ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!ھەربىرىڭىزلەرگە سالاملەر بولسۇن!!~~
دوستلۇق
كۆڭۈل ئاسمانىڭدا چولپان،يولۇڭغا نۇر چاچار دوستلۇق،
بوستانىڭدا گۈلى ئەھمەر،ھاياتقا رەڭ قوشار دوستلۇق.
ھاياتلىق كارۋانىڭ بۇندا،ئۇچرار ئاياز زىمىستانغا،
مۇزلىغان شۇ ۋۇجۇدۇڭغا،گويا ئىللىق باھار دوستلۇق.
ئۆمۈر مەنزىللىرىڭدە بار،تاغۇ دەريا،تاش ھەم داۋان،
غەمناك قىلغان مۈشكۈلۈڭنى ئوقيا بولۇپ ئاتار دوستلۇق.
ھالسىراتسا تۇرمۇش سېنى،غەم يۈكىدىن پۈكۈلسەڭ ھەم،
مەھزۇن بولغان يۈرەكىڭگە،ئىشەنچ دەرمان قاتار دوستلۇق.
ئەلگەكلەردە تاسقالساڭ گەر،مەھكۇم بولساڭ زۇلمەتلەرگە،
يېلىنجاپ شۇ دانكو كەبى،سېنىڭ ئۈچۈن يانار دوستلۇق.
دەشتى چۆلگە دۇچ كېلىپ كى،تەشنالىقتىن چاك بولساڭ گەر،
مىھنەت قىلىپ سېنىڭ ئۈچۈن،پۈتمەس بۇلاق قازار دوستلۇق.
تەقدىر پەلەك تەتۈر كېلىپ،كەتسە ئۇزاپ ھەممە سەندىن،
ئوتلىرىڭدا كۆيەر كۈل بوپ،سۇلىرىڭدا ئاقار دوستلۇق،
ئەتراپىڭدا ساختا كۈلۈپ،ساڭا ئورا قازسا بىراۋ،
جان كۆيدۈرۈپ مۈرسىدە،ساڭا پەشتاق ياسار دوستلۇق.
دەۋران سۈرۈپ قالساڭ ئەگەر،نېسىپ بولسا ھۆرمەت تەختى،
مەمنۇن بولۇپ يۈرەكىدىن قۇتقا شاتلىق قاتار دوستلۇق.
چىن ساداقەت ئەقىدە ھەم ۋاپا بىلەن مېھىر بەرسەڭ،
تەڭدىشى يوق سائادەتلىك بەخىت -تەلەي بولار دوستلۇق.
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم(ئەردەمئاي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 12:26 AM