مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1169|ئىنكاس: 12

تۈزۈتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شاھزادە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6774
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 09:13:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1979-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنى 5-قىتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتىيى دائىمى كومتېتىنىڭ 2-قىتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.1996-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 8-قىتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-قېتىملىق يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارىغا ئاساسەن 1-قىتىم تۈزۈتىلگەن.2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۇنى 11-قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى  5-قىتىملىق يىغىنىنىڭ ««جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» غا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارىغا ئاساسەن 1-قىتىم تۈزۈتىلگەن.2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن باشلاپ يۇلغا قۇيۇلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 09:33 PM  


شاھزادە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6774
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 09:22:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى


1979-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنى 5-قىتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتىيى دائىمى كۇمۇتىتىنىڭ 2-قىتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.1996-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۇنى 8-قىتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-قىتىملىق يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋاقانۇنى» غا تۇزۇتۇش كىرگۇزۇش ھەققىدىكى قاراىغا ئاساسەن 1-قىتىم تۇزۇتۇلگەن.2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۇنى 11-قىتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى  5-قىتىملىق يىغىنىنىڭ ««جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋاقانۇنى» غا تۇزۇتۇش كىرگۇزۇش ھەققىدىكى قاراىغا ئاساسەن 1-قىتىم تۇزۇتۇلگەن.2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن باشلاپ يۇلغا قۇيۇلىدۇ.
  بىرىنچى قىسىم ئومۇمىي پرىنسىپ
1- باب ۋەزىپە ۋە ئاساسىي پرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش، خەلقنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ۋەزىپىسى – جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ توغرا، ۋاقتىدا ئېنىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇننى توغرا تەتبىقلاش، جىنايەتچىلەرنى جازالاش، جىنايىتى يوقلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارغا قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، جىنايى قىلمىشلارغا قارشى پائال كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، بۇنىڭ بىلەن سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى قوغداش،كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال – مۈلۈك ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
3-ماددا جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا تەھقىقلەش، توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش، تەييارلىق سوراق ئىشلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەسئۇل بولىدۇ. تەپتىش قىلىنىدىغان، قولغا ئېلىش تەستىقلىنىدىغان، تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولارنى تەھقىقلەش، ئەيىبلەش ئىشلىرىغا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. سوت قىلىشقا خەلق سوت مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھەرقانداق ئورگان، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ بۇ ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى يوق.
خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا مۇشۇ قانۇندىكى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى شەرت
  4 –ماددا ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئوخشاش ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ.
5- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.
6- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئاممىغا تايىنىشى، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشى شەرت. قانۇن ھەممە پۇقراغا باپباراۋەر تەتبىقلىنىدۇ، قانۇن ئالدىدا ھەرقانداق ئىمتىيازنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
7- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، بىر – بىرىگە ماسلىشىپ ۋە بىر – بىرىنى چەكلەپ، قانۇننىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
8- ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا قانۇن بويىچە قانۇن نازارەتچىلىكى يۈرگۈزىدۇ.
9- ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقى بىلەن دەۋالىشىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم.
ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن سوراق قىلىنىشى، ھۆكۈمەتنامە، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەر شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان يېزىق بىلەن جاكارلىنىشى كېرەك.
10- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى سوت قىلىشتا، سوتنى ئىككى دەرىجىلىك سوت بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
11- ماددا قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى پۈتۈنلەي ئوچۇق سوت قىلىدۇ. جاۋابكارلار ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋابكارلارنىڭ ئاقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.
12- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمنى جىنايىتى بار دەپ بېكىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
13-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى سوت قىلىشتا مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، خەلق زاسېداتىللىرى زاسېداتىللىق قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
14-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ،جاۋاپكارنىڭ ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ھۇقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
15-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جىنايى جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، سۈرۈشتۈرۈلگەنلىرىنىڭ دېلوسى بىكار قىلىنىدۇ ياكى ئەيىبلەنمەيدۇ ياكى سوت قىلىش ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ياكى ئۇلار جىنايەتسىز دەپ جاكارلىنىدۇ:
(1) قىلمىشى كۆرۈنەرلىك ھالدا يېنىك، زىيىنى كىچىك بولۇپ، جىنايەت دەپ قارالمىسا؛
(2) جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىت چېكى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛
(3) جىنايى جازا ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنغان بولسا؛
(4) جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە دەۋا قىلىنغاندىلا سورىلىدىغان جىنايەتلەر ئۈستىدىن دەۋا قىلىنمىغان ياكى دەۋادىن يېنىۋېلىنغان بولسا؛
(5) جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛
(6) باشقا قانۇنلاردا جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولسا.
  16- چەت ئەللىكلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
دىپلوماتىيە ئىمتىيازىدىن ۋە كەچۈرۈم ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان چەت ئەللىكلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىشى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىنىدۇ.
17- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ياكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا بىنائەن، ئېلىمىزنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن چەت ئەل ئەدلىيە ئورگانلىرى جىنايى ئىشلاردا ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىلتىماسى قىلسا بولىدۇ.

2-باب باشقۇرۇش تەۋەلىكى

18- ماددا جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلەيدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز سولىغان، قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرغان، ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغان، قانۇنسىز ئاختۇرغانلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش جىنايىتى، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش جىنايىتى، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ. دۆلەت ئورگىن خادىملىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان باشقا چوڭ – چوڭ جىنايەت دېلولىرىدىنى خەلق تەپتىش مەھكىىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىسە بولىدۇ. بىۋاسىتە دەۋا قىلىنغان دېلولارنى خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدۇ.
19- ماددا 1- سوت ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، ئەمما مۇشۇ قانۇن بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
20- ماددا 1 – سوت جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ:
(1) ئەكسىلئىنقىلابىي دېلولار، تىرۇرلۇق ھەركەت دېلولىرى؛
(2) مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرى؛
(3) جىنايەت ئۆتكۈزگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرى.
21- ماددا 1- سوت جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن ئۆلكە )ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر( بويىچە چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى ھېسابلىنىدىغانلىرى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
22- ماددا 1 – سوت جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن مەملىكەت بويىچە چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى ھېسابلىنىدىغانلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
23- ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا تۆۋەن دەرىجىلىك خەل سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 1 – سوت جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلسا بولىدۇ؛ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى 1 – سوت جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ، مۇرەككەپ دېلو دەپ ھېسابلىغانلىرىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
24- ماددا جىنايى ئىشلار دېلولىرى جىنايەت سادىر بولغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولسا، جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسىمۇ بولىدۇ.
25- ماددا تەڭ دەرىجىلىك بىرنەچچە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېلولارنى دەسلەپتە قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇ ئاساسىي جىنايەت سادىر بولغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە بولىدۇ.
26- ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئېنىق دېلولارنى سوت قىلىشقا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى بېكىتسە بولىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنى باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى بېكىتسىمۇ بولىدۇ.
27- ماددا مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

3- باب چەتلەپ تۇرۇش

28- ماددا سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى ۋە تەھقىقلىگۈچى خادىملاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار، شۇنىڭدەك دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
(1)شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار ياكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا؛
(2) ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛
(3) شۇ دېلو گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسى بولغان بولسا؛
(4) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا.
29- ماددا سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى ۋە تەھقىقلىگۈچى خادىملارنىڭ دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلار ھاۋالە قىلغان كىشىلەرنىڭ مېھماندارچىلىقىنى ۋە سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلار ھاۋالە قىلغان كىشىلەر بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى ۋە تەھقىقلىگۈچى خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
30- ماددا سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى ۋە تەھقىقلىگۈچى خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى مەھكىمە باشلىقى، باش تەپتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى قارار قىلىدۇ؛ مەھكىمە باشلىقىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى شۇ مەھكىمىنىڭ سوت ھەيئىتى قارار قىلىدۇ؛ باش تەپتىشنىڭ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ھەيئىتى قارار قىلىدۇ. تەھقىقلىگۈچى خادىملار ئۆزىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشى قارار قىلىنىشتىن ئىلگىرى، دېلونى تەقىقلەشنى توختىتىپ قويسا بولمايدۇ. چەتلەپ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى رەت قىلىش قارارىنى بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
31-ماددا مۇشۇ باپتىكى چەتلەپ تۇرۇشقا توغرسىدىكى بەلگىلىمە پۇتۇكچى ،تەرجىمان ۋە باھالىغىچلارغىمۇ تەدبىقلىنىدۇ .
ئاقلىغۇچى ،دەۋا ۋاكالەتچىلىرى مۇشۇ باپتىكى بەلگىىلىمە بۇيىنچە چەتلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلسا ،قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
4-باپ ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك
32-ماددا جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ئاقلىنىش ھوقۇقىنى ئۆزى يۈرگۈزۈشتىن تاشقىرى، بىر – ئىككى ئادەمنى ئاقلىغۇچىلىققا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. تۆۋەندىكى كىشىلەر ئاقلىغۇچىلىققا ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ:
(1) ئادۋوكات؛
(2) خەلق تەشكىلاتلىرى ياكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ئىشلەيدىغان ئورۇن كۆرسەتكەن كىشى؛
(3) جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ ۋەسىيسى، تۇغقىنى ۋە دوستى.
جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياكى قانۇن بويىچە جىسمانىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغانلار ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەنلەر ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدۇ.
33-ماددا جىنايەت گۇماندارى تەھقىقلىگۇچى ئۇرگان تەرىپىدىن تۇنجى قىتىم سوئال سورالغاندا ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرى قۇللىنىلغان كۇندىن باشلاپ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق .تەھقىقلەش مەزگىلىدە ئادۇۋكاتنىلا ئاقلىغۇچىلىققا ھاۋالە قىلالايدۇ. جاۋاپكار ھەر ۋاقىت ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
تەھقىقلۇگۇچى ئورگان جىنايەت گۇماندارىدىن تۇنجى قىتىم سوئال سورىغان ياكى مەجبۇرلاش تەدبىر قۇللانغاندا ،جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرىشى كىرەك .خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلەشنى تەكشۇرۇشكە ئۆتكۇزۇپ بەرگەن دىلۇل ماتىرياللىرنى تاپشۇرۋالغان كۇندىن باشلاپ ئۇچ كۇن ئىچىدە جىنايەت گۇماندارىغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى كىرەك .خەلق سوت مەھكىمىسى دىلۇنى تاپشۇرۋالغان كۇندىن باشلاپ ئۇچ كۇن ئىچىدە جىنايەت گۇماندارىغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇشى كىرەك .جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار قاماقتىكى مەزگىلدە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلغان بولسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،ج خ ئۇرگىنى ئۇلارنىڭ تەلىپنى ۋاقتىدا يەتكۇزۇپ بىرىشى كىرەك .
جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار قاماقلىق بولسا ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرى يىقىن ئۇرۇق تۇققانلىرى ئاقلىغۇچىغاھاۋالە قىلسا بولىدۇ .
ئاقلىغۇچى جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكارنىڭ ھاۋالىسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن دىلۇ بىجىرگۇچى ئۇرگانغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرىشى كىرەك .
34-ماددا جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئاقلىغۇچىغاھاۋالە قىلالمىسا ،ئۆزى ياكى يىقىن ئۇرۇق تۇققانلىرى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .قانۇن ياردىمى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئادۇۋكات ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئاقلىشى كىرەك.
جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار ئەما ، گاس ،گاچا تۇنۇش ياكى ئۆز ھەركىتىنى كۇنتۇرۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تۇلۇق يۇقاتمىغان روھى كىسەل بۇلۇپ ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا خەلق سوت مەھكىمىسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمسى ،جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئادۇۋكات ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئاقلاشنى ئۇقتۇرۇشى كىرەك .
جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار ئۇلۇم جازاسى ھۆكۇم قىلىنىش ئىھتىمالى بولغانلىقتىن ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا ،خەلق سوت مەھكىمىىسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئادۇۋكات ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئاقلاشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش كىرەك .
35-ماددا ئاقلىغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى – پاكىتقا ۋە قانۇنغا ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ جىنايەتسىز، جىنايىتىنىڭ يېنىك ئىكەنلىكىنى ياكى ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە، كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ماتېرىيال ۋە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ دەۋا ھۇقۇقى ۋە باشقا  قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش.
36-ماددا ئادۇۋكات تەھقىقلەش مەزگىلىدە جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلىسە ،ۋاكالىتەن ئەرىز قىلسا ،شىكايەت قىلسا ،مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا ،تەھقىقلىگۇچى ئورگاندىن جىنايەت گۇماندارى چىتىلىپ قالغان جىنايەت ۋە دىلۇغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بىلسە پىكرىنى ئۇتتۇرغا قويسا بولىدۇ .
37-ماددا ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار بىلەن كۇرۇشسە ۋە خەت ئالاقىسى قىلسا بولىدۇ .باشقا ئاقلىغۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋاپكار بىلەن كۇرۇشسە بولىدۇ .
ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات ئادۇۋكاتلىق كەسىپ گۇۋاھنامىسى ،ئادۇۋكاتخانىنىڭ ئىسپاتى ۋە ھاۋالىنامەسى ياكى قانۇن ياردىمى بىرىش ئالاقىسىنى ئىلىىپ بىرىپ جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار بىلەن كۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلسا ،قاماقخانا ۋاقتىدا كۇرۇشۇشكە ئورونلاشتۇرۇشى كىچىككەندىمۇ 48 سائەتتىن ئاشۇرۋەتمەسلىگى كىرەك.
دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۇزۇش جىنايىتى ،تىرۇرلۇق ھەركىتى جىنايىتى ،پەۋقۇلاددا زور پارا ئىلىش جىنايىتى دىلولىرنى تەھقىقلەش مەزگىلىدە ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى كۇرۇشۇشتە ،تەھقىقلىگۇچى ئۇرگاننىڭ رۇخسىتىنى ئىلىش كىرەك.يۇقۇرقى دىلۇلاردا تەھقىقلىگۇچى ئۇرگان ئىشتىن ئاۋال قاماقخانىنى خەۋەرلەندۇرۇشى كىرەك.
ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار بىلەن كۇرۇشكەندە دىلۇغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگەللىسە ، قانۇندىن مەسلىھەت بەرسە بولىدۇ .ئۆزى تەھقىقلىگەن دىلۇلاردا ئەيىپلەشكە ئۆتكۇزۇپ بەرگەن كۇندىن باشلاپ جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكاردىن مۇناسىۋەتلىك دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۇرۇپ ئىسپاتلىسا بولىدۇ .ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار بىلەن كۇرۇشكەندە يۇشۇرۇنچە تىڭشاشقا بولمايدۇ.
ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار بىلەن كۇرۇشۇش خەت ئالاقە قىلىشقا 1- ،2- ، 3 - ،4- تارماقتىكى بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ .
38-ماددا ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلۇنى تەكشۇرۇپ ئەيىپلىگەن كۇندىن باشلاپ شۇ دىلۇنىڭ دىلۇل ئارخىپ ماتىرياللىرنى كۆرسە ،قىسقىچە كۇچۇرۋالسا بولىدۇ .باشقا ئاقلىغۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۇقۇرقى ماتىرياللارنى كۆرسە ،قىسقىچە كۇچۇرۋالسا بولىدۇ .
39-ماددا ئاقلىغۇچى تەھقىقلەش ،ئەيىپلەشنى تەكشۇرۇش مەزگىلىدە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى ،خەلق تەپتىش مەھكمىسى توپلىغان جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارنىڭ جىنايەتسىزلىگى ياكى جىنايىتىنىڭ يىنىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل  ئىسپاتلارنى تاپشۇرمىدى دەپ قارىسا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىلىشقا ھوقۇقلۇق .
40-ماددا ئاقلىغۇچى توپلىغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەت سادىر بولغان نەق مەيداندا يۇقلىقى ،جىنايى جاۋاپكارلىق يىشىغا يەتمىگەنلىگى ،جىنايى جاۋاپكارلىقىنى ئۇستىگە ئالمايدىغان روھى كىسەل ئىكەنلىگى ھەققىدىكى دەلىل ئىسپاتلارنى ۋاقتىدا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنى ،خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە ئۇقتۇرۇىشى كىرەك .
41-ماددا  ئاقلىغۇچى ئادۋوكات گۇۋاھچى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، ئۇلاردىن شۇ دېلوغا دائىر ماتېرىياللارنى توپلىسا بولىدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل – ئىسپات توپلاش، ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە گۇۋاھچىغا سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتىنى ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كۆرسەتكەن گۇۋاھچىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، ئۇلاردىن شۇ دېلوغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توپلىسا بولىدۇ.
  42-ماددا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ۋە باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ دەلىل – ئىسپاتلارنى يوشۇرۇشىغا، يوقىتىۋېتىشىگە، ياسىۋېلىشىغا ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشىگە، گۇۋاھچىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنى ئازدۇرۇپ، گۇۋاھلىق سۆزىنى ئۆزگەرتكۈزۈشىگە ياكى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈشىگە، شۇنىڭدەك ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دەۋا پائالىيتىىگە دەخلى يېتىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ،ئاقلىغۇچى جىنايەتكە چىتىلسا ،ئاقلىغۇچىنىڭ دىلۇسىنى بىجىرگەن تەھقىقلەش ئۇرگىنىدىن باشقا تەھقىقلەش ئورگىنى بىجىرىدۇ.ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات بولسا ،ئادۇۋكات تۇرۇشلۇق ئادۇۋكاتخانا ياكى ئادۇۋكاتلار جەمىيتىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۇرىشى كىرەك .
  43-ماددا سوت قىلىش جەريانىدا، جاۋابكار ئاقلىغۇچىنىڭ ئۆزىنى داۋاملىق ئاقلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ، ئۆزىنى ئاقلاشنى باشقا ئاقلىغۇچىلارغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
44-ماددا ئەيىبلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋكاالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى دېلو تەكشۈرۈلۈپ ئەيىبلەشكە يوللانغان كۈندىن باشلاپ، ئۆز دەۋاسىنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىۋاسىتە دەۋا قىلىنغان دېلودىكى دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئۆز دەۋاسىنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھەرقانداق ۋاقىتتا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللانغان دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئۆز دەۋاسىنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھەرقانداق ۋاقىتتا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللانغان دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ئۆز دەۋاسىنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە دەۋا قىلىنغان دېلونى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە ئۆز دەۋاسىنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
45-ماددا دەۋا ۋاكالەتچىسى دەۋانى مۇشۇ قانۇننىڭ 32 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ ھاۋالە قىلىدۇ.
  46-ماددا ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات كەسپى پائالىيەت جەريانىدا بىلگەن ھاۋالە قىلغۇچىغا دائىر مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ۋە ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيتىنى ساقلاشقا ھوقۇقلۇق .لىكىن ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات كەسپى پائالىيەت جەريانىدا ھاۋالە قىلغۇچى ياكى باشقىلارنىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىگى ،جامائەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۇزۇش شۇنىڭدەك ئىغىر دەرىجىدىكى باشقىلارنىڭ جىسمانى خەۋىپسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۇزۇش جىنايىتى سادىر قىلىشقا تەييارلانغان ياكى سادىر قىلۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولسا ۋاقتىدا ئەدىليە ئورۇنلىرغا ئۇقتۇرۇش كىرەك .
  47-ماددا ئاقلىغۇچى ،دەۋا ۋاكالەتچىسى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى قانۇن بۇيىنچە دەۋا ھوقۇقىنى يۇرگۇزۇشكە تۇسقۇنلۇق قىلدى دەپ قارىسا ،تەڭ دەرىجىلىك ياكى بىر دەرىجە يۇقۇرى تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماسەن ئەرىز قىلىشقا ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
   5-باپ دەلىل ئىسپات
48-ماددا دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ئەمەلى ماتىرياللارنىڭ  ھەممىسى دەلىل – ئسپات ھېسابلىنىدۇ.
دەلىل – ئسىپات تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
(1)ماددىي ئىسپات،
(2) يازما ئىسپات؛
(3)  گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
(4)زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى؛
(5)جىنايەت گوماندارىنىڭ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛
(6)  باھالاش پىكرى  ؛
(7) ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش، تۇنۇتۇش ،تەھقىقلەش تەجىربىسى قاتارلىق خاتىرلەر ؛
(8) ئۈن – سىن ماتېرىياللىرى،ئىلىكتۇرۇنلۇق سانلىق مەلۇمات
يۇقىرىقى دەلىل – ئىسپاتلار تەكشۈرۈلۈپ راست بولۇپ چىققاندىلا، دېلو بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.
  49-ماددا ئەيىپلەش دىلۇلىردا جاۋاپكارنىڭ جىنايەتلىك ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپات كۆرسىتىشنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇستىگە ئالىدۇ،ئەرىز قىلغاندىلا سورىلىدىغان دىلۇلاردا جاۋاپكارنىڭ جىنايەتلىك ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇليىتىنى ئەرىز قىلغۇچى ئۇستىگە ئالىدۇ .
50-ماددا سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى، تەھقىقلىگۈچى خادىملار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە جىنايەت گۇماندارىنىڭ، جاۋابكارنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى، جىنايى قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان دەلىل – ئىسپاتلارنى توپلىشى كېرەك. قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە تەھدىت سېلىش ، ئازدۇرۇش، ئالداش ئۇسۇللىرى، شۇنىڭدەك باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن دەلىل – ئىسپات توپلاش قاتىتق مەنئىي قىلىنىدۇ.ھەر قانداق ئادەمنى ئۆزىنىڭ جىنايەتلىك ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بىرىشكە بولمايدۇ. دېلوغا ئالاقىدار ياكى دېلو ئەھۋالىنى بىلىدىغان بارلىق پۇقرالارنىڭ دەلىل – ئىسپاتلارنى ئوبيېكتىپ، تولۇق يەتكۈزۈپ بېرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىلىشى شەرت، پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا،ئۇلار تەكشۈرۈشكە ھەمكارلاشتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ
51-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش تەكلىپنامىسىدە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەيىبنامىسىدە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنامىسىدە ئەينەن پاكىتقا سادىق بولۇشى شەرت. ئەينەن پاكىتنى قەستەن يوشۇرغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
52-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن دەلىل – ئىسپات توپلاش ۋە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر دەلىل – ئىسپاتلارنى ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
مەمۇرى ئورگان مەمۇرى قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە دىلۇنى تەكشۇرۇپ بىجىرىش جەريانىدا توپلىغان ماددى ئىسپات،يازما ئىسپات ،ئۇن سىن ماتىرياللىرى ،ئىلىكتۇرۇنلۇق سانلىق مەلۇمات قاتارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا دەلىل ئىسپات قاتارىدا ئىشلەتسە بولىدۇ.
دۆلەت مەخپىيتى ،سودا مەخپىيتى شەخىسلەرنىڭ شەخسىيتىگە تاقىلىدىغان دەلىل ئىسپاتلارنىڭ مەخپىيتىنى ساقلاش لازىم.
دەلىل ئىسپاتلارنى ئويدۇرغان ،يۇشۇرغان ياكى يۇقۇتىۋەتكەنلەر قايسى تەرەپ بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر قانۇن بۇيىنچە سۇرۇشتۇرىلىدۇ .
53-ماددا ھەرقانداق دېلو ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشتا ئېغىز ئىقرارىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەي، دەلىل – ئىسپاتقا ئەھمىيەت بېرىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. جاۋابكارنىڭ ئىقرارىلا بولۇپ، باشقا دەلىل – ئىسپاتلار بولمىسا، جاۋابكارنى جىنايەتلىك دەپ بېكىتىشكە ۋە ئۇنىڭغا جىنايى جازا بېرىشكە بولمايدۇ؛ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى بولمىسمۇ، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق ۋە راسىت بولسا، جاۋابكارنى جىنايەتلىك دەپ بېكىتىشكە ۋە ئۇنىڭغا جىنايى جازا بېرىشكە بولىدۇ
دەلىل ئىسپاتلار تۇلۇق ۋە راسىت بۇلۇش تۆۋەندىكى شەرىتلەرگە ئۇيغۇن كىلىشى كىرەك :
(1) جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەيدىغان پاكىتنىڭ ھەممىسى دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلانغان بۇلۇش .
(2) دىلۇل بىكىتىشتە ئاساسلانغان پاكىت قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق راسلىقى ئىسپاتلانغان بۇلۇش .
(3) ئۇمۇملاشتۇرۇلغان پۇتۇن دىلۇنىڭ دەلىل ئىسپاتلىردا بىكىتىلگەن پاكىتلاردا ئۇرۇنلۇق گۇمان يۇققا چىقىرىلغان بۇلۇش .
54-ماددا قىيىن قىستاققا ئىلىپ سوراق قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىلىنغان جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە زورلۇق قىلىش ،تەھدىت سىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن توپلىغان گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۇزى ،زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانىنى يۇققا چىقىرىش كىرەك .توپلىغان ماددى ئىسپات ،يازما ئىسپات قانۇندا تەرتىپكە ئۇيغۇن كەلمەي قانۇن يۇرگۇزۇش ئادىللىقىغا ئىغىر تەسىر يەتكۇزۇش ئىھتىماللىقى بولسا ،تۇلۇقلاش ياكى مۇۋاپىق ئىزاھات بىرىش كىرەك .تۇلۇقلىغىلى ۋە مۇۋاپىق ئىزاھات بەرگىلى بولمىسا بۇ دەلىل ئىسپاتنى يۇققا چىقىرىش كىرەك .
تەھقىقلەش ،ئەيىپلەش ،سوتلاشتا يۇققا چىقىرىلىدىغان دەلىل ئسپات بايقالسا ،قانۇن بۇيىنچە يۇققا چىقىرىش كىرەك،ئەيىپلەش پىكرى ،ئەيىپلەش قارارى ۋە ھۆكۇم قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ .
55-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلۇ مەلۇماتى ،شىكايەت ،پاش قىلىشنى بىۋاستە قۇبۇل قىلسا ياكى تەھقىقلىگۇچى خادىملارنىڭ قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن دەلىل ئىسپات توپلىغانلىقىنى بايقىسا ،تەكشۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۇرۇشى كىرەك.ھەقىقەتەن قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن دەلىل ئىسپات تۇپلىغان ئەھۋاللار بولسا تۇزۇتۇش پىكرىنى ئۇتتۇرغاقۇيۇش كىرەك، جىنايەت شەكىللەنسە ،قانۇن بۇيىنچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ .
56-ماددا سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا ،سوتچى خادىملار بۇ قانۇننىڭ 54-ماددىسدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن دەلىل ئىسپات توپلىغان ئەھۋاللار بار دەپ قارىسا ،دەلىل ئىسپات تۇپلاشنىڭ قانۇنىيلىقىنى سوتتا تەكشۇرۇش كىرەك .
ئالاقىدارلار شۇنىدەك ئۇلارنىڭ ئاقلىغۇچىسى ،دەۋا ۋاكالەتچىسى خەلق سوت مەھكىمسىدىن قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن تۇپلىغان دەلىل ئىسپاتلارنى قانۇن بۇيىنچە يۇققا چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھۇقۇقلۇق .قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن تۇپلىغان دەلىل ئىسپاتلارنى يۇققا چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى ياكى ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەش كىرەك .
57-ماددا دەلىل ئىسپات توپلاشنڭ  قانۇنلۇقلىقىنى سوتتا تەكشۇرۇش جەريانىدا ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دەلىل ئىسپات توپلاشنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئىسپاتلىشى كىرەك .
بار بولغان دەلىل ئىسپاتلار دەلىل ئىسپات توپلاشنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىسە ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەھقىقلىگۇچى خادىملار ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ سوتتا ئەھۋال چۇشەندۇرىشىنى ئۇقتۇرۇش قىلىش تەكلىپىنى بەرسە بۇلىدۇ .خەلق سوت مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك تەھقىقلىگۇچى خادىملار ۋە باشقاكىشىلەرنىڭ سوتتا ئەھۋال چۇشەندۇرىشىنى ئۇقتۇرۇش قىلسابۇلىدۇ .مۇناسىۋەتلىك تەھقىقلىگۇچى خادىملار ۋە باشقا خادىملامۇ سوتتا ئەھۋال چۇشەندۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .خەلق سوت مەھكىمىسىنڭ ئۇقتۇرۇش قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خادىملار سوتقا چىقىشى كىرەك .
58-ماددا سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق بۇ قانۇننىڭ 54-ماددىسدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز دەلىل ئسىپات توپلىغان ئەھۋاللارنىڭ بارلىقى بىكتىلسە ياكى يۇققا چىقارغىلى بولمىسا مۇناسىۋەتلىك دەلىل ئىسپاتلارنى يۇققا چىقىرىش كىرەك .
59-ماددا  گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى سوتتا ئەيىبلىگۈچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ سوئال سوراشلىرىدىن، ئۇلارنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى شەرت، ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئېلىنغان ھەمدە تەكشۈرۈلۈپ راست بولۇپ چىققاندىلا دېلو بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ. سوت گۇۋاھچىنىڭ قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوشۇرغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندا، ئۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
60-ماددا دېلو ئەھۋالىنى بىلىدىغانلىكى كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.
فىزىئولوگىيە جەھەتتە، روھىي جەھەتتە نۇقسانى بولغانلىقى ياكى گۆدەكلىكى تۈپەيلىدىن ھەق – ناھەقنى ئاڭقىرالمايدىغانلار، مەقسىتىنى توغرا ئۇقتۇرالمايدىغانلار گۇۋاھچى بولالمايدۇ.
61-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇۋاھچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
گۇۋاھچىنى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تەھدىت سېلىپ، ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ ياكى زەربە بېرىپ، ئۆچ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايىتى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قىلمىشى جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىقنى باشقۇرۇش يۈزىسىدىن جازا بېرىلىدۇ.
  62-ماددا دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۇزۇش جىنايىتى ،تىرۇرلۇق ھەركىتى جىنايىتى ،قارا جەمىيەت تۇسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى ،زەھەر جىنايىتى قاتارلىق  دىلۇلاردا گۇۋاھچى ،باھالىغۇچى ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەۋادا گۇۋاھچى بولسا ،ئۇزى ياكى يىقىن ئۇرۇق تۇققانلىرنىڭ جىسمانى خەۋىپسىزلىگى خەۋىپكە ئۇچرايدۇ دەپ قارىسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى،ج خ ئۇرگىنى توۋەندىكى بىر خىل ياكى بىر قانچە خىل قۇغداش تەدبىرىنى قۇللىنىشى كىرەك:
(1) ھەقىقى ئىسىم فامىلىسى ،ئادىرسى ۋە خىزمەت ئۇرنى قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلىرنى ئاشكارىلىماسلىق ،
(2) شۇ كىشىنىڭ ئۇزى ،ھەقىقى ئاۋازىنى ئاشكارلىماسلىق قاتارلىق سوتتا گۇۋاھلىق بىرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش .
(3) مۇئەييەن خادىملارنىڭ گۇۋاھچى ،باھالىغۇچى ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھەمدە ئۇلارنىڭ يىقىن ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلەش .
(4) جىسمانى ۋە تۇرالغۇسىغا مەخسۇس قۇغداش تەدبىرى قوللىنىش .
(5)  باشقا زورۇر بولغان تەدبىرلەر .
گۇۋاھچى ،باھالىغۇچى ،زىيانغا ئۇچرىغۇچى دەۋا جەريانىدا گۇۋاھچى بولسا ئۆزى ۋە يىقىن ئۇرۇق تۇققانلىرنىڭ جىسمانى خەۋىپسىزلىگى خەۋىپكە ئۇچرايدۇ دەپ قارىسا خەلق سوت مەھكىمسىدىن ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن .ج خ ئۇرگىنىدىن قۇغداشنى تەلە قىلسا بولىدۇ .خەلق سوت مەھكىمىسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،ج خ ئۇرگىنى قانۇن بۇيىنچە قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى ،مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇن ۋە شەخىسلەر ماسلىشىشى كىرەك.
63-ماددا گۇۋاھچى گۇۋاھلىق بىرىش مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىش ئۇچۇن چىقىم قىلغان قاتناش ،ياتاق ،تاماق قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۇلۇقلاپ بىرىش كىرەك .گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بىرىش تۇلۇقلىمىسىنى قانۇن يۇرگۇزۇش ئۇرگانلىرنىڭ كەسپى راسخۇتىغا كىرگۇزۇش ،تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۇمەت مالىيەسى كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
  ئىشلەيدىغان ئۇرنى بار گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بەرگەندە ئىشلەيدىغان ئۇرنى ئۇلارنىڭ مائاش ،مۇكاپات ھەمدە باشقا پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۇتۇپ قىلىشقا ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تۇتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ.
  6-باپ مەجبۇرلاش تەدبىرى
64-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئەھۋالىغا قاراپ، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى مەجبۇرىي چاقىرتىپ كەلسە، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە ياكى ئۇنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ.
65-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلگەن جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە ياكى ئۇنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ:
(1) رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ياكى قوشۇمچە جازا ئايرىم تەتبىق قىلىنىش ئېھتىمالى بولغانلار؛
(2) مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلسە، تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنسا جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلار.
  (3) ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغان، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار،ھامىلدار ياكى ئۆزىنىڭ بۇۋىقىنى ئۇزى ئىمىتىۋاتقانلاردىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلسە جەمىيەتكە خەۋىپ يەتكۇزمەيدىغانلار.
  (4) قاماش مۇددىتى توشقان ،دىلۇ بىجىرىش ئاخىرلاشمىغان ،بىر تەرەپ قىلغۇچى كىپىلگە بىرىشكە ئىھتىياجلىق بولغانلار .
بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىشنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى ئىجرا قىلدۇ .
  66-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى كېپىل كۆرسىتىشكە ياكى كېپىللىك پۇلى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.
67-ماددا كېپىل تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:
(1) شۇ دېلوغا چېتىلمىغان بولۇش؛
(2) كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان بولۇش؛
(3) سىياسىي ھوقۇقى بولۇش، جىسمانىي ئەركىنلىكى بولۇش، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنمىگەن بولۇش؛
(4) مۇقىم تۇرار جايى ۋە كىرىمى بولۇش.
68-ماددا كېپىل تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1)كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 56 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىشى؛
(2) كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 69 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ياكى سادىر قىلغانلىقىنى سەزگەندە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
كېپىللەردىن كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 69 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي كىپىللىك مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىسا مەمۇرىي جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
69-ماددا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:
(1) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىسىز ئايرىلماسلىق؛
(2)  ئادىرسى ،خىزمەت ئۇرنى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولسا 24 سائەت ئىچىدە ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا دوكلات قىلىش .
(3) چاقىرتىلغاندا ۋاقتىدا ھازىر بۇلۇش .
    (4) گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بىرىشىگە ھەرقانداق شەكىل بىلەن كاشىلا قىلماسلىق .
(5) دەلىل ئىسپاتلارنى يۇقۇتىۋەتمەسلىك ،ئويدۇرۇپ چىقارماسلىق ياكى تىل بىرىكتۇرۋالماسلىق .
خەلق سوت مەھكىمسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمسى ،جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى دىلۇ ئەھۋالىغا ئاساسەن ،كىپىلگە بىرىلگەن جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارغا تۆۋەندىكى بىر تۇرلۇك ۋە بىر قانچە تۇرلۇك بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشنى بۇيرۇسا بولىدۇ :
(1) مۇئەييەن سورۇنلارغا كىرمەسلىك .
(2) مۇئەييەن كىشىلەر بىلەن كۇرۇشمەسلىك .
(3) مۇئەييەن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق .
(4) پاسپۇرۇت قاتارلىق چىگرىدىن چىقىش كىرىش گۇۋاھنامىللىرى ،ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ساقلاش .
كىپىلگە بىرىلگەن جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار ئالدىنقى2- تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپىلىق قىلغانلىرىنىڭ تاپشۇرغان كاپالەت پۇلى بولسا ،كاپالەت پۇلىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئەھۋال پەرىقلەندۇرلۇپ تۆۋەنامە يىزىشقا ،يىڭىۋاشتىن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشقا ،كىپىل كۇرسىتىشكە بۇيرۇلىدۇياكى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنىدۇ ،قولغا ئىلنىدۇ .
بىر تەرەپ قىلغۇچە كىپىلگە بىرىش بەلگىلىمىسگە خىلاپلىق قىلىپ قولغائىلىشقا تىگىشلىك بولسا جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار نى ئالدىن توختىتىپ قويسا بولىدۇ .
70-ماددا بىر تەرەپ قىلغۇچە كىپىلگە بىرىشنى قارار قىلغان ئورگان دەۋا پائالىيتىنىڭ نورمال ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىھتىياجى ،بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگۇچە كىپىلگە بىرىلگۇچىنىڭ ئىجتىمايى  خەۋپى ،دىلۇنىڭ خاراكتىرى ،قىلمىشى ،بىرىلىدىغان جازانىڭ ئىغىر يىنىكلىگى ،بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگۇچىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەر تەرەپلىمە نەزەرگە ئىلىپ كاپالەت سوممىسىنى بىكىتىش كىرەك.
  كاپالەت پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغانلار كاپالەت پۇلىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان بىكىتكەن بانكىنىڭ مەخسۇس ھىساباتىغا قۇيۇش كىرەك .
71-ماددا جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن مەزگىلدە مۇشۇ قانۇننىڭ 69-ماددىسدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلمىغان بولسا ،بىر تەرەپ قىلغۇچە كىپىلگە بىرىش ئاياغلاشقاندا ،بىر تەرەپ قىلغۇچە كىپىلگە كىپىلگە بىرىشنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ھۆججەتلەرگە ئاساسەن بانكىدىن كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۋالىدۇ .
72-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنى قولغا ئىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ :
(1) ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغان ،تورمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولسا .
(2) ھامىلدار ياكى ئۆزىنىڭ بۇۋىقىنى ئىمىتىۋاتقان ئاياللار بولسا .
(3) تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلارنىڭ بىردىن بىر باققۇچىسى بولسا .
(4)دىلۇدىكى ئالاھىدە ئەھۋال ياكى دىلۇ بىجىرىش ئىھتىياجى سەۋەبىدىن تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىش تەدبىرى قوللىنىش مۇۋاپىق بولسا .
(5) قاماش مۇددىتى توشقان ،دىلۇ بىجىرىش ئاياغلاشمىغان   تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىش زۇرۇر بولسا .
(6) بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار كىپىل تاپالمىسا ياكى كاپالەت پۇلى تاپشۇرالمىسا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ .
  تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىشنى ج خ ئورگىنى ئىجراقىلدۇ .
73-ماددا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىش جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارنىڭ تۇرالغۇسىدا ئىلىپ بىرىلدۇ .مۇقۇم تۇرالغۇسى بولمىسا بەلگىلەنگەن قۇنالغۇدا ئىجرا قىلنىدۇ ،دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۇزۇش جىنايىتى ،تىرۇرلۇق ھەركىتى جىنايىتى ،پەۋقۇلاددا زۇر پارا ئىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىقلار تۇرالغۇسىدا ئىجرا قىلىنسا ،تەھقىقلەشكە تۇسالغۇ بۇلۇش ئىھتىمالى بولسا بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇنالغۇدا ئىجرا قىلسىمۇ بولىدۇ .لىكىن قاماش سورۇنى ،مەخسۇس دىلۇ بىجىرىش سورۇنىدا ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ .
تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىش بەلگىلەنگەن قۇنالغۇدا ئىجرا قىلىنسا ئۇقتۇرۇش قىلغىلى بۇلمىغانلىردىن باشقىللىردا ،تۇرار جايىنى نازارەت قىلىش ئىجراقىلىنغاندىن كىيىنكى 24 سائەت ئىچىدە تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغۇچىنىڭ ئائىلەتەۋەلىرگە ئۇقتۇرۇش كىرەك .
  تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسدىكى بەلگىلىمىلەر تەدبىقلىنىدۇ .
  خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلەنگەن قۇنالغۇدا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىشنىڭ قانۇنلۇق بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىدۇ .
  74-ماددا بەلگىلەنگەن قۇنالغۇدا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىش جىنايى جازاغا سۇندۇرلىدۇ .رىجىم جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان بولسا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىشنىڭ بىر كۇنى جىنايى جازانىڭ بىر كۇنىگە سۇندۇرلىدۇ .تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى ،مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان بولسا تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىشنىڭ ئىككى كۇنى جىنايى جازانىڭ بىر كۇنىگە سوندۇرلىدۇ .
  75-ماددا تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك:
   (1)  ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر ناھيىدىن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىسىز ئايرىلماسلىق .
(2) ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىسىز باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەسلىك ياكى ئالاقىلاشماسلىق ؛
(3) چاقىرتىلغاندا ۋاقتىدا ھازىر بولۇش؛
(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە ھەرقانداق شەكىل بىلەن كاشىلا قىلماسلىق؛
(5) دەلىل – ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتمەسلىك، ئويدۇرماسلىق ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋالماسلىق.
(6) پاسپۇرۇت قاتارلىق چىگرىدىن چىقىش كىرىش گۇۋاھنامىللىرى ،ھەيدەش كىنىشكىشىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇش .
تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قىلمىشى ئىغىر بولسا قولغا ئالسا بولىدۇ .قولغا ئىلىشقا تىگىشلىك بولسا جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار ئالدىن توختىتىپ قۇيۇلسا بولىدۇ .
  76-ماددا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارغا ئىلىكتۇرۇنلۇق كۇنتۇرۇل قىلىش قەرەلسىز تەكشۇرۇش قاتارلىق كۇزىتىش ئۇسۇللىرنى قوللىنىپ ئولارنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ .تەھقىقلەش مەزگىلىدە تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان  جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئالاقىلىشىشىنى كۇنتۇرۇل قىلسا بولىدۇ.
  77-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش سۈرۈكى ئۇزاق بولغاندا 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش سۈرۈكى ئۇزاق بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.
بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان مەزگىلدە، دېلونى تەھقىقلەش، ئەيىبلەش ۋە سوت قىلىشنى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسلىكى سېزىلسە ياكى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاسىتغا ئېلىشنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك. بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش بىكار قىلىنغاندا، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەنلەر، تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارغا ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش لازىم.
  78-ماددا جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەستىقلىشى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىشى شەرت.
79-ماددا جىنايەت پاكىتلىرنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپات تىپىلغان قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى جىنايى جازا بىرىش ئىھتىمالى بولغان جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋاپكارلار بىر تەرەپ قىلنغۇچە كىپىلگە بىرىلگە بىرىلسە تۆۋەندىكى جەمىيەتكە خەۋىپ يەتكۇزۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمىسا قولغا ئىلىش لازىم :
(1) يىڭى جىنايەت سادىر قىلىش ئىھتىمالى بولسا .
(2) دۆلەت  خەۋىپسىزلىگى ،جامائەت خەۋىپسىزلىگى ياكى جەمىيەت تەرتىپىگە خەۋىپ يەتكۇزۇش خەۋپى بولسا .
(3) دەلىل ئىسپاتلارنى يۇقۇتىۋىتىش ،ئويدۇرۇپ چىقىرىش ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بىرىشىگە كاشىلا قىلىش ياكى تىل بىرىكتۇرۋىلىش ئىھتىمالى بولسا .
(4) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ،پاش قىلغۇچى ،شىكايەت قىلغۇچىغا زەربە بىرىپ ئۆچ ئىلىش ئىھتىمالى بولسا .
(5) ئولۇۋىلىش ياكى قىچىپ كىتىش ئىھتىمالى بولسا .
جىنايەت پاكىتىلىرنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپات تىپىلغان 10 يىللىق قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى جىنايى جازا بىرىش ئىھتىمالى بولغان ياكى جىنايەت پاكىتلىرنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپات تىپىلغان مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى جىنايى جازا بىرىش ئىھتىمالى بولغان قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان ياكى سالاھىتى ئىنىق بولمىغانلارنى قولغا ئىلىش لازىم .
  تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلنغان جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپلىگە بىرىش ،تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قىلمىشى ئىغىر بولسا قولغا ئالسا بولىدۇ .
  80-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نەق جىنايەتچىلەر ياكى بەك گۇمانلىقلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى ئالدىن توختىتىپ قويسا بولىدۇ:
(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ھازىرلىنىۋاتقاندا، جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سېزىلىپ قالغانلار؛
(2) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ياكى نەق مەيداندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر تەرىپىدىن جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ كۆرسىتىپ بېرىلگەنلەر؛
(3) جىنايەت دەلىل – ئىسپاتى يېنىدىن ياكى تۇرار جايىدىن تېپىلغانلار؛
(4) جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆلۈۋېلىشقا، قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلار ياكى قېچىپ يۈرگەنلەر؛
(5) دەلىل – ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇش ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش ئېھتىمالى بولغانلار؛
(6) ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسى ۋە تۇرار جايىنى ئېيتمىغانلىقتىن، كىملىكى ئېنىق بولمىغانلار؛
(7) ئېقىپ يۈرۈپ دېلو تۇغدۇرغانلىقى، كۆپ قېتىم دېلو تۇغدۇرغانلىقى ۋە شېرىكلىشىپ دېلو تۇغدۇرغانلىقىدىن قاتتىق گۇمان قىلىنغانلار.
81-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى باشقا جايغا بېرىپ توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا، توختىتىپ قويۇلغۇچى، قولغا ئېلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، توختىتىپ قويۇلغۇچى، قولغا ئېلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ماسلىشىشى كېرەك.
  82-ماددا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال بولغانلارنى ھەرقانداق پۇقرا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا دەرھال تۇتۇپ ئاپىرىپ بەرسە بولىدۇ:
(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلار ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا سېزىلىپ قالغانلار؛
(2) تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار؛
(3) تۈرمىدىن قاچقانلار؛
(4) تۇتۇش ئۈچۈن قوغلىنىۋاتقانلار.
83-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنى بىراۋنى توختىتىپ قۇيۇشتا توختىتىپ قۇيۇش گۇۋاھنامسىنى كۆرسىتىش كىرەك.
توختىتىپ قۇيۇلغاندىن كىيىن توختىتىپ قۇيۇلغۇچىنى دەرھال قاماقخانىنىڭ قامىشىغائاپىرىپ بىرىش،كىچىككەندىمۇ 24 سائەتتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كىرەك .ئۇقتۇرۇش قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ياكى دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۇزۇش جىنايىتى ،تىرۇرلۇق ھەركىتى جىنايىتى سادىر قىلغان توختىتىپ قۇيۇلغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرگە ئۇقتۇرۇش قىلسا تەھقىقلەشكە توسالغۇ بۇلۇش ئىھتىمالى بۇلغان ئەھۋاللارنى  ھىساپقا ئالمىغاندا توختىتىپ قۇيۇلغاندىن كىيىن 24 سائەت ئىچىدە توختىتىپ قۇيۇلغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرگە ئۇقتۇرۇش كىرەك .تەھقىقلەشكە توسالغۇ بۇلىدىغان ئەھۋاللار تۇگىگەندىن كىيىن توختىتىپ قۇيۇلغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرگە دەرھال ئۇقتۇرۇش كىرەك .
  84-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى توختىتىپ قويغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە سوراق قىلىشى كېرەك. توختىتىپ قيۇشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولغاندا، قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىپ دەرھال قويۇپ بېرىشى شەرت. قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، دەلىل – ئىسپاتلىرى تولۇق بولمىغانلارنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ.
85-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش تەكلىپنامىسى يېزىپ، ئۇنى دېلو ماتېرىياللىرى ۋە دەلىل – ئىسپاتلاغا قوشۇپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چوڭ دېلو ئۈستىدىكى مۇزاكىرىسىگە ئادەم قاتناشتۇرسا بولىدۇ.
86-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئىلىشنى تەستىقلاشنى تەكشۇرۇشتە جىنايەت گۇماندارىنى سوراق قىلسا بولىدۇ .تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا جىنايەت گۇماندارىنى سوراق قىلىش كىرەك:
  (1) قۇلغا ئىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كىلىش كەلمەسلىكتە گۇمانلىق مەسىللەر بولسا .
(2) جىنايەت گۇماندارى تەپتىش خادىملىرغا يۇز تۇرانە بايان قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا .
(3) تەھقىقلەش پائالىيتىدە زور قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولسا .
خەلق تەپتىش مەھكمىسى قولغا ئىلىشنى تەستىقلاشنى تەكشۇرگەندە گۇۋاھچى قاتارلىق دەۋا ئىشتىراكچىللىردىن گەپ سورىسا ،ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىسا بولىدۇ .ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات تەلىپىنى ئۇتتۇرغا قويسا ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كىرەك .
87-ماددا جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى خەلق سوت تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، باش تەپتىش قارار قىلىدۇ. چوڭ دېلولار تەپتىش ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ.
  88-ماددا  خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان دېلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا ئەھۋالغا قاراپ قارار چىقىرىشى كېرەك. قولغا ئېلىش ياكى تەستىقلانغان قارارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجراسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. قولغا ئېلىش تەستىقلانمىغانلىرىدا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. قولغا ېلىش تەستىقلانمىغانلىرىدا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى، تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىكلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەڭلا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
89-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، توختىتىپ قويغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالدا، تەستىقلىتىش ۋاقتى بىر كۈندىن تۆت كۈنگىچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
ئېقىپ يۈرۈپ دېلو تۇغدۇرغانلىقى،كۆپ قېتىم دېلو تۇغدۇرغانلىقى ۋە توپلىشىپ دېلو تۇغدۇرغانلىقىدىن قاتتىق گۇمان قىلىنغانلارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش ۋقاتى 30 كۈنگىچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش ۋاقتى 30 كۈنگىچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا يەتتە كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال قويۇپ بېرىشى ھەمدە ئۇنى ئىجراسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. داۋاملىق تەھقىقلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشى ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى لازىم.
  90-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدىكى قارارىنى خاتا دەپ قارىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن توختىتىپ قويۇلغۇچىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى شەرت. پىكرى قوبول قىلىنمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىغا سۇنسا بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى دەرھال قايتا قاراپ چىقىپ، ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزگەرتمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم
  91-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىراۋنى قولغا ئېلىشتا، قولغا ئېلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى شەرت.
قولغا ئىلىنغاندىن كىيىن قولغا ئىلنغۇچىنى دەرھال قاماقخانىنىڭ قامىشىغا ئاپىرىپ بىرىش كىرەك .ئۇقتۇرۇش قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قولغا ئېلىنغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە 24 سائەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇش كېرەك.
92-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىپ قولغا ئالغانلار قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە سوراق قىلىنىشى شەرت. قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولغاندا قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىپ، دەرھال قويۇپ بېرىلىشى شەرت.
93-ماددا جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار قولغا ئىلىنغاندىن كىيىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەنىلا قاماشنىڭ زۇرۇرلىگىنى تەكشۇرۇش كىرەك .دەۋاملىق قاماشنىڭ زورۇريىتى بولمىسا قۇيۇپ بىرىش ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ .مۇناسىۋەتلىك ئورگان 10 كۇن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسنى خەۋەردار قىلىش كىرەك .
94-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارغا قوللانغان مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى سەزسە، تەدبىرنى ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ياكى ئۆزگەرتىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىنغۇچىنى قويۇپ بېرىشتە ياكى قولغا ئېلىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئۇنىڭ ئەسلىي تەستىقلىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
95-ماددا  جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ۋەكالەتچىللىرى ،يىقىن تۇققانلىرى ياكى ئاقلىغۇچىسى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.قاماپ تۇرۇلغان جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىللىرى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.خەلق سوت مەھكىمسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،ج خ ئورگىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن ئوچ كۇن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كىرەك .تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشكە قۇشۇلمىسا ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئوقتۇرۇش قىلىشى ھەم قۇشۇلماسلىق سەۋەبىنى ئۇقتۇرىشى كىرەك .
  96-ماددا جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلاردىن قاماپ تۇرۇلغانلىرىنىڭ دېلوسىنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش، 1 -، 2 – سوت سۈرۈكى ئىچىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمىسا جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارنى قۇيۇۋىتىش كىرەك، داۋاملىق تەكشۈرۈشكە، سوت قىلىشقا توغرا كەلسە، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلسە ياكى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنسا بولىدۇ.
  97-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قوللانغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇندىكى سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلارنى قويۇپ بېرىشى، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش تەدبىرىنى بىكار قىلىشى ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرىى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىشى كېرەك. جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى، يېقىن تۇغقانلىرى ياكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتلار ۋە باشقا ئاقلىغۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قوللانغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇندىكى سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتكەندە، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  98-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىدە قانۇنغا خىلاپ ئەھۋال بارلىقىنى سەزسە، ئۇنى تۈزىىش توغرىسىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
    7- باب قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى
99-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشى تۈپەيلىدىن ماددىي زىيانغا ئۇچرىغانلىرى، جىنايى ئىشلار دەۋاسى جەريانىدا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىشقا ھوقۇقلۇق.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇلۇپ كەتكەن ياكى ھەركەت ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى يىقىن ئۇرۇق تۇققانلىرى ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
  دۆلەت مال – مۈلكى، كوللېكتىپ مال – مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىگەندە، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
  100-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى زۇرۇر تاپقاندا ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ جاۋاپكارنىڭ مال مۇلكىنى تۇتۇپ قالسا ،پىچەتلىسە ،تۇڭلاتسا بۇلىدۇ .قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ياكى خەلق تەپتىش مەھكمىسى خەلق سوت مەھكىمىسدىن ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .خەلق سوت مەھكىمسى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشتا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار قائىدەلەرنى تەدبىقلىسا بولىدۇ .
  101-ماددا خەلق سوت مەھكىمسى قۇشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىغا قاراپ چىققاندا مۇرەسسە قىلسا ياكى ماددى زىيان ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۇم كىسىم چىقارسا بولىدۇ .
  102-ماددا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى جىنايى ئىشلار دېلوسى بىلەن بىرلىكتە سوت قىلىنىشى كېرەك، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىش ۋاقتىنىڭ بەك كېچىىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندىلا، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە شۇ سوت تەشكىلاتى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىنى دەۋاملىق سوت قىلسا بولىدۇ.
8- باب سۈرۈك، يەتكۈزۈش
  103-ماددا سۈرۈك سائەت، كۈن، ئاي بىلەن ھېسابلىنىدۇ.
سۈرۈك باشلانغان سائەت ۋە كۈن سۈرۈككە قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ.
يولغا كەتكەن ۋاقىت قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈككە كىرگۈزۈلمەيدۇ. نارازىلىق خېتى ياكى باشقا ھۆججەتلەر سۈرۈك توشۇشتىن ئىلگىرى پوچتىغا سېلىنغان بولسا، سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكەن ھېسابلانمايدۇ.
  سۇرۇكنىڭ ئاخىرقى بىر كۇنى ھىيىت بايرام ۋە دەم ئىلىش كۇنى بولسا ھىيىت بايرام ۋە دەم ئىلىش كۇنىدىن كىيىنكى 1- كۇنى توشقان كۇن بولىدۇ ،لىكىن جىنايەت گۇماندارلىرى جاۋاپكار جىنايەتچى قاماش مۇددىتى تۇشقان كۇنگىچە بولىدۇ ،ھىيىت بايرام ۋە دەم ئىلىش كۇنى سەۋەبىدىن ئۇزارتىشقا بولمايدۇ .
  104-ماددا دەۋالاشقۇچىلار تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب ياكى باشقا ئورۇنلۇق سەۋەبلەر بىلەن سۈرۈكنى كېچىكتۈرۈپ قويغان بولسا، توسالغۇ تۈگەپ بەش كۈن ئىچىدە، سۈرۈك توشقۇچە تۈگىتىشكە تېگىشلىك دەۋا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئىتلىماس قىلسا بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئىلتىماسقا رۇخسەت قىلىش – قىلماسلىق ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىدۇ.
105-ماددا چاقىرىق قەغىزى، ئۇقتۇرۇش ۋە باشقا دەۋا ھۆججەتلىرى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشى كېرەك؛ تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئۆزى بولمىسا، ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسىگە ياكى ئۇ ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىغا بېرىپ قويۇلسا بولىدۇ.
تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئۆزى ياكى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغۇچى تاپشۇرۇۋېلىشنى ياكى ئىمزا قويۇشنى، تامغا بېسىشنى رەت قىلسا، يەتكۈزگۈچى ئۇنىڭ قوشنىلىرى ياكى باشقا گۇۋاھچىلارنى چاقىرىپ تۆپىدە تۇرغۇزۇپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ تۇرار جايىغا قويۇپ قويسىلا بولىدۇ. يەتكۈزگۈچى يەتكۈزۈش قەغىزىگە رەت قىلىش سەۋەبى، يەتكۈزۈلگەن ۋاقىتنى ئېنىق يېزىپ ئىمزا قويسىلا يەتكۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ.
9-باب باشقا بەلگىلىمىلەر
  106-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
(1) «تەھقىقلەش» جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىدا قانۇن بويىچە ئىشلەيدىغان مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛
(2)«دەۋالاشقۇچىلار» زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنى كۆرسىتىدۇ؛
(3) «قانۇنىي ۋاكالەتچى» ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىسى، باققان ئاتا – ئانىسى، ۋەسىيسىنى ۋە مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار ئورگان ۋە تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلىنى كۆرسىتىدۇ؛
(4)«دەۋا ئىشتىراكچىلىرى» دەۋالاشقۇچى، قانۇنىي ۋاكالەتچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچى، گۇۋاھچى، باھالىغۇچى ۋە تەرجىماننى كۆرسىتىدۇ؛
(5)«دەۋا ۋاكالەتچىسى» ئەيىبلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقىنى، بىۋاسىتە دەۋا قىلىنغان دېلودىكى دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دەۋاغا ۋاكالىتەن قاتناشقۇچىنى ھەمدە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دەۋاغا ۋاكالىتەن قاتناشقۇچىنى كۆرسىتىدۇ.
  ئىككىنچى قىسىم دېلو ئېچىش، تەھقىقلەش
ۋە ئەيىبلەش
  1- باب دېلو ئېچىش
107-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت پاكىتلىرىنى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى سەزسە، باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسى بويىچە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشى كېرەك.
108-ماددا جىنايەت پاكىتلىرىنى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى سەزگەن ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىمۇ، مەجبۇرىيىتىمۇ بار.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى مەلۇم قىلىنغان دېلو، شىكايەت قىلىنغان ۋە پاش قىلىنغان ئىشلارنى قوبۇل قىلىشى لازىم. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىىدە بولمىغانلىرىنى مەسئۇل ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە دېلو مەلۇم قىلغۇچىغا، شىكايەت قىلغۇچىغا ۋە پاش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم؛ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىسىمۇ جىددىي تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر بولغانلىرىدا ئالدى بىلەن جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ئاندىن مەسئۇل ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.
جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا 3 – تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
  109-ماددا دېلو مەلۇم قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىش يازما ياكى ئاغزاكى ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. خەت ئارقىلىق مەلۇم قىلىنغان دېلو، شىكايەت قىلىنغان ۋە پاش قىلىنغان ئىشلارنى قوبۇل قىلغۇچى خاتىرىلەپ، ئوقۇپ بېرىپ، خاتالىق بولمىسا، ئۇنىڭغا دېلو مەلۇم قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇۋېلىشى ياكى تامغىسىنى باستۇرۇۋېلىشى لازىم.
شىكايەت قىلىنغان، پاش قىلىنغان ئىشلارنى قوبۇل قىلغۇچىلار قارا چاپلىغان ئادەمنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغانلىقىنى شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىغا چۈشەندۈرۈپ قويۇشى لازىم. ئەمما، پاكىت ئويدۇرمىغان ۋە دەلىل – ئىسپات ياسىۋالمىغانلار بولسا، شىكايەت قىلغان ۋە پاش قىلغان ئىشنىڭ پاكىتلىرىدا ئېگىز – پەسلىك، ھەتتا خاتالىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى قارا چاپلاشتىن قاتتىق پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو مەلۇم قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. دېلو مەلۇم قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى ۋە پاش قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى ۋە دېلو مەلۇم قىلىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ھەرىكىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىسا، ئۇلار ئۈچۈن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش لازىم.
110-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو مەلۇم قىلىش، شىكايەت قىلىش پاش قىلىش ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسى بويىچە تېزدىن تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك جىنايەت پاكىتى بار دەپ ھېسابلىسا، دېلو ئېچىشى لازىم؛ جىنايەت پاكىتى يوق ياكى جىنايەت پاكىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا يېنىك، جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ھېسابلىسا، دېلو ئاچماسلىقى ھەمدە دېلو ئاچماسلىق سەۋەبلىرىنى شىكايەت قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم. شىكايەت قىلغۇچى قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
  111-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ دېلو ئېچىپ تەھقىقلىمىدى، دەپ ھېسابلىسا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ دېلو ئېچىپ تەھقىقلىمىدى دەپ ھېسابلاپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن دېلو ئاچماسلىق سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دېلو ئېچىشى كېرەك.
   112-ماددا بىۋاسىتە دەۋا قىلىنىدىغان دېلولاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.
          2- باب تەھقىقلەش
       1- پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
113-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئېچىلغان جىنايى ئىشلار دېلوسىنى تەھقىقلەش، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنىڭ يېنىك ياكى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات ماتېرىياللىرىنى توپلىشى ۋە ئېلىشى لازىم. نەق جىنايەتچىلەر ياكى بەك گۇمانلىقلارنى قانۇن بويىچە ئالدىن توختىتىپ قويسا بولىدۇ، قولغا ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش لازىم.
114-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلەش ئارقىلىق جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات تېپىلغانلارنى تەييارلىق سوراق قىلىشى؛ توپلانغان، ئېلىنغان دەلىل – ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېنىقلىشى لازىم.
115-ماددا ئالاقىدارلا ر ۋە ئاقلىغۇچى ،دەۋاكالەتچىللىرى مەنپەت مۇناسىۋتى بۇلغان كىشى قانۇن يۇرگۇزۇش ئۇرگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا شۇ ئورگانغائىلتىماسەن ئەرىز قىلىشقا ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
(1)  قوللانغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇرۇك تۇشۇپ قالغان بولسىمۇ قۇيۇپ بەرمىگەن، بىكار قىلمىغان ياكى ئۆزگەرىتمىگەن بولسا .
(2) قايتۇرۇشقا تىگىشلىك كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسا .
(3) دىلۇ بىلەن مۇناسىۋەتسىز مال مۇلۇكنى پىچەتلەش ،تۇتۇپ قىلىش ،تۇڭلىتىش تەدبىرى قوللانغان بولسا .
(4) پىچەتلەش ،تۇتۇپ قىلىش ،تۇڭلىتىشنى بىكار قىلىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ بىكار قىلمىغان بولسا .
(5) پىچەتلەنگەن ،تۇتۇپ قىلىنغان ،توڭلىتىلغان مال مۇلۇككە خىيانەت قىلغان ،يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان ،ئاستىرىتتىن بۇلۇشكەن ،ئالماشتۇرۋالغان ،بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەن بولسا .
ئىلتىماسەن ئەرىز ياكى شىكايەتنى قۇبۇل قىلغان ئۇرۇن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك، بىر تەرەپ قىلىشقا قايىل بولمىسا تەڭ دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسگە ئىلتىماسەن ئەرىز قىلسا بولىدۇ .خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاستە قۇبۇل قىلغان دىلۇلاردا بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .خەلق تەپتىش مەھكىمسى ئىلتىماسەن ئەرىزنى ۋاقتىدا تەكشۇرۇشى ئەھۋال راسىت بولسا مۇناسىۋەتلىك ئۇۇننىڭ تۇزۇتۇشىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كىرەك .
2-پارگراف  جىنايەت گۇماندارىدىن گەپ سوراش
116-ماددا جىنايەت گۇماندارىدىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەھقىقلىگۈچى خادىملىرىلا سوئال سورىشى شەرت. سوئال سورىغاندا ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر تەھقىقلىگۈچى خادىم بولۇشى لازىم.
جىنايەت گۇماندارىنى قاماقخانىغا ئاپىرىپ بەرگەندىن كىيىن تەھقىقلىگۇچى خادىملار ئۇنى سوراق قىلسا قاماقخانىدا سوراق قىلىشى كىرەك.
117-ماددا قولغا ئېلىشقا، توختىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بولمىغان جىنايەت گۇماندارىدىن ئۇ تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چاقىرتىپ كېلىنىپ ياكى ئۇنىڭ تۇرار جايىغا بېرىپ سوئال سورالسا بولىدۇ، لېكىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىسپاتى كۆرسىتىلىشى لازىم.نەق مەيداندا بايقالغان جىنايەت گۇماندارىنى خىزمەت كىنشكىسىنى كۆرسىتىپ ئاغزاكى چاقىرىتسا بولىدۇ ،لىكىن سۇئال سوراش خاتىرسىگە ئەسكەرتىپ قۇيۇش كىرەك .
چاقىرتىش ۋە مەجبۇرى چاقىرتىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا 12 سائەتتىن ئىشىپ كەتمەسلىگى كىرەك .دىلۇ ئەھۋالى چوڭ ،ئەھۋال مۇرەككەپ بۇلۇپ ،توختىتىپ قۇيۇش ،قولغا ئىلىشقا تىگىشلىكلىرنى چاقىرتىش مەجبۇرى چاقىرتىشىنڭ ئۇدا داۋاملىشىش ۋاقتىنى 24 سائەتتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كىرەك .
جىنايەت گۇماندارىنى ئارقا ئارقىدىن چاقىرتىش ،مەجبۇر چاقىرتىش يۇلى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا بەنىد قىلىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ.چاقىرتىلغان ،مەجبۇرى چاقىرتىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ يىمەك ئىچمىگى ۋە زۇرۇر ئارام ئىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم .
118-ماددا تەھقىقلىگۈچى خادىملار جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشى بار – يوقلۇقىنى سوراپ، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىك تەرىپىنى بايان قىلىشىغا ياكى ئۆزىنى جىنايەتسىز دەپ ئاقلىشىغا يول قويۇپ، ئاندىن سوئال قويۇشى لازىم. جىنايەت گۇماندارى تەھقىقلىگۈچى خادىملارنىڭ سوئاللىرىغا ئەينەن جاۋاب بېرىشى لازىم. لېكىن ئۇ شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتسىز مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  تەھقىقلىگۇچى خادىملار جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا جىنايەت گۇماندارىغا ئۇزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلسا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى كىرەك .
119-ماددا گاس، گاچا جىنايەت گۇماندارلىرىدىن سوئال سوراشتا، ئۇلارنىڭ ئىشارەتلىرىنى ئوبدان بىلىدىغانلار قاتناشتۇرۇلۇشى ھەمدە بۇ ئەھۋال ئېنىق خاتىرىلەپ قويۇلۇشى لازىم.
120-ماددا سوئال خاتىرىسى جىنايەت گۇماندارىنىڭ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشىگە بېرىلىشى، ئوقۇيالمايدىغانلىرىغا ئوقۇپ بېرىلىشى لازىم. خاتىرە چالا ياكى خاتا يېزىلىپ قالغان بولسا، جىنايەت گۇماندارى تولۇقلاپ قويۇشنى ياكى تۈزىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. جىنايەت گۇماندارى خاتىرىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى لازىم. تەھقىقلىگۈچى خادىملارمۇ خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى لازىم. جىنايەت گۇماندارى ئىقرارنامىسىنى ئۆزى يېزىشنى تەلەپ قىلسا، رۇخسەت قىلىش لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا، تەھقىقلىگۈچى خادىملارمۇ جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارنامىسىنى ئۆزىگە يازدۇرسا بولىدۇ.
121-ماددا تەھقىقلىگۇچى خادىملار جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا سوئال سۇراش جەريانىنى ئۇن سىنغائىلۋالسا بۇلىدۇ .مۇددەتسىز قاماق جازاسى  ئۇلۇم جازاسى ھۆكۇم قىلىنىش ئىھتىمالى بولغان دىلۇلار ياكى باشقا زور جىنايەت دىلۇلىرنىڭ سۇئال سوراش جەريانىنى ئۇن سىنغا ئىلىۋىلىش كىرەك .ئۇن سىنغا پۇتۇن جەرياننى ئىلىۋىلىش مۇكەممەللىكنى ساقلاش لازىم.
122-ماددا تەھقىقلىگۇچى خادىملار گۇۋاھچىلاردىن گەپ سۇراشنى نەق مەيداندا ئىلىپ بارسىمۇ گۇۋاھچىلارنىڭ ئىشلەيدىغان ئۇرنى تۇرالغۇچى ياكى گۇۋاھچىلار كۇرسەتكەن ئورۇندا ئىلىپ بارسىمۇ بۇلىدۇ ،زورۇر تىپىلغاندا گۇۋاھچىلارغا خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە ياكى ج خ ئۇرگىنىغا كىلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۇتۇش تۇغرۇلۇق ئۇقتۇرۇش قىلىنسىمۇ بۇلىدۇ .گۇۋاھچىلاردىن نەق مەيداندا گەپ سورىغاندا خىزمەت كىنىشكىسنى كۇرسىتىش ،گۇۋاھچىلارنىڭ ئىشلەيدىغان ئۇرنى تۇرالغۇسىغا ياكى گۇۋاھچىلار كۆرسەتكەن ئۇرۇندا گەپ سورىغاندا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى ج خ ئۇرگىنىنىڭ ئىسپاتلىق ھۆججىتىنى كۇرسىتىش كىرەك .
123-ماددا گۇۋاھچىدىن گەپ سوراشتا، راست دەلىل – ئىسپات بېرىش، راست گۇۋاھلىق بېرىش كېرەكلىكىنى، قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرسە ياكى جىنايەت پاكىتىنى يوشۇرسا، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.
124-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 120 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە گۇۋاھچىلاردىن گەپ سوراشقىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.
125-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن گەپ سوراشقا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
4-پاراگىراف ئىنىقلاش ،تەكشۇرۇش
126-ماددا تەھقىقلىگۈچى خادىملار جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك مەيدان، نەرسە، بەدەن، جەسەتنى ئېنىقلىشى ياكى تەكشۈرۈشى لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا، مەخسۇس بىلىم ئەھلىلىرىنى ئەۋەتىپ ياكى تەكلىپ قىلىپ، تەھقىقلىگۈچى خادىملارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېنىقلاشقا، تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
  127-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جىنايەت سادىر بولغان مەيداننى قوغداش ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ ئېنىقلاش توغرۇلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال خەۋەر قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.
128-ماددا تەھقىقلىگۈچى خادىملار ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ بېرىشى شەرت.
129-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلارنىڭ جەسىتىنى يېرىپ كۆرۈشنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش لازىم.
130-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ بەزى بەلگىلىرىنى، زەخىملىنىش ئەھۋالىنى ياكى فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرۈسە ،بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى ئالسا ،قان ،سۇيدۇك قاتارلىق بىئۇ ئەۋرىشكىشىنى توپلىسا بولىدۇ .
جىنايەت گۇماندارى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغاندا، تەھقىقلىگۈچى خادىملار زۆرۈر تاپسا، مەجبۇرىي تەكشۈرسە بولىدۇ. ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئايال خادىملار ياكى دوختۇرلار تەكشۈرۈشى لازىم.
131-ماددا ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن خاتىرە يېزىلىشى، ئۇنىڭغا ئېنىقلاش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار ھەمدە گۇۋاھچىلار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.
132-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرگەندە،جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئېنىقلىغانلىرى، تەكشۈرگەنلىرىنى قايتا ئېنىقلاش ۋە قايتا تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن قايتا ئېنىقلاش ۋە قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا ھەمدە ئۇنىڭغا تەپتىش خادىملىرىنى قاتناشتۇرسا بولىدۇ.
133-ماددا دىلۇل ئەھۋالىنى ئىنىقلاش ئۇچۇن زورۇر تىپىلغاندا ج خ ئۇرگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن تەھقىقلەش يۇزىسىدىن ئەمەلى سىناق ئۆتكۇزسە بولىدۇ .
تەھقىقلەش يۇزىسىدىن ئەمەلى سىناق قىلىشتىن خاتىرە قالدۇرۇش ،ئەمەلى قاتناشقۇچىلار ئىمزاسىنى قۇيۇپ تامغا بىسىشى كىرەك.
تەھقىقلەش يۇزىسىدىن ئەمەلى سىناق يۇرگۇزۇشتە خەۋىپ تۇغدۇرىدىغان كىشىلىك غۇرۇرغا ھاقارەت كەلتۇرىدىغان ياكى ئەدەپ قائىدىگە سىغمايدىغان ھەر قانداق قىلمىش مەنئى قىلىنىدۇ .
  5-پارگىراف ئاختۇرۇش
134-ماددا جىنايەتكە دائىر دەلىل - ئىسپاتلارنى توپلاش، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، تەھقىقلىگۈچى خادىملار جىنايەت گۇماندارىنىڭ، شۇنىڭدەك جىنايەتچىلەرنى ياكى جىنايەتكە دائىر دەلىل – ئىسپاتلارنى يوشۇرۇش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى، نەرسە - كېرەكلىرىنى، تۇرار جايىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جايلارنى ئاختۇرسا بولىدۇ.
135-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماددىي ئىسپات، يازما ئىسپات ۋە ئۈن – سىن ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.
136-ماددا ئاختۇرۇشقا ئاختۇرۇلغۇچىغا ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى كۆرسىتىلىشى شەرت.
قولغا ئېلىش ۋە توختىتىپ قويۇشنى ئىجرا,, قىلىشتا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى بولمىسىمۇ ئاختۇرۇشقا بولىدۇ.
137-ماددا ئاختۇرغان چاغدا، ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، قوشنىلىرى ۋە ياكى باشقا گۇۋاھچىلار تۆپىدە تۇرۇشى لازىم.
ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئايال خادىملار ئاختۇرۇشى لازىم.
  138-ماددا ئاختۇرۇش ئەھۋالىدىن خاتىرە يېزىلىشى، ئۇنىڭغا تەھقىقلىگۈچى خادىملار ۋە ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، قوشنىلىرى ۋە ياكى باشقا گۇۋاھچىلار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم. ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قېچىپ كەتكەن ياكى ئىمزا قويۇشنى، تامغا بېسىشنى رەت قىلغان بولسا، خاتىرىدە ئەسكەرتىلىشى لازىم.

6- پاراگراف ماددىي ئىسپات ۋە يازما ئىسپاتنى تۇتۇپ قېلىش ،پىچەتلەش
139-ماددا ئېنىقلاش ۋە ئاختۇرۇش جەريانىدا تېپىلغان، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان مۇلۇكلەر ۋە ھۆججەتلەر تۇتۇپ قېلىنىشى پىچەتلىنىشى  لازىم؛ دېلوغا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر ۋە ھۆججەتلەرنى تۇتۇپ قېلىشقا پىچەتلەشكە  بولمايدۇ.
تۇتۇپ قلېىنغان مۇلۇكلەر ۋە ھۆججەتلەرنى ئوبدان ساقلاش ياكى پېچەتلىۋېتىش لازىم. ئىشلىتىشكە ياكى بۇزۇۋېتىشكە ئالماشتۇرۋىتىشكە  بولمايدۇ.
  140-ماددا تۇتۇپ قېلىنغان مۇلۇك ۋە ھۆججەتلەرنى تۆپىدە تۇرغان گۇۋاھچىلار تۇتۇپ قېلىنىدىغان نەرسىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىدىتلاپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ئوخشاش ئىككى نۇسخا تىزىملىك يېزىپ چىقىشى كېرەك، ئۇنىڭغا تەھقىقلىگۈچى خادىملار، گۇۋاھچىلار ۋە نەرسىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندىن كېيىن، بىر نۇسخسىنى شۇ نەرسىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىغا بېرىش، يەنە بىر نۇسخىسىنى دېلوغا سېلىش لازىم.
141-ماددا تەھقىقلىگۈچى خادىملار جىنايەت گۇماندارىنىڭ پوچتا يوللانمىسى، تېلېگراممىسىنى تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىپ، پوچتا – تېلېگراف ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك پوچتا يوللانمىسىنى، تېلېگراممىنى تۇتۇپ قېلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.
داۋاملىق تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك بولمىغاندا، پوچتا – تېلېگراف ئورگىنىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم.
142-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەتنى تەھقىقلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرسە، توڭلىتىۋەتسە بولىدۇ.
جىنايەت گۇماندارىنىڭ توڭلىتىۋېتىلگەن ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى تەكرار توڭلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
143-ماددا پىچەتلەنگەن  تۇتۇپ قېلىنغان مۇلۇك، ھۆججەت، پوچتا يوللانمىسى، تېلېگرامما ياكى توڭلىتىۋېتىلگەن ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلى،زايۇم بىلىتى ،پاي چىكى،فۇنىد ئۇلۇشى  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دېلو بىلەن ھەقىقەتەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ چىقسا، تۇتۇپ قېلىش ۋە توڭلىتىشنى ئۈچ كۈن ئىچىدە بىكار قىلىپ، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
7-پاراگراف باھالاش
144-ماددا  دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، دېلوغا دائىر بەزى مەخسۇس مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە، مەخسۇس بىلىم ئەھلىلىرىگە باھالاپ بېرىشكە ئەۋەتىش، تەكلىپ قىلش لازىم.
  145-ماددا باھالىغۇچى باھالاپ بولغاندىن كېيىن، باھالاش  پىكرىنى يېزىپ چىقىشى ھەم ئىمزا قويۇشى لازىم.
باھالىغۇچىلاردىن قەستەن يالغان باھالىغانلىرى قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
146-ماددا تەھقىقلىگۈچى ئورگان دەلىل – ئىسپات قىلىنىدىغان باھالاش خۇلاسىسىنى جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم. جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىماس قىلسا، تولۇقلاپ باھالاشقا ياكى قايتا باھالاشقا بولىدۇ.
147-ماددا جىنايەت گۇماندارىنىڭ روھىي كېسىلىنى باھالاشقا كەتكەن ۋاقىت دېلو بېجىرىش سۈرۈكىگە كىرگۈزۈپ ھېسابلانمايدۇ.

8- پاراگراف تېخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى
148-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى دىلۇ ئاچقاندىن كىيىن دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۇزۇش جىنايىتى ،تىرۇرلۇق ھەركىتى جىنايىتى ،قارا جەمىيەت تۇسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى ،زور زەھەر  جىنايىتى ياك جەمىيەتكە ئىغىر دەرىجىدە خەۋىپ يەتكۇزىدىغان باشقا جىنايەت دىلۇلىردا ،جىنايەتنى تەھقىقلەش ئىھتىياجى بىلەن كەسكىن تەستىقلاش رەسمىيتىنى ئۆتەپ تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلۇ ئاچقاندىن كىيىن زۇر  خىنايەتچىلىك ،پارىخۇرلۇق جىنايىتى دىلۇسى ھەمدە خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلنىپ پۇقرالارنىڭ جىسمانى ھۇقۇقىغا ئىغىر دەرىجىدە چىقىلغان زور جىنايەت دىلۇلىردا جىنايەتنى تەھقىقلەش ئىھتىياجى بىلەن كەسكىن تەستىقلىتىش رەسمىيتىنى ئۇتەپ تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى قوللانسا بەلگىلىمە بۇيىنچە مۇناسىۋەتلىك ئورگاننىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.
تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ياكى قولغا ئىلىش تەستىقلاش قارار قىلىنغان جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارنى قۇغلاپ تۇتۇش ئۈچۇن تەستىقلىتىش ئارقىلىق قۇغلاپ تۇتۇشقا ئىھتىياجىلىق بۇلغان تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ .
  149-ماددا جىنايەتنى تەھقىقلەش ئىھتىياجى بىلەن تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرىنىڭ تۇرى ۋە تەدبىقلاش ئۇبىكتىنى بىكىتىشنى تەستىقلاش قارار قىلىش لازىم .تەستىق قارار تارقىتىلغان كۇندىن باشلاپ ئۇچ ئاي ئىچىدە كۇچكە ئىگە بۇلىدۇ.داۋاملىق تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى قوللىنىشنىڭ زۇرۇريىتى بولمىسا بىكار قىلىش كىرەك .مۇرەككەپ چىگىش دىلۇلاردا مۇددەت تۇشۇپ قالسىمۇ يەنىلا تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرىنى داۋاملىق قوللىنىش زۆرۇر بولسا تەستىقلىتىش ئارقىلىق كۇچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارىتسا بولىدۇ .ھەر قىتىملىق ئۇچ ئايدىن ئىشىپ كەتسە بولمايدۇ.
  150-ماددا تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرىنى قەتئى تەستىقلانغان تەدبىرنىڭ تۇرى تەدبىقلاش ئۇبىكتى ۋە مۇددىتىگەئاساسەن ئىجرا قىلىش كىرەك.
تەھقىقلىگۇچى خادىملار تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى قوللىنىش جەريانىدا بىلگەن دۆلەت مەخپىيتى ،سودا مەخپىيتى ۋە شەخىسلەرنىڭ مەخپىيتىنى ساقلىشى كىرەك .تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى قوللىنىش جەريانىدا ئىرىشكەن دىلۇ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ماتىرياللارنى ۋاقتىدا كۆيدۇرۋىتىش كىرەك.
تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى ئارقىلىق ئىرىشكەن ماتىرياللارنى جىنايەتنى تەھقىقلەش ئەيىپلەش ۋە سوتلاشقىلا ئىشلىتىلىدۇ ،باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى قانۇن بۇيىنچە تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىر قوللانغاندا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇن ۋە شەخىسلەر ماسلىشىشى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنىڭ مەخپىيتىنى ساقلشى كىرەك .
  151-ماددا دىلۇ ئەھۋالىنى تەكشۇرۇپ ئىنىقلاش ئۇچۇن زورۇر تىپىلغاندا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇنغان سالاھىيىتىنى تەھقىقلىسە بولىدۇ .لىكىن ئۇلارنى جىنايەت سادىر قىلىشقا ،جامائەت خەۋىپسىزلىكىگە ياكى زور جىسمانى خەتەر يىتىش ئىھتىمالى بولغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا قىرىقتۇرۇشقا بولمايدۇ.
زەھەر بىرىش قاتارلىق مەنئى قىلىنغان بۇيۇم ياكى مال مۇلۇككە چىتىلىدىغان جىنايى ھەركەتلەردە ،جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى جىنايەتنى تەھقىقلەش ئىھتىياجى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن كونتۇرۇللىقىدا تاپشۇرۇرشنى ئىلىپ بارسا بولىدۇ .
152-ماددا بۇ پارگىرافتىكى بەلگىلىملىگە ئاساسەن تىخنىكىلىق تەھقىقلەش تەدبىرى قوللىنىپ توپلانغان ماتىرياللارنى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا دەلىل ئىسپات قاتارىدائىشلەتسە بولىدۇ .ئەگەر شۇ دەلىل ئىسپاتنى ئىشلىتىش مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنىڭ جىسمانى خەۋىپسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۇزۇش ياكى باشقا ئىغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش ئىھتىمالى بولسا ،مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنىڭ سالاھىتى ،تىخنىكىلىق ئۇسۇلنى ئاشكارىلىماسلىق قاتارلىقلارنى قوللىنىش كىرەك .زورۇر تىپىلغاندا سوتچى خادىملار سوت سىرتىدا دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۇرسە بولىدۇ.
  8-پارگىراف تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش
153-ماددا قولغا ئېلىنىدىغان جىنايەت گۇماندارى قېچىپ كەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارسا بولىدۇ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ قاچقۇن تۇتۇپ كېلىنىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۆز باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جايلاردا تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىۋاسىتە چىقارسا بولىدۇ؛ ئۆز باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان جايلاردا بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ بۇيرۇق چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
9-پارگىراف تەھقىقلەشنى ئاياشلاشتۇرۇرش
154-ماددا  جىنايەت گۇماندارلىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئىككى ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغان، سۈرۈك ئىچىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمايدىغان دېلولارنى تەھقىقلەش سۈرۈكىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ برى ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
155-ماددا پەۋقۇلئاددە سەۋەب تۈپەيلىدىن، خېلى ئۇزاققىچە سوت قىلىشقا تاپشۇرغىلى بولمايدىغان ئىنتايىن چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولارنى قاراپ چىقىش سۈرۈكىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىپ ئۇزارتىدۇ.
  156-ماددا تۆۋەندىكى دېلولاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 154 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمىغانلىرىنىڭ تەھقىقلەش سۈرۈكىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن ئىككى ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ:
(1) قاتناش ئىنتايىن قۇلايسىز چەت – ياقا جايلاردا يۈز بەرگەن چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولار؛
(2) چوڭ جىنايەتچىلەر گۇرۇھى دېلولىرى؛
(3) ئېقىپ يۈرۈپ تۇغدۇرغان چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولار؛
(4) چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، دەلىل – ئىسپات ئېلىش قىيىن بولغان چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولار.
157-ماددا جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئون يىللىق قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان، مۇشۇ قانۇننىڭ 156 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇزارتىلغان سۈرۈك ئىچىدىمۇ تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا بولمىغانلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن يەنە ئىككى ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
158-ماددا تەھقىقلەش جەريانىدا باشقا مۇھىم جىنايىتى بارلىقى سېزىلگەن جىنايەت گۇماندارلىرىدىن تەھقىقلىنىدىغانلىرىنىڭ قاماپ تۇرۇلۇش سۈرۈكى مۇشۇ قانۇننىڭ 154 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ جىنايىتى سېزىلگەن كۈندىن باشلاپ قايتا ھېسابلىنىدۇ.
ھەقىقىي ئىسىم - فامىلىسى، تۇرار جايىنى دەپ بەرمىگەنلىكتىن، كىملىكى ئېنىق بولمىغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ كىملىكىنى تەكشۇرۇش كىرەك .تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكى، ئۇلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ جىنايىتى قىلمىشىنى تەھقىقلەپ، دەلىل – ئىسپات ئېلىشنى توختىتىشقا بولمايدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۇرۇپ ئىنىقلاش مۇمكىن بولمىسا  ئۆزى مەلۇم قىلغان ئىسىم – فامىلىسى بويىچە ئەيىبلەش سوتلاشقا  ئۆتكۈزۈپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.
159-ماددا دىلۇنى تەھقىقلەش ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات تەلىپىنى ئۇتتۇرغا قۇيغان بولسا تەھقىقلىگۇچى ئورگان ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىگە ئاڭلىشى ھەم دىلۇدا خاتىرلەپ قۇيۇشى كىرەك.ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات پىكىرىنى يىزىقچە ئۇتتۇرغا قۇيغان بولسا دىلۇغا سىلىپ قويۇش كىرەك .
160-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرغان دېلولاردا جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بلۇشى ھەمدە ئەيىبلەش پىكىرنامىسى يېزىپ، دېلو ماتېرىياللىرى ۋە دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن بىللە تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قارار قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى لازىم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىلۇنى ئۆتكۇزۇپ بىرىش ئەھۋالىنى جىنايەت   گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتىغا ئۇقتۇرۇش كىرەك.
  161-ماددا تەھقىقلەش جەريانىدا، جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ دېلوسىنى بىكار قىلىش كېرەك؛ جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان بولسا، قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىپ، دەرھال قويۇپ بېرىش ھەمدە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش كېرەك
10- پاراگراف خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل
قىلغان دېلولارنى تەھقىقلىشى
162-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولارنى تەھقىقلىشىگە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
163-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 60 – ماددىسى ۋە79- ماددىسىنىڭ 4 -، 5 – تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشقا، توختىتىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ.
164-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلودىكى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە سوراق قىلىشى كېرەك. توختىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولغانلارنى قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىپ، دەرھال قويۇپ بېرىشى شەرت، قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، دەلىل – ئىسپاتلىرى تولۇق بولمىغانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ.
165-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلودىكى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ ھېسابلىسا، ئون تۆت كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا قولغا ئېلىشنى قارار قىلىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئۇچ كۈنگىچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ. قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرى دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك؛ داۋاملىق تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولغانلار ھەمدە بىر تەرە قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش شەرتىگە توشىدىغانلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلىشى ياكى تۇرار جايي نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەك.
166-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرغان دېلو ئۈستىدە ئەيىبلەش – ئەيىبلىمەسلىك ياكى دېلونى بىكار قىلىش قارارى چىقىرىدۇ.
3-باب ئەيىبلەش
  167-ماددا ئەيىبلەشكە تېگىشلىك دېلولارنىڭ ھەممىسىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قارار چىقىرىدۇ.
168-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى ئېنىقلاپ چىقىشى شەرت:
(1) جىنايەت پاكىتلىرى ۋە قىلمىشىنىڭ ئېنىق بولغان – بولمىغانلىقى، دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ راست ۋە تولۇق بولغان – بولمىغانلىقى، جىنايەت خاراكتېرى ۋە جىانيەت نامىنىڭ توغرا بېكىتىلگەن – بېكىتىلمىگەنلىى؛
(2)چۈشۈپ قالغان جىنايەت ۋە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان كىشىلەرنىڭ بار – يوقلۇقى؛
(3) جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلار قاتارىغا كىرىدىغان - كىرمەيدىغانلىقى؛
(4) قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىنىڭ بار – يوقلۇقى؛
(5) تەھقىقلەش پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق بولغان – بولمىغانلىقى.
169-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولار ئۈستىدە بىر ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىپ بولۇشى كېرەك، چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولارنىڭكىنى يېرىم ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆزگەرگەن بولسا، تەۋەلىكى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
170-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلۇنى تەكشۇرگەندە جىنايەت  گۇماندارىدىن سوئال سورىشى ،ئاقلىغۇچى ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ داۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى ھەمدە دىلۇغا خاتىرلەپ قۇيۇشى كىرەك.ئاقلىغۇچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ۋاكالەتچىسى پىكرىنى يازما ئۇتتۇرغا قۇيغان بولسا دىلوغا سىلىپ قۇيۇشى لازىم .
171-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو تەكشۈرگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن سوتتا كېرەكلىك دەلىل – ئىسپات ماتېرىياللىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.مۇشۇ قانۇننىڭ 54-ماددىسدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن دەلىل ئىسپات توپلىغان ئەھۋاللار بار دەپ قارىسا ئۇلارنىڭ دەلىل ئىسپات توپلىشىنىڭ قانۇنلۇقىنى چۇشەندۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرگەن دېلولاردىن تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە توغرا كەلگەنلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرسىمۇ، ئۆزى تەھقىقلىسىمۇ بولىدۇ.
تولۇقلاپ تەھقىقلىنىدىغان دېلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەش بىر ئاي ئىچىدە تۈگىتىلىشى كېرەك، تولۇقلاپ تەھقىقلەش ئىككى قېتىم بىلەنلا چەكلىنىدۇ. دېلو تولۇقلاپ تەھقىقلىنىپ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى قايتا ھېسابلايدۇ.
2-قىتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەنگەن دېلولاردىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەنىلا دەلىل – ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، ئەيىبلەش شەرتىگە توشمايدۇ دەپ ھېسابلىغىنى ئۈستىدە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارسا بولىدۇ.
172-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارلىرىدىن جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىشقا تېگىشلىك، دەپ ھېسابلىغىنى ئۈستىدە ئەيىبلەش قارارى چىقىرىپ، سوت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىشى ھەمدە دىلۇ ماتىرياللىرى دەلىل ئىسپاتلارنى خەلق سوت مەھكىمىسگە ئۆتكۇزۇپ بىرىشى كىرەك .
173-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىانيەت گۇماندارلىرىنىڭ جىنايەت پاكىتى بۇلمىسا ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بارلىرى ئۈستىدە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىشى لازىم.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر بولمىغانلار ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلار ئۈستىدە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارغان دېلودا تەھقىقلەش جەريانىدا تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان پۇل - ماللارنى تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىشنىمۇ بىكار قىلىشى لازىم. ئەيىبلىمەيدىغانلاردىن مەمۇرىي جازا بېرىش، مەمۇرىي چارە كۆرۈش ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇساىرە قىلىش زۆرۈر بولغانلىرىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىشلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار مەسئۇل ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. ئالاقىدار مەسئۇل ئورگان بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم.
174-ماددا ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى ئوچۇق ئېلان قىلىش ھەمدە ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىش لازىم. ئەيىبلەنمىگۈچى قاماقتا بولسا، دەرھال قويۇپ بېرىش لازىم.
175-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلو ئۈستىدە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقاسا، ئەيىبلىمەسلىك قاارنامىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ ھېسابلىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، پىكرى قوبۇل قىلىنمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا تەكشۈرۈشكە سۇنسا بولىدۇ.
176-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بار دېلو ئۈستىدە ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى چىقارغاندا، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈش قارارىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى كۈچكە ئىگە قىلسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىماي، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. زىياكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەرز سۇنماي، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك دېلو ماتېرىياللىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك دېلو ماتېرىياللىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
177-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 142 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقارغان ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا ئەيىبلەنمىگۈچى قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈش ھەققىدە قارار چىقىرىپ، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئۇقتۇرۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغىمۇ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.
  ئۈچىنچى قىسىم سوت قىلىش
  1 - باب سوت تەشكىلاتى
  178-ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوت دېلوسىنى ئۈچ سوتچىدىن ياكى سوتچى ۋە خەلق زاسېداتىلى بولۇپ ئۈچ كىشىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىشى لازىم، لېكىن ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىدىغان دېلونى بىرلا سوتچى ئۆز ئالدىغا سوت قىلسا بولىدۇ.
يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوت دېلوسىنى ئۈچتىن يەتتىگىچە سوتچى ياكى ئۈچتىن يەتتىگىچە سوتچى ۋە خەل زاسېداتىلىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىشى لازىم.
خەلق زاسېداتىللىرى خەلق سوت مەھكىمسىىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا سوتچىلار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ۋە ئېتىراز دېلولىرىنى ئۈچتىن بەشكىچە سوتچىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىدۇ.
كېڭەشمە سوت ئەزالىرىنىڭ سانى تاق بولۇشى لازىم.
مەھكىمە باشلىقى ياكى كوللېگىيە باشلىقى سوتچىلاردىن بىرىنى كېڭەشمە سوتقا باش سوتچى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. مەھكىمە باشلىقى ياكى كوللېگىيە باشلىقى دېلونى سوت قىلىشقا قاتناشقاندا ئۆزى باش سوتچى بولىدۇ.
179-ماددا كېڭەشمە سوتتا باھالىغاندا پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلۇپ قالسا، كۆپ سانلىقنىڭ پىكرى بويىچە قارار چىقىرىش لازىم، ئەمما ئاز سانلىقنىڭ پىكرى خاتىرىگە يېزىپ قويۇلۇشى كېرەك. باھالاش خاتىرىسىگە كېڭەشمە سوت ئەزالىرى ئىمزا قويىدۇ.
  180-ماددا كېڭەشمە سوت سوت ئاچقان ھەمدە باھالىغاندىن كېيىن ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك. كېڭەشمە سوت چىگىش، مۇرەككەپ ۋە چوڭ دېلولار ئۈستىدە قارار چىقىرىش قىيىن دەپ ھېسابلىسا، كېڭەشمە سوت مەھكىمە باشلىقىنىڭ قارارى بىلەن سوت ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ. سوت ھەيئىتىنىڭ قارارىنى كېڭەشمە سوت ئىجرا قىلىشى كېرەك.
   2- باب 1 – سوت تەرتىپى
   1- پاراگراف ئەيىبلەنگەن دېلولار
181-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەيىبلەنگەن دېلولارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەيىبنامىدە جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق ئەيىبلەنگەن ھەمدە دەلىل – ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، گۇۋاھچىلار ئىسىملىكى ۋە ئاساسىي دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكى سۈرىتى يوللانغانلىرىنى سوت ئېچىپ سوت توغرىسىدا قارار چىقىرىشى لازىم.
182-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئىچىپ سوت قىلىشنى قارار قىلغاندىن كىيىن كىڭەشمە سوت ئەزالىرنى بىكتىشى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىپنامىسىنڭ كۇچۇرمىسىنى كىچىككەندە سوت ئىچىشتىن ئۇن كۇن ئىلگىرى جاۋاپكار ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسغا يەتكۇزۇشى كىرەك.
خەلق سوت مەھكىمسى سوت ئاچىدىغان ۋاقىتنى بىكىتكەندىن كىيىن سوت ئىچىش ۋاقتى ۋە ئۇرنىنى كىچىككەندىمۇ ئۇچ كۇن ئىلگىرى خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە ئۇقتۇرۇش ،دەۋالاشقۇچىلارنى چاقىرتىش ،ئاقلىغۇچى ،دەۋا ۋاكالەتچىسى ،گۇۋاھچى ،باھالىغۇچى ۋە تەرجىمانغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ،چاقىرىق قەغىزى ۋە ئۇقتۇرۇشنى يەتكۇزۇپ بىرىش كىرەك .ئۇچۇق سوت قىلىنىدىغان دىلۇلاردا سوت ئىچىشتىن ئوچ كۇن ئىلگىرى دىلۇمەزمۇنى ،جاۋاپكارنىڭ ئىسىم  فامىلسى ،سوت ئىچىش ۋاقتى ۋە ئورنىنى ئالدىن ئىلان قىلىش كىرەك.يۇقۇرقى پائالىيەتلەر خاتىرلەپ قۇيۇلىدۇ ،ئۇنىڭغا سوتچى خادىملار ۋە پۇتۇكچى ئىمزا قۇيىدۇ.
183-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت دىلۇسىنى ئۇچۇن سوت قىلىشى لازىم .ئەمما دۆلەتنىڭ مەخپىيتىگە ياكى شە خسىنىڭ شەخسىيتىگە تاقىلىدىغان دىلۇ ئۇچۇق سوت قىلىنمايدۇ.سودا مەخپىيتىگە تاقىلىدىغان دىلۇنى ئالاقىدارلار ئۇچۇق سوت قىلماسلىقى تەلەپ قىلسا ئوچوق سوت قىلىنمىسا بولىدۇ.
ئۇچۇق سوت قىلىنمايدىغان دىلۇلارنىڭ ئۇچۇق سوت قىلىنماسلىقىدىكى سەۋەپلەر شو سوتنىڭ ئوزىدە ئىلان قىلىنىشى لازىم.
184-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەيىبلەنگەن دېلونى سوت قىلغاند،ا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ، ئەيىبلەشنى قوللىشى كېرەك،
185-ماددا سوت ئاچقاندا، باش سوتچى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھازىر بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ، دېلو مەزمۇنىنى ئېلان قىلىدۇ؛ كېڭەشمە سوت ئەزالىرى، پۈتۈكچى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى، باھالىغۇچى ۋە تەرجىماننىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇلارنىڭ كېڭەشمە سوت ئەزالىرى، پۈتۈكچى، ئەيىبلىگۈچى، باھالىغۇچى ۋە تەرجىماننىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ؛ جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.
186-ماددا ئەيىبلىگۈچى سوتتا ئەيىبنامىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، جاۋابكار، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەيىبنامىدە ئەيىبلەنگەن جىنايەت ئۈستىدە پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ، ئەيىبلىگۈچى جاۋابكاردىن سوئال سورىسا بولىدۇ.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر، ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەچىسى باش سوتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، جاۋابكارغا سوئال قويسا بولىدۇ.
سوتچى خادىملار جاۋابكاردىن سوئال سورىسا بولىدۇ.
187-ماددا ئەيىپلىگۇچى ،ئالاقىدارياكى ئادۇۋكات دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ گۇۋاھلىق سوزىگە باشقىچە پىكرى بولسا ھەم گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سوزى جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەشكە زور تەسىر كۇرسىتىپ ،خەلق سوت مەھكىمىسى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بىرىش كىرەك دەپ قارىسا گۇۋاھچى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بىرىشى كىرەك.
خەلق ساقچىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا كۆرگەن جىنايەت ئەھۋالىغا گۇۋاھچى قاتارىدا گۇۋاھلىق بەرسە ،ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ .ئەيىپلىگۇچى ،ئالاقىدار ياكى ئاقلىغۇچى ،دەۋا ۋاكالەتچىللىرنىڭ باھالاش پىكرىگە باشقىچە پىكرى بولسا باھالىغۇچى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بىرىشى كىرەك .خەلق سوت مەھكىمىسى ئوقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ باھالىغۇچى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بىرىشنى رەت قىلسا باھالاش پىكرىنى دىلۇ بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.
188-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ گۇۋاھچى ئۇرۇنسىز سەۋەپلەر بىلەن سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرمىسە ،خەلق سوت مەھكىمىسى مەجبۇرى سوتقا ئىلىپ كەلسە بولىدۇ ،لىكىن جاۋاپكارنىڭ جۇرىسى ،ئاتا ئانىسى ،پەرزەنىتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
گۇۋاھچىلار ئورۇنسىز سەۋەپ بىلەن سوتقا چىقىشنى رەت قىلسا ياكى سوتقا چىققاندىن كىيىن گۇۋاھلىق بىرىشنى رەت قىلسا تەنبىھ بىرىلىدۇ.قىلمىشى ئىغىر بولسا مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئون كۇندىن تۆۋەن توختىتىپ قۇيۇلىدۇ.جازالانغۇچى توختۇتۇپ قۇيۇش قارارىغا قايىل بولمىسا بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە ئىجرا قىلىش توختىتىلمايدۇ.
189-ماددا  گۇۋاھچى گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدىغان چاغدا، سوتچى خادىملار ئۇنىڭغا راست گەپ قىلىش كېرەكلىكىنى، قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرسە ياكى جىنايەت دەلىللىرىنى يوشۇرسا قانۇن جاۋابكارىلقىغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئەيىبلىگۈچى، دەۋالاشقۇچى ۋە ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى باش سوتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ گۇۋاھچىدىن ۋە باھالىغۇچىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ. باش سوتچى سوئالنىڭ مەزمۇنىنى دېلوغا مۇناسىۋەتسىز دەپ ھېسابلىسا، سوئال سوراشنى توسۇشى كېرەك.
سوتچى خادىملار گۇۋاھچى ۋە باھالىغۇچىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ.
  190-ماددا ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى سوتتا ماددىي ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ دەۋالاشقۇچىلارغا تونۇتۇشى كېرەك، سوتقا كەلمىگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ خاتىرىسى، باھالىغۇچىنىڭ باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش خاتىرىسىنى ۋە دەلىل - ئىسپات بولىدىغان باشقا ماتېرىياللارنى سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈشى لازىم. سوتچى خادىملار ئەيىبلىگۈچى، دەۋالاشقۇچى ۋە ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنىئ ېلىشى كېرەك.
191-ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، كېڭەشمە سوت دەلىل – ئىسپاتلاردىن گۇمان قىلسا، سوتنى توختىتىپ تۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، دەلىل – ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرسە بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى دەلىل - ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئېنىقلىسا، تەكشۈرسە، تۇتۇپ قالسا، باھالىسا، سۈرۈشتۈرسە ۋە توڭلىتىپ قويسا ،پىچەتلىسە بولىدۇ.
192-ماددا سوتتا ست قىلىش جەريانىدا، دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى يېڭى گۇۋاھچىنى سوتقا كەلتۈرۈشنى، يېڭى ماددىي ئىسپاتنى ئالدۇرۇشنى، باھالاش ياكى ئېنىقلاش ئىشىنى يېڭىۋاشتىن ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئەيىپلىگۇچى ئالاقىدارلار ۋە ئاقلىغۇچى ،داۋا ۋاكالەتچىسى مەخسۇس بىلىمگە ئىگە كىشىنىڭ سوتقا چىقىپ ،باھالىغۇچى چىقارغان باھالاش پىكىرىگە پىكىرىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇش ئۇچۇن سوتنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
سوت يۇقۇرقى ئىلتىماسقا قۇشۇلىدىغان قۇشۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقىرىشى كىرەك .
2-تارماقتىكى مەخسۇس بىلىمگە ئىگە كىشىنىڭ سوتقا چىقىشىغا باھالىغۇچىغا دائىر بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ .
193-ماددا سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا جىنايەت بىكىتىش جازا ئۆلچەشكە مۇناسىۋەتلىك پاكىت دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۇرۇش مۇنازىرلىشىش كىرەك .
ئەيىبلىگۈچى، دەۋالاشقۇچى ۋە ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى باش سوتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، دەلىل – ئىسپات ۋە دېلو ئەھۋالى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلسا ھەم مۇنازىرىلەشسە بولىدۇ. باش سوتچى مۇنازىرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكار ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  194-ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، دەۋا ئىشتىراكچىلىرى ياكى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىغۇچىلاردىن سوت تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى باش سوتچى ئاگاھلاندۇرۇپ توسۇشى كېرەك. گەپ ئاڭلىمىغانلار سوتتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 1000 يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇشنى مەھكىمە باشلىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. جازالانغۇچىلاردىن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىتلىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە ئىجرا توختىتىلمايدۇ.
سوتتا توپلىشىپ جېدەل چىقارغان، سوتقا بېسىپ كىرگەن ياكى ئەدلىيە خادىملىرىغا ياكى دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا ھاقارەت قىلغان، بوھتان چالىغان، تەھدىت سالغان، ئۇلارنى ئۇرغانلاردىن سوت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلارشتۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
  195-ماددا جاۋابكار ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باش سوتچى سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، كېڭەشمە سوت باھالاپ ئېنىقلانغان پاكىت، دەلىل – ئىسپاتلارغا ۋە قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چىقىرىدۇ:
(1) دېلو پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ، جاۋابكارنىڭ جىنايىتى بارلىقى قانۇن بويىچە مۇقىملاشتۇرۇلسا، جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
(2) جاۋابكارنىڭ جىنايىتى يوقلۇقى قانۇن بويىچە مۇقىملاشتۇرۇلسا، جىنايەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
(3) دەلىل – ئىسپات تولۇق بولمىسا، جاۋابكارنىڭ جىنايىتى بارلىقىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولمىسا، دەلىل – ئىسپات تولۇق ئەمەس، ئەيىبلەنگەن جىنايەتكە توشمايدۇ، جىنايەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
196-ماددا ھۆكۈم پۈتۈنلەي ئوچۇق ئېلان قىلىنىدۇ.
ھۆكۈم سوتنىڭ ئۆزىدە ئېلان قىلىنغانلىرىدا، ھۆكۈمنامە دەۋالاشقۇچىلارغا ۋە ئەيىبلىگۈچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە بەش كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىلىشى لازىم؛ ھۆكۈم قەرەللىك ئېلان قىلىنىدىغانلىرىدا ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەۋالاشقۇچىلرغا ۋە ئەيىبلىگۈچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دەرھال يەتكۈزۈپ بېرىلىشى لازىم. ھۆكۇمنامە شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاقلغۇچى داۋا ۋاكالەتچىسىگە يەتكۇزۇپ بىرىلىشى لازىم.
197-ماددا ھۆكۈمنامىگە سوت خادىملىرى ۋە پۈتۈكچى ئىمزا قويۇشى ھەمدە نارازىلىق ئەرز بېرىلىدىغان مۆھلەت ۋە سوت مەھكىمىسى ئېنىق يېزىلىشى لازىم.
198-ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، سوت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سوت قىلىش ۋاقتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ:
(1)يېڭى گۇۋاھچىلارغا سوتقا كېلىشنى ئۇقتۇرۇشقا، يېڭى ماددىي ئىسپاتلارنى ئالدۇرۇشقا، يېڭىۋاشتىن باھالاش ياكى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛
(2)تەپتىش خادىملىرى ئەيىبلەنگەن دېلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى سېزىپ تەكلىپ قويسا؛
(3) دەۋالاشقۇچىلار چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىقتىن سوتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمىسا.
  199-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 198 – ماددىسىنىڭ 2 – تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، سوت قىلىش ۋاقتى ئۇزارتىلغان دېلولارنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر ئاي ئىچىدە تولۇقلاپ تەھقىقلەش بولۇشى كېرەك.
200-ماددا سوتلاش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بۇلۇپ دىلۇنى خىلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە داۋاملىق قاراپ چىققىلى بولمىسا سوتلاشنى توختاتسا بولىدۇ:
(1) جاۋاپكار ئىغىر كىسەل بۇلۇپ سوتقا كىلەلمىسە .
(2) جاۋاپكار قىچىپ كەتكەن بولسا .
(3) بىۋاستە داۋا قىلىنغۇچى ئىغىر كىسەل بۇلۇپ قىلىپ سوتقا كىلەلمەيدىغان دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ سوتقا چىقىشىنى ھاۋالە قىلمىغان بولسا .
(4) قارشى تورغىلى بولمايدىغان سەۋەپ بولسا .
سوتلاش توختىلغان سەۋەپ تۇگىتىلگەندىن كىيىن سوتلاشنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش كىرەك .سوتلاشنى توختىتىش مۇددىتى سوتلاش سورۇكىگە قۇشۇپ ھىساپلانمايدۇ.

شاھزادە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6774
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 09:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
200-ماددا سوتلاش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بۇلۇپ دىلۇنى خىلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە داۋاملىق قاراپ چىققىلى بولمىسا سوتلاشنى توختاتسا بولىدۇ:
(1) جاۋاپكار ئىغىر كىسەل بۇلۇپ سوتقا كىلەلمىسە .
(2) جاۋاپكار قىچىپ كەتكەن بولسا .
(3) بىۋاستە داۋا قىلىنغۇچى ئىغىر كىسەل بۇلۇپ قىلىپ سوتقا كىلەلمەيدىغان دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ سوتقا چىقىشىنى ھاۋالە قىلمىغان بولسا .
(4) قارشى تورغىلى بولمايدىغان سەۋەپ بولسا .
سوتلاش توختىلغان سەۋەپ تۇگىتىلگەندىن كىيىن سوتلاشنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش كىرەك .سوتلاشنى توختىتىش مۇددىتى سوتلاش سورۇكىگە قۇشۇپ ھىساپلانمايدۇ.
201-ماددا پۈتۈكچى سوتتىكى بارلىق سوتلاش پائالىيىتىنى خاتىرىلەيدۇ، خاتىرىنى باش سوتچى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا باش سوتچى بىلەن پۈتۈكچى ئىمزا قويىدۇ.
گۇۋاھچىنىڭ سوت خاتىرىسىگە يېزىلغان گۇۋاھلىق سۆزلىرى سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ ياكى كۆرۈشكە بېرىلىدۇ. گۇۋاھچى خاتالىق يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغىسىنى باسىدۇ.
سوت خاتىرىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ كۆرۈشىگە بېرىلىشى ياكى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىلىشى لازىم. دەۋالاشقۇچىلار خاتىرىگە چۈشمەي قالغان ياكى خاتا يېزىلىپ قالغان يەرلەر بار دەپ قارىسا، تولۇقلاپ قويۇشنى ياكى تۈزىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار خاتالىق يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى لازىم.
202-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەيىپلەنگەن دىلۇنى سوت قىلغاندا ئونىڭ ھۆكۇمىنى شۇ دىلۇنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە ئىلان قىلىشى كىچىككەندىمۇ ئۇچ ئايدىن ئاشۇرۋەتمەسلىگى كىرەك.ئولۇم جازاسى ھۆكۇم قىلىش ئىھتىمالى بولغان دىلۇ ياكى قۇشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 156-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۇرۇلسە بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىنڭ تەستىقى بىلەن ئۇچ ئاي ئۇزارىتسا بولىدۇ .ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن يەنە ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ تەستىقلىشىغا يۇللاش كىرەك.
خەلق سوت مەھكىمسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرىتكەن دىلۇنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى سوت قىلىنىش سورۇكى خەلق سوت مەھكىمىسى دىلۇنى تاپشۇرۋالغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەيدىغان دىلۇلارنى تۇلۇقلاپ تەھقىقلىنىپ خەلق سوت مەھكىمىسگە ئۆتكۇزۇپ بىرىلگەندىن كىيىن سوت قىلىش سورۇكىنى خەلق سوت مەھكىمسى يىڭىۋاشتىن ھىساپلايدۇ.
203-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى سوت قىلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۈزىتىش ھەققىدە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

2- پاراگراف بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرى
204-ماددا بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرى تۆۋەندىكى دېلولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1)دەۋا قىلغاندىلا سورىلىدىغان دېلولار؛
(2) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىغان يېنىك جىنايى ئىشلار دېلولىرى؛
(3)زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە مال – مۈلۈك ھوققىغا دەخلى- تەرۇز قىلغان جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارىلقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىغان، ئەمما جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرمىگەن جاۋابكارلارنىڭ دېولىرى.
205-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ:
(1)جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتلىرى تولۇق دېلولارنى سوت ئېچىپ سوت قىلىدۇ؛
(2) بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرىدىن جىنايەت پاكىتلىرى كەمچىل بولغانلىرى ئۈستىدە، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى تولۇقلاپ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىنى دەۋادىن كېچىكش كۆندۈرىدۇ ياكى كېسىم بىلەن رەت قىلىدۇ.
بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىلاردىن قانۇن بويىچە ئىككى قېتىم چاقىرتىلغاندا ئورۇنسىز سەۋەب كۆرسىتىپ سوتقا كەلمىگەنلىرى ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا سوتتىن چىقىپ كەتكەنلىرى دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، سوتچى خادىملار دەلىل – ئىسپاتتىن گۇمان قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زۆرۈ تاپسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 191 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلايدۇ.
206-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرىنى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى جاۋابكار بىلەنئۆزى كېلىشىۋالسىمۇ ياكى دەۋادىن كەچسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 204 – ماددىسىنىڭ 3 – تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن دېلولار مۇرەسسە قىلىنمايدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاستە دەۋا دىلۇلىرنى قۇبۇل قىلىش مۇددىتىدە جاۋاپكار قامالغان بولسا مۇشۇ قانۇننىڭ 202-ماددا 1-،2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ .قامالمىغان بولسا قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى 6 ئاي ئىچىدە ھۆكۇم ئىلان قىلىنىشى كىرەك.
207-ماددا بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرىدىكى جاۋابكارلار دەۋا جەريانىدا بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىلارغا قارشى دەۋا قىلسا بولىدۇ. بىۋاسىتە دەۋا قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر قارشى دەۋا قىلىشقىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.
3- پاراگراف ئاددىي تەرتىپ
208-ماددا ئاساسى قاتلام سوت مەھكىمىسنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دىلۇلار تۆۋەندىكى شەرىتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلسا بولىدۇ:
(1) دىلۇنىڭ پاكىتى ئىنىق دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق بولسا .
(2) جاۋاپكار ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئىتىراپ قىلغان شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتىغا باشقىچە پىكرى بولمىغان بولسا .
(3) جاۋاپكارنىڭ ئاددى تەرتىپنى قۇللىنىپ سوتلاشقا باشقىچە پىكرى بولمىسا .
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلىگەندە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئاددى تەرتىپنى قۇللىنىپ سوتلاش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ.
209-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ئاددى تەرتىپنى قوللانسا بولمايدۇ.
(1) جاۋاپكار گاس، گاچا، ئەما بولسا ياكى ئۆز ھەركىتىنى تۇنۇش ،كونتۇرۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تۇلۇق يۇقاتمىغان روھى كىسەل بولسا .
(2) جەمىيەتتە زور تەسىرى بولسا .
(3) بىرلىشىپ جىنايەت سادىر قىلىش دىلۇلىردا بىر قىسىم جاۋاپكارلار جاۋاپكارلار جىنايىتىنى بوينىغا ئالمىغان ياكى ئاددى تەرتىپنى تەدبىقلاشقا باشقىچە پىكرى بولغان بولسا .
(4) ئاددى تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوتلاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا .
210-ماددا ئاددى تەرتىپ بۇيىنچە سوت قىلنىدىغان دىلۇلاردا ئۇچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن تۆۋەن  جىنايى جازا ھۆكۇم قىلىش ئىھتىمالى بولسا ،كىڭەشمە سوت تەشكىللەپ ھۆكۇم قىلسىمۇ ،بىرسوتچى ئايرىم سوتلىسىمۇ بولىدۇ.ئۇچ يىلدىن يۇقۇرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۇم قىلىنىش ئىھتمالى بولسا كىڭەشمە سوت ئىچىپ سوت قىلىش كىرەك.
ئەيىپلەنگەن دىلۇ  ئاددى تەرتىپ بۇيىنچە سوت قىلىنغاندا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتىش كىرەك .
211-ماددا ئاددى تەرتىپ بۇيىنچە سوت قىلىنىدىغان دىلۇلاردا سوتچىلار جاۋاپكارنىڭ شىكايەت قىلغان جىنايەت پاكىتىغا قارىتا پىكرىنى سوراش ،جاۋاپكارغا ئاددى تەرتىپ بۇيىنچە سوت قىلىش تۇغرىسىدىكى قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئۇقتۇرۇش ،جاۋاپكارنىڭ ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلىدىغان قۇشۇلمايدىغانلىقىنى بىكىتىش كىرەك .
212-ماددا بىۋاسىتە دەۋا دېلوسى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىنغاندا، دەۋانامە ئوقۇپ ئۆتۈپگەندىن كېيىن جاۋابكار ۋە ئنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوچى خادىملارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى بىلەن مۇنازىرىلەشسە بولىدۇ.
213-ماددا ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىنىدىغان دېلو مۇشۇ بابنىڭ 1 – پاراگرافىدىكى  يەتكۇزۇش سورۇكى ،جاۋابكاردىن سوئال سوراش، گۇۋاھچىدىن ۋە باھالىغۇچىدىن گەپ سوراش، دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش، سوتتا مۇنازىرىلىشىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى جاۋابكارنىڭ ئاخىرقى پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك.
214-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىسى ئاددى تەرتىپ بۇيىنچە سوت قىلدىغان دىلۇنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن 20 كۇن ئىچىدە سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇشى كىرەك.3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى جىنايى  جازاغا ھۆكۇم قىلنىش ئىھتىمالى بولسا بىر يىرىم ئاي ئۇزارىتسا بولىدۇ.
215-ماددا   خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش جەريانىدا ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلسا مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى سەزگەن دېلونى، مۇشۇ بابنىڭ 1 – پارگرافى ياكى 2 – پاراگرافىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا سوت قىلىشى لازىم.
3-باب 2 – سوت تەرتىپى
  216-ماددا جاۋابكار، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىدىن يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1 – سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىمىگە قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما ياكى ئاغزاكى نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ھوقۇقلۇق. جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى جاۋابكارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ.
قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1 – سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىمىنىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىسمى ئۈستىدە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ.
جاۋابكارنى نارازىلىق ئەرزى بېرىش ھوقۇقىدىن ھەرقانداق باھانە بىلەن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ.
217-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1 – سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىمىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ ھېسابلىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى لازىم.
218-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرىدىن يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1- سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلىرى ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بەش كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بەش كۈن ئىچىدە ئېتىرا بىلدۈرۈش – بىلدۈرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا جاۋاب بېرىشى لازىم.
219-ماددا ھۆكۈمگە قايىل بولمىغانلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى بېرىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش سۈرۈكى ئون كۈن بولىدۇ، كېسىمگە قايىل بولمىغانلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى بېرىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش سۈرۈكى بەش كۈن بولىدۇ، سۈرۈك ھۆكۈمنامە ۋە كېسىمنامە تاپشۇرۇۋېلىنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
220-ماددا جاۋابكار، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ۋە جاۋابكار ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق نارازىلىق ئەرزى بەرسە، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزنى ئۈچ كۈن ئىچىدە دېلو ۋە دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن بىللە ئۆزىدىن بىر دەرىجىدە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نارازىلىق ئەرزىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋە دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە بېرىشى لازىم.
جاۋابكار، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ۋە جاۋابكار 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە نارازىلىق ئەرزى بەرسە، 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەۋەتىشى لازىم.
221-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1 – سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىمىگە ئېتىراز بىلدۈرمەكچى بولسا، ئېتىرازنامىسىنى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق سۇنۇشى ھەمدە، ئېتىرازنامىسىنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش ەمھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى لازىم. ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئېتىرازنامىنى دېلو ۋە دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن بىللە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئېتىرازنامىنىڭ كۆچۈرمىسىنى دەۋالاشقۇچىلارغا بېرىشى لازىم.
يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېسابلىسا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئېتىرازنامىنى قايتۇرۇۋالسا ھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.
  222-ماددا  2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوت ھۆكۈمىدە پاكىتلارنىڭ بېكىتىلىشى ۋە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىنى نارازىلىق ئەرز ياكى ئېتىراز دائىرىسىدە چەكلىنىپ قالماي ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ كۆرۈشى لازىم.
بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت دېلوسىدىكى جاۋابكارلاردىن بىر قىسمىلا نارازىلىق ئەرزى بەرگەن بولسا، پۈتۈن دېلونى تەكشۈرۈپ بىراقلا بىر تەرەپ قىلىش لازىم.
223-ماددا 2-سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمسى تۆۋەندىكى دىلۇلارنى كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىشى لازىم:
(1) جاۋاپكار بىۋاستە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسنىڭ 1-سوتتا بىكىتىلگەن پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتقا باشقىچە پىكرى بۇلۇپ جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەشكە تەسىر يەتكۇزۇش ئىھتىمالى بولغان نارازىلىق ئەرىز دىلۇسى بولسا.
(2) جاۋاپكارغا ئۆلۇم جازاسى ھۆكۇم قىلىنغان نارازىلىق ئەرىز دىلۇسى بولسا .
(3) خەلق تەپتىش مەھكىمسى ئىتىراز بىلدۇرگەن دىلۇ بولسا .
سوت ئىچىپ قاراپ چىقىشقا تىگىشلىك باشقا دىلۇ بولسا .
2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئاچماسلىقنى قارار قىلىشتا جىنايەت گۇماندارىنى سوراق قىلىش باشقا ئالاقىدارلار ،ئاقلىغۇچى دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنى ئىلىش كىرەك.
كىڭەشمە سوت دىلۇ كۇرۇش ،جاۋاپكارلاردىن سوئال سوراش،باشقا دەۋالاشقۇچىلار ،ئاقلىغۇچىلارۋە دەۋا ۋاكالەتچىللىرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق پاكىتنى ئىنىق دەپ ھىساپلىغانلىرنى سوت ئاچماي سوت قىلسىمۇ بولىدۇ .خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىتىراز بىلدۇرگەن دىلۇنى 2-سۇت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئىچىپ سوت قىلىشى لازىم .
2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ۋە ئىتىراز دىلۇسىنى شۇ دىلۇ يۇز بەرگەن جايغا ياكى ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايغا بىرىپ سوت ئىچىپ سوت قىلسا بولىدۇ.
224-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىتىراز بىلدۇرگەن دىلۇدا ياكى ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئىچىپ سوت قىلىدىغان ئەيىپلەنگەن دىلۇدا تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرىشى لازىم .ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئىچىشنى قارار قىلغاندىن كىيىن خەلق تەپتىش مەھكمىسىگە دىلۇنى كۇرۇپ چىقىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى شەرىت.خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر ئاي ئىچىدە دىلۇ كۇرۇشنى تاماملاپ بۇلۇشى لازىم .خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دىلۇ كۇرۇش ۋاقتى سوتلاش مۇددىتىگە ھىساپلانمايدۇ.
225-ماددا 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن، ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلونى سوت قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم:
(1) ئەسلىي ھۆكۈمدە پاكىتنى بېكىتىش ۋە قانۇننى تەتبىقلاش توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق بولغان بولسا، نارازىلىق ئەرزى ياكى ئېتىرازنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلىش؛
(2) ئەسلىي ھۆكۈمدە پاكىتنىڭ بېكىتىلىشىدە خاتالىق بولمىسىمۇ، قانۇننى تەتبىقلاشتا خاتالىق بولسا ياكى جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق بولمىغان بولسا ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىش؛
(3)ئەسلىي ھۆكۈمدە پاكىتلار ئېنىق بولمىغان ياكى دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولمىغان بولسا، پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ھۆكۈم ئۆزگەرتىلسە بولىدۇ؛ كېسىم ئارقىلىق ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلو ئەسلىي سوت قىلىنغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.
ئەسلى قاراپ چىققان خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇلغان دىلۇلارغا ھۆكۇم ئىلان قىلغاندىن كىيىن ،جاۋاپكار نارازىلىق ئەرىز بەرسە ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىتىراز بىلدۇرسە ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بۇيىنچە ھۆكۇم ياكى كىسىم چىقىرىپ ئەسلى سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرماسلىقى لازىم .
226-ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋاپكار ياكى ئۇنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى ئاقلىغۇچىسى يىقىن تۇققىنى نارازىلىق ئەرىز بەرگەن دىلۇنى سوت قىلغاندا جاۋاپكارغا بىرىلىدىغان جىنايى جازانى ئىغىرلاشتۇۋىتىشكە بولمايدۇ.ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دىلۇنى ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرغان دىلۇلاردا يىڭى جىنايى پاكىتى بولغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلىگەنلىرنى ھىساپقا ئالمىغاندا ،دىلۇنى ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋاپكارغا  بىرىلىدىغان جىنايى جازانى ئىغىرلاشتۇرۋىتىشىگە بولمايدۇ.
227-ماددا  2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقىنى سەزسە، ئەسلىي ھۆكۈمنى كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلونى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇشى لازىم؛
(1)مۇشۇ قانۇندىكى ئوچۇق سوت قىلىشقا دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنغان بولسا؛
(2) چەتلەپ تۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىنغان بولسا؛
(3) دەۋالاشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقتىن ياكى ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقى چەكلەنگەنلىكتىن، ئادىل سوت قىلىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا؛
(4) سوت تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىسا؛
(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار بولغانلىقتىن، ئادىل سوت قىلىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا.
228-ماددا ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇلغان دېلونى باشقىدىن كېڭەشسە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، 1 – سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشى لازىم. قايتا سوت قىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئۈستىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 216-،217- ۋە 218 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بولىدۇ.
229-ماددا 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوتنىڭ كېسىمىگە قايىل بولماي بېرىلگەن نارازىلىق ئەرز ياكى ئېتىرازنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇننىڭ 225-، 227 – ۋە 228 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ، ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، نارازىلىق ئەرز ۋە ئېتىرازنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىشى ياكى ئەسلىدىكى كېسىمنى كۈچتىن قالدۇرۇشى، ئۆزگەرتىشى لازىم.
230-ماددا  2 - سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرغان دېلونىڭ سوت قىلىنىش سۈرۈكىنى، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قايتۇرۇلغان دېلونى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يېڭىۋاشتىن ھېسابلايدۇ.
231-ماددا 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن ياكى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلونى سوت قىلىشتا مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئاساسلانغاندىن تاشقىرى، 1 - سوت تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىدۇ.
232-ماددا 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ۋە ئېتىراز دېلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،2 ئاي ئىچىدە سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇشى كىرەك .ئۇلۇم جازاسى ھۆكۇم قىلنىش ئىھتىمالى بولغان ياكى قۇشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 156-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقۇى خەلق سوت مەھكمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قاراى بىلەن 2 ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.ئالاھىدە سەۋەپ بىلەن يەنە ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش كىرەك.
ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلغان نارازىلىق ئىتىراز دىلۇلىرنى سوتلاش سورۇكىنى ئالى خەلق سوت مەھكىمسى بىكىتىدۇ .
233-ماددا 2 – سوتنىڭ ھۆكۈمى ۋە كېسىمى، شۇنىڭدەك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ۋە كېسىمى ئاخىرقى ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ.
234-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە خەلق سوت مەھىكمىسى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان ۋە توڭلىتىلغان پۇل – ماللىرىنى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى  كېيىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئوبدان ساقلىشى لازىم ھەم تىزىم تەييارلاپ دىلو بىلەن بىرگە ئۆتكۇزۇپ بىرىش لازىم. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىشلىتىۋېلىشىغا ياكى ئۆز ئالدىغا نېرى – بېرى قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنىي مال – مۈلكى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىلىشى لازىم. چەكلەنگەن بۇيۇملار ياكى ئۇزاققىچە ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇملارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
دەلىل – ئىسپات قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم، ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمايدىغانلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە سۈرىتىنى ياكى ئىسپات بولىدىغان باشقا ھۆججەتلەرنى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۇمدە پىچەتلەنگەن ،تۇتۇپ قىلىنغان ،تۇڭلىتىلغان پۇل ماللارنى ھەم ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك .
خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان ھارام پۇل، ھارام مال ھەم ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.تۇڭلىتىلغان پۇل ماللار ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىدىن  قانۇن بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغاندىن باشقىلىرى بىردەك مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
پىچەتلەنگەن ،تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان پۇل مال ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىغا  خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ئاستىرتتىن نېرى – بېرى قىلىۋەتكەن قانۇن يۇرگۇزگۇچى خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىەنلەرگە چارە كۆرۈلىدۇ.

4- باب ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ تەستقلاش تەرتىپى
235-ماددا ئۆلۈم جازاسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەستىقلايدۇ.
236-ماددا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوتتا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان دېلودىن جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى بەرمىگەنلىرىنى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى لازىم. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا قوشۇلمىغانلىرىنى ئۆزى ئالدۇرۇپ سوت قىلسا ياكى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ.
يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 - سوتتا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان دېلودىن جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى بەرمىگەنلىرىنى ۋە 2 – سوتتا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان دېلونى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى لازىم.
237-ماددا ئوتتورا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلۇم جازاسى بىرىپ ئىككى يىل كىچىكتۇرۇپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۇم قىلغان دىلۇنى يۇقۇرى خەلق سوت مەھكمىسى تەستىقلايدۇ.
238-ماددا  ئالى  خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان دېلونى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا، ئۈچ نەپەر سوتچىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم.
239-ماددا ئالى خەلق سوت مەھكىمسى ئۆلۇم جازاسىنى قايتا تەستىقلاش دىلۇلىردا ئۆلۇم جازاسىنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق كىسىمى چىقىرىشى كىرەك .ئۆلۇم جازاسى تەستىقلانمىغان بولسا ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتىدىن سوتلاشقا قايتۇرسا ياكى ھۆكۇمنى ئۆزگەرىتسە بولىدۇ.
240-ماددا ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلۇم جازاسىنى قايتا تەستىقلايدىغان دىلۇلاردا جىنايەت گۇماندارىدىن سۇئال سورىشى كىرەك.ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات تەلىپىنى ئۇتتۇرغا قويغان بولسا ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىگە قۇلاق سىلىشى كىرەك.
ئۆلۇم جازاسىنى قايتا تەستىقلاش دىلۇلىردا ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىگە پىكرىنى ئۇتتۇرغا قويسا بولىدۇ.ئالى خەلق سوت مەھكىمسىى ئۆلۈم جازاسىنى قايتا تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش كىرەك.
241-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى، يېقىن تۇغقانلىرى قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىم ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، لېكىن ھۆكۈم ۋە كېسىمنىڭ ئىجراسىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
242-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى، يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئەرزى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشى كېرەك:
(1) ئەسلىي ھۆكۈم ۋە كېسىمدە بېكىتىلگەن پاكىتلاردا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى دەلىل – ئىسپات تېپىلىپ جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەشكە تەسىر يەتكۇزۇش ئىھتىمالى بولسا ؛
(2) جىنايەت بېكىتىش ۋە جازا ئۆلچەشتە ئاساسلانغان دەلىل – ئىسپاتلار راست ۋە تۇلۇق بولمىسا، قانۇن بۇيىنچە يۇققا چىقىرىلغان ياكى دىلۇ پاكىتلىرنى ئىسپاتلايدىغان ئاساسى دەلىل ئىسپاتلار بىر بىرىگە زىت بولسا .
(3)ئەسلىي ھۆكۈم ۋە كېسىمدە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا؛
(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىپ ئادىل سوتلاشقا تەسىرى يەتكۇزۇش ئىھتىمالى بولسا .
(5) سوتچى خادىملار شۇ دىلۇنى سوت قىلىشتا خىيانەت قىلىپ پارا ئىلىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ ھۆكۇم كىسىم چىقارغان بولسا .
243-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى شۇ مەھكىمىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىدە پاكىتلارنى بېكىتىش ياكى قانۇننى تەتبىقلاش جەھەتتە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، سوت ھەيئىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇشى شەرت.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىمىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىمىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، دېلونى ئالدۇرۇپ سوت قىلىشقا ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى قايتا سوت قىلىشقا بۇيرۇشقا ھوقۇقلۇق.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىمىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىمىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلونى ئېتىرازنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ قايتا سوت قىلىشى لازىم. ئەسلىي ھۆكۈمدە پاكىت ئېنىق بولمىغان ياكى دەلىل – ئىسپات تولۇق بولمىغان بولسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى قايتا سوت قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.
  244-ماددا يۇقۇرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ قايتا سوتلىشىغا بۇيرۇشتا ئەسلى سوتلىغان خەلق سوت مەھكىمىسىدىن باشقا  خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ سوتلىشىغا بۇيرۇشى لازىم .ئەسلى سوتلغان خەلق سوت مەھكىمىسى سوتلاش تىخىمۇ مۇۋاپىق بولسا  ئەسلى سوتلىغان سوتنىڭ سوتلىشىغا بۇيرىسىمۇ بولىدۇ.
245-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىدىغان دېلونى ئەسلىدىكى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقسا ،باشقىدىن كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ قاراپ چىقىش لازىم.ئۇ ئەسى 1-سوت دېلوسى بولسا، 1- سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشى لازىم، چىقىرىلغان ھۆكۈم ۋە كېسىم ئۈستىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بولىدۇ؛ ئۇ ئەسلىي 2 – سوت دېلوسى بولسا ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكمىسى ئالدۇرۇپ سوت قىلغان دېلو بولسا، 2 – سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشى لازىم، چىقىرىلغان ھۆكۈم ۋە كېسىم ئاخىرقى ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئىچىپ قاراپ چىقىدىغان قايتا سوت قىلىدىغان دىلۇلاردا تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتىشى كىرەك.
246-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوتلاشنى قارار قىلغان دىلۇلاردا ،جاۋاپكارغا مەجبۇرلاش تەدبىر قۇللىنىشقا توغراكەلسە خەلق سوت مەھكىمسى قانۇن بۇيىنچە قارار قىلىدۇ .خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىتىراز بىلدۇرگەن قايتا سوت قىلىنغان دىلولاردا جاۋاپكارغا مەجبۇرلاش تەدبىر قوللىنىشقا تىگىشلىك بولسا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بۇيىنچە قارار قىلىدۇ .
خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىك تەرتىپى بۇيىنچە قايتا سوت قىلىدىغان دىلۇلاردا ئەسلىدىكى ھۆكۇم كىسىملەرنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
247-ماددا   خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىنىدىغان دېلونى ئالدۇرۇپ سوت قىلىش ۋە يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش قارار قىىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك، سۈرۈكنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەنلىرىنى ئالتە ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشە بولمايدۇ.
ئېتىرازنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلونى سوت نازارەتچلىكى تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشتا، سوت قىلىش سۈرۈكىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلايدۇ؛ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا بۇيرۇپ بېرىشكە توغرا كەلسە، ئېتىرازنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىش لازىم، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى سوت قىلىش سۈرۈكىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
تۆتىنچى قىسىم ئىجرا قىلىش
248-ماددا ھۆكۈم ۋە كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ھۆكۈم ۋە كېسىملەر قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ:
(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىلمىگەن ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈلمىگەن ھۆكۈم ۋە كېسىم؛
(2)ئاخىرقى ھۆكۈم ۋە كېسىم؛
(3) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەستىقلىغان ھۆكۈم ۋە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ھۆكۈم.
249-ماددا 1 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايەتسىز، جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنغان جاۋابكار قاماقتا بولسا، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشى لازىم.
250-ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ دەرھال ئىجرا قىلىش توغرىسىدا چىقارغان ۋە تەستىقلىغان ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئىمزا قويۇپ چۈشۈرۈشى لازىم.
ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولسا، ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندا، جازا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا يازما پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويپ، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك؛ قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، تەكشۈرۈشتە راستىلىقى ئىسپتلانسا، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىشى لازىم.
251-ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇشى لازىم. لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىجرانى توختىتىشى ھەمدە دەرھال ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە دوكلات قىلىشى لازىم، بۇ ھەقتە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم قىلىدۇ:
(1) ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى، ھۆكۈمدە خاتالىق بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى سېزىلسە؛
(2) ئىجرا قىلىشتىن ئىلگرى، جىنايەتچى چوڭ جىنايەت پاكىتىنى پاش قىلغانلىقى ياكى باشقا چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىش ئېھتىمالى تۇغۇلسا؛
(3) جىنايەتچى ھامىلىدار بولسا.
ئالدىنقى تارماقنىڭ(1)ۋە (2) تارماقچىسىدىكى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشقا سەۋەب بولغان ئەھۋاللار تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقى قايتا ئىمزا قويۇپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىجرا قىلىش شەرت؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ )3( تارماقچىسىدىكى سەۋەب بىلەن ئىجرا توختىتىلغان بولسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن مەلۇم قىلىش لازىم.
252-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى، تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە جازا مەيدانىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.
ئۆلۈم جازاسى ئېتىش ياكى ئوكۇل سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئۆلۈم جازاسى جازا مەيدانىدا ياكى بەلگىلەنگەن قاماق ئورنىدا ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ.
ئىجراغا قوماندانلىق قىلىدىغان سوتچى خادىملار جىنايەچىنىڭ نەق ئۆزى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كېتىدىغان گەپ – سۆزلىرى، خەت – چەكلىرى بار – يوقلۇقىنى سورىشى، ئاندىن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇشى لازىم. ئىجرا قىلىش ئالدىدا خاتالىق بولۇشى مۇمكىنلىكى سېزىلسە، ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم قىلىشىغا يوللاش لازىم.
ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ئېلان چىقىرىلىدۇ، سازايى قىلىنمايدۇ.
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، تۆپىدە تۇرغان پۈتۈكچى خاتىرە يېزىشى كېرەك. ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجراسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىشى لازىم.
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرغان خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەتچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.
253-ماددا جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرغاندا، ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرغان خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۇمنامە كۇچكە ئىگە بۇلۇپ ئون كۇن ئىچىدە ، ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنى تۈرمىگە ياكى باشقا ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قانۇن بويىچە تۈرمىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن قېپقالغان جازا مۇددىتى بىر يىلغا يەتمىگەنلىرىنىڭ جازاسىنى سولاقخانا ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىدۇ. تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتنىڭ جازاسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش – تەربىيىلەش ئورنىدا ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئىجرا قىلغۇچى ئورگان جىنايەتچىنى ۋاقتىدا قاماققا ئېلىشى ھەمدە جىنايەتچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.
مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازا مۇددىتى توشقانلىرىغا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك.
254-ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن تۆۋەندكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ:
(1) ئېغىر كېسەل بولغانلىقتىن داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىشكە توغرا كەلگەنلەر؛
(2) ھامىلىدار ياكى بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ئاياللار.
(3) تۇرمۇشتا ئوز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان جازاسى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلنسا جەمىيەتكە خەۋىپ يەتكۇزمەيدىغانلار،
مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان جىنايەتچىلەردە ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولسا جازاسى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلنسا بۇلىدۇ.
داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىلسە جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان جىانيەتچىلەرنى ياكى ئۆزىنى يارىدار، مېيىپ قىلىۋالغان جىنايەتچىلەرنى داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىشكە بولمايدۇ.
جىنايەتچىلەردىن ھەقىقەتەن ئېغىر كېسىلى بولۇپ، داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش زۆرۈر بولغانلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن دوختۇرخانا دىئاگنۇز قۇيۇشى ھەم ئىسپات چىقىرىپ بىرىشى لازىم .
ئىجراقىلىشقا تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى جازاسىنى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇشنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ .ئىجراقىلشقا تاپشۇرغاندىن كىيىن تۇرمە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى پىكرىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ ئۆلكە دەرىجىلىك تۇرمە باشقۇرۇش ئۇرگىنى ياكى رايۇنى بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ج خ ئۇرگىنى تەستىقلايدۇ.
255-ماددا تۇرمە قاماقخانا جازانى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش پىكرىنى يازمىچە ئوتتۇرغا قويغان بولسا يىزىقچە پىكىرنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسگە يۇللاش كىرەك.خەلق تەپتىش مەھكمىسى قارار قىلغان ياكى تەستىقلىغان ئۇرگانغا يىزىقچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويسا بولىدۇ.
256-ماددا جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان  ياكى قارار قىلغان ئۇرگان تەستىقلاش قارارىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېسابلىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئايغىچە يازما پىكرىنى جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ياكى قارار قىلغان  ئورگانغا تاپشۇرىشى ،جازانى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجراقىلشنى تەستىقلىغان ئۇرگان  خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يازما پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بۇ قارارنى دەرھال قايتا تەكشۈرۈشى كېرەك.
257-ماددا  جازاسىنى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىدىغان جىنايەتچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ۋاقتىدا تۇرمىگە قايتۇرۇپ كىلىشى كىرەك.
(1) جازاسىنى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە .
(2) جازاسىنى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگەئىغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا .
(3) جازانى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدائىجرا قىلىشقا تىگىشلىك ئەھۋاللار تۇگىگەندىن كىيىن جىنايەتچىلەرنىڭ جازا مۇددىتى تۇشمىغان بولسا .
خەلق سوت مەھكىمىسى جازانى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجراقىلىشنى قارار قىلغان جىنايەتچىلەرنى تۇرمىگە قايتۇرۇپ كىلىشتە خەلق سوت مەھكىمىسى قارار چىقىرىپ ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلەرنى ج خ ئۇرگىنى ،تۇرمە ياكى باشقا ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا يەتكۇزۇپ بىرىشى كىرەك.
جىنايەتچىلەر ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىلەرنى پارا بىرىش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاستىلەرنى قۇللىنىپ جازاسى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجراقىلنغان بولسا جازانى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش مۇددىتى جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش مۇددىتىگە ھىساپلانمايدۇ.
جازانى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە قىچىپ كەتكەن بولسا ،قىچىپ كەتكەن ۋاقىت جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش مۇددىتىگە ھىساپلانمايدۇ.
جىنايەتچى جازاسى ۋاقتىنچە  تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلنىۋاتقان مەزگىلدە ئولۇپ قالسا ئىجراقىلغۇچى ئۇرگان تۇرمە ياكى قاماقخانىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قىلىشى كىرەك .
258-ماددا رىجىمغا ئىلىش جازاسى بىرىلگەن ،جازا كىچىكتۇرۇش جاكارلانغان ،شەرىتلىك قۇيۇپ بىرىلگەن ياكى جازاسى ۋاقتىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتچىلەر قانۇن بۇيىنچە مەھەللىدە ئۆزگەرتىلدۇ ،مەھەللىدە ئۆزگەرتىش ئاپپاراتى ئىجراقىلشقا مەسئۇل بولىدۇ.
259-ماددا  رېجىمغا ئېلىش جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ. جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇنىڭغا ياكى ئۇ ئىشلەيدىغان ئۇرۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسى قاتلام تەشكىلاتىغا يىزىقچە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم .
260-ماددا جەرىمانە جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جەرىمانىنى سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرمىغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى مەجبۇرىي تاپشۇرغۇزۇشى لازىم؛ يەڭگىلى بولمايدىغان ئاپەتكە ئۇچراپ، تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالغان بولسا، كېسىم ئارقىلىق جەرىمانىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ.
261-ماددا مال – مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدىكى ھۆكۈم، مەيلى قوشۇمچە چىقىرىلغان بولسۇن ياكى ئايرىم چىقىرىلغان بولسۇن، خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.
262-ماددا جىنايەتچىلەردىن جازا مۇددىتى ئىچىدە يەنە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى ياكى ھۆكۈم چىقىرىلغان چاغدا سېزىلمىگەن جىنايەتلىرى سېزىلگەنلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
رېجىمغا ئېلىش جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ھەقىقەتەن توۋا قىلغانلىقى ياكى خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن قانۇن بويىچە جازاسىنى كېمەيتىشكە ۋە شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە توغرا كەلسە، ئىجرا قىلغۇچى بويىچە يازما تەكلىپ قويۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇشى ھەم تەكلىپنامىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسنى خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە يۇللىشى لازىم .خەلق تەپتىش مەھكىمسى خەلق سوت مەھكىمسگە يىزىقچە پىكىرنى ئۇتتۇرغا قۇيسا بۇلىدۇ.
263-ماددا  خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى كېسىمنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېسابلىسا، كېسىمنامىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 20 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۈزىتىش توغرىسىدىكى يازما پىكرىنى بېرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى تۈزىتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر ئاي ئىچىدە قايتا كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىپ، ئاخىرقى كېسىمنى چىقىرىشى لازىم.
264-ماددا تۈرمە ۋە باشقا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ھۆكۈمدە خاتالىق بار دەپ ھېسابلىسا ياكى جىنايەتچى ئەرز قىلسا، ئۇنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياكى ئەسلىي ھۆكۈم قىلغان خەلق سوت مەھىكمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىشى لازىم.
265-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ئىشلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى سەزسە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا تۈزىتىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم.
5-قىسىم ئالاھىدە تەرتىپ
1-باپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دىلۇلىرنىڭ دەۋا تەرتىپى
266-ماددا جىنايەت سادىر قىلغان قورامىغا يەتمىگەنلەرگە تەربىيلەش،تەسىرلەندۇرۇش ،قۇتقۇزۇش سىياسىتى يولغا قۇيۇلىدۇ.تەربىيلەشنى ئاساس جازالاشنى قۇشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىداچىڭ تۇرۇلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ج خ ئۇرگىنى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دىلۇسىنى بىجىرىشتە قورامىغا يەتمىگەنلەر يۇرگۇزىدىغان دەۋا ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم قورامىغا يەتمگەنلەرنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىدىغان سوتچى تەپتىش تەھقىقلىگۇچى خادىملار بىجىرىشى كىرەك.
267-ماددا قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكارئاقلىغۇچىغاھاۋالە قىلمىغان بولسا خەلق سوت مەھكىمسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمسى ج خ ئۇرگىنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ ئادۇۋكات ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئاقلاشنى ئۇقتۇرۇش قىلىش كىرەك.
268-ماددا  ج خ ئۇرگىنى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ  جىنايى ئىشلار دىلۇسىنى بىجىرىشتە ئەھۋالغا قاراپ قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارنىڭ ئۇسۇپ يىتىلىش جەريانى ،جىنايەت سادىر قىلىش سەۋەبى ،ۋەسىيلىرىنىڭ تەربىيسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۇرسە بولىدۇ.
269-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكارغا قولغا ئىلىش تەدبىرى قوللىنىشنى قاتتىق چەكلەش لازىم .خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئىلىشنى تەستىقلاشنى تەكشۇرۇش ۋە خەلق سوت مەھكىمسى قولغا ئىلىشنى قارار قىلىشتا قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكاردىن سۇئال سوراش ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش لازىم .
توختىتىپ قۇيۇلغان ،قولغا ئىلىنغان ،جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قورامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن قورامىغا يەتكەنلەرنى ئايرىم قاماش ،دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ،ئايرىم ئايرىم تەربىيە بىرىش كىرەك.
270-ماددا قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دىلۇسىدا سوئال سوراش ۋە سوتلاشتا قورامىغا يەتمىگەن  جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارنىڭ قانۇنى ۋەكىلىنىڭ تۆپىدە تۇرۇشىنى ئۇقتۇرۇش قىلىش كىرەك.ئۇقتۇرۇش قىلغىلى بۇلمىسا قانۇنى ۋەكىلى كىلەلمىسە ياكى قانۇنى ۋەكىلى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۇزگۇچى بولسا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇمانداى ،جاۋاپكارنىڭ قورامىغا يەتكەن باشقا ئۇرۇق تۇققانلىرى ،تۇرۇشلۇق مەكتەپ ،ئۇرۇن ،تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرنى تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار دىلۇغا خاتىرلەپ قۇيۇلىدۇ.تۆپىدە تۇرغان قانۇنى ۋاكالەتچىسى قورامىغا يەتمىگەن  جىنايەت گۇماندارى  جاۋاپكارغا ۋاكالىتەن دەۋا ھوقۇقىنى يۇرگۇزسە بولىدۇ.
تۆپىدە تۇرغان قانۇنى ۋاكالەتچىللىرى ياكى باشقا كىشىلەر سوئال سوراش سوتلاش  جەريانىدا قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىگە چىقىلدى دەپ قارىسا پىكىرىنى ئۇتتۇرغا قويسا بۇلىدۇ .سوئال سوراش  خاتىرسى سوت خاتىرسنى تۆپىدە تۇرغان قانۇنى ۋاكالەتچىسى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ كۆرۇپ چىقىشىغا بىرىش ياكى ئۇقۇپ بىرىش كىرەك.
ئايال قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا ئايال خىزمەتچىلەر تۆپىدە تۇرۇشى لازىم.
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دىلۇسىنى سوتلىغاندا قورامىغا يەتمىگەن جاۋاپكارنىڭ ئاخىرقى بايانىدىن كىيىن ئۇنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى بايانىنى تۇلۇقلىسا بۇلىدۇ.
قورامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۇۋاھچىلارغا 1-،2-،3- تارماقتىكى بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ.
271-ماددا قورامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ خاس پىرىنسىپنىڭ4-،5-.6-باپىدابەلگىلەنگەن جىنايەتكە چىتىشلىق بۇلۇپ بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن تۆۋەن جىنايى جازاغا ھۆكۇم قىلىنىش ئىھتىالى بۇلۇپ ئەيىپلەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بولسا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قوشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلسا بۇلىدۇ .خەلق تەپتىش مەھكىمسى قوشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلىمەسلىك قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى ج خ ئۇرگىنى ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئىلىپ بىقىش كىرەك.
قۇشۇمچە ئەيىپلىمەسلىك قارارىغا ج خ ئۇرگىنى قايتا قاراپ چىقىش قايتا قاراشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىماسەن ئەرىز قىلغان بولسا مۇشۇ قانۇننىڭ 175-،176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ.
قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارار قىلغان قوشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلىمەسلىككە باشقىچە پىكرى بولسا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلەش قاراى چىقرى كىرەك.
272-ماددا قوشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلىمەسلىكنى سىناش مۇددىتى ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلەنمىگەن قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى نازارەت قىلىدۇ،كۇزىتىدۇ.قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ۋەسىيلىرى قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىغا بۇلغان باشقۇرۇش ۋە تەربىيلەشنى كۇچەيتىش خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ نازارەت قىلىش كۇزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كىرەك.
قوشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلىمەسلىكنى سىناش مۇددىتى ئالتە ئايدىن يۇقۇرى بىر يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ.خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلىمەسلىك قارارى چىقارغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ.
قوشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلەنمىگەن جىنايەت گۇماندارى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كىرەك.
(1) قانۇن نىزاملارغا رىئايە قىلىش .
(2) كۇزەتكۇچى ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش .
(3) تۇرۇشلۇق شەھەر ناھيىدىن ئايرىلماقچى ياكى كۇچۇپ كەتمەكچى بۇلسا كۇزەتكۇچى ئۇرگاننىڭ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىش كىرەك.
(4) كۇزەتكۇچى ئورگاننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىش ۋە تەربىيلەشنى قۇبۇل قىلىش .
273-ماددا قوشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلەنمىگەن قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت  گۇماندارىدا سىناش مۇددىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قوشومچە شەرىتلىك ئەيىپلىمەسلىك قارارىنى بىكار قىلىپ ئەيىپلىشى كىرەك .
(1) يىڭىدىن جىنايەت سادىر قىلغان ياكى قۇشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى سورۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك باشقا جىنايىتى بايقالغان بولسا.
(2) ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ياكى كۇزەتكۇچى ئۇرگاننىڭ قوشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلىمەسلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىللمىلىرگە خىلاپلىق قىلغان بولسا
قۇشۇمچە شەرىتلىك ئەيىپلەنمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى سىناش مۇددىتىدە يۇقۇرقى ئەھۋاللار بولمىسا سىناش مۇددىتى تۇشقان بولسا ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلىمەسلىك قارارى چىقىرىشى لازىم.
274-ماددا سوتلىغاندا جاۋاپكار 18 ياشقا توشمىغان دىلۇلارنى ئوچوق سوت قىلىشقا بولمايدۇ.لىكىن قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن ،قورامىغا يەتمىگەن جاۋاپكار تۇرۇشلۇق مەكتەپ ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئادەم ئەۋەتسە بۇلىدۇ.
275-ماددا جىنايەت سادىر قىلغاندا 18 ياشقا توشمىغان بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن تۆۋەن جىنايى جازا ھۆكۇم قىلىنغان بولسا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت خاتىرلىرنى پىچەتلىۋىتىش كىرەك .
جىنايەت خاتىرسى پىچەتلەنگەن بولسا ھەرقانداق ئۇرۇن ۋە شەخىسلەرگە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.لىكىن قانۇن يۇرگۇزۇش ئۇرگانلىرى دىلۇ بىجىرىش ئىھتىياجى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سورۇشتەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .قانۇن بۇيىنچە سورۇشتۇرگەن ئۇرۇنلار پىچەتلەنگەن جىنايەت  خاتىرسىگە ئائىت ئەھۋاللارنىڭ مەخپىيتىنى ساقلىشى لازىم.
276-ماددا قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دىلۇلىرنى بىجىرىشتە مۇشۇ باپتا بەلگىلىمە بارلىرنى ھىساپقا ئالمىغاندا مۇشۇ قانۇننىڭ باشقا بەلگىلمىللىرى بۇيىنچە بىجىرلىدۇ .
2-باپ ئالاقىدارلار يارىشىپ قالغان ئەيىپلەنگەن دىلۇلارنىڭ دەۋا تەرتىپى
277-ماددا تۆۋەندىكى ئەيىپلەش دىلۇلىردا جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار ھەقىقەتەن جىنايىتىگە توۋا قىلغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەش كەچۇرۇم سوراش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەپۇ قىلىۋىتىپ ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن يارىشىپ قىلىشقا ئىرىشكەن بولسا ئىككى تەرەپتىكى ئالاقىدارلار كىلىشسە بولىدۇ.
(1) ئەل ئىچىدىكى ماجرالار توپەيلىدىن كىلىپ چىققان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ خاس پىرىنسىپىنىڭ 4- ، 5-باپىدا بەلگىلەنگەن جىنايەت دىلۇلىردا 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن تۆۋەن جىنايى جازا بىرىش ئىھتىمالى بولسا .
(2) مەسئۇليەتسىزلىك قىلىش جىنايىتدىن باشقا 7 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن تۆۋەن جىنايى جازا بىرىش ئىھتىمالى بولغان سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۇزۇش دىلۇلىرى.
جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارلار 5 يىل ئىچىدە قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان بولسا بۇ بەلگىلەنگەن تەرتىپ تەدبىقلانمايدۇ.
278-ماددا ئىككى تەرەپتىكى ئالاقىدارلار ئەپلىشىپ قالغان بولسا ج خ ئورگىنى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،خەلق سوت مەھكمىسى ئالاقىدارلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ پىكرىنى ئىلىپ بىقىشى ئەپلىشىپ قىلىشنىڭ ئىختىيار قىلىش ،قانۇنلۇقلىقىنى تەكشۇرۇشى ھەم ئەپلىشىپ قىلىش كىلىشىمى تۇزۇشىگە رىياسەتچىلىك قىلىشى كىرەك.
279-ماددا ئەپلىشىپ قىلىش كىلىشىمى تۇزۇلگەن دىلۇلاردا ج خ ئۇرگىنى خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە كەڭچىللىك بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ .خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.جىنايى قىلمىشى يىنىك جىنايى جازا بىرىشنىڭ زورۇريىتى بۇق بولسا ئەيىپلەنمەسلىك قارارى چىقارسا بولىدۇ.خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىنچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
3-باپ جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار قىچىپ كەتكەن ئۆلۇپ كەتكەن دىلۇلاردىكى قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش تەرتىپى
280-ماددا خىيانەتچىلىك،پارىخۇرلۇق جىنايىتى ،تىرۇرلۇق ھەركىتى جىنايىتى دىلۇلىردا جىنايەت گۇماندارى ،جاۋاپكار قىچىپ كىتىپ ،تۇتۇش بۇيرۇغى چىقىرىلىپ بىر يىلدىن كىيىن تۇتۇلمىغان ياكى جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار ئۇلۇپ كەتكەن جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە ئۇنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى ھەمدە دىلۇغا چىتىشلىق باشقا پۇل ماللارنى تاپشۇرغۇزۇشقا تىگىشلىك بولسا ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ج خ ئۇرگىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بار دەپ قارىسا قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش پىكىرنامىسى يىزىپ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۇزۇپ بىرىش كىرەك .
قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ئىلتىماسىدا جىنايى پاكىتى قانۇنسىز تاپاۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەلىل ئىسپاتلاربىلەن تەمىنلەش ھەم مال مۇلۇكنىڭ تۇرى سانى تۇرۇشلۇق ئۇرنى ھەمدە پىچەتلەش ،تۇتۇپ قىلىش ،توڭلىتىش ئەھۋالى ئىنىق كۆرسىتىلىشى كىرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى زورور تىپىلغاندا مۇسادىرە قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان مال مۇلۇكلەرنى پىچەتلىسە ،تۇتۇپ قالسا توڭلاتسا بولىدۇ.
281-ماددا قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ئىلتىماسىغا جىنايەت سادىر بولغان جاي ياكى جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكار تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۇتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى كىڭەشمە سوت تەشكىللەپ قاراپ چىقىدۇ .
خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئىلان چىقىرىشى كىرەك .ئىلان چىقىرىش مۇددىتى ئالتە ئاي بۇلىدۇ.جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارنىڭ يىقىن تۇققانلىرى ۋە باشقا مەنپەت مۇناسىۋتى بار كىشىلەر دەۋاغا ئىشتىراك قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقىمۇ دەۋا ۋاكالەتچىللىرنىڭ دەۋاغا ئىشتىراك قىلىشىنى ھاۋالە قىلىشىغىمۇ بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلان مۇددىتى توشقاندىن كىيىن قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ئىلتىماسىنى قاراپ چىقىدۇ.مەنپەت مۇناسىۋتى بار كىشلەر دەۋاغا ئىشتىراك قىلغان بولسا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئىچىپ قاراپ چىقىشى كىرەك.
282-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ قانۇنسىز تاپاۋەت ھەمدە دىلۇغا چىتىشلىق باشقا مال مۇلۇك ئىكەنلىگىنى تەكشۇرۇپ ئىنىقلىغان بولسا ،قانۇن بۇيىنچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرلىدىغانلىردىن باشقىللىرنى كىسىم ئارقىلىق مۇسادىرە قىلىش كىرەك.تاپشۇرغۇزۇشقا تىگىشلىك مال مۇلۇككە كىرمىسە ،ئىلتىماسنى رەت قىلىش تۇغرىسىدا كىسىم چىقىرىپ ،پىچەتلەش ،تۇتۇپ قىلىش ،تۇڭلىتىش تەدبىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كىرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بۇيىنچە چىقارغان كىسىمگە جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارنىڭ يىقىن تۇققانلىرى ۋە باشقا مەنپەت مۇناسىۋتى بار كىشىلەر ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرىز قىلسا، ئىتىراز بىلدۇرسە بولىدۇ.
283-ماددا قاراپ چىقىش جەريانىدا جىنايەت گۇماندارى جاۋاپكارئۇزىنى مەلۇم قىلغان ياكى تۇتۇلغان بولسا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىشنى ئاخىرلاشتۇرۇىشى كىرەك.
جاۋاپكار ۋە  جىنايەت  گۇماندارىنىڭ مۇلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەقىقەتەن خاتا بولغان بولسا قايتۇرۇپ بىرىش تۆلەپ بىرىش كىرەك.
284-ماددا زوراۋانلىق قىلمىشىنى سادىر قىلىپ جامائەت خەۋىپسىزلىكىگە ئىغىر دەرىجىدە  خەۋىپ يەتكۇزگەن ياكى پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە ئىغىر دەرىجىدە خەۋىپ يەتكۇزگەن ،قانۇنى تەرتىپ بۇيىنچە باھالىتىپ جىنايى جاۋاپكارلىقنى ئۇستىگە ئالمايدىغان رۇھى كىسەللەرنىڭ جەمىيەتكە داۋاملىق خەۋىپ يەتكۇزۇش ئىھتىماللىقى بولسا مەجبۇرى داۋالىسا بولىدۇ.
285-ماددا بۇ باپتىكى بەلگىلىمە بۇيىنچە رۇھى كىسەللەرنى مەجبۇرى داۋالىتىشنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ.
ج خ ئۇرگىنى رۇھى كىسەللەرنىڭ مەجبۇرى داۋالىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغانلىقىنى بايقىسا مەجبۇرى داۋالىتىش پىكىرنامىسى يىزىپ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۇزۇپ بىرىش كىرەك.ج خ ئۇرگىنى ئۆتكۇزۇپ بەرگەن ياكى ئەيىپلەشنى تەكشۇرۇش جەريانىدا بايقالغان روھى كىسەللەر مەجبۇرى داۋالىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرى داۋالىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.خەلق سوت مەھكىمىسى دىلۇغا قاراپ چىقىش جەريانىدا جاۋاپكارنىڭ مەجبۇرى داۋالىتىش شەرتىگەئۇيغۇن كىلىدىغانلىقىنى بايقىسا مەجبۇرى داۋالىتىش قارارى چىقارسا بولىدۇ.
زورلۇق قىلمىش سادىر قىلغان رۇھى كىسەللەرگە خەلق سوت مەھكىمىسى مەجبۇرى داۋالىتىشنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى ،ج خ ئۇرگىنى ۋاقتىنچە قۇغداش خارەكتىرلىك چەكلەش تەدبىرى قوللانسا بۇلىدۇ.
286-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەجبۇرى داۋالاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن كىڭەشمە سوت تەشكىللەپ قاراپ چىقىشى كىرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى مەجبۇرى داۋالاش دىلۇلىرغا قاراپ چىقىشتا ئىلتىماس قىلىنغۇچى ياكى جاۋاپكارنىڭ قانۇنى ۋەكىلىنىڭ كېلىشىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كىرەك .ئىلتىماس قىلنغۇچى ياكى  جاۋاپكار دەۋا ۋاكالەتچىللرىگە ھاۋالە قىلمىغان بۇلسا خەلق سوت مەھكىمسى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ ئادۇۋكات ئەۋەتىپ ئۇلارغا قانۇن ياردىمى بىرىشىنى ئۇقتۇرۇش كىرەك.
287-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ ئىلتىماس قىلىنغۇچى ياكى جاۋاپكار مەجبۇرى داۋالىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ دەپ قارىسا بىر ئاي ئىچىدە مەجبۇرى داۋالاش قارارى چىقرىشى كىرەك.
مەجبۇرى داۋالاش قارار قىلىنغۇچى ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى ،يىقىن ئۇرۇق تۇققانلىرى  مەجبۇرى داۋالاش قارارىغا قايىل بولمىسا بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
288-ماددا مەجبۇرى داۋالاش ئاپپاراتى مەجبۇرى داۋالىندىغانلارنى قەرەللىك دىئاگنۇز قۇيۇپ باھالىشى كىرەك.جىسمانى خەۋپى بۇلمىسا داۋاملىق مەجبۇرى داۋالاشنىڭ زورۇريىتى بۇلمىسا ،ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىكرىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ مەجبۇرى داۋالاشن قارار قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنڭ تەستىقلىشىغا يوللاش كىرەك .
مەجبۇرى داۋالانغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يىقىن ئۇرۇق تۇققانلىرى مەجبۇرى داۋالاشنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
289-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمسى مەجبۇرى داۋالاش قارارى ۋە ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىدۇ.
290-ماددا ئارمىيىنىڭ قوغداش تارمىقى، ئارمىيە ئىچىدە يۈز بەرگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تەھقىقلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
جىنايەتچىنىڭ تۈرمىدىكى جىنايەت دېلوسىنى تۈرمە تەھقىقلەيدۇ.
ئارمىيىنىڭ قوغداش تارمىقى ۋە تۈرمىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشىگە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

تەرجىمە ئىقتىدارىم چەكىلىك ،چۇشۇنۇكسىز نۇقتىلار بۇلسا دۆلەت تىلىدىكى قانۇن بىلەن سىلىشتۇرۇپ پايدىلنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .ئالاھىدە ئەسكەرتىشى . خەلق ئادۇۋكاتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 906 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 09:40:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ تۈرلۈك قانۇنلارنى يوللاپ خەلقىمىزنى قانۇندىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن،بولسا ئاپتونومىيە قانۇنىنىمۇ بىر يوللاپ قويسىڭىز،خەلقىمىز ئۆز ھەق ھوقوقلىرىنى بىر بىلىۋالسا.

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2484
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 10:11:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن : ئەڭ كەسكىن كالتەك . ئۇنىڭغا توغرا كېلىپ قالغاندا ھېچكىم يۈرەكلىك بولۇشقا پېتىنالمايدۇ .
ئۇنىڭ ئادىل بولمىغان تەڭ تەقسىمات ۋە ئادىل بولغان تەڭسىز تەقسىماتتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بار .
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ، داۋاملىق مۇشۇنداق قانۇنىي ساۋاتلانى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1081
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7665
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10107 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 03:03:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ‹ئەڭ ئەھمىيەتلىك تېما› لارنىڭ بىرى دەپ ئاتىساق ئارتۇق كەتمىگىدەك، باشقا تېمىلىرىڭىزنىمۇ كۆرۈپ باقتىم، ھەممە كىشىگە چوقۇم لازىم بولىدىغان مەزمۇنلار كۆپكەن.
رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69814
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5555
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 09:30:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئالداپ ، مال مۈلۈكىگە ، ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزگەنلەرگە قانداق جازا بېرىلدۇ ؟ بۇ ھەقتە قانۇننىڭ قايسى مادىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار ؟ بۇ ھەقتە بىلدىغانلار بولسا ، تەپسىلىي چۈشەنچە بەرسەڭلار ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:21:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
刑法修正案八 دېگەن مۇشۇما؟ كىم تەرجىمە قىلدى؟ كىتاب چىقتىمۇ؟  ئىدارىدىكىلەر مۇشۇنىڭ غەلۋىسىنى قىلىۋاتقان، ھەتتا باشلىقلارمۇ ئادەم زاڭلىق ئەتكەندەك ئۇيغۇرچىسى تېخى چىقىپ بولالمايدۇ بىرەر يىلغىچە شۇڭا خەنزۇ تىلنى ياخىشى ئۆگىنىڭلار دەپ ...قايناۋاتقانتى.

شاھزادە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6774
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:42:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىڭىدىن تۇزۇتۇش كىرگۇزۇلگەن  جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنى تەرجىمە قىلىشتا ئاساسلىقى يىڭدىن نەشىر قىلىنغان دۆلەت تىلىدىكى ئەڭ يىڭى تۇزۇتۇش كىرگۇزۇلگەن  جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ئاساس قىلىنىدى.مۇمكىن بۇلسا دوسلارنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشىنى ئۇمۇد قىىلىمەن .بۇنىڭ مىللى تىل يىزىقتىسىكىسىنى تىخى كىتاپخاندا كۆرمىدىم ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83273
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3162
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-7-31
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:46:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر قانۇن بېلمىسەك زېيان تارتىمىز !~

بىكاربولسىڭىز دۇنياۋەزىيتىگە دىققەت قېلىپ قۇيۇڭ!http://military.china.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش