ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر؟
كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ يېقىن دوستۇم بولغان كومپيۇتېرىمنى ئاچتىم دە ئۆزۈم قىزىقىدىغان يېڭى خەۋەرلەرنى كۈرۈپ بۇلۇپ تارىخ، جۇغراپىيىگە دائىر مەزمۇنلارنى ئارىلاپ كۈرۈشكە باشلىدىم، نەچچە يىلدىن بۇيان كومپيۇتېر ئېشلىتىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ مۇنازىرە تور بەتلىرىگە كىرىشكە تازا قىزىقمايتتىم، مانا بۈگۈن ئەزەلدىن كىرىپ باقمىغان "ئەلكۈيى مۇنبىرى"گە تۇنجى قېتىم كىردىم، مۇنبەردىكى تېمىلارنى كۈرىۋېتىپ مىنى ھەممىدىن بەك "ئوقۇتقۇچىلار توغرىلىق مۇنازىرلىشىپ باقايلى" تېمىسى ئۆزىگە تارتتى،http://bbs.alkuyi.com/thread-6901-1-1.html
شۇنىڭ بىلەن شۇ تېمىنى ئېچىپ مەزمۇنىنى كۈرۈپ بۇلۇپ ئارقىدىن يېزىلغان ئىنكاسلارغا بىرمۇ- بىر كۆز يۈگۈرتتۈم. بۇ تېما 2010- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى "ئەلكۈيى مۇنبىرى"گە يوللانغان بۇلۇپ بۈگۈنگە قەدەر كەڭ تورداشلار 370تىن ئارتۇق ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ.
ئىنكاسلارغا بەك قىزىقىپ كەتكەنلىكىمدىن بىرمۇ- بىر ئۇقۇپ چىقتىم، ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرىدە نادانلىق، غەيۋەت، كۈرەلمەسلىك ئاساسىدىكى مەزمۇنلار ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلار بۇلۇپ، بۇ مەزمۇنلار مىنى ئاچچىق ھىسلارغا دۇچار قىلدى، گەرچە ئۆزۈمگە تەسەللى بىرىپ بۇ ئاچچىقلارنى تىزلا قايرىۋەتكەن بولساممۇ كەڭ تورداشلارغا ئىككى ئېغىز سۆز قىلىش مەقسىتىدە ئۆزۈم ئەزا بولغان ھەم ياقتۇرۇپ كىرىدىغان "مىسرانىم مۇنبىرى"گە قاراپ يول ئالدىم.
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم! مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار، مەن تۇنجى قېتىم تورغا تېما يېزىۋاتىمەن، مىنى تېما يېزىشقا دەۋەت قىلغان دەل ھېلىقى "ئەلكۈيى مۇنبىرى"دىكى تېما ۋە ئىنكاسلار.
ھىس قىلىشىمچە بۇ تېمىغا ئىنكاس يوللىغانلارنىڭ بىر قىسمى ئوقۇتقۇچىلار بىر قىسمى باشقا كەسىپتىكىلەر بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى خىزمەت ئورنىدىن، بەزىلىرى رەھبەرلىكتىن، بەزىلىرى باشقا كەسىپداشلىرىدىن زارلانغان، باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى بولسا ئوقۇتقۇچىلارغا ھىسداشلىق، ھۆرمەت تەرەپدارىدا ئىنكاس يازسا بەزىلىرى خېلىلا نادانلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى سۆككەن ۋە ھاقارەت قىلغان.
تۈۋەندىكى بىر قىسىم ئىنكاسلار:
(1) "بىراق .......................... ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار قانداق تەربىيلىنىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىسىز ! ھەممىسى مۇھەببەتلىشىدۇ ! ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلاردەك كىيىنمەيدۇ ! چاكىنا"، (2) " ئىسىت سىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغىنىڭلار ! ئوبدان ئويلىنىپ بىقىڭلار ؟؟؟؟؟ .......................... نېمە تەربىيلەۋاتىسەر ؟ بىر تۈركۈم دەشقال كىرەكسىز كۆپۈك . .......... شۇنى بىلەمسىلەر ! قىنى سىلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق مەسئۇلىيەت"، (3) خۇددىي ئاتام ئىتقاندەك:بالام ھىچ خىزمەت تاپالمىسا ،مۇئەللىم بولسىمۇ بوپ قالسۇنچۇ........شۇڭلاشقىمۇ ئوقۇتچىلار سىپى بەكلا قالايمىقانلىشىپ كەتكەندەكلا تۇيىلىدۇ.زور كوپچىلىكى ئاياللار ھەم.ھىلىقى بىر ئېلان بولىدىغانغۇ خەنزۇچە قاناللارلاردا:مودا بىرسى-بىرسىگە يۇقىدۇ،تارقىلىدۇ،دەيدىغان،خۇددى شۇنداقلا،ئايال ئوقۇتقىلار ئارىسىدا ئاجىرشىش شۇنداق ئېغىر،توۋا، (4) ئوقۇتقىلار ئارىسىدا تىشى پال-پال،ئىچى غال-غال لار بەكمۇ كوپىيىپ كىتىۋاتىدۇ، ھازىر نۇرغۇنلىرى يىزىلارغا قىچىۋاتىدۇ، سەۋەبى يىزىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى سەل تۆۋەن، شۇڭا ئۇلارغا بولغان تەلەپمۇ تۆۋەن،بىسىممۇ سەل ئاز بولارمىش........... (5) ئىشتىن چۈشكىچە،چىققۇچە،نۇرغۇن بازارچىلارنى كۆرىمەن.تولىسى مىنىڭ تۇنۇش مۇئەلللىملەر،بەزىدە بىز شۇيەردە تۇرۇپمۇ بىلمەيمىز پائالىيەت قىلغاننى......... مىنىڭچە،ئاشۇ ياسانغان،ئاشۇ بازار چۆگلىگەن،ئاشۇ غەيۋەت قىلغان ۋاقتلىرىدا،ئازراق بولسىمۇ،بىر نەرسە ئۆگىنىپ قويسا ھە،يامان بولارمۇ.......شۇڭىمۇ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرى قۇلاق كەستى چىقارمىكىن ئاتا-ئانىللىرىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىغا.........(6) يەنە بىرقىسىملىرىنىڭ ئارىسىدا ھىلىقىدەك جىنىسداش مۇھاببىتى بەكمۇ ئېغىر،بۇنى دىگىلى بەكمۇ نۇمۇس قىلىمەن، ئۇ مەكتەپكە بالامنى ھەرگىزمۇ بەرمەسمەن،بەرسەممۇ ھەرگىزمۇ مىللىي سىنىپقا بەرمەسمەن دىۋىتىپتىمەنغۇ (7) ئوقوتقۇچىلىرىمىزنىڭ ساپاسى بەك تۈۋەن!!! ساپالىق ئوقوتقۇچىلار يوق دىيەرلىك ،بار بولغاندىمۇ 100دىن10%كىمۇ يەتمەيدۇ.... ئۆز ئوقوغۇچىسىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىرىنى تولا ئاڭلىدۇق، ئۆز ئوقوغۇچىسى بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ يۈرگەنلەرمۇ يوق ئەمەس، مەس كىرىپ ئوقوغۇچىلىرنىڭ ئالدىدىلا بىنمىسىنى چىقىرىپ سيىۋەتكەنلەر بار(8) ھازىر بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بار بەكمۇ پاشىۋاز (مەكتەپتە) ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، يالغان گەپنى تولا قىلىدىغان، ئەرلەرنىڭ تىخى كۆپى ھاراق ئىچىدۇ . ئاشۇ بىر نىمىلەرنىڭ قانچىلىك ئادەم تەربىيلىيەلەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ؛ گاھى بىر قىسىم لەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرسەم قۇسقۇم كىلىدۇ. (9) ئوقۇغۇچىدىن دەرىسكە كېچىڭتىڭ دەپ پۇل تۇتۇپ ھاراق ئېلىپ ئىچىدىغانلارمۇ ئوقۇتقۇچىدۇ؟ چىشىنى سۇنۇپ كەتكۈدەك چىشلەپ تۇرۇپ ماۋۇ ئوقۇغۇچىنى ئىلىم بىلەن سەمرىتەي دىيىشنى ئويلاش يوق ئۇنۋانغا چۇشلۇق ماقالىنى يازالماي خەققە پۇل بېرىدىغانمۇ ئوقۇتقۇچىدۇ؟
(يۇقارقىدەك ئىنكاسلار بەك كۆپ بۇلۇپ، بىر قىسمىنىلا ئالدىم، ئالماي دىسەم بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت....)
ھەي!!!
مەن تورداشلارغا ۋە جەمئىيەتكە ئىككى ئېغىز سۆز قىلماقچى
1. سۈيۈملۈك يولداش، ئالدى بىلەن سىز نۆۋەتتىكى مائارىپ يۈنىلىشىنى چۈشىنەمسىز، سىياسى مۇھىيتنىڭ مائارىپقا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىز ئاشۇ ئىنكاسلارنى يېزىشنى ئويلاشقاندا ياكى شۇ ئىنكاستىكىدەك قاراشلاردا بولغاندا مەكتەپتىن ئىبارەت قورغاننىڭ ئىچىگە كىرىپ شۇ يەردىكى ئىشلارنى بېشىڭىزدىن ئەمەلىي ئۆتكۈزۈپ باققانمۇ؟
2. ئوقۇتقۇچى دىگەن مەخسۇس بىر كەسىپكە قارىتىلغان چوڭ ئۇقۇم، ئوقۇتقۇچى دىگەننىڭ بىزچە مەنىسى- ئۈگەتكۈچى، مائارىپ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن كەسىپ، شۇنداقلا ھەممە كەسىپلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن كەسىپ، سۈيۈملۈك تورداش سىز توختاۋسىز رەزىل تىللىرىنىڭىز بىلەن ئوقۇتقۇچىغا ئاھانەت ياغدۇرۋاتقاندا (ئەڭ ئاددى قىلىپ ئېيتاي) دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ ئانا تىلىڭىزدىكى "ئا" ھەرىپىىنى يېزىشنى ئۆگىنىۋاتقان ھالىتىڭىز كۆز ئالدىڭىزغا كەلمىدىما؟
3. تېخى ئىنكاسنىڭ بەزى جايلىرىدا "ئوقۇتقۇچى دىگەن ھاراقكەش، بەڭگى، پاھىشىۋاز..."دىگەندەك گەپلەر يېزىلىپتۇ، ناھايىتى توغرا يېزىپسىز قېرىندىشىم، توغرا! ئىشلەپچىقىرىلغان ھاراقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتقۇچى ئىچىدۇ، رىستۇران، دىبالارغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى، بەك توغرا يېزىپسىز، سىزنىڭ جەمئىيەت كۈزىتىشىڭىز بەكمۇ ئەتراپلىق ئىكەن، ئاساسى قانۇندا ئوقۇتقۇچىنىڭ بازار ئايلىنىشى، چىرايلىق كىيىنىشى ھەتتا كۈڭۈل ئېچىشى چەكلەنگەن ئەمەسمۇ.
4. كۆپ ئىنكاسلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنداق،.. كۆپ سانلىقلىرى مۇنداق دەپ يېزىلىپتۇ، نادان بولمىسىڭىز "ئوقۇتقۇچى"دىگەن ئورتاق نامغا ئېسىلىۋالماي شۇ ئوقۇتقۇچىدىكى خاتالىقنى سەزگەن ھامان شۇنىڭ ئۈزىگىلا دىسىڭىز بولمامدۇ، شۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتا- ئانىسى "ئوقۇتقۇچى" دەپ قويمىغاندۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەت ياكى سەمەت (مىسال) دەپ ئىسمى باردۇ ھەقىچان. مىنىڭچە باشقىلارنىڭ ئورتاق نامىنى ئىشلىتىپ ھاقارەتلەيدىغانلارنىڭ جەمئىيەتتە ئاتىغۇچىلىك نامىمۇ ياكى كەسپىمۇ يوق دەپ ئويلايمەن، بولمىسا ھەرگىز ئۇنداق نادانلارچە ھاقارەت قىلمايتتى.
5. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىڭلاردىن ۋە ئورنىڭلاردىن بىر ئاز زارلىنىپسىلەر، قەدىرلىك كەسىپداشلىرىم مىنىڭچە بۇ توغرا ئىدىيە ئەمەس، خىزمىتىمىز ھەر قانچە جاپالىق بولسىمۇ شەرەپلىك كەسىپتۇر، بۇ جاھانغا تۇغۇلدۇقمۇ جاپا تارتىدىغان گەپ، نەزەر دائىرىمىزنى كەڭ قىلىپ ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىۋەرسەك بۇلىدىغۇ، سىلەرگە تۈۋەنلىك بىلەن ئەڭ ئالاھىدە دەيدىغىنىم ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايلى، ئۇنداق بولمايدىكەن جەمئىيەتتىكى ئاشۇنداق بەزى تاپخورلارغا بۇلۇپ بىرىدىغان گەپ، ئۈزەڭلارنىڭ شەخسى نامىنى ئويلىمىساڭلارمۇ "ئوقۇتقۇچى"دىگەن ئۇلۇغ نامنى پاكىزە ساقلاڭلار.
(بەك كۆپ سۆزلىگۈم بار ئىدى، بولدىلا، يەنە ئۇچرىشارمىز)
سۈيۈملۈك تورداشلار، بىزدىكى دائىم باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان، باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزلەپلا يۈرۈيدىغان ئادەت قاچانمۇ تۈگەر، ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بارغۇ، ھەدىسىلا باشقىلارنىڭ كەينىدە گەپ قىلغۇچە ياكى قۇسۇر ئىشلىگۈچە ئالدىغا بېرىپ "سىنىڭ بۇ ئىشىڭ خاتا، بۇنى تۈزەت..."دەپ دىسەك بولمامدۇ، كەمچىلىكلەرنى سەمىمىلىك بىلەن تۈزىتىپ ئورتاق ئىلگىرلىسەك بولمامدۇ.
مەن ئوقۇتقۇچى ئۇنداق ياخشى، بۇنداق ياخشى دەپ داڭلىغۇممۇ، ئىنكاسىدا ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلىگەنلەرگە جەڭ ئىلان قىلغۇممۇ يوق، ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت، قىسقىسى مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن، قەتئى ئۈكۈنۈشۈم يوق، دۇنيا ئادەمنى ئەمەس، ئادەم دۇنيانى ئۆزگەرتىشى كىرەك، قۇلۇمغا كىتاپ ئېلىپ ئەرلىك ۋىجدانىم، مىللى غۇرورۇمنىڭ يول باشلىشى بىلەن مائارىپ مەنزىلىدە قەتئىي بۇشاشماي ماڭىمەن.
مانا مەن ئوقۇتقۇچى!
باشقۇرغۇچىنىڭ ئەسكەرتىشى: يازمىڭىزنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 11:57 AM