باھادىر جەڭچى
ئەخمەت تۇردىيۇف
بەزى جاغلاردا ئۇرۇشنىڭ تازا جىددىي پەيتلىرىدە ،بىرەر شەخسىنىڭ ئۆلۈمدىن قورۇقماي كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى پۈتۈن قىسىمنىڭ جاسارىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي ، يەنە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالىدىكەن . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى جەڭچىسى ھېبىم ئەمرۇللا ئەنەشۇنداقلارنىڭ بىرى ئىدى .
1945- يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى مىللى ئارمىيە رەسمىقۇرۇلغاندىن كېيىن ، سوۋىت ئىتىپاقى ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىگىنىڭياردىمىدە ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلدى .شىمالى سەپتە جەڭ قىلىشتا ، كەڭساي ئاتلىق ئەسكەرلەر 3- پولكى شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلىش ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بورتالانىڭ شىمالى ئارقىلىق شىخۇ بىلەن تارباغاتاي ، ئالتايلارنىڭ ئوترىسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، شىخۇنىڭ تارباغاتاي ، ئالتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ، شۇ جايدىكى پارتىزانلار بىلەن بىرلىشىپ ، شۇ جاينى ئىگەللەش ؛ ئوترا سەپتە جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىلى پىيادە ئەسكەرلەر 2- پولكى ، تىكەس ئاتلىق ئەسكەرلەر 1- پولكى،ئىلى زاپاس ئەسكەرلەر پولكى ، خۇيزۇ مۇستەقىل ئاتلىق ئەسكەرلەر باتالىئۇنى ، مىنامىيۇت باتالىئۇنى ، شىبەئاتلىق ئەسكەرلەر روتىسى قاتارلىقلار ئۈستىگە ئېلىپ ، غەربىي تەرەپتىن جىڭغا ھۇجۇم قىلىش ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈيدۈڭ پىيادە ئەسكەرلەر 1- پولكى ، توپچى ئەسكەرلەرروتىسى شىخۇغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئاندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلىش* بەلگىلەندى.
شىخۇ – ئىلى ، ئالتاي ، تارباغاتاي ، ئۈرۈمچى قاتناشتۈگۈنىگە جايلاشقان ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورۇن بولۇپ ، گومىنداڭچىلار شىخۇنى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي دەرۋازىسى دەپ قاراپ ، بۇ يەرگە پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ قاتمۇ– قات ئىستىكاملارنى قۇرۇپ ، زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان ، 10مىڭدەك ئەسكىرى كۈچنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى . ئەكسىچە ، شىخۇغا ھۇجۇم قىلىدىغان مىللى ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قوراللىرى ئاددى ، ئەسكىرى كۈچى بەش مىڭغا يەتمەيتتى . كۈچ سېلىشتۇرما پەرقى ۋە قورال – ياراق جەھەتتىكى پەرق زور بولسىمۇ ، جەڭچى –ئوفىتسىرلارنىڭ ئىنقىلابىي روھى ، قۇربان بولۇشتىن قورۇقمايدىغان قەھرىمانلىقىبولغاچقا ، قىسىملىرىمىز دۈشمەننىڭ قويۇق ئوت كۈچىنى يېرىپ ئۆتۈپ ، تىزلىكتەئۇلارنىڭ 3- مۇداپىئە لىنىيىسىنى ئىگىلىدى . جەڭچىلەر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ،ئۇلارنىڭ 2- مۇداپىئە لىنىيىسى (قارا دوڭ مەھەللىسى )گە ھۇجۇم قىلغاندا ، شىىخۇ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ئىككى تانكىسى توپ ۋە پىلۇمۇتتىن يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇپ ،ناھايىتى سۈرلۈك ھۆكىرەپ چىقىپ كەلدى . يەر تۈپتۈز ، كۆكتات تېرىغان چۆنەك قىرلىرىدىن باشقا پاناھلانغۇدەك بىرەر ئەپلىك ئورۇن يوق ئىدى . جەڭچىلەر نىمە قىلارىنى بىلەلمەي چۆچۈگەن ھالدا تېڭىرقاپ قالدى . بۇرۇن تانكا كۆرۈپ باقمىغان جەڭچىلەر ئۈچۈن بۇ بىر تاسادىپىيلىق بولۇپ تۇيۇلدى . بىزنىڭ سول قانىتىمىزدىكى 3- ۋوزۋودنىڭ كوماندىرى ھاجى جەڭچى ئابدۇرەھماننىڭ قولىدىكى 20كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى تانكا ئاتار ( دەسلەپكى تانكائاتار قوراللىرىنىڭ بىرى ) نى يۇلۇپ ئالدى – دە ، ئارقىغا تېپىۋەتمەسلىگى ئۈچۈن ،ئىككى پۇتىنى چۆنەك قىرىغا يۆلەپ ، تانكىنى قارىغا ئالدى . ئۇ «كېلە، يامان بولساڭ يېقىنراق كەلمەمسەن ! »دەپ ۋاقىراپ تۇرۇپ ، ئىككى پاي ئوقنى كەينى – كەينىدىن ئاتتى . تانكىىڭ ئالدىدىن ئىككى تۆشۈك ئېچىلىپ ، تانكا توختىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلدى . بۇ ھال تېڭىرقاپ قالغان جەڭچىلىرىمىزگە قايتىدىن جاسارەت بېغىشلىدى . ئىشنىڭ ئەپلەشمىگەنلىگىنى بىلگەن گومىنداڭنىڭ تانكىستلىرى زەخمە يىگەن تانكىنى ئالمان – تالمان ئارقىدىكى ساق تانكىغا سۆرۈتۈپ ، تانكا ھىمايىسىدە كېلىۋاتقان چۈمۈلىدەك ئەسكەرلەر بىلەن قارا دوڭ مەھەللىسى ئارقىلىق شىخۇغا كىرىپ كەتتى . بىز بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئارقىدىن قوغلاپ گومىنداڭنىڭ2- لىنىيىسىنى ئىگىلىدۇق . جەڭچىلەرنىڭ غەيرىتى ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى . بىز كۈچلۈك ئوت كۈچىگە قارشى قاتمۇ قات توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ، دۈشمەننىڭ تۈگمەننىڭ جەنۇبىدىكى دوڭ ئۈستىگە جايلاشقان بۇتخانىدىن قالسىلا 2- ئورۇندىكى ئوت كۈچى مەرگەزلەشكەن پوتىيىنى ئىگىلىدۇق . دۈشمەن بۇ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي ،ئۆلە- تىرلىشىگە قارماي غالجىرلارچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى . جەڭچىلىرىمىز بەزىدە قۇچاقلاشما جەڭ ئارقىلىق دۈشمەننى ئارقا- ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ ، ئۇلارنى بۇتخانىغا بېكىنىشكە مەجبۇرقىلدى . بىز بۇتخانىنىڭ غەربىدە 100مىتىردەك ئارلىقتا ئاكۇپ كولاپ مۇداپىئە قۇرۇپ، يېڭى ھۇجۇمغا تەييارلاندۇق . بۇ 1945- يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ، يەنى شىخۇغا ھۇجۇم باشلانغىنىغا تۆت كۈن بولغاندا يۈز بەرگەن ۋەقە ئىدى.
گومىنداڭنىڭ 2- مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش جىڭىدە روتىمىزنىڭ كوماندىرى راشىدىن بىلەن مۇئاۋىن كوماندىرى ئارتىقۇفلار يارىدار بولۇپ ئالدىنقى سەپتىن قايتقاچقا ، يۇقىرىدىن روتىغا قوماندانلىق قىلىشنى ماڭا تاپشۇردى . بۇ روتىدا 60- 70تەكلا ئادەم قالغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوق- دورىلىرىمىز قۇرۇغدىلىپ قالغاچقا ، مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقانىدۇق . يۇقىرىنىڭ «غەلىبىدىن ئىسەنكىرەپ بىھۇدە قاراملىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك »دىگەن يوليۇرۇقى بويىچە ،ئېھتىياتچان بولۇپ ، جەڭچىلەرنىڭ دۈشمەننى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بىرىش تەلىپىگە نىسپەتەن سەۋرىچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەپ ، ئۇلارنى قايىل قىلدىم . ئەمما ،مۇشۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولۇپ كەتكەن نۇرغۇن سەپداشلىرىنى ۋە گومىنداڭ تەرىپىدىن كۈرە،سۈيدۈڭلەردە كۆزى ئويۇلۇپ ، قورسىقى يېرىلىپ ، يۈرىگى سۇغۇرۇۋېلىنغان ھەرمىللەتتىن بولغان بىگۇناھ ئاممىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىنى ئېسىگە ئالغان جەڭچى –ئوپىتسىرلارنىڭ قىساس ئوتى لاۋۇلداپ يانغانلىقتىن ، كۆزىگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيتتى .ئۇلار پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا بۇتخانىغا تىزدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قەتئي تەلەپ قىلىشاتتى . دەل شۇ پەيتتە « مۆھتىرەم كوماندىر ! »دىگەن بوم ئاۋاز دىققىتىمنى بۇزدى . مىناميۇتنىڭ ئىستانوكىدىن ئاجرىتىۋالغان سىتوۋۇلنى ئىككى قولى بىلەن چىڭ تۇتقان ھېبىم ئەمرۇلا ئاكۇپتىن چەبدەسلىك بىلەن ئىرغىپ تۇرۇپ بۇيرۇقۇمنى كۈتمەيلا ؛ «مەن بۇتخانىدىكى گومىنداڭ قوشۇلىرىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتۈم »دىگىنىچەئالغا يۈگۈردى .
ھېبىم ئەمرۇللا بۇرسۇنلۇق بولۇپ ، 23ياشلاردا ئىدى .ئوتتۇرا بوي ، غوللىرى كەڭ ، مىجەزى ئېغىر بېسىق ، ھەمىشە كۈلۈپلا تۇراتتى .قاتتىق ئاچچىغى گەلگەن پەيتلەردە ، چىشىغا تەككەن سەپدىشىنىڭ بىلىدىكى كەمىرىدىن تۇتۇپ ، بىر قولى بىلەن بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈۋالاتتى . ھېبىم ئەمرۇللا ئادەتتە ماڭغاندا بىر مۈرۈسى ئىگىز، بىر مۈرىسى پەستەك كۆرۈنەتتى . بۇ ئۇنىڭ پالۋانلارغاخاس ئېغىر مىجەز – خۇقىغا تولىمۇ يارىشاتتى . ئۈمىتۋارلىق ، قىزغىنلىق ، قەتئىلىك ھەرقانداق خەتەردىن قورۇقماسلىق ھېبىم ئەمرۇللانىڭ ۋۇجۇدىدىكى چاقناپ تۇرغان ئالاھىدىلىك ئىدى . شۇڭا روتا ئۇنىڭغا كۈچ تەلەپ قىلىدىغان مىنامىيۇتچىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان ئىدى . ئۇ بۇ ۋەزىپىنى شۇنداق ياخشى ئادا قىلاتتىكى ، بىرتال ئوقى زايە كەتمەيتتى . مانا ئەمدى بولسا ئوقى تۈگىگەن مىناميۇتنىڭ سىتۋۇلىنى كۆتۈرۈپ دۈشمەنگە ھەيۋە قىلىپ يۈگۈرمەكتە ئىدى . ئۇنىڭ سىتۋۇلنى كۆتۈرۈپ ئالغايۈگۈرۈشى خۇددى بىر قانىتىنى پەس ، بىر قانىتىنى ئىگىز قىلىپ ئۇچۇۋاتقان شۇڭقارغا ئوخشايتتى . مەن ھېبىمگە ئارقىسىغا قايتىشقا بۇيرۇق بەرگۈچە ئۇ خېلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى . مەن ئىلاجىسىزلىقتىن جەڭچىلەرگە بۇتخانىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردىم .
جەڭچىلەر بۇتخانا ھويلىسىغا كىرگەندە ، گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قوراللىرىنى يەردە قويۇپ ، قوللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ . مەن بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ : «ئاپىرىن ! مۆجىزىغۇ بۇ !»دەۋەتتىم ئىچىمدە. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن ئىككىسى شىخۇ ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ ، شىخۇدىكى گومىنداڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ مۇھىم ھەربىي بازىلىرىغا بومبا تاشلىدى . بومبىلارنىڭ پارتىلىشى بىلەن ئوت لاۋۇلداپ ئاسمان – پەلەك كۆتىرىلدى . ئۇنىڭ بىلەم گومىنداڭ قىسىملىرى سارسىمگەچۈشتى . بولۇپمۇ مىللى ئارمىيىنىڭ بوراندەك ئالغا بېسىپ ، قەدەممؤ -قەدەم قورشاۋ چەمبىرىكىنى قىسىپ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن گومىنداڭ ھەربىي ، مەمۇرى ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەلقۇمغا كېلىپ قالغان جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئەسكەرلىرىنى مۇداپىئەدە قالدۇرۇپ ،مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن شەرىققە قاراپ قاچقاچقا ، قوماندانلىرىدىن ئايرىلغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قورقۇپ كەتكەنلىكتىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بولۇپ قالغان ئىدى . بىز بۇتخانىنىڭ باشقا ئۆيلىرىدە پىلۇمۇت ئېتىۋاتقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى ئوڭايلا تەسلىم قىلىپ ، پۈتۈن بۇتخانىنى ئىگەللىدۇق . مەن ھېبىم تۇرغان ئۆيگە كىردىم . ئۇ يەردە مېڭىسى چۇۋۇلغان بىر گومىنداڭ ئەسكىرى يېتىپتۇ . كېيىن مەلۇم بولدىكى ، ھېبىم مىناميۇتنىڭ قۇرۇق سىتۋۇلىنى كۆتۈرۈپ بۇتخانىغا كىرگەندە ، ھۆيلا ئىچىدە ئەسكەرلەر مىغ – مىغ ئىكەن . «قورۇققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ»دىگەندەك ، ھېبىمنىڭ قولىدىكى مىناميۇتنىڭ سىتۋۇلى ئۇلارغا نىمە كۆرۈندىكىن ، ئوق چىقارماي تۇرۇپلا قاپتۇ . ئەسكەرلەر خۇددى باش قوماندانغا يول ئېچىپ بەرگەندەك قورقۇپ تىترىگەن ھالدا ئوتتۇرىدىن يول ئېچىپ بىرىپتۇ . ئۇ ھىچبىر قارشىلىقسىزلا بۇتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ . دۈشمەننىڭ پىلۇمىتچىكى زېنىت پىلۇمىتتىن سازلىقتىكى مىللى ئارمىيە قىسىملىرىغا قارىتىپ ئوق ئېتىۋاتقانكەن ،ھېبىم قولىدىكى سىتۋۇل بىلەن ئۇنىڭ مېڭىسىگە بىرنى ئۇرۇپ يىقىتىپتۇ – دە ،پىلىمۇتنى كۆتۈرۈپ ( ئەمىلىيەتتە زېنىت پىلمۇتنىڭ سىتانوكىنى ئىككى ئادەم ئارانكۆتۈرەلەيدۇ) ئىشىككە ئەكىلىپ ، بۇتخانىدىكىلەرگە :«قورالىڭنى تاشلا ! قولۇڭنى كۆتۈر!»دەپ بۇيرۇپتۇ . تەمتىرەپ كەتكەن ئەسكەرلەر ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ تەسلىم بولۇپتۇ .
بۇتخانا ئىگىلەنگەندىن كېيىن ، مەن دەررۇ ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ، قوراللىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەمىنات روتىسىنىڭ كوماندىرىغا تاپشۇرۇپ ،ھېلىقى زىنىت پىلمۇت ئاتقان تۆشۈكتىن سازلىققا قاردىم . قوراللىرىنى مەھكەم تۇتقان ، غەزەپتىن چىشلىرى كىرىشكەن ،كۆزلىرىدىن ئۈمىت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان شىھىتلەر سايلىقتا ساينىڭ تېشىدەك ياتاتتى . كىرسىت بەلگىلىك سومكا ئاسقان سانىتار قىزلار ئۆزلىرىگە كېلىدىغان خەۋىپكە قارىماي ، جان پىدالىق بىلەم بىردەم ئۆمىلەپ ، بىردەم مېڭىپ يۈرۈپ ،يارىدارلارنىڭ يارىسىنى تاڭاتتى ، نوسۇلكىغا سېلىپ بىخەتەر ئورۇنلارغا ئاپپىراتتى. ئالغا ئىلگىرلەشكە قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بۇتخانىدىكى پىلمۇتنىڭ ئۈنى ئۆچۈشى بىلەن سازلىقتا بېلىگىچە پاتقاققا پېتىپ ئېتىشىۋاتقان جەڭچى- ئوفىتسىرلار ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ ، ھۇررا ساداسى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەيتتى . ئالدىدىكىلىرى سازلىقنىڭ قىرىغا يامىشاتتى .
شىخۇ ئازات بولغاندىن كېيىن ، شىخۇ ئۇرۇشىدا پىداكارلىق بىلەن قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن ، يۇقىرى ھېبىم ئەمرۇللانى ئالاھىدە تەقدىرلىگەندىن سىرت ، ئۇنى پولىكنىڭ مۇھاپىزەت ئەترىتىگە يۆتكەپ كەتتى .مەن يىل ئاخىرىدا پولىك شىتابىغا يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغىنىمدا ، ھېبىم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم . ئۇ ماڭا ئۇرۇش ۋاقتىدىكىدىنمۇ جۇشقۇن كۆرۈندى. ھەربىي پورمىسى ۋە يېنىغا ئېسىۋالغان ياغاچ قاپلىق ماۋزۇر ئۇنىڭ پالۋانلارغا خاس قامەتلىك بەستىگەتولىمۇ ياراشقانىدى . ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى« باھادىرلىق » مېدالى نۇر چاقنىتىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى .
*«شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي تارىخى »، مىللەتلەرنەشىرياتى ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 132- بەت .
مەنبە: ئەخمەت تۇردىيۇفنىڭ «جەڭگاھ خاتىرىلىرى»دىگەن تارىخىئەسلىمىسىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 11:21 PM