|
|
|
|
ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ << ھەۋەس >> نامىدىكى يادرونى ئېنىرگىيە قىلغان مارىسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى ، يېرىم يىلدىن ئارتۇق ئۇچۇش مۇساپىسىنى تاماملاپ ، بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى بىردىن 31 مىنوت ئۆتكەندە مارىس تۇپرىقىغا ئوڭۇشلۇق قونغان . بۇ ماشىنا 2011 - يىلى 11 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ كېنىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن قويۇپ بېرلگەن ، ئۇنۇڭ ئاساسلىق يېقىلغۇ مەنبەسى پلوتېنىي بولۇپ ئىلگىرىكى مارس تەكشۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن . بۇ ماشىنىنىڭ دەسلەپكى ياسىلىش تەنەرقى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتىلگەن ، لېكىن كېيىنچە بۇ تەتقىقات سېلىنمىسى كۆپۈيۈپ ئىككى مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن . ھەممىمىز بىلىمىز پلوتونىي ، ئاتوم قورالى ياساشتىكى موھىم ئېلىمىنت . ئۇنۇڭ غايەت زور ئىسىغلىق چىقىرىش ئالاھىدلىكى بۇ نۆۋەتلىك مارس تەكشۈرۈش ماشىنىسىغا ئەپچىللىك بىلەن قوللۇنۇلغان . بۇ ئۇسۇل ئاساسلىقى پلوتونىيدىن چىققان ئىسىغلىقنى ئېلىكتېر ئېنىرگىيسىگە ئايلاندۇرۇشتا ئىپادىلەنگەن . << ھەۋەس>> نامىدىكى بۇ ماشىنا ئۈچۈنجى ئەۋلاد مارس ماشىنىسىغا تەۋە بولۇپ ، ئومومىي ئېغىرلىقى 900 كىلوگىرام ، ھەركەتلەندۈرۈش چاقى ئالتە دانە ئىكەن . بۇ ماشىنىغا قوللۇنۇلغان تېخنىكىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ ، بۇ ئاساسلىقى ماشىنىنى مارس يۈزىگە قوندۇرۇشقا كەتكەن يەتتە مىنوتتا ئىپادىلىنىدىكەن ، ئوچۇغاراق قىلىپ ئېيتقاندا - مۇشۇ يەتتە مىنوت غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدىكەن . مارس ماشىنىسىنىڭ غەلبىلىك قونۇشى ، ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەتقىقات مەركىزىنى شادلىق دېڭىزىغا چۆمدۈرىۋەتكەن . بۇ مارىس ماشىنىسىنىڭ خىزمەت مۇددىتى بىر مارس( 687 كۈن ) يىلى ئىكەن .
مەنبە : تېڭشۈن تورى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Submarine تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 06:37 PM
|
|
|
|
|
|