئۇنداق ئەمەسقۇ.
15.بورنىڭ چاڭ-تۇزانلىرى سالامەتلىككە پايدا قىلمايدىغانلىغىنى بىلمەپتىمەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
باھادىر + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:43:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئىنتايىن ياخشى قۇيۇلۇپتۇ بۇ تەلەپلەر

تۈمەن ئۆركىشى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18242
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10281 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:45:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4194
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1739 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:57:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kamran يوللىغان ۋاقتى  2012-8-8 11:06 AM
1.كەچۈرۈڭ مەن بۇنىڭدىن كېيىن چۇقۇم شۇنداق قىلىشقا تىرى ...

جاۋاپنى ناھايتى ياخشى بېرىپسىز ،سىز ئۇقۇتقۇچى ئۇخشايسىز قارغاندا

سەھرايىمنى سۈيىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 906 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 12:20:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخەتجان ئاكا سىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىڭىزدىكى ئىسىل يازمىلىرىڭىزنىڭ مۇنبىرىمىز سۇپىسىغا بىر بىرلەپ چىقىشىغا تىلەكداشمىز.

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3846
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 12:50:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەكلىپتىن قارىغاندا ئوقۇتقۇچىسى پىنسىيىگە چىقىۋالسىمۇ بولىدىكەن

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5735
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 12:51:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان تەكلىپ!

بىيجىڭ مىللەتلەر  ئونۋىرسستىتى 2103-يىللىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش باشلاندى. بۇ يەرنى بىسىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4365
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 01:23:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7241
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2408 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 01:42:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇنداق قىلغۇسى يوق؟ كىمنىڭ بېرىلىپ دەرس ئۆتكۈسى يوق؟
(يېزا ئوقۇتقۇچىسى) ئەتتىگەندە كېچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئورۇن تالىشىپ ماشىنىغا چىقىدۇ. ئەمما، يەنىلا خۇشال كەيپىياتتا مەكتەپكە كېلەلەيدۇ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قۇرۇق يىغىنلىرىنى ئاڭلاپ، كەيپىيات 30 پىرسەنت تۆۋەنلەيدۇ. دەرس تەييارلىغاچ مەكتەپ تاپشۇرغان بىر قاتار تۈگنمەس ئارخىپ، رەسمىيەتلەرنى قانداق قىلىپ، قانداق ۋاقىتتا تۈگىتىپ بولۇشنىڭ غېمىغا چۈشىدۇ. دەرسكىمۇ كىرىدۇ. ئوچۇق چىراي ئېچىپ كىردى، ئەمما، سىنىپتىكى بىزەڭ، كەپسىز بالىلار كۆڭلىدە« بۈگۈن بۇ ئوقۇتقۇچىنى خاپا قىلساقمۇ خاپا بولمىغۇدەك» دەپ ئويلىشىدۇ دە، قەستەن دەرس ئىنتىزامىنى بۇزىدۇ. ئوقۇتقۇچى تەربىيە قىلسا ئوقۇتقۇچىغا يانىدۇ، ئوقۇتقۇچى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش، ئىناۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىنى ئەدەپلەيدۇ. ئاندىن ئوقۇغۇچى ئالدى كەينىگە قارىماي مەكتەپتىن چىقىپ كېتىدۇ. شۇندىن كىيىن تۆۋەندىكى 3 خىل ئەھۋال يۈز  بېرىدۇ:
1. ئۇ ئوقۇغۇچى شۇ چىقىپ كەتكەنچە مەكتەپكە كەلمەيدۇ. ئاتا ئانىسىغا«ئۇنداق مەكتەپتە ئوقۇغىچە ئۆلىۋالىمەن» دەپ قوقاق سالىدۇ(چۈنكى ئاتا ئانىسىمۇ مەكتەپتە شۇنداق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بالىسى بىلەن كارى بولمايدۇ). شۇنىڭ بىلەن ئاتا ئانىسى مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىدۇ، جىدەل چوڭىيىدۇ، ئوقۇتقۇچى ناماقۇل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى قاششاقنىڭ بالىسى ئەتىسى غالىپ گېنرالدەك گىدەيگىنىچە سىنىپقا كىرىپ قىلغۇلىقىنى يەنە قىلىدۇ. كەنت مۇدىرى ياكى شۇنداق بىرەر مىراخورنىڭ بالىسى بولوپ قالسۇن، ئىشنىڭ چوڭى چىقىدۇ. ئوقۇتقۇچى تۆلەيدىغان جەرىمانىنى تۆلەيدۇ، ئاچچىقىدا قەسەمياد قىلىدۇ: خەپ، دەرس ئۆتمىسەممۇ ئۆتمەي، ئوقۇغۇچۇم سىنىپتىن يامانلاپ چىقىپ كەتمىسىلا بولدى!....
2. بالا ئەتىسى يۇۋاشلاپ قايتىپ كېلىدۇ، لېكىن شۇندىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى ئېلىك ئالمايدۇ، بارغانسېرى بىزەڭلىشىپ كېتىدۇ(دادىسىنىڭ مىجەزى چۇس، ئەسكى بولوپ، دادىسىدىن دەشنام يىگەن بولۇشى مۇمكىن)
3. ئەتىسى قايتىپ كېلىدۇ، شۇندىن باشلاپ دەرسكە باشچىلاپ كىرىشىپ كېتىدۇ، ئوقۇتقۇچىنى رازى قىلىشقا تېرىشىدۇ(ئاتا ئانىسى خىېلى ئاق قارىنى پەرق ئىتەلەيدىغانلار)

ھازىر مائارىپتا شەكىلۋازلىق ئەۋج ئالدى، ئىمتىھان مائارىپى پۈتۈنلەي قاپلىدى، ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىزغا چىققان 1- كۈنىدىن باشلاپلا فىئوداللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ: بىر بولسا ئاتالمىش قوش تىل سىنىپىغا ئايرىلىپ ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولىدۇ: 3 ۋاق تاماق بار، ئەمگەك ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ، چوڭ تازىلىق ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ، بىر بولسا ئادەتتىكى سىنىپقا ۋەياكى كەسپىي سىنىپ دەيدىغان سىنىپقا ئايرىلىدۇ، مەكتەپنى كۆكەرتىش، مەيدان تۈزلەش، يېزا باشلىقىلىرىنىڭ يەرلىرىنى تېرىش، كىپىزىنى تېرىپ بېرىش، قونىقىنى ئورۇپ بېرىش............ تەك ھاشارغا سېلىنىدۇ. بۇنداق سىنىپقا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھەرقانچە قىلسىمۇ ئۇ بالىلارنى يىتەكلەشكە ئامالسىز قالىدۇ، يىل ئاخىرىدىكى باھالاشتا ئارقىدا چىقىدۇ، مەكتەپكە كەلمەيدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق سىنىپتا، بالىلار كەلمىسە ئۆيىگە بارىدىغان گەپ، ئاتا ئانىلىرى كەنتنىڭ ئەڭ ئاددى كادىرلىرىنى ئەۋلىيا، پەيغەمبەر ئورنىدا كۆرىدۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىنى قېتىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ. بىرىنچى قېتىم ھە ماقۇل، دەيدۇ. ئىككىنچى قېتىم ئوقۇتقۇچىنى تىللايدۇ، ھەتتا قول تەگكۈزىدۇ.......
بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىشكە، خىزمەتتىن زېرىكىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېمىدا دىيىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا ئامالسىز قالىدۇ.

مېنىڭ دىگەنلىرىم بەلكىم ئايرىم ئەھۋالدۇ، ئەمما، يۇقارقى سەۋەبلەرنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاشۇ تەلىپىنى ئورۇنداشقا ئامالسىز قېلىشىغا مەلۇم تەسىر كۆرسۈتىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
8bahar + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش