مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 39458|ئىنكاس: 167

ئىستانبۇلغا سەپەر-شىرئەلى ئەلتېكىن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31796
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9327
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

               ئىستانبۇلغا سەپەر

شىرئەلى ئەلتېكىن


02.jpg


                  



01.jpg

ئاپتۇرئىلاۋەسى: 2-3 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مەركىزى شەھەرلىرىدىن تارتىپ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا قەدەر بىردەك تۇركىيە قىزغىنلىقى قۇزغالدى،شۇنداقلا كۈندىن –كۈنگە يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەكتە. ئالبېنى مەھسۇلاتى،‹‹كۇردلار ۋادىسى››، ‹‹ئورخان پامۇق››،‹‹ئاچچىق ھايات››،‹‹ناتىۋانلار››....قاتارلىق كىنۇ ۋە كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە  كىنۇلارتىياتىرلىرى؛ تۈرۈكچە كاستىيۇم بۇرۇلكىلار، تۈرك رەھبىرى ئابدۇللا گۇل؛دۇكان-سارايلاردىكى تۈركچە يېىمەك-ئېچمەكلەر ؛بۇيىل 4-ئايدىكى ئەردۇغاننىڭ ئۇرۇمچى سەپىرى ؛بىر-بىرىگە ئۇلۇشۇپ تۇركيەگە ساياھەتكە چىقىشلار  بۇ قىزغىنلىقنىڭ جانلىق پاكىتلىرى ئىدى.بىزمۇ تۇركىيە قىزغىلىقىغا جۆر بولۇپ، تۈركىيەگە بىرىشنى ئىستەيدىغانلار قاتارىدا ‹‹جەلىپكار شەھەر ئىستانبۇلغا رۇمانتىك ساياھەت›› شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى راھىلەنىڭ تەكلىپ ئىتىشى بىلەن تۈركىيەگە ساياھەتكە چىقىشنى نىيەت قىلدۇق.

بارلىق رەسمىيەتلەر پۇتكەندىن كىيىن بىرەر قۇر شەخسى  تەييارلىقلىرىمىزنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزىمىزنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ، كەچتە ئۇرۇمچىدىن ئىستانبۇلغا قاراپ بىۋاستە ئۇچۇدىغان ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىستانبۇلغا ئۇچۇپ كەتتۇق. رۇمانتىك ساياھەت  شىركىتىنىڭ دىرىكتۇرى راھىلە ئۇرۇمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بىر نەچچە چەتئەل  تىلنى پىششىق ئىگەللىگەن جانلىق،تىرىشچان قىز ئىدى.ئۇنىڭ بەل قويۋەتمەي ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە بىز بۇ قىتىمقى سەپەرنى ئۇتۇقلۇق، ئامان-ئېسەن تاماملاپ ئىستانبۇلغا سالامەت يېتىپ كەلدۇق. تۈرلۈك مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش پائاليەتلىرى،سەنئەت پائالىيەتلىرى.ئوقۇش-ئۆگۈنۈش ئىشلىرى،بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ رۇياپقا چىقىرىش يولىدا كۆپ ئەجىر سىڭدۇرگەن كىشلەرنىڭ تېگىشلىك ھۆرمىتىنى قىلىش،قىلالمىغاندىمۇ ئەسلەش،ياد ئىتىش ،بىر نورمال ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللى ئەخلاقى ساپانىڭ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئەمەلى پائالىيەتلىرىدە ئەكىس ئېتىشى بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن(ئۇنداق بولمىسىمۇ كېچكىمدە قۇبۇل قىلغان تەربىيەنىڭ كۇچى بىلەنمۇ راھلەگە رەھمەت ئېيتىمەن)  

دوسىتىمىز راھىلەنىڭ شۇنچە كۆپ كىشلەرنى باشلاپ ئىستانبۇلدا قىلغان ساياھەت  سەپىرىنىڭ مۇل مەزمۇنىغا، تولۇپ –تاشقان جەلىپكارلىققا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى تىلغا ئىلىش ھەم رەھمەت ئىيتىش (ساياھەت خاتىرسى ئاخىرلاشقۇچە ئۇنىڭ قانچىلىك كۇچگەنلىكى مۇنبەرداشلارغا ئايان بولىدۇ)  ئاشۇ سەپەرگە ئاتلانغانلارنىڭ ئورتاق ھەركىتى  بولدى. توغرا نىيەت بىلەن قىلىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئەجىرىنى،مۇكاپاتىنى ئاللاھ بىرىدىكەن. مەن راھىلەنىڭ ساياھەت شىركىتىنىڭ ۋە بارلىق ياخشىلارنىڭ كۆپ رىزىق –نېسىۋىگە ئېرىشىشىنى، ئۇنىڭ  شىركىتىنىڭ رۇناق  تېىپىشىنى تىلەيمەن.

ئۇرۇمچىدىن ئۇچقان ئايرۇپىلاندا شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت  ئۈچلەردە ئىستانبۇل خەلقئارا ئايدۇرۇمىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ سەپەر ئۇزۇن داۋام ئەتتى.بۇ ئۇزۇن سەپەرجەريانىدا خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ بىر مۇنچىلغان خام –خىياللاردا بوپتىمەن.ھازىر بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىمىز تازا قۇيۇق بولالمايۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ھازىر ‹‹ئىستانبۇل›› دىسە كۆپچىلىك ئۇيغۇر بىلىپ يەتتى.كىنولاردىن كۆردى. كىتاپلاردىن ئوقۇدى.مەن شۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا‹‹ قاچان،قەيەردە ئىستانبۇل دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىغان،كۆرگەن بولغىيتىم؟›› دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئويلاپ -ئويلاپ تولۇقسىز  ئوتتۇرا تارىخ دەرسىلىكىدىكى‹‹ كونىستانتىنوپۇلنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتكەن›› دېگەن بىر  تولۇقسىز جۇملە ئىسىمگە كەلدى.بۇ جۈملىدىكى ئۇقۇم  مېنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئىستانبۇل بىلەن تونۇشۇشۇم بولسا كېرەك.كىيىنكى يىل،ئاي ۋە  كۈنلەر راستىنلا بىكارغا ئوتۇپ كەتكەندەك نامى شۇنچە ئۇلۇغ،قەدىمى شەھەر ئىستانبۇل بىلەن تېخىمۇ چۇڭقۇر تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەپتىمەن. ئىستانبۇلنىڭ داڭقى يېيلغانسىرى،داڭقىنى ئاڭلىغانسىرى ئىستانبۇلنى كۆرۈش ئارۇزۇيۇم بارلىق شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئارزۇ دېگەن خىيالدىكى نەرسە ئىكەن.ئەمەلىيەتتە بەزى ئارزۇيۇمىز ئارزۇ پىتى قىلىۋىردىكەن،دېمسىمۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئۆزىگە ئىكەن.بىرسى‹‹ ماۋۇ سېىنىڭ ئارزۇيۇڭ ئىدى،مەن قىلىپ بىرەي›› دەپ كەتمەيدىكەن،دېسىمۇ شەرت بىلەن،بەدەل بىلەن قىلىپ بېرىدىكەن.

مەككە-مەدىنە مۇسۇلمانلارنىڭ تەلپۇندىغان شەھرى،ئەمما ئۇ يەرگە ھەج ئۈچۈن  بارماق لازىم.بىراق ،ئىستانبۇل بىز ئۇيغۇرلارنىڭلا  ئەمەس.دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئەلنىڭ ئادەملىرى ساياھەتكە   بېرىشىنى،كۆرۇشنى ئىستەيدۇ.  ‹‹كۇرتلار ۋادىسى ››باشلىنىپ بىر يەرگە بارغاندا فىلىمدىكى ھىلىقى سۇلايمان چاكىرنىڭ دېڭىز بويىدا تۇرۇپ :‹‹ئەي ئىستانبۇل،بۇ دۇنيادا سەندەك گۇزەل شەھەر بارمىدۇ؟!ھەتتا ئۆلۇۋىلىش ئۇچۇنمۇ سەندەك گۇزەل شەھەرنى كۆرمۇدۇم.›› دېگەن گە ئوخشاپ كېتىدىغان  مەزمۇندا سۆز قىلىدۇ.بۇ گەپلەر ماڭا بەك تەسىر قىپتىكەنتۇق.ئايرۇپىلان تېىخى ئىستانبۇلغا كەلمەي تۇرۇپ مەندىلا ئەمەس بارلىق سەپەرداشلىرىمدا‹‹ ئىستانبۇل ۋەتۈركلەر توغرىسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر ھەر خىل ھەۋەسلىك خىياللار بولماي قالمىدى›› دېيەلەيمەن،چۇنكى ،ھەممىز قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئىستانبۇلغا قاراپ كىتىۋىتاتتۇق.سەپەرداشلىرىمنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشقان پىچىر-پىچىر پاراڭلىرىرىدا شۇ سۆزلەر قۇلاق تۇۋىمىزدىن نېرى كەتمەيتى.ۋاقىتسۇدەك  ئۆتۈپ كۈن ئولتۇرۇپ تۇن كېچە باشلانغاندا  ئىككى بالامنى،ئايالىمنى،ئانامنى ئويلاپكەتتىم.‹‹شۇ تاپتا ئۇلارنىڭمۇ خىيالىداچوقۇم  مەن بولۇشۇم مۇمكىن ››دېدىم ئۆز-ئۆزۇمگە.ئايرۇپىلان ئىچى بىراز زېرىكىشلىك بولۇپمۇ قالىدىكەن.بىكارچىلىقتا ئىگىزدە تۇرۇپ خاتىر دەپتەرچىلىك كىچىك كۆزنەك ئىچىدىن تۆۋەنگە قاراپ يەر يۈزىنى كۈزىتىش ، ژورنال ۋاراقلاش،تېلفۇن ئويناش،ئۇخلاۋاتقانلارغا سەپ سىلىش،ئايرۇ خانقىزلارنىىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىش ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەرمەك بولۇپ ئۇن-تىنسىز ئىلىپ بېرىلاتتى.
بىر ۋاقىتتا ئايرۇپىلان رادىيوسىدىن ئاڭلانغان‹‹ئىستانبۇلغا كەلدۇق›› دېگەن ئۇقتۇرۇش ھەممەيلەننى سەگەكلەشتۇردى.مەن ئۇخلىمىغان ئىدىم.ئارۇپىلاندىن چۇشىۋىتىپ ئاسمانغا قاراپ سالدىم،كېچە داۋام ئىتىۋىتاتتى.ئەتراپتا ئالتۇنرەڭ چىراقلار يىنىق ھالەتتە ئىدى.تىخى تېڭى ئېتىپ بوللالمىغان ئىستانبۇلغا: ‹‹ئەسسالام ئىستانبۇل›› دەپ سالام بىلەن  دەسسىدىم. بىز بىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنىغا چىقىۋىتىپ ئايرۇدرۇم تاملىرىغا  ئېسىلغان ۋە چاپلانغان  لوزۇنكا ۋە تەشۋىقات قەغەزلىرىگە كۆزۈم چۈشتى. ئۇلارغا تۈركچە يېزىلغان ‹‹ئىستانبۇل بۈيۇك شەھەر›› دېگەن خەتلەرنى چىراق يورۇقىدا ناھايتى ئىنىق كۆردۇم.
ئىستامبۇلدا ۋاقىت ئۈرۈمچىدىن ئۈچ سائەت كېيىن ئىكەن شۇڭا سائەتلىرىمىزنى ئۇرۇمچى ۋاقتىدىن ئۇچ سائەت كىيىنگە توغۇرلىدۇق.ئالدىن بەلگىلەنگەن ياتاققا ئورۇنلىشىپ ئۇخلاشقا تۇتۇنۇش ئارلىقىدا بىرسىدىن بىز چۇشكەن ياتاققا ئىستانبۇل ئۇنۋىرېستېتىنىڭ  يېقىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇم. ‹‹ھەر نېمە بولسا مەكتەپنىڭ يىنىغا ئورۇنلىشىپتىمىز›› دەپ ئۆزۇمچە مەمنۇن بولۇپ كېتىپتىمەن. ماڭا نىسبەتەن باشقا يەرگە قارىغاندا ئۇنۋېرسىتېىتنىڭ ئەتراپى تىنىچتەك،بخەتەردەك تۇيۇلاتتى.بىز چۇشكەن مىھمانخاننىڭ ئىسمىنى‹‹ رويال مىھمانخانسى››دەپ ئاتايدىكەن.

ئەتىسى ئەتىگەن چاشكا ۋاقتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى تۇنجى ناشتىنى كۇتىۋالدۇق،ناشتىلىق تاماقتىن ھەممىز خۇرسەن بولۇشتۇق،ئەسلىدە ناشتىلىق مۇشۇنداق بولسا مۇۋاپىقتەك تۇيۇلدى.چۈنكى داستىخاندا يېمەك-ئىچمەك مول ئىدى.تاماقلار سەيلەر ۋە ئىچىملىكلەر  ئىسىق-سۇغۇق جەھەتتىن  تەڭشەلگەن،مىقدارى ئاز بولسىمۇ تۇرى كۆپ ئىدى.تۈركلەرنىڭ مىھمان كۈتۇشى قەشقەرلىقلەرنىڭ مىھمان كۈتۇشىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن .ئادەتتە،قەشقەر كىشلىرى مىھماننى كۇچىنىڭ يېتىشىچە كۇتۇشكە تىرشاتتى ھەم قائىدە بىلەن ئىش قىلىشقا كۆنۇكۇپ بولغان ئىدى. بىر سوغۇق ئۇستىگە بىر ئىسسىق بولاتتى ،قانچىلىك يىسە،ئىچسە ئاسان ئاغرىپ قالمايتى.ئىستانبۇلدىكى تۇنجى ناشىتلىقىمىز  تامامەن قەشقەر پەدىسىگە ئوخشىغان بولغاچقا  چىن دىلىمىزدىن ماختىشىپ كىتىشتۇق.



03.jpg


ئەتىسى  ئىستانبۇلدىكى ساياھىتىمىز سۇلايمانيە جامەسى زىيارىتى بىلەن رەسىمى باشلىنىپ كەتتى.ئەشۇ سۇلتان سۇلايمان جامەسىگە بارغۇچىلىك مەنلا ئەمەس سەپەرداشلىرىممۇ ئەتراپنى قايىللىق ئىچىدە كۆردى:بۇيۇك شەھەر، ئىستانبۇل ھەقىقەتەن  بۈيۇك شەھەر ئىكەن!


04.jpg




05.jpg


ئىستانبۇلنى بۇرۇن  كۆرۇپ كەلگەن بەزى دوسىتلىرىمىز‹‹ئىستانبۇلنىڭ  ھەقىقەتەن كۆرگۇچىلىكى بار ئىكەن›› دېگەن ئىدى.ئۇلار  ئستانبۇل سەپىرىدىن مەمنۇنلۇق ھىس قىلىشىپ زوق-شوق بىلەن ھەر خىل تەرىپلەرنى سۆزلىشەتتى.مانا ئەمدى ئاڭلىغان،داڭلىغان شەھەر ئىستانبۇل‹‹مانا مەن،ئەمدى قانغۇچە كۆرۈۋال››دەپ كۆز ئالدىمىزدا  جامالىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.

سۇلتان سۇلايمانغا بېرىش جەريانىدا كۆزىمىزگە چىلىققان،ئالدىمىزغا ئۇچرىغان،يىنىمىزدىن ئۆتكەن ئادەملەر بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان ياكى بىز ئۇلارغا ئوخشايدىغان ئادەملەردىن ئىدى.پەقەت چىرايدىن،سومكا كۆتۈرۈشى،يۇرۇش-تۇرۇشلىرىدىنلا چەتئەللىكلىكى مەلۇم بولاتتى. ئانامغا ئوخشايدىغان ئاياللارنى،ئايالىمغا ئوخشايدىغان جۇۋان -چوكانلارنى،بالىلىرىمغا ئوخشايدىغان بالىلارنى،ئاغىنىيلىرىمگە ئوخشايدىغان كىشلەرنى ماڭدامدا بىر ئۇچۇرۇتۇپ تۇراتتىم. نەگىلا بارمايلى يېقىن كەلسەكلا،زېىمىنىغا دەسسىسەكلا بۇرنىمىزغا پۇرايدىغان پۇراق، كۆزىمىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان رەڭلەر ناتۇنۇش ئەمەس ئىدى. ئستانبۇل ماڭا پەقەت  يات بىلىنمەيۋاتاتتى. ئىستانبۇلدا جامە بەك كۆپ ئىكەن.شەكلى ئوخشۇشۇپ كەتكەچكە كۆرۇنگەنلا جامەنى‹‹ سۇلتان ئەھمەت جامەسى›› ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.سۇلتان سۇلايمان جاماسى(تۈركچە سۇلايمان جامى) دېىيلدىكەن.

سۇلتان جامەسىنى ئايلىنىش- ساياھەت يېتەكچىمىز، ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىنى ئاغىنىمىز مىرسالىھنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىلىپ بېرىلدى. مىرسالىھ بىزگە سۇلتان سۇلايمان جامەسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:

-سۇلتان سۇلايمان جامەسى ئوسمانلى پادىشاھلىقىنىڭ 10-پادىشاھىنىڭ نامىدا ئاتالغان جامە،سۇلتان سۇلايمان 1494-يىلى تۇغۇلۇپ، 26يېشىدا تەخىتكە ئولتۇرۇپ( 1520-يىلى تەخىتكە چىققان) 1566-يىلى 9-ئايغىچە توپتوغرا 46يىل تەخىتتە ئولتۇرغان مەشھۇر پادىشاھ  .ئۇ تەخىتكە چىقىپ سىياسى ئىسلاھات ئىلىپ بارغان بولۇپ بۇ ئسلاھاتلار ئوسمانلىنى تېخمۇ قۇدرەتكە ئىگە قىلغان.ئۇ بىكىتكەن،تۇزگەن قانۇنلار ((سۇلايمان قانۇنى)) دېىيلگەن. ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىرتقا قارىتا ھەربى كېڭەيمىچىلىك ئېلىپ بارغان.ئالدى بىلەن قوشىنىلىرنى بىسۋالغان،ئارقىدىن يىراققا يۇرۇش قىلىپ پۇتكۇل ياۋرۇپانىڭ ئاساسى قىسىمنى ئىلكىگە ئالغان ياكى سودا توختامى تۇزۇشكە مەجبۇرلىغان.ئۇنىڭ بىر ئۆمۇر قىلغان ھەربىي يۇرۇشلىرى ئۇنىڭ ئوسمانلى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھلارنىڭ بىرسى بولۇشىغا ئاساس تىكلىگەن،ئۇ 1566.يىلى ھازىرقى ۋىنگىريەگە يۇرۇش قىلغان ۋاقتىدا ۋاپات بولغان .ئۇنىڭ ھاياتى ئۇرۇش،ئەدەبىيات-سەنئەت،ئاياللار ئىچىدە ئوتكەن ،ئۇنىڭدىن ‹‹ئۇرۇش خاتىرلىرى›› دىگەن ئەسەر قالغان. سۇلتان سۇلايماننىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلارغا ‹‹كۇرتلار ۋادىسى››غا ئوخشاش داڭقى چىقىپ كەتكەن كىنودا ۋە‹‹سەلتەنەتلىك يۇز يىل››دا نامايان بولۇنغان. ئۇ كىنوسىدا تەسۋىرلەنگەندىكىدەك ئاياللارنىڭ ئىلكىگە چۇشۇپ خانلىق بىلەن كارى بولمايدىغان ئۇنداق بوشاڭ پادىشاھ ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ 46 يىللىق پادىشاھلىق ھاياتى رىۋايەتلەردىكىدەك مەزمۇنغا،سەنئەتكارلار قەلبىدەك گۇزەللىككە تولغان ئىكەن.ئۇنىڭ قالدۇرغان مىراسلىرى ھازىرغىچە تەتتىق  قىلىنماقتا ئىكەن.كىنودىكى ھۇررەم خاتۇننى بەزىلەر ‹‹ئۇكرايىن›› دەيدىكەن.ئۇ مۇشۇ جايدا ھۇررەم خاتۇن بىلەن بىللە تۇرۇپتىكەنتۇق، ئەمەلىيەتنى ئاڭلىسا كىنو سەل كۆپتۇرۋىتىلگەندك تەسرات بىرىدىكەن.كىنودا سۇلايمان كىشىگە ئىشرەتكە بىرلىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ.سۇلتان سۇلايمان جاماسى بىر قەۋەتلىك تاشتىن قۇپۇرلغان ئىمارەت بولۇپ ھويلىدىكى مۇنارنىڭ ئۇستىنىڭ دىئامېتىرى 25.6مىتىر كىلىدىكەن.جامەگە ئويۇلغان ئەرەبچە ھوسۈن خەتلەر ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇردىكەن.مىرسالىھ تۈرك تارىخى ۋە ئىستانبۇل ساياھەت نوقتقىلىرىغا پىششىق بولۇپ كىتىپتۇ.بىز سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلاپ بۇنىڭدىن خۇرسەن بولماقىتا ئىدۇق. ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ جامەنىڭ خىشلىرنى،سىرلىرنى ۋە دەرۋازىلىرنى سىيلاپ باققۇم،تۇتۇپ باققۇم كەلدى. جامە ھويلىسىدا دەل-دەرەخلەر كۆكرىپ تۇرۇپتۇ.قارىسا يېڭىدەكلا ھىچبىر 500يىلدىن ئارتۇق تارىخى باردەك ئەمەس.خۇددى 50-60 يىل بولغاندەكلا مەزمۇت،پاكىز ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.بۇ پادىشاھنى تۈركلەر بەك چوڭ بىلىپ ئەزىزىلەيدىكەن.سۇلايمانى جامەسىنى  قىزىقسىنىپ كورۇپ بولغاندىن كىيىن سۈرەتلەرگە چۇشۇپ خاتىرە قالدۇردۇق. بىر بىرلەپ سۈرەتكە چۇشۇپ بولۇپ بارلىق تۈركىي مىللەتلەر كورۇشنى ئىستەيدىغان،پۇتكۇل تۇركىيلەر تارىخنىڭ مىراسگاھى ((مۇزىي)) بولغان ئەسكىرى مۇزىيغا باردۇق.

07.jpg

ئەسكىرى مۇزىيدا بىر مودىل دەرخ  بولۇپ مەزكۇر دەرختە بارلىق تۈركى مىللەتلەر تارىخى بىر دەرخكە جەم قىلىنىپتۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىندىكەنمىز. ھازىر تۈركىي مىللەتلەر  دېىيىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تارىىخدىن خەۋەردار بولۇشنى خالايدىغانلار چوقۇم بۇ يەرنى زىيارەت قىلىشى لازىم ئىكەن.ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئىلىپبەسى بىلەن تۈرك ئىلىپبەسى سىلىشتۇرۇلغان ئىكەن. تۈركلەر تۈرك بولغاندىن بۇيانقى بارلىق تۈرك قەۋىمىلەرنىڭ قۇرغان پادىشاھىلىقىلىرىنىڭ سىخمىسى كىشىنى ئالاھىدە جەلىپ قىلدىكەن.بۇ يەردە ساياھەتچىلەر بەك كۆپ بولۇپ ئايىغى ئۇزۇلمەيدىكەن.بۇ يەر ماڭا سەلتەنەتنىڭ،ھەقىقى پادىشاھىلىقنىڭ قانداق بولۇدىغانلىقىنى تونۇتتى.


06.jpg


بۇ يەردە ئۇيغۇر تارىخغا دائىر نەرسىلەرمۇ كۆپ ئىكەن.ئىچىمدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ بولغانلىقىدىن خۇش بولدۇم.قاتار تىزىلغان پادىشاھلارنىڭ سۈرەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخرقىسىغا جۇمھۇريەت قۇرغۇچى مۇستافا كامال ئاتا تۈركنىڭ ھەيكىلىمۇ قۇيۇلغان ئىكەن.چۇشەندۇرگۇچى تۈركىيە بايرىقىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى سوزلىگەندە ھەممىز جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىدۇق.تۈرۈك قوشۇنى  ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا تولغان ئاي ئەسكەرلەر ۋە ئەسىرلەرنىڭ ئۈستىگە، ئۆلۇكلەردىن ھاسىل بولغان قان كۆلچەكلىرىگە چۇشۇپ ئاجايىپ بىر مەنزىرە شەكىللەنگەن ئىكەن، ئەينى چاغدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق  بايراقنى ھازىرقى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا ئۆزگەرىتكەن ئىكەن. بۇ مىراسگاھغا تۈركلەر بىجاندىللىق بىلەن كۆپ مەبلەغ سىلىپ راۋۇرۇس ھالەتتە پەخىرلەنگۇدەك ئورۇنلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىشىپتۇ،ئۇلارغا ئاپرىن ئىيتساق ھەرگىز ئارتۇق كەتكەن بولمايدۇ،بەلكى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئىچ-ئىچىدىن قايىل بولۇپ تۇرۇپ رەھمەت ئوقۇش لازىمدەك تۇيۇلدى ماڭا.

08.jpg

چۇشكە يىقىن كىنولاردا ۋە جاھاننامە ئەينىكىدە تولا چىقىدىغان ياۋرۇ-ئاسىيا كۆۋرۇكىگە باردۇق،بۇ كۆۋرۇكنىڭ ئۇزۇنلىقى بىر يىرىم كىلومىتىر بولۇپ  پەقەت تۈركىيەگىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر ئىكەن. كۆۋرۇك ھەيۋەتلىك بولغاچقا ھەم كۆۋرۇكتىن ئىستانبۇلنىڭ بىر قىسمى رۇشەن كۆرۇنۈپ تۇرغاچقا ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىپ بىرىپ، بىردەم بولسىمۇ تۇرۋېلىپ قايتدىغان يېرى ئىكەن. مۇھەببەتتىن دىلى ئازار يىگەن ياشلار،ھاياتتن ئۇمۇدىنى ئۇزگەن ناتىۋانلار.مەغلۇپ بولغان سودىگەرلەر بۇ يەردىن سەكرەپ ئۆلۇۋىلىدىغان ئىشلار تولا يۇز بىرىۋەرگەچكە ساقچىلار بۇ يەرنى كېچە –كۇندۇز قوغدايدىكەن.شۇڭا  ئىستانبۇللۇقلار بۇ كۆۋرۇكىنى ‹‹ئاشىقلار كۆۋرۇكى›› دەپ ئاتاپمۇ قويۇشىدىكەن.چۈنكى كۆۋرۇكتىن سەكرەپ ئۆلۇۋالغانلار مۇشۇ كەمگىچە 300 گە يىتىپتۇ..


09.jpg

‹‹ئاشىقلار كۆۋۇرۇكى›› (بۇ ئىسىم ماڭا ياراپ كەتتى) دىن يىنغاندىن كېيىن بىزنى‹‹ مىسىر چارشى بازار›› دەيدىغان  بىر يەرگە ئەكەلدى.بۇ بازارمۇ قەشقەرنىڭ يېڭى بازىرغا ئوخشايدىكەن،ئەمما،بۇ بازار پاكىز،رەتلىك ۋە چوڭ ئىدى.بۇ بازار ئىچىدە بىر تۈرۈك مۇماي پاپپاق سېتىۋىتىپتىكەن،ئالدىدىن ئوتۇشۇمگىلا:

-    ئوغلۇم ،پايپاق ئال،- دېۋىدى،توختاپ ئۇنىڭدىن ئىختىيارسىز سوراپ باققۇم كەلدى:

-    ئۇيغۇرنى بىلەمسىز؟ -دېىيىشىمگىلا مۇماي جانلىنىپ:

-    بىلىمەن،ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز،سەن ئۇيغۇرمۇ؟مەرھابا ئىستانبۇل !-دېۋىدى،ئۇنىڭ بىزنى بىلگىنىنىڭ ھۆرمىتى ئۇچۇنىۇشاللىقىمدىن بىرنەچچە  پايپاق سېتىۋالدىم.كىيىن بىلسەم دەرسلىكتە ئوتكەچ ھەم بايامقىدەك مىراسگاھلار بولغاچ بىز ئۇيغۇرلار باشقىلارغا قارغاندا تۈركلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق ئىكەنمىز.مىسىر چارشى بازاردىن سەپەرداشلىرىم ئۆزلىرى ياقتۇرغان نەرسىلەرنى سېتۋىلىشپ قايتىشتۇق.تۈركلەر سودىغا  بەكمۇ يامان ئىكەن، چىرايلىق سوزلەرنى قىلىپ تۇرۇپ پىخسىقنىمۇ كوملاپ كىتىدىكەن.بۇ بازاردىن جالالىدىن رۇمىنىڭ چازا قۇرۇپ ئولتۇرغان پۇتۇن بەدەنلىك كېچىككىنە ھەيكىلىنى رۇمىغا قىزىقىدىغان ئاغىىينەمنى ‹‹تازا بىر خۇش قىلۋىتەي›› دەپ سىېتىۋالدىم.مىسىر چارشى بازىرىدا پادىشاھلارنىڭ ھەر خىل ھالەتتىكى جەڭگاھ ھەيكەللىرى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا تۈرك تارىخدىكى مەشھۇر كىشلەرنىڭ ھەيكەللىرى،تەقلىدى رەسىملىرىمۇ تىپىلدىكەن.بىزدىكى سودىگەرلەرمۇ مەشھۇرلىرىمىزنىڭ ھەيكەل ياكى رەسىملىرىنى ئويۇپ ياكى سىزىپ بازارغا سالسا ساياھەتچىلەر سېتۋىلىشى مۇمكىن.بۇ بازاردا كېتىۋاتقاندا ساياھەت يىتەكچىسى مىرسالىھ بىزگە مۇشۇ بازارنىڭ يىنىدىكى ‹‹كاپال چارشى›› دېگەن كوچىدىن بۈيۇك تىلچى مەھمۇت كاشغەرىنىڭ بىباھا دېۋانى تىپلغانلىقىنى سەمىمىزگە سالغاچ ماڭدى.  .
بازاردىن ھارغىن قايتىپ،بىر يەرگە بارغان قۇرسىقىمىزنى تويغۇزۇش ئۇچۇن‹‹ھايات ئۇيغۇر –ئۆزبىك رىستۇران››ىغا كىردۇق.بۇ ئاشخانىنى ئىستانبۇلدا تۇرۋاتقىنغا 20 يىلدىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر ئاچىدىكەن . كۈتكۈچىلەر ئالدىمىزغا سۇيۇق ئاش قويىۋىدى‹‹ بىزگە ئاچىقىدىغان كەچلىك تائام مۇشۇ ئوخشايدۇ ››دەپ ،تارتىنىمايلا نان بىلەن ئىچىۋىرىپتۇق.قۇرساقنى بىر قۇر تويغۇزۇپ تۇرساق لەغمەن ئىچىقتى،ئارقىدىن يەنە  تاتلىق تۇرۇم،مېۋە-چىۋە بىلەن داستىخاننى تولدۇرىۋەتتى.تۈرۈكلەردە مىھمانغا ئالدى بىلەن سۇيۇق تائام قويدىكەن،بايا دېگەندەك مىھماننى ھەم ئۆزلىرىمۇ تاماقنىىڭ تۇرىنى كۆپ،مىقدارنى ئاز،مېۋە-چېۋىلەر بىلەن تاماملايدىكەن.بۇ خىل ئوزۇقلىنىش مۇۋاپىق ئىكەن. بىز بۇ خىل »وزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۇنۇتقان بولساق ئەسلىگە كەلتۇرسەك،ئەھۋالىمىزغا بىقىپ ئاشۇنداق ئوزۇقلىنىشنى تەشەببۇس قىلساق بولغۇدەك.ئاشخانىدا ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچۇن قائىدە-يۇسۇن دەرسىلىكىنى قانۇنلۇق ھالدا ۋىدىيولۇق قىلىپ تۇزۇپ چىقىپتۇ.بۇنى كۆرۇپ ئۇلارنىڭ سىڭدۇرگەن مېھنىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدۇق.بىزنىڭ ھاياتتكى ئۇرۇنۇشلىرىمىز،ئاھلىرىمىز،تىرىشچانلىقلىرىمىز،خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلىرىمىز ئاقىۋەتتە بالىلار ئۇچۇن ئىدى.بالىلارنىڭ تەربىيلىنىشىگە كۇچەشنىڭ نەقەدەر زۆرۇرلىكى بىزدىن ئاجايىپ بىر مۇھەببەت ۋە جاسارەت تەلەپ قىلماقتا ئىدى.
بۇگۇنكى قۇشۇمچە لوقما:ئىبراھىم تاتلىس ۋە كۇرتلار


010.jpg

ئىبراھىم تاتلىس بۇگۇنكى تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر سەنئەتكار بولۇپ بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ خىلى تونۇشلۇق  ،مەخمۇت سۇلايمان،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،مۆمىنجان ئابلىكىم قاتارلىقلار جۈملىدىن مەنمۇ  ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرەتتۇق. ئىبراھىم تاتلىس كۇرت بىلەن ئەرەبتىن تۇغۇلغان ئىكەن.بۇگۇنكى كۇندە ئۇنىڭ نامى ئانچە خەيىرلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇستىدىن يامان گەپ-سۆزلەر بولۇپ تۇردىكەن.ئۇنى مافى دەيدىغانلار بار ئىكەن. ئوتكەندە كۇرت ئەسەبىي مىللەتچىللىرى ئۇنى‹‹ تۈرك ئۇچۇن خىزمەتلەردە بولدۇڭ،كۇرتلارنى ئويلۇمۇدۇڭ ››دېگەندەك ەۇناھلارنى ئارتىپ ئوق ئىتىپ قاتتىق يارلاندۇرۇپ  قويۇپتۇ.ئەمىلىيەتتە بولسا نۇرغۇن كىشلەر ئۇ ئارقىلىق كۇرتلارنى بىلىگەن ئىكەن.

بىر كۇنلۇك ساياھەت جەريانىدا ساياھەت يىتەكچىمىز ئاۋۇ كۇرت دېگەنلەرگە قارىسام ئۇلارنىڭ  مىڭىش –تۇرۇشلىرى قۇپال تومپاي كۆرۈنىدىغان ئادەملەر ئىكەن. بالىلار قىزىقچىلىق قىلىپ؛‹‹ ئاۋۇ تۇڭگان›› دەپ قۇيۇشىدىكەن كۇرتلارنى كۆرسۈتۈپ.كۇرتلار تۈركلەرنىڭ بىشنى ئاغىرتىدىغان بىر تىما ئىكەن.ئۇلار ئاساسلىقى تۈركيەنىڭ شەرق تەرەپلىرىدە يەنى دىيار باكىر،ۋان ئۆلكىلىرىدە ماكان تۇتقان ئىكەن. ئەر دوغان كۇرتلاردىن پارلامىت ئەزاسى،مىنىستىرلارنى تەيىنلەپ ئۇلارغا كۆڭۇل بۆلگەنسىرى ھەددىن ئىشىپ تۇرلۇك بالايى-ئاپەتلەرنى،تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋام ئىتىۋېتىپتۇ.ئىستانبۇل كوچلىرىدا كۇرتلار قىلىقسىزلىق قىلىپ پات-پات باشقىلاردىن تاياق-توقماق يەپ تۇردىكەن.

011.jpg

‹‹تاكسىم مەيدانى›› ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسى مەركىزى بولۇپ خۇددى بېيجىڭنىڭ تىئەنئەنمىن مەيدانىغا ئوخشايدىكەن.بۇ يەر ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ قايناق سودا رايۇنى بولغاچقا بۇ يەرگە دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا مېترۇ ياسالغان ئىكەن.بۇگۇنكى كۇندە بۇ يەر  ئەتراپىدا يۇلتۇز دەرىجىلك مىھمانخانىلار،سودا سارايلار سېلىنىپ تېخىمۇ ئاۋات بولۇپ كېتىۋىتىپتۇ.تاكسىم مەيدانى‹‹ كورتلار ۋادىسى››دىمۇ چىقىدىكەن،ئۇ ئىستانبۇلنىڭ بىر سىمۋۇلىدەك بىلىنىدىكەن.بۇ يەرگە مەشھۇر ئەربابلار كىلىپ-كېتىپ تۇردىكەن.

قەھۋە ئېچىۋاتاتتىم، ئەزان چىقىۋىدى پۇتۇن ئەتراپنى ئەزان ساداسى قاپلىدى،مەسچىتكە ماڭدىغانغانلار ئورۇنلىردىن تۇرۇشۇپ مەسچىتكە  مېڭىشتى،ناماز ئوقۇمايدىغانلار يەنە جايىدا قىمىرلىماي تۇرۇۋىرىشتى. ئەزاننىڭ خاسىيىتىدىن ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇغۇسى كىلىپ كىتىدىكەن.نامازنى چىرايلىق ئوقۇپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇدىغانلار كۆپرەك ككزگە چېلىقىپ تۇرۇدىكەن.

012.jpg

تاكسىم مەيدانىدىن قايتىپ ئىستانبۇل بوغۇزىدا كېمىگە چىقىپ كەچلىك مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانماقچى بولدۇق.دوسىتلىرىمىزدىن  ۋە ساخاۋەتچى ئاتىلاردىن ئابدۇراھمان ھاجىملار بىرلىشىپ كىمە پۇلىنى چىقاردى،مۇقام كۇيچىسى مەمەتتۇرسۇن بارات . مىرسالىھنىڭ نۇرۋىگىيەدىن كەلگەن ئاكىسى ۋە ئۆمەكتىكى ئونغا يىقىن بالىلار گازىر،پۇرچاق دېگەندەك ئاددى نەرسىلەر  بىلەن بىر سورۇن قۇرۇپ مۇڭداشقاچ دېڭىزنىڭ كىچىلىك مەنزىرىسىنى  تاماشا قىلۋىتىپ بىر ناخشا ئوقۇماقچى بولۇشتۇق.دۇتار،راۋابقاتارلىق ئۇيغۇر مىللى چالغۇلىرى بىلەن بىر ئەترەت تەشكىللەپ ئاۋازىمىزنى ئەركىن قويۇۋىتىپ ئۈنلۈك ناخشا ئېيتتۇق.

-ئەي يۇلتۇزلار،سۇلار،بىلىقلار  ،سەن بولساڭمۇ ئاڭلىغىن! بۇ ناخشىلىرىمىز پەقەت  سىلەرگە بېغىشلاندى! -دېدىم ئىچىمىدە .شۇنداق   بۇ كېچە بىز ئۈچۈن  ئۇنتۇلغۇسىز بىر كېچە بولدى.


013.jpg


بىزنىڭ ئاۋازىمىزدىن،سازلىرىمىزدىن ھاياجانلانغان  تۈرك كېمە كاپتانى:‹‹ مەنمۇ ئاڭلاي›› دەپ يېنىمىزدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى، مۇڭلاندى.كېيىن ئۇ: مەنمۇ سىلەرگە ناخشا ئىيتىپ بىرەي،  - دەپ بىر نەچچە تۈركچە ناخشىلارنى زوق-شوقبىلەن  كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ ھىسسىياتلىق  ئوقۇۋىدى،بىزمۇ چاۋاك چىلىپ ئاپرىن ئىيتىپ  ئۇنىڭدىن رازى بولغانلىقىمىزنى بىلدۇرۇشتۇق.نۇرغۇن قېتىملىق چەتئەل سەپىرىدە بۇنداق باشقۇرۇقسىز يۈرۈپ باقمىغان،ئۆز ئالدىمزىغا،بەلگىلەنمىگەن جايلاردا ناخشا توۋلاپ پۇخادىن چىقىپ باقمىغان ئىدۇق.


015.jpg

ئۆگۇنى مىرسالىھ ساياھەت ئۆمىكىمىزنى باشلاپ توپكاپىغا ئاپاردى.توپكاپى(توپ ئىشىك) سارىيى تۈركيەنىڭ ئەڭ چوڭ مىراسگاھى ئىكەن.بۇ ساراينىىڭ تارىخى  سۇلتان مۇھەممەد ئىككىگە تۇتۇشىدىكەن.توپكاپى سارىيى ئىستانبۇلنىڭ ياۋرۇپا تەرىپىدىكى مارمارا دىڭزى بىلەن بوسفۇر بوغۇزىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن  مۇھىم بولغان جايى بولۇپ  ھەيۋەت بىلەن  قەد كۆتۇرۇپ تۇرىدىكەن.ساراي 1478-يىلى سېلىنىپ ئوسمانلىنىڭ 25 پادىشاھىغا ساراي بوپتىكەن.جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن باشلاپ مىراسگاھغا ئايلاندۇرۇلغان.ساراينىڭ يەتتە ئىشكى بولۇپ تۆت ئىشىكى قۇرۇقلۇققا،ئۈچ ئىشىكى دېڭىزغا، يەنە بىر ئىشىكى ئايا سوفىيە مىراسگاھىغا يۇز تۇتۇپ تۇرۇدىكەن.توپكاپى سارىيىدا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ساقىلىۋە ھاسسى بار ئىكەن.  ئۇلارنى ئوسمانلىنىڭ بىر سۇلتانى سەئۇدىي يۈرۈشىدە قۇلغا چۇشۇرۇپتىكەن(ئۇ پادىشاھنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتىمەن).پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقىلىۋە ھاسسىنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھوكۇمىتى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئىيتقان بولسىمۇ تۈركىيە رەت قىلىپ كەپتۇ.
توپكاپى ساريىدەك بىرەر ساراينى قەشقەردە سالساق نېمە بولا دەپ كەتتىم.بۇ ساراي ئادەمنىڭ يۇرەك –پارىنى جىغىلدىتىدىكەن.
توپكاپى ساريىدا ئۇزۇنراق تۇرۇۋېلىشنى ئويلىساممۇ مۇمكىن بولماي ئاخىر بۇ يەردىن ئارىلىقى3~4 كىلومېتىر مىتىرچە كىلىدىغان يېقىن ئارىلىقتىكى دولما باغچىسىغا باردۇق.


دولما (تىندۇرۇلغان)باغچىسى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىنا قىلىنغان بولۇپ 15-ئەسىردە ياسالغان توپكاپى سارىيغا تەقلد قىلىنىپ ياسالغان ئىكەن.ئەينى چاغلاردا دولما باغچىسىدا ئوسمانلى سۇلتانلىرى تۇراتتىكەنتۇق،ئەر دوغاننىڭ  ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسمۇ مۇشۇ دولما باغچىسىغا تەسىس قىلىنغان ئىكەن.دولما باغچىسى دىڭىز بويىدا بولغاچ مەنزىرىسى ئادەمنى ئۆزىگە رام قىلدىكەن،

016.jpg


دولما باغچىسى يېڭى خان ساريى بولغاچقا قۇرۇلۇشىنىڭ كۆركەملىكى زىيادە ئىكەن.ئادەمنىڭ بۇ يەردىن ئاسان چىقىپ كەتكۇسى كەلمەي كاللىسىنىڭ پىتىنى ئۆلتۇرۇپ تازا  ئارام ئالىدىغان ئىسىل جاي ئىكەن.

017.jpg

دولما باغچىسدىن قىيالماي يىنىپ چىقىپ دۇنياغا داڭلىق ئايا سۇفيەگە باردۇق.(سۇرەت) ئايا سۇفيە ھەققىدە مىرسالىھ مۇنۇلارنى دىدى:

-مۇھەممەت پەيغەمبەرىمىز مۇنداق دەپتىكەن:‹‹ئىستانبۇلنى فەتىھ قىلغان سۇلتان ئەڭ بۈيۇك سۇلتاندۇر،ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئەڭ گۇزەل ئەسكەر››

018.jpg


ئايا سۇفيە چىركاۋى مىلادى 532-يىلدىن 537 -يىلغىچە ياسالغان بولۇپ قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن قىسمەن ۋايران قىلىنغان.يەنە بىر ئىسمى ‹‹مۇقەددەس چىركاۋ›› ئىكەن.ئايا سوفيە شەرقى رىم ئىمپرېىيەسىنىڭ مۇقەددەس مەركىزى ئىبادەتخانىسى سالاھىيتىدە خىرسىتىيان دۇنياسىغا مەشھۇر ئىكەنتۇق.1453-يىلى فاتىخ سۇلتان مۇھەممەت ئىككىنچى شەرقى رىمنى فەتىھ قىلغاندىن باشلاپ مەسچىتكە ئۆزگەرتۋەتكەن ئىكەن.

019.jpg

بۇ يەر ھازىر بىر مىراسگاھ سۇپتىدە زىيارەت ئەھلىنىڭ قىزىقىپ ساياھەت قىلىدىغان  جايىغا ئايلىنىپتۇ.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئايا سوفىيەنى زىيارەت قىلمىغان خىرستىيان ئەھلى ھەقىقى خىرسىتىيان ھىسابلانمايدىكەن.مىراسگاھ بولۇشتىن ئىلگىرى غەرپ دۇنياسى خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى ئىسلام ئىبادەتخانسى بولغان  مەسجىدگە ئۆزگەرتىۋىتىشكە قاتتىق نارازى بولۇپ تۈركيە ھوكۇمىتىگە ئىزچىل ئەرىز-شىكايەت قىلۋەرگەچكە مەسجىدمۇ قىلماي چىركاۋمۇ قىلماي مىراسگاھقا ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ.

020.jpg

ئايا سوفيەدىن چىقىپ يەنە سۇلتان ئەھمەتكە ماڭدۇق.
سۇلتان ئەخمەت جامەسى ‹‹كۆك مەسجىتى››مۇ دېىيلىدىكەن.سۇلتان ئەھمەت جامەسى ئىستانبۇلدىكى نامى مەشھۇر مەسجىت بولۇپ ،ئىسلام دۇنياسىدا مەككە-مەدىنە مەسجىتلىرىدىن قالسىلا مۇسۇلمانلارنىڭ باردىغان،كۆرىدىغان،تاۋاب قىلدىغان يەنە بىر مۇقەددەس جايى ئىكەن. ئۇنىڭ  قۇرۇلۇشى1609-يىلى باشلىنىپ 1616-يىلى تامام بولغان ئىكەن.بۇ جامەنىڭ  خىشلىرى كۆيدۇرۇپ ياسالغان فار-فۇر بۇيۇملاردىن زىننەتلەپ گۇل ۋە نەقىش چىقىرلىپ ياسالغان ئىكەن.شۇڭا  ھازىرغىچە مۇڭگۇزدەك مەزمۇت تۇرۇپ كەپتۇ.سۇلتان ئەھمەت  جامەسى سەلتەنەتلىك،پارلاق تارىخنىڭ ئىگسى بولمىش ئوسمانلى خانلىقنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئەڭ جانلىق پاكىتلىرنىڭ بىرسى سۇپتىدە قەد كۆتۇرۇپ ھىلىھەم مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتا مەسجىدى بولۇپ كىلىۋىتىپتۇ. تۈركلەر سۇلتان ئەھمەتتىن پەخىرلىنىدىكەن،مەنمۇ مۇشۇنداق ھەيۋەتلىك،كۆركەم ،مەزمۇت ساراي-مەسجىتلەرنى بىنا ئەتكەن تۈرك  پادىشاھلاردىن پەخرلەندىم.


021.jpg


بۇ قىسىمدىكى ئاخىرقى سۆز: ئىستانبۇلغا بېرىپ،كۆرۇپ  كېلىش ئىمكانىيىتىڭىز بولۇپ قالىسا،ياكى  خۇدا نىسىپ قىلسا ،ئىستانبۇل ئۆمۇر بويى ياكى بىر مەزگىل ياشاشقا ئەرزىيدىغان ئىسىل زىمىن ئىكەن.ئەلۋەتتە ۋەتىنىمىزمۇ ئستانبۇلدىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدە گۇزەل،قۇۋۋەتلىك،بىباھا زېمىندۇر. نەچچە مىڭ يىللىق كەچمىشكە ئىگە، تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرى ئىيتقاندەك بۇ  بۈيۇك شەھەرنى نەچچە كۇندە كۆرۇپ،چۇشۇنۇپ،ئايلىنىپ بولغىلى بولمايتتى، ھەتتا بىر ئۆمۇرمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.  سۇلتان ئەھمەت،ئايا سوفيە،دولما باغچىسى،كۆۋرۇك،بازار،ئەسكىرى مىراسگاھ،سۇلايمانيە جامەسى ھەققىدە تاققا-تۇققاتەسۋىرلەر بىلەن يازغانلىرىم ھەرگىز ئۇنىڭ بىر پۇتۇن تەرىپى،ئومۇمى تارىخى ئەمەس.ئىستانبۇل سەپىرى مۇشۇ قىسقا ،قاملىشىپ كەتمىگەن بايانلار بىلەنلا  تۇگىمەيدۇ.

ئۇنىڭ 2-ۋە 3-قىسىملىرى‹‹ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار››،‹‹كۇرتلار ۋادىسى-پولات ئەلەمدار ھوزۇرىدا›› ئوقۇپ بىقىشىڭلارغا سۇنۇلىدۇ.

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 7 - كۈنى

.



2012-يىلى 8-ئاينىڭ 7 - كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 04:52 PM  


014.jpg
ھازىرغىچە 14 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aklala220 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
OTYAK + 300 ئىسىل سايائەت خاتىرسى
gulbaxikar + 100 ياخشى يېزىپسىز!
meihray + 300
ataman26 + 20 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nurjula + 100 بىر قېتىم بارغاندەك ب.
aptap104 + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
zulayha + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
akkls1 + 33 ئىسىل جايلار........
anjurgul + 20
orkixi + 20 ماختاشقا تېگىشلىك
jula0997 + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
sanjar + 100 ساياھەت قىلغاندەك بول.
qintax + 100 ئاخىرىنى كۇتىمەن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2593   باھا خاتىرىسى

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:26:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن گۈزەلكەن  بىر بىرىپ كۆرۈشكە   ئەرزىيدىكەن   شەھەرلەركەن

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1496
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9321
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 668 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:29:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىرئەلى ئاكامنى  مىسرانىم تورىدا زىيارەت قىلغاندن كېيىنلا تولۇق چۈشەنگەن ھەم تونىغان ئىدىم. بۇ ماقالىنىمۇ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقاي،رەھمەت سىزگە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەپىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن خۇشال بولدۇم .
تۈركىيە فىلىملىرنىڭ كۆپلەپ دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن تەڭ تۈركىيە مەدەنىيىتگە ، تۈركىيە كىشىلىرىگە ، تۈركىيەئۆي ئىمارەت ھەتتا تۈرۈكچە تائاملارغا بولغان قىزىقىش دىيارىمىزدا كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى .
تۈركىيە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان دۆلەت ۋە شۇنداقلا بۇ كەمگىچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ، ئۆرۈپ ئادىتىنى مۇكەممەل ساقلاپ كەلگەنلىكتىن بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەلۇم تارىخىنى تۈركىيەدىن ئىزدەپ تاپالايمىز .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:40:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز تەرەپلەدە مەسچىتلەگە ئاياللا يالاڭ باش ئوچۇق كىيىم كىيىپ كىرسە بولمايدۇ دەپ يۇگەنگەن ئاياللامۇ مەسچىتلەگە كىرمەيدۇ ،ئۇ تەرەپلەدە كىرىۋېرىدىكەن ،بىز كىنۇلادا كورگەندەك ئۇلۇم يىتىم بولسا ئولگۇچىنى يەلىكىگە قويغۇچى ئاياللامۇ زەرەتكەلىققا چىقىپ قاراپ تۇرىدىكەن  بۇ ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداقمۇدۇ يا كىنۇلادىلام شۇنداق چىقىرامدىغاندۇ؟

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11652
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:41:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ تۈركىيەگە بارغۇم كىلىۋاتىدۇ.بىرىشقا چوقۇم تىرىشىپ باقىمەن.

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ  ھىندستاندا ، ھىندۇنىزىيەدە، ئەمدى تۈركىيەدە ساياھەتتە بوپسىز ، كۈنلىرىڭىز  مەنلىك ئۆتكەي~!

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45605
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6534 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:49:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نەزەرىمدىكى ھەقىقىي سەنئەتكارلارنىڭ بىرى ئەلتېكىننىڭ مۇنبىرىمىز گۈلىستانىغا باسقان قۇتلۇق قەدەملىرىگە مەرھابا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:59:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل شەھەر! ئەھمىيەتلىك ساياھەت! رەھمەت سىزگە..... بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن.....................   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   islamogli1566 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 09:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 09:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساياھىتىڭلار ناھايىتى كۆڭۈللۈك بوپتۇ ھە!!! توغرا دەيسىز ئايالىڭىزغا ئوخشاش قىز چوكانلارنى، بالىلىرىڭىزغا ئوخشاش بالىلارنى، دوسلىرىڭىزغا ئوخشاش ئەركەكلەرنى ئۇچۇرتالايسىز شۇڭا تۈركىيەگە چىققان ئۇيغۇرلار ئالدىراپلا يالغۇزلۇق ھىس قىلمايدۇ. چۈنكى يېلتىزىمىز  بىر.

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش