مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3548|ئىنكاس: 33

ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10000
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3398
تۆھپە نۇمۇرى: 690
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:29:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ھەققىدە
دەسلەپكى لايىھە (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)



    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداش!
    بىلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش–پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بىلوگگىرلار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھەلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بىلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. بىلوگ بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز–ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. بىلوگ بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، بىلوگ ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.
    كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بىلوگى 2008–يىلىدىن بۇيان «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نى تەشكىللەپ، بىلوگنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر بىلوگلىرىغا جەلپ قىلىش، ئۇيغۇر بىلوگلىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
    بىز بۇ يەردە يۈكسەل بىلوگىنىڭ نەچچە يىللىق پائالىيەتنى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز ۋە يۈكسەل ئەپەندىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.
    بۇ پائالىيەتنى بۇ يىلدىن باشلاپ، شىركىتىمىز تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ. بىز پائالىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈش يولىدا ئىزدىنىۋاتىمىز. دانالارنىڭ «كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس» دېگەن ھېكمىتىنىڭ روھى بويىچە، ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، تورداشلار جۈملىدىن بىلوگگىرلاردىن پائالىيەت ھەققىدە تەكلىپ–پىكىر قوبۇل قىلماقچىمىز.

    بىرىنچى. بۇ پائالىيەت ھەققىدە دەسلەپكى ئويىمىز:
    1. شىركىتىمىز مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، پائالىيەتنىڭ ھەقىقىي، ئادىل ۋە نوپۇزلۇق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىركەت مەسئۇلىنىڭ خاس بىلوگى (قىسمەت بىلوگى) بۇ پائالىيەتكە قاتناشمايدۇ.
    2. مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان 10 كىشى تاللىنىپ، «2012-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىدۇ. تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بىلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
    3. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بىلوگ تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
    4. تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بىلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
    5. بىلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تاللاش، بېلەت تاشلاش، بېكىتىش سورۇنى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا بولىدۇ.
    6. باھالاپ چىقىلغان بىلوگلارغا مۇئەييەن ئىقتىسادىي، ماددىي مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىلگەندىن سىرت، ئالدىنقى ئۈچ بىلوگ مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلىدۇ.
    7. مۇكاپات سوممىسى ۋە باشقا تەپسىلاتلار 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى « < ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى >  باشلاندى » ناملىق تېمىدا ئاشكارىلىنىدۇ.
    ئەسكەرتىش: ئېنىق بولسۇنكى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ماددىي ۋە ئىجتىمائىي مۇكاپات سوممىسى ئىلگىرىكى پائالىيەتلەردىن چوڭ بولىدۇ.

    ئىككىنچى. ھەمكارلىق ھەققىدە:
    1. بۇ پائالىيەتنى ئىدارە-ئورۇن، شىركەت-كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، پائالىيەتنىڭ نوپۇزىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈش ئويىمىز بار. پائالىيەتكە ھەمكارلىشىش ئىستىكى بار شىركەت–كارخانىلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    2. قوللىغان شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسلەر «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.
    3. قوللىغان شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسلەر تەمىنلىگەن ئىقتىساد ۋە ماددىي بۇيۇمنى شىركىتىمىز 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ.
    4. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا ئىقتىساد ۋە ماددىي بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلىش تەپسىلاتى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا ئاشكارىلىنىدۇ.
    5. قوللىغان شىركەت ۋە ئورۇنلار تىزىملىكى:
    (1) بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
    (2) ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
    (3) مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
    (4) مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    (5) شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    (6) «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    (7) ئۇلىنىش خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتى (ulinix.cn) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    (8) ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (izda.com ئارقىلىق) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    ھەمكارلىشىش ئويى بار شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسلەرنى داۋاملىق قارشى ئالىمىز.

    ئۈچىنچى. پائالىيەت قەدەم-باسقۇچلىرى:
    پائالىيەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، نەتىجىسى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش » ژۇرنىلى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
    بىرىنچى باسقۇچ: بىلوگ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش باسقۇچى بولۇپ، بىلوگگىرلار ياكى تورداشلار ئۆز بىلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بىلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
    بۇ باسقۇچ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
    ئىككىنچى باسقۇچ: دەسلەپكى 20 بىلوگنى تاللاش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا باھالاش ھەيئىتى نامزات بىلوگلار ئىچىدىن 20 بىلوگنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ باسقۇچ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
    ئۈچىنچى باسقۇچ: 10 چوڭ بىلوگنى بېكىتىپ چىقىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا دەسلەپكى تاللاپ چىقىلغان 20 بىلوگقا تورداشلار بېلەت تاشلاپ، 10 چوڭ بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ. بۇ باسقۇچ  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
    2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئۇيغۇرلاردىكى 2012–يىللىق 10 چوڭ بىلوگ» بىرلا ۋاقىتتا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى ۋە ئۇزبىلوگ ئۇلىنىش بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

    تۆتىنچى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە سىزنىڭ تەكلىپ–پىكىرىڭىز:
    1. يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
    2. 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قانداق بولسا مۇۋاپىق؟
    3. پائالىيەتنى ئىقتىسادىي، ماددىي ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللاپ بېرەلەمسىز؟ قوللىسىڭىز قايسى شەكىلدە، قانداق قوللايسىز؟
    4. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باھالاش نەتىجىسى قانداق بولغاندا تېخىمۇ نوپۇزلۇق ۋە قايىل قىلارلىق بولىدۇ؟
    5. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟
    … … …
    يۇقىرىقى سوئاللارغا ئائىت ۋە ياكى مەزكۇر پائالىيەتكە ئالاقىدار ھەرقانداق تەكلىپ–پىكىرىڭىز بولسا، دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىز ۋە قاتنىشىشىڭىز بولغاندىلا، بۇ پائالىيەت تېخىمۇ ئادىل، تېخى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەنگۈسى!

    بەشىنچى. ئاخىرقى سۆز:
    بۇ پائالىيەتنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە، چامىڭىز يەتكەن دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بىلوگگىرلاردىن ئۈمىدىمىز تېخىمۇ چوڭ.
    زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
    تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991      
    تور بېكەت: http://www.xjcfan.com
    ئېلخەت: xjcfan@sina.com
    ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانا

قوقۇنۇشلۇق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى قارشى ئالىمىز
wehime.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82894
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-7-23
ئاخىرقى: 2012-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:12:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق  بىلوگ  دىگەن نەرسىلەرنى تاشلاپ تۇرۇپ ، ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ  پاراڭلىشىش دىتالىنى  ياسۋالساق بولاتتى ،،،،  20 نەچچە  بىلوگ  دەپكىتىپسىز،،،،،

بۇلارنىڭ نەچچسى  ئەخلەت  ،،شاش بىلوگدىن بىرسى  بولسا كۇپايا،،،،

بىلوگنى  ئەمەتىخانمۇ قۇرۋالسا..سەمىتاخۇنىڭ قاراپ  تۇرغۇسى كەلمەي ئۇمۇ  قۇرۋالسا،، يەنە نەچچە  ئاخۇن كىلىپ  ئۇنىڭدكى مەزمۇننى بۇنىڭغا.. بۇنڭىدىكى مەزمۇننى ئۇنىڭڭغا  يۆتكەپ ،، ئۇيغۇر تەر بەتلىرنى پاخاللاشتۇرسا ~~~  قاملاشمىغان،،،  ھازىر  بىلوگ دىگەن  باشلانغۇچ باللىرىمۇ  ياساۋاتسا ```` كۈلكىلىك ،،،،،  ئەز  قاتىدىغان ،،ئۇيغۇر  تورچىلىقىغا نەپ يەتكۈزگىدەك  تور بەتتىن بىرەرسى يوق،،،    ھە راس   مىسرانىم مۇنبىرى باردەك  قىلىدۇ ،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەنھا168 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-6 01:13 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73395
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:13:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقمايدىكەنمەن بۇ بىلوگ دىگەننى ...

بىراۋ دېدى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ،
مەن دېدىمكى تۇخۇمنىڭ ئەشۇ تاشتا دەردى بار.

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10000
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3398
تۆھپە نۇمۇرى: 690
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:25:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنھا168 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 01:12 AM
بۇنداق  بىلوگ  دىگەن نەرسىلەرنى تاشلاپ تۇرۇپ ، ئاۋال ئۆ ...


سىز دىگەندەك ئەھۋاللارمۇ بار ، ئەمما ئىجادى خارەكتىردىكى يازمىلارنى يوللايدىغان بىلوگلارمۇ ئاز ئەمەس ، شۇلارنى قوللاش يۇزىسىدىن يۇكسەل بىلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ،
ئاندىن سىزگە ئيتىدىغىم باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىقا سوغۇق سۇ سەپمىسىڭىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALIMJAN580 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-6 01:27 AM  


قوقۇنۇشلۇق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى قارشى ئالىمىز
wehime.net

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10000
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3398
تۆھپە نۇمۇرى: 690
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:26:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xoh يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 01:13 AM
مەن ئۇقمايدىكەنمەن بۇ بىلوگ دىگەننى ...

شەخسى نەشىريات سۇپىسى ،

قوقۇنۇشلۇق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى قارشى ئالىمىز
wehime.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80282
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3147
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2013-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 02:18:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىم ئىسلامى بلوگلارمۇ قاتناشسا بۇلامدۇ ؟

[/url]

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10000
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3398
تۆھپە نۇمۇرى: 690
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 03:06:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
insan. يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 02:18 AM
بۇ قېتىم ئىسلامى بلوگلارمۇ قاتناشسا بۇلامدۇ ؟

پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ

قوقۇنۇشلۇق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى قارشى ئالىمىز
wehime.net

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10000
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3398
تۆھپە نۇمۇرى: 690
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 03:06:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
natik يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 02:16 AM
مىكرو بىلوگ دىگەن بىلەن كۆڭلدكى گەپتىن بىر نەچچە ئىغىز ...

مىنىڭ دىگىنىم مىكرو بىلوگ ئەمەس بۇرادەر

قوقۇنۇشلۇق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى قارشى ئالىمىز
wehime.net

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 03:58:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىزىقمايمەن پىكىر يۈرگۈزۈپ قوياي ؟ نىمە ئۇ بىلوگدىگەن ، تام گىزىتىما ، مىنىڭچە ئەڭ ياخشىسى كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى .... ئۇ بولسىمۇ پوچـتا ...

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئۆزۈڭنى بىل.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4194
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5648
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 06:02:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تورغا كىرگەندىن بۇيان مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن بلوگقا بەكرەك ھېرىسمەن .شۇ ۋەجىدىن ئۆزۈم بۇ پائالىيەتكە بلوگلىرىمنى قاتناشتۇرالمىغان بولساممۇ لېكىن نامزات بلوگلاردىن بىرنەچچىنى تەۋسىيە قىلاي:

مەن ئالىم ئەھەت بلوگى، يۈكسەل بلوگى، شاھ ئۇيغۇر بلوگىنى تەۋسىيە قىلغاچ تۇراي ، يەنە بىرنەچچە بلوگ بار ئىدى ، دەماللىققا ئىسمىنى توغرا تاپالمايۋاتىمەن . قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ بلوگلارنىمۇ نامزاتقا تەۋسىيە قىلىمەن .

ئاخىردا بۇ يىللىق 10 چوڭ بلوگ  بېكىتىش پائالىيىتىنىڭ ھەققانى، ئادىل باھالىنىپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەسلى قىسمەت بلوگىنى تەۋسىيە قىلمەقچى ئىدىم،ئەمما بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشمايدىغىنىنى ئېيتقانلىغى ئۈچۈن، مەنمۇ كۆرسەتمىدىم .پائالىيىتىڭلار خەيرلك داۋاملاشسۇن.

http://attirgul.blogbus.com/
http://www.nazugum.com/
http://www.izdiyari.biz/attirgul
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش