مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3121|ئىنكاس: 24

روزىدارلار بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1831
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2156 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:35:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار   
خەلقئاراغا داڭلىق ئىسلام ئالىمى ، پروفېسسور ، دوكتور يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سورىغان سوئالىغا بەرگەن جاۋابى  
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەرتۈرك تەرجىمىسى

  1. سۇھۇرلۇق ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەرسىڭىز ، سۇھۇرلۇق روزىنىڭ كامىل ئادا بولۇشىدىكى بىر شەرتمۇ؟
روزا تۇتقاندا چۇقۇم سۇھۇرلۇق يېيىش كېرەكمۇ ياكى يېمىسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: سۇھۇرلۇق روزىنىڭ كامىل ئادا بولۇشىنىڭ شەرتى ئەمەس ، ئۇ پەقەت سۈننەت . پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىزگە يەتكەن ھەدىسلەردىن مەلۇمكى ، پەيغەمبىرىمىز سۇھۇرلۇق يېگەن ھەم سۇھۇرلۇق يېيىشكە بۇيرۇغان .


”سۇھۇرلۇق يەڭلار ، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت بار“ (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس).
سۇھۇرلۇققا قوپۇش ۋە ئۇنى تۈن يېرىمدىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش سۈننەتتۇر . سۇھۇرلۇققا قوپقاندا كىشىنىڭ روزا تۇتۇش ئىرادىسى كۈچىيىدۇ ، ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇق ۋاقتى  قىسقىراپ ، روزا تۇتۇشى ئاسانراق بولىدۇ ، ۋۇجۇدى يەڭگىللەپ قالىدۇ . بۇ دىن ئاسانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن بولۇپ ، بەندىلەرگە ئېغىرچىلىق سالمايدۇ ، ئاسانلىققا ئۈندەيدۇ .  شۇڭا ئىپتارنى بۇرۇنراق قىلىش ، سۇھۇرلۇقنى  كېچىكتۈرۈش ئەۋزەلدۇر . روزا تۇتقان بىر مۇسۇلماننىڭ سۇھۇرلۇققا قوپۇشى سۈننەتتۇر ، قوپۇپ بىر پارچە نان ياكى بىر تال خورما يېسىمۇ سۈننەتكە لايىق ياخشى ئەمەل قىلغان بولىدۇ.


سۇھۇرلۇقنىڭ يەنە بىر پايدىسى شۇكى ، كىشى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن تۇرۇپ ، ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە تەجەللى قىلىپ يورۇتقان تاڭ سەھەرگە ھازىر بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئورنىدىن قوپۇپ دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ ، مەغپىرەت تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلىدۇ . ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەلى قوبۇل قىلىنىدۇ . بۇ ۋاقىتتا قۇرئان ئوقۇپ ، دۇئا-تىلاۋەت قىلغۇچىلار غەپلەت ئۇيقۇسىدا خورەك تارتىپ ئۇخلىغانلاردىن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ.

2. رامىزان كۈنى ئۇخلاۋاتقاندا ئېھتىلام بولۇپ قالسام ، جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن غۇسۇل قىلسام روزام
بۇزۇلامدۇ؟   


جاۋاب:  بۇ مەسىلە بەزىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ . بۇنىڭغا جاۋابىم شۇ : ئېھتىلام بولۇش روزىنى بۇزمايدۇ. ئېھتىلام ئادەمدە ئىختىيارسىز يۈز بېرىدىغان ئىش .  ئېھتىلامدا مەنىي ئاقسا روزا تۇتۇشقا تەسىر يەتمەيدۇ ، شۇڭا جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن يۇيۇنسا روزا بۇزۇلمايدۇ .  چۈنكى يۇيۇنۇش (يەنى غۇسلى قىلىش) شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئىش ، مۇسۇلمانلارنىڭ جۇنۇبلۇقتىن كېيىن يۇيۇنۇپ پاكلىنىشى پەرزدۇر . يۇيۇنغاندا قۇلىقىغا ، بۇرنىغا ، ئاغزىغا سۇ ساقىپ كەتسىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ . چۈنكى بۇ كەچۈرۈشكە بولىدىغان خاتالىقتۇر .

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ”سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ ، لېكىن قەستەن
قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ) ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ، ناھايىتى مېھرىباندۇر“
(سۈرە«ئەھزاب»، 5-ئايەت) . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ سەۋەنلىك ۋە ئۇنتۇپ قېلىش تۈپەيلىدىن قىلغان گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ“. (تەبەرانى ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت
قىلغان سەھىھ ھەدىس).


3. ياشىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ  روزا تۇتۇشى جائىزمۇ؟  ئەگەر  تۇتالمىغان بولسا قانداق قىلىشى كېرەك؟
ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتمىسا قانداق بولىدۇ؟  
ئەگەر تۇتماي قالسا قانداق قىلىشى كېرەك ؟ رامىزان ئېيىدا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش جائىزمۇ؟


جاۋاب: بىرىنچى سوئالغا كېلەيلى . ئەگەر ياشانغانلار (بوۋاي، مومايلار)  روزا تۇتسا بەك قىينىلىپ قالغۇدەك ياكى ئاجىزلاپ كەتكۈدەك بولسا روزا تۇتمىسىمۇ بولىد ۇ. روز تۇتمىغان كۈنلىرى ھەر كۈنى ئىككى يوقسۇز كىشىنى
تويغۇزغىدەك مىقداردا فىدىيە بېرىشى كېرەك .  بۇ  ئاللاھ تائالانىڭ رۇخسىتى ، مەرھەمىتىدۇر.

” ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“. (سۈرە«بەقەرە»، 185-ئايەت)
” ئاللاھ  سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارغا
تەكلىپ قىلمىدى)“. (سۈرە«ھەج»، 78-سۈرە)

ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن : ”ياشىنىپ قالغان كىشىگە رۇخسەت بار ، ھەر كۈنى بىر يوقسۇزنى تويغۇزىدۇ ، قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ“ (دارىقۇتنى ، ھاكىم) . بۇخارىمۇ بۇنىڭغا يېقىن
كېلىدىغان بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان . ياشانغانلار ، ئاجىزلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئايەت نازىل قىلىنغان .
” روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر روزا تۇتمىسا ،
(كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم . كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن) مىقداردىن ئارتۇق بەرسە ، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر“ (سۈرە«بەقەرە»، 184-ئايەت) دېمەك ، كىمكى يوقسۇزلارنى قانچە ياخشى مېھمان قىلسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شۇنچە ياخشى ساۋاب تاپىدۇ . قېرىپ كەتكەنلەر ، ماغدۇرىدىن كەتكەن ئاياللار ، ياخشىلىنىپ كېتەلمەيدىغان كېسەللەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر روزا تۇتماي قالسا ھەر كۈنى بىر ئاجىزنى تويغۇزغۇدەك مىقداردا فىدىيە بېرىدۇ .

ئىككىنچى سوئالغا كەلسەك ، ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەپ روزا
تۇتمىسا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ ، بەلكى روزا تۇتمىغىنى تۈزۈك . ئەگەر ئۇ ئەندىشە كۈچلۈك بولسا ، ئىمانلىق،
ئىشەنچلىك دوختۇرلار مۇبادا روزا تۇتقان تەقدىردە بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسا ئۇ چاغدا ئۇ ئايالنىڭ روزا تۇتماسلىقى ۋاجىب. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
”بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار…“ (سۈرە«ئەنئام»، 151-ئايەت)
چۈنكى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئەزىز جاندۇر. ئايال بولسۇن ، ئەر بولسۇن  بىخۇدلۇق ياكى قەستەنلىك بىلەن بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان ھەققى يوق. ئاللاھ تائالا  بەندىلىرىنى ھەرگىز مۇشەققەتكە زورلىمايدۇ. ” روزا تۇتالمىغانلار بىر پېقىرنى تويغۇزغىدەك مىقداردا فىدىيە بېرىدۇ“ دېگەن ئايەتى كەرىم ھامىلدار ئاياللار
ھەققىدە نازىل بولغان.

كۆپىنچە ئۇلىمالار ھامىلدار ئايال بىلەن بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال روزا تۇتسا تېنىگە بىرەر زەرەر يېتىشىدىن ئەنسىرىسە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ .  بۇ ئاياللار كېيىن بىر كۈنىگە بىر كۈن روزا تۇتۇۋالسا  بولىدۇ.چۈنكى بۇ ھالدىكى ئاياللار كېسەللەر بىلەن ئوخشاش. ھامىلدار ئايال روزا تۇتسا قورسىقىدىكى بالىسىدىن ، بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال بولسا ئېمىتىۋاتقان بالىسىدىن ئەنسىرىسە ، ئۇلىمالار بۇنداق ئاياللارنىڭ روزا تۇتمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىجمائقا (پىكىر بىرلىكىگە) كېلىپ بولغاندىن كېيىن باشقا بىر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالغان: بۇ ئاياللار روزا تۇتمىسا بىر كۈننىڭ روزىسى ئۈچۈن پەقەت بىر يوقسۇزنى تويغۇزۇشى كېرەكمۇ؟ ئۇلىمالار بۇ مەسىلىدە ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىبنى ئۆمەر ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنداق ئاياللار روزا تۇتمىسا يوقسۇزغا تائام بەرسە بولىدۇ دەپ قارىغان. كۆپىنچە ئۇلىمالار روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشى كېرەك دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بەزى ئۆلىمالار
روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشى ھەم يوقسۇزغا تائام بېرىشى كېرەك دېگەن پىكىردە بولغان . مېنىڭچە ، بۇ  ئاياللار
داۋاملىق ھامىلدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان  بولسا روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتماي پەقەت يوقسۇزغا تائام بەرسە بولىدۇ . چۈنكى ئۇلار بۇ يىلى ھامىلدار بولۇپ ، تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر يىلى بالا ئېمىتسە ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىلى يەنە
ھامىلدار بولۇپ قالسا  روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش پۇرسىتى بولمايدۇ. دېمەك ، ئۇلار ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش
مۇددىتى كەينى-كەينىدىن كەلسە  قازا روزىسىنى تۇتالماي قالىدۇ . بۇنىڭ قازاسىنى قىلسۇن دېسەك ئۇلار بىر قانچە يىل ئارقا-ئارقىدىن روزا تۇتۇشى كېرەك . بۇ ئۇلارغا ئېغىر كېلىدۇ. ۋاھالەنكى ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ .

ئۈچىنچى سوئالغان كەلسەك ، رامىزان ئېيىدا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى (جۈملىدىن ئەتىرنى) ئىشلىتىش جائىز .  
ھېچقانداق ئۇلىما رامىزان ئېيىدا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ھارام دەپ ئېيتمىدى. خۇشپۇراق نەرسىلەرنىڭ
روزىنى بۇزىدىغان ھېچقانداق تەسىرى يوق . ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.


4. بىر قانچە قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىندىم ، دوختۇر ماڭا روزا تۇتما دېدى. ئوپىراتسىيىدىن كېيىن  ئىككى يىل روزا تۇتتۇم . ئەلۋەتتە ، بۇ ماڭا ناھايىتى ئېغىر كەلدى . روزا تۇتمىسام ئۇنىڭ ئورنىغا سەدىقە بەرسەم بولامدۇ؟   
رامىزان ئېيىدا روزا تۇتمىغاندىكىن غېرىپ-غۇرۋالارغا ، ئاجىز-يوقسۇزلارغا مەلۇم مىقداردا پۇل بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ئۆلىمالار كېسەل كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ” رامىزان ئايىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى ، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر ، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە  ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر ، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان
روزىسى تۇتسۇن ؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ(روزا تۇتمىغان بولسا ، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن)  باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن . ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقى خالايدۇ ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“
(سۈرە«بەقەرە»، 185-ئايەت)

قۇرئان ، ھەدىس ، ئىجمائقا كۆرە، كېسەل كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى جائىز . لېكىن روزا تۇتماسلىقنى مۇباھ قىلىدىغان كېسەللىك قايسى؟  جاۋاب ، ئەگەر روزا تۇتسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ياكى شىپا تېپىشى كېچىكىپ كېتىدىغان كېسەللىك ياكى كېسەلنى ئېغىر مۇشەققەتكە قويىدىغان كېسەللىك . ئەگەر روزا تۇتسا ئۇ كېسەل ئىش-كۈچىدىن قالىدۇ ، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالماس بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھالەتتىكى كېسەل كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى ۋاجىب. كىشىلەر ئەھمەد بىن ھەنبەلدىن : ” ئۇ چاغدا كېسەل قاچان روزىسىنى بۇزىدۇ“ دەپ سوراپتۇ. ئەھمەد ھەنبەل :” روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتمىگەن چاغدا بۇزىدۇ“ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. كىشىلەر: ” مەسىلەن ، بەزگەك كېسىلى بولسا شۇنداق قىلامدۇ؟“ دەپ سورىغاندا ، ئەھمەد ھەنبەل:” بەزگەكتىن ئۆتە يامان كېسەل بارمۇ؟“ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . كېسەللەر ھەر خىل بولىدۇ . بەزى كېسەللەر روزا تۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ، مەسىلەن چىش ئاغرىقى، بارماقتىكى يارا، كىچىك چاقا-جاراھەت دېگەندەك . بەزى كېسەللىكلەرنى تېخى روزا تۇتۇش ئارقىلىق داۋالاش مۇمكىن . مەسىلەن ،  تاماقنى دائىم جىق يەۋېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازان كېسەللىكلىرى ، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلار .
بۇنداق كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن روزا تۇتماسلىق ياكى تۇتۇۋاتقان روزىسىنى بۇزۇۋېتىش جائىز ئەمەس .  بۇنداق كىشىلەر روزا تۇتسا سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيان يەتمەيدۇ ، بەلكى پايدىلىق. روزا تۇتسا ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىغان ياكى پات ساقايمايدىغان كېسەللىكلەرلا روزا تۇتماسلىقنى مۇباھ قىلىدۇ.  روزا تۇتسا ئاغرىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ساغلام ئادەممۇ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن قورققان كېسەللەرگە ئوخشايدۇ ۋە روزا تۇتماسلىقى مۇباھ بولىدۇ (يەنى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ). بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا بىلىنىد ۇ، بىرى ئۆز تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولىدۇ .

يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدىغان بىر دوختۇرنىڭ پىكرىدىن مەلۇم بولىدۇ . دوختۇر ئۇنىڭغا روزا تۇتسا كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتسا ئۇ روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ . ئەگەر روزا تۇتۇۋاتقان بولسا
دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روزىسىنى بۇزۇۋەتسە بولىدۇ . ئەگەر كېسەل كىشى روزا تۇتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى (روزا تۇتماسلىقىنىڭ مۇباھ بولىدىغانلىقىنى) بىلگەندىن كېيىنمۇ روزا تۇتۇۋالسا ئۆزىگە زىيانلىق ، مەكرۇھ ئىش قىلغان
بولىدۇ . چۈنكى ئۇ  رەببىنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان رۇخسىتى ۋە ئاسان قىلىپ بەرگەن ئىشىدىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ . تۇتقان روزىسى توغرا ۋە مەقبۇل بولغان تەقدىردىمۇ ، روزا تۇتۇشنىڭ ئۆزىگە زىيانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جاھىللىق بىلەن روزا تۇتىۋەرسە ھارام ئىش قىلغان بولىدۇ . ئاللاھ  ئۇ  بەندىنىڭ ئۆزىنى ئازابلاپ قىلغان ئىبادىتىگە مۇھتاج ئەمەستۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
”سىلەر ئۆزەڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار ، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر“. (سۈرە«نىسا»، 29-ئايەت)
سوئالنىڭ يەنە بىر قىسمىغا كەلدۇق، كېسەل ھالەتتە تۇتمىغان روزىنىڭ ئورنىغا سەدىقە بەرسە جائىز بولامدۇ؟
بۇنىڭغا جاۋاب، كېسەللىك ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ:

1) ياخشىلىنىپ ساقىيىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان كېسەللىك .  بۇنداق كېسەللىكلەر ئۈچۈن فىدىيە بېرىش ياكى
سەدىقە بېرىش جائىز ئەمەس ، پەقەت ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك . ئاللاھ تائا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ” كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ(روزا تۇتمىغان بولسا ، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن)  باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.“ (سۈرە«بەقەرە»، 185-ئايەت).

بىر ئاي روزا تۇتمىغان بولسا بىر ئاي قازاسىنى تۇتىدۇ ، بىر كۈن تۇتمىغان بولسا بىر كۈننىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ.  قانچە كۈن روزا تۇتالمىغان بولسا ئاللاھ ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش پۇرسىتى بەرگەن چاغدا شۇنچە كۈننىڭ قازاسىنى قىلىدۇ . مانا بۇ ئۆتكۈنچى كېسەللىكلەرنىڭ ھۆكمى.

2) ياخشىلىنىش ، ساقىيىشتىن ئۈمىد يوق كېسەللەرگە كەلسەك ، بۇنىڭ ھۆكىمى بەك قېرىپ كەتكەن ئەرلەر ۋە
ئاجىز ، مېيىپ ئاياللارنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش. بۇنداق كېسەللىكلەر تەجرىبىلەر ئارقىلىق ياكى ئىشەنچلىك
دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ . بۇنداق كىشىلەر فىدىيە بېرىشى ، يەنى ھەر كۈنى بىر يوقسۇزنى تويغۇزۇشى كېرەك . بەزى ئىماملارغا كۆرە ، يەنى ئىمام ھەنەفىيگە كۆرە ، بېرىدىغان تۇز-تائامنىڭ چىقىملىرىنى ئاجىز ، يوقسۇز ، مۇھتاجلارغا بەرسىمۇ بولىدۇ.

5. تومۇرغا ۋە مۇسكۇلغا ئوكۇل سالغۇزسا ، مەقئەتكە  دورىلىق پاختا قويسا ، جاراھەتكە مەلھەم سۈرسە روزا بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ھەر كىم روزا تۇتۇشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئاساسەن بىلىدۇ . روزا تۇتۇش يېمەك-ئىچمەك ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى مەلۇم ۋاقىت چەكلەش دېمەكتۇر. بۇ قۇرئان كەرىمدە بىلدۈرۈلگەن پەرھىز ۋە چەكلىمىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بۇ چەكلىمىلەرنى بىلىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بەدۋى ئەرەبلەرمۇ بۇ چەكلىمىلەرنىڭ مەقسىتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى ، يېمەك ۋە ئىچمەكتىن نېمىنىڭ مەقسەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى مەنتىقىلىك چۈشەندۈرمىسىمۇ بىلىۋالاتتى .  شۇنىڭدەك ، روزا تۇتۇشنىڭ ئەسلى ھېكمىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار يوق .  روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى شۇكى ، ئىنسان ئۆز نەپسى ۋە شەھۋەتلىرىنى تەرك ئېتىپ ، رىزايى ئىلاھىيە (ئاللاھنىڭ رازىلىقى)گە نائىل بولۇش ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان بەندىچىلىكىنى بىلدۈرىدۇ .  بىر ھەدىسقۇدسىيدا مۇنداق دېيىلىدۇ : ” ئىنسان بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر. ئەمما روزا تۇتۇش
بۇنىڭدىن مۇستەسن ا، ئۇ مەن ئۈچۈندۇر ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزەم بېرىمەن. (چۈنكى بەندەم) مەن ئۈچۈن يېمەك-ئىچمىكى ۋە شەھۋىتىنى تەرك ئېتىدۇ“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئوكۇل سالغۇزۇش، مەقئەتكە دورىلىق پاختا قويۇش دېگەندەك ئىشلاردىن يېمەك، ئىچمەك
مەنىسى چىقمايدۇ، شەرىئەتنى بېكىتكۈچى رەببىمىزنىڭ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلىش ھېكمىتى(مەقسىتى) دائىرىسىگە كىرمەيدۇ . شۇڭا بۇ ئىشلار روزىنى بۇزمايدۇ . ئاللاھ ئاسان قىلغان ئىشلارنى بىز تەسلەشتۈرۈۋالساق بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا روزا ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:”ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“(سۈرە«بەقەرە» 185-ئايەت).

ئىبنى ھەزم مۇنداق دەيدۇ:” ئوكۇل سالدۇرۇش ، بۇرنىغا دورا پۈركۈش ، قۇلاققا ، كۆزگە ۋە سۈيدۈك ئېغىزىغا دورا تېمىتىش ،  قەستەن قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا  بوغۇزىغا سۇ كېلىپ قالسىمۇ غار-غار قىلىش ۋە بۇرنىنى مەزە-مەزە قىلىش، كېچە ياكى كۈندۈزدە كۆزىگە سۈرمە سۈرۈش ياكى دورا قويۇش ، تۈگمەندىكى ئۇن توزانلىرىنىڭ ، تارتىلغان ئۇننىڭ ، خېنەنىڭ ، پۇراقلارنىڭ ياكى ھەر قانداق بىر ماددىنىڭ توزانلىرىنىڭ گالغا كىرىپ كېتىشى ، چىۋىننىڭ گالغا كىرىپ كېتىشى قاتارلىقلار روزىنى بۇزمايدۇ“.  ئىبنى ھەزىم بۇ سۆزلىرىگە دەلىل كەلتۈرۈپ  مۇنداق دەيدۇ:” ئاللاھ تائالا بىزنى روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقىتتا يەپ ئىچىشتىن ، قەستەن قۇسۇشتىن ۋە بەزى گۇناھلارنى قىلىشتىن چەكلىدى.  مەقئەت ، سۈيدۈك يولى ، قۇلاق ، كۆ ز، بۇرۇنلارغا دورا  ئىشلىتىش بىلەن يەپ ئىچىش مەسىلىسى ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقىتتا يەپ ئىچىش ئارقىلىق ئەمەس ، باشقا يول بىلەن ئاشقازانغا ھالال  بىر نەرسە كىرگۈزۈلسە(يەتكۈزۈلسە) بولىۋېرىدۇ“.  

ئىبنى تەيمىيە سۈرمە ، ئوكۇل ، سۈيدۈك يولىدىن دورا تېمىتىش ،  ئىچ ئەزاغا سىرتتىن دورا بېرىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:” كۈچلۈك قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى روزىنى بۇزمايدۇ . روزا تۇتۇش جىمى ئادەم بىلىشى كېرەك بولغان پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر . ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلار روزىدارغا ھارام بولسىدى، ساھابىلەر باشقا ھۆكۈملەرنى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈگىنىدەك بۇ ھەقتىكى ھۆكۈملەرنىمۇ بىلگەن ۋە مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزگەن بولاتتى. ئۇلىمالار بۇ ھەقتە سەھىھ بولسۇن ، زەئىپ بولسۇن كېيىنكىلەرگە ھېچقانداق ھەدىس يەتكۈزمىگەن ، دېمەك
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىگەن“.

(ئەمما يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوكۇل ھازىرقى كۈنلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاسمىكولنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ، ئاسمىكۇل
ئېسىش زور ھەجىمدىكى سويۇقلۇقنى (دورا ۋە ئوزۇقلۇقنى) بەدەنگە ماڭغۇزۇش بولۇپ ، ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان گىلىكوزا (ئۈزۈم قەنتى) بەدەننى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگىمۇ ئىگە ، بەزى ئاسمىكۇللار بەدەنگە بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنغان سۇ ياكى ئوزۇقلۇققا ئوخشاش رولغا ئىگە بولۇپ ، قورساقنى ئاچۇرمايدۇ . شۇڭا ئاسمىكولنىڭ روزىنى بۇزۇش ئېھتىمالى بار . ئاللاھ تائالا ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر . تىرناق ئىچىدىكى ئەمما يوقىردا ئېيتىلغان دېگەن جايدىن روزىنى بۇزۇش ئېھتىمالى بار دېگەن جايغىچە دېيىلگەن گەپلەر قەرەداۋىنىڭ پىكىرى ئەمەس ، بەلكى تەرجىمان ئەر تۈركنىڭ پىكىرى. توغرا چۈشىنىڭلار-يوللىغۇچى)

6. ناماز ئوقۇمايدىغان بىر ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسى قوبۇل بولامدۇ؟ ئىبادەتلەر بىر-بىرىگە باغلىقمۇ؟ يەنى
بىرى تەرك ئېتىلسە يەنە بىرى قوبۇل بولمامدۇ؟

جاۋاب: مۇسۇلمان ئادەم بارلىق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ ، ناماز ئوقۇيدۇ ، زاكات بېرىدۇ ، روزا تۇتىدۇ ، ئىمكانى يار
بەرسە ھەج تاۋاب قىلىدۇ .  بۇ ئىبادەتلەردىن بىرىنى ئۆزۈرسىز ھالدا تەرك ئەتكەنلەر ھەققىدە ئىسلام ئالىملىرى ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان . بەزىلىرى ، بۇلاردىن بىرىنى تەرك ئەتكەنلەر كاپىر دەپ قارايدۇ ، بەزىلىرى نامازنى تەرك ئەتكەن ۋە زاكات بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلغۇچىلار كاپىر دەپ قارايدۇ . چۈنكى نامازنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا ئالاھىدە ئورنى با ر.  بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن :”مۇسۇلمان بەندىنىڭ كاپىردىن پەرقلىنىدىغان يېرى نامازدۇر“ (مۇسلىم).

نامازنى قەستەن تەرك ئەتكەنلەر كاپىر بولىدۇ دېگۈچىلەر  بۇنداق ئادەملەرنىڭ تۇتقان روزىسىمۇ  قوبۇل بولمايدۇ دەپ قارايدۇ . چۈنكى كاپىرنىڭ قىلغان ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ . بەزى ئىسلام ئالىملىرى ”ئۇنداق كىشىلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ، رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن رىسالەت نۇرىنى ئىنكار قىلمىغان ، ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇددەتتە  ئىمان ۋە ئىسلام دائىرىسىدە بولىدۇ“ دەيدۇ. بۇ قاراشتىكى ئالىملار  ”بۇنداق كىشىلەر پەقەت پاسىق بولىدۇ“ دەيدۇ. مېنىڭچە  بۇ قاراش بىر قەدەر توغرا ۋە ھەقىقەتكە بىر قەدەر يېقىن . بۇنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ . مېنىڭچىمۇ بولغاندىمۇ ، ئىبادەت-ئەمەللەرنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلمىغان ، مەسخىرە قىلمىغان ، ئەمما ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلىپ ، ھورۇنلۇق قىلىپ بەزى پەرزلەرنى ئادا قىلمىغانلار ، بىر قىسمىنى ئادا قىلىپ ، بىر قىسمىنى ئورۇنلىمىغانلار كامىل مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ . ئىمانى سۇس ، دىنى كەمتۈك ، تەقۋالىقى ئاجىز ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر ئۇلار پەرز ئەمەللەرنى تەرك ئېتىۋەرسە ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ . شۇنداق بولسىمۇ ،  ئاللاھ تائالا  ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىۋەتمەيدۇ ، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئەجرىنى بېرىدۇ . ئۇلار ياخشىلىق بىلەن ئېرىشىدىغان ساۋاب ياكى يامانلىق بىلەن ئېرىشىدىغان گۇناھ ، جازانىڭ ھەممىسى ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلىدۇ.

” كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى (لەۋھۇلمەھپۇزدا) خاتىرىلەنگەندۇر“ (سۈرە«قەمەر»، 53-ئايەت) ”كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

رىۋايەت قىلىنىشىچە ، رامىزان ئېيىدا بىر ئادەم روزا تۇتمىدى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئادەم توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: ” بۇ ئادەم بىر يىل روزا تۇتسىمۇ بۇ كۈنلىرى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ“. ئىبنى مەسئۇتتىن مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان: ” ھېچ ئۆزۈرى يوق تۇرۇپ رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىغان ئادەم ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بىر يىل روزا تۇتسىمۇ  رامىزان ئېيىدا تۇتمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تولدۇرۇۋالالمايدۇ“. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان:” مۇسۇلمان بولغان ئادەم ئاللاھتىن قورقسۇن ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا ئالدىرىسۇن ، شەھۋىتىنى يېڭىشكە تىرىشسۇن . شەھۋىتىگە بويسۇنغان ئادەم ھېچ قانداق ئىشتا غەلىبە قىلالمايدۇ“.

7. رامىزان ئېيىدا بەزى كۈنلىرى روزا تۇتۇپ ، بەزى كۈنلىرى قەستەن روزا تۇتمايدىغانلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇنىڭ روزا تۇتقان كۈنلىرى ئىناۋەتكە ئۆتەمدۇ؟

جاۋاب: بۇ سوئال ئالدىنقى سوئالغا ئوخشايدۇ . بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇ ، ھەر ئىشنىڭ ھېسابى ئايرىم.  بۇ يەردىكى مەسىلە روزىدارنىڭ  روزا تۇتقان كۈنلىرى ھېسابقا ئېلىنامدۇ-ئېلىنمامدۇ دېگەن مەسىلە ئەمەس،  روزىنى بۇزۇۋەتكەن كۈنلىرىنىڭ ئورنىنى قانداق تولۇقلايدۇ ، ئۇنىڭ بەدىلىنى قانداق تۆلەيدۇ دېگەن مەسىلە.


رامىزان ئېيىدا روزا  تۇتۇلمىغان بىر كۈننىڭ ئورنىنى  پەقەت يەنە بىر رامىزاندىكى بىر كۈن بىلەن تولدۇرۇش مۇمكىن. ھەر قېتىملىق رامىزان ئېيى شەك-شۈبھىسىز روزا تۇتۇش شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى بىلەن تولغان بولىدۇ .
شۇ ۋەجىدىن ئەبھۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”كىمكى رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىسا دۇنيا كۈنلىرىدىن بىر كۈن بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ“ (تىرمىزى).



8. رامىزاندا روزىدار تۇرۇپ غەيۋەت قىلغان ، يالغان سۆزلىگەن ، ئاياللارغا شەھۋەت كۆزىدە قارىغانلارنىڭ تۇتقان روزىسى قوبۇل بولامدۇ؟

جاۋاب: پايدىلىق ۋە مەقبۇل بولغان روزا  ئادەم ئۆز نەپسىنى تىزگىنلىگەن ۋە ئۆزىنى تەربىيىلەپ چېنىقتۇرغان روزىدۇر .
بۇنداق ئىبادەت ئادەمنى ياخشىلىققا ئېلىپ بارىدۇ ، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئېيتقان تەقۋالىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ : ” ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن)ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن  سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە(يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك. سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى“(سۈرە«بەقەرە»، 183-ئايەت).


روزىدار روزا تۇتۇش روھىغا خىلاپ سـۆز-ھەرىكەتلەردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك . چۈنكى ئۇنىڭ  تۇتۇۋاتقان روزىسى پەقەت يېمەسلىك ، ئىچمەسلىك ۋە ھارام ئىشلارنى قىلماسلىقلا ئەمەس. بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:” روزا قالقاندۇ ر، ئاراڭلاردا ھېچكىم روزا تۇتقان كۈنلىرى خوتۇنىغا يېقىنلاشمىسۇن، جاھىلىيەتتىن قالغان يامان ئىشلارنى قىلمىسۇن ، كىمكى بىراۋدىن تىل-ھاقارەت ئاڭلىسا ياكى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا ’مەن روزىدار‘ دېسۇن“ (نەسەئى، ئىبنى ماجە، ھاكىم).  

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
”كىمكى يالغانچىلىقنى، ساختىپەزلىكنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەي تۇتقان روزىسىغا مۇھتاج ئەمەس“ (بۇخارى).
ئىبنى ئەرابى مۇنداق دېگەن:” بۇ ھەدىستىن قارىغاندا، ئۇنداق روزا تۇتقۇچىلارغا ساۋاب بېرىلمەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇ: يالغانچىلىقىنىڭ گۇناھى روزا تۇتۇپ ئېرىشىدىغان ساۋابىدىن ئېشىپ كەتكەن“.

ئىبنى ھەزم مۇنداق دېگەن:” ئۇنداق يامان ئىشلار يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاشلا روزىنى بۇزىدۇ . بەزى ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن مۇشۇ مەنىدە ھەدىسلەر كەلگەن“. بىز ئىبنى ھەزمنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلمىساقمۇ  شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھلار ھەقىقەتەن روزا تۇتۇپ ئېرىشىدىغان ساۋابنى كېمەيتىۋېتىدۇ، روزا تۇتۇشتىكى شەرئى مەقسەتنى يوق قىلىۋېتىدۇ.
شۇڭا بۇ ئۇممەتنىڭ سەلەف(ئۆتكەن) ئالىملىرى روزىدار ھالەتتە بىھۇدە گەپ قىلماسلىققا، ھارام ئىشلارنى سادىر قىلماسلىققا ناھايىتى دىققەت قىلغان.
ھەزرىتى ئۆمە رمۇنداق دەيدۇ:” روزا تۇتۇش پەقەت يېمەسلىك، ئىچمەسلىك ئەمەس، بەلكى شۇ جەرياندا يالغان سۆزلىمەسلىك، باتىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق، قۇرۇق گەپ ساتماسلىقتۇر“. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان. جابىرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:” روزا تۇتقان چېغىڭدا قۇلىقىڭ، كۆزۈڭ ۋە ئاغزىڭ يالغانچىلىقتىن ساقلانسۇن، گۇناھلاردىن يىراق بولسۇن. خىزمەتچىڭگە ئازار بەرمە، روزا تۇتقان كۈنلەردە تەمكىن، خاتىرجەم ياشا. روزا تۇتقان ۋە تۇتمىغان كۈنلىرىڭدە بىر خىل ياشا“.  

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، تالىق ئىبنى غەيسا مۇنداق دېگەن: ”روزا تۇتقان ۋاقتىڭدا تاقىتىڭنىڭ يېتىشىچە گۇناھلاردىن ساقلان“.  شۇ سەۋەبتىن تالىق روزا تۇتقان كۈنلىرى ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ ، پەقەت ناماز ۋاقتى بولغاندا مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن ئۆيىدىن ئايرىلاتتى“. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن دوستلىرى روزا تۇتقان كۈنلىرى مەسچىتتە ئولتۇرۇپ :” روزىمىزنى  پاكىز تۇتۇۋالدۇق“ دېيىشەتتى. مەيمۇنە ئىبنى مەھران رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ : ”يېمەي، ئىچمەي تۇتقان روزا ئەڭ ئادەتتىكى روزىدۇر“ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، تۇتۇلغان روزىنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا ساۋابى ۋە ئورنى بولىدۇ،  غەيۋەت-شىكايەت، يالغانچىلىق ھەم شۇنىڭدەك گۇناھلارنىڭ جازاسى بولىدۇ.
”ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا  ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر“ (سۈرە«رەئد»، 8-ئايەت)
”پەرۋەردىگارىم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇپ قالمايدۇ“(سۈرە«تاھا»، 52-ئايەت).

ئاخىرەتتىكى ئىلاھىي ئازاب بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى ئويلىساڭ بۇ سوئال ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سوئالنىڭ
جاۋابىنى ئۆزەڭ تاپالايسەن. ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ: ” ئەي رەسۇلۇللاھ ، مېنىڭ ئىككى قۇلۇم بار ئىدى،  ماڭا قارا چاپلاۋاتىدۇ ھەم  قارشى چىقىۋاتىدۇ.
مەنمۇ ئۇلارنى تىللاۋاتىمەن، ئۇرۇۋاتىمەن. قىيامەتتە بىزنىڭ ئىشىمىز نېمە بولۇپ كېتىدۇ؟“دەپ سورىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:”ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان خىيانىتى ، ئىسيانى ۋە تۆھمىتى بىلەن سېنىڭ ئۇلارنى قىيناشلىرىڭ بىرلىكتە ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر سېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جازايىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان جىنايىتىدىن ئاز بولسا ئۇ چاغدا بۇ ئەھۋال ساڭا پايدىلىق؛ ئەگەر سەن بەرگەن جازا ئۇلارنىڭ جىنايىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالسا بۇ ساڭا كۇپايە(يەنى ساڭا زىيانلىقمۇ، پايدىلىقمۇ بولمايدۇ).
ئەگەر سەن بەرگەن جازا ئۇلارنىڭ جىنايىتىدىن ئېشىپ كەتسە شۇنچىلىك مىقداردىكى ياخشىلىق (يەنى پايدا) سەندىن ئېلىنىپ ئۇلارغا بېرىلىدۇ“.

بۇنى ئاڭلاپ ئۇ ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا يىغلاپ داد-پەرياد كۆتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”نېمە بولدى ساڭا؟ ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ تائالا: ’ بىز قىيامەت كۈنىدە ئادالەت تارازىلىرىنى قۇرىمىز، ھېچكىم كىچىككىنە بولسىمۇ زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. قىلغان ئەمەلى بىر تال تېرىقچىلىك بولسىمۇ ئۇنى ئېلىپ كېلىپ تارازىغا قويىمىز. بىز ھېساب ئېلىشقا قادىر‘(سۈرە«ئەنبىيا»، 47-ئايەت) دەيدۇ“ دېدى.

بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىكى ساھابە: ” ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەڭ ياخشىسى ، مەن
قۇللىرىمدىن ئادا-جۇدا بولاي، سەن شاھىد بولغىنكى، ئۇ ئىككى قۇل ئەمدى ھۆرلۈككە چىقتى“ دېدى.

9. مەن ياشىغان جايدا تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئاغزىنى چايقىسا ۋە بۇرنىغا سۇ ئالسا روزىغا تەسىر يېتىدۇ دەيدىغانلار بار، بۇ قاراش توغرىمۇ؟

جاۋاب:  ئەبۇ ھەنىفە ، ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئىيلارنىڭ ئېيتقىنىدەك،  تاھارەت جەريانىدا ئېغىزغا،  بۇرۇنغا سۇ ئېلىش  تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرىدۇر.  ياكى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئېغىزغا، بۇرۇنغا سۇ ئېلىش تاھارەتنىڭ پەرزلىرىدىن بولغان يۈزنى يۇيۇشنىڭ بىر قىسمى، شۇڭا ئۇمۇ تاھارەتنىڭ پەرزلىرى قاتارىغا كىرىدۇ.

ئېغىزغا، بۇرۇنغا سۇ ئېلىش تاھارەتنىڭ پەرزى ياكى سۈننىتى بولسۇن، روزا تۇتقان-تۇتمىغان چاغلارنىڭ ھەممىسىدە تاھارەت ئالغاندا ئۇنى تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ. روزا تۇتقان كۈنلەردە مۇسۇلمانلار تاھارەت ئالغاندا چوقۇم ئېھتىيات قىلىشى ، ئېغىزىنى چايقىغاندا ۋە بۇرنىغا سۇ ئالغاندا نورمال چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . روزا تۇتمىغان چاغلاردا قانچە غەر-غەر قىلسا، دىماغلىرى ئېچىشقىچە سۇ ئېلىپ مىشقىرسا بولىۋېرىدۇ.

بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”روزا تۇتقان كۈنلەردىن باشقا ۋاقىتتا بۇرنۇڭغا يېتەرلىك سۇ ئېلىپ تازىلىساڭ بولىدۇ“ (بەيھەقى).

روزىدار كىشى تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئاغزى ۋە بۇرنىغا سۇ ئېلىش داۋامىدا سۇ گېلىدىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ قەستەن شۇنداق قىلمىغان بولسا تۇتقان روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇ خۇددى يولدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ ياكى چىۋىننىڭ گالغا كىرىپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئىش بولۇپ، كەچۈرۈۋېتىلىدىغان خاتالىقلار ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، تاھارەت ئالغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئېغىز چايقىسىمۇ روزىغا تەسىر يەتمەيدۇ، شۇغىنىسى ئېغىزدىكى سۇ  گالدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئاللاھ تائالا ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.


10.  جىددىي ئەھۋالدا سۇھۇرلۇقنى كېچىكتۈرسە، مەسىلەن، ئۇخلاپ قالسا ياكى سۇھۇرلۇق يەۋاتقاندا ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالسا يېيىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەكمۇ؟  ياكى ئەزان توۋلاپ بولغىچە يەۋەرسىمۇ بولامدۇ؟


جاۋاب: كىشى ئەگەر كالېندار ۋە ناماز ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن ئەزاننىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلىسە ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يېيىش-ئىچىشنى توختىتىشى كېرەك.  ھەتتا ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا ئاغزىدا بىر لوقما تائام بولسىمۇ ئۇنى تۈكۈرۈۋېتىشى كېرەك .
ئەمما ئەزاننى بۇرۇن ئوقۇلۇپ قالدى دەپ ئويلىسا، ھېچ بولمىسا ئەزاننىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلۇپ-ئوقۇلمىغانلىقىتوغرىسىدا كۆڭلىدە شەك بولسا تاڭ سۈزۈلگىچە يەپ-ئىچسە بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە ناماز  بامداتنىڭ  ۋاقىتلىرىنى ئېنىقلاش ناھايىتى ئاسان. ھەر ئۆيدە  كالېندار بار، ناماز ۋاقىتلىرى بويىچە ناماز بامداتنىڭ ۋاقتىنى ناھايىتى ئاسان بىلگىلى بولىدۇ.

بىر كىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا : ” مەن سۇھۇرلۇق يېدىم، ئەمما (سۇھۇر ۋاقتىنىڭ توشۇپ قالغان-قالمىغانلىقىدىن) شەكلىنىپ ئىمساك  قىلىۋالدىم“ دېدى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ”: شۈبھىلەنگەن ۋاقتىڭدا تاكى كۆڭلۈڭدە شەك قالمىغىچە يەپ-ئىچىۋەر“ دېدى.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: ” كىشى تاڭنىڭ سۈزۈلگەن-سۈزۈلمىگەنلىكىدىن شەكلىنىپ قالسا تاڭ سۈزۈلگىچە
يەپ-ئىچىۋەرسۇن“ دېگەن.

نەۋەۋى شۇنداق دەيدۇ: ”شافىئى ئىماملار تاڭنىڭ سۈزۈلگىنىدىن شەكلىنىپ قالغۇچىلار تاڭ سۈزۈلگىچە يەپ-ئىچىشىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى دەلىلنى كەلتۈرگەن.

ئاللاھ تائالا رامىزان كېچىسىدە تاڭ سۈزۈلگىچە يەپ-ئىچىشنى مۇباھ قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:” ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار.
ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ، ئىچىڭلار ، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار“. (سۈرە «بەقەرە»، 187-ئايەت)

ئايەتتىن بىلىمىزكى ، سۇھۇرلۇقنى بەك بۇرۇن باشلاپ بۇرۇن ئىمساك قىلىش قۇرئان، ھەدىسلەردە بۇيرۇلمىغان ئىش، بۇ  دىندا چەكتىن ئېشىپ كېتىشتۇر، سۈننەتتە ئېيتىلغان سۇھۇرنى كېچىكتۈرۈش دېگەن مۇستەھەپ ئەمەلگىمۇ خىلاپتۇر.

11. روزا تۇتقان دەسلەپكى كۈنلەردە ئادەم ئۆزىنىڭ روزا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ،  گاھىدا سۇ ئىچىپ ياكى بىر نەرسە يەپ سېلىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ روزىدار ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ؛ بەزىدە ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ-ئىچىپ سالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇ شۇ كۈندىكى روزىسىنى تۇتىۋەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: بۇ ھەقتە بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىس بار : ” كىمكى ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ-ئىچىپ سالسا ئۇ شۇ كۈندىكى روزىسىنى تاماملىسۇن. چۈنكى ئاللاھ ئۇنى يېدۈرگەن ۋە ئىچۈرگەندۇر“.  

دارىقۇتنى سەھىھ ئىسنات بىلەن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:” چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىسىگە بەرگەن رىزقىدۇر“.
شۇڭا بۇ ئەھۋالدا روزا بۇزۇلمايدۇ، قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ. ئىبنى ھۇزەيمە، ئىبنى ھىببان، ئىبنى ھاكىم ۋە دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:” كىمكى رامىزان ئېيىدائۇنتۇپ قېلىش سەۋەبىدىن روزىسىنى بۇزۇۋەتسە  بۇنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، كاپارىتىمۇ بولمايدۇ“.

بۇ ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ئېسىدە يوق يەپ-ئىچىپ سېلىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:” پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق) بىزنى جازاغا تارتمىغىن“ (سۈرە«بەقەرە»، 286-ئايەت).

سەھىھۇل بۇخارىدىكى بىر ھەدىستە ئېيتىلىشىچە، بۇ دۇئا قوبۇل قىلىنغان. يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:” ئاللاھ تائالا بۇ ئۇممەتنىڭ ئۇنتۇپ قېلىش، خاتالىشىش ياكى مەجبۇرلىنىش سەۋەبىدىن قىلغان ئىشلىرىدىن سوئال-سوراق قىلمايدۇ“.

شۇنداق ئىكەن، ئېسىدە يوق يەپ-ئىچىپ قالغان كىشى شۇ كۈندىكى روزىسىنى تۇتىۋېرىشى كېرەك، روزىسىنى بۇزۇشى جائىز ئەمەس.

12. رامىزان ئايىنىڭ ئۈچتىن بىر ۋاقتىنى بىر جايدا، قالغان ۋاقتىنى باشقا جايدا ئۆتكۈمەكچى بولسا ھەم ئۇ يەردە ھېيت قىلسا فىتىر سەدىقىسىنى بۇ ئىككى جاينىڭ قايسىسىدا بېرىش كېرەك؟

جاۋاب: بايرامنىڭ ھارپا كېچىسى يېتىپ بارغان جايدا فىتىر سەدىقىسىنى بېرىشى كېرەك.  بۇ سەدىقە روزا تۇتقانلىق يۈزىسىدىن ئەمەس، ئىنسانىي تەبىئەت (ئىنسانىي مېھرىبانلىق) يۈزىسىدىن بېرىلىدۇ. شۇڭا بۇ سەدىقە ”فىتىر سەدىقىسى“ دەپ ئاتىلىدۇ (ئەرەبچە”فىترەت“ دېگەن سۆز ئىنساننىڭ يارىتىلىش خۇسۇسىيىتى، ئادىمىيلىك دېگەن مەنىدە كېلىدۇ).

شۇ سەۋەبتىن، بىر ئادەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پېتىشتىن ئاۋۋال ۋاپات بولسا ئۇنىڭغا فىتىر سەدىقىسى كەلمەيدۇ. رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن بىر بالا تۇغۇلسا ئۇنىڭ ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئىجمائ بىلەن سابىتتۇر.  بۇ سەدىقە ھېيت ۋە ھېيت خۇشاللىقىنى زىيادە قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. سەدىقە ئارقىلىق  پېقىر-مىسكىنلەرگە شادلىق ئاتا قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھېيت خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېرەك. بۇ ھەقتە ” بۇ كۈندە ئۇلارنى باي قىلىڭ“ دېگەن ھەدىسمۇ بار.  

13. بەزى ئاياللار  تەراۋىھ نامىزىنى داۋاملىق مەسچىتتە ئوقۇيدۇ. بىر قىسىم ئاياللار ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆيىدىن چىقىپ نامازغا بارىدۇ. مەسچىتلەردە ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.  بۇ ئاياللارنىڭ نامىزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تەراۋىھ نامىزى ئۇلارغا ۋاجىپمۇ؟

جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى ئەرلەرگىمۇ، ئاياللارغىمۇ ۋاجىپ ئەمەس، سۈننەتتۇر. ئۇنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا چوڭ ئەجىر-ساۋابى ۋە ئۆزىگە خاس ئورنى بار.

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ” كىمكى ئىمان ئېيتىپ ۋە ئەجرىنى ئاللاھتىن تىلەپ روزا تۇتسا ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. كىمكى ئىمان ئېيتىپ، ئەجرىنى ئاللاھتىن تىلەپ خۇشۇ-ھۇزۇر ئىچىدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇسا، بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇسا رامىزان كېچىلىرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن، ئىبادەتلىرىنى جايىدا قىلغان بولىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم).

بۇ بارلىق ئەر، ئايالغا ئورتاق ھۆكۈم. ئەمما ئاياللار  ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش، ئىلمىي سۆھبەتلەرگە قاتنىشىش ياكى قۇرئان كەرىم ئاڭلاش ئۈچۈن مەسچىتكە بارماي پەقەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈنلا مەسچىتكە بارسا بۇنىڭدىن كۆرە ئۆيىدە ناماز ئوقۇغىنى ياخشى.  ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئىشلار ئۈچۈن مەسچىتكە بارسا بۇ تېخىمۇ ئەۋزەل. يەنە كېلىپ، ھازىرقى ئەرلەر خوتۇنلىرىغا كېرەكلىك دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتەلمەيۋاتىدۇ، ئۆگىتەي دېسىمۇ ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئىلمى، ۋەز-نەسىھەت قىلغۇدەك ئىقتىدارى بولمىغاچقا، پەقەت مەسچىتلەرلا ئاياللارغا ئىلىم بېرەلەيدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ دىندىن ساۋادلىق بولۇشىغا پۇرسەت بېرىش، ئاللاھنىڭ ئۆيى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يولنى راۋان قىلىش كېرەك.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيىدە يالغۇز ئوقۇسا ئۇنىڭغا كېرەكلىك چىدام-غەيرەت، ئوپچە ئىلھام- مەدەت، قىزغىنلىقنى تاپالمايدۇ.
شۇغىنىسى، ئاياللار مەسچىتكە بارماقچى بولسىمۇ ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك. چۈنكى ئەر ئۆينىڭ ئىگىسى بولۇپ، مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە. ئەگەر ئەر  پەرز ئەمەللەرنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلىمىغانلا بولسا ئايالى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك.

ئەگەر ئايال كىشى مەسچىتكە بارماقچى بولسا،   ئېرىنىڭ ھېچ سەۋەبنىڭ تايىنى يوقلا ئۇنى مەسچىتتىن توسۇش ھەققى يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى مەسچىتكە بېرىشتىن توسماڭلار“ (مۇسلىم).

شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىدەك بولۇشى مۇمكىن: ئەر ئاغرىپ قېلىپ، ئايالىغا مۇھتاج
بولسا؛   ئۆيدە كىچىك بالىلار بولۇپ، ئۇلارنى تاشلاپ قويۇشقا بولمىسا؛ مانا بۇنىڭدەك سەۋەبلەر، زۆرۈرىيەتلەر بولسا ئايال كىشى مەسچىتكە بارمىسىمۇ بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ مەسچىتكە بىللە ئېلىپ بارغان بالىلىرى چۇقان-سۈرەن سېلىپ، تولا يىغلاپ نامازخانلارنىڭ دىققىتىنى بۇزغۇدەك بولسا ئۇلارنى مەسچىتكە ئاپارماسلىق كېرەك. بالىلارنى ئادەتتە پەرز نامازلارنى ئوقۇغاندا بىللە ئېلىپ بارسا بولىدۇ،
چۈنكى بۇ نامازلارنىڭ ۋاقتى قىسقا.  ئەممە تەراۋىھ نامىزى ئۇزۇن ئوقۇلىدىغان ناماز بولغاچقا بالىلار  ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا تاقەت قىلالمايدۇ، بۇ ئەھۋالدا  ئاياللار بالىلىرىنى ئۆيىدە باققاچ، ئۆيىدە ناماز ئوقۇسا ياخشى.

ئاياللارنىڭ مەسچىتتە پاراڭ سېلىشلىرىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىشىمۇ ئەرلەرنىڭ پاراڭلىشىشىغا ئوخشاش ئىش. ئەمما ئاياللارنىڭ ھېچ گەپنىڭ تاينى يوقلا ئۈنلۈك پاراڭ سېلىشى، بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھەققىدە گەپ سېتىشى جائىز ئەمەس.  مەسچىتلەر بىھۇدە پاراڭ قىلىشىدىغان يەر ئەمەس، بەلكى ئىبادەت ۋە ئىلىم ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئورۇن.

دىننىڭ ھۆكمى بويىچە ياشاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇسۇلمان ئاياللار  ئاللاھنىڭ ئۆيىدە جىم ئولتۇرۇشى،  نامازخانلارنىڭ، ئەھلى ئىلىم موللىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭ سالماسلىقى كېرەك.
ئەگەر زادى گەپ قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋالدا  بوش ئاۋازدا سۆزلىسۇن. پاراڭلىرىدا، كىيىنىشىدە، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ئىمكانقەدەر سالماق ھەم لاتاپەتلىك بولسۇن.

بۇ يەردە ئىنساپ بىلەن بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلماقچىمەن:  بەزى ئەرلەر خوتۇنىغا بەك قاتتىق قوللۇق قىلىدۇ، ئەر-ئايالنىڭ مەسچىتى ئايرىم ياكى بىر مەسچىتتە ئەر-ئايالنىڭ ئارىسى پەردە-توسۇقلار بىلەن ئايرىۋېتىلگەن ئەھۋالدىمۇ ئۇلار ئاياللىرىنىڭ مەسچىتكە بېرىشىغا قوشۇلمايدۇ.
ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە بۇنداق پەردە-توسۇقلار يوق ئىدى. ھازىر  بۇ توسۇقلار تۈپەيلىدىن ئايال جامائەت ئىمامنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرەلمەيدۇ، پەقەت ئاۋاز ئارقىلىقلا بىلەلەيدۇ. بەزى ئەرلەر مەسچىتتە پاراڭ سالسا گەپ يوق، ئاياللار دىن توغرۇلۇق پىچىرلاشسىمۇ ئۇلارغا  يول قويۇشمايدۇ. بۇ  مۇتەئەسسىپلىك، ئىنساپسىزلىق، ھەدىستىمۇ ئەيبلەنگەن ئىچى تارلىقتۇر.  ئىچى تارلىق، كۆرەلمەسلىك ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى غەزەبلىنىدىغان يامان قىلىقتۇر.

زامانىۋى ھايات ئاياللارغا كەڭ ئىشىك ئاچتى،  ئۇلارنى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ مەكتەپلەرگە، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا، بازارلارغا ئېلىپ باردى.
ئەمما ئۇلار ئەڭ ياخشى ئورۇن، ئەڭ ئېسىل ئۆي بولغان مەسچىتلەرگەبېرىشتىن مەھرۇم قالدى.
بۈگۈن بىمالال ھالدا شۇنداق دەيمەنكى: ئۇلارمۇ مەسچىتلەرگە بېرىپ جاھاندىكى ياخشى ئىشلارنى كۆرسۇن، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلىسۇن، دىندىن بىلىم ئالسۇن، ئۇلارغا ئىجازەت بېرىڭلار.
ئۇلار ياخشى ئورىنىپ ھېچكىمدە ۋەسۋەسە پەيدا قىلماي، گۇناھقا يېقىن يولىماي مەسچىتكە بېرىپ كەلسە، بېرىپ
كەلگەچ كوچا-كويلارنى كېزىپ ئەتراپنى كۆرۈپ زوقلىنىپ كەلسە يامان بولماس.

14. روزىدارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىگە ئىسلام قانداق قارايدۇ؟

جاۋاب: تېلىۋىزور ياخشىلىق ھەم يامانلىق ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان بىر ۋاسىتىدۇر.  ھەر قانداق قورال-ۋاسىتىنىڭ نىيەتلەرگە كۆرە مەقسەتلىرى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە تېلىۋىزور بىلەن رادىئو ئوخشاش نەرسە. ئۇلار تارقىتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ياخشىسىمۇ، يامىنىمۇ بار. مۇسۇلمانلار  ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، يامان تەرىپىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. روزا تۇتقان كىشى ئۇنىڭغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى لازىم، ئېھتىيات قىلغاندا ئاندىن روزىنى ساق-سالامەت تۇتقىلى، ئەجىر-ساۋابنى تولۇق ئالغىلى، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.


تېلىۋىزور كۆرۈشنى كەسكىن ھارام ياكى ھالال دېيەلمەيمەن. ئۇنىڭ ھالال-ھارام بولۇشى سىز كۆرۈۋاتقان شۇ نەرسىلەرگە بېقىپ بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈۋاتقىنىڭىز ياخشى پروگرامما بولسا ئۇنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.  ئەگەر كۆرۈۋاتقىنىڭىز يالىڭاچ ئاياللارنىڭ ئۇسسۇلى دېگەندەك ناچار نەرسىلەر بولسا ئۇنى كۆرۈش ھارام.

رامىزان ئايىدا بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن يىراق تۇرۇش لازىم. بەزى نەرسىلەرنى كۆرۈش ھارام بولمىسىمۇ
مەكرۇھتۇر. ئاللاھنى زىكرى قىلىشتىن توسىدىغان ھەر قانداق پروگرامما، بەلكى ھەر قانداق نەرسە ھارامدۇر. تېلىۋىزور كۆرۈش، رادىئو ئاڭلاشقا ئوخشاش ئىشلار ئاللاھ بۇيرۇغان ناماز ئىبادەتكە دەخلى قىلسا، يەنى كىشىنى بىخۇد، ھورۇن، لەقۋا قىلىپ، ئىبادەتكە سەل قارايدىغان، ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلمايدىغان قىلىپ قويسا ئۇ ھالدا داۋاملىق  تېلىۋىزور كۆرۈش، رادىئو ئاڭلاش ۋە باشقا ھەر قانداق ئىشقا بېرىلىپ كېتىش ھارامدۇر.  

قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر  نامازدىن قويىدىغانلىكى ئىش بولسا ئۇنى قىلىش چەكلىنىدۇ.
بارچە نۇقسانلاردىن پاك ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ” شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى( ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟ (سۈرە«مائىدە»، 91-ئايەت).

پروگراممىچىلار  رامىزان ئېيىدا پروگرامما ئىشلىگەندە ئاللاھتىن قورقسۇن، ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان، دىنغا، ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلارنى كۆپرەك ئىشلىسۇن. شۇنداق قىلسا ئۆزىنى ۋە تېلىۋىزور كۆرگۈچىلەرنى گۇناھقا شېرىك قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولىدۇ ھەم ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا جاۋابكار بولىدۇ،  ئۇلارنىڭ يۈكلىۋالغان جاۋابكارلىقى نېمىدېگەن يامان! “ (سۈرە«نەھل»،
25-ئايەت).

16. تەراۋىھ نامىزىنى تېز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

”كىمكى  ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆتكەن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم).
ئاللاھ تائالا مۇبارەك رامىزاننى  كۈندۈزى روزا تۇتۇش،   كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ (تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ) ئۆتكۈزۈش
كېرەكلىكىنى(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئارقىلىق) بەندىلىرىگە يەتكۈزۈپ،  بۇ ناماز ئارقىلىق  بەندىنىڭ گۇناھى ۋە خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان، كىشىنى مەنىۋى كىردىن  تازىلايدىغان تەراۋىھ نامىزىنى ئۆز شەرتى، رۇكنى، ئەدەب-قائىدىلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. مەلۇم بولغىنىدەك، نامازنى سۈكۈت، ھۇزۇر ئىلكىدە ئوقۇش، سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش، رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىش نامازنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى جايىدا ئوقۇمىغانلارنى ئەيبلەپ:
” بېرىپ قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ“ دېگەن. ئاندىن مەقبۇل بولىدىغان نامازنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويغان:
” ئاۋۋال شۇنداق بىر رۇكۇ قىلغىنكى،  تولۇق رۇكۇ قىلغىنىڭغا ئىشەنچىڭ بولسۇن. رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن  قەددىڭنى رۇسلاپ بىر دەم تۇرۇۋال.  شۇنداق سەجدە قىلغىنكى، تولۇق سەجدە قىلغىنىڭغا ئىشەنچىڭ بولسۇن، سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرغىنىڭدا سۈكۈت، ئىشەنچ ۋە سالماقلىق بىلەن بىر دەم تۇرۇۋال“ (بۇخارى، مۇسلىم).

نامازنىڭ بارلىق شەرتلىرى ئىچىدە نامازدا سالماق بولۇش ناھايىتى مۇھىم،  بۇ  سالماقلىقنىڭ قايسى دەرىجىدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالىملار ئىختىلاپلىشىپ قالغان. بەزىلىرى ( رۇكۇ، سەجدەئارىلىقىدا) ”سۇبھانەئاللاھ“ دېگۈچىلىك بىر ئان توختىۋېلىش كېرەك دېسە، بەزىلىرى، مەسىلەن ئىبنى تەيمىيە قاتارلىقلار ئۈچ تەسبىھ ئېيتقۇچىلىك ۋاقىت تۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ. بەزى ھەدىسلەردىمۇ  تەسبىھنىڭ ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەڭ ئاز مىقداردۇر.  شۇنداق بولغانىكەن، رۇكۇ، سەجدە ئارىلىقىدا ئۈچ تەسبىھ ئېيتقۇچىلىك ۋاقىت توختاش كېرەك.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:” مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى، (شۇنداق مۇئمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا
(ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر“ (سۈرە«مۇئمىنۇن»، 1-2-ئايەت)

.
خۇشۇ (ئەيمىنىش، قورقۇش ئىچىدىكى ھاياجان)  جىسمانىي خۇشۇ، مەنىۋى خۇشۇ  دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.


1) جىسمانىي خۇشۇ  بەدەننىڭ راھەت، ئازادىلىك ئىچىدە  بولۇشى دېمەكتۇر ؛  نامازدا بىھۇدە ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق، مايمۇندەك ئوڭ-سول تەرەپكە قارىماسلىق، رۇكۇ ۋە سەجدىنى توخۇ دان چوقۇغاندەك تېز-تېز قىلماسلىق، باشتىن ئاخىر سالماق بولۇش كېرەك. يەنى  نامازنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان شەكىلدە ئۇنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا كامىل ئادا قىلىش كېرەك؛
2) مەنىۋى خۇشۇ  ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى قەلبىدە چوڭقۇر ھېس قىلىشى دېمەكتۇر. ئوقۇلۇۋاتقان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلاش، ئاخىرەتنى ئويلاش، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئويلاش ئارقىلىق مەنىۋى خۇشۇغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

بىر ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ” نامازنى بەندەم بىلەن ئۆزەم ئارىسىدا ئىككىگە بۆلدۈم.  بەندە:’ جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارھى ئاللاھقاخاستۇر‘دېگەندە، ئاللاھ تائالا: ’بەندەم مېنى مەدھىيىلىدى‘دەيدۇ.
بەندە: ’ئۇ ناھايىتى شەپقەتلكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر‘ دېگەندە ئاللاھ تائالا: ’بەندەم مېنى ماختىدى‘ دەيدۇ. بەندە: ’ئۇ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر‘ دېگەندە، ئاللاھ تائالا: ’بەندەم مېنىڭ ئۇلۇغ، شەرەپلىك ئىكەنلىكىمنى ئېيتتى‘ دەيدۇ.
بەندە: ’رەببىمىز، ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز‘ دېگەندە، ئاللاھ تائالا:’ بۇ مەن بىلەن بەندەم ئارىسىدىكى ئىشتۇر‘ دەيدۇ.
بەندە:’ بىزنى غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن‘ دېگەندە ئاللاھ تائالا:’ بۇ بەندەم ئۈچۈندۇر، بەندەم ئۆزى خالىغىنىغا ئېرىشسۇن (يەنى ئۇنىڭغا ئۇ ئارزۇ قىلغان نەرسە بېرىلىدۇ)‘ دەيدۇ. (مۇسلىم).

بارچە نۇقسانلاردىن پاك  ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىدىن ھەرگىز يىراق ئەمەس، بەندىلىرىنىڭ دۇئا-ئىلتىجالىرىنى ھەر ۋاقىت ئاڭلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا بەندە ھەر ۋاق نامىزىدا، ھەر بىر رۇكۇ ۋە سەجىدىسىدە  ئاللاھ تائالا بىلەن مۇلاقەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، نامازدىكى ھەر بىر ھەرىكىتىمنى ئاللاھ تائالا كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلىشى لازىم.
بۇرۇنراق تۈگىتىمەن، بۇرۇنراق بىكار بولىمەن دەپ خۇددى يەلكىسىدىكى يۈكنى تاشلاشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىراپ قىلىنغان ناماز كۆڭۈلدىكىدەك ناماز ئەمەس، ھەقىقىي ناماز ئەمەس، بۈيۈك ئېھتىمالدا بەلكىم مەقبۇل بولمايدىغان نامازدۇر. رامىزان ئايىدا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار خۇپتەن نامىزى بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى بىللە ئوقۇيدۇ، بەلگىلىك بىر ۋاقىت ئىچىدە 33 رەكئەت نامازنى تېز تاماملاپ تۈگىتىدۇ.
بۇ نامازدا رۇكۇ، سەجدە، خۇشۇ-ھۇزۇر دېگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.  بۇ ئەھۋال تۆۋەندىكى ھەدىسكە چۈشىدۇ:   (ناماز) سىياھتەك قارا زۇلمەت ئاسمانغا ئۆرلەۋېتىپ ناماز ئىگىسىگە:” سەن مېنى زايە قىلغىنىڭدەك، ئاللاھمۇ سېنى زايە قىلسۇن“ دەيدۇ.
خۇشۇ-ھۇزۇر ئىلكىدە سالماقلىق بىلەن ئوقۇلغان ناماز ئاپئاق، يورۇق بىر ئاسمانغا ئۆرلەۋېتىپ ناماز ئىگىسىگە:” سەن مېنى قوغدىغىنىڭدەك، ئاللاھمۇ سېنى قوغدىسۇن“ دەيدۇ.
جىسمانىي ۋە مەنىۋى خۇشۇسى كەم ھالدا ناماز ئوقۇغان ۋە ناماز ئوقۇتقانلارغا تەۋسىيەم شۇكى،  تەراۋىھ نامىزىنى خۇشۇسىز، ھۇزۇرسىز 20 رەكئەت ئوقۇغاندىن خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن 8 رەكئەت ئوقۇغان ئەۋزەل.  نامازنىڭ رەكئەتسانى، ئاز-كۆپلۈكى مۇھىم ئەمەس، ئۇنىڭ قانداق ئوقۇلۇشى، كەيپىياتى، سۈپەت-ساپاسى مۇھىم.
بۇ ناماز خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن ئوقۇلدىمۇ ياكى ئالۋاڭ ھېسابىغا، بالدۇرراق تۈگىتىش ئۈچۈن ئوقۇلدىمۇ؟  مەسىلە بۇ يەردە.  
ئاللاھ تائالا بىزنى خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن ناماز ئوقۇيدىغان تەقۋا بەندىلەردىن قىلغاي.

17. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، رامىزاندا روزا تۇتقان ھەر بىر كۈندە بەرىكەت ۋە ياخشىلىق بار.

بۇ مۇبارەك ئايدا روزا تۇتۇش ۋە ناماز ئوقۇشتىن مەھرۇم قېلىشنى خالىمايمىز. بىلىشىمىزچە، بەزى ئاياللار روزىنى ساق تۇتۇش ئۈچۈن ھەيز ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدىغان دورا يەيدىكەن، بۇنىڭ سالامەتلىككىمۇ زىيىنى يوقكەن، شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟


جاۋاب: ئىسلام ئالىملىرى رامىزان كىرگەندە ھەيز كۆرۈپ قالغان  ئايالنىڭ روزا تۇتمايدىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن.
بۇ ئەھۋالدا ئاياللار روزا تۇتالمايدۇ، قازاسىنى قىلىشى كېرەك. بۇ ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللارغا بەخش ئەتكەن مەرھەمەت ۋە ئاسانلىق. ھەيز كۆرگەندە ئاياللار ھارغىن، چېچىلاڭغۇ، سەپرا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ھالدا ئاياللارنىڭ روزىسىنى بۇزۇشى مۇباھ ئەمەس، بەلكى ۋاجىب. ئەگەر روزا تۇتىۋەرسە تۇتقان روزىسى قوبۇل بولمايدۇ، ئەجىر-ساۋابقىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ۋە ساھابە ئاياللاردىن تارتىپ  بۈگۈنگە قەدەر ياشاپ ئۆتكەن  بارلىق مۇسۇلمان ئاياللار ھەيز كۆرگەندە روزا تۇتماسلىق پرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ كەلگەن. شۇڭا رامىزاننىڭ بېشىدا ھەيز كۆرۈپ قالغان ئاياللار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، رامىزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ” بىز نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا ئەمەس، رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلدۇق“ دېگەن (بۇخارى).

خۇسۇسەن مەن ئىشلارنىڭ تەبىئي، ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلىشىنى قوللايمەن.  
ھەيز تەبىئىي ئىش ھەم شۇ بويىچە داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئەمما بۇ يەردە دورا ئىشلىتىش مەسىلسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ.  بەزى ئاياللار دورا ئىشلىتىپ ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپتۇ.  بۇ دورىلار تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىغا ئوخشاش بولۇپ، ھەيزنى كېچىكتۈرىدىكەن.  بەزى ئاياللار روزىسىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن بۇ دورىلارنى ئىشلىتىپ ھەيزىنى كېچىكتۈرمەكچى بوپتۇ.

  ئەگەر بۇ دورىلار سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمىسە ئۇنى ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇ كېڭەش ھەيئىتى ۋە نوپۇزلۇق ئىلىم ساھەسىنىڭ  قارىشى. ئۇ دورىلارنىڭ زىيان قىلمايدىغانلىقى ئېنىق بولسا ئۇنى ئىشلىتىپ ھەيزنى كېچىكتۈرۈشكە ھەم روزا تۇتۇشقا بولىدۇ؛
ئاللاھ خالىسا، تۇتقان روزىسى مەقبۇل بولىدۇ.  


18. ئۆتكەن يىلى رامىزاندا ھەيز كېلىپ قېلىپ 6 كۈن روزا تۇتالمىدىم، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلاي دەپ شەئبان ئايىنىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ روزا تۇتۇشقا باشلىدىم. ئىككى كۈن بولغاندا ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا: شەئبان ئېيىدا قازا روزىسىنى تۇتۇش جائىز ئەمەس، دېيىشتى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟


جاۋاب:   قازا بولۇپ كەتكەن روزىنى رامىزاندىن باشقا خالىغان ۋاقىتتا، ھەتتا شەئبان ئېيىدا بولسىمۇ تۇتۇۋالسا بولىدۇ.  ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بەزىدە قازا بولۇپ كەتكەن روزىسىنى شەئبان ئايىغا كېچىكتۈرۈپ، رامىزان كىرىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىۋالاتتى. بۇ سوئالنى سورىغان قېرىندىشىمىز خاتىرجەم بولۇپ روزىسىنى تۇتىۋەرسۇن، بۇ ئايدا تۇتقان روزىسى، ئىنشائاللاھ، مەقبۇلدۇر، ئەجىر-ساۋابى باردۇر. ئاللاھ تائالا تەقۋا ساھىبلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

19. مەن 18 ياشلىق بىر قىز. ھەيز كۈنلىرىم كەلگەندە مەندىن ئاق سويۇقلۇق ئاقتى، بۇ كۈندە ئوقۇغان نامىزىم، تۇتقان روزام قوبۇل بولامدۇ؟

جاۋاب: سىز دەۋاتقان نەرسە بەدەندىكى ئاجرالما سويۇقلۇق. ئەگەر ئاققان نەرسە قىزىل بولسا ئۇ چاغدا ناماز ئوقۇشقا، روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ. ھەيز قېنى قىزىلدۇر، ئەگەر ئاققان نەرسە قىزىل بولمىسا ئۇ قان ئەمەس، ئاجرالما سويۇقلۇق بولىدۇ.  بۇ ئەھۋالدا ئاياللار روزا تۇتىۋېرىشى، ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلىرىنى قىلىۋېرىشى كېرەك. ئىنشائاللاھ، بۇ ئىبادەتلەر مەقبۇل بولىدۇ.  

20. روزىدار مىسۋاك ئىشلەتسە، بولۇپمۇ چىش پاستىسى ئىشلەتسە بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: رامىزاندا روزىدارنىڭ چۈشتىن ئاۋۋال مىسۋاك ئىشلىتىشى مۇستەھەب. چۈشتىن كېيىن ئىشلىتىش توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”جېنىم ئۆز ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، روزىدارنىڭ ئېغىزىدىكى پۇراق ئاللاھنىڭ نەزەرىدە مۇشك-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ ياخشىراقتۇر“ (بۇخارى).

چۈشتىن كېيىن مىسۋاك ئىشلىتىشنى مەكرۇھ كۆرىدىغانلار  ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان خۇشپۇراقنى ئېغىزدىن چىقىرىۋېتىش ياخشى ئىش ئەمەس، ياكى بۇنداق قىلىش مەكرۇھ دەپ قارايدۇ.
روزىدار بۇ پۇراقنى مۇمكىنقەدەر ئېغىزىدا ساقلىشى، ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچ قانداق ئۇسۇل قوللانماسلىقى لازىم.  بۇ

پۇراق گويا شەھىدلەر يارىلانغان چاغدا ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن ئاققان قانغا ئوخشايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەھىدلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”شەھىدلەرنى ئۇلارنىڭ قېنى ۋە كىيىملىرى بىلەنلا دەپنە قىلىڭلار. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە ئۇچىسىدىكى نەرسىلەر قان رەڭگىدە بولىدۇ، پۇرىقى مۈشك-ئەنبەرنىڭ پۇرىقى بولىدۇ“.  شۇ سەۋەبتىن شەھىدلەر يۇيۇلماستىن، بەدىنى ۋە كىيىمدىكى قانلىرى بىلەنلا دەپنە قىلىنماقتا.  
روزا تۇتۇش مەسىلىسىنىمۇ شۇ بويىچە قىياس قىلىشقا بولىدۇ.  ئەمما ئەسلىدە توغرا بولغىنى شۇكى، شەھىد مەسىلىسىنى روزا تۇتۇش مەسىلىسىگە ئوخشاتماسلىق كېرەك. چۈنكى شەھىدلەرنىڭ ئىشى ھېچقانداق ئىشقا ئوخشىمايدۇ. ساھابىلەردىن كەلگەن رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدار ھالەتتە كۆپ قېتىم مىسۋاك ئىشلەتكەن. روزا تۇتۇشتىن ئاۋۋال بولسۇن، كېيىن بولسۇن،  روزا تۇتقان كۈنلەردە ئەتىگەندە بولسۇن ياكى كەچتە بولسۇن مىسۋاك ئىشلىتىش مۇستەھەپتۇر.
بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋسىيە قىلغان بىر سۈننەتتۇر: ” مىسۋاك ئېغىزنى تازىلايدۇ، ئاللاھنى ھەم رازى
قىلىدۇ“ (نەسەئى).  
بۇ ئىشتا روزا تۇتقان كۈنلەر بىلەن باشقا كۈننىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق، يۇقىرىقى ھەدىس ھەر قانداق ۋاقىتتا كۈچكە ئىگە.

چىش چوتكىلاشقا كەلسەك، چىش پاستىسى ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە ناھايىتى دىققەت قىلىش كېرەك.
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ پىكرىدىن قارىغاندا، گالدىن ئۆتۈپ ئاشقازانغا كىرىپ كەتكەن  نەرسە روزىنى بۇزىدۇ.
شۇڭا مۇسۇلمانلار ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭدىن ساقلىنىپ، ئىپتاردىن كېيىن چىش چوتكىلىسۇن. ئەگەر باشقا پەيتتە چىشىنى چوقۇم چوتكىلاش كېرەك بولسا ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىشى، سۇ بىلەن مەلھەمنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى لازىم. ئەگەر ھەر قانچە ئېھتىيات قىلسىمۇ گېلىغا بىر نەرسە كىرىپ كەتسە ئاللاھ ئۇنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرىدۇ.
” سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)“ (سۈرە«ئەھزاب»، 5-ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۈممىتىمنىڭ خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى مەجبۇرلىنىپ قىلغان
ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنمايدۇ“.  ئاللاھ تائالا ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

21-  بىر كىشى سەپەرگە چىقسا قانچىلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن روزىسىنى بۇزسا بولىدۇ؟ بۇ مۇساپە 81 كىلومېتىر دېگەن گەپ راستمۇ؟ سەپەر جەريانىدا ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمىسىمۇ روزىسىنى
بۇزسا  بولامدۇ؟

جاۋاب: سەپەرگە چىققان كىشى قۇرئان كەرىمنىڭ بىلدۈرگىنى بويىچە روزىسىنى بۇزسا بولىدۇ. ”سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ(روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن)  باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. “ (سۈرە«بەقەرە»،
184-ئايەت).

سوئالدا تىلغا ئېلىنغان مۇساپىنىڭ 80 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالىملار بىرلىككە كەلگەن، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. بارلىق فىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، نامازنى قەسىر قىلىدىغان، روزا تۇتماسلىقنى كېرەك قىلىدىغان مۇساپە 84 كىلومېتىردۇر.

  بۇ مۇساپە تەخمىنەن ئۆلچىنىدىغان مۇساپە بولۇپ، ئۇنى مېتىرلاپ، كىلومېتىرلاپ ئۆلچەش  توغرۇلۇق ھېچقانداق ھەدىس، مەلۇمات كەلمىگەن.  بۇ ئەھۋالدا سەپەرگە چىققانغا ھېساب بولىدىغان ئۆلچەم 84 كىلومېتىر بولسا كۇپايە.
بەزى ئالىملار سەپەرگە چىققۇچى ئۆيىدىن ئايرىلسىلا ھېساب، ھېچقانداق مۇساپىنى ھېسابلىماسلىق كېرەك دەيدۇ.  
سەپەرگە چىقىش دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا مۇساپىرلىقنى بىلدۈرىدۇ، يولغا چىققاننىڭ ئۆزىلا سەپەر ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ، شۇنداقلا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھۆكۈم قۇرئان، ھەدىستە بار. سەپەرگە چىققۇچى بۇ ھۆكۈمگە رىئايە قىلىش-قىلماسلىقتا ئەركىندۇر.

ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام بىلەن بىرگە سەپەر قىلغىنىدا بەزىلىرى روزا تۇتۇپ، بەزىلىرى تۇتمايتتى. روزا تۇتقانلار  تۇتمىغانلارنى ئەيبلىمەيتتى، روزا تۇتمىغانلار  تۇتقانلارنى ئەيبلىمەيتتى. سەپەر جەريانىدا روزا تۇتۇش ئېغىر كېلىدىغان ئەھۋالدىمۇ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر، ھەتتا بەزىدە ھارام بولىدۇ. روزا تۇتۇپ قىينىلىپ قالغان بىر ئادەمنىڭ سايىۋەن ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

” سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتۇش ياخشى ئىش ئەمەس“(بۇخارى).
سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتۇپ قىينىلىپ يۈرگەن كىشىنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنداق.  ئەگەر سەپەر قىلغۇچىغا روزا تۇتۇش ئېغىر كەلمىسە ئۇ چاغدا روزا تۇتسىمۇ، تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغىنى ياخشى؟
ئالىملار بۇ ھەقتە ئىختىلاپ قىلىشقان.
بەزىلىرى روزا تۇتقىنى ياخشى دېسە، بەزىلىرى روزا تۇتمىغىنى ياخشى دېگەن. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز: ” قايسىسى ئاسان بولسا شۇنى قىلغىنى ئەۋزەل“ دېگەن.
بەزى كىشىلەر ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا روزا تۇتۇشنى ئېغىر كۆرۈپ، سەپەر ئۈستىدە بولسىمۇ رامىزان روزىسىنى تۇتىۋېلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.   بۇ  كىشىلەرگە ”روزاڭنى تۇتىۋەر“ دېمەي ئىلاجىمىز يوق.
بەزى كىشىلەر سەپەردە قىينىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن روزا تۇتمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىگە رۇخسەت قىلغان ۋە دۇرۇس بولغان تەرزدە  قازاسىنى قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ” روزا تۇتمىساڭمۇ بولىدۇ،  ئەمما باشقا كۈنلەردە ئۇنىڭ قازاسىنى قىلۋال“ دەيمىز. سەپەردە ئاسان بولغىنىنى قىلىش ئەڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەبۇ داۋۇد ھەمزە ئىبن ئەمر ئەل ئەسەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ”مەن ’ ئەي رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ بىر مۇنچە ئات-ئۇلىغىم بار، ئىش-مەيلىم شۇلار بىلەن، ئۇلارنى مىنىپ سەپەرگە چىقىمەن. سەپەرگە چىققان ۋاقىتلىرىم رامىزانغا توغرىلىشىپ قالىدۇ. مەن تېخى ياش، ئۆزەمنى روزا تۇتالايدىغاندەك ھېس قىلىمەن،  سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتماي قازاسىنى گەدىنىمگە ئارتىۋالغاندىن كۆرە روزا تۇتقىنىم ياخشى دەپ ئويلايمەن. سەپەردە زادى روزا تۇتسام ياخشىمۇ، تۇتمىسام ياخشىمۇ؟‘ دېدىم.  
بۇنى ئاڭلاپ  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ” قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل ئى ھەمزە“ دېدى.

نەسەئىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ” ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:’ سەپەردە ئۆزەمنى روزا تۇتالايدىغاندەك ھېس قىلىمەن، تۇتسام بولامدۇ؟‘ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:’ بۇ (يەنى سەپەردە روزا تۇتماسلىق) ئاللاھ ساڭا بەرگەن رۇخسەتتۇر‘دېدى. ئاللاھ تائالانىڭ سەپەر ئۈستىدىكىلەر ھەققىدىكى ھۆكمى مانا شۇ.  بۇ رۇخسەتتىن پايدىلىنىشقا سەپەردىكى قىينچىلىق ۋە مۇشەققەتلەر شەرت ئەمەس، سەپەرگە چىقىشنىڭ ئۆزىلا روزا تۇتماسلىقنى مۇباھ قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا سەپەر ئۈستىدىكى مۇشەققەتنى روزا تۇتماسلىقنىڭ شەرتى قىلمىدى، ئەگەر ئاللاھ ئۇنى شەرت قىلغان بولسىدى، ئىنسانلار تېخىمۇ ئىختىلاپقا چۈشەتتى. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇۋالىدىغانلار ئەڭ قاتتىق مۇشەققەتلەرگە چىداشقا مەجبۇر بولاتتى، شۇنداقتىمۇ ” بۇنى مۇشەققەت دېگىلى بولمايدۇ“ دەپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ھالىدىن كەتكۈزۈپ قوياتتى.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى مۇشەققەتكە سېلىشنى خالىمايدۇ. بەندىلىرىگە رۇخسەت، ئاسانلىق بەرگۈچى  ئاللاھ
شۇنچىلىك مۇشەققەتلەرنىمۇ ئېتىبارغا ئالىدىغان ئۇلۇغ زاتتۇر.

شۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ تائالا روزا تۇتماسلىقنى پەقەت ۋە پەقەت سەپەرگە چىقىشقىلا باغلىغان. ئايروپىلان، پويىز ياكى پاراخوت بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقان ئادەممۇ روزا تۇتمىسا بولىدۇ.
بۇ يەردىكى بىردىنبىر مەسىلە، روزا تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى بىر كۈنگە بىر كۈن توغرىلاپ تۇتۇشتۇر، چۈنكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىسا بولمايدۇ، قازاسىنى قىلغاندا ئاندىن مەجبۇرىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدىن ساقىت بولىدۇ. سەپەرگە چىققۇچىلار يولدا جاپا چەكمىگەن تەقدىردىمۇ روزا تۇتمىسا بولىۋېرىدۇ.
يول كۆرۈپ باققانلار  سەپەردە چوقۇم  قىيىنچىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئېشەككە مىنىپ ماڭسۇن ياكى ئايروپىلاندا ئولتۇرسۇن، سەپەر دېگەن ھامان سەپەر.  

ئۆيىدىن، كۆنگەن يېرىدىن ئايرىلغان ئىنسان سەپەردە، يات يەردە ھامان سىقىلىدۇ، كۆنەلمەيدۇ. جىسمانىي
ھارغىنلىقتىن باشقا يەنە روھىي جەھەتتىن ھالسىرايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ ئەھۋالدا  روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلغان.
بۇندىن باشقا يەنە بىز بىلمەيدىغان ھەم بىلەلمەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. بىز قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرىكەت قىلمىساق ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان مەرھەمەت ۋە ئىلتىپاتنى زايە قىلغان بولىمىز.

” ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“.  ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.


22. قىز ۋە ئوغۇل بالىلار قانچە يېشىدىن باشلاپ روزا تۇتسا بولىدۇ؟ بۇنىڭ شەرىئەتتە ئېنىق ياش ئۆلچىمى
بارمۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” بالىلار چوڭ بولغىچە؛ ئۇخلاۋاتقانلار ئويغانغىچە، ساراڭلار
ھوشىغا كەلگىچە بۇ ئۇچەيلەننىڭ ئەمەلى خاتىرىلەنمەيدۇ“ (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى).  

ئۇلارنىڭ نامۇ ئەمالى خاتىرىلەنمەيدۇ دېگەنلىك ئۇلار ھېچقانداق ئىشتىن سوئال-سوراق قىلىنمايدۇ دېگەنلىكتۇر.  
شۇنداقتىمۇ، ئىسلام دىنى ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن دىن بولغاچقا كىچىك بالىلارنىڭ تائەت-ئىبادەتنى بۇرۇنراق باشلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن:
” بالىلىرىڭلار 7 ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، 10 ياشقا كىرگەندە ( ناماز ئوقۇمىسا) ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار “ (ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم).

  روزا تۇتۇشمۇ نامازغا ئوخشاش پەرز ئىبادەت بولۇپ، بالىلار بۇنىڭغا بۇرۇنراق ئادەتلىنىشى كېرەك. ئۇلار قانچە يېشىدىن باشلاپ روزا تۇتۇشى كېرەك؟  7

ياشقا كىرگەندە روزا تۇتۇشى شەرت ئەمەس، چۈنكى روزا تۇتۇش ناماز ئوقۇشتىن مۇشەققەتلىك ئىبادەتتۇر. بۇ ئەھۋالدا بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى، بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئويلاشماي بولمايدۇ.

بالىنىڭ ئاتىسى ياكى ئۇنى تەربىيىلىگۈچى كىشى بالىنىڭ روزا تۇتالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتسە ئۇنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.  دەسلەپتە ئۇلارنى رامىزاندا بىرەر كۈن  روزا تۇتۇشقا ئۈندەش لازىم، بالىلار كېيىنكى يىلى رامىزاندا ئۈچ كۈن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىلى بىر ھەپتە روزا تۇتسا ، بالاغەتكە يېتىپ بولغىچە تولۇق روزا  تۇتالايدىغان بولىدۇ.
بۇلار ئىسلامنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. مۇسۇلمان بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئىسلام چۈشەنچىسى، ئىسلامنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى، پەرز-ئىبادەتلىرى بويىچە تەربىيىلىنىدۇ. نەتىجىدە بالىلار ئەمەل ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاشقا ھازىرلىنىدۇ.

بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:

كىچىك چاغدا بەرگەن ساۋاق ساۋاقتۇر،
قېرىغاندا بەرگەن ساۋاق پاخالدۇر.
نوتا چاغدا ئېگەلىگەن تال چىۋىق،
دەرەخ بولسا تۈزىمەك تەس ئوتۇندۇر.

بالىلىرىنى ناماز ئوقۇشق، روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.  بالا يەتتە يېشىدىن باشلاپ ناماز ئوقۇيدۇ، 10 ياشقا بارغاندىمۇ ئوقۇمىسا ئەدەبلىنىدۇ. روزا تۇتۇشقا كەلسەك، بالىلار كۈچى، ئىقتىدارى يەتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار 7 ياش، 8 ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق ياشلاردا بولۇشى مۇمكىن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بالىلار روزا تۇتالىغۇدەك بولغاندا ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش كېرەك.

23. رامىزان ئايىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قانچە كۈن روزا تۇتالمىدىم. يەنە بىر رامىزان كەلدى،
ئەمما مەن ئۆتكەنكى روزامنىڭ  قازاسىنى تۇتمىدىم. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشىم كېرەكمۇ
ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا فىدىيە بەرسەم بولامدۇ؟  قانچە كۈن روزا تۇتمىغانلىقىم ئېنىق ئېسىمدە يوق، بۇ ئەھۋالدا
قانداق قىلىمەن؟ قانداق قىلسام ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلەيمەن؟

جاۋاب: بەزى فىقھى ئالىملىرى بۇ رامىزاندا تۇتمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېيىنكى رامىزان ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن تۇتقۇچىلار  ھەم قازاسىنى قىلىدۇ ھەم فىدىيە بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.  فىدىيە ھەر كۈنى بىر يوقسۇزنى تويغۇزغىدەك مىقداردا تۇز-تائام (يېرىم كىلودىن ئارتۇقراق يېمەكلىك) بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھۆكۈم شافىئىي ۋە ھەنبەلىيە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى ساھابىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق قىلغان.

باشقا مەزھەپ ئالىملىرى ”پەقەت تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلسىلا بولىدۇ، فىدىيە بەرمىسىمۇ بولىدۇ“ دەپ
قارايدۇ.
مەيلى قانداق بولسۇن، بۇنداق كىشىلەر رامىزاندا روزا  تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى چوقۇم قىلىشى كېرەك.  ئەگەر فىدىيە بېرىپ يوقسۇزلارنى تويغۇزۇپ قويسا تېخىمۇ ئەۋزەل ئىش قىلغان بولىدۇ؛ ئەگەر فىدىيە بەرمىسە ئۇنىڭغا گۇناھ كەلمەيدۇ.  
چۈنكى بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھېچقانداق ھەدىس كەلمىگەن. قانچە كۈن روزا تۇتمىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك،  كىشى ئۆزىنىڭ تەخمىنەن ھېسابىغا كۆرە ئىش قىلسا بولىدۇ، كۆڭلى قايسى ئېھتىمالغا بەكرەك ئاغسا شۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. ئىبادەتنى تولۇق قىلىپ كۆڭلىنى  قانائەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن ئارتۇقراق روزا تۇتۇشى كېرەك. شۇنداق قىلسا تېخىمۇ كۆپرەك ساۋاب تاپىدۇ.

24. شەئبان ئايىدا بەزى (مەخسۇس) كۈنلەردە روزا تۇتۇش مۇستەھەپمۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئايلارغا كۆرە  شەئبان ئېيىدا روزا تۇتۇشقا   بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن.

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئايىدىن باشقا
ھېچقانداق ئايدا تولۇق روزا تۇتۇپ باقمىغان.  ھازىر بەزىلەرنىڭ رەجەپ، شەئبان ۋە رامىزان ئايىدا تولۇق ئۈچ ئاي روزا تۇتۇشى سۈننەتكە خىلاپتۇر. ئۇلار شەۋۋال ئايىدىمۇ 6 كۈن روزا تۇتۇپ، بۇنى ”بىيد“ دەپ ئاتىشىدۇ.
بۇلارنىڭ قارىشىچە، روزا تۇتۇش رەجەپ ئايىدىن باشلىنىپ،  شەۋۋالنىڭ (دەسلەپكى كۈنلەردىن باشقا)7-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.  ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلەردىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق ھەدىس كەلمىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئايدا روزا تۇتاتتى. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:” پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقاندا بىز ئۇنى ئىپتار قىلمايدىغان چېغى دەپ ئويلاپ قالاتتۇق. ئۇ ئارىلاپ روزا تۇتقان كۈنلىرى بىز ئۇنى ھېچ روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق. بەزىدە ئۇ  دۈشەنبە،  پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتاتتى؛
بەزىدە  ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتاتتى. بولۇپمۇ، قەمەرىيە ئايلىرىنىڭ  
13-،14-، 15-كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى.
بەزى ۋاقىتلاردا بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈنى تۇتمايتتى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق روزا تۇتقانىكەن. ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان روزا داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ
روزىسىدۇر“.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەئبان ئايىدا كۆپرەك روزا تۇتاتتى، چۈنكى بۇ رامىزان ئايىغا كىرىشنىڭ تەييارلىقى
ئىدى. ئەمما پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ئاينىڭ بەلگىلىك كۈنلىرىدە روزا تۇتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات
يوق.

ئىسلام شەرىئىتىدە روزا تۇتۇش سۈننەت بولغان كۈنلەردىن باشقا مەلۇم كۈنلەرنى روزا تۇتۇشقا بېكىتىۋېلىش  جائىز ئەمەس. شۇنداقلا مەلۇم كېچىلەرنى ناماز ئۈچۈن بېكىتىۋېلىشمۇ جائىز ئەمەس. ھېچكىمنىڭ بۇنداق قىلىۋېلىش ھەققى يوق.
بەلگىلىك كۈنلەرنى ئىبادەت-ئەمەللەرگە خاس قىلىش ھوقۇقى پەقەت ئىسلام شەرىئىتىگە مەنسۇپ. ئىبادەتلەرگە بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىش ياكى ئورۇن بەلگىلەش، ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈش  پەقەت شەرىئەتنىڭ ئىشى ۋە شەرىئەتنىڭ ھۇقۇقىدۇر. ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھوقۇقى يوق. ئاللاھ تائالا ھەممىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.

(دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرزاۋىنىڭ «زامانىۋى مەسىلىلەرگە ئائىت پەتىۋالار» ناملىق كىتابىنىڭ 1-قىسمى(تۈركچە)دىن تەرجىمە قىلىندى)


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە مەن سۈمەييەدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام

بۇ تىمىنىڭ تەربىيۋى ئەھمىيتى ، بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك قىممەتلىك يەرلىرى خىلى كۆپكەن شۇڭا يوللاپ قويدۇم

مەنبە : تورچى مۇنبىرى  












بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 12:06 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
akkls1 + 33 ئىسىل تىما
مەلىكە + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
nurmuhammat + 20 دەلىللەر يېتەرلىك
zanjir34 + 22 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
uyghur05 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
rizwangul0995 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
sazguri + 108 دەلىللەر يېتەرلىك........

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 383   باھا خاتىرىسى

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1831
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2156 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:39:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار سۆزلەر ئۇلانما چىقماي ئۈزۈك چىقىپ قاپتۇ ، نەچچە رەت تەھرىرلىگەن بولساممۇ ئۈنۈمى كۆرۈلمدى شۇڭا سىلەرنىڭ تەھرىرلەپ قويۇشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47565
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3811
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:24:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .   يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ س س ت ۋ نىڭ زىيارەت قىلغان خاتىرسىدە ئالاھىدە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن يېرى بار .  كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .      مەنزىل :  ۋىسال سىتودىيسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8524
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 497 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:31:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىكەن بۇ مەنمۇ چىش چوتكىلىسا بۇزۇلىدىغان ياكى بۇزۇلمايدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىۋالدىم،ئامال بار ئىپتاردىن كىيىن چوتكىلاش كىرەككەن.

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5467
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:35:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 12:39 PM
باشقۇرغۇچىلار سۆزلەر ئۇلانما چىقماي ئۈزۈك چىقىپ قاپتۇ ...

«سۇھۇرلۇق»مۇ ياكى«زوھورلۇق»مۇ بەزىلەر سوھۇرلۇق دەيدىكەن بەزىلەر زوھۇرلۇق دەيدىكەن زادى قايسىسى توغرا؟

ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1831
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2156 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
afxar يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 01:35 PM
«سۇھۇرلۇق»مۇ ياكى«زوھورلۇق»مۇ بەزىلەر سوھۇرلۇق دەيد ...

ئادەتتە شەخسەن مەنمۇ زوھۇرلۇق دەپ ئاتايتتىم ، لىكىن بۇ تىمىدا سوھۇرلۇق دىيىلدى ، يوللاش جەريانىدا زادى قانداق يىزىشنى مەنمۇ ئاڭقىرالماي دىن جەھەتتىن خىلى بىلىمى بار بىر قانچە باللادىن سورىسام سوھۇرلۇق دەپ ئاتىشىمىز توغرا دىدى ، شۇڭا مەنمۇ ئاشۇنداق ئاتاپ يازدىمغۇ

بۇ جەھەتتە يەنە بىلىدىغانلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويسا مەنمۇ سىزمۇ ھەم باشقىلارمۇ خوش بوپ قالاتتۇقدە

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5467
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:49:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 01:47 PM
ئادەتتە شەخسەن مەنمۇ زوھۇرلۇق دەپ ئاتايتتىم ، لىكىن ب ...

زوھۇرلۇق دەپ كۆنۈپ قاپتىمەن،سوھۇرلۇقنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ قالدىم

ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10484
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7431 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
afxar يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 01:35 PM
«سۇھۇرلۇق»مۇ ياكى«زوھورلۇق»مۇ بەزىلەر سوھۇرلۇق دەيد ...

بىز زوھورلۇق   دەيمىز ،قايسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن.
بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ ئۆتسە بولۇپتىكەن.

قىزلار سۇدىن ياسىلىدۇ.ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماڭ.نۆل سىلسىيە گىرادۇستىن چۈشۈپ كەتسىلا ئۇ مۇزغا ئايلىنىپ سىزنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
afxar يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 01:49 PM
زوھۇرلۇق دەپ كۆنۈپ قاپتىمەن،سوھۇرلۇقنى كۆرۈپ ئىككىل ...

ئۇنداق دىسىڭىز گۇنا بولمىغاندىكىن دەۋىرىڭ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:43:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن گۈلۈم ھەقىيقەتەن ئىسىل تىما يوللاپسىز

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش