1
ئەتىگەندە ياققان يامغۇر پۈتۈن مەينەتچىلىككە پاتقان بۇ شەھەرنى بىر قۇر تازلىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى ، يامغۇردىن كىيىنكى ساپ ھاۋادىن قانغۇدەك بىر نەپەس ئالاي دەپ مەنمۇ كىيىملىرىمنى كىيىپ قورۇنى ئايلىنىشقا چىقتىم .
ئەتىگەندە قورۇ ئىچى شۇنداق جىمجىت ئىدى ، ئاندا ساندا قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . يەڭگىل ئايلىنىپ قورۇدىنمۇ چىقتىم ،شەھەر كوچىلىرىمۇ شۇنداق جىمجىت . ئاندا – ساندا كىشىلەرنىڭ ئۇياق – بۇياققا ئۆتكىننى ھېساپقا ئالمىغاندا شەھەرنى يەنە ئۇيقۇ ھالەتتە دەپ جەزىملەشتۈرۈشكە بولاتتى .
يەنە ئالىقانداق ئېلھاملارنى ئىزدەپ يۈگۈرەشنى داۋاملاشتۇراتتىم ، كىچىك تار كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە كاللامدا ‹‹ ئوڭغىمۇ ؟ سولغىمۇ ؟›› دىگەن خىيالنى سۈرۈپ يۈگۈرەپ كېلۋاتاتتىم . ‹‹ئوڭ ، ئەتىگەندە تەتۈر ئىش قىلماي ! ›› شۇنداق خىيال بىلەن كوچا دوقمۇشىدىن ئوڭغا يۈگۈرەپ چىقتىم .
- ۋايجان !
ئۆزۈمنى شۇنچە چەتكە ئالغان بولساممۇ ، قارشى تەرەپتىن كوچا ئېغىزىغا كىرۋاتقان قىزنى سوقىۋەتكەن ئىدىم . ئۇ قىزمۇ يۈگرەپ كېلۋاتقان بولسا كېرەك . ئۇچىسىغا شاپتۇل چېچىكى رەڭدە تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان بۇ قىز كۆزۈمگە باشقىچە ئىسسىق كۆرنىۋاتاتتى ، ياكى شۇ رەڭنى ئۆزۈم ياقتۇرغاچقىمىكىن .
- سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ....؟ - تىللىرىم كالۋالىشىپ شۇ سۆزلەرنى ئارانلا دىيەلىدىم .
- پۇتۇم ..... – پۇتۇنى چىڭ تۇتۇۋالغۇنىچە يەردىلا ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى .
- تۇرالامسىز ؟؟ - ئۇ قىزنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى ئىككى قولى بىلەن چىڭ تۇتۇۋالغان پۇتىغا يۆتكىدىم .
- قېنى سىناپ باقاي . – ئۇ قىز شۇنداق دىگىنىچە يەرگە قوللىرى بىلەن تايىنىپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى ، چاققانلىق بىلەن يېنىغا ئۆتتۈم دە ، ئورنۇدىن تۇرشىغا ياردەملەشمەكچى بولۇپ قوللىرىدىن تۇتۇپ يۆلىدىم .
- ۋاي.....- ئۇ يەنە ئۆزىنى تاشلاپلا ئولتۇرۋالدى .
نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم ، يولدا ئۇياق بۇياققا ئۆتۈپ تۇردىغان ماشىنا خېلى كۆپ بولسىمۇ ، بىراق بېرەر تاكسىمۇ كۆرۈنمەيتتى ‹‹ بىزمۇ چوڭ كوچىدا سوقۇشۇپ كەتمەي تازىمۇ بىر ....›› كاللامغا كەلگەن بۇ خىيالدىن ئۆزۈمنىڭمۇ كۈلگىسى كېلىپ كەتتى .
- بۇ يەرگە بۇ سەھەردە تاكسى كىرگۈچە ساقلاپ قالىدىغاندەك قىلىمىز ، مەن چوڭ يولدىن بىرنى توسۇپ كىرەي ! – شۇنداق دېدىميۇ بىراق بۇ قىزنى بۇ يەردە بۇنداق قويۇپ قويغۇم كەلمىدى – ياكى سىزنى يۆلەپ چوڭ يولغا ئېلىپ چىقايمۇ ؟
بۇ گېپىمگە ئۇمۇ قوشۇلغاندەك بېشىنى يەڭگىل لىڭىشتتى . مەن قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ يۆلىدىم ، ئۇ قىزنى يۆلەپ ماڭدىم دىگەندىن تۇتۇپ ماڭدىم دىسەممۇ بولاتتى ، بىر پۇتىدا توكا توشقاندەك سەكرەپ ماڭا قىلچىمۇ ئېغىرىنى چۈشۈرمەي كېتىپ باراتتى .
- خېلى كۈچىڭىز باركەن ھە ؟ - سۇئالنى سوراپ بولۇپ ئۆزۈمچىلا خىجىل بوپ قالدىم ، خۇددى ئۇياتلىق بىر سۇئالنى سوراپ قالغاندەك .
- تۆت يىل تەنتەربىيە كەسپىدە ئوقۇپ بۇنچىلىك كۈچ بولمىسا بولماس – قىزنىڭ جاۋابىغا ھەم ھەيران بولدۇم ، ھەم بىر خىل ھەۋىسىم كەلدى ، مەنمۇ تەنتەربىيە ، توپ دەيدىغان بولسا ئەينى ۋاقىتلاردا جېنىمنى تىكەتتىم .
- پۇتۇمنىڭمۇ دەردى بار ، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدىمۇ تولا چىقىپ كېتەتتى ، يەنە شۇ كونا كېسىلى تۇتتى بولغاي ! – ئۇ ماڭا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ ئۆز كۈچى بىلەن يەنە دىڭگۇسلاپ كېتىپ باراتتى .
كاللامدا ھەر خىل خىياللار مېنى چىرمايتتى ‹‹ ئاران تۇرغان پۇت ، ئەتىگەندە ماڭا ئۇچراپتۇ دە ، بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ! ؟ ››
چوڭ يولغا چىقىپ تاكسىدىن بىرنى توسۇپ چىقتۇق ، ئىككەيلەن كەينىگە چىققان ئىدۇق ، ئۇ ئۆزى تەرەپتىكى ماشىنا ئىشكىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈردى ، سىرىتتىن كىرگەن غۇر-غۇر شامال ئادەمگە ئازىراق تىتىرەك ئېلىپ كەلسىمۇ شۇنچە سالقىن تۇيۇلاتتى .قىزنىڭ شامالدا يەلپۈنىۋاتقان چاچلىرى ئادەمگە مەجنۇن تالنىڭ ، يېڭى بىخ سۈرگەن ھالىتىنى ئەسكە سالاتتى . قىيما قاشلىرى ئاستىدىكى بۇلاقتەك كۆزلىرى ، ئادەمدىن كىيىك كۆزىدەك ھۆركۈپ تۇراتتى ، يۈزىگە خۇددى بىر ھەيكالتاراش ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھۆنىرىنى ئىشقا سېلىپ چىقارغاندەك بۇرنى ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرەتتى . بۇرنى ئاستىدىكى ئاغزى بولسا ئادەمگە قىزىرىپ پىشقان گىلاسنى ئەسكە سالاتتى .
- نىمە بەك قاراپ كەتتىڭىزغۇ ؟ - قىزنىڭ ئىككى مەڭزى بايىقى سۇس قىزىلىقتىن ، ئەمدى توق قىزىلىققا ئۆتكەندەك ئىدى .
‹‹ توۋا نىمانداق قىلىق قىلغاندىمەن ھوي خۇددى كىچىك بالىدەك ؟ ›› ، خىجىللىق ئىلكىدە نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم .
- شۇ .... شۇ ... – ھەي قايسى باھاننى تاپاي ئەمدى – ئېلھام ئىزدەپ ...- شۇ سۆزنى ئارانلا دىيەلىدىم .
ئۇ قىز پوسۇققىدە كۈلۈپ كېتىپ
- مەندىن ئېلھام ئىزدەۋاتامسىز ؟ - ئۇ كۈلكىسىنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ – مەندىن ئېلھام ئىزدىسىڭىز نىمە چىقا ؟ كۈندە تۆت سائەت مەيداندا چېپىپ يۈرۈيدىغان ، ئەركەكلەردىن توپ تالىشىپ يۈرۈيدىغان مەندەك بىر ئەركەك-زەدەكتىن ئېلھام ئىزىدىسىڭىز ھېچ نىمە چىقمايدۇ ، بىكار ئاۋارە بوپ قالامسىزكىن ؟ - ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ بىر ھازا كۈلۋەتتى .
بۇ قىزنىڭ گېپى مېنى باشقىچە قىلىپ قويدى ، ئوچۇق يۇرۇقلۇقمۇ ياكى ساددىلىقمۇ ، قايسى قىز ئۆز-ئۆزىنى ‹‹ئەركەك-زەدەك›› دەيدۇ ، بىرسى شۇنداق دەپ قالسىمۇ چاچلاشماي قالمايدۇ ، بىراق بۇ قىز ئەكسىچە ...
- خاتا ئويلاپ قالماڭ – قانداق چۈشەندۈرۈش كاللامنى قاتۇرۋاتاتتى - ئېلھام ... جانسىز نەرسىلەردە بولىدۇ يۇ ، سىزدەك ئەركەك-زەدەكتە تېخىمۇ كۆپ بولمامدۇ ؟
بۇ گېپىدىن شوپۇرمۇ ئۇمۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى . ئەنە شۇنداق كۈلكە-پاراڭلار بىلەن دوختۇرخانا بىناسىغىمۇ كېلىپ قالدۇق .
راست دىگەندەك ئۇنىڭ پۇتى چىقىپ كەتكەن ئىدى ، بىر خىل خىجىللىق ئىلكىدە نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم ، ئۇنىڭ شۇ بۇلاقتەك جۈپ كۆزلىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ تۇراتتى . ئۇ مېنى خىجىللىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغان بولسا كېرەك .
- ھېچقىسى يوق ، رەھمەت جۇمۇ سىزگە ! – گەپلىرىدە ياسالمىلىق ياكى ئېغىزنىڭ ئۇچىدا ئېيتىلىش يوق ئىدى .
مەنمۇ بىر ئاز تۇرۇپ قالدىم ، ئەمما چاققانلىق بىلەن يەنە
- نىمىگە رەھمەت ؟ سىزنى سوقۇپ پۇتىڭىزنى چىقىرۋەتكىنىمگىمۇ ؟
ئۇنىڭ پۇتىنى تېڭىۋاتقان سېستىرا قىزمۇ ، ئۇمۇ تەڭلا كۈلۈپ كەتتى . مەن ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆزۈمنى خېلىلا يەڭگىل ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم .
دوختۇرخانىدىنمۇ چىقتۇق . ئۇنىڭغا تاكسى توسۇغاچ سائەتكە قارىدىم ، خىزمەتكە چىقىشقا يەنە يېرىم سائەتمۇ ۋاقىت قالمىغان ئىدى ، تېخى بۇ تەنتەربىيەچە كىيىم بىلەن بېرىپ ئەدىبىياتتىن دەرس سۆزلەپ يۈرەرمەنمۇ ؟
تاكسىنى توسۇپ مەنمۇ چىقىشقا تەمشىلىۋىدىم ئۇ كۈلگىنىچە
- قانداق ، ئۆيۈمگە ئاپرىپ قويغان باھانىدا ئۆيۈمنى كۆرۋېلىپ بۇندىن كىيىن يەنە ئاۋارە قىلماقچىمۇ ؟
ئۇنىڭ بۇ گېپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم ، ھەممىسىدە شۇنداق ساددىلىقى چىقىپ تۇردىغان گەپلىرىدىن كۈلگۈم كېلىپلا تۇراتتى .
- ياق ئىشقا كېچكىپ قالامدىمكىن دەپ شۇ ....- شۇنداق دىگەچ سائەتنى كۆرسىتىپ قويدۇم .
- چۈشەندىم ، بولدى خىجىل بولماڭ ، باشقا بىر كۈنى مېھمان قىلىپ ، كەچۈرۈم سوراۋالارسىز !
- رەھمەت ھە توغر چۈشەنگىنىڭىزگە ! – شۇنداق دېدىم دە تاكسى توسۇشقا قولۇمنى كۆتۈردۈم .
- ئېسمىمنى سورمىسىڭىزمۇ دەپ بېرەمدىم ؟ - ئۇ ماڭا قاراپ ھەييارلىقچە كۈلدى ، راستىنى دىگەندە بايامنىڭىزى سورايمەن دەپ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى . بىر خىل خىجىللىق ئىلكىدە
- مېنىڭ دىلشات ، سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمۇ ؟
- ئىسمىم مەغپرەت .
ئۇ ئىسمىنى دىيىشىگىلا تاكسى مېڭىپ كەتتى ، تاكسىنىڭ قارىسى يۈتكىچە كەينىدىن قاراپ تۇردۇم . تاكسى توسماق بولۇپ قولۇمنى كۆتۈردۈم . شۇ چاغدا يەنە بىر ئىش يادىمغا كېلىپ قالدى . ‹‹ بۇ شەھەردە مەغپىرەتتىن كامىدا بېرەر يۈزى چىقىدىغاندۇ ؟ ھەي ، ماۋۇ قاپاق كاللامنى ! تىلفۇن نۇمۇرنى سورۋالسامچۇ ؟؟؟›› ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيبلىگىنىمچە تاكسىغا چىقتىم ۋە مەكتەپنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتىم . بىراق كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى شۇ تاكسى بىلەن كېتىپ قالغاندەك ئىدى .
2
ھەپتىنىڭزى ئىلھام دىگەن نەرسىنى تاپالماي شۇنداق قىينالدىم ، قەلەمنى قولۇمغا ئالسام خىياللىرىم ماڭا بويسۇنمايۋاتاتتى ، پۈتۈن ئەس يادىمنى ئىگەللىگىنى قايسى خىل ھېسيات ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم . خۇددى ئەمىلى تۇرمۇش مەن بىلەن چەتلىشىۋاتقاندەك ، خىياللىرىم مەن بىلەن ئېيتىشىۋاتقاندەك ئىدى .
شەنبە كۈنى ئەتىگەن . سىرىتتا يېغۋاتقان سىم-سىم يامغۇر ، دېرىزىگە ئۇرۇلغان تىرىق-تىرىق ئاۋاز مېنى سىرىتقا چىقىشقا ئۈندەيتتى . كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپلا ئىشىككە قارپ ماڭدىم .
- بالام – ئانام ماڭا قاراپ – بۇ يامغۇرا كۈنلۈكمۇ ئالماي نەگە ماڭدىڭ ؟
- شۇ – دەماللىققا نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم ، قولۇم بىلەن سىرىتنى كۆرسىتىپ – ئىلھام ئىزدەپ ئانا
- ئىلھام ؟؟- ئانام كۆزلىرىمگە قاراپ كۈلۈپ – ئىشىك دېرىزىلەرنى چوڭ ئېچىۋەتسەڭ كىرىپمۇ قالار ئىدى شۇ نەرسىمۇ ! يەنە سەن ئىزدەپ چىقىپ كەتسەڭ ، ئۇ كىرىپ قالسا ، مەن بۇ قېرىغاندا يۇغۇشتۇرۇپ بولالماي قالامدىمكىن !؟
ئانامنىڭ ھەييارلىق بىلەن دىگەن گەپلىرىگە نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلەلمەي قالدىم .
- نىمىلا دىگەن بىلەن ماۋۇ كۈنلىكنى ئېلىۋال بالام – ئانام قولىدىكى كۈنلىكنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ – ئاغرىپ قالساڭ يەنە بىر مۇنچە جاپا !
- ماقۇل ئانا ، دادامچۇ؟ كۆرۈنمەيدىغۇ ؟
- داداڭمۇ ؟ - ئانام كۆزلىرىنى يەنە بىر ئوينۇتۇپ – يامغۇردا قايسى قىزلار بىلەن ئۇچىرشىدىكىن ، يامغۇرنى كۆرۈپلا سىرىتقا ئۆزىنى ئالغان ، ياكى ساڭا ئوخشاش قېرغىننى بىلمەي ئىلھام ئىزلەپ يۈرەمدىكىن .
مەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئىشىكنى ئېچىپ سىرىتقا ماڭدىم ، بىرىنجى قەۋەتكە چۈشۈپ ئىشىكنىڭ بىناغا كىرىدىغان ئىشكنىڭ كەينىگە كۈنلۈكنى تىقىپ قويۇپ ماڭاي دەپ ئىشىكنىڭ كەينىگە قاراپلا تۇرۇپ قالدىم ، دادامنىڭ كۈنلىكى شۇ يەردە تۇراتتى . مەن كۈنلۈكنى قولۇمدا تۇتقۇنۇمچە سىرىتقا قاراپ ماڭدىم .
يامغۇرمۇ مەن بىلەن قېرىشقاندەك ئون نەچچە مىنۇتلا يېغىپ توختاپ قالدى ، ئۆزۈمچە ئىچىمدە ئۇنى تىللايتىم ، قەيەرلەدىدىۇر يامغۇردىن پاناھلانغان كىشىلەر كوچىغا چىقىپ يەنە ئالدىراش ئىشلىرى بىلەن ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى . چوڭ كوچىغا چىقىپ قاياققا مېڭىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم ، ئىككى ياققا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ، كىتاپخاننى نىشانلاپ ماڭدىم .
ئۈستى بېشىم چۆپ – چۆپ ھۆل ، قولۇمدا كۈنلۈك . بۇ ھالىمنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ھەيران بولىشى ئېنىقلا ئىدى . بىراق كىتاپىخانىدا ماڭا نەزەر سالغۇدەك پەرۋا قىلغۇدەك ئادەملەر يوق ئىدى ، ھەممىسى قولىدىكى كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ئىدى . بۇ يەردىكى كىتاپلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆيدە بولسىمۇ يەنىلا كىتاپخانىغا كىرىپ ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ دەپ قاراپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇيتتىم .
‹‹چاڭقىغان چۈش ›› مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان رومانلارنىڭ بىرى مۇشۇ ئىدى ، ئۆيدىمۇ بىر نەچچە رەت ئوقۇپ بولغان بولساممۇ يەنە شۇ كىتاپنى قولۇمغا ئالدىم ، روماندىكى ۋەقەلىك بولۇپ پىرسۇناژلارنىڭ پىسخىك تەسۋىرى ماڭا شۇنداق ياقاتتى ، خۇددى شۇ كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك ھېسياتتا قانچىلىك ئوقۇغۇنۇمنى بىلمەيمەن .
- ھوي ماڭامدۇق ؟ - بېشىمنى كۆتۈرۈپ يېنىمدىلا تۇرغان دادامنى كۆرۈپ ئازىراق خىجىللىق ئىلكىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم – نىمە قىز دوستۇدىن تىل ئاڭلىغان كىشىدەك قىزىرىپ يۈرۈيسەن ؟ - دادامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ يۈزلىرىم ئوت بولۇپ كەتتى . – ۋاي داپەنجىنىڭ سۈيىدەك قىزارماي كىتاپنى ئورنىغا ئاپىرىۋەت ، ئۆيدىمۇ بولغاندىن كىيىن ئۆيگە بېرىپ ئوقۇ ئەمدى .
ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتاپنى ئورنىغا ئاپرىپ قويۇشقا ماڭدىم . كىتاپنى ئورنىغا ئېلىپ قويۇپ كەينىمگە ياناي دىيىشىمگە بىر قىزنىڭ
- خاپا بولماي ئاۋۇ ئۈستىدىكى كىتاپنى ئېلىپ بېرەمسىز ؟- دىگىننى ئاڭلىدىم – ئاۋۇ ئۈستىدىكى ‹‹ ئازاپ›› دىگەن روماننى .
قىزغىمۇ قارىماي كىتاپنى ئېلىشقا قول سۇندۇم ، بىراق كىتاپنى ئەمدى ئالاي دىيىشىمگە كىتاپ سىيرىلىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى . شۇنداقلا ئېڭىشىۋىدىم قىز بىلەن باشچىلاپلا سوقۇشتۇم . خېلى قاتتىق سوقۇشقان بولساق كېرەك ، مېنىڭغۇ بېشىم شۇنداقلا تەگكەندەك قىلغان بولمىسا
- ۋايجان –ئۇ قىز شۇنداق دىگىنىچە كەيىچىلاپلا چۈشۈپلا ئولتۇرۇپ قالدى ، كىتاپخانىدىكى ھەممەيلەننىڭ كۆزى بىزگە چۈشكەن ئىدى . ئۇ قىز ئالدىمدىلا بېشىنى تۇتقىنىچە ئولتۇراتتى . نىمە قىلىشىمنى بىلمەي مەنمۇ تۇرۇپ قالغان ئىدىم . ئۇ قىزنىڭ تۇرماقچى بولغىننى كۆرۈپ قېشىغا ئۆتۈپ تۇرىشىغا ياردەملەشمەكچى بولدۇميۇ تۇرۇپلا قالدىم . ئۇ قىز ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قاراپ نىمە كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ
- يەنە سىز ؟!!!- مەندىنمۇ بەك ھەيران بولغىنى چىرايىدىنلا چىقىپ تۇراتتى . بېشىنى بىر ئاز سىلىۋەتكەندىن كىيىن – بۇ قېتىم بېشىمنى يېرىپلىۋېتەي دەپتىكەنسىز ھە !! ؟ - كىتاپخانىدىكىلەنىڭ كۆزى يەنىلا ئىككەيلەندە ئىدى . مەن ئەترپىمغا قاراپ پېشانەمنى سىلاپ قويدۇم . ئۇ شۇندىلا كىتاپخانىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالغاندەك ئاغزىنى چىڭ تۇتۇۋالدى . مەن گەپ قىلماي ئەتراپقا قارىدىم . دادام ھېچ كۆرۈنمەيتتى ، بەلكىم كېتىپمۇ قالغاندۇ .
سىرىتقا قاراپ ماڭدىم ، ئۇمۇ قولىدىكى كىتاپنى قويۇپ قويغاندىن كىيىن كەينىمدىن ئەگىشىپ سىتىقا چىققاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭغا قاراشقا پۇرسەت بولغان ئىدى .
ئاق ئۇزۇن يەڭ مايكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ پادىچىلار ئىشتىنى كەيگەن ئىدى ، بۇ كىيىم ئۇنۇڭغا شۇنداق ياراشقان ئىدى .
- يەنە كونا كېسىلى تۇتتى ! – ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يەنە قىزاردىم . نىمىشقا يەنە ئۇزۇن قاراپ كەتكەندىمەن ؟
- ياق ئەمدى مۇنداقلا ......
- ھە قانداقلا ؟؟؟ - ئۇنىڭ ماڭا گەپ بەرمەيدىغىنى ئېنىقلا تۇراتتى ، يەنىلا پېشانىسىنى سىلايتتى ، ئەدەبىياتتا بەش يىل ئوقۇغان بىلەن ، بەش ياشلىق قىزنىڭ قېشىغا كەلسەممۇ گاچىغا ئايلىنىپ قالاتتىم . شۇڭلاشقا يېشىم 26 دىن ئاشقان بولسىمۇ ، مانا بىر قىزنىڭ پېشىغا ئېسلالماي يۈرەتتىم .
- گەپ قىلمايسىزغۇ ؟ مېنى بىرنى ئۈسسۈپ كاللىدىن سىز كەتمىگەنسىز ھە ؟؟؟ - زادى گەپ بەرمەيدىغىنى ئېنىق ئىدى .
- تاماق يىدىڭىزمۇ ؟ - ئۇنىڭغا نىمە دىيىشنى بىلمەي شۇ گەپنى ئارانلا دېدىم .
- ياق تېخى ، قانداق مېھمان قىلاي دىگەنمۇ ؟ - ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى .
‹‹ ئالە شەرىڭنى ، كىم كىيىم ئالماشتۇرسۇن دىگەن ساڭا ؟ ئالماشتۇرساڭمۇ پۇلنى ئېلۋالساڭچۇ ؟ ››
- بايا كىيىم ئالماشتۇرۇپ ......- يانجۇقۇمغا قولۇمنى سېلىپ تەتۈر ئۆرۈدۈم . ئۇ بۇ قىلقىمغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى ، ئۆزىمۇ قولنى يانجۇقىغا سېلىپ قولىنى ئىككى يانغا چىقرىپ بېشىنى يەڭگىل لىڭىشتىپ قويدى . ئۇنىڭ بۇ قىلقىغا قاراپ كۈلۈپلا كەتتىم .
- ئالدىنقى قېتىم تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنىمۇ دەپ بەرمەپسىز ؟ - ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ يان كېتىۋېتىپ
- سىز سوردىڭىزمۇ ؟ - ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى – بولسا مۇشۇ يولدا كېتىۋاتقان ھەممەيلەنگە مېنىڭ تىلفۇن نۇمۇرۇم مانچە دەپ دەپ بېرىپ ماڭسام ھە !
- مېنىڭ يادىمدا يوق سورماپتىمەن !
- ھە ، سىز شۇ ئىلھام ئىزدىسىڭىزلا بولدى ، قاراڭ ئۇچىڭىزغا ھەممە كىيمىڭىز ھۆل ! تېخى قولىڭىزدا كۈنلۈك تۇرۇپتۇ !
باشقا گەپمۇ قىلىشمىدۇق بىردەم ئۇ كوچىغا بىردەم بۇ كوچىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتۇق ، ھەر ئىككەيلەن بىر-بىرىمىز بىلەن كونا تونۇشلاردەك ، بىر-بىرىمىزنى بۇرۇندىن تونۇيدىغاندەك كۈلكە چاخچاقلار كېتىپ باراتتۇق . ئۇ بىر پۇتىدا چاندۇرماسلىققا تىرىشسىمۇ ئاقساپ قالاتتى . بىر كوچىغا كىرىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا ئۇ توختاپ
- ئۆيىمگە ئەكىلىپ قويغۇنىڭزغا رەھمەت – دېدى ، مەن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا تۇرۇپ قالدىم . ئۇ ماڭا قاراپ – مۇشۇ بىنادا مېنىڭ ئۆيۈم ، چىقىپ ئولتۇرۇپ كېتەمسىز يا ؟
- ھە .... ياق ياق ، بولدى ، يەنە بىر كېلەرمەن ! – شۇنداق ئۇنۇڭغا قاراپ تۇراتتىم ، ئۇمۇ ماڭا قارپ كۈلۈپ قويۇپ – كەتمەي مۇشۇ يەردە تۇرماقچىمۇ ؟ مەن چىقىپ كەتتىم ھە ، سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇڭ ئەمسە . – ئۇ شۇنداق دەپ كەينىگە ئۆرۈلدى ۋە – چاخچاق قىلىپ قويدۇم ، سىزگە رەھمەت ئۆيۈمگىمۇ كېلىۋالدىم . سىزمۇ قايتىڭ ھە !
مەن ماقۇل دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭىشتىپ قويدۇم ، ئۇ ماڭا قاراپ ئىللىق بىر تەبەسسۇم قىلدى ۋە بىنا ئىشكىگە قاراپ ماڭدى . مەنمۇ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ كەلگەن يولۇم بىلەن قايتماقچى بولدۇم .
- ھەي قاپاقباش – ئۇ مېنى شۇنداق چاقىردى كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم ، ئۇ مەن تەرەپكە كېلۋاتاتتى ، كۆزلىرىدە يەنە شوخلۇق ، مېنى گەپتە سوقۇشى ئېنىقلا – تىلفۇن نۇمۇرۇمنى بېرىپ ئاپىڭىزدىن سورمايدىغانسىز ئەمدى ھە ؟
‹‹ ۋاي ئاللا ما قىزنى ئەمدى ئۆيدىكىلىرىمنى چىشلەپ تارتقىلى تۇردى دىسە ! ›› مەن بېشىمنى قاشلىدىم ، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ
- تىلفۇنىڭىزنى بېرىڭا – چاپاننىڭ يانجۇقىدىن تىلفۇننى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردىم ، ئۇ ئۆزىنىڭ تىلفۇننى سايرىتىۋەتكەندىن كىيىن تىلفۇننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ – ئەمدى مېڭىڭ ، كېتەلەيدىغانسىز ھە ؟
- ھەئە ...... كېتەلەيمەن
- ئەنسىرەپ قالدىم جۇمۇ – ئۇ شۇنداق دېدى ۋە كۈلۈپ قويۇپ – ئەمسە مەن كىرىپ كەتتىم خوش – كەينىگە ئۆرۈلۈپلا يەنە بىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى ، ئۇ بىناغا كىرىپ كەتكۈچە قاراپ تۇرماقچى ئىدىم . ئۇ بىنا ئىشكىگە بېرىپ كەينىگە قايرىلىپ ماڭا قاردى . مەن خۇددى ئوقۇتقۇچىسىدىن ئىزا ئىشىتكەن ئوقۇغۇچىدەك قىزاردىم ، ئۇ قولى بىلەن مېنى كېتىڭ دىگەن مەنىدە شەرەتلىدى . كەينىمگە ئۆرۈلدۈم ۋە يەنە كەلگەن يولۇمغا قاراپ ماڭدىم.
يامغۇر يەنە يېغىشقا باشلىدى ، سىمىلداپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر كۈچىيىشكە باشلىغاندا ئۆيگە كېلىۋالدىم ، ئىشىكتىن كىرىشىمگە دادام
- ھە قايسى تۇخۇم يامان چىقتى – دېدى ، مەن چۈشەنمىگەن ئىدىم
- قايسى ... نىمە تۇخۇم ؟
- كىتاپخانىدا سوقۇشقا چۈشكەن ھېلقى ئىككى تۇخۇمچۇ ؟
ئاناممۇ كۈلگىنىچە پاراڭغا قېتىلدى .
- ھە شۇنداق قىلىپ كىتاپخانىدىلا سوقاشقا چۈشتۇق دە ؟
بۇ ئىككىسىنىڭ گېپىگە ھەم كۈلگۈم كېلەتتى ھەم ئازىراق خىجىل بولاتتىم ، شۇنداقتىمۇ جاۋاپسىزلا ياتاق ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم ، ئىككىسى كەينىمدىن كۈلگىنىچە بىر نىمىلەرنى دەپ قالدى . ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ قولۇمغا بايقى روماننى يانا ئالدىم . ئەمما كاللام ئەمدى رومانغا كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . كىتاپنى بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ ئۆزۈمنىڭ خىيالىنى سۈرۈشكە باشلىدىم .
3
ئۆزۈمچىلا بەزى بىر خىياللارغا بېرىلىدىغان بولۇپ قالدىم دىسە ، دەرىس ئۆتۈۋېتىپ شۇ ئالدىراپ كۈلكە كەلمەيدىغان چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىلارغا قىزىق – قىزىق پاراڭلارنى سېلىپ بېرىپ كۈلدۈردىغان بولۇپ قالدىم ، شۇ بالىلارنىڭ كۈلكىسىدىن ئۆزۈمنىمۇ شۇنداق خۇشال ھېس قىلاتتىم . دادام بىلەن ئانامغىمۇ بۇرۇنقىدىن بەكرەك ئوچۇق قىزغىن كەيپىياتتا پاراڭ سېلىپ بېرەتتىم .
ئەدەبياتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولغاچقىمۇ كىچىكىمدىن بىر نەرسە يېزىشقا ئامراق ئىدىم ، باشلانغۇچنىڭ بەشىنجى يىللىقىدىن باشلاپ دادامنىڭ رومان كىتاپلىرىنى سىنىپقا ئېلىپ چىقىپ ئوقۇيتتىم ، ئوقۇتقۇچىلىرىم بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ ئاتا ئانامنى پەش قىلىپ قويۇپلا كىتاپنى قايتۇرۇپ بېرەتتى . تولۇقسىز بىرىنجى يىللىقتىن باشلاپلا تارىم غۇنچىلىرىدا بەزى شىئىرلىرىم ئېلان قىلىنىپ دادام بىلەن ئانامنى شۇنداق خوش قىلغان ئىدى . ئۆزۈمنىڭ ئەدەبياتقا قىزىقىپ كىرىشىگىمۇ ئاتا – ئانام تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى . ئۇلارنىڭ ئۆيدىكى قىزىق پاراڭلىرى ، بەزى ھەتتا بىر-بىرلىرىگە شىئىر قوشاقلارنى توقۇشلىرى مەندىمۇ ئەدەبياتقا بولغان بىر خىل قىزىقىشنى شەككىلەندۈرگەن ئىدى .
- ئاكا !!! – شۇ ئاۋاز مېنى خىياللار دېڭىزدىن ئېلىپ چىققان ئىدى ، ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىمنى ئىتتىكلا كۆتۈردۈم ، فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان سىڭلىم قايتىپ كەلگەن ئىكەن ، بىراق مەن بېغەم بۇنى تېخى بىلمەيتتىم .
- ھوي جىنتەك – ئورنۇمدىن تۇرۇپلا سىڭلىمنى چىڭ قۇچاقلىدىم . ئۇمۇ بېشىنى مەيدەمگە قويۇپ كۈلىۋاتاتتى ، ئەجەپ سېغىندۇردۇڭغۇ ئادەمنى ! يىلدا بىر كېلىپ ....- كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى. بىراق ئۇ بۇ ياشنى تۆكمەي تۇرۇپ مەن تۆكسەم قانداق بولىدۇ ، كىچىكىمدىن ئاتا – ئانامدىن ئايرىلماي ئوقۇۋاتىمەن ، يەنە مەن سىڭلىمغا چىدىماي ياش تۆكەيمۇ ؟؟
- سېنى بەك سېغىندىم ئاكا ! – ئۇ شۇنداق دىگۈنىچە بايقى كۈلكىنى يىغىغا ئايلاندۇردى ، مەن پەقەت ئۇنىڭ چېچىنى قالايمىقان قىلىش ئارقىلىقلا كۆڭلىگە تەسەللى بېرەلەيتىم .
ئۆيدىكىلەر جەم بولۇپ ئولتۇرمىغىلىمۇ مانا بىر يىلدىن ئېشىپتۇ ، شۇنداق خۇشاللىق ئىلكىدە سىڭلىمنىڭ ئاغزىدىن ھەر خىل گەپلەرنى ئاڭلايتتۇق ، كۈلەتتۇق . ئۇمۇ ئەدەبيات كەسپىدە ئوقۇۋاتاتتى ، يازغان نەرسىلىرى مېنىڭكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما جانلىق ، كونكىرىت ، پايدىلىق تىمىلارنى ئاساس قىلىپ يازاتتى . دادام ئىككەيلەننى سېلىشتۇرۇپ ‹‹ سەندە ھېسيات ، تۇرمۇش بار . سىڭلىڭدا بولسا قابلىيەت ، بىلىم بار ›› دەپ قوياتتى ، دىمىسىمۇ مەن ئاساسلىقى ھېكايە ، شىئىر يازاتتىم .
ھازىرقىدەك ئېسىمدە تولۇقسىزدا مەكتەپ ژورنىلىغا بىر ھېكايەم يېزىلغاندا سىڭلىمنىڭ شۇ ھېكايىگە ئوبزور يېزىپ مەكتەپتە يۈزۈمنى يەر بىلەن يەكسان قىلغىنى ، داداممۇ شۇ ۋاقىتتا سىڭلىمنى ماختاپ ‹‹ يارايسىز قىزىم ›› دىگەن ، بىراق ھازىرغىچە مېنى بىر قېتىم ‹‹ يارايسەن قاپاق ›› دىگىننى ئاڭلىمىدىم . مانا نەشىرىياتتا ئېلان قىلىنغان ھېكايە ، شىئىرلىىرممۇ 200 دىن ئاشقان بولسىمۇ دادامنىڭ بېرەرىنى ماختاپ تۇرۇپ ئوقۇغىننى بىلمەيمەن . ھەممىسىدىن قۇسۇر چىقارغىنى چىقارغان .
ئانام دەل ئەكىسىچە ، ئەر كىشى قىز بالىغا ، ئايال كىشى ئوغۇل بالىغا ئامراق دىگەن ەېپى راستى بولسا كېرەك كونىلارنىڭ . ئانام ھەر بىر كۇبلىت شىئىرىمنىمۇ ماختاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ ، تۈزۈتىدىغان يەرلىرىنىمۇ ئۆزى ماڭا تۈزۈتۈشۈپ بېرىدۇ . بەزى نەرسىلەرنى قانداق ئىپادىلەش ، قانداق سېېلىشتۇرۇش ، قانداق تىرىلدۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنىمۇ ماڭا ئاساسلىقى ئانام ئۈگۈتۈپ ، مېنىڭ ئەدەبيات ھۆجەيرەمنى تىرىلدۈرگەن ئىدى .
تولۇقتا ئاتا – ئانام بار مەكتەپتە ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان تەربىيىسى بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىقلىشىپ كەتكەن ئىدى ، ھەر كۈنى شۇ قورۇدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆيىدە تەكرار قىلاتتىم ، ماڭا ئەدەبيات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ بىر نەرسە يازغۇدەك ۋاقىت چىقىپمۇ قالمايتتى ، شۇڭلاشقىمىكىن يېرىم كېچىدە قوپۇپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قوياتتىم ، بىر نەچچە قېتىم ياتاق ئۆيمدىكى يېزىق ئۈسۈلدىلا بىر نەرسە يېزىپ ئۇخلاپ قېلىپ ، دادامدىن تىل ئاڭلىغاچقىمىكىن كىيىنچە يېرىم كېچىدە يازمايدىغانلا بولدۇم . شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم باشلانغۇچە توغرىسى ئۆيدىن ئايرىلىپ ئازادلىققا ئېرىشكىچە بىر نەرسە يازالمىدىم .
ئالىي مەكتەپتە يازغان ئەسەرلىرىم مۇكاپاتقا ئېرشىپ دادامغا كۆرسەتكەندىمۇ ، دادام مۇنبداقلا بى قاراپ قويۇپ پاققىدە ئۈستەلگە تاشلىغىنىچە ‹‹ مېنىڭمۇ بار ›› دەپ زەردى بىلەن ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى . راستىنى دىسەم دادامنىڭ ماڭا مۇشۇنداق قىلىشىلىرى كۆپەيگەنسىرى كەسىپنى خاتا تاللاپ قالغاندەك چۈشەنچىدە بولىدىغان بوپ قالدىم . 5 يىلنىمۇ يامان تەستە توغقۇزۇپ چقىپلا شۇ ئۆيىمىزگە يېققىن بىر مەكتەپتكە ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا چۈشتۈم .
مانا ھازىرمۇ دادام سىڭلىمنىڭ ئالغان تەقدىرنامىلىرىنى ئۇيان ئۆۈپ ، بۇيان ئۆرۈپ ئولتۇراتتى ، سىڭلىمغا بىر خىل مەستلىكى بىلەن تىكىلىپ قاراپ كۈلۈپ قوياتتى . ئۆيدىن ئاستىلا سىرىتقا چىقىپ كەتتىم .
ھېچقانداق مەنزىلسىز ، نىشانسىز كېتىپ بارىمەن ، ئىچىمدىكى قايسى خىل ھېسيات ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن . تىلفۇنۇم سايرىغاندىلا مېڭىشتىن توختاپ ئەتراپقا قارىدىم ، باغچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان ئىدىم . تىلفۇننى يانجۇقۇمدىن ئېلىپلا تۇرۇپ قالدىم . مەغپرەت تىلفۇن قىلغان ئىكەن .
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم – ئىككەيلەن تەڭلا شۇنداق دەپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق . تىلفۇننى ئېلىپ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كاللامدىكى بايقى غەلتە خىياللار ئالىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى .
- قەيەردە سىز ھازىر ؟ - بۇ سۇئالنىمۇ ئوخشاش تەڭلا ۋاقىتتا بىر- بىرمىزگە قويغان ئىدۇق . مەن ئۇنى – ئۇ مېنى گەپ قىلىشقا زورلاۋاتقاندەك بىر نەچچە سىكىنۇت گەپ قىلماي تۇردۇق .
- بولدى ، سىز گەپ قىلىڭ . – ئۇ شۇنداق دېدى ۋە گەپ قىلماي تۇردى .
- قەيەردە سىز ؟
- شۇ ئۆيدە قىلىدىغان ئىش يوق سىرىتقا ئايلانغىلى چىققان ، سوقۇشىدىغان ئادەم يوق ، سىز يادىمغا كەلدىڭىز ، شۇڭا تىلفۇن قىلغان .
-جەڭ مەيدانى قەيەر ؟ - قىزىقچىلىق قىلىپ سوردۇم .
- باغچىنىڭ ئالدى ئىشكىدە ئۇچۇرشايلى .
مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە
-سىز قەيەردە ھازىر؟ – دەپ سوردۇم .
- مەن باغچىنىڭ ئالدىدا ، سىزچۇ ؟
-مەنمۇ شۇ – شۇنداق دېدىم ۋە بوينۇمنى سوزۇپ ئەتراپقا قارىدىم ، كىشىلەر ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ئۇنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئارسىدىن تاپالمىدىم .
- قولىڭىزنى كۆتۈرۈڭچۇ ؟ - مەن شۇنداق دېدىم بوينۇمنى بايقىدىن بەكرەك سوزدۇم ، تۆت تەرپكە تەڭ قارىدىم ، ئۇنى تاپتىم ، ئۇچۇسىدا يەنىلا ھېلقى مەن بىرىنجى قېتىم ئۇچراتقاندىكى شاپتۇل چېچىكى رەڭدىكى تەنتەربىيە كىيىمى تۇراتتى . تىلفۇننى قويۇپ ئۇنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدىم .
- ھە ، جەڭگە پۇختا تەييارلىق بىلەن چىقىپسىز ھە ؟- سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن شۇنداق دەپ سوردۇم ، ئۇمۇ كۈلگىنىچە
-شۇ قورال ياراق يوق ، قالغان تەييارلىققۇ خېلىلا پۇختا !!
- تاماق يىگەنسىز ؟ - ئۇ كۆزلىرىمگە قاراپ كۈلگىنىچە
-بۈگۈن ئىشتان چاپاننى ئالماشتۇرماي ، يانغا پۇل سېلىپ چىققان ئوخشايسىز ھە !!!
بۇ گەپتىن ئىككەيلەن تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق .
-مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغىنىمنى بىلگەندەك ساقلاپ تۇرۇپسىز ھە ؟ - ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ سورۇدۇم .
- سىزمۇ مەنمۇ ؟ قاچان كېلە دەپ ساقلاپ تۇرۇپتىكەنسىز ؟ - ئۇمۇ گەپتىن قالمايتى ، تالاشقاننىڭمۇ پايدىسى يوق ئىدى .
- كىرەمدۇق ؟ - باغچىنى شەرەتلەپ سورۇدۇم .
-ئەلۋەتتە ! – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مېڭىپ كەتتى . كەينىدىن قاراپ كۈلۈپلا قويدۇم .
باغچىنىڭ ئىچىدە ئادەملەر ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ بىراق ھەممەي يەردە بىردىن ئىككىدىن مېڭىشىپ يۈرگەن ئادەملەرنى ئۇچراتقىلى بولاتتى . ئۇنىڭ گەپلىرىگە بەزىدە يېتىشىپمۇ بولالمايتتىم ، قاچان قارىسا مېنى سوقىمەن دەپلا يۈرگەن .
-ئەدەبياتچى بولغان بوسىڭىزمۇ بوپتىكەن ؟ ئادەمگە گەپمۇ بەرمەيدىكەنسىز ! – ئاخرى بولماي شۇنداق دەۋەتتىم، ئۇمۇ كۆزۈمنىڭ ئىچچىگە قاراپ
-مېنىڭمۇ ئەدەبياتتا شۇنداق ئوقۇغۇم بار ئىدى ، بىراق ئانام ئۇنىمىغان ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئوغۇللار قىلىدىغان ئىشقا قويۇپ قويغان ، دادام ئەدەبياتچى ، ئاناممۇ شۇ دادامغا بولىشىدۇ ، ئانامنىڭ تىل قابلىيىتىمۇ شۇنداق ياخشى ئەمما ئۆزى بىئولوگىيەچى .
‹‹ ماڭا گەپ بەرمىگىنى شۇڭا ئىكەن دە ›› كاللامدا شۇنداق ئويلۇدۇم .
-سىلە نەچچە بالا ؟- ئۇ تۇيۇقسىزلا مەندىن شۇنداق سورىدى .
- ئىككى بىر سىڭلىم بار ، فىرانسىيەدە ئوقۇيدۇ ، بىر ئەۋلات ئەدەبياتچىلار بىز ، سىزچۇ ، نەچچە بالا ؟
- بىزمۇ ئوخشاش ، بىر ئىنىم بار بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىدۇ . 1-ئوتتۇردا ئوقۇيدۇ .
-1-ئوتتۇردا؟ - ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنۇڭدىن سورۇدۇم – قايسى سىنىپتا ؟
-بىلمەيمەن – ئۇ مېنىڭ ھەيران قالغىنىمدىن گاڭگىرىغان بولسا كېرەك – نىمە بولدى .
-مەن شۇ بىرىنجى ئوتتۇرىدا ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈردىغان بالىلارغا تولۇقلىما دەرىس ئۆتىمەن ، شۇڭا مەن دەرىس ئۆتىدىغان سىنىپتىمىكىن دەپ ، ئىسمى نىمۇ ؟
-ئابدۇللا ، تونۇمسىز ؟
-ئابدۇللا ئاۋۇت ؟ شۇمۇ ؟
ئۇ ھەيرانلىقتىن ماڭا بىر نەچچە سىكىنۇت قارۋېتىپ بېشىنى شۇنداق دىگەن مەنىدە لىڭىشتتى .
- شار ئاتامدۇق ؟ - مەغپىرەتنىڭ ئىنىسىنى تىما قىلىپ بىردەم پاراڭلاشقانمۇ بولدۇق ، شارنىڭ قېشىغا كېلىپ شۇنداق دېدىم .
- مەن ئاتالماسمەنمىكىن شۇ ! – ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .
مەن ئۈگۈتىمەن كېلىڭ – ئادەتتە سىڭلىم بىلەن بەزىدە ھەتتا ئانام بىلەن بەسلىشىپ قوياتتىم ، دادام كۆزەينەك تاقىغاچقا تازا ياخشى ئاتالمايتتى ، شۇڭلاشقىمىكىن مۇشۇ نەرسىنىڭ يېنىغا كەلسە شۇنداق تىز قاچاتتى .
مەغپىرەت قېشىمغا كەلدى ۋە قولىغا شار ئاتىدىغان بىز ئادەتتە ئەيكى47 دەيدىغان قورالنى ئالدى . ئۇنىڭ بىر قولىغا قولۇم تېگىپ تۇراتتى ، تىنىقلىرىمىز بىر – بىرمىزگە ئۇرۇنۇپ تۇراتتى ، بۇ مېنىڭ ئىككىنجى قېتىم ئۇنىڭ قېشىغا شۇنداق يېققىن تۇرۇشۇم ئىدى .
- ماۋۇ يەردە قارغا ئالىسىز ، مانا ماۋۇ يەرگە قاراڭ ، مۇشۇ ئىككىسنى بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە ئەكىلىپ ، شارنىڭ كەينىدىكى قىزىل نۇرنى نىشانلاپ تۇرۇپ ئاتىسىز .
ئۇ بىردە ماڭا بىردە شارغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ تەپكىنى باستى ، شاردىن بىرسى ‹‹ۋاقلا ›› قىلىپ ئېتىلىۋىدى ئۇ شۇنداق خۇشال بوپ كەتتى . ماڭا قاراپ بىر كۆزىنى لىككىدە قىسىپ قويدى . ئۇنىڭ قىلىقلىرى ماڭا شۇنداق ئوماق تۇيۇلاتتى . يەنە باشقا ئويۇنلارنىمۇ ئوينۇدۇق ، يىگىرممە يەتتىگە كىرگەن بولساممۇ ئۇنىڭ شۇ كىچىك بالىدەك قىلىقلىرىغا ماسلىشىپ مەنمۇ تەڭ ئوينايتتىم .
-مەن قايتاي ، مانا ئۇزۇن بوپتىكەن ماڭا بۇنداق خۇشال ئوينىمىغىلى ، رەھمەت جۇمۇ ! – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى .
- مەنمۇ شۇ شۇنداق خۇشال ، يەنە شۇنداق بىكار ۋاقىتلىرىڭىز بولسا تىلفۇن قىلىڭ – باشقا نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم . بىراق ئۇنىڭ مۇشۇنداقلا كېتىشىگە يەنە بىر تۇرۇپ چىدىمايتتىم . بۇ چىدىماسلىقنىڭ قانداق بىر ھېسيات ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ چۈشۈنۈپ بولالمايتتىم .
- ئەمسە سىزمۇ قايتىڭ ، مەنمۇ قايتاي – ئۇ يەنە ماڭا قاراپ تۇراتتى .
- ماقۇل ئەمسە ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ – مەن شۇنداق دەپلا ماڭدىم ، بىر نەچچە مىتىر مېڭىپ كەينىمگە ئۆرۈلگەندە ئۇ يەنىلا كۈلۈپ تۇراتتى . ‹‹خوش ›› قولۇمنى شۇ مەنىدە پۇلاڭلاتتىم ، ئۇمۇ قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە كەينىگە ئۆرۈلۈپ مېڭىپ كەتتى ....
ئۆيگە كىرىپ دادام ، ئانام سىڭلىمنىڭ تېخىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغۇننى كۆردۈم . سىرىتتىن كىىرشىمگە ئانام
- جىگدە پۇراپ كېتىپسەن يا بالام ؟ - دىيىشى بىلەن تۇرغان ئورنۇمدا تۇرۇپلا قالدىم ، داداممۇ بېشىنى كۆتۈرۈپلا ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى . سىڭلىممۇ
- ئاكا ، راستمۇ ؟ - شۇنداق دىگىنىچە قېشىمغا كېلىپ پۇراپ كەتتى ، ۋە – راستكەنغۇ ؟ پات يېققىندا يەڭگەمنى ئەكىردىكەنسەن دە ؟ - ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە يا كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلمەيتتىم .
بۇ گەپلەرگە نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي بىر تاتىرىپ بىر قىزىرىپ ياتاق ئۆيۈمگە ماڭدىم . ئۇلارنىڭ يەنە نىمە توغرىسىدا پاراڭلاشقىننى بىلمىدىم ، بىراق يەنە شۇ تۇخۇمنىڭ گېپى بولسا كېرەك ، ئۇلارنىڭ شۇنداق خۇشال پارىڭىغا يەنە بىر تىما بوپ بەرگىنىمنى دىسە ! بىراق جىگدە پۇراپ قالغىنىمنى نىمە دەي ، يىگىت چوڭ بوپ تويىغا يېققىن قالغاندا جىگدە پۇراپ قالىدىغان مەنمۇ .......
4
ئەتىگەندە چىققان قوياش تەك قىزارغان كۆزلىرىمگە ، قالايمىقان چاچلىرىمغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ شۇ ئەينەكتىكى ئەكسىنىڭ مەن ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلمەيتىم ، بېشىمنىڭ بىرى چېقىۋەتكەندەك ئاغرىغىنىغا قارىماي كىيىملىرىمنى بىر باشتىن ئالماشتۇرۇپ يەنە سىرىتقا چىقماقچى بولدۇم .
- بالام ، ساڭا دەيدىغان گېپىم بار ئىدى ، بىردەم .........- ئانامنىڭ ماڭا قاراپ ئېيتقان سۆزلىرى ، مېنىڭ قوللۇرۇمنى تۇتماقچى بولغان قوللىرى ھاۋادا ئېسلىپ قالدى . ئىشىككە قاراپ قانداق ماڭغان بولسام ئىشىكتىن شۇنداق چىقىپ كەتتىم .
كاللامدىكى شۇ گاراڭ خىياللار ئىلكىدە كوچىنى چىڭداپ ماڭماقتىمەن ، قايسى كوچىغا كىرىشىمنى قايسى كوچىدىن چىقىشىمنى بىلمەيمەن ، قايسى نىشاننى نىشانلاپ مېڭىشىمنى بىلمەيمەن . پەقەت كاللامغا بويسۇنماي ھەركەتلىنىۋاتقان پۇتۇمغا بويسۇنۇشتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئامال يوق ، خۇددى پۇتۇمنى باشقا بىرى باشقۇرۋاتقاندەك . يېنىمدىن كىملەر ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ ، يەنە كىملەر ماڭا قايسى نەزىرىدە قاراۋاتىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ھەپىلەم يوق ، پەقەت يولۇمنى ماڭساملا بولدى .
ئۆز – ئۆزۈمدىن نىمە بولغىنىمنى ، نىمە قىلغىنىمنى ، نىمە قىلماقچى بولغىنىمنى سورساممۇ ھېچقانداق بىر ئىنكاس ياكى جاۋاپ يوق . مەنزىلسىز ماڭغىنىم ماڭغان . خۇددى بىرى بىر نىمەمنى ئېلىپ كەتكەندەك بىر خىل قاتمال ،گاراڭ خىيال كاللامنى چىرماپ ھېچ نىمىنى ئويلىغىلى قويمايتتى . .....
تىلفۇنۇم سايرىغاندىلا ئۆزۈمگە كەلدىم . ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە ماڭا شۇنداق يات بىلىنمەكتە ئىدى . تىلفۇننى يانجۇقىمدىن ئېلىشمۇ خۇش ياقمايدۇ ، قولۇمنى تىلفۇن بار يانجۇققا سېلىشىمغا تىلفۇنمۇ سايراشتىن توختىدى ، كىمنىڭ تىلفۇن قىلغىننى شۇنداق بىلگۈم كەلسىمۇ بىراق يۈرۈگۈم بىر نەرسىنى تۇيۇغاندەك قاراش ، كىملىكىنى بىلىش خوش ياقمىدى .
خىياللار ئىلكىدىن ئۆزۈمنى تارتىپ ئەتراپقا قارىدىم ، ياتسىراش ئىلكىدە قالغان كۆزلىرىمگە ھېچ بىر خۇشاللىق ، بەخىت تۇيغۇسىنى بېرەلمەيدىغان بۇ تەبئەتكە ھەيرانلىق ئىلكىدە قارايتتىم . ئەزەلدىن ماڭا تەسەللى بېرىدىغان قۇش ، ھەتتا سۆگەت تاللىرىمۇ مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك ، سۇلارمۇ مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى ئالقىشلاۋاتقاندەك بىر خىل ھېسياتتا ماڭدىم . ئەتراپتىكى جىمى مەۋجۇدات ماڭا بىر خىل زاڭلىق ئارىلاش ھېسياتىدا قارىماقتا ئىدى ، يۈرەكلىرىم بولسا چوقان سالماقتا ، نىمىگىدۇر غۇۋغا كۆتۈرۈپ ، نىمىگىدۇر ئۆزىنى بەزلىمەكچى بولغاندەك .
ماشىننىڭ قاتتىق سىگىنالىدىن ئۆزۈمنى تاپتىم ، ئەتراپقا يەنىلا ياتسىراش ئىلكىدە باقماقتىمەن ، تىلفۇنۇم يەنە سايرىدى ، يانجۇقتىن تىلفۇننى ئالدىم ، كىمنىڭ قىلغىنىغىمۇ قارىماي
-ۋەي ، كىمۇ ؟ - دېدىم ، ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتىم . بىرسى ھازىر بىر نىمە دىسە يىغلىۋىتىدىغان ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ھېسياتى يۈرۈگۈمنى چۇلغاپ بولغان ئىدى .
-مەن بالام ، ئاناڭ .......- ئانامنىڭ ئاۋازىمۇ تىتىرەپ چىقاتتى . ھازىرغا كەلگۈچە مەندىن ئەنسىرەپ كەلگەن شۇ ئانامنى بىر كۈن بولسىمۇ خاتىرجەم قىلالىسامچۇ ؟ ئۇنىڭ ھەر بىر ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ، خۇشاللىق – بەخىت ھېسلىرىنى تەڭ كۆرسەمچۇ ؟ كۆرسەتسەمچۇ !!- ئۆيگە كېلەمسەن ؟ مېھمان كەپتىكەن ! سىڭلىڭغا ئەلچى كەپتۇ بالام ، داداڭمۇ سىرىتقا چىقىپ كەتكەن ، شۇڭا ......
-بولىدۇ ئانا ، مەن ھازىرلا باراي ! –شۇنداق دېدىمدە تىلفۇننى قويدۇم . سەي بازىرىغا بېرىپ ئىككى كىلو گۈش بىلەن ، بىر نەچچە تاۋۇز قوغۇن ، سەي-كۆكتات ئالدىم دە ، ئۆينى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتىم .
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ....- ئۆيگە سالام بىلەن كىردىم ، بىراق ئىشىكتىن كىرىپلا تۇرۇپ قالدىم . ساپادا ئولتۇرغىنى كۆزۈمگە شۇنداق تونۇش ، شۇنداق تونۇش بىر چىراي ئىدى ، قەيەردىدۇر كۆرگەندەك .
ئارتۇق ئويلانمايلا بېرىپ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم ، ئاياللار بىلەن باشنى يەڭگەل لىڭىشتىش ئارقىلىق سالاملاشقانمۇ بولدۇم . ئانامغا ياردەملىشىپ مېھمانلارنى كۈتتۈم ، بىراق كاللامدا بىرلا سۇئال ‹‹ قەيەردە كۆردۈم؟›› ، كاللامدىكى قۇرۇق ئوي ، قۇرۇق سۇئاللاردىن ھېچ قۇتۇلالمايتتىم . داداممۇ قايتىپ كېلىپ ماڭا ئارامچىلىق چىقتى ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ ياتتىم . كاللامنى چىرمىغىنى يەنىلا ئوخشاش بىرلا سۇئال .
كۆزۈمنى يۇمساملا تۈنۈگۈنكى مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كېلەتتى . بۇ مەنزىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۇرۇنساممۇ ، ئۇنتۇيمەن دىسەممۇ كاللام ماڭا بويسۇنماي ھەممىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەتتى . مۇشۇ كاللا كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا ئوخشاش بولسا ئۆزى لازىملىق نەرسىلەرنىلا ساقلاپ ، ئۇنتۇپ كېتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى يۇيۇۋەتسە ، چىقىرۋەتسە ، ھەتتا ھەممە نەرسىنى چىقىرۋېتىپ قايتىدىن كىرگۈزگىلى ، يېڭىچە بىر سېستىما قاچىلىغىلى بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە !!! ........ كۆزلۈرۈم يۇمۇلۇپ ، خىياللىرىم ماڭا بويسۇنمىغان ھالدا تۈنۈگۈنكى شۇ مەنزىگە كىرىپ كەتتى .
يەنىلا شۇ سىم-سىم يامغۇر ، كۈنلۈكسىزلا سىرىتقا چىقتىم ، باغچىنى كۆزلەپ ماڭدىم ، دائىم كىتاپخاننى كۆڭلى تارتىدىغان ، بۈگۈن نىمە بولدىمكىن باغچىغا كېتىپ باراتتىم . ئەتراپمىدا بىر كۈنلۈك ئىچىدە كىتىېاتقان بىر جۈپلەر ، شۇنداق تاتلىق تىللىرى بىلەن بىرى-بىرى بىلەن مۇڭداشقىنىچە كېتىپ باراتتى . باغچىغا يېققىنلاشقىنىمچە بۇنداقلار كۆپەيگىلى تۇردى . يامغۇرمۇ سەل ئىتتىكلەپ قالغاندەك .
باغىچىغا كىرىپ ئۇياق – بۇياقلارنى بىر ئاز ئايلاندىم ، خۇددى يېنىمدا بىر نىمەم كامدەك بىر خىل ھېسياتتا خېلى ئۇزۇن ئايلاندىم . بىراق نىمەمنىڭ كاملىقىنى بىلمەيتتىم .
-مەغپرەت ، توختاپ تۇرە گېپىمنى ئاڭلا ! مەغپرەت !!!
شۇ ئىسىمنى ئاڭلىشىم بىلەن ئەتراپقا قارىدىم ، يۈرۈگۈم شۇنداق ئىتتىك سوقۇپ كەتتى . مەن يېنىمدا نىمىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلدىم ، قولۇمغا تىلفۇننى ئېلىپ تىلفۇن قىلىدىم .
-ۋەي ، ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم – ئۇنىڭ ئاۋازىدا جىددىيلىك ، تەمتىرەش يەنە ئاللىقانداقتۇر ھېسياتلار ....
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟ - ئۆزۈمگە تۇنجى قېتىم ئىشەنچىسىزلىك بىلەن شۇنداق سورۇدۇم ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى يېرىم يىلغا يېققىن بولسىمۇ بۇنداق ھېسياتتا تۇرۇپ ئۇنىڭدىن سوراپ باقمىغان بىر سۇئالنى سوردۇم .
-دىلشات ، بۈگۈن بولماسمىكىن ، باشقا كۈنى مەن سىزگە تىلفۇن قىلاي .
- ھە .......... ماقۇل – تىلفۇننى قايسى خىل ھېسياتتا قويدۇم بىلمەيمەن ، بىراق ئىچىمدە بىر خىل گۇمانسىراش .
- مەغپرەت ، توختا دەيمەن !!! – كەينىمدىنلا چىققان ئاۋازدىن ھەم ھەيران بولدۇم ، ھەم بىر خىل قىزىقىش ھېسياتىدا قارىدىم . بىراق نىمىشقىمۇ قارىغان بولغۇيتتىم ؟
چىلىق – چىلىق سۇغا چىلاشقىنىچە مەغپىرەت مەن تەرەپكە كېلۋاتاتتى ، بىراق مېنى تونىغاندەك قىلمايتتى . مەنمۇ چاندۇرمايلا ياندىكى بىر يامغۇردىن دالدا بولغۇدەك يەرگە كىرۋالدىم ، كۆڭلۈمدە مۇشۇ يەردە بىر ئويۇن ئوينىلىدىغاندەك .
مەغپرەتنىڭ كەينىدىن بىر يىگىت قوغلاپ دىگۈدەك كېلىۋاتاتتى ، قولدىكى كۈنلۈك شامال ئارلاشقان يامغۇردا ئۇنىڭ يول مېڭىشىغا دەخلى قىلىپ تۇراتتى ، يېنىمدىن ئۇمۇ ئۆتۈپ كەتتى . ئىككىسىنىڭ كەينىدىن ماڭماقچىمۇ بولدۇم ، بىراق پۇتۇمنى بىرى يەرگە مىخلاپ قويغاندەك . ئۇلارمۇ مەندىن بىر نەچچە قەدەم ئايرىلىپلا توختىدى . كەينىدىكى يىگىت ئۇنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى . مەغپىرەت بولسا يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى .
-ماڭا پۇرسەت بەر بولامدۇ ؟ مەغپىرەت !!! مەن بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي . ماڭا مۇشۇ بىر قېتىم پۇرسەت بەر . سەندىن ئۆتۈنەي مۇشۇ بىر قېتىم بولامدۇ ؟
- پۇرسەت بېرەمدىم ؟ - بايقى گۇمانلىرىم ئاللىقاياقلارغا ئۇچتى ، شۇمۇدۇ – ئەمەسمىدۇ دىگەن قىزنىڭ مەغپىرەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدىم . ئۇ بايقىدىنمۇ چىڭقىلىپ سۆزلىمەكتە ئىدى – قانچىلىك بولدى ؟ مەن سېنىڭ ئويۇنچۇقۇڭمۇ ؟ بىر يىلنىڭىزى ئىزدەپ قويدۇڭمۇ ؟ قەيەرلەردە يۈردۈڭ ! ؟ ساڭا يەنە نىمە قىلىپ بېرەي ، نىمە قىلىپ بېرىشىم كېرەك ؟؟ سېنى ياخشى كۆرەتتىم ، ئەمما بۇرۇن شۇنداق ئىدى . ھازىر ئۇنداق ئەمەس ، بىلىپ قال ، ھازىر ئۇنداق ئەمەس ! چۈشەندىڭ ؟؟ مەن ھېچكىمنى سەنچىلىك كۆرمىگەن ئىدىمغۇ ؟ ماڭا قىلغان ۋاپا ئەقىدەڭ مۇشۇمۇ ؟؟ سەندىن مەن مۇشۇنى كۈتكەن ئىدىممۇ ؟
ئۇ يىغلىماقتا ، ئىچىدىن چىقىرىپ يىغلىماقتا ، ئۇنىڭ ھازىرقى ھېسياتىنى قەلەم بىلەن پەقەت بىرلا سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ‹‹نەپرەت›› سۆزى بىلەن ئىپادىلەشكە بولاتتى .
ئۇ گەپنى دەپ بولۇپلا كەينىگە قارىمايلا كېتىپ قالدى . ئوغۇل بالا بولسا يا كەينىدىن قوغلاشنى يا تۇرۇشىنى بىلەلمىدى . ئەمما ئۇنىڭ كىيىنكى ھەركىتىدىن ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم . ئۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپلا يۈرۈپ كەتتى . ۋە مەغپىرەتنى تۇتقىنىچە لېۋىگە لېۋىنى باستى . مەغپرەت بولسا كۈچۈنۈپ يۈرۈپ ئاران ئاجىرىدى ۋە ئۇ يىگىتنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالغىنىچە يامغۇر قوينىغا سىڭىپ كەتتى ، يىگىت بولسا سالپايغىنىچە كەينىگە قايرىلىپ ئالدىمدىم ئۆتۈپ كەتتى ، بىراق ماڭا قارىغان كۆزلىرىدە جەڭدە غەلبە قىلغان ئەسكەرنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان غەلبە ئۇچقۇنىدەك نۇرلار چاقنايتتى .
تەنلىرىم تىتىرەيتتى . خۇددى بىرى بىر نەرسەمنى ئوغۇرلاپ قاچقاندەك يۈرەكلىرىم ئۈنسىز سالاتتى . ھېچقانداق بىر ھېسيات كاللامدا ئەكىس ئەتمەيتتى .
پۇتلۇرۇم يەنىلا يەرگە مىخلاپ قويغاندەك ئورنىدىن ئاجىرىمايتتى ، يامغۇر بۇرنقىدىنمۇ بەكرەك ياغماقتا......
قانچلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، دالدىلانغان يېرىمدىن چىققاندا مەن كۆرگەن كۆلەڭگىلەر ئىچىدە ئۇ ئىككى كۆلەڭگە كۆرەنمەيتتى .......
بېشىمنى ياستۇقتىن ئاستا كۆتۈردۈم ، بايقى يىگىتنى ئەسكە ئالدىم ، دە ياتاق ئۆيۈمدىن يۈگرەپ چىقىتىم ، ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى بىلەن كارىم يوق ، بېرىپ ھېلقى يىگىتكە قادالدىم . ئۇ يىگىت مېنىڭ قايسى مەندىدە قادالغىنىمنى بىلمەيتتى . بىراق بۇ قادىلىشىمدا قانچىلىك ئۆچمەنلىك ، قانچىلىك پىغاننىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشكە مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم .
-بۇ توي ..........................- دادامدىكى ھەيرانلىق ، ئانامدىكى گاڭگىراش ، ھېلقى يىگىتتىكى تىڭىرقاش ، ئۆيدىكى باشقا ئادەملەردىكى قىزغىنلىق ..... ھەممە كۆزلەر ماڭا تىكىلگەن – مەنلا ھايات بولدىكەنمەن ، بۇ توي بولمايدۇ ! – شۇنداق دېدىمدە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
ئانامنىڭ چاقىرىشىلىرى ، دادامنىڭ ۋارقىراشلىرى ماڭا كار قىلمايلا قالدى ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئۆي ئىچىدە لەيلەپ قالدى . سىرىتتا يەنىلا ماڭا ھەمراھ شۇ يامغۇر سىمىلداپ يېغۋاتاتتى ، ماڭا تەسەللىي بېرۋاتقاندەك ، مەندىكى بارلىق دەرت ئەلەمنى ، ئازاپنى يۇيۇپ كەتمەكچى بولغاندەك پۈتۈن بەدىنىمنى ھۆلدەپ ماڭا يېنىكلىك ، ئارامچلىق بەرمەكتە ئىدى . مەن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمغۇنۇمچە شۇ يامغۇر قوينىغا سىڭىپ كەتمەكتە ئىدىم ، خىياللىرىم يەنە ئاللىقاياقلارغا ئۇچقان ..........
5
-دىلشات توي باركەن ئاداش ، بارامدۇق ؟-ماتىرياللىرىمنى رەتلەپ تاماققا ماڭاي دەپ تۇرشۇمغا كىرگەن رۇستەمنىڭ گېپىگە نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم .
-كىمنىڭ تويىكەن ؟ - قولۇمدىكى كىتاپنى ئۈستەلگە قويۇپ رۇستەمگە قارىدىم . بۇ سۇئالنى قايسى مەنىدە رۇستەمدىن سوردۇم ، نىمىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن سورۇدۇم بىلمەيمەن .
-ماتىماتىكا بېرىدىغان ئېليار بىلەن بىزنىڭ گۇرۇپتىكى زۇمرەتنىڭ تويىكەن ، بىزنىڭ مەكتەپتە توي قىلىدىغانلارمۇ بارغانچە كۆپۈيۋاتىدۇ جۇمۇ ئاداش .
- ھە ، مەن بارمايمىكىن ئانامغا چۈشتە تاماققا بارىمەن دەپ قويۇپتىكەنمەن ، مېنىڭ كۆڭلۈمنى سەن ئالغاچ بارامسەن يا ؟
ئۇ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى ، ماڭا بىر ھازا قاراپ
-يېققىنىڭزى نىمە بولدۇڭ ئاداش ، بىر يەرلەرگىمۇ بارمايسەن ؟ بۇرۇن خېلى بىر كۈلكە چاخچاق بىلەن ئولتۇرغۇنۇڭنى كۆرەتتۇق ، مانا ئەمدى قاچان قارىسا غەم بىلەن ئولتۇرىسەن . باشقىلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆت ، سەن بىزلىمۇ توي قىلىمىز ، ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولىمىز ، سەن كۈڭلۈڭنى بەرگەن شۇ بالىلارمۇ تويۇڭغا بارماي پەقەت كۆڭلۈلا بارىدۇ ، ئۆزۈڭ ئويلۇشۇپ بىر ئىش قىل .
ئۆيگە كېلىپمۇ كەيپىياتىمنى تەڭشىيەلمىدىم . ئاناممۇ بىر خىل بۇرۇقتۇرما ھالەتتە ، دادامنىڭمۇ قاپاقلىرى تۈرۈك ، ئۆي ئىچىدىكى بۇرۇنقى قىزغىنلىق ، كۈلكە چاخچاق ، خۇشچىرايلاردىن ئەسەر قالمىغان ، بۇنىڭ ھەممىسىگە مەن سەۋەپ ئىدىم .
سىڭلىمنىڭ تويىنىڭ بولماسلىقىغا سەۋەپ تاپالماي قىيلىنىپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە مەغپرەت ئارقىمۇ – ئارقا تىلفۇن قىلىۋېرىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيتىپ تۇرۋالدى ، مەندە كۆرۈشمەسلىككە بېرەر سەۋەپمۇ يوق ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ماقۇل بوپ باغچىدا ھېلقى ئىش يۈز بەرگەن جايغا كېلىشنى ئېيتتىم . ئۇمۇ ماقۇل بولدى .
قۇشلارنىڭ ۋىچچىرلاشلىرى ،قوياشنىڭ قويۇق دەرەخلەر ئارىسىدىن چۈشۈپ تۇغان نۇرلىرى ئادەمگە بىر خىل ئارام بەخىش ۋە ئەركىنلىك ئاتا قىلسىمۇ بىراق ئۆزۈمگە ئاۋۇ ئارام بەخش ۋە ئەركىنلىكنى قىلچە ھېس قىلدۇرالمايتتىم .
- ھە ئەدەبياتچى ، بەك ئالدىراش بوپ كەتتىڭىزمۇ نىمە ؟ دىدارىڭىزنى كۆرسەتمەي يوقاپلا كەتتىڭىز ؟ يەنە كىملەردىن ئىلھام ئىزدەپ يۈردىڭىز ؟
گەپمۇ قىلغۇم يوق ئىدى . بىراق گەپ قىلماسلىقا ئامالمۇ ، سەۋەبىمۇ يوق ئىدى ، ئۆزۈمدىكى قايسىدۇر ئىككىلىنىش ھېسياتلىرىنى ، يەنە قايسىدۇر قاتمال ھېسياتلىرىمنى بېسۋېلىشقا تېرشاتتىم . نىمىلەرنىدۇر دىمەكچى ئىدىميۇ ، يەنە قايىسدۇر خىياللار بىلەن گېپىمنى يۇتاتتىم .
- نىمە ئىشلار بولاتتى ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن بولمامدۇ ، ھەم يېققىندا بىر نەرسە يېزىۋاتقان ، شۇنىڭغا ماتىريال ئىزدەپ دىگەندەك شۇ .....-باشقا گەپ قىلغىممۇ كەلمەيتتى .بىراق ئىچىمنى بىر خىل بۇرۇقتۇرمۇلۇق قاپلاپ تۇراتتى .
ئىچىمدە مېنى قىيناۋاتقان سۇئاللاردىن ، ئىككىلىنىشلەردىن نىمىنى دەپ ، نىمىنى دىمەسلىكنى بىلمەيتتىم ، ئۇنۇڭغا ئاچچىقلاشقا ئۇرناتتىم يۇ ، بىراق بۇنداق قىلالمايتتىم . چۈنكى كاللامدا پەيدا بولغان ‹‹ ئۇ سېنىڭ نىمەڭتى ؟ نىمىشقا ئۇنىڭغا ئاچچىقلايسەن ؟ سەندە شۇنچىلىك ھوقۇق بارمۇ ؟ ›› دىگەندەك سۇئاللار مېنى ئاچچىقلاش نىيتىمدىن قايتۇراتتى .
- ئەمسە يېزىپ بولاي دېدىڭىزمۇ ؟
- ھە ..... ئاساسىي جەھەتتىن ..... سىزدىن بىر نەرسىنى سورسام بولامدۇ ؟ - شۇنداق ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن ئاران مۇشۇ سۇئالنى سوريالىدىم .
- مەندىن ؟....- ئۇ سەل ھەيران بولۇپ – ئەسىرىڭىزگە مۇناسسىۋەتلىكمۇ ؟
- ياق ..... ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس .
- ھە .... سوراۋېرىڭ ! ئەممە مەندىن ماتىماتىكىغا مۇناسىۋاتلىك تېپىشماق سورىماڭ ، مەن ماتىماتىكا بىلمەيمەن ، يەنە بىرگە سورايدىغان سۇئالىڭىزنى ئەگىتىپ يۈرمەي ئۇدۇللا سوراڭ . مەنمۇ شۇنداق تۇزلىغۇ !
ئۇنىڭ مېجەز-خۇلىقىنى بىلسەممۇ ، گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي قىيلىناتتىم ، قايسى سۇئالنى سوراشنىمۇ بىلمەيتتىم . ئەمما ئۆزۈمگە ھەم ئىشەنىچ ھەم ئىشەنچىسىزلىك بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم .
تونۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە مېنىڭ بېرەر گېپىمنى يىرىپ ، بېرەر ئىششىمغا قارشى چىققننى بىلمەيمەن ، پادىچىلار ئىشتىننىڭ ئورنىغا ئالماشقان تەنتەربىيەچى كەڭرى ئىشتانلىرى ، گاھى كىيۋالغان يوپكىللىرى بولسۇن ھەر جەھەتتىن مېنى خوش قىلاتتى . يېققىندىن بۇيان بەش ۋاخ نامازنى باشلاپ ، باشقا ياغلىقنى چىڭ چىگىپ كۆزۈمگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈنمەكتە ئىدى ، بىراق قايسى كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلار ......
- مەغپىرەت ، گەپنى ئوچۇق قىلاي ، سىز بىلەن تونۇشقىلى قانچىلىك بولدى ؟
- ئالتە ئاي ، بۈگۈن 21-كۈنى ! پۇتۇمنى چىقىرۋەتكەن كۈندىن باشلىساق ئالتە ئاي 21 كۈن بولدى .
ئۇنىڭ جاۋابىدىن ھەيران بولدۇم ، ھەيران بولدۇملا ئەمەس بۇنچە ئېنىق بېرىلگەن جاۋاپقا نىمە دەپ گەپ قىلىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم .
- تېخى ماتماتكىلىق سۇئال سورماڭ دەيسىز ؟ - گەپنى چاخچاققا بۇرماقچى بولدۇميۇ بىراق يەنىلا يالتىيىپ قالدىم . – ئەمسە مۇشۇ ئالتە ئايدىن بېرى سىزدىن سوراپ باقمىغان بىر سۇئالنى سوراپ باقاي بولامدۇ ؟
- سوراۋېرىڭ ، مەندىن سورىمىغان سۇئاللىرىڭىز كۆپقۇ تېخى !
- سىز قايسى كۈنى مۇشۇ يەردە سۆيۈشكەن يىگىت كىم بولىدۇ ؟ - سۇئالنى سوراپ بوپ سەل ئىتتىكلىك قىلغىنىمنى ھېس قىلدىم . بەلكىم سورماسلىقىم كېرەك بولغان سۇئالنى سوراپ قالغاندىمەن . بىراق ئىچىمنى ئۆرتەپ تورغان سۇئال مۇشۇ تۇرسا ، قانداق قىلاي !؟
ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپلا قالدى ، مېنىڭ قولتۇقۇمغا قىستۇرۇلغان قوللىرى ئاستالا تارتىلدى ، خۇددى ناتونۇش بىر كىشىگە قاراۋاتقاندەك ، ھەيرانلىق ، ياتسىراش ، ھودۇقۇش ، تەمتىرەش تىقىلغان كۆزلىرى مېنىڭ كۆزلىرىمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولاتتى . ئەتراپقا قارايتى يۇ ماڭا نىمە دىيىشىنى نىمە دىسە بولدىغىنىنى ، نىمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالغاندەك قىسىلىش ھېسياتى ئۇنى قىينايتتى .
ئارىمىزنى سۈكۈت ، جىمجىتلىق ، يەنە ئاللىقانداقتۇر ھېسياتلار چىرمىغان ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قايسى خىل مەنا چىقىۋاتقىنىنى بىلمەيمەن . بىراق ئۇ ئۆزىنى ئالداشتىن ، توغىرىسى مېنى ھەم ئالداشتىن يالتايغاندەك قىلىۋاتاتتى .
كۆزلىرىگە قەيەردىن كەلگەن كۈچكىن بىلمىدىم ، ئىللىق بىر كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ
- دىلشات ، سىزگە بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى ئېيتىپ بېرىشنى شۇنچە كۆپ قېتىم ئويلۇدۇم ، بىر نەچچە قېتىم ھەتتا تەمشەلدىم ، بىراق ....- ئۇ ماڭا قايتىدىن تىكىلدى ، كۆزلىرىدە بايقى ھېسياتلار كۆرۈنمەيتتى – سىز مەندىن بېرەر قېتىم سورمىدىڭىز ، شۇڭلاشقا مەنمۇ دەپ يۈرمۈدۈم ، بۇ گەپلەرنى دەپ كەلسەم بەك ئۇزۇن ، بېرەر يەردە ئولتۇرۇپ دىيىشسەك قانداق ؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىگە نىمىمۇ دىيەلەي ، ياق دەيمۇ ؟ بۇنىڭغا مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى مەن ئۇنى ئاللىقاچان ياخشى كۆرۈپ قالغان ، مەن ئارتۇق گەپمۇ قىلمايلا
- بولىدۇ ، ئەمما ھازىر ئەمەس ، كىيىن بولسۇن ! –شۇنداق دېدىمدە كەينىمگە قايرىلىپلا كېتىپ قالدىم ، ئۇنىڭ يەنە نىمىلەرنى دىگىننى بىلمەيمەن ، ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايتتىم .
بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئۆيدە ئاتا-ئانام بىلەن يەنە سىڭلىمنىڭ ئىششىنى تالىشىپ ۋارقىرىشىپ قالدىم . نىمىشقىكىن ئاشۇ چىراينى ئويلىساملا بىر خىل بوپ قالاتتىم ، مەن نىمىنى قىلىشىم ياكى نىمىنى قىلىسام بولدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم ، مەغپرەتنىڭ تىلفۇنىمۇ بۇرۇنقىدىن ئازلىغان ئىدى ، بىراق ئۇنىڭ ھەر بىر ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا كۆز ئالدىمغا باغچىدىكى ئاشۇ ئىش كېلەتتى . بۇ كىنو لىنتىسىدەك كۆرنۈش مېنى قىينايتتى .
تىلفۇنۇمنىڭ يەنە سايرىشىدىن نۇمۇرغا قارىدىم ، ماڭا تونۇش بولغان ئاشۇ نۇمۇرنى كۆرۈپلا بېسۋەتمەكچى بولدۇم ، بىراق كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا ئېلىشىقا ئۈندەيتتى .
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم يازغۇچى – تىلفۇندىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئاۋازىدا بۇرۇنقىدەك تېتىكلىك ، شوخلۇق ، ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى . كۆڭلۈممۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ چاڭقىغان سايغا يامغۇر تامچىسى چۈشكەندەك ياشناشقا باشلىغان ئىدى ، يۈرىكىممۇ تەشنا بولغان شۇ ئاۋازنى ئاڭلىغىنىدا بىلمەيلا تېپىچەكلەيتتى – قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئالدىراش ئىشلىرىڭىز تۈگەي دېدىمۇ يا ؟
- ھە ..... ئالدىراش ئىشلىرىم تۈگىسىلا سىزنى ئىزدەي ، ئاز قالدى . – شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويماقچى بولدۇم ، بىراق ئۇنىڭ كىيىنكى گېپى مېنى بۇ نىيتىمدىن ياندۇردى .
- كۆرۈشسەك قانداق؟ سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى .
- نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دىمىگەن گەپلەرمۇ ؟ - ئاۋازىم سەل ئاچچىق ئارلاش چىققان بولسا كېرەك ، تىلفۇندىن بىر نەچچە سىكىنۇتقىچە سادا كەلمىدى – گەپ قىلىڭە ؟
- ھە ... ئاۋال كۆرشەيلى ، مەن سىزگە ھەممىنى دەپ بېرەي ، بەك ئاڭلىغۇڭىز بولسا ھەممىنى دەپ بەرسەم بولىدۇغۇ ؟
- ماڭا دوق قىلىپ بېرۋاتامسىز ؟ سىزچە مەن سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا خۇشتاركەنمەن دە ؟؟؟ - تىلفۇندا ئۆزۈمچە كۈلۈپ كەتتىم . بىراق گەپنى دەپ بولغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلدىم دىسەممۇ بولىدۇ ، بۇ پۇشايمانلىرمنى مەغپرەتنىڭ كىيىنكى گەپلىرى بىلەن يۇغۇشتۇرۋالدىم .
- ئاۋال بىر كۆرشەيلى ، سىزگە نىمە ئىش بولغىننى چۈشەندۈرۈپ قويسام بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟
- ماقۇل ، ئەمسە شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ‹‹ ئەتىرگۈل تاماقخانىسى››نىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدە كۆرشەيلى .
تىلفۇندا شۇنداق كېلىشىپ تىلفۇننى قويدۇم ، تىلفۇننى قويغاندىن كىيىن بىر خىل يەڭگىلىك ھەم تەشۋېش ئىچىدە ۋاقىتنىڭ شەنبە بولىشىنى كۈتتۈم . شەنبە بولسىلا يەنە قانداق ئويۇننىڭ ، ماڭا قايسى خىل كۈچ بىلەن زەربە بېرىشىنى بىلمەيمەن ، بىراق مېنى بۇ ئويۇن خېلى قىزىقتۇرماقتا ئىدى . مەغپىرەتنى سۆيگەن يىگىتنىڭ نىمە بوپ سىڭلىمغا ئەلچى بوپ كېلىشى مېنى قىزىقتۇرماقتا ئىدى .....
ياستۇققا بېشىمنى قويغان بولساممۇ ئۇيقۇم كېلەي دېمىدى ، ئەتە شەنبە ئىدى ، مەغپىرەتنىڭ ماڭا نىمىلەرنى دەيدىغىننى خىيال قىلىپ باققان بولساممۇ بىراق قايسى خىيالىمنىڭ توغرا ياكى قايسى خىيالىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم . ئەنە شۇنداق ئېغىر ھەم گادىرماچ خىياللارنىڭ مېنى يەنە قانچىلىك قىينايدىغىننى بىلمەيمەن ، بىلىدىغىنىم كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ لەشكەرلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىشى ئىدى .....
6
توي ، توي بولىۋاتىدۇ !! سىڭلىم بىلەن ھېلقى يىگىتنىڭ تويى ، ئاۋازىمنى قويۋېتىپ ۋارقىرايمەن ، بىراق ئاۋازىمنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ . داداممۇ، ئاناممۇ يېنىمدىلا ، شۇنداق چىڭ ۋارقىرايمەن بىراق ئۇلار ئاڭلىمايدۇ . ....
-دىلشات ، بالام ، نىمە بولدۇڭ ، قارا بېسىپ قاپتۇمۇ ؟
كۆزۈمنى ئۇۋلاپ يۈرۈپ مىڭ بىر تەستە ئاچتىم ، بەدەنلىرىم بىر خىل سوغۇق تەرگە چۈمگەن ، ئانام قېشىمدا ماڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ تۇراتتى .
- ياق ئانا ، ھېچ ئىش يوق .
ئانام ياتاق ئۆيۈمدىن چىقىپ كەتتى ، سائەتمۇ ئەتىگىنى يەتتىدىن ئاشقان ئىدى ، بايىلا نامىزىمنى ئۆتەپ ياتقاچقا ماڭا بۇ چۈش بەك غەلتە تۇيۇلماقتا ئىدى . سەھەر كۆرگەن چۈش ئوڭغا تارتىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، سەھەردە كۆرگەن چۈشۈمگە قاراڭ .
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، ناشتا قىلىپلا سىرىتقا قاراپ ماڭدىم ، تەتىل مەزگىلى بولغاچقا كۆپرەك سىرىتلاردا ياكى كىتاپخانىلاردا بولاتتىم ، چۈشلۈك تاماققا بارالماي قالسام ئانامغا تىلفۇن قىلىپ قوياتتىم . ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن سىرىتتا يەيمەن دىسەم نىمىشقىكىن ئۇياتلىق بىر ئىشنى قىلىدىغاندەك قىزىرىپ كېتەتتىم .
-ئوغلۇم ، مانا-ئەينا دەپمۇ 27ياشقا كىرىپ قالدىڭ ، قاچانغىچە توي قىلماي مۇشۇنداق يۈرۈيسەن ، ئېپىدا قىز تاپالمىساڭ داداڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ تونۇشلىرى بار ، نىمە ھازىرغىچە بويتاق يۈرۈپتۇ دىگەن گەپكە بەك ئامراقمۇ يا سەن !؟
ئانامنىڭ بىر نەچچە دىگەن مۇشۇ گېپىگە داداممۇ قوشۇق سېلىپ تۇرسىمۇ بىراق دادام ئانچە زورلاپ كەتمەيتتى ، بەزىدە تېخى ماڭا بولۇشۇپ
-ئانىسى ئوغۇل دەپ باققاندىكىن مىۋىنى ئۆزى ئۈزسۇن ، ئۈزەلمىگىنىدە ئاندىن مەن كۆرسۈتۈپ قويىمەن ! خاتىرجەم بولۇڭلا سىلە -دەپ ئانامنى جىملەيتتى .
مانا سىرىتقا چىقىپمۇ ئۇياق – بۇياق ماڭدىم ، چۈشتىن كىيىنگە كېلىشكەن بولساقمۇ ، ئۆيدە ئولتۇرۇشقا تازا رايىم بارمايتتى . كۆڭلۈم ھېچ بىر نەرسە تارتىدىغاندەك ئەمەس ، ھېچ ئىش قىلىش خوشياقمايدىغاندەك قىلاتتى . شۇنداقتىمۇ كوچا چىڭداپ ، ئۆزۈمگە گادىرماچ خىياللارنى ھەمراھ قىلىپ ماڭدىم .....
چۈشتىن كىيىنمۇ بولدى ، مانا كېلىشكەن ئاشخانىغىمۇ كەلدىم ، بىرىنجى قەۋىتى ئوپچە تاماقلىنىدىغان ئورۇن ، ئىككىنجى قەۋىتى بولسا ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى كىشىلىك ئارىمخانىلار ئىدى . ئىككىنجى قەۋەتكە قاراپ ماڭدىم ، كۈتكۈچى قىزنىڭ
-ئەپەندىم بۇرۇن كېلىشىپ قويغانمۇ ؟ - دىگەن سۇئالىغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمىدىم ، تۇنجى قېتىم بۇنداق يەرگە كىرىپ بېقىشىم بولغاچقىمىكىن تازا بىلىپ كېتەلمەيتتىم .
-دىلشات ، كەلدىڭىزمۇ ؟ - كەينىمدىنلا چىققان مەغپىرەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەم خوش ھەم ھەيران قالدىم – سىزنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاۋاتقان ئىدىم ، كىرىپ كەتكىنىڭىزنى كۆرمەپتىمەن
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە بۇرۇنقىدەك قولتۇقۇمغا قولىنى ئۆتكۈزۈپلا ئىككىنجى قەۋەتكە قاراپ ماڭدى ، مەنمۇ ئۇنىڭ رايىغا باقمىغان ھالدا قولۇمنى تارتىۋالدىم . شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغىننى بىر ئۆزى بىلەتتى ، كەينىمىزدىن كۈتكۈچى قىزنىڭ يەڭگىل كۈلكە ئاۋازى ئاڭلانغاندا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن خاتا ئىشتىن بىرنى قىلغىنىمنى بىلىپ يەتتىم .
كىچىكىنە ئۆينىڭ دېرىزە تەرىپىگە جايلاشقان ئۈستەل ، ئۈستەل ئۈستىدىكى گۈلدانغا سېلىنغان بىر جۈپ ئەتىرگۈل ، ئۈستەلنىڭ ئىككى يېنىغا قويۇلغان بىر جۈپ ئورۇندۇق ، ئۆينىڭ كىچىكلىكىنى چاندۇرمدسلىق ئۈچۈن بولسا كېرەك ھاۋا رەڭدە سىرلانغان بۇ ئايرىمخانا ئادەمگە ئۆزگىچە بىر ئازادىلىكنى بېرەتتى .
-يازغۇچى ، ھەممە يەردىن ئېلھام ئىزدەپ يۈرمەي ئولتۇرۇڭ دەيمەن – ئۇ ئاللىقاچان ئۆز ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى . مەنمۇ بېرىپ ئۇنىڭ قارىشىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم . ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ – بېرەر نەرسە بۇيرۇتۇڭ ، مەن مېھمان قىلىمەن بۈگۈن .
ئۇنىڭ چىرايىغا قارايتتىم ، كۈلكە كەتمەيدىغانن شۇ يۈزلىرىگە خۇددى رەسسام سىزىپ قويغاندەك بىر جۈپ زىنىقى ئادەمنىڭ زوقىنى قوزغايتتى . كۆزلىرىدىن ئادەم چۈشۈنۈپ بولمايدىغان خۇشاللىق ، بەخىت تۇيغۇسى چاقنايتتى ، مەندىن زادى نىمىنى يۇشۇرۋاتقىننى شۇ كۆزلىرىگە مىڭ قاراپمۇ بايقىيالمايتتىم .
- يەنە تۇتتى كېسىلى ، مەن قېچىپ كەتمەيمەن ، بار مۇشۇ يەردە ! بىر نەرسە بۇيرۇتۇڭچۇ ، قوسقىم ئېچىپ كەتتى ، سىز ماڭا قارسىڭىز قوسقىڭىز تويغان بىلەن ، مەن سىزنى پۈتۈن يۇتساممۇ قورسقىم تويمايدۇ ! –ئۇنىڭ شۇ تاتلىق گەپلىرىگە قانداق ئىپادە بىلدۈرۈشنى بىلمەيتتىم ، ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك مىسكىن ، شۇنچىلىك غېرىپ بىر ھېسياتقا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى ئەمدى ھېس قىلۋاتاتتىم .
- بولىدۇ ، بۇيرۇتايلى – شۇنداق دېدىم دە ئىككى كىشلىك ئاددىيغىنە تاماق ۋە سوغۇق ئىچىملىك بۇيرۇتتۇم ، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ۋە ئىككى خىل سوغۇق سەينى قېتىپ قويدى . ئۇنىڭ چىرايىدىن نىمىشقىكىن خىجىللىق ھېسياتنى تاپالمايتتىم . خۇددى ئۇ ئۇياتلىق ئىشنى مەن قىلىپ قويغاندەك بىر خىل خىجىللىق ھېسياتى مېنى قىينايتتى
- ماڭا دىمەكچى بولغان گەپلىرىڭىزنى .....
- ئاۋال تائام ئاندىن كالام ، ئاۋال تاماق يەپ بولايلى ، ئاندىن كىيىن ئۇ گەپلەرنى دىيىشەيلى – ئۇنىڭ ئاۋازىدىن شۇندىلا بىر خىل ئازاپقا ۋەكىلىك قىلىدىغان كىچىككنە يالۋۇرۇش ھېسياتى چىقتى . شۇندىلا ئۆزۈمدىكى خىجىللىق ھېسياتلىرىنى قاياقلارغىدۇر قاچۇردۇم .
- ماقۇل .
تاماقمۇ يىيىلىپ بولۇندى ، ئۇنىڭ ماڭا نىمە دىيىشىگە قىزىقتىم ، نىمە دەيدىغىننى ئالدىن پەرەز قىلماقچى بولدۇم، ئەمما قورالسىز جەڭگە چىققان ئەسكەردەك ، كاللامغا ھېچقانداق بىر ئوي كەلمىدى ....
- دىلشات – ئۇ مېنى چاقىرغاندىن كىيىنلا دىققىتىمنى ئۇنىڭ سۆزىگە مەركەرزلەشتۈردۈم – سىزگە بۈگۈن ھەممىنى دەيمەن – ئۇ دېىزە سىرتىغا قارىدى ، كۆزلىرىگە شۇندىلا ئازاپ ، پۇشايمان ھېسلىرى لەلەڭشىپ چىقىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ نىمە دەيدىغىنىغا شۇنچە قىزىقاتتىم – گەپنىڭ ئۆزىگىلا كېلەي ، ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئىككىنجى يىلى ماتىماتىكا فاكولتىدىكى بىر ئوغۇلنىڭ تەلەپ خېتىنى تاپشۇرۋالدىم . ئۆمۈرۈمدىكى تۇنجى تەلەپ خېتىنى كۆرۈپ ھەم گاڭگىرايتتىم ھەم خۇشال بولاتتىم .ئۇ يىەىتنىڭ ئىسمى قاسىم ئىدى . بىراق بۇ تەلەپ خېتىگە بىر نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم چۈنكى مەن بۇ يېگىتنى بېرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان ھەم ئۇنى بىلمەيتتىم ، دوسلۇرۇم بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇشتى ھەم ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ باقىدىغانلىقىنى دىيىشتى ، مەن راستىنى دىسەم نىمە دىيىشمنى بىلەلمىگەن ئىكەنمەن ، بىر نەچچە قېتىم تەنتەربىيە دەرسىدە بىللە دەرىسكە چىققان بولساقمۇ ، ئۇ يىگىتكە ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن ، ئۆزۈم كىچىكىمدىن ئوغۇللار بىلەن يېققىن ئۆتكەچىكىمىكىن بېرەر قېتىممۇ ئۆزۈمنى بىر قىز ئورنىدا قويۇپ ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن .
دوسلۇرۇممۇ سۈرۈشتۈرۈپ كۆردى ، سۈرۈشتۈرگەنلىرىنى ماڭا دىدى ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا ئاڭلايتتىم ، كۆپۈنچىسىنىڭ تەكلىۋى ئۇ يىگىتنى چۈشۈنۈپ بېقىش بولدى . مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم . شۇنداقلا قوشۇلدۇم .
دوسلۇرۇم مېنىڭمۇ يىگىت ، ئوغۇل دوست تاپقىنىمغا بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەيتتى ، ئۇ يىگىت بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىشققا چىققاندا ماڭا دىگەن تۇنجى سۆزى ‹‹ رەھمەت ›› دىگەن سۆز بولدى . شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ پات-پات تىلفۇنلىرىنى ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۋالىدىغان ، ئىككى ئۈچ كۈندە بېرەر قېتىم تاماققا چىقىدىغان بولدۇم ، بىراق كۆڭلۈم بىر قىسمىلا ئىدى . خۇددى بىر نەرسىدىن يىراقلىشىۋاتقاندەك ئىدىم . دوسلۇرۇم مېنىڭ بۇرۇنقىدەك جالداق ، ئەسكى مېجەزىمنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئازلاۋاتقىننى ماختىشاتتى ، بەزى كۈنلىرى تېخى ئۇلار بىلەن بىر نەچچە ئېغىز تاكاللىشىپ قويسام ماڭا قاراپ كۈلۈشكىنىچە ‹‹ ھەنىمۇ بولسا مۇھەببىتىڭ ماتىماتىكچى ئىكەن ، ئەدەبىياتچى بولغان بولسا قانداق قىلاتتۇقكىنتاڭ ›› دىيىشىپ مېنى جىلە قىلاتتى . ئىشنى قىلىپ ئۆزۈمنىڭ بىر يىگىت بىلەن ئارلاشقىنىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى .
كۈنلىرىم ئىشنى قىلىپ خۇشال ئۆتۈۋاتاتتى ، بۇرۇنقى تۇرمۇش پائالىيىتمگە قوشۇلغىنى پەقەت يالغۇز تاماق يىيىشنىڭ ئورنىغا ئىككى كىشى بىللە تاماق يىيىش ، ئاخشىمى بىر نەچچە پارچە ئۇچۇرنى كۆپرەك يوللاش بولدى خالاس ، بىراق ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغىنمىنى بىلمەيتتىم ، تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغىننى بىلگىنىمگە قەدەر ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆردىغىننى ئېتراپ قىلمىغان ئىدىم ، تۇغۇلغان كۈنۈمدە مەن ئۈچۈن ئولتۇرۇش قىلىپ بەرگەندە ماڭا بىر دەستە گۈل تەقدىم قىلغاندىمۇ ، ماڭا بۆلۈپ بېرىلگەن تورۇت ئىچىدىن چىققان شۇ ئۈزۈكنى كۆرگەندىمۇ ، ماڭا ئاتاپ شۇ ماتىماكىچىنىڭ شىئېر يازغىنىدىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆردىغانلىقى ئېتراپ قىلمىغان ئىدىم ، بىراق شۇ ۋاقىتتا ئۇنى ياخشى كۆردىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . ئۇنىڭغا شۇ سۆزنى ئېيتقىنىمدا كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغىنىچە باغرىغا مەھكەم باسقىننى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن .
ئۇ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كىيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇردۇق ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا مەن شۇنچە خۇشال بولاتتىم ، بۇرۇنقىدەك تىلفۇندىمۇ گەپ تالىشىپ قوياتتىم . بەزى چاغلىرى ئۇ كۈلگىنچە مەن بىلەن تاڭ گەپ تالىشاتتى . بىراق كىيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ ماڭا تىلفۇن قىلىدىغان قېتىم سانىمۇ ئازلىدى ، ماڭا قىلغان مۇئامىلىسىمۇ بۇرۇنقىدىن ئۆزگەردى . شۇنچە تەلمۈرۈپ كۈتكەن قىشلىق تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى ، بىراق ئۇ كەلمىدى . شۇ قىشلىق تەتىلدە مەن چىقماقچىمۇ بولدۇم . بىراق چىقالمايتتىم . يازلىق تەتىلدىمۇ كەلمىدى. شۇندىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم .
مانا ئۇنى ئىككى يىل كۆرمەپتىمەن . دادامنىڭ نۇرغۇن لايىقلىرىنى ياندۇردۇم . نىمىشقىكىن ئۇنى ئۇنتالمايتتىم . كۆرشەيلى دېدى ، باغىچىغىمۇ چىقتىم ، بىراق ئۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى . ياشلىرىمنى توختۇتالمايتتىم . ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قۇچقىغا ئاتقۇم كېلەتتى . يامغۇر سۈيى ياشلىرىمنى يۇياتتى .
ئۇ قېشىمغا يېققىنلاپ كەلدى . نىمە دىيىشمىنى بىلمىدىم . ئۇ كۆز ئالدىمدا يوق ۋاقتىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى دىمەكچى بولاتتىميۇ ، بىراق مانا كۆز ئالدىمدا تۇرغىنىدا ھېچنىمە دىيەلمىدىم . بەلكىم مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئوتتۇرسىدىكى تېڭىرقاش مۇشۇ بولسا كېرەك . ئۇنىڭغا شۇ يامغۇردا نىمىلەرنى دىيىشنى ئويلايتتىم ، بىراق ئاغزىمدىن ھېچقانداق بىر سۆز چىقمايتتى . ئۆزۈمنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى .
ئۇنىڭ بىلەن چەتئەلدىكى ھاياتى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ماڭدۇق ، يامغۇردا شۇنچە يېققىن كېتىپ بارساممۇ ئۇنىڭ مەندىن نەقەدەر يىراقلىقىنى ھېس قىلدىم . بەلكىم بۇ يىراقلىشىپ كەتكەن ئارلىقنى مەن مەڭگۈ مېڭىپمۇ يېققىنلاشتۇرالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى . شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئەخمەق ، نادان ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم . جايىمدا توختۇدۇم دە ئۇنىڭغا قاراپ ‹‹ مېنى بۇ يەرگە چاقىرتىپ نىمە دىمەكچى ئىدىڭىز ؟›› دەپ سوردۇم ، ئۇ كۆزۈمدىن كۆزلىرىنى ئەپقېچىپ تۇرۇپ ‹‹ سىزگە بەزى گەپلەرنى دەپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم ›› دېدى ، شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆردىغانلىقمىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم . ‹‹مەن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم ، بۇ خاتالىق ئىككەيلەننى ھەرگىزمۇ بىر يەرگە جەم قىلالمايدۇ ›› ئۇنىڭ گەپلىرىگە ھەيران بولدۇم . راستىنى دىگەندە نىمە دىيىشنى بىلمەيتتىم . ماڭا چاخچاق قىلىۋاتقان ياكى راست گەپ قىلۋاتقىننى بىلمىسەممۇ بىراق بىر يىلنىڭزى مېنى ئىزدىمىگىنىدىن بۇ گەپلىرىنىڭ راستلىقىغا چىن پۈكتۈم . بىراق ئۇنىڭ ئاخىرىدا دىگەن ‹‹ مەن باشقا بىر قىز بىلەن بىرگە بولدۇم ، ئۇ قىزنىڭ بويىدا باركەن›› دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغىندا ئۆزۈمنى توختۇتالماي يىغلىغىنىمچە ئارقامغا ياندىم ، ئۇندىن كىيىنكى ئىشلارنى دىمىسەممۇ سىزگە ئايان .
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم .
- نىمە ، ئۇ باشقا بىر قىز بىلەن بىللە بوپتۇ ھەم ئۇ قىزنىڭ بويىدا بارمىكەن ؟؟ - شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئاچىقتا ئاۋازىمنى يۇقىرى قويۋېتىپ ۋارقىرغىنىمنى بىلدىم . مەغپىرەت ئالدىمدا مېنىڭ بۇ ئاچچىقلىنىشىمدىكى سەۋەبنى بىلمەي ھەيرانلىق ئىلكىدە ماڭا قاراپ تۇراتتى .
- شۇنداق ، ئۇ ئۆزى شۇنداق دېدى – ئۇ قورقۇپ تۇرۇپ شۇ گەپلەرنى دېدى . مەن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلدىميۇ ، بىراق تۇرالمىدىم – نىمە بولدى دىلشات ؟ - ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا نىمە دىيىشمنى بىلمەيتتىم . پەقەت كاللامدا شۇ قاسىم دىگەننىڭ تۇرقى ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى .
- نىمە بولدى زادى ؟ دەڭچۇ ؟ - ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم ، شۇنچىلىك بىچارە ھالدا قارىدىم ، كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش تولغان ئىدى.
- ئۇ .......-ئاۋازىم شۇنداق تىتىرەپ چىقماقتا ئىدى – ئۇ سىڭلىمغا ئەلچى بولۇپ كەلگەن ئىدى – ئاغزىمدىن پەقەت شۇ سۆزلەرلا چىقتى . بۇندىن باشقا گەپنى دىيىشكە ھەم تىلىم بارمايتتى .
- نىمە ؟
ئىككىلىمىز ھەيرانلىق ئىچىدە بىر-بىرمىزگە قاراپلا قالغان ئىدۇق . بىر-بىرسىمىزگە نىمە دىيىشنى بىلمەيتتۇق، دۇنيانىڭ ھەقىقەتەن كىچكلىكىگە ، تەقدىرنىڭ ئادەمنى قىيىنچىلىققا قويغاندا قانچىلىك قىينايدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم ئىشەنگەن ئىدىم !
ئاشخانىدىن شۇنداق كۆڭۈلسىز بىر ھالەتتە ئايرىلدۇق ، بىر-بىرمىزنىڭ چىرايىغا قاراشقا پېتىنالمايتۇق ، بىر-بىرمىزگە بىر ئېغىز تىنىشمايتتۇق .....
ئۆيگە خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بىر خىل ھالەتتە كىرىپ كەلدىم . دادامغىمۇ-ئانامغىمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدىم ، سىڭلىمنىڭ ‹‹ ئاكا قەيەرگە باردىڭ؟›› دىگەن سۇئالىمۇ جاۋاپسزلا قالدى ، ياتاق ئۆيۈمگە كىردىم دە يەنە شۇنداق گادىرماچ خىياللار بىلەن ئۆزۈمنى تىڭشاپ ياتتىم.....
7
‹‹ئۇيقۇ قەيەردەسەن ؟ يەنە كىملەرنىڭ خىياللىرىنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ ، قەيەرلەردە بېغەم ئويناپ يۈرۈيسەن ؟ مېنى قۇچاقلاپ ماڭا ئۇيقۇ ھېسلىرىنى ئاتا قىلساڭچۇ ! مېنى مۇشۇنداق ئۇيقۇسىز قىيناپ قايسى غەم ، قايسى ئازاپلارغا دۇچار قىلماقچىسەن ؟ مېنىڭ ھېچنىمىنى خىيال قىلغۇم يوق ! مېنى ئارامىدا قويۇپ ماڭا ئۇيقۇ ھېسلىرىنى قايتا بىر رەت ئاتا قىل بولامدۇ ؟ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ شۇ يۇمران ، غەمسىز چۈش قوينىغا باشلاپ ئەكىر بولامدۇ ؟ سەندىن ئۆتۈنەي !!››
مانا ئۇيقۇسىز ياتماقتىمەن ، كاللامدا تۈمەن مىڭ خىيال ، شۇ خىياللار ئىچىدىن ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن ، ھېچ تاپالمەيمەن ، ھەممىسى ماڭا يات بولغان ، شۇنداق ناتونۇش خىياللار ئىدى . خىياللار قوينىدا ئەركىن يۈرۈيمەن يۇ ، شۇ يات بولغان خىياللار ئىلكىدە ئۆزمگە بىر خىل ياتسىراش تۇيغۇسىنى سوۋغات قىلىپ يۈرۈيمەن .
كاللامنى قاپلىغىنى سىڭلىم بولدى ، ھېلقى قاسىم دىگەن نىمىنى بۇدا كۆرۈپلا قالسام بىر نىمە قىلىۋىتىدىغان ئەلپازدا ئىدىم . ئەمما سىڭلىمنىڭ ئىششىنى قانداق قىلىش ، تويۇنى قىلىش قىلماسلىق ؟ دىگەندەك مەسىلىلەر كاللامنى بىر ئالغان ئىدى . مەغپىرەتنىڭ ‹‹ ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىكەنمەن ›› دىگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ مېنى بىر خىل قىلىپ قويۋاتاتتى . بۇ ئىش كاللامنىڭ ھەم ئىچىنى ھەم تېشىنى قاتۇردى .
دادام بىلەن ئانامغا دىمەكچىمۇ بولدۇم ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ياشقا كەلگەندە بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىشىدىن ئەنسىرىدىم . نىمىلىكەم دىگەن بىلەن ھەر قانداق بىر ئاتا ئاننىڭ مۇشۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىقى ئېنىقلا ئىدى ، بىراق بۇ ئىشنى زادى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بېرەر يەكۈنگە كېلەلمەي قىينالماقتا ئىدىم . بۇ ئىشنى ھەل قىلماي تۇرۇپ باشقا ئىشلىرىمنى ھەل قىلالشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
شۇنداق ئېغىىر خىياللار ئىلكىدە ئانامنىڭ ئويغۇتىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم .
- ياخشى ئۇخلىيالمىدىڭمۇ نىمە بالام ، قاپاقلىرىڭ ئىششىپ كېتپتىغۇ ؟
- ياق..... بەك ئۇخلىۋەتكەنلىكىمدىنمىكىن بولسا كېرەك – ئانامنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم .
- قاچانلىققىچە مەن قېرى سېنى ئويغۇتۇپ ، كىر قاتلىرىڭنى يۇيۇپ ، تامىقىڭنى ئېتىپ ، يامىقىڭنى ياماپ يۈرۈيمەن بالام . – ئانامنىڭ بۇ گەپلىرىگە نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمىدىم .
- ئانىسى – داداممۇ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كارۋېتىمنىڭ بىر بېشىدا ئولتۇرۇپ بېشىمنى سىلىغاچ – جىگدە بۇراپ قاپتۇ دەپ پەخىرلىنىپ ئولتۇراتتىڭلار ، مانا بىر نەچچە ھەپتىمۇ ئۆتتى يا بۇ پۇراق يوقىمىدى ، شۇنىڭغا قارىغاندا ئاز قاپتۇ !
بۇ ئىككىسىنىڭ مېنى دەپ شۇنچە جەبىر-جاپالارنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم . مەيلى نىمە ئىش قىلمىسۇن ، بىز ئۈچۈن سىڭلىم ئىككىمىز ئۈچۈن قىلاتتى . بۇرۇن ھەجەپ دىققەت قىلماپتىكەنمەن ، دادامنىڭ يۈزۈدىكى تىلىم – تىلىم قورۇقلار ئانامنىڭ چاچلىرى ئارسىدىكى كۆپەيگەن ئاقلار ، كۆزلىرى ئەتراپىدىكى يول-يول قورۇقلار پەقەت سىڭلىم ئىككىمىز ئۈچۈن چۈشكەن ۋە كۆپەيگەن ئىدى . بىراق ئۇلار شۇ تىلىم-تىلىم ، يول-يول قورۇقلىرى ، ئاقارغان چاچ-ساقاللىرى بىلەن پەخىرلىنىپ ياشايدۇ ، چۈنكى ئاشۇ يول-يول قورۇق ۋە ئاق چاچلاردا ھەر خىل جاپانىڭ ، بەخىتنىڭ ، خۇشاللىقنىڭ يالدامىسى بار !
دادام بىلەن ئانام ئىككىسىنىڭ شۇنچە خۇشال چاخچاقلاشقىنىغا ، پات-پات سىڭلىمنىڭ گەپ قېتىشلىرىغا قاراپ كۆزۈمگە لىققىدە ياش كەلدى . بىراق بۇ ياشنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتىم ، خۇشاللىقمۇ ياكى ئازاپمۇ ، مۇھەببەت كۆز يېشىمۇ ياكى نەپرەتمۇ ؟ كاللامدا قايسى خىل خىيال ۋە قايسى خىل ئىنكاسنىڭ شەككىلىنىدىغىننى بىلەلمەيتتىم .
- ئاكا يىغلاپسەنغۇ ؟
كۆزۈمدىكى ياشنى قانداق يۇشۇرۇشنى بىلمەيتتىم ، ھەتتا يۇشۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدىم . دادام بىلەن ئانامنىڭ سۇئال نەزىرىدە ماڭا قاراۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم . پەقەت كۆزلىرىمدە ياش لىغىرلىغان پېتى ئۇلارغا قاراپ گەڭگىراشلا بولدى .
- يىغلىمىدىم ......بىر يىگىت تۇرۇپ نىمىگە يىغلاي – قولۇمنىڭ كەينى بىلەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرۈتتۈم ، ۋە كۆزمگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ – خۇشاللىقىمدىن بىر ئائىلە كىشىللىرىنىڭ مۇشۇنداق جەم بولۇپ پاراڭلاشمىغىنىغا شۇنچە ئۇزۇن بوپتىكەن ، شۇنىڭغا خوش بولۇپ چىققان ياش بۇ .
- ياش چىقتىمۇ يىغلىغانغا ھېسساپ – سىڭلىم مەن بىلەن گەپ تالاشماقچى بولدى بولغاي شۇنداق دېدى ، ئۇنۇڭغا گەپمۇ قىلغۇم يوق ئىدى ، ئەگەر باشقا ۋاقىت بولسا سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز گەپ تالىشپ دادام- بىلەن ئانامنى كۈلدۈرۈپ ئولتۇراتتۇق . بىراق ، مەندە ئەمدى بۇرۇنقى ، سىڭلىمغا بولغان ئۇ ھېسياتلار قەيەرلەگىدۇر يوقالغان ئىدى . ئۇنۇڭغا دىيەلمەيدىغىنىم ھەم سوريالمايدىغىنىم بار ئىدى .
- كىتاپ كۆرمەكچى ئىدىم ، مەن كىرىپ كەتتىم . – شۇنداق دېدىمدە ئورنۇمدىن تۇردۇم .
- توختاپ تۇر – دادام شۇنداق دېدى ۋە چاپىننى كىيىم ئىلغۇچتىن ئېلىپ كەيدى ۋە مېنىڭكىنىمۇ ماڭا ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ – يۈر يامغۇردا بىر كىتاپخانىغا بېرىپ كېلەيلى .
شۇندىلا دېرىزە سىرتىغا قارىدىم ، راستىنلا يامغۇر يېغۋاتاتتى . دادامنىڭ قولىدىن چاپاننى ئالدىم ۋە دادام بىلەن سىرىتقا ماڭدىم .
- ماۋۇ كۈنلۈكنى – ئانام شۇنداق دەپ قالدى بىراق دادام بىلەن ئىككىمىز ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلىمىغاندەك پەسلەپ كەتتۇق . – ھەي بۇلارنى زە ، دائىم مۇشۇنداق ......- ئانامنىڭ يەنە نىمىلەرنىدۇر دەپ دادام بىلەن ئىككىمىزنى سىڭلىمغا چېقىۋاتقىنى ئاڭلاندى .
سىم-سىم يامغۇردا دادامغا ياندىشىپلا كېتىپ باراتتىم ، داداممۇ يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك ، خىيال دېڭىزىغا ئاللىقاچان غەرىق بولغان ئىدى . ئۇنى بۇ خىيال دېڭىزىدىن مېنىڭمۇ تارتىپ چىقارغۇم يوق ئىدى ، چۈنكى مېنىڭ كاللاممۇ ئاللىقاچان گادىرماچ خىياللارنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئىدى ....
- نىمە خىياللارغا پېتىپ كەتتىڭ ؟- دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كىيىنلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قارىدىم ، كىتاپخاننىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان ئىدۇق – ھەي ياشلىقىڭدە نىمىنى خىيال قىلساڭ بولىدۇ ، مانا مەندەك قېرىغاندا شۇ يەنە سىلەرنى بالىرىڭنى ئويلايدىغان بولىسەن !
دادام شۇلارنى دەپ كىتاپخانىغا ماڭدى ، مەنمۇ كەينىدىنلا ماڭدىم ، بىراق كىتاپخانىغا راستىنى ئېيتقاندا كىرگۈم يوق ئىدى . يېڭى كىتاپ ئۇچۇرىدا ھېچ مەن بىر قىززىقۇدەك كىتاپمۇ يوق ئىدى ، يەنىلا بۇرۇنقى تىمىلار . شۇنداق مەنسىزىلىك بىلەن كىتاپخاننى بىر ئايلىنىپ چىقتىم ، دادام مېنىڭ بۇ كەيپىياتىمنى سەزگەن بولسا كېرەك ماڭا قاراپ قولى بىلەن چىقىپ كېتىشنى شەرەتلىدى .
سىرىتقا چىقتۇق يامغۇر بايقىدىن سەل ئازلىغان بولسىمۇ بىراق بۇ يامغۇرغا ئازىراق شامال قېتىلىۋالغان ئىدى ، شۇ شاماللا ئادەمنىڭ تېننى سەل قورۇپ قوياتتى ، دادامغا بۇرۇنقىدىنمۇ يېققىن ماڭدىم .
- قەھۋە ئىچىپ كېلەمدۇق ؟- دادامغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم .
- نىمە ..... نىمە دېدىڭ دادا – راستىنى ئېيتقاندا بايقى گەپنە دادامنىڭ قىلغىنىغا تازا ئىشىنىپ كېتەلمەيۋاتاتتىم .
- قەھۋە دېدىم ، كافېي ..- دادام بىلەن تەڭلا كۈلۈۋەتتىم .
- ماقۇل قايسىنىڭغا بارايلى – دادامنىڭ قولتۇقىغا قولۇمنى ئۆتكۈزۋالدىم .
- قايسى ياخشى بولسا شۇنىڭغا ، مانا جۈپمۇ تەيياركەن – دادام قولۇمنى سىلاپ قويۇپ شۇنداق دېدى .
يولنىڭ چېتىغا چىقىپلا ماشىنىدىن بىرنى توستۇم ۋە ئالدىنقى قېتىم مەغپىرەت مرنى ئېلىپ بارغان ‹‹ ئالما ›› قەھۋەخانىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .
قەھۋاخاننىڭ ئىچى شۇنداق پېچەت بېزەلگەن ئىدى ، ئالدىنقى قېتىم ماڭا يېقىپ قالغىنى قەھۋەسىنىڭ تەمى ئەمەس بەلكى بۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان قەھۋەخانا ئىدى . شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىمارەتكە قاراپ قولۇمدىكى قەھۋەنى قانداق ئىچىپ تۈگەتكىنىمنى بىلمەيتتىم .
- سىلەر ياشلارنى نىمانداق مۇشۇنداق قەھۋەخانا ، ئايرىمخانا ، تاماقخانا ، ئارامگاھلاردىن چىقالمايدىكىن دىسەم ئەسلى مۇشۇنداق ھەشەمەت سىلەرنى كۈتۈۋالىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ - داداممۇ مەن كىرگەندىمۇ تۇنجى قېتىم پەيدا بولغان ھېسياتنى دىمەكتە ئىدى .
- ئۈستىگە چىقايلى – شۇنداق دېدىم ۋە ئىككىنجى قەۋتىگە ، بۇرۇن مەغپىرەت بىلەن بىللە ئولتۇرغان قاراپ ئورۇنغا قاراپ ماڭدىم .
دادام بىلەن ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل ئولتۇرۇپ يەنە شۇ مەغپىرەتنى ئويلىماقتا ئىدىم . دادام بولسا قولدىكى قەھۋگە ۋە بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇسلۇبىغا ھەيرانلىق بىلەن قارايتى .
- ھەي ، بۇ دىۋانىدەك ئېسىۋالغان كارتلىرى نىمىسى ؟- دادام ئۈستىگە قاتۇر ئېسىلغان ھەر خىل قەھۋەلەرنىڭ ماركىسىنى كۆرسۈتۈپ شۇنداق دېدى ، ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن كۈلكەمنى ئارانلا بېسىۋالدىم .
- قەھۋەلەرنىڭ ماركىسى دادا ئۇ – شۇنداق دېدىم ، ئۇنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈۋاتقان ياندىكى كۈتكۈچى قىزغا شۇنداق ئۆچلۈكۈم كەلمەكتە ئىدى .
- دادا مەن ئاستىغا چۈشۈپ چىقاي – داداممۇ ماڭا دىققەت قىلمىدى . مېنى بەلكىم ھېسابات قىلغىلى ماڭدى دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك ، يەنە شۇ ئىمارەتكە قىزىقپ قارىماقتا ئىدى .
ئاستىغا چۈشۈپ ئۈستىدىكى قىز مۇلازىمەتچىنى چاقىرتتىم ، ئۇ قىز چۈشۈپ مېنىڭ ئەلپازىمنى كۆرۈپ سەل ئۇيالدى بولغاي يەرگە قارىۋالدى . ئۇ قىزغا نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم . نىمە دىسەم بولىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتىم .
- ئۇكام نىمە ئىش قىلىسىز ؟ - ئۇ قىزدىن شۇنى سورۇدۇم .
- ئوقۇيمەن ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدا – ئۇ قىز يەرگە قاراپ شۇلارنى دېدى .
- ئاتا ئانىڭىزچۇ ؟ مۇشۇ شەھەردىمۇ ؟ نىمە ئىش قىلىدۇ ؟
ئۇ قىز ئەمدى سەل قىزاردى ۋە تىمىقىنى تاتلاشقا باشلىدى ، بېشىنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك ئىگىپ تۇرۇپ
- ئۇلار دىھقان ھەر ئىككىلىسى دېھقان . بۇ شەھەرنى ئۇلار كۆرۈپ باقمىغان پەقەت تىلۋزوردا چىقىپ قالسا ئەنە قىزىم ئوقۇۋاتقان شەھەر دىيىشىدۇ .
- ئەمسە ئويلاپ بېقىڭ ، بايا دادامنىڭ كىچىكىنە بىر سۆزىگە شۇنداق كۈلدىڭىز ، ئەگەر شۇ دادامنىڭ ئورنىدا سىزنىڭ دادىڭىز بولغان بولسا يەنە شۇنداق كۈلەرمىدىڭىز ؟ ئەگەر دادىڭىز مۇشۇ قەھۋەخانىغا كىرىپ قالسا ئىشەنمەيسىز دادىڭىزنىڭ كۆزىگە مۇشۇ غەلىتە سېلىنغان قۇرۇلۇشتىن ئۆزىنىڭ كالا ، قوي باقىدىغان ئېغىلى ئىللىق كۆرىنىدۇ . ئىچىدىغان مۇنۇ قەھۋەسىدىن شۇ كالىسىنىڭ سۈتى تاتلىق بىلىنىدۇ . سىزنى جاپا تارتىپ بېقىۋاتقان ئاشۇ ئاتىمۇ مېنىڭ دادامغا ئوخشاش دادا ، پەقەت شۇنى ئويلاپ قويۇڭ ، ئۇلارنى بىزنىڭ مەڭگۈ زاڭلىق قىلىش ھوقۇقىمىز يوق .
شۇنداق دېدىمدە ئۇ قىزنىڭ كىيىنكى گەپلىرىنىمۇ ئاڭلىماي ئۈستىگە قاراپ ماڭدىم . چىققىنىمدا دادام ئاللىقاچان قەھۋەنى ئىچىپ بوپتىكەن . ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى بىراق كۆزلىرى نەمدەلگەن ئىدى . شۇندىلا دادامنىڭ ئاستىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىنى ئاڭلىغىننى بىلدىم .
قەھۋەخانىدىن چىقىپ يەنىلا بۇرۇنقىدەك دادامنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالدىم ، دادام يەنىلا بايقىدەك ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ، دادامنىڭ مۇشۇ كۈلكىسىنىڭ ماڭا بىر ئۆمۈر مەنىۋى ئۇزۇق بولالايدىغانلىقىنى بىلەتتىم ، دادام ماڭا قاراپ ھەر بىر كۈلگىنىدە بىر خىل ئېلھام مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا قىستايتتى .
-ھېكايە ئاڭلىغۇڭ بارمۇ ؟
- نىمە ھېكايە ؟
دادام ماڭا قاراپ يەنە بىر كۈلۈپ قويدى . مەنمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسىگە جاۋابەن كۈلۈپ قويدۇم .
- مېنىڭ ھېكايەمنى داداڭنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغۇڭ بارمۇ ؟
- شۇنداق ئاڭلىغۇم بار – دادام ماڭا ئەزەلدىن ئۆزى ھەققىدە جىق سۆلەپ بەرمەيتتى ، مانا بۈگۈن يەنە بىر ھېكايە ، ياق رىئال بىر ۋەقە ئاڭلايدىغان بولدۇم . دادامغا بۇرۇنقىدىنمۇ يېققىنراق ماڭدىم .
يامغۇر يەنىلا سىمىلداپ ياغماقتا ئىدى ……..
8
-مەن كىچىگىمدىن پەقەت بىرلا بالا ، بىر ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ، دادام ئانام دىگىنىمنى قىلىپ بېرەتتى ، دوسلۇرۇمنىڭ ئالدىدىمۇ خۇددى ئۆيدىكىدەك دىگىنىمنى قىلدۇراتتىم . مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن تېخىمۇ شۇنداق بولدى ، چۈنكى دادام بىلەن ئانام مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى – دادام ھېكايىسىنى ئەنە شۇنداق باشلىۋەتتى .
- تېخى باشلانغۇچىنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا مەدەنيەت ئىنقىلابى باشلىنىپ كەتتى ، دادام بۇرۇن يازغان بىر نەچچە چوڭ خەتلىك گېزىتى بىلەن پىپەن قىلىنىپ ، شۇ ئاچچىقتا يېتىپ تۇرالمايلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپ كېتىپ قالدى ، ئۇنىڭ كەينىدىن شۇنچە قاخشىغان بولساقمۇ يىغلىغان بولساقمۇ كەتكىنى كەتكەن بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئوقۇشمۇ بىر مەزگىل توختاپ كەتتى . ئاناممۇ دادامنىڭ ئورنىغا ئەمگەككە چىقاتتى ، پىپەن قىلىناتتى ، پات-پات پىپەن قىلىنىشلارغا مېنىممۇ بىللە ئېچقىشاتتى ، شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرگە قاراپ ھەيران ئىدىم ، بىر قاچا گۈرۈچ ياكى بېرەر توخا-پاختەك ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى بۇزغۇنچى-ئونسۇر قىلىشتىن يانمايتتى .
شۇ دەۋېرلەردىنمۇ ئامان ئېسەن ئۆتۈۋالدۇق ، بىراق كىيىنكى ئىشلارنى بىر نىمە دەپ بولمايتتى . ‹‹شەھەردە پۇل تاپماق ئاسانمىش ، ئۇ مانداق بېيىپ شەھەردىن خوتۇن ئاپتۇ ›› دىگەندەك گەپلەر ، ئوقۇش ئىستىكىمنىڭ كۈچلۈك كېلىشى بىلەن ئانامنى ئېلىپ شەھەرگىمۇ كەلدىم ، بىراق بۇ يەردە بىزدەك ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەر ماڭدامدا بىر ئۇچرايتتى . بىراق ئىش تاپالماسلىقىمغا ئىشەنمەيتتىم .
بىر نەچچە كۈن جان بېقىپ دىگەندە خىزمەتكىمۇ ئېرىشتىم ، بىراق بۇ خىزمەت بىلەن قوساقنى غەملىگىلى بولغان ئىككى ئادەمنىڭ تۇرالغۇسىغا يەتمەيتتى ، شۇنداق قىلىپ بۇ خىزمەتنىمۇ بىر نەچچە كۈن قىلىپ بېقىپ ئاستا يالتايدىم . يەنە كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ سوغۇقى ئاجايىپ بولىدىكەن . سىرىتتا قونۇپ قېلىشقا تېخى بولمايتتى . ئانامنىڭ تويلۇق ئۈزۈكىنى ساتقىنىدا كۆزلۈرۈمگە لىققىدە ياش ئېلىپ قولىغا ئېسلىۋالغىنىمدا ئۇنىماي سېتىۋەتكەن ئىدى ، بۇ دادامنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرەلىگەن تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىىرقى ئاللتۇن ئۈزۈكى ئىكەن .
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتماي يېزىغىمۇ قايتتۇق ، ھېچقانداق بىر بايلىق ئەكىلەلمىدىم ، يۇرۇت مەھەلىدىكىلەر يۈزۈمگە سالمىغىنى بىلەن مېنى قاتتىق ئەيىپلەشكىنى ئېنىق ئىدى . شۇ يىل قىشتىن ئانام چىقالمىدى ، ئۇنىڭدىنمۇ زار يىغلاپ قاقشاپ دىگەندە ئايرىلدىم .
قىشنىمۇ يامان تەستە چىقاردىم ، ئانامنىڭ يىلى توشماي تۇرۇپ يەنە شەھەرگە قاراپ ماڭدىم ، بىزنىڭ بۇ يېزىدا ياز بولغاندا بۇ يەردە تېخى يەرنىڭ توڭىمۇ ئېرىمىگەن ئىكەن ، شۇنداقتىمۇ قايتىپ كېتىشكە بولمايتتى . مەدىكار بازىرىنى نىشانلاپ ماڭدىم ، مەندىن چوڭ قاۋۇل ئادەملەر تۇرغان مۇنۇ مەدىكار بازىرىدا ماڭا ئىشمۇ تېگەرمۇ ؟ شۇنداق ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە تۇنجى كۈنى ئىش كۈتۈپ ئەمەس بەلكى ئاپتاپ ئىسىنىپ ئولتۇردۇم .
- ھەي بالام
بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈردۈم . ھېچ قۇلاققا ئىشەنمەيتتىم .
- سېنى دەۋاتىمەن ، بۇ ياققا كېلە .
- مېنىمۇ ؟
بىر مۇنچە كىشىلەر ئىچىدىن سالاپەتلىك ھەم دادامغا ئوخشاش كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق ، خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى چاقنىتىپ ماڭا قاراپ تۇرغان بۇ ئادەمگە قاراپ ماڭدىم .
- ئۆيۈمدە سەن قىلغۇدەك ئىش بار ، قىلامسەن ؟
مەن نىمە دىيشىمنى بىلمەيتتىم ، چۈنكى بۇ بازاردا كىم كىمى ئەخمەق قىلمىغان ، كىم كىمنى بوزەك ئەتمىگەن ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇ داداشنىڭ سۆزىگە گاھ ئىشىنىپ گاھ ئىشىنەلمەيتتىم . بىراق بۇ داداشنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل سەمىمىيلىك چاقناپ تۇراتتى . مەن بېشىمنى ‹‹ ماقۇل ›› دىگەن مەنىدە لىڭىشتتىم .
شۇ ۋاقىتتا ئويلاپ باقسام ئۆزۈمنى شۇنچە چوڭ ساناپ ، چوڭ ئادەم بولدۇم دەپ ھېساپلاپ يۈرۈپتىكەنمەن ، تېخى بۇرۇتۇم خەتمۇ تارتمىغان 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالمىغان سويما ئىكەنمەن . شۇ كۈنى ھېلقى داداش مېنىڭ ئۈستى بېشىمنى يېڭىلاپ ئۆيسىگە ئەكىردى . ئىشىكتىن كىرىپلا
- ھوي خوتۇن ، چىقىڭلا مېھمان كەلدى – دىگەن سۆزى ھازىرمۇ قۇلقىمدىن نېرى كەتمەيدۇ . ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۆيگە مېھمان ئەمەس بەلكى شۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسى بوپ كىردىم . شۇ كۈندىن باشلاپ ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنەەندەك قىلاتتىم ، ياخشىلىق قىلىشنى ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى قىلدىم . بىرسى قىيىنچىلىققا ئۇچىرىسا قولۇمدىن كېلىشچە قىلاتتىم .
بارا-بارا ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ‹‹دادا،ئانا›› دىگەن سۆزلىرىنى قاتىدىغان بولدۇم ، ئەكرەم دادامنى ، خانزۆھرە ئانامنى دىمىسەممۇ بىلىسەن ، ئەنە شۇ ئىككەيلەن مېنى مانا مۇشۇ يات شەھەرگە كۆندۈرگەنلەر ، مېنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلەر ، سېنىڭمۇ ئۇلارنى ھەر قېتىم چوڭ ئانا ،، چوڭ دادا دىگىنىڭدە قانچىلىك خۇشال بولىدىغىننى بىلمەيسەن . ئۇلارنىڭ باللىرىنىڭ بىرىمۇ ئۆز بالىلىرى ئەمەس مەن كىرگەندە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىرمۇ بالا يوقكەن . كىيىنچە يەنە بىر جۈپ قىز بېقىۋالدى ، ئۇلارنىمۇ سىڭىللىرىم دەپ چوڭ بولدۇم .
مېنى ئالىي مەكتەپتەئوقۇتتى ، شۇ ۋاقىتتا خۇشاللىقىمدىن ئۇلارغا نىمە دىيىشىمنى بىلمدىم ، بىراق بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك مېھىر بېرىشكە تىرىشتىم ، كۆڭلنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئېلىشقا تىرىشتىم . ئۆزۈم قىزىققان ئەدەبيات كەسپىدە ئوقۇدۇم ، تۇنجى يېزىلغان دادا دىگەن شىئىرىم شۇ ۋاقىتتىكى ژورنالدا ئېلان قىلىنغىنىدا ئەكرەم دادامنىڭ مېنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ پېشانامگە سۆيگۈنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە .
ئۇلار ماڭا كۆيۈنگەنسىرى ، كۆيگەنسىرى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك تىرىشىدىغان بولدۇم . ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچۈنجى يىلىغا چىققاندا ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل ھېسيات چىرمىۋالىدىغان بولۇپ قالدى . شۇ ۋاقىتقىچە مەندە پەيدا بوپ باقمىغان تۇيغۇ مېنى قىينايتتى . ئۆزۈممۈ سەزمىگەن ھالدا شۇ تۇيغۇغا بېغىشلاپ بىر نەرسىلەرنى يازىدىغان بولۇپ قالدىم . راستىنى ئېيتقاندا ئەنە شۇ تۇيغۇ مېنى كونتىرول قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى .
بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ، مەندىن بىر قارار تۆۋەن ئوقۇيدىغان بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ، بىر كەسىپتە بولغاچقىمىكىن پات-پات ئۇچۇرشۇپمۇ قالاتتۇق . ئۇ مېنىڭ ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان نەسىر ، ھېكايە ، شىئىرلىرىمنى پات – پات ماڭا يەشكۈزەتتى ، ئۆزىنىڭ ئويى بىلەن ئوخشاش چىقمىغان بولسا مەن مۇنداقراق ئويلىغان ئىدىم ، مېنىڭ خاتا بوپتىمۇ دىگەندەك سۇئاللارنى سورسا ھازىرغىچە بىرسىنىڭكىنى ئالدىراپ توغرا دەيدىغان ئادەم ئەمەسلىكمنى ئۇنتۇپ ئۇنىڭكىنىمۇ توغرا دەيتىم .
بىر كۈنى ئۇنىڭغا دىگەنمۇ بولدۇم ھەم قوشۇلدى ، مانا دەپ ئوقۇشۇممۇ پۈتتى . كۈنلىرىم ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرشىنى ساقلاش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى . بىراق ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيلىرىگە ئەلچى كىرگىنىدە ئەلچىلەرنىڭ ئېلىپ چىققان گېپى يۈرۈگۈمنى تىلغاپ ئۆتتى . بۇ گەپنى ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ دىگەنلىكىگە ئىشەنمەيتتىم . ‹‹ كەلگۈندىگە بېرىدىغان قىزىمىز يوق ›› بىر كېچە مۇشۇنداق خىياللار ئىچىدە ياتتىم .
ئەكرەم دادانىڭ خانزۆھرە ئانامنىڭ ماڭا قىلغان نەسھەتلىرى قۇرۇق كەتمەكتە ئىدى ، شۇنداق بىر كۈنلەردە مېنىڭمۇ تويۇم بولدى ، باشقا بىرى بىلەن ئەمەس مەن بىلەن بىر ئائىلىدە چوڭ بولىۋاتقان قىزنىڭ كىچىكى بىلەن مەن بىلەن بىر كەسىپتە ئوقۇغان سىڭلىم دەپ چوڭ بولغان ‹‹ رۇقىيە ›› بىلەن بولدى . ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مېنىڭ ھەم ئايالىم ھەم مۇھەببىتىم بولدى . دەسلەپ بۇ ئىشلار ماڭا خوپ كەلمىگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن بىراق بىز بارا-بارا بىر بىرمىزگە مېھىر بەرمەكتە ئىدۇق . كۆيۈشۈپ ئۆتمەكتە ئىدۇق . كىيىن سەن بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ بىزنىڭ بىر ئىللىق ئائىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردۈڭ . كىيىن سىڭلىڭ تۇغۇلۇپ خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق بەردىڭلار .
دادامنىڭ ھېكايسى شۇنداقلا تۈگەيدىغاندەك ئىدى ، بىراق ئۆيگە بارىدىغان مەنزىل تېخى ئۇزۇن ئىدى ، شۇڭا دادامنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىش نىيتىدە
- بۇرۇنقى مۇھەببىتىڭچۇ ؟
دادام ئەتراپقا قارايتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قرتىپ قالغان ئىككى تامچە ياشتىن نىمە مەنا چىقىدىغىننى بىلمەيتتىم .
- كىيىن ئاڭلىسام چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ، دادىسىنىڭ پۇلى ھەم ھوقۇقى بار بىرى بىلەن توي قىپتىكەن ، بىراق پەلەك قانداق كەلدى ، تۇنجى قىزى تۇغۇلغاندا ئېرى قاتناش ۋەقەسى بىلەن بۇ يۇرۇق ھەم ئېللىق دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قاپتۇ . مەن شۇ ۋاقىتتا ئېرىنىڭ ئۆلىمىگە بارغاندا بىر كۆرگەنچە كۆرۈپ باقمىدىم ، ئەمما يەنە ئاڭلىسام قېينانسى ئايقىڭ ياراشمىدى دىگەندەك قىلىپ ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتىكەنمىش .
دادامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بۇ سۇئالنى سورغىنىمدىن ئازىراق خىجىل بولغان ئىدىم .
- ھازىرمۇ بۇرۇنقى مۇھەببىتىڭنى سېغىنامسەن ؟
- ھاھاھاھا – دادام كۈلۈپ كېتىپ ماڭا قاراپ – كىچىك بالىدە سەن ، ماڭا قارا ماڭا بەخىت تۇيغۇسى ، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بېرىدىغان سەندەك بىر ئوغۇل ۋە قىزنى بەرگەن شۇ ئاناڭلار تۇرسا ، يەنە قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن – دادام چىن يۈرەكتىكى سۆزنى قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى – ماڭا قارا – ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ – بىرىنجىدىن – مەن ئاناڭلىغا سادىق ، ئىككىنجىدىن مەن رۇقىيەگە سادىق ، ئۈچۈنجىدىن مەن سادىرنىڭ ئايالىغا سادىق ، تۆتىنجىدىن مەن ئايالىمغا سادىق – دادام تۆت بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ ساناپ بولغاندىن كىيىن ئاۋازىنى چىقىرىپ تۇرۇپ تازا كۈلدى . دادامنىڭ بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ئاشۇ تۆت بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ سانىغان ۋاقتى بەلكىم ئەڭ بەخىتلىك ۋاقتى بولغان بولسا كېرەك . مەنمۇ دادامغا ئېسلىپ تۇرۇپ تازا كۈلمەكتە ئىدىم .
ئاسماننىڭ بىر بۇرجىكى قىزىرىپ قوياش پېتىشقا تۇتۇنغان ئىدى ، بايىلا توختىغان يامغۇردىن كىيىنكى بۇ قىزىللىققا قاراپ ھەر ئىككەيلەن يەنە ئۆز خىياللىرىمىز بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭماقتا ئىدۇق .......
9
سىڭلىمنىڭ ئىششىنى دادام بىلەن ئانامغا قانداق دىيىشنى بىلمەيتتىم ، بىر تۇرۇپ مەغپىرەتنىڭ دىگەنلىرىنىڭ راست يالغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم . يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنۇڭغا ئىشەنمەسلىكنىڭ ماڭا قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم . ئىككى تاش ئارىسىغا تەڭ قىستۇرۇلغان مۇشۇ ۋاقىتتا بېرەرسىنىڭ ماڭا ئەقىل كۆرسىتىشىنى شۇنداق ئۈمۈت قىلاتتىم .
چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى دادامغا نەچچە دىمەكچى بولدۇميۇ ، دادامنىڭمۇ بۇ ئىشقا كەلگەندە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىشىدىن ئەنسىرىدىم ، ئانامغا ئەسىلى دىيىشكە بولمايتتى . سىڭلىمنىڭمۇ مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقىتلىرى يېققىنلاپ قالدى ، دادام بىلەن ئانام تېخىچە سىڭلىمنىڭ تويى بىلەن ئاۋارە ، پەقەت مەن بىر سەۋەب تاپالىغاندىلا بۇ توينى توسۇپ قالالايتىم ، بىراق مەندە بۇ توينى توسۇپ قالغۇدەك ئەمدى سەۋەب قالمىغان ئىدى .
ئاتا – ئانامنىڭ تويغا قوشۇلىشىغىمۇ ئۇلارنىڭ بىر دۆلەتتە ، بىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان ئىدى ، شۇڭلاشقىمىكىن بۇ تويغا سىڭلىمنىڭ قانداق قارىشىدىن قەتتىي قوشۇلۇپ بولغان ، بۇرۇن سىڭلىمنى ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن تويغا قوشۇلدى دەپ قارىغان بولساممۇ مەغپىرەتنىڭ دىگەن سۆزلىرىنى ئويلىغاندىن كىيىن بۇ توينىڭ بۇرۇندىنلا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى مۇئەييەن قىلىپ بولغان ئىدىم .
تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشكە يەنە بىر ئاي ، سىڭلىمنىڭ توي ئىششىنى دەپ مەكتىپىدىنمۇ كېچكىپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بۇرۇنقىدىنمۇ بىئارامسىزلىنىشقا باشلىدىم ، ئەنە شۇنداق كۈنلەردە سىڭلىم زوكام بوپ قالدى ، توۋا مۇشۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىش بولىدىكەن ، پىژغىرىم ئىسسىقتا ، ھەممە تەرلەپ ئاران تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا سىڭلىمنىڭ زوكام بولۇپ قالغىننى .
سىڭلىم بىلەن دوختۇرغا باردىم ، ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم ، بىراق ھېچ بىر دوختۇر ماڭا غەيرى بىر گەپنى دىمىدى ، ئۆزۈمچە مەغپىرەتنىڭ گەپلىرىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىدىم . بىر قوساق سىڭلىمغا ئىشەنمەي نىمىشقىمۇ شۇنىڭغا ئىشەنگەندىمەن ؟ ئۆز – ئۆزۈمنى ئەيىپلىمەكتە ئىدىم .
- ئاكا نىمىگە بۇنچە خىيال قىلىپ كەتتىڭ ؟ - سىڭلىمنىڭ سورىغان سۇئالدىن ئولتۇرغان جايىمدىن ئاستالا تۇردۇم .
- باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقمىكەن ؟ - سىڭلىمنىڭ سۇئالىغا سۇئال بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم .
- ياق – سىڭلىم ماڭا قاراپ ھەيرانلىق – نىمە ؟ يەنە نىمە كېسەل بولسا بولاتتى ؟
- مەن ....... – نىمە دىيىشمنى بىلەلمىدىم – مەن شۇ باشقا مەخسەتتە دىمىدىم ، يېققىنڭىزى ئۆيدىمۇ ئەھۋالىڭ شۇنداق بوش شۇڭلاشقا ! ئاران بىر كەلگەندە تولۇق تەكشۈرتىۋالسۇن دەپ .....
سىڭلىممۇ باشقا گەپ قىلمىدى ، ئۇنىڭ قولىدىكى دورىلارنى مەن ئېلىۋالدىم . ئۇ ماڭا قاراپ ئاغزىنى غەلتە بىر پۈرۈشتۈردى ۋە كۈلۈپ قويۇپ مېڭىۋەردى ، سىڭلىمنىڭ مۇشۇنداق مېجەزىگە قەۋەتلا ئەمراق ئىدىم .
- راست ، ھېلقى قاسىم دىگەن بالا بىلەن قانداق بولۇپ تونۇشۇپ قالغان ؟ - ئىچىمدىكى سۇئالنى ئاخرى بولماي سورۇدۇم . سىڭلىم ماڭا قاراپ
- تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭلىقلار يىغلىشىدا تونۇشقان ، مەندىن بىر يىل بۇرۇن بارغان ئىكەن ، شۇ تونۇشۇشتا ماڭا خېلى ياخشى تەسىر بەرگەن .
- ئۇندىن كىيىنمۇ ئۇچۇرۇشۇپ تۇرۇپسىلەر دە ؟
- ئۇچىراشتۇق ، كىتاپخانىدا ، ئاشخانىدا ، كىيىن مۇشۇ قېتىم پويىزدا بىللە كەلدۇق . – سىڭلىم مېنىڭ بۇنداق سورىشىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولغاندەك ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى .
- نىمىشقا بۇ تويغا قوشۇلىسەن ؟ - ئۇنىڭ قاراشلىرىغا پەرۋەسىزلا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۇئالىمنى سورۇدۇم .
- بۇرۇن مۇشۇ يەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئارلاشقان يىگىت تويۇنى قىلىۋالدى ، ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئاتا-ئانامنىڭ كۆرسەتكىنىگە تېگىمەن دىگەن ، مانا ئاتا-ئاناممۇ توي ئىششىغا قوشۇلدى ، مەندىمۇ باشقا ئامال يوق .
- ئەگەر مەن قوشۇلمىسامچۇ ؟ - سىڭلىم ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ
- ئاتا – ئانامغا يېتەرلىك سەۋەپ كۆرسىتەلىسەڭلا ، بۇمۇ مەيلى . مېنىڭمۇ بۇنچە ئالدىراپ توي قىلىش نىيىتىم يوق ، يەنە كېلىپ ئۆزۈم بىر نەچچىلا كۆرۈشكەن ، ئاتا-ئانامنىڭ تونۇشنىڭ ئوغلىكەنلا دىگەن يېرىم بار .
سىڭلىمنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمدە ئازىراق ئۈمۈت تۇغۇلدى . ئاتا- ئانامغا بولۇنغان ئىشنىڭ ھەممىنى دىمەكچى بولدۇم . بىراق ئۇلارنىڭ مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكى يەنىلا مېنى قىينايتى ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئىككى ياشنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشلىرىغا چاخچاق قىلىشقا بولمايتتى . ئۆيگە قايتىپ بېرىپ پىلان تۈمەكچى بولدۇم .
- سەنچۇ ئاكا ؟ خوتۇن ئالماي مۇشۇنداق يۈرمەكچىمۇ ؟ - سىڭلىم خىياللىرىمنى يەنە بۆلدى .
- ئالىمەن ، بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى ! – كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم ئۇمۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ
- بىلىمەن ، ئۆلىدىغان ۋاقتىمىزغىمۇ بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى .
- ھاھاھا – تازا بىر كۈلۈۋۈتۈپ – ۋاي تەنتەك ، خاتىرجەم بول . قىشتا كەلسەڭ شۇ ۋاقىتتا ئاللا خالىسا تويۇمنى ئوينايسەن .
يەنە ئارىمىزنى جىمجىتلىق باستى ، سىڭلىم بىلەن ئۇزۇن بوپتىكەن بېرەر تىما ئۈستىدە تاكاللىشىپ ، مۇنازىرلىشىپ ، سوقۇشۇپ باقمىغىلى ، شۇڭلاشقىمىكىن ئىچىمگە بىر مۇنچە نەرسىلەرنى تىزىشقا باشلىدىم .
- ئاكا ھاياتقا قانداق قارايسەن ؟ - كاللامغا تىزىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چېچىلدى .
- ھاياتقا .... كونىلار سەن ھاياتقا قانداق قارىساڭ ھايات ساڭىمۇ شۇنداق قارايدۇ دىگەن ! ئەمما مەن بۇنىڭغا تازا قوشۇلۇپ كەتمەيمەن ! - نىمە دەپ رەدىيە برىشنى بىلمىسەممۇ دەپ باقماقچى ئىدىم ، بىراق سىڭلىمنىڭ بۇ مەسلىگە قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى .
- مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ، مەن ھېلقى گەپكە ئىشىنىمەن ‹‹يارتىشنى مەن ياراتتىم ، يارلىش ئۆزۈڭدىن ›› ، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ، ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ياراتقاندىلا ‹‹ ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى ›› بولالايدۇ !
- ھايات بەزىدە تۇزلۇق تائامغا ئوخشايدۇ ، بەزىدە مەيلى بىز ئۇنۇڭغا ئوتتۇز ئىككى چىشىمىزنىڭ ئېقىنى چىقارغان بىلەنمۇ بىكار ، قاپىقىنى تۈرۈپ قارىغىنى قارىغان . يەنە بەزنىدە بولسا بىزنىڭ قاپىقىمىز تۈرۈلگىنى بىلەن ئۇ بىزگە يەنىلا كۈلۈپ ققارايدۇ . بەزىدە بولسا شۇنداق تۇزسىزكى بىز بىلەن ھەپلىسىمۇ يوق . ئۆزىنىڭ رېتىمىغا بىزنى چۈشۈرۈشكە قىستايدۇ !
سىڭلىم ماڭا كۈلۈپ قاراپ
- ھايات ھەققىدە ئويلىغانلىرىمىز ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشكەن دىسە ! بىراق ساڭا بىر قاتار نەرسىلەر ئىچىدىن مۇھەببەتنى تاللايدىغان سۇئال بولۇپ قالسا سەن يەنىلا مۇھەببەتنى تاللاشتا چىڭ تۇرالامسەن ؟
راستىنى ئېيتقاندا سىڭلىمنىڭ بۇ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىش سەل قىيىن ئىدى ، چۈنكى مۇھەببەت بىلەن بىۋاستە چېتىشلىق يەنە باشقا نەرسىلەر ئىچىدىن مۇھەببەتنى تاللىۋېلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى .
- ئۇنىڭ ئىچىدە ھاياتمۇ بارمۇ ؟
سىڭلىم بار دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭىشتتى . شۇندىلا مەن ئىككىلىنىش ئىچىدە قالدىم . قايسىنى تاللاش مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس مۇھىمى سىڭلىمنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالماسلىق ، ئامال بار ئۇنىڭ بار دىگەن يېرىدىن چىقالىشىم كېرەك ئىدى .
- ئەمسە مەن ھاياتنى تاللاي – سىڭلىم ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ، بۇ كۈلكىسىدىن ھەم رازىمەنلىك ھەم پەخىرلىنىش ھېسياتى چىقىپ تۇراتتى .
- نىىمىشقا مۇھەببەتنى تاللىمايسەن ؟ - سىڭلىمنىڭ قويغان بۇ سۇئالىغا كاللامدىكى ھەممىنى قويساممۇ جاۋاپ چىقمايدىغىنى ئېنىق ئىدى ، بىراق تىرىشىپ باقماقچى بولدۇم .
- چۈنكى ، بىر ياۋايى ھايۋاننىمۇ شۇنداق مۇلايىم ، ئادەمگە رايىش قىلىپ كۆندۈرگىلى بولىدۇ ، بۇنىڭغىمۇ مۇھەببەت سەرىپ قىلىش كېرەك ، بىر قاتلىنىمۇ مەلۇم مەزگىل مېھىر-مۇھەببەت ، ئىللىقلىق بىلەن كۈتسە شۇ قاتىلمۇ چوقۇم ياخشى بىر ئادەم بولالايدۇ ، بۇنىڭغىمۇ مۇھەببەت كېتىدۇ ، بىراق ھېلقى ياۋايى ھايۋاننى كۆندۈرۈشنىڭمۇ ، قاتىلنى ئۆزگەرتىشنىڭمۇ ئاساسي ئۇلار چوقۇم ھايات ، تىرىك بولىشى كېرەك .
سىڭلىم مېنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى . ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىدىن سۇئالىغا بېرىلگەن جاۋاپقا رازى بولغانلىقىمۇ ، مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈۋاتقىنىمۇ چىقىپ تۇراتتى . ئۇ ئاستا كېلىپ قولۇمغا قولۇنى ئۆتكۈزدى ، ۋە ماڭا قاراپ كۈلكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ
- ئاكا بۇنداق ئېزىپ چۈشەندۈرسەڭ باشلانغۇچنىڭ باللىرىمۇ شۇنداق ئېنىق چۈشەنگۈدەك .
سىڭلىمنىڭ بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ماڭا قاراپ يەنە كۈلۈپپ قويدى .
- ئاكا كۆپ ئۆزگىرىپسەن ، دادام سېنى پىشتى ، مىۋە بېرىپ ، بىزنى خۇش قىلىدىغان ۋاقىتلىرى ئەمدى كەلدى دىسە ئىشەنمىگەن ئىدىم ، راستىنلا بۇرۇنقىدىن يېتىشىپ قاپسەن جۇمۇ !
سىڭلىمنىڭ دىگەن بۇ گەپلىرىدىن پەخىرلىنىشنى ياكى ئىزا تارتىشىمنى بىلمەيتتىم ، بىراق سىڭلىمنىڭ بۇ تويى بولمايدىغانلىقىغا خۇشال ئىدىم . مەغپىرەت بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ توينىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىم ھەم بۇ يالغانچىلىقنى ئەپچىللىك بىلەن ئېچىپ تاشلاشنىڭ پىلاننى تۈزمەكتە ئىدىم .
- ئاكا بۇرۇن يازغان ھېلقى مۇھەببەت شىئىرىڭنى دادامنىڭ قانداق بىلىپ قالغىننى بىلەمسەن ؟
- قايسسىنى دەيسەن ؟- خىيالدىن شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزۈمنى تارتتىم .
- ھېلقىچۇ ، تولۇقسىزدا ياغان ! نىمە بولغىيتى ، ئايغا مۇناسىۋەتلىك بىرى بارغۇ ؟
بېشىمنى قاشلىدىم ، قايسى بولغىيتى يادىمغا ئالالمىدىم .
- ۋاي ئاكا ، دادام قۇلاقنى تارتىپ تۇرۇپ يەنە يازامسەن ؟ دىسە ‹‹ بۇدا يازسام ھېچكىمگە كۆرسەتمەيمەن ›› دەپ دادامنى جىلە قىلغان ۋاقىتتىكىچۇ ؟
- ھە – شۇندىلا يادىمغا كەلدى – بىلدىم ، دادام قانداق بىلىپ قالغان ؟
- مەن دەپ قويغان – ئۇ شۇنداق دەپلا تىلىنى چىقىرىپ قويدى – ئوقۇپ باقسام ماڭا شۇنداق ياقتى ، بۇنى سېنىڭ يازغىنىڭغا راستىنلا ئىچىم قىززىدى ، شۇنىڭ بىلەن دادامغا دەپ قويغان ئىدىم – ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك چاپلاشتى – ئاكا يادىڭدا بولسا بىرىنجى مىسراسىنى بولسىمۇ ئوقۇپ بېرە
- بىرىنجى مىسراسى .............توختا ھە ئەسلىىۋالاي !
نىمە بوپتۇ ئاي چىقسا ئاسمانغا
ئايسىز ئەمەس مېنىڭ كۆڭلۈم سەن بىلەن
سۆيگۈمىزنىڭ سۈزۈكلۈكى بىر ئايدىڭ
ئايدىڭ ئوخشاش سەيلى ئەتكىن مەن بىلەن
- مۇشۇ شىئىرىڭ شۇ ، شۇ ۋاقىتتا قانداق ھېسيات بىلەن يازغان بولغىيتىڭ ، مۇشۇ بىر كۇبلىتتىنلا پۈتۈن بىر شىئىرنىڭ جېنى چىقىپ تۇراتتىكەن . قىز دوستۇڭ باركەن ھە ؟
- شۇ كۈنى يازغان كۈنۈم ، دادام بىلەن ئانامنىڭ كەينىدىن سەن بىلەن بىللە دەدەمغا قاراپ ماڭمىدۇقمۇ ؟ ئۇ ئىككىسىگە قاراپ كەلگەن ئېلھام بولمامدۇ ، نەدىكى قىز دوست دەيسەن ؟ ھازىرغىچە بىر قىز بىلەن ئارلىشىپ باقمىسام .
ئارىمىزدا يەنە جىمجىتلىق بولدى ئۆيگىمۇ يېققىنلاپ قالدۇق ، تۇيۇقسىز كۆزۈمگە تونۇش بىر چىراي كۆرۈندى ، ‹‹قاسىم ›› ئىچىمدە شۇنداق دېدىم . ئۇ بىر قىزنى قولتۇقلىغىنىچە كېتىپ باراتتى .
- قارا ، كەلگۈسى ئېرىڭ .
سىڭلىم قاراپ مىييقىدا كۈلۈپ قويدى ، ۋە
- قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلاۋاتقان ئىدىم .
ئۇنىڭ بۇ گېپىگە كۈلگۈم كەلسىمۇ بىراق كۈلكىدىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم . بۇ ئىسپات توينى بۇزۇشقا يەتمەيدىغاندەك ئىدى . كاللام يەنىلا پىلان سوقۇشتا قېتىپ قالغان ئىدى . ئۆيگە كىرىپ دادام بىلەن ئانامغا چاخچاق قىلغانمۇ بولۇپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇياق بۇياق ئۆرۈلۈپ ياتتىم ، شۇندىلا مەغپىرەتكە تىلفۇن قىلماقچى بولدۇم .
- مەغپىرەت – تىلفۇن ئۇلىنىشىغا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردىم .
- ھوي يىگىت ، ئاۋال سالام . قانداق تۇردىڭىز ؟ ياخشما ؟
- ياخشى تۇردۇم ، ئەتە بىر كۆرۈشسەك قانداق ؟ سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان بىر ئىش بار ئىدى .
- ماقۇل ئەتە باغچىنىڭ ئالدىدا كۆرشەمدۇق ياكى .....
- قەيەر بولسا ئوخشاش سىز دەڭ !
- ئەمسە شۇ يەر بولسۇن .
شۇنداق دەپ تىلفۇننىمۇ قويدۇم ، بۇ توينى بۇزسام ماڭا ياخشلىققۇ يوق ئىدى ، بىراق باشتا پەقەت ئۆچ ئاداۋەتنى دەپ توختۇتۇپ قويماقچى بولغان توينىڭ بۈگۈنكى كۈندە سىڭلىمغا پايدا ئېلىپ كېلىشىنى ئويلاپ خوش بولاتتىم . بىراق زادى بۇ تويغا نىمە مەقسەت ئارلاشتۇرۇلغىننى ، بىزنىڭ ئۆيگە ئالچى كىرگەن تۇرۇغلۇق ئۇنىڭ يەنە بىر قىزنى سۆرەپ يۈرگىنىگە ھەيران ئىدىم . بۇ يالغانچىلىقنىڭ زادى قاچانغىچە داۋام قىلالايدىغانلىقىغا قىزىقماقتا ئىدىم .
ئەنە شۇنداق گادىرماچ خىياللار مېنىڭ چۈش بوشلۇقۇمغا ھۇجۇم قىلماقتا ئىدى ، چۈش تۇمانلىرى كۆزلىرىمىگە تىقىلغاندىلا سائەتنىڭ ئاللىقاچان 1 بوپ كەتىكىننى بىلدىم .
بىر خىل مۇلايىم ۋە تىنىچ ئۇيقۇنىڭ مېنى قۇچاقلىشى بىلەن ، ئەركىن چۈش دۈنياسىغا باشچىلاپ شۇڭغۇدۇم ........
10
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ھەممە ئىشلارنى مەسىلىھەتلەشتىم ، قاسىملار كېلىدىغان كۈنى مەغپىرەتمۇ كېلىدىغان بولدى ، شۇ مەسلىھەتلەتنى دىيىشىپ بولۇپلا ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم .
- بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچى كەپتۇ
- چاقچاق قىلىۋاتامسىز ؟ - قۇلاقلىرىمغا ئىشنىشنى خالىمايتتىم .
- راست ، چاقچاق قىلمىدىم ، مەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ . ئانام مەندىن قانداق قىلىشىمنى سوراۋاتىدۇ .
ئۇنىڭ ئاخىردىكى گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىر ئاز ھوشۇمنى تاپقاندەك قىلدىم .
- بىلدىم ، ھازىرچە قوشۇلماي تۇرۇڭ ، ماڭا ۋاقىت كېرەكلىكىنى سىزمۇ بىلەرسىز ؟
ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ، راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ئۇنىڭ ھەر قانداق بىر ۋەدىسىدىنمۇ ئىشەنچىلىك ئىدى . مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم ، مۇشۇ كەمدە ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ يېقىملىق تۇيۇلماقتا ئىدى .
تاڭنىڭ ئەركە شامىلىنى كىملەردۇر مەن ئۈچۈن چىللاپ كەلگەندەك ئىدى ، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ سەھرانىڭ مۇشۇ تاڭ شامىلىنى قېنىپ قېنىپ پۇرۇماقتا ئىدىم . تىلفۇنۇم يەنىلا بۇرۇنقى مۇڭلۇق مۇزىكىسغا چېلىنغاندا تاڭ شامىلىنىڭ قويندىن ئاجىز تېنىمنى تارتىپ ئالدىم .
-ئاكا ، ئۇلار ئەتە كەلگۈدەك – سىڭلىمنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى – دادام بىلەن ئانامنى توينى كېلەر ھەپتىگە ئورۇنلاشتۇرماقچى .
- نىمە ؟ ئەتە كېلەمدىكەن ؟ - مەن ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمنىڭ 5 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلغان ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ئىدىم ، بۇ يىغىلىش يەنە بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىدىغاندەك قىلاتتى- بولدى مەن بۈگۈن بىر ئامالىنى قىلىپ قايتىمەن . سەن خاتىرجەم بول .
شۇنداق قىلىپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ سېسىق گەپلىرىگە مېنى تۇتۇپ قېلىشلىرىغا پەرۋاسىزلا قايتتىم ، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم يۇ بىراق ھېچقانداق بىر ئاساسسىز بۇ گەپلەرنى دىيىشنى خالىمىدىم . كەچكە يېقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، دادام بۇ كېلىشىمدىن بىر مەنىنى سەزگەندەك قىلاتتى ، بىراق ماڭا ئېچىپ بىر نىمە دېمىدى .
ياتاق ئۆيۈمگە ئۇخلاش ئۈچۈن كىرىپ بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەي داداممۇ كەينىمدىنلا كىرىپ كەلدى . ئۇيان-بۇيان بىردەم پاراڭ سالغاندىن كىيىن
- قانداق سىڭلىڭنىڭ تويىنى توسۇشقا كەلگەن ئوخشىمامسەن ؟
- شۇنداقراق .... – دادامغا ھەممىنى دىيىشنى ئويلۇدۇم ، بىراق دادامنىڭ مېنىڭ دىگەنلىرىمىگە ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكىنى بىلمەيتتىم – دادا سىڭلىم ئۇ يىگىت بىلەن توي قىلسا بولمايدۇ ، ئۇ يىگىتنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيسەن .
- سەن بىلەمسەن ؟ - دادام كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ – ئەمسە دىمەمسەن ، سېنىڭ بىر قوساق سىڭلىڭ بولسا مېنىڭ بالام . يۈرەك پارەم ، مەنمۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىگە سەندىن بەكرەك قىزىقىمەن .
- مەن بىلىمەن – دادامغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيتتىم – ئەتە .... ئەتە ئۇنىڭ قانداق يىگىتلىكىنى بىلىپ قالىسەن .
دادام ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشكىنى قاتتىق بىرنى يېپىپ چىقىپ كەتتى . دادام چىقىپ كېتىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئانام كىردى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۈلكە كەتمەيتتى .
- داداڭنى خاپا قىلمىساڭ بولمامدۇ ؟ قارا يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك خۇيلۇنۇپ ئولتۇرىدۇ .
- ئانا ....- مەن ئانامغا قاراپ – مەن ئۇنى خاپا قىلمىدىم ، نىمانداق چۈشەنمەيسىلەر ؟ مەنمۇ سىڭلىمنىڭ كىيىنلىكىنى ئويلايمەنغۇ ! ئۇنىڭ كىيىن يەنە خاپىلىق تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگىنىم خاتاما ؟
- ياق بالام مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ، ئۇ يىگىتنىڭ نەرى ياقمىدى ساڭا ؟
مەن بېشىمنى چايقىدىم ، ئانام بۇ ھەركىتىمگە قىزىقتى بولغاي
- نىمە بولدۇڭ بالام ؟
- ھېچنىمە ، قالغىننى ئەتە بىلىسەن ئانا ، شۇ يىگىتنىڭ قانداقلىقىنى ئەتە بىلىسەن .
شۇنداق قىلىپ ئاناممۇ چىقىپ كەتتى ، كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئەتە زادى قانداق كارامەتلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا قىزىقپ ياتتىم . ئۇيقا يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆزلىرىمدىن قاچقان ، تىلفۇننى قولۇمغا ئېلىپ مەغپىرەتكە تىلفۇن قىلدىم .
- قانداق ئەھۋالىڭىز ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
- ياخشى – ئۇنىڭ ئاۋازىدىنلا ياخشىلىقى چىقىپ تۇراتتى – قانداق مېھمانلار قاچان كەلگۈدەك ؟
- ئەتە
- ھە ئەمسە ئەتە سىز مېنى سوقۇۋەتكەن دوقمۇشتا تۇرۇپ تۇرۇڭ ، شۇ يەرگە باراي . تېخىچە ئۆيىڭىزگە بېرىپ باقمىدىم . سىزمۇ كۆرسىتىپمۇ قويمىدىڭىز خۇددى مەن بېرىپ يېتىۋالىدىغاندەك .
راست تونۇشقىلىمۇ بىر يىل بوپتۇ ، ئۇنىڭ ئۆيىگە خېلى كۆپ بېرىپتىمەن ، بىراق ئۇنى بىر قېتىم بولسىمۇ ئەكلىپ باقماپتىمەن .
- ئەتە كەلگەندە يېتىۋالسىڭىزمۇ ھېساپ
بۇ گەپ بىلەن ھەر ئىككەيلەن كۈلۈپ كەتتۇق .
- سىڭلىمنىڭ ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بولۇپ ئۆيىڭىزگە ئەلچى ئەۋەتىمەن .
تىلفۇندىن باشقا سادا كەلمىدى ، ئۇنىڭ بۇ سۈكۈتىدىن ماقۇل بولغىنى چىقىپ تۇراتتى .
- مەن ئەتە بېرىپ تىلفۇن قىلاي ئەمسە .
- ماقۇل ، كەلگىلى تۇرغاندا تىلفۇن قىلىڭ .
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم ، كۆڭلۈممۇ بىر خىل خۇشال ئىدى . شۇ خۇشاللىقتا قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن .
تاڭ ئېتىپ ئۆينىڭ ئىچى قىززىپ كەتتى ، دادامنىڭ سىڭلىسىمۇ بۈگۈنكى چايغا ياردەمگە كەلگەن ئىدى ، مەنمۇ ئۆز ئىششىم بىلەن ھەلەك ئىدىم .
- ئانا ، دادا بۈگۈن سىلەرگە كېلىن بولىدىغان قىزمۇ كەلمەكچى ، ئەسلى بۇرۇنلا سىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈش نىيتىم بار ئىدى . بۈگۈن مانا قوش خۇشاللىق بولغۇدەك .
سىڭلىم گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويدى ، دادام بىلەن ئانام بولسا ھەيرانلىقتىن ئاغزىمغا قاراپلا قالغان ئىدى .
- نىمە .... كېلىن قىزىم – ئانام خۇشاللىقىدىن بولسا كېرەك ئاغزىغا گەپمۇ كەلمەيتتى ، داداممۇ بىر چەتتىن تېخىمۇ خۇشال بولۇپ ئالدىراشلىققا چۈشۈپ كەتتى .
تىلفۇنۇم سايرىغاندىلا ئاندىن ئۆينىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدىم . قورۇ ئىشكىدىن چىقىپلا قاسىملار بىلەن كۆرۈشۈپ ئىشىم بارلىقىنى ئېيتىپ سىرىتقا ماڭدىم .
ئۇ بۈگۈن شۇنداق چىرايلىق كىيىنىۋالغان ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ نىمە دىيىشمنى بىلمەي تۇرغۇنىمدا
- كېسىلىڭىز تۇتماستا ، بولۇڭ ئۆيىڭىزگە باشلاڭ
ئۇنىڭ بۇ گېپى مېنى يەنە بىر قىزارتتى ، نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلمىدىم . پەقەت ئۇنىڭ شۇ چىرايلىق كۆزلىرىگە قاراپ ، قاچاندۇر خاتىرەمنىڭ بىر ۋارىقىغا يېزىپ قويغان
كۆزلىرىڭ چولپان مىسالى ، يۈزلىرىڭدە تاڭ ئەركىسى ،
كىرپىكلىرىڭ جاننى ئالدى ، يۈتتى يۈرەكنىڭ ئەركىسى .
دىگەن مىسرالار يادىمغا كەلدى .
- توۋا ، دەپ تۇرسام كېسىلى تۇتتىمۇ نىمە ؟ - ئۇنىڭ بۇ ئاۋازىدىن ئەتراپقا قارىدىم .
- ئاپلا ئۆتۈپ كېتىپتۇق . – بېشىمنى قاشلاپ كۈلدۈم . ئۇ ماڭا قاراپ ئالىيىپ قويۇپ
- سىزنىڭ قېشىڭىزغا كېلىدىغاندا بۇندىن كىيىن روپاش بولۇپ كەلمىسەم .
- ياق ، ئۇنداق قىلماڭ . مۇشۇ چىرايىڭىزنى بىر مىنۇت كۆرمىسەم چىدىمايمەن – ئۇنىڭ بىلەن ئېيتىشىپ قويدۇم .
- ۋاييەي – ئۇمۇ ئېيتىشقىنىمنى بىلدى بولغاي – جىق گەپ قىلماي ئۆيىڭىزگە باشلاڭچۇ ؟
يەنە كۈلكە چاخچاق بىلەن ئۆيگىمۇ چىقتۇق . ئانام مەغپىرەتنى كۆرۈپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ بوش ئاۋازدا
- نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نىمىشقا ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىكىن دىسەم ، ئەسلى سەۋەبى بۇكەن دە !
- ئانا ..... چاخچاق قىلمىغىنا – ئانام شۇنچە پەس ئاۋازدا گەپ قىلسىمۇ مەغپىرەتنىڭ ئاڭلاپ قالغىنى ئېنىق ئىدى .
دادام مەغپىرەتنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى . ئانامنىڭ دادامنى نوقۇشى بىلەن دادام ئاندىن
- كېلىڭ قىزىم كېلىڭ – دىگەن گەپنىلا قىلدى ، دادامنىڭ ئاۋازى بىر خىل ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى .
مەغپىرەتنى ئۆيدىكلەردىن كۆرۈپ ھەممىدىن بەك ھەيران بولغىنى قاسىم بىلەن ئانىسى بولدى ، ئۇلارنىڭ بۇنداق ھەيران بولغىننى كۆرۈپ ئاندىن ئۆزمنى ئازىراق ئوڭشىۋالدىم . ئىشلار ئەمدى قىززىيدىغاندەك قىلاتتى . نىمىشقىكىن دادامنىڭ چىرايى بىر خىل ئىدى .
ئۇياق بۇ ياقتىن پاراڭلار چىقىپ ئاخىرى ھەممە ئىش ئاشكارە بولدى ، قاسىمنىڭ قانداق يىگىتلىكىنى ئۇققاندىن كىيىن داداممۇ ئاناممۇ ماڭا قاراپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى . شۇنداق قىلىپ قاسىم بىرگە بولۇپ قويغان قىز باشقا بىر قىز بولۇپ چىقتى . بۇنى ئاڭلاپ قاسىمنىڭ ئانىسى كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە دىگەن سۆزى پەقەت بىرلا بولدى ‹‹ ھايۋان›› . بىر ئاننىڭ ئۆز ئوغلىنىڭ شۇنداق بىر قىلىق قىلغىننى ھەمدە يەنە بىر قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلككە كەلگىننى ئاڭلاشتىنمۇ نۇمۇس ئىش بولمىسا كېرەك .
ئۇلار كېتىپ ئۇياق بۇياقتىن پاراڭغا چۈشتۇق . دادام ھەر قېتىم مەغپىرەتكە قارىغاندا ، سۇئال سورىغاندا قىزىراتتى . دادامدىكى بۇ ئالامەتنى ئاناممۇ سېزىشكە باشلىغان ئىدى .
- ئانىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە ، نىمە ئىش قىلىدۇ ؟
- ئاينۇر ، بۇرۇن ئوقۇتقۇچى ئىدى ، ھازىر پىنسىيەگە چىقىپ كەتتى .
- ئاينۇر ........- دادامنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈ كەتتى .
يەنە باشقا پاراڭلار بولۇندى بىراق دادام بېرەر سۆز قاتمايتتى . مەغپىرەتمۇ قايتماقچى بولدى .
- ئاخشام تىلفۇندا نىمە دىگەن ؟ - مەغپىرەتكە كۈلۈپ قويۇپ شۇنداق دېدىم
- خۇدايىم ، نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ..... – ئۇ دادام بىلەن ئانام بار يەردە سەل قىزاردى .
بىر نەچچە ئېغىز چاخچاقتىن كىيىن ئۆيدىن ئايرىلدۇق . ئۇنى تاكسىغا سېلىپ قويغاندىن كىيىن ئۆيگە يېنىپ چىقتىم .
- بالام قاچان ئەلچى ئەۋەتىمىز ، گەپ سۆزلىرىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇدۇ ، شۇنداق ياخشىكەن – ئانامنىڭ گېپگە باشقا گەپ قىلماي دادامغا قارىدىم .
- قاچان بولسا مەيلى
- تىزىرەك بولسۇن ، ئۆگۈنلۈككە بىر نەچچەيلەننى ئەلچىلىككە چىللايلى – دادامنىڭ قىلغان گېپى شۇ بولدى . ئاناممۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى .
خاتىمە ئورنىدا
ئەلچىلەرنىمۇ ئەۋەتتۇق ، دادامنىڭ نىمىشقا ئاينۇر دىگىنىگە ، مەغپىرەتكە قانچىلىك ھەيران قالغانلىقىغا قىزىقىۋاتىسز ھەقىچان ، مانا توينى بېكىتكىلى كەلگەندىلا بۇ سىرمۇ ئېچىلدى . ئاينۇر دادامنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتى ئىدى .
شۇنداق بىر يامغۇرلۇق سەھەردە تويىمىز بولدى ، ئەمما چۈشتىن كىيىن ھاۋا شۇنداق ئېچىلدىكى ئاسماندا ھەسەن-ھۈسەن پەيدا بولۇپ تويۇمغا باشقىچە ھۆسۈن قوشتى . شۇنداق بىر يامغۇرلۇق سەھەردە ئۇ ماڭا بۇدۇرۇققىنا ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەردى . تۇرمۇشۇمدا بۇنداق ئۇنتۇلغۇسىز يامغۇرلۇق سەھەرلەرنىڭ يەنە قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن . يەنە قايسى بوران چاپقۇنلاردا يىلتىزسىز قامغاقتەك قاياقلارغا قاڭقىيدىغىنىمنى بىلمەيمەن . بىراق ئۇنى ئۇچراتقان تۇنجى يامغۇرلۇق سەھەردىن باشلاپ ھەممە ئىشلىرىم ئوڭغا تارتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم ............