|
|
|
|
قاتىلىمەن بۇ خىل سۈيۈشنىڭ
شۇنداق بىر سۈيۈش بار ياشلىقنى ئوغۇرلاپ ئۆمۇرلۇك بەخىت ئۇچۇن مىتە قۇرت بولۇپ كەلگۇسىنى پۇشايمان بىلەن يۇغۇرىدىغان ،قاتىلىمەن بۇ خىل سۈيۈشنىڭ.
شۇنداق بىر سۈيۈش بار ،ئۇ بولسىمۇ مۇھاببەتنىڭ چوڭ قالپىقىنى كىيىۋېلىپ ھەر بىر قەلىبنى مەس قىلىپ ۋاقىتلىق دىللارنى سىھىرلەپ پۇرسەتلەرنى يەيدىغان ،ئاھلارغا تۇيۇندۇرۇپ چۈشكۈنلۈكنى خالايدىغان ،قاتىلىمەن بۇ خىل سۈيۈشنىڭ.
شۇنداق بىر سۈيۈش بار ،روھلارنى بىخۈتلاشتۇرۇپ كۆزلەرنى باغلاپ مىللەت ئېڭىنى يوقۇتۇپ ئىماننى سۇسلاشتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا ئاسىلىقنى يېقىن قىلىپ شەيتان بىلەن تەڭ ئۇسۇلغا سېلىپ سىزنى ئۆز دۇنيارىڭىزدىن ئايرىيدىغان ،قاتىلىمەن بۇخىل سۈيۈشنىڭ.
شۇنداق بىر سۈيۈش بار،ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان ،سۈيۈلگۈچىسىز گالدىن تاماق ئۆتمەيدىغان ،كۆزلەر تەلمۈرۈشتە ،يۈرەكلەر تەلپۈنۈشتە،بارلىقى مەۋھۇم بىر نىشاندا قاناتسىز ،ياشلار سېرغىپ تۇرىدىغان ،خىيال مڭلىنىپ ئازاپ جىسمىنى پارە پارە قىلىدىغان ،چاقىرغاندا ياردىن ئەمەس ھەتتا تاغلاردىنمۇ سادا كەلمەيدىغان،كۈتۈش كۈتۈش يەنە كۈتۈش بىلەن نەتىجىسىز ھالدا چەكلىك ئۆمۈرنىڭ تارىخقىغا بىھۇدە ئەسلىمىلەر يېزىلىدىغان ،قاتىلىمەن بۇ خىل سۈيۈشنىڭ.
شۇنداق بىر سۈيۈش بار،ھەسەت بىلەن باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى يەكسەن قىلىدىغان ،قىزغىنىش بىلەن ئاسمان ھەم زىمىننىمۇ ئالدايدىغان ،چۈنكى مەن سۆيىمەن دىگەن بۈيۈك ئۇقۇمنى ئۈزىگە قالقان قىلىپ تالاي نىكاھلارنى ھىجران گىردابىغا ئاپىرىدىغان ،قاتىلىمەن بۇ خىل سۈيۈشنىڭ.
شۇنداق بىر سۈيۈش بار،سۈيۈلۈپ تۇرۇپ تاماشا كۆرۈپ سۈيۈلگۈچىنى زار زار يىغلىتىدىغان ،ھاھىدا ئەركىلىتىپ خالىسا سارغايتىپ چۆرۈيدىغان ،سۆيگۈچىنىڭ ئاشۇ سۇيۇشلىرىدىن بۇ جاھانغا پاتمايدىغان ،ئەمما بارلىق سۆيگۈچىلەر ئۇنى ئۆچرەت بىلەن قوغلىشىدىغان ،قاتىلىمەن بۇ خىل سۈيۈشنىڭ،
شۇنداق بىر سۈيۈش بار ،ئائىلىدىن ،ۋەتەندىن ،كەلگۈسىدىن ،خىزمىتىدىن ،ئىقتىسادىدىن ئايرىپ سۆيگۈچىنى چىقاي دىسە ئاسمان يىراق ،كىرەي دىسە يەر قاتتىق قىلىدىغان،جاتىلىمەن بۇ خىل سۆيگۈنىڭ .
شۇنداق بىر سۆيگۈ باردۇر رەھىمسىز ، جاھان تەۋرەيدۇ ئەمما پەرۋاسىز. ھاياتنى خورلايدۇ بىلىپ بىلمەيمىز ، سۆيگۈ دەپ ئازاپتا زار زار يىغلايمىز .
شۇنداق بىر سۆيگۈ باردۇر رەھىمسىز ، چاڭقىتىدۇ يۈرەكلەرنى زەپ تىنىمسىز . قەلىب مۇڭسىرايدۇ نىمجاندۇر ھالسىز ، نەتىجە شەرمەندىدۇر ئەلگە سىرىمىز.
سۆيگۈچىمىز سۈيۈلگۈچىمىز ،شۇۇنىڭ ئۇچۇن رازىدۇرمىز ھەممىگە،قاتىلى بولايلى بىھۇدە سۆيگۈلەرنىڭ ،كۈتمەيلى بەخىتنى ئالدامچىلىقتىن،ئالدىنىشتىن،ھەققىمىز يوقتۇر قارشى تەرەپنىڭ بەختىدە، سىزنى كۈتىدۇ بىر يەرلەردە سۆيگۈچى ،بىخەۋەردۇر سىزدىن بىر ماكاندا سىز سەۋەپلىك سۈيۈلگۈچى،سۆيگۈ قەلبلەردە،ھىچكىم ئۇنى تارتىپ ئالالماس ،سۈيۈش ئەبەدىلىك،شۇڭا ئۇ قەلبىڭىزدىلا بولىدىكەن ،سىز مەڭگۈ شۇ بەختىنىڭ خانىدۇرسىز،سۇيۇلمىسىڭىز قۇلىدۇرسىز،سۇيۇلۇپ تاشلانغاندىن سۇيۇپ ياشايمەن بىر ئۆمۇر ،چۈنكى بىر سۆيگۈ بار دۇر قەلبىمدە،قاتىلىمەن بۇ خىل سۈيۈشنىڭ.
مەنبە------سەبدە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 818sabda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-7 08:06 PM
|
|
|
|
|
|