بۆرتالابىلەن چۆچەك ئوتتۇرسىدىكى دۇستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى
چۆچەك شەھەردىن روزىمەمەت ئاكىمىز ‹ كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىدىن ›باشلىچىقىدىكى پۇتبول مايسىلىرى 2012- 8-5 كۈنى ئابدۇرىشىت ، ئەسقەر ، بەختىيار قاتارلىق ئوت يۈرەك پۇتبول سۈيەر قوللىغۇچى ئاكىلىرىمىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە بۆرتالا دىيارىدا مىھمان سۈپىتىدە ، بۆرتالا شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پۇتپول مايسىللىرى بىلەن بىر قېتىملىق تەجىربە ئالماشتۇرش ، پىكىر ئالماشتۇرش ، شۇنداقلا پۇتبول قىزغىنلىقىنى شىنجاڭنىڭ غەربى شىمالىدا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش ئىدىيىسىدە پۇتبول مۇسابقىسى ئۆتكۈزۈلدى .
بۆرتالادىكى پۇتبول سۈيەر پۇتبول قولىغۇچى رەپقەت ئابدۇرىشىت ، قۇددۇس ئىدىرىس ، نۇرئەلى ئىمىن ، مۇھەممەتجان ، ‹ خەيرۇللا › مەن قاتارلىقلىرىمىز بۇلار بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ بىر قېتىملىق دوسلۇق مۇسابىقىسىنى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن غەلبىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ بۆرتالا - چۆچەك دوسلۇقىنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ئۇل سالدۇق .
بۈگۈنكى مۇسابىقە پۇتبول مايسىللىرىمزىنىڭ تىرىشچانلىقى ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشى ، دوسلۇقنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ مۇسابىقە ئوينىشى ئارقىلىق چۆچەك شەھەرلىك پۇتبول مايسىلىرىنىڭ 8- 6 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشى بىلەن ئاياغلاشتى .
بۇ قېتىمقى دوسلۇق مۇسابىقىسى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈگۈنكىدەك راۋاجلىنىۋاتقان ۋاقتىدا پۇتبول سۈيەر
ئەزمەتلەرنىڭ قىزغىلىقىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
ئەتە ئەتىگەن ئۇلار يەنە بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسىنى ئويناپ بولۇپ قايتماقچى ، مەن بۇ ئەزمەتلىرىمىزنىڭ باسقان ئىزلىرىدىن گۈللەرنىڭ ئۈنىشىنى ، مىللىتىمىز ئۈچۈن توختىماي تىرىشىپ شان - شەرەپ كەلتۈرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن !
جەميەتتىكى ھەر ساھە ئورۇنلارنىڭ ، شەخسى كارخانىلارنىڭ ، ساخاۋەتچى يىلتىزداشلار
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىسىلا ،چۇقۇم ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كەلگۈسى .
مۇسابىقە رەسىملىرى ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !
مۇسابىقە سىن فىلىمى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ .