6 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى لۇنىڭ پۇتبۇل مەكتىۋىگە تاللاندى.
بۇ يىل شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە ئۆتكۈزۈلگەن "لۇنىڭ لوڭقىسى" تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر تەكلىپلىك مۇسابىقىسغە غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچتىن ئىككى كاماندا بېرىپ قاتنىشىپ قوش چىنپىيون بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر :
http://munber.elqut.cn/forum.php?mod=forumdisplay&fid=2
بۈگۈن 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى بەش يېرىمدا 6 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمىتى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە ئوقۇشقا ماڭماقچى. ئەتە يەنى 7- چېسلا ئەتىگەندە ئۇرۇمچىگە چۈشۈپ، كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا ئۇلار ئۇرۇمچى ۋوگزالىدىن شەندۇڭ جىنەنگە قاراپ يولغا چىقدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر قوبول قىلىنغان تۆت نەپەر ئەزىمىتىمىزنى قوشقاندا، لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىدىن 10 نەپىرى تەربيىلىنىۋاتقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ، ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق ئانا يۇرت خەلقىنىڭ ئۇمىدنى ئاخلاپ، جاپا ۋە مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئىجدىھات بىلەن ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە دۇنياغا تونۇلغان پۇتبول چولپانلىرىدىن بولۇپ ئانا يۇرت پۇتبولچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتىشىغا تىلەكداشمىز.
بۇ ئەزىمەتلەر
ئالدى ئوڭدىن رەھمىتۇللام شۆھرەت، ئەسقەر ، كەينى ئوڭدىن سۇبھى ئابلىمىت، بىلال ھىلالىدىن
ئارقىسى ئوڭدىن بىرىنجىسى نىغمەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ 11- نومۇرلۇق پۇتبولچىمىز ئەزىمەت نېخمەت قاتارلىقلار .
كەينى سولدىن جۇشقۇن تۇيغۇن، ئالدى ئوڭدىن پەرمان قۇربانتاي، ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇقىيىم لار بۇلتۇر لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە قوبول قىلىنغان.
بۇ ئەزىمەتلەرنى ئۇزىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر قېتىملىق خوشلىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. تۆۋەندىكى فىلىم بۇ مۇسابىقىنىڭ تولۇق فىلىمى تورغا يوللىنىۋاتىدۇ پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۇز كۆرىشىدۇ.
تۆۋەندىكىسى ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىنىڭ لۇنىڭ سەپىرىدىكى رەسىملەردىن ئىشلەنگەن خاتىرە ئەلبوم نۇسخىسى بولۇپ، چۈشۈرۈپ كومپىيوتىردا قوش چېكىپ ئىجرا قىلسىڭىزلا قويىلىدۇ. خاتىرە قىلىپ ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن بوشلۇققا چۈشۈرۈپ قويدۇق. ساقلىۋىلىشنى خالايدىغانلار چۈشۈرىۋىلىڭ.
ئەلبومنى چۈشۈرۈش
تۆۋەندىكىلەر بولسا مۇسابىقە جەريانىدا تارتىلغان خاتىرە سۇرەتلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 08:18 PM