مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3691|ئىنكاس: 22

رامىزان ئايلىرىدىكى مۇھىم ئەمەللەر.!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13708
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1976 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:06:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزان ئېيى پۈتۈن ئايلاردىن ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك بولغان بىر ئايدۇر. رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرگە باشقا ۋاقىتلاردا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىن ئەلۋەتتە كۆپ ساۋاب يېزىلىدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت.  رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، خۇسۇسەن ئاياللار ئۈچۈن بىر مول ھوسۇل ۋاقتى بولۇپ، ئاياللار  ئەگەر بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلىپ، قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئادا قىلسا ئەرلەردىن  ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋاب قازىنىدۇ. بۇ مۇنداق: ئايال كىشىمۇ خۇددى ئەر كىشىگە ئوخشاشلا ئىسلام پەرزلىرىنى ۋە نەپلە ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئېرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تائەت - ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشىغا شەرت شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. مۇندىن باشقا جامائەتنى ئىپتارغا چاقىرىش ئىشلىرىدا پەقەت ئايال كىشى كۈندۈزدە روزا تۇتۇقلۇق تۇرۇپ  يالغۇز جاپالىق ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ساۋاب تاپىدۇ. ئايال كىشى ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنى غىزالاندۇرۇش ۋە كىيىم - كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلاش ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى تەرەپتىنمۇ يەنە ساۋاب تاپىدۇ. رامىزان ئېيى يىلدا بىر قېتىملا كەلگىنى ئۈچۈن ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر  بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ئاينىڭ خەيراتلىرىدىن تولۇق مەنپەئەت ئالالىسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ئەس ھوشىنى تېپىپ بولغىچە بۇ ئاي ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلگەنلەر، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەنلەر بۇ ئاينىڭ شاراپىتىدىن ھەۋز كەۋسەرلەرنى ئىچەلىگەندەك بولىدۇ، يەنە بىر رامىزان كەلسە ۋاقىتنى چىڭ تۇتسام ۋە بۇ ئايدىن تولۇق پايدىلانسام دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆمرى ئىككىنچى رامزانغا يەتمەيدۇ. چۈنكى خۇددى قەدىمكىلەر ئېيتقاندەك « ئۆمۈر ئاتقان ئوق»تۇر. ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئۆمۈر ئۆتۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ۋاقىتتىن پايدىلىنىش كېرەك. رامزاندەك بىر يىلدا ئاران بىرلا قېتىم كېلىدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. ئەقىللىق ئاياللار قىلىدىغان ئىشلىرىنى پروگراممىلاشتۇرۇپ، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزمەستىن تولۇق پايدىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئايال مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا رامىزان ئېيىدا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلاردىن 20 ئىشنى تەۋسىيە قىلىمىز: 1- رامىزان ئېيىدا قىلىدىغان پۈتۈن ئىبادەتلەر ۋە ئۆي ئىشلىرىنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش نىيىتى بىلەن قىلىش. 2- بەش ۋاخ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىش. 3- سۈننەت ۋە نەپلە ئەمەللىرىنى كۆپ قىلىش. 4- سەدىقىنى كۆپ بېرىش، ئاجىز - ئۇرۇقلارغا ياردەم قىلىش، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش. 5- قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش. ئىمكان قەدەر رامىزان ئېيىدا  قۇرئان كەرىمنى تامام قىلىش. 6- ئىمكان قەدەر ئاخشاملىرى تاراۋىھ نامىزىغا چىقىپ، ئەرلەرنىڭ ئارقىسىدا ئايرىم سەپ تۈزۈپ بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتكە ئىشتىراك قىلىش. 7- ۋەز - نەسىھەتلەرنى كۆپ ئاڭلاش. 8- جامائەتنى، خوشنىلارنى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارنى ئىپتارلاتتۇرۇش . 9- ئاتا - ئانىسىنى، قېيىن ئاتا - قېيىن ئانىسىنى ئالاھىدە ئىپتار قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇش، خىزمەتلىرىنى قىلىش ۋە دۇئالىرىنى ئېلىش. 10-ئېرىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، ئۇلارنى ئىپتار ۋە سۇھۇرلاردا ياخشى غىزالاندۇرۇش. 11-غەيۋەت، شىكايەت، گەپ توشۇش، يالغان سۆزلەش، باشقىلارنى رەنجىتىش قاتارلىق ئىشلاردىن ۋە پۈتۈن ناچار ئەخلاقلاردىن يىراق تۇرۇش. 12-ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئايدا تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىپ كۆپ ساۋاب تېپىشقا تىرىشىش. 13-تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ۋە پايدىسىز سۆھبەتلەر بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق. كۆپ ئۇخلاپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەسلىك. 14-ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاققا توغرا كەلمەيدىغان ئادەتلىرى بولسا بۇ ئايدا شۇلارنى تۈزىتىش ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىش. چۈنكى بۇ ئاي تەربىيە ئېلىش ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئېيىدۇر. 15-بوش ۋاقىتلىرىنى قۇرئان ئوقۇش ۋە دىنى كىتابلارنى ئوقۇپ بىلىم ئېلىش بىلەن تولدۇرۇش. چۈنكى رامىزان ئېيى  قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا  ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈشكە باشلىغان بىر مۇبارەك ئاي. شۇڭا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزان ئېيىدا ئىبادەتلەرنى ئەڭ كۆپ قىلاتتى، سەدىقىنى ئەڭ كۆپ بېرەتتى. 16-رامزاندا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ يېمەسلىك ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش. چۈنكى كۆپ يېيىش ئادەمنى ئىبادەتلەردىن ھورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. مۇندىن باشقا كۆپ يېيىشنىڭ تەن ساقلىقىنى ساقلاشقا زىيىنى بولىدۇ. شۇڭا رامىزان ئېيىدا ئاز يەپ، ھوشيار تۇرۇش لازىم. 17-رامىزان كېچىلىرىدە دۇئانى كۆپ قىلىش، كېچىنىڭ ئاخىرقى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى قولدىن بەرمەسلىك. 18-رامىزان ئېيىنى پۈتۈن گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىش ۋە يامان ئادەتلەرنى تاشلاش پۇرسىتى دەپ تونۇپ، بۇ ئايدا ھاياتلىق ئىشلىرىنى  توغرا رەتكە سېلىشنى ئۆگىنىش. 19-رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە يېتىم - يېسىرلارنىڭ يۈزلىرىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسىنى تولۇق ۋە زىيادىسى بىلەن ئادا قىلىش. 20- روزى ھېيت كۈنىدە ئاۋۋال ئاتا - ئانىلارنى، ئاندىن تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى شاد قىلىش، كەمبەغەللەرگە خەير - ئېھسان قىلىپ ئۇلارنى خوش قىلىش.       يۇقىرىقىلارنى تولۇق ئورۇنلىغان ئايال كىشى ئەرلەردىن چوقۇم ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئىسلام تارىخىدىكى ئۈلگىلىك ئاياللار شۇنداق قىلاتتى. رامىزان ئېيىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلاتتى. بىزمۇ ئەشۇ ئۈلگىلىك مۇسۇلمان ئاياللارنى ئۆزلىرىمىزگە ئۈلگە قىلىپ، رامىزان ئېيىدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە مەنىۋى مول ھوسۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىشىمىز لازىم. جانابى ئاللاھ تائالادىن ھەممىمىزگە ھىدايەت تىلەيمەن ۋە بۇ  ئۇلۇغ ئايدا كۆپلىگەن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇق توپلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمەن. ئاللاھ تائالادىن پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتىنى بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ شاراپىتىدىن بەھرىمەن قىلىشىنى تىلەيمەن.
مەنبە:http://www.2094.com.cn/article/2094_mezmun.php?aid=145&catid=111



كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:49:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزانندا 32 خۇشاللىق با 1.ئالدىنقى 10ىمەغفىرەت 10ى كەچۈرۈم 10 شەپقەت

شاھزاد

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىمىكەن ، ھەر قايسى ئايال زاتى كۆرۈپ بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك قىممەتلىك تىمىكەن
مەن باشقا ۋاقىتتا قۇرئان كەرىمنى ئىتتىك ئوقۇيالمىساممۇ رامىزان ئىيىدا قانداق قىلسام بىر ئاي ئىچىدە ئوقۇپ تۈگىتىپ بولىمەن ، بولمىسا تۇتقان روزام قىلغان ئىبادەتلىرىم قوبۇل بولمايدىغاندەك بىر خىل ئاچچىق تۇيغۇ ئىچىمگە كىرىۋالىدۇ

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:08:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ 1ئايىنى تولۇق تۇتىمەن دىگەن ئىدىم ..ئەمما ئامال يوق يەنە 5كۈن چالا قالدىكەن ..بۇ مىنىڭ خاتالىقم ئەمەس ..بولمسا مەن بۇ قېتىم پۈتۈن ئىخلاسىم بىلەن رۇزىنى باشلغان ئىدىم ...ئەمما بەزىدە ئادەم غەيۋەت قىلپمۇ سالدىكەن ...ئەمدى ئايال كىشى بولغاندكىن
ئاللا بىلىپ بۈلمەي قىلغان گۇناھلرىمىنى كەچۈرگەي ئامىن ......

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13708
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1976 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:08:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 01:56 PM
ئىسىل تىمىكەن ، ھەر قايسى ئايال زاتى كۆرۈپ بىلىۋىلىشقا ...


ئۇنداق ئويدا  بولماڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى شۇنداق دىگەن ئىسلام دىننى  ئاسانلاشتۇرۇڭلار .قىيىنلاشتۇرماڭلار  دىگەن
ئۆزىمىزگە ئۇنداق بەك قاتتىق تەلەپ قويىۋالساق  بولماسمۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirikbuya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 02:09 PM  


كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sirikbuya يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 02:08 PM
ئۇنداق ئويدا  بولماڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى شۇنداق دىگ ...


مەن قىيىنلىق ھىس قىلمەيمەن ، كىچىكىمدىن شۇنداق كۆنۈپ قاپتىمەن ، قانداق قىلسام شۇ بىر ئاي ئىچىدە ئوقۇپ بولىمەن ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 02:13 PM  


ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13708
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1976 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:11:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 02:08 PM
مەنمۇ 1ئايىنى تولۇق تۇتىمەن دىگەن ئىدىم ..ئەمما ئامال ي ...

ئاياللار  مەلۇم سەۋەپلىك رازام تۇتالمىسىمۇ  كەچۈرىدۇ .!!
بىراق ئەرلەر گە ھىچقانداق بانا سەۋەپ يوق . بىر كۈن تۇتالمىسا  60 كۈن تۇتىدۇ


كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13708
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1976 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 02:11 PM
مەن كىچىكىمدىن شۇنداق كۆنۈپ قاپتىمەن ، قانداق قىلسام  ...

ئاللاھ  ئوقۇپ بولغانغىلا  ئەمەس  كۆڭۈل قويغانغا  كۆپراق ئەجىر بىرىدىغۇ دەيمەن
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام شۇنداق دىگەن .
قۇرئاننى تىز  ئوقۇغان ئادەمگە  بىر  ھەسسە ئەجىر بىرىلسە قىينىلىپ ئوقۇغان ئادەمگە  ئىككى ھەسسە ئەجىر بىرىلىدۇ .
بۇخارى

كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:17:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sirikbuya يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 02:15 PM
ئاللاھ  ئوقۇپ بولغانغىلا  ئەمەس  كۆڭۈل قويغانغا  كۆپرا ...

ئاللا خالىسا ئەلۋەتتە كۆڭۈل قويىمەن ، بۇ گىپىڭىزدىن غەلىتىلىك ھىس قىپ قالدىمغۇ ؟؟؟؟؟
رەھمەت

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13708
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1976 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:18:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 02:17 PM
ئاللا خالىسا ئەلۋەتتە كۆڭۈل قويىمەن ، بۇ گىپىڭىزدىن غ ...

قۇرئان ئوقۇيدىغان ئەمما  ئەمەل قىلمايدىغانلارغا  قارىتىلغان  گەپ  ماۋۇ

كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش