بۇ قانداق «تىجارەت» ؟
ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدىن بەرگەن ئاشقازان ياللۇغىنىڭ دورىسى تۈگەپ كەتكىنىگە بىر قانچە كۈنلەر بولۇپ قالغان ئىدى، دورىخانىلاردىن تېپىلىپ قالسا ئاجەپ ئەمەس دەپ، دورىنىڭ قېپىنى ئېلىپ، ناھىيىمىزدىكى بىر دورا دۇككىنىغا كىردىم. ئىشىك بېشىدىكى « XXX مۇقىم باھالىق چوڭ دورىخانىسى»، « ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى بەلگىلەنگەن دورىخانا » دېگەندەك تاختايلار كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان، يەر ئاستىغا ئورۇنلاشقان بۇ دورىخانىنىڭ ئىچىمۇ چوڭ، دورىلىرىمۇ ناھىيىتى كۆپ ئىدى، دورا پۇكىيىگە زەن سېلىپ، كېرەكلىك دورىنى ئىزدەشكە باشلىدىم.
-سىزگە قانداق دورا كېرەكتى ؟
بېشىمنى كۆتىرىپ قارىسام، يېنىمدا بىر قىز تۇرۇپتۇ.بۇ يەردە ياللىنىپ ئىشلىسە كېرەك، ئۇزايىدىن ھارغىنلىقى چىقىپ تۇراتتى.
- مۇشۇ دورا لازىم ئىدى.
دورىنىڭ قېپىنى قىزغا بەردىم. ئۇ دورا قېپىغا مۇنداقلا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
- بۇ دورىنىڭ ئۆزى يوق، لېكىن ئۈنۈمى ۋە تەسىرى مۇشۇ دورىغا ئوپئوخشاش دورىلاردىن بار،- دەپ بىردەمدىلا بىر قانچە ئون قاپتەك دورىنى مەن تۇرغان پۇكەيگە تۆكمە قىلىۋەتتى. مەن بۇنداق رەڭۋازلىقنى جىق كۆرۈپ كەتكەچكە:
- مۇشۇ دورىنىڭ ئۆزى بولمىسا بولمايدۇ. بۇ يەردە بولمىسا، باشقا دورىخنىلارغا چىقىپ باقاي،-دەپ قىزنىڭ قولىدىكى دورا قېپىنى ئېلىۋېلىپ، چىقىپ كىتىشكە تەمشەلدىم.
-باشقا دورىلار لازىم ئەمەسمۇ ؟
-ياق.
-باشقا نەرسىلەرچۇ ؟
قىزنىڭ سۇئالىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ:
- قانداق نەرسىلەر؟-دەپ ياندۇرۇپ سورىدىم.
- يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن قانداق نەرسە لازىم بولسا، داۋالىنىش كىنىشكىسىگە بېرىمىز،-دېدى قىز مەخپى سودا قىلىۋاتقاندەك ئاھاڭدا ئاۋازىنى پەسلىتىپ.
دورىخانىدا بۇنداق نەرسىلەرنىڭمۇ سېتىلىدىغانلىقىنى مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن، شۇڭا سەل-پەل تەمتىرەپ قالغاندەك بولۇپ گەپ-سۆز قىلالماي تۇرۇپ قالدىم.
قىز ئىشىك تۈۋىدە بىر قانچە خېرىدار بىلەن ھېساب-كىتاب قىلىۋاتقان ئەر-خوتۇن خوجايىنىغا بىر قارىۋەتتى، خوجايىنلارمۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراۋاتاتتى. دېمەك، ئۇلار دورىخانىغا كىرگەن ھەرقانداق خېرىدارنى قۇرۇق چىقارمايدىكەن-دە !
-قانداق نەرسىلەر بار، ئۇچۇقراق دەڭا، مەن تازا چۈشىنەلمىدىم.
ـ «ئارمان»، «ئىخلاس» مەھسۇلاتلىرى بار، مەسىلەن، قۇۋۋەت تالقىنى، فىرىما دېگەندەك، يەنە ھەر خىل چايلار بار، سوپۇن پاراشوگى، چاچ سوپۇنى، لۆڭگە، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى دېگەن نەرسىلەرمۇ بار، تاللا بازىرىدىكىگە قارىغاندا شۇ 4-5 يۈەنلا قىممەت ساتىمىز،-قىز ئەتراپقا يەنە بىر قېتىم قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاۋازىنى تېخىمۇ پەسلەتتى،- داۋالىنىش كارتىسىدىكى ھېسابنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپمۇ بېرىمىز، 100 يۈەنگە 25 يۈەن تۇتۇۋالىمىز. يەنى كارتىڭىزدىن 250 يۈەنلىك ھېساب ئاغدۇرۇپ، قولىڭىزغا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىمىز !
گەپ ئەمدى ئايدىڭ بولغانىدى، «غۇژژىدە» ئاچچىقىم كەلگەندەك بولدى، بۇ قاراپ تۇرۇپ خەقنى قاقتى- سوقتى قىلىشقۇ ؟! داۋالىنىش كارتىسىدىكى پۇلمۇ ئۆزىمىزنىڭ پۇلى تۇرسا، نېمە دەپ قىممەت ئالغۇدەكمىز ؟!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دورا دۇككىنى بولغاندىكىن، چوقۇم دورا سېتىشى كېرەك-تە ! بۈگۈن دورا دۇكانلىرى يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتسا، ئەتە قوپۇپ، تاللا بازارلىرى دورا ساتىدۇ، ئۇ چاغدا بۇ جاھان نېمە بوپ كېتەر ؟!
- بولدى، ماڭا ھېچنېمە لازىم ئەمەس !
قىزنىڭ يېلىنىش چىقىپ تۇرغان ئىلتىجالىق كۆزلىرىگە ھەم بېزەڭلىك بىلەن يەنە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي چىقىپ كەتتىم.
بۇ قانداق تىجارەت ئەمدى؟!...
مەنبەسى :ئۇنتۇلغاق سەپەرۋاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-8 01:57 AM