مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 970|ئىنكاس: 10

ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ سېتىش-سېتىۋىلىش توختامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شاھزادە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6774
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:30:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ سېتىش سېتىۋىلىش توختامى ماجرالىرغا قانۇن تەدبىلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر ھەققىدىكى ئىزاھاتى .

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۇنى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1545-قىتىملىق سوت ھەيئەتلەر يىغىنىدا ماقۇللانغان . 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن باشلاپ يۇلغا قۇيۇلغان .

( 2012)  8- نۇمۇرلۇق

سېتىش سېتىۋىلىش توختىمى ماجرالىرنى تۇغرا سوت قىلىش ئۇچۇن ،ھەق تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قائدىسى ،توختام قانۇنى ،مۇلۇك ھوقۇقى قانۇنى ،ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا بىرلەشتۇرۇپ ،بۇ ئىزاھات تۇزۇلدى.

بىرىنچى .سېتىش سېتىۋىلىش توختىمىنىڭ تۇزۇلىشى ۋە ۋە كۈچى

1 -ماددا دەۋالاشقۇچىلار ئۇتتۇرسىدا يازما توختام بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ،بىر تەرەپ مال يەتكۇزۇش قەغىزى ،مال تاپشۇرۋىلىش قەغىزى ،راسچوت تالۇنى ،بىلەت قاتارلىقلار بىلەن سېتىش سېتىۋىلىش مۇناسىۋتىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى سودا مۇناسىۋتى ،سودا ئادىتى ۋە باشقا ئىسپاتلاغا بىرلەشتۇرۇپ ،سېتىۋىلىش توختىمىنىڭ كۇچكە ئىگە ياكى كۇچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىكىتىدۇ.

  ھىساپ سىلىشتۇرۇش تالۇنى ئالاقىسى  ،ھەقدارلىقنى بىكىتىش خىتى قاتارلىق  ئالاقە ھۆججىتى ،ئىسپاتلاردا ھەقدارنىڭ ئىسمى خاتىرلەنمىگەن بولسا ،ئېلىم سېتىم توختامىدىكى بىر تەرەپ مۇشۇ ئىسپاتلارغا ئاساسەن ئېلىم سېتىم مۇناسىۋتىنىڭ مەۋجۇدلىكىنى  ئىسپاتلىسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ،بىراق يىتەرلىك قارشى دەلىل ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .

  2. دەۋالاشقۇچىلار سېتىۋىلىش خىتى ، زاكاز خىتى ،ئالدىن پۇتۇشۇش خىتى ،ئىپادە خىتى ،ئەسلەتمە قاتارلىق ئالدىن كېلىشىكەن توختاملاردا ،كەلگۇسى بىر ۋاقىت ئىچىدە سېتىۋىلىش سېتىش توختىمى تۇزۇشنى پۇتۇشسە ،بىر تەرەپ توختام تۇزۇش مەجبۇريىتنى ئادا قىلمىسا ،يەنە بىر تەرەپ ئالدىن كېلىشىش توختىمىغا خىلاپلىق قىلىش  مەسئۇليىتىنى ئۇستىگە ئىلىشنى  ياكى  توختامنى بىكار قىلىپ زىيان تۆلەشنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكمىسى قوللايدۇ.

  3. دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ساتقۇچى بىلەن مالنى   پۈتۈشكەن چاغدا شو  مالدا ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يۇق دەپ توختامنى ئىناۋەتسىز قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

  ساتقۇچى ئىگدارلىق ھوقۇقىغا ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان نىشان مالنىڭ ئىگىدالىق ھوقۇقىنى يۆتكەپ بىرەلمىسە ،سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىنى خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەشنى ۋە توختامنى ئىناۋەتسىزقىلىپ زىيان تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا ،سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

  4. خەلق سوت مەھكىمىسى توختام قانۇنىغا ئاساسەن  ئىلىكتۇرۇنلۇق سودا توختامىنىڭ كۇچىنى ۋە تۇزۇلىشىنى بىكىتكەندە ،يەنە ئىلىكتۇرۇنلۇق ئىمزا قانۇنىغا دائىر قائىدىلەرنىمۇ تەدبىقلىىشى كىرەك.

ئىككىنچىسى . نىشان مالنى تاپشۇرۇش ۋە ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشى .

5. تاپشۇرلىدىغان نىشان مال شەكىلسىز ئىلىكتۇرۇنلۇق ئۇچۇر بۇلۇپ تۇشۇش ھاجەتسىز بۇلسا  ، دەۋالاشقۇچىلار تاپشۇرۇش ئۇسۇلىدا كىلىشكىنى ئىنىق بولمىسا ،توختام قانۇنىنىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىپمۇ بىكىتكىلىمۇ بولمىسا ،سىتىۋالغۇچى تاپشۇرۋالغان ئىلىكتۇرۇنلۇق ئۇچۇر شەكىلدىكى تاۋارنى ۋە ھوقۇق ئىسپاتىنى تاپشۇرۋالغانلىقنى تاپشۇرۋالدى دەپ قارىسا بولىدۇ .

6.توختام قانۇنىنىڭ 162-ماددىسغا ئاساسەن ،سېتىۋالغۇچى ئارتۇق تاپشۇرۇلغان  نىشان  مالنى تاپشۇرۋىلىشنى رەت قىلسا ،ئارتۇق تاپشۇرغان نىشان  مالنى ۋاكالىتەن ساقلاپ قۇيۇش كىرەك.سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىدىن  ۋاكالىتەن ساقلىغان مۇۋاپىق خىراجەتنى بىرىشنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

سىتىۋالغۇچى ساتقۇچىدىن ئۇزى ساقلاپ بەرگەن مالنىڭ ساقلىغان مەزگىلدىكى ساتقۇچى  قەستەن كەلتۇرگەن ۋە ئىغىر سەۋەنلىك بىلەن كەلتۇرگەن زىينىنى  تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

7. توختام قانۇنىنىڭ 136-ماددىسدا كۆرسىتىلگەن«  نىشان نەرسە تالۇنى  باشقا مۇناسىۋەتلىك تالۇن ۋە  ماتىرياللار » ئاساسلىقى تۆۋەندىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : سوغۇرتا تالۇنى ،رىمۇنۇت تالۇنى ،ئادەتتىكى تالۇن ،قۇشۇلما قىممەت ئاممىباپ تالۇنى ،مەھسۇلات لاياقەتنامەسى ،سۇپەت كاپالەتنامەسى ،سۇپەت باھالاشنامەسى ،سوپەت تەكشۇرۇشنامىسى ، مالنىڭ چىگرىدىن كىرىش كارانتىن ئسپاتى ، ئەسلى مال ئىشلەنگەن جاي ئىسپاتى ،ئىشلىتىش چۇشەندۇرۇشى ، مال ساندۇق تالۇنى قاتارلىقلار.

8.ساتقۇچى قۇشۇلما قىممەت بىجى ئاممىباپ تالۇنى ۋە باج ھەققىگە توغىرلاش ئىسپاتىغا ئاساسەن نىشان مالنى تاپشۇرۇش مەجبۇريىتىنى ئاداقىلسا ،سىتۋالغۇچى ئىتىراپ قىلمىسا ،ساتقۇچى باشقا ئىسپاتلار بىلەن نىشان مالنى تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىسا بولىدۇ.

توختامدا پۇتۇشۇپ  ياكى دەۋالاشقۇچىلار ئادەت بۇيىنچە ئادەتتىكى تالۇننى پۇل تۆلەشنىڭ ئاساسى قىلىپ  ،سېتىۋالغۇچى ئادەتتىكى تالۇننى ئاساس قىلىپ پۇل تۆلەش مەجبۇريىتنى ئادا قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ، بىراق  يېتەرلىك قارشى ئىسپات بۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .

9.ساتقۇچى بىر ئادەتتىككى كۆچمە  مۇلۇككە قارىتا قارىتا كۆپ خىل سېتىش توختامى تۇزگەن بولسا ،سېتىش سېتىۋىلىش توختامىنىڭ ھەممىسىنىڭ  ئۇنۇمى بار ئەھۋال ئاستىدا ،سېتىۋالغۇچى توختامنى ئەمەلى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلسا تۆۋەندىكىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

(1) ئاۋال مالنى تاپشۇرۋالغۇچى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى بىكىتىىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

(2)  مال  تاپشۇرۇلمىغان  ئەھۋال ئاستىدا ،ئاۋال مال پۇلى تاپشۇرغۇچى ساتقۇچىدىن نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇشتەك توختامدىكى مەجبۇريىتنى ئادا قىلىشنى  تەلەپ قىلسا خەلق  سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

(3) ھەممىسى مال تاپشۇرۋالمىغان ،مال پۇلىنىمۇ  تاپشۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا ،ئەڭ ئاۋال توختام تۇزگۇچى مال ساتقۇچىدىن نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق  توختامدىكى  مەجبۇريەتلىرنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمسى قوللايدۇ .

10-ماددا ساتقۇچى ئوخشاش بىر پاراخۇت ،ئاۋىئاتسىيە قۇرالى ،ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى قاتارلىق ئالاھىدە كۆچمە مۇلۇكنى سىتىش ئۇچۇن كۆپ قىتىملىق توختام تۇزگەن بولسا ،توختامنىڭ ھەممىسى ئۇنۇملۇك بۇلغان ئەھۋال ئاستىدا ،سىتىۋالغۇچى توختامنى ئەمەلى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلسا ،تۆۋەندىكىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ :

(1) ئاۋال مال تاپشۇرۋالغۇچى مال ساتقۇچىدىن ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش تىزىملىتىش قاتارلىق  توختامدىكى   مەجبۇريەتلرىنى  ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا ، خەلق سوت مەھكىمسى قوللايدۇ.

(2)  مالنى تاپشۇرۋالمىغان ئەھۋالدا ، ئىگىدارلىق ھۇقۇقىنى يۆتكەش تىزىملاش ئىشىنى ئاۋال بىجىرگۇچى ، ساتقۇچىدىن نىشان مالنى تاپشۇرۇش قاتارلىق توختامدىكى مەجبۇريەتلىرنى  ئادا قىلىشنى  تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

(3) مالمۇ تاپشۇرۇلمىغان ،ئىگىدارلىق ھۇقۇقىنى يۆتكەش تىزىملاش ئىشىمۇ بىجىرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ،قانۇن بۇيىنچە ئەڭ ئاۋال سېتىۋىلىش  توختامى تۇزگۇچى ساتقۇچىدىن نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇشنى ،ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش تىزىملاش ئىشىنى بىجىرىش قاتارلىق  توختامدىكى مەجبۇريەتلىرىنى  ئادا قىلىشنى  تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.  

(4) ساتقۇچى نىشان نەرسىنى سېتىۋالغۇچى بىر تەرەپكە ئۆتكۇزۇپ بېرىپ  ،يەنە باشقا سېتىۋالغۇچىغا ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش تىزىملاش ئىشىنى بىجىرىپ بەرگەن بولسا ، ئاۋال نىشان نەرسىنى تاپشۇرۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ ئۇزىنىڭ نامىدا بۇلۇشىنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ .

ئۇچۇنچى . نىشان نەرسىنىڭ خەتىرىنى ئۇستىگە ئېلىش

11- ماددا توختام قانۇنىنىڭ 141-ماددا 2- تارماق 1- تۇرىدىكى «نىشان نەرسىنى تۇشۇشقا توغرا كەلسە » دىگەنلىك بولسا نىشان نەرسىنى  ساتقۇچى مەسئۇل بۇلۇپ تۇشۇشقا ھاۋالە قىلىدىغان ، تۇشۇغۇچى سېتىش سېتىۋىلىش توختامدىكى تەرەپلەردىن سىرىت ھالدا مۇستەققىل ئىلىپ بارىدىغان ئىشتۇر. نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇش ، يۇقاش خەتىرىنى ئۇستىگە ئېلىش توختام قانۇنىنىڭ 145-ماددىسدىكى قائىدە بۇيىنچە بولىدۇ .

12. ساتقۇچى توختامدا دىيىشكىنى بۇيىنچە نىشان نەرسىنى يۆتكەپ سىتىۋالغۇچى  دىگەن جايغا ئەكىلىپ تۇشۇغۇچىغا تاپشۇرغاندىن كىيىن ، نىشان مالنىڭ يۇقاپ كىتىش ،بۇزۇلۇپ كىتىش خەۋپىنى سىتىۋالغۇچى ئۇستىگە ئالىدۇ ، تەرەپلەر ئايرىم پۇتۇشكەنلىرى بولسا بۇنىڭ سىرتىدا .

13.ساتقۇچى يۆتكەپ تۇشۇلىۋاتقان نىشان مالنىڭ ،توختام ئىمزالانغان چاغدا بۇزۇلغانلىقىنى، يۇقىغانلىقىنى بىلىپ ھەم بىلىشكە تىگىشلىك تۇرۇپ سېتېۋالغۇچىغا دىمىسە،سىتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ يۇقاش ،بۇزۇلۇش خەۋپىنى ساتقۇچىنى ئۇستىگە ئىلىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

14. تەرەپلەر خەۋىپنى ئۇستىگە ئېلىش ھەققىدە ئىنىق پۇتۇشمىسە ، نىشان نەرسىنىڭ تۇرى ئۇخشاش بولمىسا، ساتقۇچى قاچىلاپ تۇشۇش تالۇنى  ،بەلگە تامغىسى ،ئۇقتۇرۇش قاتارلىق پەرىقلەندۇرگىلى بولىدىغان ئىنىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نىشان نەرسىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدا كۇرسەتمىگەن ئەھۋالدا ،سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇش يۇقاش خەۋپىنى ئۇستىگە ئالمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ .

تۆتىنچىسى .نىشان نەرسىنى تەكشۇرۇش

15-ماددا تەرەپلەر نىشان نەرسىنى تەكشۇرۇش ۋاقتى ھەققىدە كىلىشمىگەن بولسا ،سىتىۋالغۇچى ئىمزا قويغان مال يەتكۇزۇش قەغىزى ، بىكىتىش قەغىزى  قاتارلىقلاردىكى  نىشان نەرسىنىڭ سانى ،تىپ نۇمۇرى ، ئۆلچىمىگە ئاساسەن  خەلق سوت مەھكىمسى توختام قانۇنىنىڭ 157-ماددىسدىكى بەلگىلىمىلەر بۇيىنچە ، سىتىۋالغۇچى سان ۋە سىرىتقى نۇقسانغا قارىتا تەكشۇرۇش ئىلىپ بارغان دەپ بىكىتىدۇ ،بىراق بۇنىڭغا قارشى يىتەرلىك دەلىل ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .

16-ماددا ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىنچە ئۇچۇنچى تەرەپكە نىشان نەرسىنى تاپشۇرغاندا ،ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرسىدا پۇتۇشكەن تەكشۇرۇش ئۆلچىمى، سېتېۋالغۇچى بىلەن ئۇچۇنچى تەرەپ ئوتتۇرسىدا پۇتۇشۇلگەن تەكشۇرۇش ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش بولمىسا ،خەلق سوت مەھكىمسى توختام قانۇنىنىڭ 64-ماددىسغا ئاساسەن ،ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئۇتتۇرسىدىكى تەكشۇرۇش ئۆلچىمىنى تەكشۇرۇش ئۆلچىمى دەپ قارايدۇ .

17-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى توختام قانۇنىنىڭ 158-ماددىسدىكى 2-تارمىقىدىكى «مۇۋاپىق ۋاقىت» نى ئەمەلى بىكىتىشتە تەرەپلەر ئوتتورسىدىكى سودا خاراكتىرى ،سودا مەقسىتى ،سودا ئۇسۇلى ،سودا ئادىتى ،نىشان نەرسىنىڭ تۇرى ،سانى ،خاراكتىرى ،ئۇرۇنلاشتۇرلۇشى ۋە ئەھۋالى ،نۇقسان كۇرۇنىشى ،سىتىۋالغۇچىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدىكى دىققەت قىلىش مەسئۇليىتى ،تەكشۇرۇش ئۇسۇلى ۋە قىيىن ئاسانلىق دەرىجىسى ،سېتىۋالغۇچى ۋە تەكشۇرگۇچى  تۇرغان ئەمەلى مۇھىت ، ئۆزىگە خاس ئىقتىدارى ۋە باشقا ئامىللارغا قاراپ  سەمىمى ئىشەنىچلىك بۇلۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھۆكۇم قىلىش كىرەك.

توختام قانۇنىنىڭ 158-ماددا 2-تارمىقىدا كۆرسىتىگەن « ئىككى يىل» بولسا ئەڭ ئوزۇن بولغان مۇۋاپىق ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ ،بۇ ئۆزگەرمەس ۋاقىت بۇلۇپ دەۋا سۇرۇگى  ۋاقتىنىڭ ئۇزۇلۇپ قىلىشغا ،توختاپ قىلىشىغا ،ئۇزارتىلىشىغا تەدبىقلانمايدۇ .

18-ماددا پۈتۈشكەن تەكشۇرۇش ۋاقتى بەك  قىسقا بۇلۇپ ،نىشان نەرسىنىڭ خاراكتىرى ۋە سودا ئادىتىگە ئاساسلانغاندا ،سىتىۋالغۇچىنىڭ تەكشۇرۇش مەزگىلىدە پۇتۇنلەي تەكشۇرۇش قىيىن بولسا ،خەلق سوت مەھكىمسى  سىتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ سىرىتقى قىسمدىكى نۇقسانغا قارىتا پىكىر بىلدۇرگەن ۋاقتىقىچە تەكشۇرۇش ۋاقتى بولىدۇ ھەم بۇ ئىزاھاتنىڭ 17-ماددا 1-تارمىقىغا ئاساسەن سېتىۋالغۇچىدىن  نىشان نەرسىنىڭ نۇقسانىنى يۇشۇرۇلغانلىقى  ئۇچۇن پىكىر بىلدۇرۇش  ۋاقتى بىكىتىلىدۇ.

پۈتۈشكەن تەكشۇرۇش ۋاقتى ۋە سۇپەت كاپالەت ۋاقتى قانۇن ، مەمۇرى نىزاملاردا كۆرسىتىلگەن تەكشۇرۇش ۋاقتىدىن ۋە سۇپەت كاپالەت مۇددىتىدىن قىسقا بۇلۇپ قالسا ، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن مەمۇرى نىزاملاردا بىكىتلىگەن ۋاقتىنى ۋە سۇپەت كاپالەت مۇددىتىنى ئاساس قىلىدۇ .

19-ماددا سىتىۋالغۇچى مۇۋاپىق ۋاقىتتا پىكىرنى بىلدۇرگەندىن كىيىن ،ساتقۇچى سىتىۋالغۇچى  ئاللابۇرۇن مال پۇلىنى بىرىپ بۇلغان ، قەرىزدارلىق سوممىسنى بىكىتىپ بولغان،نىشان نەرسىنى ئىشلەتكەن دىگەندەك  سەۋەپلەر بىلەن سېتىۋالغۇچى پىكىرىدىن ۋاز كىچىش كىرەك دەپ قارىسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ ،ئەمما تەرەپلەر ئوتتۇسىدا باشقىچە پۈتۈم بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .

20-ماددا توختام قانۇنىنىڭ 158-ماددىسدا كۆرسىتىلگەن تەكشۇرۇش ۋاقتى ،مۇۋاپىق ۋاقىت ، ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ،سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ سانى ۋە سۇپۇتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

ساتقۇچى ئىختىيارلىق بىلەن خىلاپلىق جاۋاپكارلىقنى ئۇستىگە ئېلىپ بۇلۇپ ،يەنە يۇقۇردا دىيىلگەن ۋاقىت ئۆتۇپ كىتىپتۇ دەپ پۇشايمان قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ .

بەشىنچى ،خىلاپلىق جاۋاپكارلىقى

21-ماددا سېتىۋالغۇچى پۈتۈمگە ئاساسەن بىر قىسىم مال پۇلىنى تۇتۇپ قىلىپ سوپەت كاپالىتى قىلغاندىن كىيىن ،ساتقۇچى سۇپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە سۇپەت مەسىلىسىنى ھەل قىلماي نىشان مالنىڭ قىممىتىگە ۋە ئىشلىتىلىش ئۇنۇمىگە تەسىر يەتكۇزۇپ يەنە ،ساتقۇچىدىن  تۇتۇپ قىلىنغان بىر قىسىم مال پۇلىنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ .

22-ماددا سېتىۋالغۇچى  تەكشۇرۇش مەزگىلىدە ، سۇپەت كاپالەت مۇددىتىدە ،مۇۋاپىق ۋاقىتتا سۇپەت پىكرىنى ئۇتتۇرغا قۇيسا ،ساتقۇچى تەلەپ بۇيىنچە رىمۇنۇت قىلماي  ۋە ئەھۋال جىددى بۇلۇپ سېتېۋالغۇچى  ئۇچۇنچى تەرەپكە نىشان مالنى رىمۇنۇت قىلدۇرغاندىن كىيىن بۇ ئىش سەۋەپلىك پەيدا بولغان مۇۋاپىق ھەقنى سېتېۋالغۇچى  ساتقۇچىدىن تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللاش كىرەك .

23-ماددا نىشان نەرسىنىڭ سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەي ،سېتىۋالغۇچى توختام قانۇنىنىڭ 111-ماددىسغا ئاساسەن نىشان نەرسە پۇلىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.تەرەپلەر پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلگەن نىشان نەرسە بىلەن ئەمەلى تاپشۇرغان نىشان نەرسىنىڭ تاپشۇرغان ۋاقىتتىكى بازار باھاسىدىكى پەرىقنى  ھىساپلاشنى   تەشەببۇس قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ .

باھا پۇلىنى ئاللا بۇرۇن تاپشۇرۇپ بولغان بولسا ،سېتۋالغۇچى مال باھاسىدىكى پەرىقتىن كىلىپ چىققان پۇلنى  قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

24-ماددا سېتىش سېتىۋىلىش توختامىنىڭ پۇل تۆلەش ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىشى تەرەپلەرنىڭ پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەي خىلاپلىق قىلىشى ھەققىدىكى پۈتۈمىگە تەسر كۆرسەتمەيدۇ،ئەمما بۇ خىلاپلىق قىلىشنى ھىساپلاشنى باشلاش نۇقتىسىمۇ بىللە ئۆزگىرىشى كىرەك.

سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدا ۋاقتىدا پۇلنى بەرمەي خىلاپلىق قىلىشنى پۇتۇشۇپ،   سېتىۋالغۇچى ساتقۇچى مال پۇلىنى ئالغاندا ۋاقتىدا پۇلنى بەرمەي خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى ئىلىشنى تەلەپ قىلمىدى دىگەن سەۋەپ بىلەن ،ۋاقتىدا پۇلنى بەرمەي خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى بەرمىسە خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.  

سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدا ۋاقتىدا پۇلنى بەرمەي، خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى پۇتۇشسە ،ئەمما ھىساپ سىلىشتۇرۇش تالۇنى ،پۇل قايتۇرۇش كىلىشمى قاتارلىقلار ۋاقتىدا پۇلنى بەرمەي خىلاپلىق قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا ،ساتقۇچى ھىساپ سىلىشتۇرۇش تالۇنى ، پۇل قايتۇرۇش كىلىشىمى قاتارلىقلار ئارقىلىق سېتىۋالغۇچىدىن  قەرىز بولغان ۋاقىتتىكى  ۋاقتىدا پۇلنى بەرمەي خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى پۇتۇمگە ئاساسەن  تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ ، ئەمما ھىساپ سىلىشتۇرۇش تالۇنى ،پۇل قايتۇرۇش كىلىشىمى قاتارلىقلاردا پۇلنىىڭ دىرى ، پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق ئۇسۇمى ئىنىق بار بولسا ۋە ئاللا بۇرۇن ئۆزگەرتىلگەن سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدا دىرى ، ئۇسۇم قاتارلىق مەزمۇنلار بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .

سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدا ۋاقتىدا پۇلنى بەرمەي خىلاپلىق قىلىش  ھەققىدە پۇتۇشمىگەن بولسا ياكى خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى ھىساپلاش ئۇسۇلى ھەققىدە پۇتۇشمىگەن بولسا ،ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنىڭ خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئاساس قىلىپ ۋاقتىدا پۇلنى بەرمەسلىكتىن كىلىپ چىققان زىياننى تەلەپ قىلسسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى جۇڭگۇ خەلق بانكىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوخشاش تۇردىكى خەلق پۇلنىڭ قەرىز ئۇسۇم نىسپىتى ، ۋاقتىدا تاپشۇرماسلىق جەرىمانە ئۇسۇم نىسپىتى بۇيىنچە ھىساپلايدۇ .

25-ماددا ساتقۇچىنىڭ بىرىش مەجبۇريىتنى ئادا قىلماسلىقى ياكى مۇۋاپىق ئادا قىلماسلىقى تۇپەيلى ،سېتىۋالغۇچى توختام مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، سېتۋالغۇچى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى توختام قانۇنىنىڭ 94-ماددىسى 4- تارمىقىغا ئاساسەن قوللايدۇ.

26-ماددا سېتېش سېتىۋىلىش توختامى خىلاپلىق قىلىش تۇپەيلى بىكار قىلنغاندىن كىيىن ،توختامغا خىلاپلىق قىلمىغۇچى خىلاپلىق قىلىش ماددىللىرنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ، بىراق پۇتۇشكەن خىلاپلىق قىلىش ھەققى كىلىپ چىققان زىياندىن يۇقۇرى بولسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى توختام قانۇنىنىڭ 114-ماددىسى 2-تارمىقىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ .

27-ماددا سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدىكى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى خىلاپلىق قىلىش سەۋەبى بىلەن توختامغا خىلاپلىق قىىلىش پۇلى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا ،يەنە بىر تەرەپ توختام ۋۇجۇدقا كەلمىدى ،توختام كۇچكە ئىگە بولمىدى ياكى خىلاپلىق قىلىش شەكىللەنمەيدۇ دىگەن سەۋەپلەر بىلەن كەچۇرۇم قىلىنىشى كىرەكلىگى ھەققىدە رەددىيە بىرىپ ،يۇقۇرى بۇلغان خىلاپلىق قىلىش ھەققىنى تەڭشەشنى تەشەببۇس قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى كەچۇرۇم قىلىش تەشەببۇسىنى قوللاش قوللىماسلىقنى بىر تەرەپ قىلىشتىن بۇرۇن   ،تەرەپلەرنىڭ خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تەڭشەشنى تەشەببۇس قىلسا بولامدۇ يۇق شۇنىڭغا قارىتا  چۇشەنچە بىرىشى كىرەك .

بىرىنچى خەلق سوت مەھكىمىسى كەچۇرۇم قىلىش ھەققىدىكى رەددىيە كۇچكە ئىگە دەپ قارىسا ئەمما  چۇشەنچە بەرمىسە ،ئىككىنچى سوت مەھكىمىسى ھۆكۇم بىلەن خىلاپلىق قىلىش ھەققىنى قوللىماقچى بولسا بىۋاستە ھۆكۇمنى ئۆزگەرتىپ چۇشەنچە بىرىشى كىرەك .

28-ماددا سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدىكى خىلاپلىق قىلىش ھەققى بىر تەرەپ خىلاپلىق قىلغاندا كىلىپ چىققان زىياننى تولدۇرۇشقا يەتمىسە ، قارشى تەرەپ خىلاپلىق قىلىش ھەققىدىن ئىشىپ كەتكەن زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا  خەلق سۇت مەھكىمىسى قۇشۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ، ئەمما خىلاپلىق قىلىش ھەققى ۋە زىياننى قۇشقاندا خىلاپلىق قىلىش كەلتۇرۇپ چىقارغان زىياندىن ئىشىپ كەتمەسلىگى كىرەك .

29-ماددا سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدىكى بىر تەرەپ خىلاپلىق قىلىپ قارشى  تەرەپكە زىيان كەلتۇرگەندە ، قارشى تەرەپ ئىرىشمەكچى بۇلغان زىياننى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرەپلەرنىڭ تەشەببۇسىغا ، توختام قانۇنىنىڭ 113-ماددىسىغا ،119-ماددىسىغا ، مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 30-ماددىسىغا ، 31-ماددىسىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ .

30-ماددا سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدىكى بىر تەرەپ خىلاپلىق قىلىپ زىيان كەلتۇرۇسە ، بۇ زىياننىڭ كىلىپ چىقىشىدا قارشى تەرەپنىڭمۇ سەۋەنلىگى بولسا ، خىلاپلىق قىلغۇچى  زىيان تۆلىمىدىن مەلۇم قىسىمنى چىقىرۋىتىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

31-ماددا سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدىكى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ خىلاپلىق قىلىسا پايدىغا  ئىرىشىدىغان بۇلۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچى زىيان تۆلىمى ئىچىدىن مۇشۇ پايدىنى  چىقىرۋىتىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

32-ماددا توختامدا نىشان نەرسىنىڭ نۇقسانى تۇغرىسدا ساتقۇچىنىڭ كىپىللىك مەسئۇليىتىنى   ئازايتىش ، كەچۇرۇم قىلىش ھەققىدە پۇتۇم ماددىللىرى بولسا ،بىراق ساتقۇچى قەستەن ياكى زۇر سەۋەنلىك بىلەن سېتىۋالغۇچىغا نىشان نەرسە  نۇقساننى ئۇقتۇرماي توختام پۇتۇمىگە ئاساسەن نەرسە نۇقسانىغا بۇلغان كىپىللىك مەسئۇليىتىنى  يىنىكلىتىش ياكى كەچۇرۇم قىلىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

33-ماددا سېتىۋالغۇچى پۇتۇشكەن چاغدا نىشان نەرسىنىڭ سۇپىتىدە نۇقسانى بارلىقنى بىلسە ياكى بىلىشكە تىگىشلىك بولۇپ تۇرۇپ ،ساتقۇچىدىن نىشان نەرسىنىڭ نۇقسان كىپىللىك مەسئۇليىتىنى ئۇستىگە ئىلىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ، ئەمما سېتىۋالغۇچى پۇتۇشكەن چاغدا بۇ نۇقساننىڭ نىشان مالىنىڭ ئاساسلىق ئىشلتىش ئۇنۇمىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى بۇنىڭ سىرتىدا .

ئالتىنچىسى . ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قالدۇرۇپ قۇيۇش

34-ماددا سېتېش سېتىۋىلىش توختامىدىكى تەرەپلەر توختام قانۇنىنىڭ 134-ماددىسدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قالدۇرۇپ قۇيۇشنى مۇقىم مۇلۇككە تەدبىقلىسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ .

35-ماددا تەرەپلەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قالدۇرۇپ قۇيۇشنى پۇتۇشۇپ، نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكىلىشتىن بۇرۇن، سېىتۋالغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بولۇپ ساتقۇچىغا زىيان كەلتۇرسە  ، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ .

(1) پۇتۇمگە ئاساسەن مال پۇلىنى بەرمىسە

(2) پۇتۇمگە ئاساسەن ئالاھىدە شەرىتنى ئۇرۇنداپ بۇلمىغان  بۇلسا

(3) نىشان نەرسە سىتىلغان بۇلسا،گۇرۇگە قۇيۇلغان بۇلسا ۋە مۇۋاپىق بولمىغان ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلغان بولسا

قايتۇرۋىلىنغان نىشان نەرسىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن بۇلسا ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىدىن زىيان تۆلەشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

36-ماددا سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسنىڭ مال پۇلىنىڭ %75 دىن يۇقۇرى قىسمىنى  تۆلەپ بولغان  بولسا ساتقۇچى مالنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ .

  بۇ ئىزاھاتنىڭ 35-ماددا 1- تارماق (3) دىكى ئەھۋال ئاستىدا ئۇچۇنچى كىشى مۇلۇك ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 106-ماددىسغا ئاساسەن نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا  ياخشى نىيەت بىلەن ئىرىشكەن بولسا ياكى باشقا ھوقۇقىغا ئىرىشكەن بولسا ، ساتقۇچى نىشان مالنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ .

  37-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى قايتۇرۋالغاندىن كىيىن، سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ پۇتۇشكەن ياكى ساتقۇچى بىكتىكەن رەنىدىن قايتۇرۋىلىش مۇددىتى ئىچىدە ، ساتقۇچى قايتۇرۋالغان  نىشان نەرسىنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكىنى سەۋەپ قىلىپ، رەنىدىن قايتۇرۋىلىش نىشان قىلىنغان مالنى قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ .

  سېتىۋالغۇچى رەنىدىن قايتۇرۋىلىش ئىچىدە رەنىدىن قايتۇرۋالمىسا ،ساتقۇچى بۇ مالنى قايتا ساتسا بولىدۇ .

ساتقۇچى نىشان مالنى ئايرىم ساتماقچى بولسا سېتىپ ئىرىشكەن پۇلدىن بىر قىتىمدىلا ئاۋال  ساقلاش ھەققىنى ، قايتا سىېتىش ھەققىنى ، ئۇسۇم ،تۇلۇق تاپشۇرمىغان مال پۇلىنى ئاندىن يەنە ئىشىپ قالسا سېتىۋالغۇچىغا قايتۇرىشى كىرەك،ئەگەر يەتمىسە ساتقۇچى ئەسلى سىتىۋالغۇچىدىن تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ ،بىراق ئەسلى سېتىۋالغۇچى ساتقۇچى ئايرىم ساتقان باھا بازار باھاسىدىن روشەن ھالدا تۆۋەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .

  يەتتىنچى . ئالاھىدە سودا

38-ماددا توختام قانۇنىنىڭ 167-ماددىسى 1-تارمىقىدا كۇرسىتىلگەن « مۇددەتكە بۆلۇپ پۇل تاپشۇرۇش »بولسا سېتىۋالغۇچى ئۇمۇمى پۇلنى مەلۇم مۇددەتتە ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇچكە بۆلۇپ ساتقۇچىغا تۆلەشنى كۆرسىتىدۇ .

  مۇددەتكە بۆلۇپ پۇل تاپشۇرۇپ سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدىكى پۇتۇم  توختام قانۇنىنىڭ 167-ماددىسى 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بۇلۇپ سېتىۋالغۇچىنىڭ مەنپەتىگە زىيان يىتىپ سېتىۋالغۇچى بۇ پۇتۇمنى ئىناۋەتسىز دەپ تەشەببۇس قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ .

  39-ماددا مۇددەتكە بۆلۇپ پۇل تاپشۇرۇش سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدا توختام بىكار قىلىنغاندا، ساتقۇچى ئاۋال ئالغان باھا پۇلىنى تۇتۇپ قالسا  ، ساتقۇچى تۇتۇپ قالغان ھەق نىشان نەرسىنى ئىشلتىش ھەققىدىن ياكى نىشان نەرسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش زىيىنىدىن ئشىپ كەتسە ، سېتىۋالغۇچى ئىشىپ كەتكەن قىسمىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

تەرەپلەر نىشان نەرسىنىڭ ئىشلىتىش ھەققى ھەققىدە پۇتۇشمىگەن بولسا خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ يەردىكى ئوخشاش نىشان نەرسىنىڭ ئىجارە ھەققى ئۆلچىمىدىن پايدىلنىپ بىكىتسە بولىدۇ .

  40-ماددا توختامدا پۇتۇشكەن ئەۋرىشكە سۇپىتى ۋە خەت چۇشەندۇرىشى ئۇخشاش بولماي ماجرا كۇرۇلۇپ تەرەپلەر بىرلىككە كىلەلمىسە ،ئەۋرىشكىنى پىچەتلىگەندىن كىيىن سىرىتقى قىسمى ۋە مەھسۇلات ئىچكى قىسمى زىيانغا ئۇچرىمىغان مەھسۇلاتنى  خەلق سوت مەھكىمىسى مەھسولات ئەۋرىشكىسى دە پ بىكتىدۇ.سىرىتقى قىسمى ۋە ئىچكى قىسمى زەخمىلەنگەن بولۇپ ياكى تەرەپلەرمالنىڭ ئۆزگەرگەن ئۆزگەرمىگەنلىكى ھەققىدە تالاش قىلىپ قىلىپ ئىنىقلاش مۇمكىن بولمىسا ، خەلق سوت مەھكىمىسى يىزىق چۇشەندۇرشىنى ئۆلچەم قىلىپ بىكىتىدۇ .

  41-ماددا سىناپ ئىشلتىدىغان توختامدىكى سېتىۋالغۇچى سىناپ ئىشلتىش مۇددىتى ئىچىدە بىر قىسىم مال پۇلىنى بىرىپ بولغان بولسا خەلق سوت مەھكىمسى سېتىۋالغۇچى سېتىۋىلىشقا قۇشۇلدى دەپ قارايدۇ ،بىراق توختامدا ئايرىم پۇتۇشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .

سىناپ ئىشلتىش مۇددىتى ئىچىدە سېتىۋالغۇچى نىشان مالغا قارىتا  سىتىش ، ئىجارە بىرىش ، كىپىللىك ھوقۇقى قاتارلىق سىناپ ئىشلتىشتىن باشقا ئىشلارنى ئىلىپ بارسا ، خەلق سوت مەھكىمسى سېتىۋالغۇچى سېتىۋىلىشقا قۇشۇلغان  دەپ قارايدۇ .  

42-ماددا  سېتىش سېتىۋىلىش توختىمىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا سىناپ ئىشلتىش سېتىش سېتىۋىلىش دەپ قارالمايدۇ . سېتىۋالغۇچى سىناپ ئىشلىتىش سېتىش سېتىۋىلىش توختامى دەپ تەشەببۇس قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ .

(1) نىشان مال سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن ياكى تەكشۇرۇپ مۇۋاپىق تەلەپكە يەتكەندىن كىيىن سېتىۋالغۇچى نىشان مالنى سېتىۋىلىشقا پۇتۇشكەن بولسا  

(2) ئۇچۇنچى كىشى بۇ نىشان مالنى تەكشۇرۇپ ئىتراپ قىلغاندىن كىيىن سېتىۋالغۇچى بۇ مالنى سىتىۋىلىشقا پۇتۇشكەن بولسا

(3) مەلۇم مۇددەت ئىچىدە سېتىۋالغۇچى نىشان مالنى ئالماشتۇرشنى پۇتۇشكەن بولسا

  (4)  مەلۇم مۇددەت ئىچىدە سېتىۋالغۇچى نىشان مالنى  قايتۇرۇشنى پۇتۇشكەن بولسا

  43-ماددا سىناپ ئىشلىتىش سېتىش سېتىۋىلىش توختامىدا ئىشلىتىش ھەققىنى پۇتۇشمىگەن ۋە پۇتۇشۇشى ئىنىق بولمىغان بولمىغان چاغدا ، ساتقۇچى ئىشلتىش ھەققى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ .

   سەككىزىنچى . باشقا مەسىللەر

44-ماددا ساتقۇچى تاپشۇرۇش مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىپ بۇلۇپ سېتىۋالغۇچىدىن مال پۇلى تەلەپ قىلىپ ئەرىز قىلسا ، سېتىۋالغۇچى توختامغا خىلاپلىق قىلدى دىگەننى ئاساس قىلىپ پىكىر بىلدۇرسە خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكچە بىر تەرەپ قىلىدۇ :

( 1) سېتىۋالغۇچى خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تۆلەشنى ، زىيان تۆلەشنى رەت قىلسا  ۋە ساتقۇچىنىڭ  چۇقۇم مال پۇلىنى ئازايتىش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرنى قوللىنىشى كىرەكلىگىنى تەشەببۇس قىلسا رەددىيە پىكرىنى ئۇتتۇرغا قۇيدى دەپ قارىلىدۇ .

(2) سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىدىن  خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەشنى  ،زىيان تۆلەشنى ۋە توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرشنى تەلەپ قىلسا چۇقۇم قارشى ئەرىز قىلىشى كىرەك .

45-ماددا قانۇن ۋە مەمۇى قائىدىلەردە ھەقدارلىق، ئۇتۇنۇپ بىرىش ، پاي ھوقۇقى ئۇتۇنۇپ بىرىش قاتارلىق ھوقۇق ئۇتۇنۇپ بىرىش توختاملىرغا قارىتا قائىدە بولسا شۇ بۇيىنچە بۇلىدۇ . قائىدە بولمىسا خەلق سوت مەھكىمىسى توختام قانۇنىنىڭ 124-ماددىسى ، 174- ماددىللىرغا ئاساسەن ئېلىم سېتىم توختامىنىڭ ئالاقىدار قائىدىللىردىن پايدىلىنىدۇ.

ھوقۇق ئۇتۇنۇپ بىرىش ۋە باشقا ھەقىلىق توختاملار، سېتىش سېتىۋىلىش توختاملىرىدا سىتىش سىتىۋىلىش توختاملىردىن پايدىلنىلغان بولسا ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئاۋال توختام قانۇنىنىڭ 174-ماددىسدىكى بەلگىلىمىنى ئىشلىتىدۇ ، ئاندىن ئېلىم سېتىم تۇختامىغا ئائىت باشقا قائىدىلەرنى ئىشلىتىدۇ.

46-ماددا بۇ ئىزاھات يۇلغان قۇيۇلغاندىن كىيىن مەھكىمىمىز ئىلگىرى يولغا قۇيغان سېتىش سېتىۋىلىش توختامىغا ئائىت نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى  ھەقلىق ھالدا ئۇتۇنۇپ بىرىشكە ئائىت قائىدىلەر ،بۇ ئىزاھات بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قالسا بۇ قائىدە يولغا قۇيۇلغان كۇندىن باشلاپ بۇ قائىدە ئاساس قىلىنىدۇ .

   بۇ قائىدە يۇلغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئاخرىقى سوت ھۆكۇمى چىقمىغان ئېلىم سېتىم توختامى ماجرا دىلۇلىرىغا بو ئىزاھات ئاساس قىلىنىدۇ ،بۇ ئىزاھات يولغا قۇيۇلۇشتىن بۇرۇن ئاخىرقى سوت ھۆكۇمى چىققان تەرەپلەر قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە تەكشۇرۇپ نازارەت قىلىش ئۇسۇلى بۇيىنچە سوت قىلىنىدىغان دىلۇلارغا بۇ ئىزاھات تەدبىقلانمايدۇ.


  ئىزاھات :بۇنى ئۆزەم تەرجىمە قىلدىم ،كەڭ تورداشلارنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.تەرجىمە خاتالىقى سەۋەپلىك كىلىپ چىققان خاتا چۈشەنچىگە ئۆزىڭىز ئىگە بۇلۇسىز.

قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن  تىرىشايلى .
بەختىيار ئادۇۋكات

مەسلىھەت بېرىش تۇرلىرى : نىكاھ ،جىنايى ئىشلار ،قەرىز ئىشلرى ،قاتناش ۋەقەلىرى،توختام ماجرالىرى قاتارلىق تۈرلۈك قانۇنى ئىشلار .

24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى: ،18299819854
   

توردا مەسلھەت بىرىلمەيدۇ .



بەزى تورداشلار قايتا قايتا ئەسكەرتىشكە قارىماي تۇردا مەسلىھەت سورىماقتا .ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىم ھازىرچە تۇردا مەسلىھەت بىرىلمەيدۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 05:45 PM  


شاھزادە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6774
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:33:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى قانۇن ئىزاھاتلار نى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ يوللىشىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن .،قانۇنچىلىق ئىشلىرنى راۋاجلاندۇرۇپ ياخشى ئىناق بۇلغان جەمىيەت بەرپا قىلايلى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3458
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 26862
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5049 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، بۇنىمۇ ساقلاپ قوياي ، لازىمى بولۇپ قالار ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزدىن بىر مەسىلىنى سورىسام بولامدۇ ؟
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ نىكاھ قانۇنىدا توي قىلىش خېتى ئالماي تۇرۇپ توي قىلىپ ، كىلىپ چىققان ماجرا ياكى دەۋا ئىشلىرى قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ ؟

مومكىن بولسا مۇشۇ توغرىسىدىكى قانۇن نىزام ۋە تەپسىلاتلار بولسا تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز ، نەخ مەيداندا جاۋاپ بەرسىڭىز تېخى ياخشى !

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1611
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7746
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:53:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ساتقۇچى ئىگدارلىق ھوقۇقىغا ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان نىشان مالنىڭ ئىگىدالىق ھوقۇقىنى يۆتكەپ بىرەلمىسە ،سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىنى خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەشنى ۋە توختامنى ئىناۋەتسىزقىلىپ زىيان تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا ،سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ
    بۇ تەرە]لىرى بولدىكە.


ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

ھەممىڭلارغا تىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11092
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7323 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قانۇنغۇ ناھايىتى كۇڭەلدىكىدەك ئىكەن .  شۇ ئىجىرا قىلغۇچىلارمۇ  مۇشۇ قانۇنلاردەك  بولغان بولسا .

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54387
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2011-9-2
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 04:01:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۇلۇغ اللە دىننى سۇيۇدىغان.ئاتا-ئانالىرمىزگە رەھمەت قىلغىن!!!ئۇلانى كوپەيتىپ بەرگىن !!!ئۇلانىڭ دىن يولىدا مۇستەككام قىلغىن ئەۋلاتلىرىنى ئىسلام بىلەن تەربىلىگىلى نىسىب قىلغىن!!!ئۇلانى كوپەيتىپ بەرگىن!!!گۇناھىمىزنى كەچۇر گىن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1035 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 04:03:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادۇكات ئەپەندىم ،سىز ناھايىتى پايدىلىق تىمىلارنى يوللاپتۇرىسىز .ئەجىرىڭىزگە رەھمەت ! مۇشۇ ياغلىق چىگىش  قاتارلىق ئىشلارنى.............................................

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3686
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 04:28:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن قانۇن بولغان بولسا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13013
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6373 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 10:11:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يېڭى ئەدلىيىلىك ئىزاھاتنى تەرجىمە قىلىپ يوللىغان ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

ئىزاھاتنىڭ 3-ماددىسىنىڭ تەرجىمىسىدە 解除合同 توختامنى ئىناۋەتسىز قىلىپ دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قاپتۇ. مۇمكىن بولسا تۈزىتىپ قويارسىز.
解除合同 توختامنى بىكار قىلىش، توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. ئىناۋەتلىك توختام بولسا ئاندىن解除合同 قىلىشقا بولىدۇ، توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر توختام ئىناۋەتسىز بولسا解除合同 مەسىلىسى ۋە توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ.

ئەسلىسى:
第三条当事人一方以出卖人在缔约时对标的物没有所有权或者处分权为由主张合同无效的,人民法院不予支持。
出卖人因未取得所有权或者处分权致使标的物所有权不能转移,买受人要求出卖人承担违约责任或者要求解除合同并主张损害赔偿的,人民法院应予支持。


توغرىراق تەرجىمىسى:
3-ماددا دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ساتقۇچى توختام تۈزگەندە نىشاندىكى مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوق دېگەن ئاساس بىلەن توختام ئىناۋەتسىز دەپ تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.
ساتقۇچى ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن نىشاندىكى مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش مۇمكىن بولمىسا، سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىدىن توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللاش كېرەك.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13013
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6373 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 10:25:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 10:11 PM
بۇ يېڭى ئەدلىيىلىك ئىزاھاتنى تەرجىمە قىلىپ يوللىغان ئ ...

بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە ئىلگىرىكى قاراشلار بىلەن پەرق قىلىدۇ. بۇندىن بۇرۇنقى قارىشىمىزدا مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشى شۇ مۈلۈكنى سېىتىۋەتسە، بۇنداق توختام ئىناۋەتسىز دەپ قارىلاتتى. بۇ ئىزاھاتنىڭ 3-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، ساتقۇچى توختام تۈزگەندە نىشاندىكى مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوق تۇرۇپ سېتىۋەتكەن بولسا، بۇنداق توختامنى ئىناۋەتسىز دەپ تەشەببۇس قىلسا،  سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. دېمەك بۇنداق توختام ئىناۋەتلىك توختام بولىدۇ. ساتقۇچى ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن نىشاندىكى مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش مۇمكىن بولمىسا، سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىدىن توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 3-ماددىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە يەنى مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن ساتقۇچىدىن  توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقى شۇ خىل توختامنىڭ ئىناۋەتلىك توختام بولىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى  توختام ئىناۋەتلىك بولسا ئاندىن توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغىلى بولىدۇ. يەنى  توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى توختام ئىناۋەتلىك بولۇشى كېرەك. ئىناۋەتسىز توختامدا  توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش