تالانىتلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان يېرىم ئەسىرلىك مۇساپىنى مۇۋەپىقىيەتلىك بېسىپ ئۆتۈپ،ئۆزىنى شېئىرى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغۇچى شائىر سۈپىتىدە ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك،مول مەھسۇلاتلىق شېرىن مىۋىلىرى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىكى خەلق ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇنەۋۋەر شائىرغا ئايلاندى.
ئۇنىڭ شىئىرلىرىنى مۇيسىپىتلارمۇ ، ئوتتۇرا ياشلارمۇ ، ياشلارمۇ ياقتۇرىدۇ . مەنمۇ مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شىئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن ،ھەم بەكلا ياقتۇرىمەن .
شائىر مۇھەممەتجاننىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى،تاللانغان تېمىلىرىنىڭ تىپىكلىك دەرىجىسى،ئىجتىمائىي قىممىتى،جەھەتتىن خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان،خەلىقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتقان تەخىرسىز مەسىللەرنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقى،كىشىلەر تەقەززالىق ئىچىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ئىپادە قىلغانلىقى،كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە بولغان ،لىكىن ئۇنى قانداق ئىپادە قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان مەسىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا جاۋاپ بەرگەنلىكى،شۇنىڭدەك كۆز ئالدىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈۋاتقان رېئال مۇناسىۋەتلەرگە قارىتا سۇئال ياكى دەۋىر كىشىلەر ئالدىغا قويغان خىلمۇخىل سوئاللارغا جاۋاپ بولغىدەك تەخىرسىز تېمىلار بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
رامىزاننىڭ ئالدىدا مەن تاختا كۆۋرۈك دوقمۇشىدىكى مەلۇم بىر تاماقخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ ئولتۇرۇپ تامدىكى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ << بىر كۈنى >> دىگەن شىئىرىنى زوق بىلەن ئوقۇپ ئولتۇرسام ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان 35ياش چامىسىدىكى بىر يىگىت ؛--سىز بۇ شىئىرغا قانداق قارايسىز ؟؟؟ دەپ سوراپ قالدى .
مەن مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ھەممە شىئىرلىرىنى بەكلا ياقتۇرىدىغانلىقىمنى بۇ شىئىرنىڭمۇ بەكلا ياخشى يىزىلغاچقا بارلىق دۇكان ، تاماقخانىلارغا ئورۇنلۇشۇپ كىشلەرگە زوق ئاتا قىلغانلىقىنى ئىيىتتىم .
ئۇ بىشىنى چايقاپ قۇيۇپ ؛--مەن بۇ شائىرنىڭ باشقا شىئىرلىرىنى ئوقىمىغان . لىكىن مەن بۇ شىئىرنى نۇرغۇن يەردە كۆرۈپ كەتتىم . مىنىڭچە بۇ شىئىر ياخشى يىزىلمىغان . نىمىشقا دىسىڭىز بۇ شىئىردا پەرزەنىتكە نىسبەتەن بىر خىل كارى بولماسلىق ، بولۇشىغا قۇيۇپ بىرىش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .
ئويلاپ بىقىڭ ! پەرزەنىت ئۈچۈن ئائىلە تەربىيسى ئەڭ مۇھىم . خاتا يولغا مىڭىپ قالغان باللىرىمىزنى تەربىيە ئىشلەپ قايتۇرۋالماقتا يوق ، ئوڭشىلىدۇ بىر كۈنى دەپ بىپەرۋالىق تۇيغۇسىدا ئۆتسەك ئۆزلۈگىدىن ئوڭشۇلۇپ قالامدۇ ؟؟؟دەپ سۆزلەپ كەتتى .
مەن ؛--سىز بۇ شىئىردا ئىپادىلەنگەن مەزمۇننى خاتا چۈشنىۋاپسىز . شائىر بۇ شىئىرىدا رىئال تۇرمۇشنىڭ ھامان باللىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ، كىچىككىنە خاتالىقىغا ۋايساپ ،قاقشاپ يۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىگىنى ئوبرازلىق شىئىرى تىللار بىلەن بايا قىلغان دىسەم ئۇ قايىل بولمىغاندەك بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى . مەن تاماقنى يەپ بولۇپ بۇ شىئىرنى مۇنداقمۇ خاتا چۈشنىۋالىدىغانلار باركىنا دەپ كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا ئۆيگە قايىتتىم .
تۈنۈگۈن باغداش تورىدا << پاراڭچى >> دىگەن ئەزامۇ بۇ شىئىر توغرىسىدا يۇقارقىدەك پىكىر بايان قىلىپ تۆۋەندىكى شىئىرنى ئىنكاس قىلىپ قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ .
بالاڭ ئازسا جىم بولما دەرت بولىدۇ بىر كۈنى،
خاتا باسقان قەدەملەر يىغلىتىدۇ بىر كۈنى.
پۇل دىگۈدەك پۇلۇڭ يوق، پۇل تاپقۇدەك بالاڭ يوق،
تاشتىن قاتتىق يوقسۇزلۇق ئۆلتۈرىدۇ بىر كۈنى.
كىرىپ قالسا چاتقالغا ياكى ئازگال كاتاڭغا،
لەنەت تاپقان ئاتاڭغا دەيدۇ خەقلەر بىر كۈنى.
ئىگىز-ئىگىز بىنانىڭ ئۇلى پۇختا بولمىسا،
نە بىنا، ئۇ -لاي قونچاق پايخان بولار بىر كۈنى.
ئات بولغىچە تايچاقلار ئوبدان پەرۋىش بولمىسا،
مۇپتى نەزەر ئېتىدەك ئەبگا بولار بىر كۈنى.
ئاقنى چېكىپ، كېيىنچە ئۇھ تارتسا شۇ بالىلار،
مەن-مەن دىگەن دادىلار<سەۋدا> بولار بىر كۈنى.
يەنە بىر تورداش مۇنداق ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ .
مەنمۇ مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئىۋۇشېئىرىغا ئېتىراز بىلدۈرىمەن .
بالىلار خاتالاشقاندا ئاھ ئۇرماسلىق ، توسماسلىقنىڭ ئۆزى بىر گۇناھ ئىش . ئەگەر ئۇنى توسماي ، بىر كۈنى يول تاپىدۇ دەپ مەيلىگە قويىۋەتسەك ئۇ تۈگىشىپ كېتىدۇ . ئاق چەككەنلەرنىمۇ مەيلىگە قويىۋەت دىگەندەك گەپ باركەن ، مېنىڭ بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم ئاق چېكىپ ئۆلۈپ كەتتى ، ئۆلمەي قالغانلىرىمۇ ھازىر يېرىم جان ...
توسۇش كېرەك .
بۇ شىئىرنى مۇشۇنداق چۈشنىۋىلىش توغرىمۇ ؟؟؟
مىنىڭچە بۇنداق چۈشنىش بەك يۈزەكى چۈشنىش بولۇپ قالامدۇ ؟-قانداق ؟؟؟ تورداشلار ئۆز -كۆز قارىشىنى قۇيۇپ باقسا ؛
بىر كۈنى
(مۇھەممەتجان راشېدىن)
بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.
گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا ،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى .
ئات بولغۇچە ئاتا تاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى .
"ئاق "نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس- پۇشايمان ،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى .
كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر ،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى .
تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى .
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار ،ۋاقتى بار ،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى .
كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى ،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى .
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى ،
پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ،
ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى .
شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى .
يامان دېسەڭ بالاڭنى ،كىم بىرىدۇ ياخشىنى ،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى .
مەنبە ؛ ئىبراھىمجان ئىرپانى --ئۆز ھىسلىرىم