ئوت
ئۇنىڭ بۇ قەدەر گۈزەل بۇلۇشى چىشىمغا بەكمۇ تەگدى. ۋاي،ئاناڭنى! ئۇنى تۇغقان ئانىسىۇ خۇددى ئۇنىڭدەك گۈزەل بولغىيمىدى؟ ئۇنى ئىنسان تۇغماي بىرەر پەرىشتە ئوقۇشماي تۇغۇپ قويدۇمۇ-يا؟ بەلكىم ئۇ ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان قورقۇنچلۇق ئالۋاستى بۇلۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا ئالۋاستى سىياقىغا كىرىۋالغان ئادەم.
ۋاي،بولدىلا ئۇ مەيلا ئادەم بولسۇن،مەيلى ئالۋاستى بولسۇن،ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىكەن.
ئۇنىڭ سۆيگەن يىگىتى بارمىدۇ؟ چۇقۇم بار،بىر ئەمەس،ئىككى،ئۈچى. ئەبلەخ! شۇنچە گۈزەل قىزنىڭ سۆيگەن يىگىتى بولماي قالامتى؟ ئۇ يىگىت (بەلكىم ئۇ ھارامدىن بولغاندۇ) قانداقراق بالىدۇ-ھە؟ ئۇمۇ مەندەك شېئىر يازامدىغاندۇ؟
ناخشنى مەندەك بەلەن ئېيتالامدىغاندۇ؟ ھا...ھا... بىچارە.. بەلكىم ئۇ مېنىڭ پوقىمنىۇ دورىيالماسلىقى مۇمكىن.سۆيگەن يىگىتى شۇنداق بولغانىكەن، مەن ئاشىق بولۇپ كەتكەن ئۇ قىزمۇ ئۆتۈپ كەتكەن كالۋا،كەم ئەقىل بۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، چىرايلىق قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، ئەقىلسىز، ئالدامچى كىلىدۇ. چىراينى بەرگەن خۇدايىم ئەقىلنى ئۇلاردىن ئايىغان بولسا كېرەك. چىرايلىق، ئەخلاقلىق قىزلارغا ۋىجدانسىز،بېلى بوش يىگىتلەر،ئۇنىڭ ئەكىسچە،ئالدامچى،ساختىپەز قىزلارغا ئەقىدىلىك،ھەقىقىي ئەركەكتەك ۋىجدانلىق يىگىتلەر... ئاھ، بۇ نېمىدېگەن لاۋزىلىق-ھە!
ئۇ قىزدىنمۇ رايىم ياندى. ئۇنىڭغا قايتىدىن سەپ سېلىپ قارىدىم،قارىدىميۇ،ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدەك ئۇنچىۋا چىرايلىق،جەلىپكار ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.
بايىقى ئۇنىڭ گۈزەللىكى توغىرىسدىكى شېرىن ھېس- تۇيغۇلىرىم ئەسلىدە مېنىڭ ئەخمىقانە،بىمەنە خىياللىرىم ئىكەن.
مەن يولدىكى ھەممە نەرسىلەرگە سوغ بىر نەزەر تاشلاپ قويۇپ ئالدىمغا مېڭىۋەردىم .ئىچىمدە بىر ئوت گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتاتتى..... مەن شۇندىلا بۇ دۇنيادا بىرمۇ گۈزەل نەرسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قاتتىق ئازاپلاندىم!!!! ئاھ، بۇ نەقەدەر كېچىكىپ ھېس قىلىش-ھە!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 03:12 PM