مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5516|ئىنكاس: 65

[چاقىرىق] «فەتىھ 1453» نى ھەر قايسى گۇرۇپپىلار بىرلىشىپ تەرجىمە قىلايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50595
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5146
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:07:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۈچ قوشۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇنى قىزغىن قوللاۋاتقان دوستلار، ياخشىمۇسىلەر!
   مەن قۇتيار تەرجىمە فىلىم تورى (قۇتيار مۇنبىرى) دىن ئەزىز (Mr.Aziz) بولىمەن. ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرى ئۈچۈن تەر تۆكۈپ، ئۇنى قوللاپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقىنىڭلار ئۈچۈن سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
   بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت، بۇ يىل ئىشلەنگەن «فەتىھ 1453» ناملىق فىلىم دۇنيا كىنو سەھنىسىدە، بولۇپمۇ ياۋروپا كىنو ساھەسىنى زىلزىلىگە سالدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا مەزكۇر فىلىمنى تەرجىمە قىلىش قىزغىنلىقىمۇ تەبىئىيلا كۆتۈرۈلدى. نۇرغۇن تورداشلار خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ، بۇ چوڭ ھەجىملىك، تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىنغان ئۇشبۇ تارىخىي فىلىمنى بىرلىكتە سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىشتى.
   شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوستۇم Külke ۋە Harun لار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇ فىلىمنى ھەر قايسى گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىشىپ، خەتلىك قىلىپ چىقىشنى مەسلىھەتلەشتۇق. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرىنىڭ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىشىشى بولۇپ قالىدۇ.
   دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، ھازىر بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىش ئويى بارلاردىن ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى، كۆكلەم تەرجىمە گۇرۇپپىسى ۋە قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار باركەن. ئەگەر يەنە تۇرانىم ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى ماقۇل كۆرسە، بۇ تۆت گۇرۇپپىنىڭ بىرلىشىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە مەزكۇر فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقىش ئۈمىدىمىز بار.

   ئاساسلىق پىلان تۆۋەندىكىچە:

1. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۈركچە بىلىدىغان دوستلارنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ياكى گۇرۇپپىلار تۈركچىدە مەلۇم سەۋىيىگە ئىگە ياكى بۇ فىلىمىنىڭ تەرجىمە ئىشىغا ئاللىقاچان بېكىتىلگەن تەرجىمانلىرىنى مەلۇم قىلسا، ئادەم سانىغا قاراپ فىلىم ۋاقتى تەڭ نىسبەتتە بۆلۈپ بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە كۆكلەم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى دوستلار تەخمىنەن ئالدىنقى 30-40 مىنۇتلۇق يەرنى ئاڭلاپ يېزىشقا ئادەم بېكىتىپ بولدى. ئاڭلاپ يېزىش تۈگىگەندىن كېيىن، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاڭلاپ يېزىلغان مەزمۇن تەھرىرلىنىدۇ ئاندىن تۈرك تىلى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ تەرجىمە قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

2. تەرجىمانلار تەرجىمىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەدەبىي تىلغا كۈچلۈك تورداشلاردىن گۇرۇپپىلار بىردىن ئادەم تەيىنلەپ، جەمئىي تۆت ئادەمنى فىلىمنىڭ ئەدەبىي تەھرىرلىكىنى قىلىشقا بېكىتىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرجىمىنى چۈشىنىشلىك، باغلىنىشلىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىدۇ. چۈنكى بۇ تارىخىي فىلىم بولغاچقا، تەرجىمە سۈپىتىنىڭ يۇقىرى، تىلىنىڭ ئۆتكۈر ۋە جانلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

3. بۇ قېتىملىق ھەمكارلىققا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپىلار تۆۋەندىكىچە (يەنە باشقا گۇرۇپپىلار ئەگەر خالىسا بىز بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ):
* ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى
* كۆكلەم تەرجىمە گۇرۇپپىسى
* قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
* تۇرانىم ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى

4. فىلىمنى پرېسلاش خىزمىتىنى قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. فىلىمنىڭ تەرجىمىسى پۈتكەندە، تۆت گۇرۇپپىنىڭ نامى ۋە تۇغى ھەمدە تۆت گۇرۇپپىدىن كەلگەن بارلىق تەرجىمان، مۇھەرىر، تېخنىكلارنىڭ ئىسمى تولۇق بېسىلىدۇ.

5. فىلىمنى دەسلەپكى قەدەمدە روزا ھېيت كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ ئېلان قىلىشنى ۋە شۇ كۈنى توردا ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋە كۆرۈشكە تەمىنلەشنى ئويلاشتۇق. قۇتيار تورى ھەقسىز ۋە مۇقىم بوشلۇق بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ھەر قايسى گۇرۇپپىلار ئۆز تور بەتلىرىدە ئۆز خاسلىقىدىكى مۇقاۋىلىرى بىلەن بۇ فىلىم ئۈچۈن مەخسۇس تېما ئېچىپ ئېلان قىلسا ۋە ئۆزى خالىغان بوشلۇقلىرى بىلەن چۈشۈرۈشكە تەمىنلىسىمۇ بولىدۇ.

   ئەلۋەتتە، بۇ ھازىرچە دەسلەپكى پىلان. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرىنىڭ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە قىزىقىدىغان بارلىق قېرىنداش مىللەتلەر ئۈچۈن، بۇ ئەمگەك مېۋىمىز كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئۇنتۇلماس سوۋغا بولۇپ قالىدۇ.
   شۇڭا ئاخىرىدا، ئەگەر قالغان گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ماقۇل كۆرسە، ئىپادە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىسە ياكى رەت قىلسا، بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق پىلانىمۇ مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ. قۇتيار تورى بۇ قېتىم پەقەت گۇرۇپپىلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ، بىرلىكتە ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:

قۇتيار تورى
www.Qutyar.net
قۇتيار مۇنبىرى
www.Qutyar.net/MB
قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورى
www.TerjimeFilim.com

ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى:
* Külke
QQ: 406878478
* Mr.Aziz
QQ: 635722821

قۇتيار تورى بۇ ئىش ئۈچۈن يەنە ۋاقىتلىق بىر QQ توپىنىمۇ تەييار قىلدى. ۋاقىپلانغايسىزلەر.


ھەر قايسى مۇنبەرلەردىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
www.Qutyar.net/MB/thread-3981-1-1.html
www.Koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1959 http://BBS.AlKuyi.com/thread-23341-1-1.html
http://BBS.Misranim.com/thread-84653-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mr.aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 02:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5467
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:10:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەر ،تەرجىمىسىگە قاتناشسام ياخشى بۇلاتتى لېكىن تىلنى بىلمەيمەن ،تەرجىمە نۇسخىسىنى كۈتىمەن،ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي

ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پىلانكەن, ھەمكارلىقىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:17:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈرۈكچىگە ئۇستا دوسلار ،تىزدىن ياردەمدە بولۇڭلار ...بىلشىمچە بۇ ئۇيغۇر تەرجىمە خەتلىك فىلىم تور بەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەمكارلىشىشىغۇ دەيمەن ....

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

دىلىڭ گۈزەل ، روھىڭ پاك بولسۇن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6450
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9133
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 3273 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:19:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قايسى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گورۇپپىلىرىنىڭ پائال ھەمكارلىشىپ سۈپەتلىك تەرجىمىنى روياپقاچىقىرشىقا تىلەكداشمەن .

قەشقەر شةۋقىي ظصلانچصلصقص سصصزنصث ظصلانچصلصق ساهةسصدصكص توغرا تاللصشصثصز!        
شەۋقى مۇنبىرىگە كۆڭۈل بۆلەيلى!
  [url=http://www.shewqiy.com/]http://www.shewqiy.

تۇپراقتەك كەمتەر بول ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43449
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3987
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2011-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كېنونىڭ  تولوق  نۇسخسى بولسا  ئەۋەتىپ  بەرسەڭلا  بوپتىكەن  ...

ئەللەر ياخشى بىز يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29984
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5118
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:49:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قۇتيارئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىدىكى بارلىق دوسلار .،
بولسا مەزكۇر فىلىمنى باشقا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم توربىكەتدىكى دوسلار بىلەن ھەمكارلىشىپ. بىرلىكتە تىز،سۈپەتلىك ،تەرجىمە قېلىپ چىقىشىڭلارغا تىلەكداشمەن ،
بىلىشىمچە ،مەزكۇر فىلىمنى ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە فىلىم تورىدىكى ‹ئاققىر› ۋە ھۆرئادەم دىگەن كىنونىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى ‹دىلارە› قاتارلىق تورداشلار تەرجىمە ئىشلىرنى باشلىۋەتتىغۇ دەيمەن ،.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ۋاقىت ئوقىنى ئاڭلاپ يازىمىز دەۋاتاتتى . ئۇنداق بولسا بەك جېق ۋاقىت كىتەر ھەقاچەن ، ئاق بۈركۈت تورى ئېچىلمىدى مۇلازىمىتردىن چاتاق چىققان چېغى ....
بولسا بىرلىشىڭلار.! ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى كۈندە بولمىسىمۇ كۈنىدە كۆرەيلى ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ru1n تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 03:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33703
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5632
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1309 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن‹‹ ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى››دىكى پاسىبان، شەخسەن مەن بۇ چاقىرققا ئاۋاز قوشىمەن. لىكىن مەن تۈركچە بىلمەيمەن، باشقا ياردەم لازىم بولسا ئايىمايمەن. بۇ فىلىمنى ئاق بۈركۈتتىكى ئاققىر بىلەن دىلارە ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىمەكچى بولغانلىقىنى ئېلان قىپتىكەن، لىكىن بۇ خىزمەت رەسمىي باشلانمىغان بولىشى مۇمكىن. مەن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ چاقىرىقىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمەن.<< ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە>> دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pasibaneli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 03:59 PM  


پاسىبان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7945
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:58:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ بىرلىشىش!!!

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47565
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3811
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 04:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا ئاۋازمۇ بېرىلىپ كەتكەن بولسا ياقۇتقا كۆز قۇيغاندەكلا ئىش بولاتتىدە .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش