بىر تەننىڭ ئىككى پارچىسى
يۇلتۇزلار ئۆچۈشكە باشلىغان، ئەتراپ قېلىن قار بىلەن قاپلانغان بىر قىش كېچىسى ھېلىقى كىتاپتىكى بارلىق گۈزەل قىزلار رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرۋېتىلىدۇ. قاتىل كىم؟ ئۇلار نېمىشقا ئۆلتۈرىلىدۇ؟ ئەگەر بۇلارغا قىززىقسىڭىز، قانالنى يۆتكىمەڭ.
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى قەشقەر كوچىلىرىدا ئەركىن يۈرگۈچى-مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن كالىلىرىنى قوتانغا جايلاپ قويغاندىن كېيىن، تاۋۇز ئۇرۇغى سېتىۋېلىش باھانىسىدا بۇ ئەسەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولىدۇ، ۋە بىرسى بىلەن گەپ تالىشىپ قالىدۇ:
-سەن شائىرمۇ؟
-ياق، مەن پەقەت سۆيۈلمىگۈچى.
-ئەمىسە نېمىشقا شېئىر يازىسەن؟
-قەلبىمدە مۇھاببەت بولمىغاچقا!
-قىززىق، شېئىرنىڭ ئۆزى مۇھاببەت ئەمەسمۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس!
-مەنچە سەندە پىسخىكىلىق مەسىلىلەر خېلى بارئىكەن.
-بۇ ناتورالىزىمنىڭ ئەشەددىي ھۇجۇمى!
-ھاياتنى سۆيەمسەن؟
-شۇنداق. چۈنكى مەن ئازاپنى سۆيىمەن.
-ئازاپ دېگەن نېمە؟
-ھايات قىزغىنلىقى.
-ھا...ھا.. سەن مېنى كولدۇرلاتماقچىمۇ؟
-ياق، مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ گېپىنى دېدىم.
-ئۇنداقتا مەن سېنى يالغانچى دېسەم بولغۇدەك.
-شۇنداق، بىز ھەممىمىز يالغانچى.
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
-ئەمىلىيەتتە دۇنيادىكى بارلىق ئەرلەر ئانانىمزم قىلىدۇ. بىراق، ھېچقانداق ئەر بۇنى ئىتراپ قىلىشقا ياكى راسىت گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ دۇنيادا مانا مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك يالغانچىلىقلارغا لىق تولغان!
-سەن ساراڭ بوپسەن!
-راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا تېخىمۇ ئوبدان بولغان بولاتتى.
-سېنى بەكمۇ تىللىغۇم كېلىۋاتىدۇ..
-بۇ گېپىڭنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
........
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-7 11:59 AM