مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1414|ئىنكاس: 9

ئورخۇن بويلىرىدىكى سىرلىق ئابىدە يېزىقلىرى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82429
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3318
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 11:27:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىۋېتسىيەپادىشاھى كارل12نىڭ مەشھۇر پولتاۋا ئۇرۇشىدا يۇھان فىلىپ سترالېنبېرگ روسىيە ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۇشكەنىدى.ئەسىرگە چۇشكەن نۇرغۇن بۇرادەرلىرى بىلەن ئىلىم مەستانىسىدىن بولغان بۇ ئادەممۇ سىبىرىيەگە سۇرگۇن قىلىنغان بولۇپ،ئۇيەردە ئۆتكۇزگەن ئۇزۇن كۇنلەر بىكارغا كەتمىگەنىدى.ئۇ  سىبىرىيەنىڭ شۇ ۋاقىتقىچەمەلۇم بولمىغان قوۋملىرىگە دائىر كۆرگەن -ئاڭلىغانلىرىنى توپلاپ مەشھۇر كىتابىدا ئېلان قىلغانىدى.سىترالېنبېرگ بۇ بىر يۇرۇش جەدۋەللەر ،رەسىملەر بىلەن تولغان كىتابىدا ،يېنسەي دەرياسى بۇيىدا قەبرە تاشلىرىغا ئوخشاش چوڭ-كىچىك ئابىدىلەرنى كۆرگەنلىگىنى بايان قىلىدۇ.بۇ بايقاش ئانچە چوڭ يېڭىلىقمۇ ئەمەس ئىدى.چۇنكى كۆچمەن چارۋىچىلار ياشىغان جەنۇبى سىبىرىيە ياكى موڭغۇلىيەدە بۇنداق تاشتىن تىكلەنگەن بەلگىلەر،ھەتتا بەزى ئىپتىدائىي ھەيكەللەر توپ-توپى بىلەن ئۇچرايتتى.يېنسەي بۇيىدا تارقاق ھالدا ياتقان تاشلارنىڭ ھەر بىرىدە يېزىققا ئوخشاش بىر مۇنچە چۇشىنىكسىز بەلگىلەر بولغانلىقى ئۇچۇن سترالبېرگنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.ئۇ دەسلەپ مەزكۇر قەبرە تاشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمىگەنىدى.چۇنكى ئۇنىڭدىكى يېزىقنىڭ مەنىسىنى چۇشەنمەيتتى.ھەتتا تاشلارغا ئەگرى-دوناي ئۇيۇلغان بۇ سىزىقلارنىڭ ھەرپ ياكى شۇنداق بىر بەلگە ۋە ياكى تامغا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە[1889-يىلى]فىنلاندىيە ئارخېئولوگىيە جەمىيىتى بۇ تارقاق ئابىدە يېزىقلىرىنى سۇرەتكە تارتىپ ئۇلارنى كۆرۇشكە قۇلايلىق سۇزۇك نەرسە ئىچىگە ئېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئالىملارغا سۇنۇش قارارىغا كەلدى. لېكىن بۇ نامەلۇم يېزىقلىق ئابىدىلەر مۇكەممەل ساقلان مىغانلىقى ئۇچۇن،دەسلەپكى تەتقىقاتتا ئۇلارنى چۇشەندۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولمىدى.ھەر قۇردىكى ئۇزۇن -قىسقا ئارىلىقلاردا پەقەت ھەرپلەر ئارىسىغا قويۇلغان قوش چىكىتلەردىلا ھەر بىر سۆزنىڭ قەيەردە تاماملانغانلىقىنى چۇشىنىشكە بولاتتى.بۇ ئۈلگىلەرگە ئاساسلانغاندا مۇنداق ئاجايىپ ئىش مەيدانغا كەلدى:نە يېزىقنى،نە ئۇنىڭ تىلىنى بىلمىگەن بولسىمۇ،يېنسەي ئابىدە يېزىقلىرىنىڭ لوغىتىنى چىقاردى.
شۇ يىلى[1889-يىلى]ئىركۇتىسكىلىق رۇس ئالىمى يادرىنسېفنىڭ شىمالى موڭغۇلىيەدە ئورخۇن دەرياسى ۋەخوشۇ-سايرام كۆلىنىڭ يېنىدىكى مەشھۇر قارا قۇرۇم[قارا بالغاسۇن]شەھرىنىڭ خارابىلىرى ئىچىدىن يېڭى بىريۇرۇش ئەسەرلەرنى ئۇچراتقانلىقى خەۋىرى كەلدى.ئىركۇتۇسكى جۇغراپىيە جەمىيىتى دەرھال بىر يەرلىك ئۆمەك يوللىدى،ۋە كېيىنكى يىلى رۇسىيە ئارخىئولوگىيە ئۇيۇشمىسىغا دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە مەلۇماتمۇ بەردى.بۇ بايقاشنىڭ ئەھمىيىتى كىشىلەرگە چۇشىنىشلىك بولغانىدى.ۋە ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان مۇناسىۋەتلىك ئىلمى جەمىيەتلەر يېڭى بىر ئۆمەك يوللاشنى قارار قىلدى.شۇنىڭ بىلەن 1890-1891-يىللىرى ھېيكېل فىننو-ئۇغۇر ئىلمى جەمىيىتى نامىدا ئالدىراشلىق بىلەن ئورخۇن ۋادسىغا بېرىپ،قولغا كەلتۇرەلىگەن پۇتۇن ئابىدە يېزىقلىرىنىڭ كوپىيەسىنى پۇتۇن ھەيكەل ۋەخارابىلارنىڭ رەسىملىرىنى ئالغاندىن كېيىن،ھەممىسىنى يېڭى رەسىملىك مەجمۇئەگە مۇجەسسەملەپ سەپىرىنىڭ كېيىنكى يىلى[1892]كۆركەم شەكىلدە نەشىر قىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا رۇس ئالىملىرىمۇ ھەركەتكە كەلگەنىدى.ئۇلارمۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر تۇركلوگلاردىن بولغان ۋ.رادلوۋنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن1891-يىلىدىن باشلاپ بۇ ئابىدە تاشلارنى تەتقىق قىلىش ئۇچۇن بىر نەچچە قېتىم ئۆمەك ئەۋەتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي رۇس ئالىملىرىنىڭ قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۇرگەن رەسىملىك مەجمۇئەمۇ چىقتى.
ئۇرخۇن ئابىدە يېزىقلىرى تېپىلغاندىن كېيىن ئەھۋال بىردىنلا ئۆزگەرگەنىدى.شۇ چاغقىچە قولدا بولغان پارچە-پۇرات قىسقا مەتىنلەرگەئىككى ئۇزۇن ئابىدە يېزىقىمۇ قوشۇلغانىدى.بۇ سىرلىق بەلگىلەر بىلەن تولغان ئىككى ئابىدە يېزىقى كۆرۇنۇش جەھەتتىمۇ كۆركەم ئىدى.بۇلاردىن بىرى ھىچقانداق نۇقسانسىز ھالداتىكلەنگەن يېرىدە تاش تەگلىككە تايانغان ھالدا تۇراتتى.332سانتېمېتىرئىگىزلىكتىكى بۇ تاشنىڭ 231سانتىمېتىر ئىگىزلىكتىكى قىسمىغا خەت ئويۇلغان بولۇپ،كەڭلىكى 132سانتىمېتىر،قېلىنلىقى 46سانتىمېتىر كېلەتتى.يەنە بىر ئابىدە تاش،تۆت پارچىغا بۆلۇنگەن ھالدا تاش تەگلىكنىڭ ئەتراپىدا ياتاتتى.مەتىن جەھەتتە نۇقسان يوق ئىدى،تاشنىڭ ئالدى تەرىپىدە سۇنۇق قۇرلار قاتار تىزىلغان بولۇپلا قالماي،تاش پارچىسىنىڭ باشقا يۇزلىرىمۇ يېزىق بەلگىلىرى بىلەن تولغانىدى.
بۇنداق كۆپ مىقداردىكى نامەلۇم تىل ۋە يېزىقلىق ئەسەرلەرنى چۇشەندۇرۇش ئانچە تەس ئەمەس ئىدى. شۇنىڭدەك يېڭىدىن تېپىلغان بۇ ئىككى ئابىدىدە چىنچە يېزىقمۇ بار ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئىككى ئابىدىنىڭ قايسى قوۋمدىن قالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئاسان ئىدى.مەلۇم بولدىكى،بىرى732-يىلى،يەنە بىرى734-يىللاردىن قالغان بۇ ئىككى ئابىدە يېزىقى چىنچە مەنبەلەردە مەلۇم بولغان كۆكتۇرك ھۆكۇمدارلىرىدىن بىرى بىلگە قاغاننىڭ ۋە كىچىك قېرىندىشى ،پەزەلەتلىك قۇماندان كۆلتېگىننىڭ خاتىرلىرىنى ئەسلىتەتتى.كېيىن قولغا كەلگەن بۇ مەلۇماتلار ياردىمىدە بۇ ئابىدە يېزىقلىرىنىڭ چۇشىنىكسىز قۇرلىرى ئارىسىدا قەدىمى تۇرك تىللىرىدىن بىرىنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقى مۆلچەرلەنگەنلىكى بىلەن ،ئۇلارنى چۇشىنىشكە بىر قەدەم تاشلاندى.لېكىن ئۇ يەردىكى چىنچە يېزىقلارنىڭ چۇشىنىكسىز مەتىننىڭ تۇلۇق تەرجىمىسى ئەمەسلىگى ىېلى بۇرۇن مەلۇم بولغانىدى.
ئۇ چاغدا ئالىملار ئارىسىدا 8-ئەسىردىن قالغان بۇ كۆكتۇرك ئابىدە يېزىقلىرىنى دەسلەپ كىم زۇۋانغا كەلتۇرەلەيدىغانلىقى ۋە تۇلۇق مەنىسىنى كىم ئوتتۇرىغا قۇيالايدىغانلىقى ھەققىدە مۇسابىقە باشلاندى. مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى تېزلا چىقتى.1893-يىلى مەشھۇر دانىيىلىك ئالىم ۋىلھېلىم تومسېن بۇ يېزىقنى يېشىپ ئوقۇشتىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى دانىيە ئاكادېمىيەسىگە سۇندى.
دەرۋەقە ھەممە كىشى،تومسېن بۇنى قانداق چۇشەندۇرگەندۇ،دەپ مەسىلىنى قىزىقىش بىلەن كوچىلاشقا باشلىغانىدى.يەكۇننىڭ تۇغرىلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايتتى.ئابىدەيېزىقلىرىنىڭ 38بەلگىدىن تەركىپ تاپقان ئېلىپبەسىگە بېرىلگەن ئاچقۇچ ياردىمى بىلەن ئۇلارنى ھەممە كىشى خالىغان يەردە ئوقۇيالايتتى.لېكىن تۇركى تىللارنى بىلىشى شەرت ئىدى.چۇنكى ھەر ئىككى ئابىدە يېزىقى بىر ئاز قەدىمى،لېكىن ساپ تۇرك تىلى بىلەن يېزىلغانىدى.
دانىيەلىك ئالىمنىڭ بۇ يەكۇنگە قانداق ئېرىشكەنلىگى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بىر ئىش ئىدى.بۇنداق ئىشلار ئۇچۇن ئۆتكۇر كاللا، سېستىمىلىق چۇشىنىش ئىقتىدارى كېرەكلىقى مۇقەررەر ئىدى، لېكىن تاسادىپى ئامەتنىڭ ياردىمى بۇلمىسا بۇ مۇكەممەل تەييارلىقنىڭمۇ ھەمىشە مەقسەتكە يەتكۇزەلمەيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايتتى.
دەسلەپ تومسېننىڭ دىققىتى ھەر ئىككى ئابىدە يېزىقىدىكى بىر-بىرىگە پاراللېل سۆز جۇملىلەرگە چۇشكەنىدى،چوڭقۇر پىكىرلىك بىر ئالىم ئۇچۇن بۇنداق ئاددى كۆزۇتۇشمۇ تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش ئىدى.چۇنكى ھەر قانداق بىر كىشى بۇ تېكىستلەرنى يېشىشتىن بۇرۇن ھەرپلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ كەينىگە قانداق تىزىلغانلىقى،ۋە قۇرلارنىڭ قانداق داۋاملاشقانلىقى مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى.قۇرلار چىن يېزىقىدەك ئوڭدىن -سولغا قاراپ ئوقۇلامدۇ؟ياكى موڭغۇل يېزىقىدەك سولدىن-ئوڭغىمۇ؟بىر-بىرىگە پارالېل بولغان مەتىن پارچىلىرىدىن شۇ نۇقتا ئېنىق بولدىكى:قۇرلار ئوڭدىن-سولغا يېزىلغانىدى.دىققەت بىلەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تومسېن مەسىلىنىڭ پۇتۇن تەپسىلاتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ،يېڭى بىر قەدەم سۇپىتىدە ھەرپلەرنىڭ يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە ئوقۇلىدىغانلىقىنى چۇشەنگەندەك، ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىق بەلگىلىرىنى تەبىئى تۇرقى بىلەن ئەمەس،يانغا بۇراپ  ھەمدە ھەر بەلگىنىڭ بېشى سولغا، قۇيرۇقى ئوڭغاقىلىنىپ بىر -بىرىنىڭ ئاستىغا تىزىلغانلىقىنى سەزدى.لېكىن بىر ھەرپنىمۇ تۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن،ئاۋۋال تەييارلىغان سىتاتىسكىغا ئاساسەن بۇ بەلگىلەردىن قايسىلىرىنىڭ سوزۇق تاۋۇش ،قايسىلىرىنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ كۆردى.ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى تەلەي مەسىلىسى ئىدى:ئوخشىمىغان مۆلچەرلەرگە ئاساسەن تاللىغان ئۇچ سوزۇق تاۋۇش بەلگىسىدىن ئىككىسىنىڭ«ۇ،ى»ئوقۇلۇشىنى تاپتى،لېكىن ئۇچۇنچىسى ماس كەلمىدى.بۇ ئۇچىنچى ھەرپ شۇ قەدەر قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردىكى، ئالىمنىڭ كەيپى ئۇچۇپ،ئابىدە يېزىقلىرىغا ئۇزۇنغىچە قارىغۇسى كەلمىدى.تومسېن بۇ چۇشۇنۇكسىز يېزىقنى كېيىن تەكرار قولىغا ئالغىنىدا باشقا بىر ئۇسۇلنى سىناپ كۆردى، ئابىدىنىڭ چىنچە خەت يېزىلغان يۇزىدە كۆكتۇركلەرنىڭنۇرغۇن نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ بار ئىدى، بۇلارنى تۇتۇپ، ئۇ سىرلىق ئابىدە يېزىقلىرىدا ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىنى تېپىشقا تىرىشتى.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاجايىپ سۆزلەر ئارىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،سۆزلەردىن بىرىنىڭ پەقەت بۇ ئىككى ئابىدە يېزىقىدىلا ئەمەس،يېنسەي ئابىدىلىرىدىمۇ پات-پات ئۇچرايدىغانلىقىنى سەزدى. بۇ سۆزنىڭ ئاخىرقى ھەرپى ئۆزى بۇرۇن پەرەز قىلغان«ى»ئىكەنلىگىگە ئاساسەن،ئۇنىڭ تۇركچە‹خۇدا›مەنىسىدىكى«تەڭرى»سۆزى بۇلۇشى مۇمكىنلىگىنى ئېنىقلىدى.مەلۇم بولغانبۇ بىر نەچچە ھەرپ بىلەن سىناشنى داۋاملاشتۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلغانىدىكى،بۇ ھەرپلەر توپى چىنچە يېزىلغان ‹چۆتېچىن›«كۆلتېگىن»گە ئائىت ئابىدە يېزىقىدا ئۇچرايتتى.بۇ ھەرپلەر توپىنى كۆلتېگىن ئاتالغۇسىدىكى ھەرپلەر بىلەن سېلىشتۇردى،‹كۆلتېگىن ›ۋە‹تەڭرى›سۆزلىرىنىڭ ھەرپلىرىنى توغرا ئېنىقلىۋالغاندىن كېيىن ئىلگىرلەش تېز بولدى.پەقەت بىرلا ئىش مەتىننىڭ تەرجىمىسى ۋە چۇشەندۇرۇلۇشى قالغانىدى.
ئۇ چاغدا ئورخۇن ئابىدە يېزىقلىرىغا ئائىت بىلىمنىڭ چوڭقۇرلۇغى بىلەن تونۇلغان رۇس تۇركولوگىۋ.رادلوفمۇ ئۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى.ھەتتا تومسېن ئۆز يەكۇنىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋاقتىدا،ئۇمۇ بىر -ئىككى ھەرپنى ئېنىقلىغانىدى.
ئېيتقىنىمىزدەك ھەرپلەرنىڭ ئېنىقلىنىشى بىلەن مەسىلە تېخى تۇگىمىگەنىدى:بۇ ئورخۇن ئابىدە يېزىقلىرى نىمىنى چۇشەندۇرۇدۇ؟مانا بۇ ئىككى ئەسەر ئوقۇلۇپ تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغاندا،ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئۇ سىرلىق ھەرپلەرنىڭ ئاستىدىن قەدىمى ۋە چوڭ،بىر كۆچمەن ئېمپىرىيەنىڭ كۈرەشلىرى،يىراق دىيارلارغا تارقالغان شان-شەرىپى،مەلۇم بولغانىدى.بۇ قۇدرەتلىك كۆكتۇركلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ قۇشنا قەبىلىلەر بىلەن قانداق ئۇرۇشقانلىقى،غالىپ قۇشۇنلىرى يىراق جەنۇپتا،چىن تۇپراقلىرىدا ۋە شۇەنزاڭ بىلەن چاڭچۇننىڭ كەينىدىن بىزمۇ كەزگەن ئالتاي تاغلىرىداتاكى تۆمۇر قاپقىغىچە قانداق ئىلگىرلىگەنلىگى بىر-بىرلەپ ئايان بولغانىدى!
ئالىملار قەدىمى چىن تارىخچىلىرىنىڭ كۆكتۇركلەر ھەققىدە نىمىلەرنى يازغانلىقىنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ،تېزلىكتە قولغا كەلتۇرگەن مەلۇماتنى،ئابىدە يېزىقلىرىدا كۆكتۇركلەرنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى بىلەن سېلىشتۇردى،ۋە ئۇششاق تەپسىلاتلاردىمۇ بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى كۆرۇپ ھەيران بولۇشتى.بۇ ھال دەرۋەقە پەقەت چىنلىقلارنىڭ خاتىرلىرىدە ياكى پەقەت ئابىدە يېزىقلىرىدىلا خاتىرلەنگەن ۋەقەلەر ئۇستىدە ھۆكۇم قىلىش جەھەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىرىنى كۈچەيتكەنىدى.
چىنلىقلارنىڭ ئېيتىشىچە،كۆكتۇركلەر يىراق شىمالدا ئورخۇن ۋە سېلېنگا بويلىرىدا چارۋا بېقىپ، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كۆچۇپ ياشايتتى،ئۇلار كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇراتتى.ۋە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن ماختىناتتى.بۇ قوۋمنىڭ ئۇيەر-بۇيەردىن توپلانغان بىر جامائەت شەكلىدە ئەمەس،تەشكىللىك بىر دۆلەت شەكلىدە ياشىغانلىقى مەلۇم ئىدى.چىن تارىخچىلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى مەرتىۋە ناملىرىدىن28خىلمەرتىۋىنى سانايدۇ،بۇلاردىن ئوندەك مەرتىۋىنىڭ كۆكتۇركچە ناملىرىنىمۇ خاتىرلەيدۇ.‹يابغۇ›‹شاد›،‹تېكىن›،‹تارخان›،لار دەل شۇلاردىن بولۇپ،ئابىدە يېزىقلىرىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇچرايتتى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yawaat0998 + 200 ما ئاداشنىزە~

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82429
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3318
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 11:28:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆكتۇركلەرنىڭ چاچلىرى شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى،كىيىملىرىنى سول تەرەپكە تۇگمىلەيتتى[چىنلىقلاردەك ئوڭ تەرەپكە ئەمەس،ئادەتلىرى قەدىمكى ھونلارنىڭكىگە ئوخشايتتى.ياشانغانلارنى ھېساپقا ئالمايتتى،پەقەت قېنى قىزىق ،كۇچلۇك ياشلارغا ئەھمىيەت بېرەتتى. يېقىنلىرىدىن بىرى ئالەمدىن ئۆتسە ،غەلىتە شەكىلدە ماتەم تۇتاتتى.يەنى ئېچىنغانلىقتىن تۇكۇلگەن كۆز ياشلىرى يۇزلىرىدىن چىققان قانلار بىلەن بىللە ئاقسۇن دەپ،يۇزىنى پىچاق بىلەن تىلاتتى.مەشھۇرلىرىنى تۇپراققا كۇمەتتى،ۋە ئۇرۇشتا قانچە دۇشمەن ئۆلتۇرگەن بولسا،قەبرىسىگە شۇنچەلىك تاش دۆۋىلەيتتى.قەبرىسى ئۈستىگە100ھەتتا،1000 تاش دۆۋىلەنگەن قەھرىمان جەڭچىلەر كەم ئەمەس ئىدى.قاغان،يەنى ھۇكۇمدارنىڭ قارارگاھى ئالتاينىڭ بىر قانىتىدا،ئۇلارنىڭ تىلىدا ئۆتۇكەن تېغى دىگەن يەردە ئىدى.بۇتاغدىكى ئۆڭكۇرلەردىن بىرى ئەجداتلىرىدىن قالغان زىيارەتگاھ ئىدى،كۆكتۇركلەرنىڭ نوپۇزلۇقلىرى ھەر يىلى خاننىڭ باشچىلىقىدا بۇ يەرگە بېرىپ قۇربانلىق قىلاتتى.دەرۋەقە كۆكتۇركلەر ئاسمان ۋە زېمىن روھلىرىنى ناھايىتى ھۇرمەتلەيتتى،جىنلارغا ئىشىنەتتى،ۋە ئۇلاردا شامانلار بار ئىدى.
ئۇلار ئۇزۇن زامان،ئاسىيالىق ئاۋارلارنىڭ،ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقىندا جۇرجانلارنىڭ تۇمۇرچىلىرى بولغانىدى.لېكىن 552-يىللىرى نىجاتلىق پەيتلىرى كېلىپ ،ئابىدە يېزىقلىرىدا بۇمىن قاغان نامى بىلەن خاتىرلەنگەن تۇنجى باتۇر قاغانى ئۇلارنى ھۆرلۇككە ئېرىشتۇرۇپلا قالماستىن،ھەتتا باشقا قەبىلىلەرنىمۇ ھۇكۇمى ئاستىغا ئالغانىدى.ئىمپىرىيەسىنى تاكى سەددىچىن سېپىلىغىچە كېڭەيتكەن ۋە ئالتاينىڭ غەربىدىكى زېمىنلار بىلەن ئاھالىلەرنىمۇ دۆلىتىگە قۇشۇۋالغانىدى.
لېكىن كەڭ زىمىنلارنى ئىگىلىگەن بۇ كۆكتۇرك ئىمپىرىيەسىنىڭ ئىتتىپاقى ئۇزۇن داۋاملاشمىغان،تېىى 30يىل ئۆتمەي ئىككىگە بۇلۇنگەن.شەرقتىكى قىسمى ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋارسلىق قىلغان بولۇپ،ئۇرخۇن ئابىدە يېزىقلىرى بۇقىسىمغا ئائىت ئىدى.غەرپتىكى كۆكتۇرك ئىمپىراتورلۇقى،يەنى ئون ئوق[ئون قەبىلە]ئىتتىپاقى جۇڭغارىيە ئېغىزىدىن ئۆتۇپ،تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمال،غەرپ تەرەپلىرىگە تارقالغان ،شۇەنزاڭ بۇلارغا يۇلۇققان،ۋىزانتىيە ئەلچىلىرى بولار بىلەن ئىتتىپاق تۇزگەنىدى.غەرپكە كېڭىيىپ،ھەزەر كۆلىنىڭ غەربى تەرىپى بىلەن كافكازىيىدە ياشايدىغان قوۋملارنى ھۇكۇمى ئاستىغا ئالغانلار مانا شۇ غەربى كۆكتۇركلەر ئىدى.
ئەمدى بىز شەرقى كككتۇركلەرگە قايتىپ،ئۇلارنىڭ تارىخىغا،بۇتارىخنىڭ ئورخۇن ئابىدە يېزىقلىرىدا ئىسمى ئۇچرايدىغان ئىككى قەھرىمانغا، يەنى بىلگە قاغان ۋەكۆلتېگىنگە ئائىت قىسمىغا نەزەر تاشلايلى.
كۆكتۇرك قاغانى ئالەمدىن ئۆتتى،لېكىن تاللىغان ئىزباسار ئوغلى،يەنى كىچىك قاغان تەختكە ئولتۇرالمىدى.چۇنكى كۆچمەنلەرگە خاس ئادەت بۇيۇچە تۇرك نوپۇزلۇقلىرىدىن بىرى قەبىلىسىنى ئەتراپىغا توپلاپ ئۇنۇڭغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇنى ئۆلتۇرگەنىدى.بۇ كىشى كۆلتېگىن ئىدى.لېكىن ئۇ قولىغا كىرگۇزگەن ھۇكۇمدارلىق تەختىگە ئاكىسىنى ئولتۇرغۇزغانىدى.ئۇمۇ كۆكتۇرك نوپۇزلۇقلىرىدىن ئىدى.لېكىن بۇ تىنچلىقپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر قەبىلە باشلىقى شۇ ۋاقىتقىچە ئېتىبارغا ئېلىنمىغانىدى،مانا ئەمدى كىچىك قېرىندىشىنىڭ ھىممىتى بىلەن خان بولغان ۋە ئۆزىنى بىلگە قاغان[دانىشمەن قاغان]دەپ ئاتىغانىدى.كۆكتۇرك قۇشۇنلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ باش قۇماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئاكىسىنىڭ يېنىدا كۆلتېگىن زىممىسىگە ئالغانىدى.
چىن تارىخچىلىرى يىلنامىلىرىگە،كۆكتۇركلەر ئارىسىدا بىر كىشى جەڭ مەيدانىدا ئۆلمەي،كېسەل بىلەن ۋاپات بولسا،ئۇنى ئەيپ بىلىدىغانلىقىنى خاتىرلىگەن.كۆلتېگىننىڭ ئەيپ ھىساپلىنىدىغان بىرەر ئىشى يوق ئىدى.ئاسىيانىڭ يېرىمىدا باشتىن -ئاياغ ئۇرۇشلارنى قىلغان بۇ قەھرىمان ئاخىرىدا كۇچلۇك دۇشمەندىن ئوردا ۋە ئوردا ئەھلىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەنىدى.ئۇنىڭ ھاياتى تۇغرۇلۇق چىنلىقلارمۇ بەزى نەرسىلەرنى يازغان بولسىمۇ،ئەڭ تولۇق خاتىرىسى يەنىلا بىلگە قاغاننىڭ چىن خانى بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ،ئۇنىڭ ھۇنەرۋەنلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تاشقا ئويدۇرغان تاش پۇتۇكى ئىدى.بۇ ئىشقا چىن ھۇنەرۋەنلىرىدىن ئالتە كىشى مەسئۇل قىلىنغان ۋە ئۇلار زىممىسىگە ئالغان ئىشنى شۇ قەدەر مۇكەممەل بىجىرگەن ئىدىكى،كىشىلەر بۇ ئابىدىلەرنىڭ يېنىغا ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ تۆت تېمىغا سىزىلغان كۆلتېگىن ئېلىپ بارغان قەھرىمانلارچە جەڭلەرنىڭ رەسىملىرىنى،يەنى بۇ جانلىق جەڭگاھلارنى ھەيرانلىق بىلەن تاماشا قىلغانىدى.كۆلتېگىننىڭ قەھرىمانلىق ھاياتىنى،ئوردىنى مۇداپىئە قىلىش جېڭىدە باتۇرلارچە ئۆلگەنلىكىنى ئۇنىڭ ئاكىسى بىلگە قاغان مۇنداق بايان قىلىدۇ:
16كۆكتۇرك ئۇلۇسىنىڭ نام-شەرىپى يۇقالمىسۇن دەپ،مېنى بۇ تەختكە تەڭرى ئولتۇرغۇزغانىدى،ئۇ چاغدا ئۇلۇسۇم باي ۋە قۇدرەتلىك ئەمەس يوقسۇل ۋە كۇچسىز ئىدى.يىگىلى ئېشى،كىيگىلى كىيىمى يوق ئىدى. ئىنىم كۆلتېگىن بىلەن كۆرۇشتۇم،[ئاتام بىلەن تاغام بىرلىككە كەلتۇرگەن]ئۇلۇسۇمنىڭ نامى ۋەشانى يۇقالمىسۇن دەپ،كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۇزدۇم.كۇندۇزى ئارام ئالمىدىم. كۆلتېگىن ۋە ئىككى شاد بىلەن ئۆلە-تىرىلىشىمگە باقماي تىرىشتىم.خان بولغان چېغىمدا خەلق پىيادە جۇل-جۇل كىيىملىرى بىلەن ئالدىمغا كېلىشتى.ئۇلۇسۇمنى يۇكسەلدۇرۇش ئۇچۇن شىمالدا ئوغۇزلارغا،شەرقتە قىتان ۋە تاتابىلارغا،جەنۇپتا تابغاچ[چىن]غا ھۇجۇم قىلدىم.ئون ئىككى قېتىم يۇرۇش قىلدىم،نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشتىم.تەڭرى مەدەت بەرگەنلىگى ئۇچۇن،بەختىم بولغانلىقى ئۇچۇن جان تالىشىۋاتقان ئۇلۇسۇمنى ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم،يالىڭاچ خەلقنى تونلۇق،يوقسۇل خەلىقنى باي قىلدىم.ئازىيىپ كاتكەن سەپلەرنى كۆپەيتتىم.
دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى قۇۋملار ئارىسىدا تېنچلىق ئورناتتىم،دۇشمەنلىكلەرنى تۇگەتتىم،ۋە خەلقنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇردۇم.
ئىنىم كۆلتېگىن بۇ زور ئىشىمدا مېنىڭ سادىق ياردەمچىم بولدى. قاغان ئاتىمىز ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدا  ئۇتېخى يەتتە ياشتا ئىدى.لېكىن ئۇماي پەرىسىنىڭ بەئەينى ئكزى بولغان ئانام نىمە دىگەن بەختىياركى،ئىنىم تېزلا چوڭ بولدى. 16يېشىدا خانلىق ۋە دۆلەت خىزمىتىدە ياراملىق كۆرسەتكەنىدى.ئالتە جۇپ ۋە سوغدىيەگە قارشى ئالتە قېتىم يۇرۇشلەر قىلدۇق.ۋە ئۇلارنى تارمار قىلدۇق.تابغاچلىق ۋاڭ تۇتۇق 50مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن بېسىپ كەلگەنىدى،ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلدۇق.كۆلتېگىن بۇ ھۇجۇمنى پىيادە قايتۇرۇپ،ۋاڭ تۇتۇقنى ئەسىر ئالدى.خاقانغا سۇلھى كاپالىتى بەردى.كۆلتېگىن 24يېشىداچاچا سانغۇنغا قارشى ئۇرۇشتۇق،ئۇ تادىقچۇر ئىسىملىك تورۇق ئېتىغا مىنگەن ھالدا جەڭگە كىرگەنىدى،بۇ ئېتى ئۆلگەندە،ئىشبارا يامتار ئىسىملىك بوز ئېتىغا مىنىپ قايتا ھۇجۇمغا ئۆتتى.بۇ ئېتىمۇ ئۆلگەندىن كېيىن باشقا بىر ئاتقا مىنىپ جەڭگە كىردى.قالقىنىغا،ساۋۇتىغا 100تالدىن ئارتۇق ئوق تەگدى.كۆكتۇرك يىگىتلىرى،كۆپچىلىكىڭلار بۇ جەڭنى ياخشى بىلىسىلەر.
بۇ قۇشۇننى يۇقاتقاندىن كېيىن ،يىر بايىرقۇ قوۋمىنىڭ بۇيۇك خانى بىزگە دۇشمەن بولدى.تۇرگى يارغۇن كۆلىنىڭ بۇيىدا ئۇلارنى تارمار قىلىپ يۇقاتتۇق.بۇيۇك خان ئاز ئادىمى بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى.كۆلتېگىن26ياشقا كىرگەندە قىرغىزلارغا قارشى يۇرۇش قىلدۇق.ماڭغان يەرلىرىمىز شۇنداق قېلىن قارلىق ئىدىكى ،نەيزىلىرىمىز سېپىغىچە قارغا پېتىپ كېتەتتى.ئەمما كۆگمەن تېغىدا[سايان]قىرغىزلارنى ئۇخلاۋاتقان چېغىدا بېسىۋالدۇق.قاغانى بىلەن بىر ئورمانلىقتا ئېلىشتۇق.كۆلتېگىن بايىرقۇنىڭ ئاق ئارغىمىقىنى مىنىپ جەڭگە كىرىپ،بىر ئەرنى ئوق بىلەن ئۆلتۇردى،ئىككىسىگە نەيزە سانجىدى.قىرغىز قاغانىنى ئۆلتۇرۇپ،خەلقىنى بويۇن ئەگدۇردۇق.شۇ يىلى تۇرگەش خاقانىغا لارشى ئۇرۇش باشلاپ،ئالتاي تاغلىرىدىن،ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۇپ،بىخەۋەر ياتقان تۇركەش ئۇلۇسىغا ھۇجۇم قىلدۇق.قاغانى قوشۇن بىلەن بوراندەك بېسىپ كەلگەنىدى،ئۇلار بىلەن ئۇرۇشتۇق.ھۇجۇمغا بوز ئاتلىق كۆلتېگىن قۇماندانلىق قىلدى،سوغدى ئۇلۇسىنى يولغا كىرگۈزۇش ئۈچۈن ئىنچۇ دەرياسى[سىر دەرياسى]دىن ئۆتۇپ،تۇمۇر دەرۋازىغىچە يۇرۇش قىلدۇق.بۇ چاغدا قارا تۇرگەش ئۇلۇسى باش كۆتۇرۇشكە باشلىدى،قۇشۇنىمىزنىڭ ئاتلىرى ئاجىزلاشقانىدى،يەيدىغىنى يوق ئىدى.ۋە دەرمانسىز ئادەملەرەمىزگە كۇچلۇك ئەسكەرلەر ھۇجۇم قىلغانىدى.گاڭگىراپ قالغانىدۇق.ئاخىرقى چارە سۇپىتىدە ئازغىنە ئەسكەر بىلەن كۆلتېگىننى ئۇلارغا قارشى ئەۋەتتۇق.كۆلتېگىن ئاق ئېتىغا مىنىپ جەڭگەئاتلىنىپ قارا تۇرگەش ئۇلۇسىنى پەرىشان قىلدى،ۋە ئەسىرگە ئالدى.
داۋامى بار.

مەنبە:بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا.{لۇئىس لىگىتې}<ۋېنگىرىيە>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayziwaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-6 11:32 PM  


بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:23:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يىزىۋېتىپ ئالدىرماي ئوقۇي جاپا چەكتىڭىز ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1822
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9416
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6631 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:59:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ساڭا!! مەن بۇنى ئالدىرىماي قايتا ئۇقۇى.........

شاھزادە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6791
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2014-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 11:35:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماقالە ئىكەن ،مەن ساقلىۋىلىپ ئاندىن ئۇقۇپ چىقىمەن .دوسلارنىڭ ئەجرىگە رەخمەت .

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەقەدەر ياخشى ماقالىلەر بۇ !!! مەن ئالدىرماي ئۇقۇپ چىقتىم ، سىزنىڭ نادىر تىمىلىرىڭىزنى 28كۈزۈم بىلەن ساقلاپ تۇرۋاتىمەن!

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7649
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9400
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 1918 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 01:47:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قېنى ئاخىرى...تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر ...ئاخىرىنى ساقلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79993
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3322
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:13:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا تارىخ كىتاپلىرىدا تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئايرىم ئايرىم ئىككى مىللەت دەيدۇ؟ئۇيغۇرلار كۆكتۈرك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپتىكەنغۇ؟بۇنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟

تۇلپار كەبى ئىلگىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:36:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىگە يىقىنقى كۈنلەردە يوللانغان ئەڭ نادىر ئەسەر ئىكەن . مۇلاھىزە قىلىپ ئوقىغىدەك ماقالىلار چىقمايۋاتقان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7416
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 02:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ماقالىكەن . تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش