قۇرئان يادلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
ئابدۇمۇخسىي بىن مۇھەممەد ھاشىم(مەدىنە پەيغەمبەر مەسچىدىنىڭ ئىمامى)
خالىغان سەككىز ئايەتنى مىسالغا ئالايلى:
1.بىرىنچى ئايەتنى 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
2.ئىككىنچى ئايەتنى 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
3.ئۈچىنچى ئايەتنى 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
4.تۆتىنچى ئايەتنى 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
5.بۇ تۆت ئايەتنى قوشۇپ يەنە 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
6.بەشىنچى ئايەتنى 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
7.ئالتىنچى ئايەتنى 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
8.يەتتىنچى ئايەتنى 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
9.سەككىزىنچى ئايەتنى 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
10.بۇ تۆت ئايەتنىمۇ قوشۇپ يەنە 20 قېتىم ئوقۇيمىز؛
11.ئەڭ ئاخىرىدا بۇ سەككىز ئايەتنى قوشۇپ 20 قېتىم ئوقۇپ چىقىمىز.مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پۈتۈن بىربەتنى يادلاپ چىقالايمىز.
ئەگەر ئىككىنچى كۈنى يېڭى بىر بەتنى يادلىماقچى بولساق، قانداق قىلىمىز؟
يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن يېڭى بىر بەتنى يادلاشتىن بۇرۇن، تۆنۈگۈن يادلىغان بىر بەتنى ياخشى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن باشتىن ئاخىر 20قېتىم ئوقۇپ چىقىمىز.
قانداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن يادلاپ، بىر تەرەپتىن تەكرارلاپ تۇرغىلى بولىدۇ؟
قۇرئاننى 10پارىدىن ئۈچ بۆلەككە بۆلىۋالىمىز. بۈگۈن بىر بەتنى يادقا ئالغان ۋاقتىمىزدا، ئالدىنقى تۆت بەتنى تەكرار قىلىۋالىمىز، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئون پارە قۇرئاننى يادالاپ چىقىمىز. بۇ ۋاقىتتا توختاپ، ساق بىر ئاي بۇ ئون پارىنى تەكرارلايمىز. يەنى ھەر كۈنى سەككىز بەتتىن تەكرارلاپ چىقىمىز. يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كىيىنكى 20پارىنى يادلاپ چىقىمىز. كىيىنكى 20پارىنىمۇ يادلاپ بولغان ۋاقتىمىزدا، يەنە توختاپ، كۈنىگە سەككىز بەتتىن جەمىئي ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئالدىنىقى 20پارىنى تەكرارلاپ چىقىمىز. بۇ تەكرارلاپ بولغاندىن كىيىن، كىيىنكى 10پارىنى تەكرارلاپ چىقىمىز.
قۇرئاننى پۈتۈن يادقا ئېلىپ بولغان ۋاقىتتا، يەنە بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كۈنىگە يېرىم پارىلىق سۈرئەت بىلەن ئالدىنقى 10 پارىنى يادلاپ چىقىمىز. ئۇندىن كىيىن يەنە بىر ئاي سەرپ قىلىپ، ئوخشاش سۈرئەت بىلەن ئوتتۇرىدىكى 10 پارىنى تەكرار قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا، ھەر كۈنى ئالدىنقى 10 پارىدىن سەككىز بەت يادقا ئالىمىز. ئاخىرىدىكى 10 پارىنىمۇ ئوخشاش سۈرئەت بىلەن بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەكرارلايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنى 10 پارە ۋە ئوتتۇرىدىكى پارىنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز بەت يادقا ئالىمىز.
قانداق قىلىپ پۈتۈن قۇرئاننى تەكرار قىلىپ تۇرالايمىز؟
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئۈچ ئايلىق تەكراردىن كىيىن، پۈتۈن قۇرئاننى تەكرارلاش ئاسانغا توختايدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: ھەر كۈنى ئىككى پارىدىن، ئۈچ ۋاق تەكرارلايمىز، بۇنىڭ بىلەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە قۇرئاننى تولۇق بىر قېتىم تەكرارلاپ چىققىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن بىر يىل داۋاملاشتۇرساق، قۇرئان مەھكەم ئېسىمىزدە قالىدۇ.
قۇرئاننى تولۇق يادلاپ بولغاندىن كىيىن قانداق قىلىمىز؟
قۇرئاننى تولۇق يادلاپ بولغاندىن كىيىن، راسۇلۇللاھ سەللەلەھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە داۋاملاشتۇرىمىز. يەنى:
بىرىنچى كۈنى: "سۈرە فاتىھە"دىن "سۈرە نىسا"نىڭ ئاخىرىغىچە تەكرارلاپ چىقىمىز.(1~4)
ئىككىنچى كۈنى: "سۈرە مائىدە"دىن "سۈرە تەۋبە"گىچە تەكرارلاپ چىقىمىز.(5~9)
ئۈچىنچى كۈنى: "سۈرە يۇنۇس"تىن "سۈرە نەھل"گىچە تەكرارلاپ چىقىمىز.(10~16)
تۆتىنچى كۈنى: "سۈرە ئىسرا"دىن "سۈرە فۇرقان"غىچە تەكرارلاپ چىقىمىز.(17~25)
بەشىنچى كۈنى: "سۈرە شۇئەرا"دىن "سۈرە ياسىن"غىچە تەكرارلاپ چىقىمىز.(26~36)
ئالتىنچى كۈنى: "سۈرە ساففات"تىن "سۈرە ھۇجۇرات"قىچە تەكرارلاپ چىقىمىز.(37~49)
يەتتىنچى كۈنى: "سۈرە قاف"تىن "سۈرە ناس"قىچە تەكرارلاپ چىقىمىز.(50~114)
ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئايەتلەرنى قانداق پەرق ئېتىمىز؟
ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى شۇكى، ئوخشاپ كېتىدىغان ئايەتلەرنى ئۇچراتقاندا، ھەر ئىككى ئايەتنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈپ، تەكرار قىلغاندا ئېسىمىزدە قالغۇچە قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ يادلايمىز.
قۇرئان يادلاشنىڭ پىرىنسىپى:
1.چوقۇم تۈزىتىپ تۇرىدىغان مەخسۇس ئۇستازى بولۇش .
2. ھەر كۈنى بامداتتىن كىيىن بىربەت، ئەسىر ياكى شامدىن كىيىن بىربەت، جەمئىي ئىككى بەت يادلاش.
3.قۇرئان يادلىغاندا "سۈرە ناس"تىن باشلاپ، "سۈرە فاتىھە"گىچە يادلاشقىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق يادلاش ئاسانراق.
4.قۇرئاننى چوقۇم ئۆزلۈكسز يادلىشىمىز، تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ يادلىماسلىق كېرەك. بۇنىڭ ھەربىر ئايەتنىڭ ئورنى، ھەر بىر بەتنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاشقا ياردىمى بولىدۇ.
5.ھەربىر قۇرئان يادلىغان كىشى ئالدىنقى ئىككى يىلىدا ئۇنتۇپ قالىدىغان، خاتالىق كۆرىلىدىغان ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئارتۇقچە قايغۇرماسلىق كېرەك. بۇ جەريان ئازراق قىيىن بولغان، شەيتان بىلەن تىركىشىشكە توغرا كېلىدىغان بىر سىناق. پەقەت قەتئىي داۋاملاشتۇرالىسا،
غەلىبە چوقۇم سەۋر قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ بولىدۇ.
خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: خەزىنە